قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2564|ئىنكاس: 26

سىزنى ئالىم قىلالايدىغان كىتاپ ئوقۇش ئۇسۇلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

32

تېما

0

دوست

1971

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   97.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33336
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 84
تۆھپە : 652
توردىكى ۋاقتى: 144
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-21 11:02:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنى ئالىم  قىلالايدىغان كىتاپ ئوقۇش ئۇسۇلى
ئابدۇۋەلى تۇرسۇن

(بىڭتۇەن مىللىي پېداگوگىكا مەكتىپى )

       مانا ھايت-ھۇيت دېگۈچە 1-ئايغا 29 بولۇپ قاپتۇ. بۇ كىتاپ ئوقۇش يىلى قىلىپ بېكىتىلگەن 2015-يىلىنىڭ 1- ئېيى چىقىپ كېتىشكە يەنە 2 كۇن قالدى دېگەن سۆز.   ئەمدى تېمىنى يۆتكەپ ، كىتاپ ئوقۇش ھەققىدە دوستلار بىلەن ئازراق پارڭلاشقۇم كەلدى. مېنىڭ باشقا مەقسىدىم يوق . پەقەت بۇ تېمام ئارقىلىق دوستلارنىڭ كىتاپ ئوقۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلالىسام ياكى توغرا ، ئۈنۈملۈك بولغان كىتاپ ئوقۇش ئۇسۇلىنى ئۇلار بىلەن ئورتاقلىشىپ ،ئۇلارغا ئازراق نەپ  بېرەلىسەم شۇنىڭ ئۆزى مەن ئۈچۈن كۇپايە.بۇ يازمىنى يازىمەن دەپ كومپىيوتېر ئالدىدا ئولتۇرغىنىمغا ئىچىم ئاغرىمايدۇ.
       بىزگە مەلۇمكى  ئىنسانىيەت ياراتقان بارلىق ئىسل مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنىڭ ھەممىسى  مەلۇم  بىر ياكى قىسمەن ئادەملەرنىڭ ئەقىلىي  ۋە جىسمانىي ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى بولماستىن بەلكى ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئەقىل پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى . كىتاپ بولسا مۇشۇ مەدەنىيەت جەۋھەرلىرى ئەڭ مەركەزلىك توپلانغان بىر ئامبار . بىلىم بۇلىقى، ئەقىل - پاراسەت مەنبىئى . شۇڭا ئەقىللىق بولىمەن دېگەن ئادەم ، بىلىملىك بولىمەن دېگەن ئادەم چوقۇم كىتاپنى دوست تۇتۇشى ، كىتاپ ئوقۇشى ، كىتاپ ئوقۇشقا ماھىر بولۇشى كېرەك. سىز پەقەت  كىتاپنى ئۇنۈملۈك ئوقۇسىڭىزلا قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ناھايىتى بىلىملىك بولۇپ كېتىسىز.
            كىتاپ توغرسىدا سۆز بولغاندا كاللىمىزغا دەرھال كىتاپ جازىسىغا تىزىلغان كىتاپلار كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. نۇرغۇن ئۆيلەردە كىتاپ ئىشكابى بار.بەزىلەرنىڭ ھەتتا  ئائىلە كىتاپخانىسى بار.بۇنىڭغا كىرىپ قارىساق تىزىلغان كىتاپلار  كۆزىمىزنى  قاماشتۇرىدۇ.  بىر ئۆيدە  كىتاپ بولمىغانىدن بولغىنى ياخشى ، ئاز بولغىنىدىن  كۆپ ياخشى . كىتاپنىڭ كۆپ بولۇشى مەسلىنىڭ بىر تەرىپى . ئەمما ئۇنى ئوقۇش يەنىلا مەسلىنىڭ ئاچقۇچىدۇر. چۈنكى كىتاپ سېتىۋېلىش كىتاپ ئوقۇغانغا باراۋەر ئەمەس.يەنە شۇ سېتىۋالغان كىتاپنى ئۆزىنىڭ قىلىش - قىلالماسلىق مەسىلىسى بار.
