- تىزىملاتقان
- 2012-7-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6347
- نادىر
- 0
- يازما
- 390
ئۆسۈش
26.94%
|
جۇڭشىن تورى 19-نويابىر خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئابدۇللا تەرجىمىسى؛گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئېلان قىلىش ئىشخانىسى بۈگۈن دۆلەت ئورگانلىرى ۋە كارخانا ئورۇنلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، يىغىنىدا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خۇ شاۋيى مۇنۇلارنى بىلدۈرۈپ: ھۆكۈمەت بۇنىڭ ئالدىدا نۇرغۇنلىغان ھېسابلاش ۋە مۆلچەرلەرنى ئېلىپ بېرىپ، كۆپچىلىك ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلى تاپشۇرغاندىن كىيىن مائاشىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتمەيدىغانلىقى ئەكسىچە بەلگىلىك دەرىجىدە كۈپىيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى ئېيتتى.خۇ شاۋيى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھىسى جەھەتتە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئويلىشىشقا توغرا كېلىدۇ، بىر تەرەپتىن ئوخشاش تۈركۈمدىكى كىشىلەرنىڭ مائاش پەرقىنى كىچىكلىتىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا ئىسلاھ قىلىش ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ جەريانى نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم بولغىنى ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى بىر يولغا چۈشۈرۈش مەسىلىسى، يەنى تۈزۈم بىرلىككە كەلگەن، قائىدىسى ئادىل بولغان، تۈزۈم باراۋەر بولغان مەسلە. ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكىنىڭ پرىنسىپى بولسا مىقدارىنى ئاشۇرغان ئاساستا ئىسلاھ قىلىش، مىقدارىنى ئاشۇرغان ئاساستا ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق قۇرۇلمىسىغا قارتا تەڭشەش ئېلىپ بېرىش ۋە تۈزۈلمىنى ئۆزگەرتىش، ھەرگىزمۇ كېمەيتىش ئۇسۇلى بىلەن مائاشىنى ئازايتىش ئارقىلىق ئىسلاھ قىلىش ئەمەس، بۇ تۈزۈم لايھىسىنىڭ چىقىش نۇقتىسى ئەمەس.خۇ شاۋيى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۆپ سانلىق كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا مائاش سەۋىيىسى تۆۋەنلەپ كەتمەيدۇ. بۇ بەلكىم ئىككى نۇقتىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن، بىرىنچىدىن، پىنسىيىگە چىقىش مائاشى تۆۋەنلەپ كەتمەيدۇ، يەنى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تاپشۇرغاندىن كىيىن نۆۋەتتە ئېلىۋاتقان مائاشى كېمىيىپ كەتمەيدۇ.خۇ شاۋيى مۇنداق دېدى: بىزئىلگىرى نۇرغۇنلىغان ھېسابلاش ۋە ئىسپاتلاشلارنى ئېلىپ باردۇق، نەتىجىدە چوقۇم بىر تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، كۆپ ساندىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلى تاپشۇرغاندىن كېيىن مائاشىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتمەيدىغانلىقى ئەكسىچە بەلگىلىك دەرىجىدە كۆپىيدىغانلىقىنى بايقىدۇق، مەن پەقەت بۇنى پۈتۈن مەملىكەت بۇيىچە ئېلىپ بارغان ھېسابلاش ئەھۋالى دېيەلەيمەن، ئەلۋەتتە ھەرقايسى رايون ۋە ئورۇنلاردىكى ھەرخىل مائاش ئەھۋالىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن بەلكىم كۆرۈلىدىغان مائاش كىرىمىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىش ئەھۋالىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ. |
|