- تىزىملاتقان
- 2012-1-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4085
- نادىر
- 0
- يازما
- 173
ئۆسۈش
69.5%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yamdak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-20 20:06
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !3-ئايدىن باشلانغان بۇ ئىشىمىزدىن بىر خۇلاسە قىلىپ قويغۇم كەلدى .چۈنكى باغداش تورى ۋە باشقا داڭلىق تور بىكەتلەر بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى قوللاپ بەردى .ئەسلى ئېلان تۈسىنى ئالغان يازمىلار تەستىقلانمايتتى .بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ سالامەتلىكىمىزگە پايلىق بۇ رېتسىپنى سىرلىقلاشتۇرۇپ يۈرمۈدۇق .ياساش جەريانىدىكى ئىنچىكى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلاپ تۇردۇق .ئىختىيار قىلغۇچىلارغا ياساپ بەردۇق .لېكىن ئىسىل قاچىلارغا قاچىلاپ باشلىقلار،پۇلدارلارلا ئىستىمال قىلالايدىغان مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇپ قويمىدۇق .شۇنداق ،بىز قانداق قىلىپ بۇ رېتسىپ بىلەن پۇل تېپىشنى ئەمەس قانداق قىلىپ بۇ رېتسىپ بىلەن مىللىتىمىزدىكى يۈرەك قان تومۇر بىمارلىرىغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈشنى ئويلىدۇق.لېكىن بەزى شېركەتلەر بىزدىن كېيىن ياساپ ئىسىل قاچىلارغا قاچىلاپ ،بىز ساتقاندىن نەچچە ھەسسە باھادا سېتىۋېتىپتۇ .بىز بۇنى خاتا دىمەيمىز .ھەر شېركەتنىڭ ئۆزىنىڭ يولى ۋە تاللىشى بولىدۇ .لېكىن بىز بىز بۇنداق قىلمىدۇق .دەسلەپتە خېرىدارلىرىمىز ئاساسەن كادىرلار،مەنسەپدارلار،پۇلدارلار بولدى بىز تېخى بۇ كىسەل ئەنە ئاشۇنداق «ئاقسۆڭەكلار» كىسىلى دەپ ئويلاپ قاپتۇق .كېيىنلەردە بولۇپمۇ جەنوبىي شىنجاڭدىن ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى ئەمەس خېرىدارلار ئاۋۇغىلى تۇردى .بىز سەل ھەيران قالدۇق .ئىزدىنىپ كۆرسەك بۇنىڭ سەۋەبىي يەنىلا گاداي بولۇپ كەتسەكمۇ يوقىرى قۇۋۋەتلىك يىمەكلىكتىن ئايرىلمايدىغان ،چىنىلىرىمىزنى ياغ گۆشكە چىلىمىساق كۆڭلىمىز ئەمىن تاپمايدىغان ئوزۇقلىنىش ئادىتىمىز سەۋەپچى بولسا ئۇنىڭ قارشىسى گۆش يىيىشكە قادىر بولالمىغانلار ئەرزان چەرۋە ياغ،تۆۋەن باھالىق سۇ مېيى،چەۋە ياغ يۆگەلگەن يالغان بۆرەك لەرنى ۋە نورمىدىن جىق تۇز سالغان يىمەكلىكلەرنى دائىملىق ئىستىمالغا ئايلاندۇرغانلار بولدى .شۇڭا بىز بۇ يوقىرى ئۈنۈملۇق ئاللاھ ياراتقان رېتسىپنى ئاقسۆڭەكلەر شەربىتى قىلىۋەتسەك خەلقىمىزگە ئانچە يۈز كىلەلمەيدىكەنمىز .شۇڭا سۈپەت ئۆتكۈلىنى چىڭ تۇتۇپ،تېخنىكىدا بەزى يېڭىلىقلار يارىتىپ،رېتسىپنىڭ كام جايلىرىنى تولۇقلاپ،شېركەت رەھبەرلىكىدىن تارتىپ ھەممىمىز قول سەپ ئىشلەپ ئەمگەك تەننەرخنى تىجىدۇق .