         كىشىلەرنىڭ كىتاپ ئىشكابىغا تىزىلغان كىتاپلىرى شۇ كىشىنىڭ  ئۆزىنىڭ بولدىمۇ - يوق دېگەن مەسلىدە مېنىڭ مۇنداق قارىشىم بار. بۇ خۇددى بىر كىلو گۆشنى سېتىۋېلىپ ،  ئۇنى توڭلاتقۇدا ساقلاپ قويدىڭىزمۇ ياكى پىشۇرۇپ يەپ ھەزىم قىلىپ ، بەدىنىڭىزگە قۇۋۋەت بېغىشلىدىڭىزمۇ دېگەنگە ئوخشايدۇ. ئەگەر ئۇ توڭلاتقۇدا ساقلاقلىق تۇرسا ئۇنى سىزگە تەۋە بولدى دىيىشكە بولمايدۇ. پەقەت پىشۇرۇپ يىگەندىن كېيىن ئاندىن ئۇ ھەقىقىي سىزگە تەۋە بولۇپ ، سىز ئۇچۈن بىر كۈچكە ئايلىنىدۇ.
           كىتاپ ئوقۇشتا ھەقىقەتەن يۇقىرىدا دېگەندەك ئەھۋال مەۋجۇت . بىر خىلدىكى كىشىلەردە كىتاپ كۆپ ، ھەتتا بايا دېگەندەك بىر ئۆيى مەخسۇس ئائىلە كىتاپخانىسى . ئىسىل كىتاپلارنىڭ ھەممىسى تىزىلغان . لېكىن مۇتلەق كۆپچىلىكى تىزىلغان پېتى تۇرۇپ قالغان ، كىتاپلار ئېچىلىپ باقمىغان . بۇ ئادەملەردە مېنىڭچە ناھايىتى ياخشى تۈپلەنگەن قەغەز ۋە ئۇنىڭغا چېچىلغان سىياھ بار دىيىشكە بولىدۇ . ئەمما كىتابى بار دېگىلى بولمايدۇ . بۇ خۇددى باياتىن ئېيتقاندەك بىر قوينىڭ گۆشىنى سېتىۋېلىپ ، توڭلاتقۇدا ساقلاپ قويغاندەك بىر ئىش . سىز ئۇنى يىسىڭىز ، ئۇ سىزگە ئوزۇق بولىدۇ . سىزگە كۈچ -قۇۋۋەت بولىدۇ.  بىر قىسمى چىقىپ كەتسىمۇ ئەمما ئوزۇقلۇق بولىدىغان قىسمى بەدىنىڭىزدە قېلىپ ،  بەدەنگە ئۆزلىشىپ كېتىدۇ . ئەگەر سىز ئۇنى يىمىسىڭىز ئۇنى سىزگە تەۋە بولدى دىيىشكە بولمايدۇ. ئۇ توڭلاتقۇدا تۇرۇۋېرىدۇ . كىم بىلىدۇ ، بىر كۈنى باشقىلار يەپ كېتىشى مۈمكىن. ياكى بۇزۇلۇپ ، يىگىلى بولمايدىغان بولۇپ قېلىشى مۈمكىن . ئىككىنچى خىلىدىكى كىشىلەردە گەرچە بىرىنچى خىلدەك كۆپ كىتاپ بولمىسۇ ئەمما يەنىلا  نۇرغۇن ئىسىل كىتاپلار بار.لېكىن ئۇلارنىڭ بىرنەچچىسىلا ياخشى ئوقۇلغان، كۆپ ساندىكىسى تېخى ئوقۇلمىغان . ئالغان چاغدا قانداق يېڭى بولغان بولسا ھازىرمۇ شۇ پېتى . بۇ خىلدىكى كىشىلەر كىتاپنى ياخشى كۆرىدۇ.لېكىن ياخشى كۆرىدىغىنى كىتاپ بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان . ئۇنىڭ ئىچىدىكى مەزمۇن تېخى ئۆزىنىڭ بولمىغان . بەدىنىگە ئوزۇقلۇق بولۇپ كېرمىگەن . ئۈچىنچى خىلىدىكى كىشىەر بولسا كىتابى  ئاز بولۇشىمۇ مۈمكىن ،كۆپ بولۇشىمۇ  مۈمكىن،لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەپسىلى ئوقۇغان، كىتاپ ئوقۇپ تەسىرات يازغان. كىتاپ قايتا -قايتا ئوقۇش نەتىجىسىدە  كىرلىشىپ كەتكەن، قاتلىشىپ كەتكەن ، ئىچىگە نۇرغۇن پىكىرلەپ يېزىلىپ كەتكەن . مانا بۇ كىتاپ ئوقۇغانلىق بولۇپ ،  مانا مۇشۇنداق ئادەمنىڭ كىتابى بار دەيمىز.
        شۇڭا  كىتاپ ئوقۇش كىتاپ يىغىشتىن كۆپ ئەۋزەل . بىر ئادەمنىڭ  ھاياتى چەكلىك ،  قىلىدىغان ئىشى كۆپ ، شۇڭا ھەممە كىتاپنى ئوقۇپ بولغىلى بولمايدۇ.ھازىر كىشىلەرنىڭ ئالدىراشلىقى  شۇ دەرىجىگە يەتتىكى بىرەيلەن بىزگە ياخشىلىق قىلسا ، ئۇ ئادەم بىز ئېيتماقچى بولغان ‹‹رەخمەت ›› سۆزىنى ئاڭلاشقا ۋاقتى يوق كېتىپ قالىدۇ.شۇڭا كىتاپنى يىغىش بىلەنلا بولدى قىلماي يەنە ئۇنى  ئوقۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك .ئوقۇش  كىتاپ يىغىشتىن كۆپ ئەۋزەل .
           كىتاپ ئوقۇش ئۇسۇلىغا كەلسەك ئالدى بىلەن سىلەردىن شۇنى سورىغۇم كېلىدۇ:سىزنىڭ كىتاپ ئوقۇش ئۇسۇلىڭىش ئۈنۇۈملۈكمۇ؟ سىز قانچىلىك كىتاپ ئوقۇغان؟ ئۇلاردىن قانچىلىك نەپ ئالالىدىڭىز؟
           بۇ گەپنى ئاڭلاپ بەلكىم شۇمۇ گەپ بولدىمۇ؟كىتاپنى ئېلىپ ئوقۇسىلا بولدى ئەمەسمۇ؟ نەدىمۇ ئوقۇش ئۇسۇلىنى ياخشى ، ياخشى ئەمەس دەپ بۆلىىدىغان ئىش بار دىيىشىڭىز مۈمكىن . شۇنداق  بولۇشىمۇ مۇمكىن ، ئەمما ئۇنداق بولماسلىقىمۇ مۇمكىن . كىتاپ ئوقۇشتا ھەقىقىەتەن ئۇنۈملۈك ،ئىلمىي ئۇسۇللار بار.بۇ ئۇسۇلدا كىتاپ ئوقۇسىڭىز ھەقىقەتەن پايدىسىنى كۆرىسىز. قەيەردىن گەپ چىقسا شۇ يەردىن گەپ قىلالايدىغان بولۇپ كېتىسىز . ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى تەشەببۇسكارلىقىڭىز تېز ئېشىپ كېتىدۇ.بەلكىم ئۇستا ناتىق بولۇپ كېتىشىڭىزمۇ مۈمكىن.
          بۇنداق دېسەم ھەيران  قالماڭ، ئالدى بىلەن ئاز بولسا 2-3  پارچە ،كۆپ بولسا 5-6 پارچە كىتاپنى مەن دېگەن مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە ئوقۇڭ،ئاندىن كېيىن تەپەككۇرىڭىز ۋە روھىڭىزدا قانداق ئۆزگۈرۈش بولدى،بۇنىڭغا دىققەت قىلىپ بېقىڭ.چوقۇم كىتاپنى ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئۇقۇغانلىقىڭىزنى ھېس قىلىسىز.
        ئۇنداق بولسا بۇ زادى قانداق كىتاپ ئوقۇش ئۇسۇلى؟قىسقا قىلىپ ئېيتسام  كىتاپنى تاللاپ ئوقۇش، كىتاپنى بىر قېتىم ئوقۇپلا تاشلاپ قويۇش بولماستىن بەلكى تەكرار ئوقۇش ،قايتا -قايتا ئوقۇش ، تەتقىقات خاراكتىرىدا ئوقۇش ،ھەزىم قىلىپ ئوقۇشتىن ئىبارەت.
          نىمە ئۈچۈن كىتاپنى تاللاش كېرەك؟ چۈنكى كىتاپ كۆپ ، ۋاقىت ئاز، كىتاپ كۆپ ، ھەقىقى مەنىۋى زوق بېرەلەيدىغان نادىر كىتاپلار ئاز. كىتاپ كۆپ ، بىزنىڭ ئېھتىياجىمىز ھەرخىل . ئادەملەرنىڭ ئېھتىياجى ئوخشىمايدۇ ، قىزىقىشى ئوخشىمايدۇ . شۇڭا كىتاپ ئوقۇغاندا ئوقۇساملا بولدىغۇ دەپ ، ئۆزىڭىزنىڭ قىزىقىش دائىرىسگە كىرمەيدىغان كىتاپنى ئېلىپ ئالۋاڭغا ئوقۇيدىغان ئىشنى قىلماڭ . شۇڭا ئالدى بىلەن ئۆزىىڭىزنىڭ قىزىقىشى نىمە دېگەننى ئويلاپ ، شۇنىڭغا مۇناسىپ كىتاپ تاللاڭ.بۇ سىزنى پۈتۈن زېھنىڭىز بىلەن كىتاپ ئوقۇشقا باشلاپ كىرىدۇ.بەلكىم سىزنىڭ قىزىقىش دائىرىڭىز ئىچىدىكى كىتاپ كۆپ بولۇشى مۇمكىن . شۇڭا شۇلارنىڭ ئىچىدىكى نوپۇزلۇق بولغان، بەدىئى قىممىتى يۇقىرى بولغان  كىتاپنى تاللاڭ. بۇنداق كىتاپتىن بىرنى ئوقۇش ئادەتتىكى كىتاپتىن نەچچىنى ئوقۇغانغا باراۋەر.