رېتسىپنىڭ تەبىئي تەركىبلەر بىلەن ياسىلىشى ئۈچۈن بىز تەييار لىمون،تەييار زەنجىۋىل شەربىتى ،تەييار سامساق شەربىتى دىگەندەكلەرنى ئىشلەتمىدۇق بەلكى ئۆزىمىز قول سەپ سىقىپ تەييارلىدۇق .ئاڭلىساق بەزى شېركەتلەر تەييار بوتولكىغا قاچىلاقلىق لىموننى ئىشلىتىۋېتىپتۇ .لېكىن بۇ رېتسىپنىڭ تەلىپى ئۇنداق ئەمەس بەلكى لىمون مىۋىسىنى سىقىپ سۈيىنى ئايرىش ۋە يېرىمىنى پارلاندۇرۋېتىش .ياساۋاتقانلار بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلسا دەپ ئۈمۈتتىمىز .ھازىر بىز بۇرۇنقى رېتسىپ ئاساسىدا تېخىمۇ يوقىرى ئۈنۈملۇك يېڭى ئەۋلات يۈرەك قان تومۇر تازلاش شەربىتىنى يەنى قان تومۇر گۆھىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتۇق .ھازىر دەسلەپكى سىناق باسقۇچىغا كىردى ۋە خوتەن ،قومۇلدىكى ئوبىكىتلىرىمىز ئىچىپ پايدا كۆردى .بەلكىم ئىنشائاللاھ كەلگۈسى ئۈچ تۆت ئاي ئىچىدە بۇنى بازارغا سېلىشىمىز مۇمكىن .تەركىپ جەھەتتە بۇرۇنقى رېتسىپقا سەل ئوخشىمايدۇ .رېتسىپى ۋە ياساش جەريانى سەل مۇرەككەپ شۇڭا ئائىلىلەردە ياساشقا ئانچە باپ كەلمەيدۇ .شۇڭا بۇنى تىبابەت قائىدىسى بويىچە ئاشكارىلىمىاسلىققا قارار ئالدۇق .
بۇ بىر يىل جەريانىدا يۈرەك قان تومۇر توسۇلۇپ ،بىزنىڭ تەلىپىمىز بويىچە ئىچكەن بىمارلار ئاساسەن بۇ كىسەلدىن خالاس بولدى .قان تومۇردا ماي شىلىمشىق يوقىرى بولۇشنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئىچكەن بىمارلارنىڭ ھەممىسى مەسىلىسىنى ھەل قىلدى .سەل تەمبەل كىشىلەر ئۆزىنىڭ روشەن ئورۇقلىغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى .مەسىلەن ئاتۇشتىكى بىر ھاجىم قوسىقىنىڭ ئىككى نومۇر كىچىكلىگەنلىكىنى بىزگە ھاياجانلىنىپ ئېيتتى .دىمەك بۇ رېتسىپ ھەم ساقلىقنى ساقلاش ئىچىملىكى ،ھەم يۈرەك مىڭە قان تومۇرلىرىنى توسولۇشنى ھەل قىلىش ئىچىملىكى ،ھەم ئورۇقلاش ئىچىملىكى قىلىشقا بولىدىكەن .شۇڭا ئورۇقلايمەن دىگەنلەر بىر داۋالاش باسقۇچى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن تارازىغا چۈشۈپ كۆرۈپ باقسا بولىدۇ .شۇڭا ئېنىقكى بۇ مەھسۇلات نۇقۇل يۈرەككە تىرەك سالماسلىقنىڭ ئۈنۈملۈك رېتسىپىلا ئەمەس بەلكى مىللىتىمىزدىكى كۆپ كۆرۈنىدىغان قان دا ماي شىلىمشىق ئېشىپ كېتىش ۋە سىمىزلىكنىڭ ئۈنۈملۈك رېتسىپى ،شۇڭا ئىككىلەمچى ساقسىزلىق بولىۋاتقانلار ۋە گۆش ئىستىمالى كۆپلەر ئەتتىگەندە بىر رومكا ئىچىپ بىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز .ماي ۋە شىلىمشىق چۈشىرىدىغانلار ۋە ئورۇقلايدىغانلار رېتسىپ قائىدىسى بويىچە كۈندە ئۈچ ۋاق بىر داۋالاش ئىچىپ بەرسە بىر داۋالاشتىلا يوقىرى ئۈنۈمىنى كۆرىشى مۇمكىن .