         كىتاپ ئوقۇشنىڭ ئۇسۇلىغا كەلسەك ، سىز كىتاپنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇشنى باشلايسىز.ئوقۇغاندا بىر كىتاپنى بىر قېىتم  ئوقۇپ بولۇپلا بولدى قىلماي ، قايتا-قايتا ئوقۇڭ ، تەتقىقات خاراكتىرىدا ئوقۇڭ . شۇڭا مەن سىزگە ئۆزىڭىز قىزىقىدىغان كىتاپنى تاللاڭ دىيىشىمنىڭ سەۋەبى مۇشۇ يەردە .چۈنكى سىز قىزىقمىغان كىتاپنى ئۇنداق ئوقۇمايسىز . قايتا -قايتا ئوقۇشنىڭ پايدىسى شۇكى سىز بۇخىل ئۇسۇلدا كىتاپ ئوقۇسىڭىز كىتاپتىكى مەزمۇنلار سىزگە يادا بولۇپ كېتىدۇ ، ھەر بىر نۇقتا سىزگە ناھايىتى ئوچۇق بولىدۇ . بۇنى كېيىن مەيلى  سورۇنلاردا بولسۇن ، مەيلى بىر نەرسە يازغىنىڭىزدا بولسۇن ، كاللىڭىزغا يېڭى ئىدىيە ۋە بىكىرلەر ئۈزلۈكسىز كېلىپ تۇرىدۇ.ئىچىدىكى ئۇچۇرلار سىز ئۈچۈن زۆرۈرىيەت ئالىمىدىن ئەركىنلىك ئالىمىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ.  كىتاپنى  مۇلاھىزە قىلىپ ئوقۇش دېگەن مۇشۇ بولىدۇ.بۇ خىل كىتاپ ئوقۇش سىزنى  ھەقىقى بىلىملىك قىلىدۇ.تەپەككۇرىڭىزنى ئاچىدۇ.سىز ئۈچۈن  پۈتمەس-تۈگىمەس بىلىم بۇلىقىغا ئايلىنىدۇ.سىزنى ھەرقانداق جايدا قانداق تېمىدا گەپ بولسا شۇ يەردىن گەپ قىلىدىغان ھالەتكە كەلتۇرىدۇ.
             ماۋزېدوڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇسىڭىز ئۇنىڭدا ناھايىتى كۆپ نەقىل ئېلىنغانلىقىنى ھېس قىلىسىز ، نۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزى ئۇقۇغان قەدىمى كىتاپلاردىن ئېلىنغان. ماۋزېدوڭنىڭ  تەشۋىقات خىزمىتى ئىشلەشكە ماھىرلىقى ئۇنىڭ كىتاپنى كۆپ ئۇقۇغانلىقى ، ئوقۇغاندىمۇ كۆپ ئوقۇپ ، مەزمۇنلىرىنىڭ ئىدىيىسىگە سىڭىپ كەتكەنلىكى  بىلەن مۇناسىۋەتلىك . قىزىل ئارمىيە دەسلەپ قۇرۇلغاندا ئەسكەرلەردە باندىت تۈسىنى ئالغان  قالاق ئىدىيىلەر بار ئىدى . ئۇ باندىت خاراكتىرىنى ئالغان مۇشۇنداق قوشۇننى ئۆزنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى ئىشلەشتىكى نوچىلىقى بىلەن ئىنتىزامى ئەڭ قاتتىق بولغان ،خەلق  بىلەن ناھايىتى يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقان ئارمىيەگە  ئايلاندۇرغان . كىتاپنى كۆپ ئوقۇغان ئادەم ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى كىتاپتىىكى ئىدىيە بىلەن بىرلەشتۇتۈپ تەپەككۇۈ قىلىدىغان بولغاچقا سۆزلەر راۋان ، چۈشىنىشلىك ، ئۇقۇم ئۇچۇق ، تەپەككۇر يۆنۇلۈشى ئېنىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىدۇ . يېڭى ۋە ئۆزگىچە ئىدىيەلەرگە باي بولىدۇ.
             قانداق قلىغاندا تەتقىقات ئۇسۇلىدا كىتاپ ئوقۇغان بولىمىز؟بۇنىڭ ئۇچۈن كىتاپ ئوقۇغاندا ئۆزىمىزنىڭ ئىدىيىسىنى،تەسىراتىنى كىتاپقا يېزىپ مېڭىشىمىز كېرەك . ئەمەلىيەتتە بىز كىتاپ ئوقۇغاندا نۇرغۇن پىكىرلەر مېڭىمىزدە پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ.بۇلارنى كىتاپنىڭ ئۆزىگە يېزىپ مېڭىشىمىىز كېرەك.بۇنداق قىلىش كىتاپتىكى ئىدىيىنى تېخىمۇ مول قىلىدۇ، بىزگە تىخىمۇ يېڭى بولغان،جاۋاپ ئىزدەشنى تەلەپ قىلىدىغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا چىقىرىدۇ.نىمە ئۇچۈن كىتاپ ئوقۇغاندا كىتاپنى خەت يېزىپ بوياش كېرەك؟چۇنكى كىتاپ يازغان ئاپتورمۇ بىر ئادەم . ئۇنىڭ ھەممە ئۇچۇرنى شۇنداق تەپسلى، توغرا يەتكۈۇزىشى ناتايىن،ئۇنىڭغا بەك كۆپ كۈچ كېتىدۇ. بەزى ئىشلارنى بىر ئۆمۈر ئىزدىنىپمۇ  بارلىق تەپسىلاتنى ئۇنداق تەپسىلى ئىگەللەپ بولغىلى  بولالماسلىقى مۇمكىن . ئاپتورمۇ بىر ئىزدەنگۈچى .ئاپتور ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلەر ئىچىدە سىز قوشۇولىدىغان پىكىرلەر بولىدۇ، سىز قوشۇلمايدىغان پىكىرلەر بولىدۇ. يەتكۈزگەن ئۇچۇرلىرى ئىچىدە توغرىلىرى بولىدۇ، خاتالىرى بولىدۇ.يەتكۈزۈشكە تېگىشلىك ئۇچۇرلار ئىچىدە يەتكۈزۈلگىنى بولىدۇ ، يەتكۈزۇلمىگىنى بولىدۇ .  قىلغان مۇلاھىزىلىرى ئىچىىدە ئورۇنلۇقلىرى بولىدۇ ، ئورۇنسىزلىرى بولىدۇ. شۇڭا كىتاپ ئارىسىغا مۇناسىپ ھالدا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىپ ماڭسىڭىز ئويلىغانلىرىڭىز كاللىڭىزدا تېخىمۇ ئوچۇق ، ئوبرازلىق ھالدا ساقلىنىدۇ. كېيىن بىر قاراپلا بۇ يەردە نىمە گەپ بارلىقىنى بىلىۋالىسىز.بۇ ئەمەلىيەتتە ئادەتتىكى ئۈگىنىشتىمۇ پايدىلىق ئۇسۇلدۇر،مۇئەللىم دوسكىغا يازغاننى خاتىرە قالدۇرۇپ  ماڭسىڭىز مۇئەللىم يازغان ، سۆزلىگەن مەزمۇنلار ئېسىڭىزدە ياخشىراق قالىدۇ. ھالبۇكى ئەستە قالدۇرۇش بىزنىڭ مەقسىدىمىزدۇر. ئەستە قالسا ئاندىن پايدىلانغىلى بولىدۇ. قايتا كىتاپ كۆرۈشنىڭ ھاچىتى يوق.
          تورغا چىقىپ ماقالا -ئەسەر ئوقۇشمۇ كىتاپ ئوقۇش بولامدۇ؟ بۇنىمۇ كىتاپ ئوقۇش دېگىلى بولىدۇ.كىتاپ ئوقۇش بىلەن توردا كىتاپ ئوقۇش يەنە ئوخشىمايدۇ . ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى بار ،كەمچىلىكىمۇ بار. كەمچىلىكى  ئۇ قەغەز كىتاپ ئوقۇغاندەك جانلىقلىققا ئىگە ئەمەس .كىتاپ ئىچىگە خاتىرە يېزىپ مېڭىشمۇ بىر مەسىلە. قەغەز كىتاپنى ئورۇن تاللىماي ئوقۇشقا بولىدۇ. لېكىن ئېلىكترونلۇق كىتاپ ، توردىكى ماقالا -ئەسەرلەرگە ئاشۇ شەرت -شارائىت ھازىرلانسا ئاندىن بولىدۇ.بازار ئىگىلىكى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن نۇرغۇن كارخانىلار ۋەيران بولدى. نۇرغۇن كارخانىلار يېڭىدىن باش كۆتەردى. ئەمما كىتاپخانىلار بىر كارخانا بولۇشىغا قارىماي ، بۇ دولقۇنلاردا بىر خىل مېڭىۋەردى. بەلكى كېتاپخانىغا كىرىدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ.مانا بۇ ئېلىكترونلۇق كىتاپ ، توردىكى ماقالا،ئەسەر ۋە كىتاپلارنىڭ مەزمۇنىنىڭ قانچىلىك رەڭدار بولۇشىغا قارىماي ، يەنىلا قەغەز كىتاپنىڭ ئورنىنى باسالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇندىن باشقا دوستلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تەسىراتى شۇكى توردىن ئوقۇغان نەرسىلەرنىڭ مەزمۇنى كاللىدا قالمايدىكەن. گەرچە بىز بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلمىسەكمۇ ئەمما ئەمەلىي ئەھۋال راستىنلا شۇنداق. بىزنىڭ مەقسىدىمىز ئۇنتۇپ كېتىش ئەمەس بەلكى ئەستە قالدۇرۇشتۇر. شۇڭا يەنىلا قەغەز كىتاپنى ئوقۇشنى تاللاڭ.  
        2015-يىلى كىتاپ ئوقۇش يىلى بولدى. كىتاپنى مەن دېگەن ئۇسولدا ئوقۇش بۇ ئىككىنچى مەسىلە . بىرىنچى مەسىلە بولسا سىز كىتاپ ئوقۇشقا باشلىدىڭىزمۇ -يوق دېگەن مەسىلەدۇر.ئالدى بىلەن بىرەر  كىتاپنى قولىڭىزغا ئېلىپ ، ئوقۇش پىلانىنى تۈزگەن بولسىڭىز ئەمەلىي ھەركەتنى باشلىغان بولىسىز، قولىڭىزدا كىتاپ بولمىسا قانداق ئوقۇش مەسلىسىنى تىلغا ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق . شۇڭا ھازىرغىچە ھەركەت قىلمىغان بولسىڭىز راستىنلا كەينىدە قالغان بولىسىز.سىزگە تۆۋەندىكىلەرنى تەۋسىيە قىلىمەن:
        ئالدى بىلەن ئوقۇيدىغان كىتاپتىن ئىككىنى ئۆيىڭىزدە ھازىرلاڭ ، چوقۇم سىز قىزىقىدىغان كىتاپلار بولسۇن. پىلان تۈزۈپ ئوقۇشنى باشلاڭ.
         كىتاپنى ئالۋاڭ ئۈچۈن ئوقۇيدىغان ئىشنى قىلماڭ . بۇنداق ئوقۇغاندىن ئوقۇماي باشقا ئىش قىلغانمۇ ئەۋزەل .بىز  نىمىشقا كىتاپ ئوقۇيمىز؟ بىلىمىمىزنى كۆپەيتىش ئۈچۈن . شۇڭا كىتاپ ئوقۇغاندا ئوقۇش ئارقىلىق بىلىمىمنى ئازراق ئاشۇرىمەن دەيدىغان نىيەت بولسۇن.
      بۇرۇن ئوقۇپ بولغان كىتاپنى مەن ئوقۇپ بولغانغۇ دەپ تاشلاپ قويماي،  ۋاقتىڭىز يەتسە يەنە ئوقۇپ بېقىشقا تىرىشىڭ .سىزگە بۇرۇن ھېس قىلمىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلدۇرىدۇ.يېڭى- يېڭى نەرسىلەرنى بىلىۋالىسىز .
      ماشىنىڭىزغا كەم دېگەندە ياخشى كىتاپتىن بىرنى تاشلاپ قويۇڭ.ئايرۇپىلانغان يالغۇز چىقسىڭىز چوقۇم كىتاپ ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇماڭ، ئايرۇپىلان كىتاپ ئوقۇشقا بەك باپ كېلىدىغان ئورۇن. چۈنكى  ئۇنىڭدا سىلكىنىش بولمىغاچقا كۆزىڭىزنى ياخشى ئاسراپ قالالايسىز.ھەم مۇھىتىمۇ جىمجىت. دىققەتنى يىغىپ كىتاپ ئوقۇيالايسىز.
         ئوقۇغۇچى بولسىڭىز تەتىلدىن ياخشى پايدىلىنىڭ . ئىككى تەتىلدە ئىككى كىتاپ ئوقۇپ قويسىڭىز كۇپايە.
         ماۋجۇشى كىتاپنى كۆپ ئوقۇغان، ئۇنى كىتاپ ئوقۇپ تارىخنى ئۆزگەرتكەن دېسەكمۇ بولىدۇ.
        شى جىنپىڭمۇ كىتاپنى كۆپ ئوقۇغان ئادەمكەن، ئۇ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا كىتاپ ئوقۇشنىڭ ئۆزىنىڭ بىر ھەۋىسى، خۇمارى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.يېقىندىن بۇيان شى جىنپىڭنىڭ ئەسەرلىرىنى ئانچە-مۇنچە ئوقۇپ قوۇۋاتىمەن. ئۇنىڭدىمۇ بۇرۇنقى كىتاپلاردىن ئېلىنغان نەقىللەر بەك كۆپكەن. نەقىل ئېلىش ماقالنىڭ تەسىر قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر. كىتاپ ئوقۇماي تۇرۇپ ، نەقىل كەلتۇرگىلى بولاتتىمۇ؟