بىر يىللىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق بىز بىمارلارنىڭ ئىشەنچىگە ۋە خالىس تەشۋىق قىلىپ قويىشىغا ئىگە بولدۇق .خالىس تەشۋىقاتچىلارغا ئاللاھدىن ساۋاپ ۋە ئاسانلىق تىلەيمىز .
ئەسلى بىز بۇ مەھسۇلاتىمىزنى ئىزچىل بىۋاستا تىز يوللانمىدىن يەتكۈزىۋاتقان ،لېكىن چېقىلىپ كېتىش ھادىسىلىرى يۈز بەرگەنلىكتىن بۇنداق بولىۋەرسە تەننەرخى يوقىرى بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرۇش مۇمكىن بولمايدۇ .شۇڭا ئامال يوق ۋاكالەتچى تەسىس قىلىپ پايدىنى ۋاكالەتچىلەرگە زور نىسبەتتە ئۆتۈنۈپ بىرىپ تارقىتىش يولىغا ماڭدۇق .ھازىر ۋاكالەتچى بار رايونلار قەشقەر شەھىرى(ئۈچ ئايلىق سىناقتا)،غۇلجا شەھىرى(سىناقتىن ئۆتتى)،كورلا شەھىر(ئۈچ ئايلىق سىناقتا) قالغان ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر ۋە ناھىيىلەردىن بىۋاستە ۋاكالەتچى ئىستەيمىز .ۋاكالەتچىلەرگە قويىلىدىغان تەلەپ ،چوقۇم بۇ رېتسىپنى ئىشلىتىپ پايدا كۆرگەنلەرنى زىيارەت قىلىپ باققان بولىشى ئەڭ ياخشىسى ئۆزى ياكى تۇققىنىغا ئىشلىتىپ سىناپ بېقىشى كىرەك .شۇندىلا راس سۆزلەپ بىمارلارغا مۇلازىمەت قىلالايدۇ.ۋىلايەت دەرىجىلىك مونوپۇل خارەكتىردە ۋاكالەتچى تەسىس قىلمايمىز .بولمىسا مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش باھاسى ئۆرلەپ كېىتىدۇ ۋە بىمارلارغا ئۆلچەملىك مۇلازىمەت قىلالمايدۇ .شۇڭا ناھىيىلەرگە بىۋاستە ۋاكالەتچى تەسىس قىلىمىز .
ۋاكالەتچىلەر تېلىفۇنى :قەشقەرشەھىرى 13079989001 ئۈرۈمچى شەھىرى13079989001 غۇلجا :18040999733 كورلا شەھىر:13345333320 يەكەن ۋاكالەتچىسى مۇشۇ ئىككى كۈن ئىچىدە بىكىتىمىز .
مەھسۇلاتىمىزنىڭ تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇماتلىرى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدا بار .بۇ يەرنى بېسىڭ
تېلىفۇن:18999036938
شېركەت ئادرىسىمىز قومۇل شەھىرى تۆت كوچا مەسچىتى ئۇددۇلسىدىكى ئابلەتجان تىز تاماقخانىسى يېنىدا تىببى ھۆكىما بىئو پەن تېخنىكا چەكلىك شېركىتى . |
|