        بىز ھەممىمىز يەھۇدىلارنىڭ ئەقىللىق ، ساپالىق مىللەت ئىكەنلىكىنى ،  سانى ئاز بولسىمۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى رولىنىڭ  بەك چوڭلىقىنى بىلىمىز .بۇ دۆلەتكە 90-يىللاردا زوڭلى بولغان ، كېيىن زوڭتوڭ بولغان پېرىس دېگەن بىر ئادەم بار. بۇ ئادەم ئۆتكەن يىلى ياشىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن دەم ئېلىشقا چىقتى . ئۆتكەن يىلى بىرجوڭگولۇق مۇخبىر پېرىسنى  زىياەت قىلىپ ،ئىسرائىلىكلەرنى بۇنچە ئەقىللىق قىلغان زادى نىمە دەپ سورىغاندا پېرىس: بىر جۈملە گەپ بويىچە ئېيتقاندا كىتاپ ئوقۇش ،ئىسرائىلىكلەر كىتاپنى كۆپ ئوقۇيدۇ ،مەن ھازىر 94 ياشقا كىردىم ،مەنمۇ كىتاپ ئوقۇيمەن دەپ جاۋاپ بەرگەن. قاراڭ ، بۇ نىمە دېگەن ئاددى ھەم مەزمۇنلۇق جاۋاپ -ھە!
        مىللەتنىڭ ئۈمىدى مائارىپتا ، مائارىپنىڭ ئۈمىدى ئقۇتقۇچىلاردا دەيمىز .  مەن دەيمەنكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۇمىدى ھەم مائارىپتا ھەم  كىتاپ ئوقۇشتا.چۇنكى مائارىپ مەلۇم ساندا ئىقتىساد تەلەپ قىلىدىغان ئىش . ئەمما ھازىر مىللىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا تېخى كەينىدە . يېزىلىرىمىز يەنىلا ‹‹ كانايغا يوق ، سۇنايغا نەدە›› دېگەن ھالەتتە.ئۇنڭدىن باشقا خەنزۇلاردا بىر بالا بار ، بىزدە بولسا 2-3بالا بار . ئۇلارنىڭ بىر بالىنى بېقىش ، تەربىيەلەشكە سەرپ قىلغان پۇلىنى بىز 2-3 كە چاچىمىز.شۇڭا بالا تەربىيەلەشتە  ھەرقايسى تەرەپەلەردىن سېلىشتۇرساق ئۇلاردەك كۈچ سەرپ قىلىپ كېتەلمەيمىز. شۇڭا بىرقەدەر ئاددىراق بولغان ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى - كىتاپ ئوقۇشتۇر.شۇڭا  مىللىتىمىزنىڭ ئۇمىدى كىتاپ ئوقۇشتا. ھەممەيلەن ئۆزىمىزنى ، ئۆيىمىزدىكىلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ ،مىللىتىمىزنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كىتاپ ئوقۇشقا ئاتلىنايلي.
             تورغا يېزىلغان ماقالا سەل قىسقا بولسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدىم .   بۇ ماقالا يەنە ئۇنى -بۇنى دەپ سەل ئۇزۇن بولۇپ قالدى.ۋاقىت چىقىرىپ ئوقۇپ قويۇشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن.
     2015-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۇنى چۈشتىن بۇرۇن يېزىلدى.
    ئەسكەرتىش:بۇ ماقالا تۇنجى بولۇپ ‹‹باغداش›› مۇنبىرىگە يوللاندى.باشقا ھەرقانداق تور بەتلىرى ياكى تاراتقۇلار، مەتبۇئاتلار ئاپتوردىن سوراپ ئولتۇرماي،مەزمۇنىنى ئۆزگەرتمەي ،  مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ئىشلەتسە بولىۋېرىدۇ.ياخشى دەپ قارالغان ئىدىيە ئىنسانلارغا ئورتاق بولۇشى كېرەك.

0

تېما

19

دوست

3974

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   65.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14768
يازما سانى: 435
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 34
تۆھپە : 1149
توردىكى ۋاقتى: 197
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 15:31:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ  كىتاپنى  ئىجارىگە ئىلىپ   ئوقۇۋاتىمەن   ،  ياخشى بولسا ئىلىپ قۇيمەن  ،     ھازىر كىتاپلار بەك  قىممەت     ،  بىر پارچە  كىتاپنىڭ  پۇلىسىغا  بىر كىلىو  گوش  ئالالايمىز  ھازىر  ،،،،،،
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1038

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10914
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 40
تۆھپە : 290
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 15:53:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھادىرنامىنى مەن بىر ئاي ئىچىدە ئوقۇپ بولغان ئىدىم. مەن ئەزەلدىن مۇھىت تەسۋىرى، گۇزەللىك تەسۋىرى دىگەندەك يەرنى ئوقۇمايمەن.


0

تېما

0

دوست

833

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   66.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28091
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 268
توردىكى ۋاقتى: 110
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 15:55:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ‏ئۇزىڭىز ئالىمما ئابدۈلى ئەپەندى؟،،،،

0

تېما

0

دوست

1038

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10914
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 40
تۆھپە : 290
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 15:55:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي بالىلار ياخشى كىتاپلاردىن بولسا ئوز ئارا تەۋسىيە قىلىڭلار.

0

تېما

2

دوست

5414

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9200
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 63
تۆھپە : 1638
توردىكى ۋاقتى: 239
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 16:29:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدە ئادەمنىڭ تەشنالىغىنى قاندۇرغىدەك ياخشى كىتاپلار ناھايىتى ئاز ؟ داڭلىق ئەدىپلىرىمىز كەسپىنى تاشلاپ باشقا ئىشلار بىلەن ئاۋارە ...........
يېقىندا مەن شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى باسقان ، لىئونىد سۇلۇۋيوف يازغان،  نىيازوف ھاشىم ،يۇنىچېۋا ئەنۋەرە ، ئازىنوف نەسىردىن قاتارلىق تەرجىمانلار تەرجىمە قىلغان ،
« خوجا نەسىردىن » دېگەن روماننى  ئوقۇپ چىقىپ ،خەلقىمىز ئارىسىدا نۇرغۇن لەتىپىلىرى بىلەن مەشھۇر بولغان بۇ تارىخى شەخس بىلەن تونۇشۇپ چىقتىم ۋە بۇ تارىخى قەخرىماننى قايتىدىن تونۇدۇم .ئەپسۇسلانغىنىم ،باشقىلار بىزدىن بۇرۇن چىقىپ ،بۇ تارىخىي شەخىسنى دۇنياغا تونۇتۇپ بولۇپتۇ ،بىز بولساق ئۇنىڭ تۆۋەن تەپەككۈرلۈك لەتىپىلىرىنى پەخىرلىنىپ كىتاپ قىلىپ يېزىپ يۈرۈپتىمىز .بىر تارىخىي شەخس توغرىلىق يېزىلغان بىر ياخشى كىتاپ ،شۇ شەخس ياشىغان يېرىم ئەسىردىن ئارتۇقراق  دەۋىرنىڭ مەدەنىيەت ،مائارىپ ،جەمىيەت ئەھۋالىدىن خەۋەر بىرىدىغان ياخشى بىلىم قامۇسىدۇر .بىزدىمۇ شۇنداق كىتاپلار كۆپلەپ مەيدانغا كەلگەن بولسا ،شۇ قەخرىمانلارنى يېزىش ئارقىلىق شۇ قەخرىمان ياشىغان دەۋىرلەردىن ئەۋلاتلارغا ئۇچۇر بەرگەن بولساق ،تولىمۇ ياخشى بولماسمىدى!!!!..............

0

تېما

1

دوست

1795

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   79.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9377
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 34
تۆھپە : 539
توردىكى ۋاقتى: 126
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 16:30:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا.ئوقۇرمەن ھەم ئوقۇپ،ھەم ئوقۇلۇپ تۇرۇپ كىتاپ كۆرگەندە كىتاپتىن ھەقىقى نەپكە ئېرىشەلەيدۇ.كىتاپ ئوقۇش ئاسان بولغان بىلەن كىتاپ تەرىپىدىن ئوقۇلۇش بەك قىين.

0

تېما

4

دوست

2269

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21877
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 668
توردىكى ۋاقتى: 61
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 16:40:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدىكى كىتاپ تۈرلىرى بەك ئازكەن تولىسى تارىخ كىتاپ .ئىقتىساد توغرۇلۇق كىتاپلارنى كىتاپخانىدىن تاپالمىدىم .بولسا تەرجىمانلىرمىزنىڭ داۋاملىق تۈردە ئىقتىسادىي ۋە  باشقا كىتاپلارنى كۆپلەپ تەرقىمە قىلىشىغا تىلەكداشمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )