قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 679|ئىنكاس: 5

قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

0

دوست

789

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   57.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33071
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 268
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-21 16:30:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى
يۈسۈپجان ياسىن
(مەنبەسى : ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››نىڭ 2014-يىلى 19-ئىيۇلدىكى سانى)
قاراخانىيلار ئۇيغۇرلارنىڭ تىل، چۈشەنچە، ئىجتىمائىي ھايات ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە زور بۇرۇلۇش ياسىغان بىر دەۋرى ھېسابلىنىدۇ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يايلاق ھاياتىدىن ئولتۇراقلاشقان ھاياتقا كۆچۈشى؛ شەھەر مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسىلىشى؛ قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئورنىنى مىللەت چۈشەنچىسىنىڭ ئېلىشى؛ ئىسلامىيەتنى مىللىي ئەنئەنە بىلەن بىرلەشتۈرۈشى؛ كۈندىلىك تۇرمۇشتىن دۆلەت ئىدارە قىلىشقىچە بولغان ھەر ساھەدە ئەقىل بىلەن ئېتىقادنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئېنىق ئايرىشى؛ سىياسەت ۋە قانۇنچىلىق ئىشلىرىدا نەقىل(شەرىئەت)گە ئەمەس، ئەقىلگە تايىنىشى؛ تاشقى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسىنى جانلاندۇرۇش ئارقىلىق يېپەك يولىنىڭ راۋانلىقىنى قوغدىشى؛ دىن، پەن ۋە مائارىپ ئىشلىرىغا كەڭچىلىك قىلىشى؛ ئەدەبىي ۋە پىكرىي ئەسەرلەردە ئىنسانلارنىڭ تىل، ئېرق ۋە ئېتىقات پەرقىنى نەزەرگە ئالماستىن، ھەممىسىگە ئوخشاش مۇئامىلىنى تەكىتلەيدىغان ئىنسانىيلىقنى مۇھىم تېما قىلىشى بۇ دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدىيە ۋە مەدەنىيىتىگە مۇھىم بىر خاراكتېرىستىكا بېغىشلىغان. شۇڭا، بۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى دەۋرداش ھەر قانداق مەدەنىيەتتىن ناھايىتى رۇشەن پەرقلىنىدۇ. ئەلۋەتتە بىز بۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ  ئالاھىدىلىكىنى ئاشۇ دەۋرنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىنمۇ كۆرەلەيمىز.
مىلادى 10 – ئەسىردە قارخانىيلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئىسلامىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشقا باشلىغان. ئىسلام دىنىغا كىرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى دىننىڭ ئىبادىتىنى قىلىش ئۈچۈن ‹‹قۇرئان››نى ئوقۇشى زۆرۈر ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، مۇسۇلمان بولغان ئۇيغۇرلار باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە ئوخشاش ئەرەب يېزىقىنى قوللىنىشقا باشلىغان. بۇخارا، سەمەرقەند، ھېرات ۋە قەشقەر قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە ئېچىلغان مەدرىسلەردە ئەرەب تىلى ئۆگىتىلگەن، تەفسىر، ھەدىس، فىقىھ، كەلام ۋە ئاسترونومىيە قاتارلىق ئىسلام ئىلىملىرى ئوقۇتۇلغان. بۇ مەدرىسلەردە ئوقۇغانلاردىن فارابى(870~950)غا ئوخشاش بۈيۈك ئىسلام پەيلاسوپلىرى، زەماھشەرى(1075~1144)گە ئوخشاش داڭلىق دىن ئالىملىرى يېتىشىپ چىققان. بۇ دەۋردە بىر تەرەپتىن ئىبادەت ئارقىلىق، يەنە بىر تەرەپتىن مەدرىسلەردىكى ئوقۇتۇشنىڭ ئەرەبچە ئېلىپ بېرىلىشى سەۋەبىدىن تۈركىي تىلغا ئەرەبچە سۆزلۈكلەرمۇ كىرىشكە باشلىغان. مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ مەدرىسلىرىدىكى ئىسلام مەدەنىيىتىنى تەشكىل قىلغان ئىلىملەر ۋە بۇ ئىلىملەرگە ئائىت ئاساسلىق ئەسەرلەر ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ئوقۇتۇلغانلىقتىن، قاراخانىيلار تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار باشقا مۇسۇلمان مىللەت توپلىرى بىلەن ئورتاق بىر مەدەنىيەت چەمبىرىكىگە كىرگەن.
ئىسلام ئەدەبىياتىنىڭ نەزەرىيەسىنى ئۆگىتىدىغان ‹‹ئىلمى بەلاغەت››،‹‹ئىلمى ئارۇز›› ياكى ‹‹ئىلمى ئەۋزان››، ‹‹ئىلمى قەۋەفى›› قاتارلىق ئۇسلۇبلار مەدرىسلەردىن يېتىشىپ چىققانلارنى بىر خىل ئەدەبىي چۈشەنچە ئەتراپىغا بىرلەشتۈرەتتى. بۇ ئورتاق ئىسلام ئەدەبىياتىدا نەزىم شەكىللىرى ئەرەب ۋە پارس ئەدەبىياتىدىن كەلگەن ‹‹قەسىدە››، ‹‹غەزەل››، ‹‹مۇسەممەن››، ‹‹مەسنەۋى›› ۋە ‹‹رۇبائى›› قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىدى. ئىسلام چۈشەنچىسى ۋە ئىدېئولوگىيەسىنى ئاساس قىلغان بۇ ئەدەبىياتنىڭ ماتېرىيال مەنبەسى بولسا، ‹‹قۇرئان›› ۋە ھەدىسلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا ئىسلام مەدەنىيىتىنى تەشكىل قىلغان بارلىق ئىلىملەر، پەيغەمبەر قىسسەلىرى، ئىسلام ئۇلۇغلىرىنىڭ ۋە ئەۋلىيالىرىنىڭ ھايات مەنقىبەلىرى، بەزى خەلق ھېكايىلىرى ۋە تۈرلۈك ئېتىقادلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بۇ ماتېرىياللار ئارۇز ۋەزنىدە بەلگىلىك بىر شەكىل ۋە ئوخشاش ئېستېتىكىلىق چۈشەنچە بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلاتتى. شۇنىڭ بىلەن، مەدرىسلەردىن يېتىشىپ چىققانلار ۋەكىللىك قىلغان ئىسلام ئەدەبىياتى مەيدانغا كەلگەن. ئىسلام ئەدەبىياتى ئىسلام مىللەتلىرى ئارىسىدا ئورتاق خۇسۇسىيەتنى ئىپادە قىلغان بىر ‹‹ئۈممەتچى ئەدەبىيات›› ئىدى. لېكىن، قاراخانىيلار مۇھىتىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا دىننىڭ بەلگىلىك تەسىرى كۆرۈلگەن ۋە بەزى دىنىي ئەسەرلەر يېزىلغان بولسىمۇ، بىر پۈتۈن قاراخانىيلار ئەدەبىياتىنى ھەرگىزمۇ ‹‹ئۈممەتچى ئەدەبىيات›› دەپ خاراكتېرلەندۈرۈشكە بولمايدۇ. يەنە كېلىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئېڭى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تۈپ خاراكتېرىمۇ نۇقۇل ھالدا دىنىي خاراكتېر ئالغان بىر ئەدەبىياتنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە يول قويمايتتى. ھۇنلار دەۋرى ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئەسىر بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىن باشلاپ تۈركىي قەۋملەرنىڭ دىنىي جەمئىيەت ئەمەس، سىياسىي جەمئىيەت تەشكىل قىلىپ كەلگەنلىكى، ھەر ۋاقىت ئاكتىپ بىر ھايات چۈشەنچىسى ئىچىدە ياشىغانلىقى، دۇنياۋىي ھاياتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئىلاھىي چۈشەنچىلەرگە، پەيغەمبەرلەر پاراسىتىگە ئەمەس، بەلكى ئىنساننىڭ ئەقلى، بىلىمى، تەجرىبىسى ۋە ئەمەلىي قۇدرىتىگە تايانغانلىقى ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىنى خىيالىي، نەزەرىيىۋىي ۋە دىنىي چۈشەنچىلەرگە بەند قىلماي، ئەمەلىي ھاياتقا يۈزلەندۈرگەن، ئۇلارنىڭ ھەم پىكرىي ھەم ئەدەبىي ئەسەرلىرىدە دۇنياۋىي، ئىنسانىي، مىللىي، ئىجتىمائىي ۋە ئەخلاقىي تېمىلارنى ھەممىدىن مۇھىم مەسىلە سۈپىتىدە قولغا ئېلىشىغا تۈرتكە بولغان.
قاراخانىيلار دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلىشى ۋە مەدرىس مائارىپىنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن ئۇيغۇرلار ئەرەب ۋە پارسلار بىلەن ئوخشاش بىر مەدەنىيەت چەمبىرىكىگە كىرىپ، تۈرك-ئىسلام ئەدەبىياتى دەۋرىنى ئاچقان. يېڭىدىن مەيدانغا كەلگەن تۈرك - ئىسلام ئەدەبىياتى ئەرەب ۋە  پارس ئەدەبىياتىنى ئۆرنەك قىلىشقا باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۈركىي شائىرلار شەكىل، مەزمۇن ۋە ئېستېتىكا جەھەتتىن ئىسلام ئەدەبىياتىنىڭ ئەسەرلىرىنى يازغاندا، ئۇنىڭغا ئۆزلىرىنىڭ روھىنى، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى، ئەنئەنىسىنى ۋە ئادەتلىرىنىمۇ قاتقان. دېمەك، قاراخانىيلاردا ئىسلام دىنىنىڭ يىلتىز تارتىشى بىلەن بۇ تارماقتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا ئىسلام مەدەنىيىتى كىرىپ كەلگەن. لېكىن، ئۇيغۇرلار ئۇنى ئۆزىنىڭ كۈلتۈرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ يېڭى بىر سېنتىز ياراتقان. بۇ سېنتىزدا يەنىلا ئۆزىنىڭ مىللىي ئەنئەنىسىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان. شۇڭا، بۇ دەۋرنىڭ ئەدەبىي ھاياتىدا مۇنداق ئالاھىدىلىك كۆرۈلگەن :
1- ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى دەۋردىكى كۈلتۈر بىلەن ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى مەدەنىيەت بىر - بىرىگە زىچ ماسلاشتۇرۇلغان.
2- ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىنمۇ ئۆزىنىڭ مىللىي ئەنئەنىسىدىكى ئىسلامىيەتكە زىت بولمىغان ئامىللارنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان.
3- ئەدەبىي، ئىلمىي ۋە سىياسىي ساھەدە ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن ئەرەب يېزىقى تەڭ قوللىنىلغان.  
4- ئەدەبىي ۋە ئىلمىي ئەسەرلەردە مىللىي، ئىجتىمائىي، ئەخلاقىي ۋە دىنىي تېمىلار قولغا ئېلىنغان.   
5- ئەدەبىي ئەسەرلەر خەلققە چۈشىنىشلىك بولغان تىل بىلەن يېزىلغان.
6- ئىجادىيەتتە ھەم نەزمىي شەكىل، ھەم نەسرىي شەكىل تەڭ قوللىنىلغان.
7- ئەرەب ۋە پارس ئەدەبىياتىدىن ئېلىنغان يېڭى ئەدەبىي ژانىرلار، نەزىم شەكىللىرى قوللىنىلىشقا باشلىغان.
8- يازما ئەدەبىياتتا مىللىي نەزىم شەكلى بولغان تۆتلۈكنىڭ قوللىنىلىشى تارىيىپ، بېيىت ئومۇملىشىشقا باشلىغان.
9- بۇ دەۋردە بۇغۇم ۋەزنى بىلەن بىرلىكتە ئارۇز ۋەزنىمۇ قوللىنىلغان. خەلق ئەدەبىياتى يەنىلا بۇغۇم ۋەزنىگە تايانغان، يازما ئەدەبىيات بولسا ئارۇز ۋەزنىدە يېزىلىشقا باشلىغان.
10- قاراخانىيلارنىڭ كېيىنكى دەۋرلىرىگە كەلگەندە ئەسەرلەرنىڭ تىلى ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تەبىئىي تىلدىن ئاستا-ئاستا يىراقلاشقان، ئەرەبچە ۋە پارسچە سۆزلەرنىڭ ئەسەردە تۇتقان سالمىقى ئېغىرلىشىشقا باشلىغان.
11– خەلق ئەدەبىياتىدىكى داستانچىلىق ئەنئەنىسى داۋاملاشقان. زور تارىخىي ۋەقەلەر، ئۇرۇشلار، دىنىي ھاياجان ۋە قەرىمانلارنىڭ ھاياتىنى تېما قىلغان يېڭى داستانلار مەيدانغا كەلگەن. مەسىلەن، ‹‹ماناس›› داستانى مۇشۇ دەۋردە ئوتتۇرىغا چىققان.
12-  يازما ئەدەبىياتتا سەنئەتلىك ۋە دېداكتىكىلىق ئامىل بىرلىشىپ كەتكەن.
قاراخانىيلار ئەدەبىياتىغا ئائىت تۈۋەندىكى ئەسەرلەر ھەققىدە بىراز توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ دەۋر ئەدەبىياتىدا‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. تۈرك-ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ۋە ئۇنىڭ نازۇك ئالاھىدىلىكىنى تولۇق ئىگەللىگەن ۋە بۇ ساھەدە ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى بىلەن ئوخشاش ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرغان يۈسۈپ خاس ھاجىپ 6645 بېيىتلىك‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› داستانىدا ئىسلام سەنئەتكارلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، ئارۇز ۋەزنىنىڭ مەسنەۋىي شەكلىنى قوللانغان، يەنە  مىللىي ئەنئەنىنىڭ تەسىرى بىلەن 174 پارچە شېئىرنى تۆتلۈك شەكلىدە يازغان.‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ھېكايە، مونولوگ، دىئالوگ ۋە پىيەسسە(تىياتىر)گە ئۇيغۇن شەكىلدە يېزىلغان ۋە بىرمۇنچە يەرلەردە ماقال – تەمسىللەر قىستۇرۇلغان بولۇپ، نۇقسانسىز ئىپادىلەش سەنئىتىگە ۋە ساغلام قۇرۇلمىغا ئىگە. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››تە ھۆكۈمدار كۈن تۇغدىنى قانۇن ۋە ئادالەتكە، ۋەزىر ئاي تولدىنى بەخت ۋە سائادەتكە، ۋەزىرنىڭ ئوغلى ئۆگدۈلمىشنى ئەقىلگە، ئودغۇرمىشنى ئاقىۋەتكە سىمۋول قىلىش ئارقىلىق دۆلەت ئىدارە قىلىشنىڭ ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، قاراخانىيلارنىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىدىئال دۆلىتى بولۇشىنى ئارزۇ قىلغان، بولۇپمۇ دۆلەتنى شەخسلەرنىڭ خۇسۇسىي ئىرادىسى ياكى دىنىي يول(شەرىئەت) بىلەن ئەمەس، ئەقىلگە تايىنىپ تۈزۈلگەن ئادىل قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشتەك ئىلغار ھاكىمىيەت چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۈگۈنكى ئۇقۇم بويىچە ئېيتقاندا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ  سوتسيال، دىموكراتىك ۋە لائىك(دىن بىلەن سىياسەت ئايرىلغان) بىر ھاكىمىيەت شەكلىنى ئوتتۇرىغا قويغان.  
يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ ئەسىرى ئارقىلىق ئىنسان ھاياتىنىڭ مەنىسىنى تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭ جەمئىيەت ۋە شۇ ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى ئورنىنى ئېنىق بەلگىلەپ بېرىدىغان بىر ھاياتلىق پەلسەپىسى سىستېمىسىنى قۇرغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تە  تۈركىي قەۋملەرنىڭ جەمئىيىتىدە تەتبىقلىنىپ كەلگەن دۆلەت، قانۇن، ئىنسان، ئادالەت، بىلىم، ھەق-ھوقۇق، دۇنيا، دىن ۋە ئاقىۋەت ھەققىدىكى ئۇقۇم ۋە چۈشەنچىلەرنى، شۇنىڭدەك بۇلارنىڭ بىر - بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرىپلەش ئارقىلىق بۇ مىللەت تۈركۈمىنىڭ دۇنياۋىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئەمەلىي پاراسىتى ۋە تەجرىبىسىنى بىر ئالىم، مۇتەپەككۇر، سىياسىيونغا خاس سالاھىيەت بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر ھاياتى ۋە مەنىۋىي مەۋجۇتلۇقى ئۈستىدە توختالغان. دىققەتنى تارتىدىغان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نى قانداقتۇر بىر ئەمىر ياكى تەۋسىيە بىلەن يازغان ئەمەس. ئۇنىڭ دەۋرىدە خانىدان ئەزالىرى بىر - بىرى بىلەن ئۇرۇشىۋاتقان ۋە بۇ ئىچكى زىددىيەتتىن جەمئىيەت ۋە دۆلەت نىزامى يىلتىزىدىن تەۋرىنىپ قالغان بىر ۋەزىيەتتە بولۇپ، ئۇ بۇ ئەسىرى ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي ئۈستىخىنىنى تەشكىل قىلغان ئەخلاق چۈشەنچىلىرىنى يېڭىدىن رەتكە سالماقچى بولغان. ئەسىرىنى كۆزگە كۆرۈنۈش ياكى مەدھىيەگە ئېرىشىش ئۈچۈن يازمىغان. شۇڭا، ئەسەرنى ئوقۇغاندا، ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىدىن ئېتىلىپ چىققان سەمىمىي بىر تۇيغۇ، ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتكە بولغان چوڭقۇر بىر مەسئۇلىيەت  ھېسياتى بىلەن يېزىلغانلىقى سىزىلىدۇ ۋە شائىر بىر ئىنقىلاپچى دەرىجىسىگە كۆتۈرىلىدۇ. دېمەك، ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ئەدەبىي جەھەتتىكىگە ئوخشاش، پىكرىي، ئىلمىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىمۇ ناھايىتى يۇقىرى قىممەتكە ئىگە بۈيۈك بىر ئەسەردۇر.
ئەمما، ئەھمەد يۈكنەكى تەرىپىدىن  يېزىلغان ‹‹ئەتەبەتەل ھەقايىق›› تېما، قۇرۇلما، غايە ۋە تىل شىۋىسى جەھەتتىن ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››گە ئوخشاپ كېتىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە بولسىمۇ، ئەھمەد يەسەۋىي تەسىرىدە سوپىلىق خاراكتېرىنىمۇ ئىپادىلىگەن.‹‹ئەتەبەتۇل ھەقايىق›› شەكىل جەھەتتە يەنە aaba  شەكلىدە قاپىيىلەنگەن تۆتلۈك بىلەن يېزىلىپ، مىللىي نەزم شەكلىگە مەلۇم دەرىجىدە باغلانغان بولسىمۇ، مەزمۇن ئېتىبارى بىلەن ئىنسان تەربىيەسى ئۈچۈن يېزىلغان بىر دىنىي - ئەخلاقىي ئەسەر بولغاچقا، ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››كە سېلشتۇرغاندا، چۈشەنچە جەھەتتىنمۇ تۈۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ،  ئىسلام تەسىرىمۇ ئۇنىڭدا ناھايىتى كۈچلۈك. شۇنىڭدەك، ئەسەردە ئەرەبچە ۋە پارسچە سۆزلەرنىڭ سالمىقىمۇ كۆپ. شۇڭا، بەزى ئالىملار ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ ئەدەبىي ماھارىتىنىڭ دىققەتنى تارتقۇدەك ھالەتتە ئەمەسلىكىنى ۋە ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنىڭمۇ يېقىمسىز، قوپال ۋە جانسىز بىر ئالاھىدىلىكنى ئىپادە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن، ‹‹ئەتەبەتۇل ھەقايىق›› تەتقىقاتىنىڭ ئەڭ مەشھۇر ۋەكىلى بولغان رەشىد رەھمەتى ئارات ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ ئەدەبىي سالاھىيىتى ھەققىدە توختالغاندا: ‹‹ئەمەلىيەتتە بىز بۇ يەردە ‹قۇتادغۇ بىلىگ›نىڭ مۇئەللىپىدىن تامامەن باشقا بىر تەرىزدە ۋە روھتا يازغان بىر شەخس بىلەن ئۇچرىشىمىز. مەقسەت ۋە غايىلىرى ھىچ بولمىغاندا ئورتاق قىسىملاردا بىر - بىرىگە يېقىن كەلسىمۇ، يۈسۈپ بىلەن ئەدىب ئەھمەدنى شائىر ۋە مۇتەپەككۇر سۈپىتىدە سېلىشتۇرما قىلىشقىمۇ ئىمكانىيەت يوق›› دەپ باھا بەرگەن. مۇھەممەد فۇئاد كۆپرۈلۈ بۇ ئەسەرنىڭ چىن تۇيغۇ، تەبىئەت زوقى، پەلسەپىۋىي پىكىر ۋە سەنئەت چۈشەنچىسىدىن خالىي، دىنىي ئىدېئولوگىيە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان، تەسىرى ئاجىز بىر ئەسەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ : ‹‹ ‹ئەتەبەتۇل ھەقايىق› تۈرك ئەدەبىياتىدا بۇرۇنقىدىن ناھايىتى پەرقلىق بىر دىنىي ئىدېئولوگىيەنىڭ، بولۇپمۇ تامامەن تار، مۇتەئەسسىپ ۋە  ئۈلۈك بىر دىنىي ئىدېئولوگىيەنىڭ تۇنجى خەۋەرچىسى بولۇش ئېتىبارى بىلەن ئەھمىيەتكە ئېرىشىشكە لايىقتۇر...›› مۇتەپەككۇر ۋە تارىخشۇناس نىھال ئاتسىز ‹‹ئەھمەد يۈكنەكى كېيىنكى ئەسىرلەرنىڭ بەزى شائىرلىرى تەرىپىدىن ‹ئەدىبلەرنىڭ ئەدىبى› دەپ قارالغان بولسىمۇ، ئۇنى ئانچە ياخشى شائىر دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئەسىرىدە ئارۇز ۋەزنى تازا ياخشى قوللىنىلمىغان ۋە بىر غەزەلدە ئوخشاش قاپىيەلەر تەكرارلانغاندىن باشقا، لىرىكىزمدىنمۇ تامامەن خالىي قالغان. قىسىقىسى، بۇ ئەسەرنىڭ قىممىتى تىل ساھەسىدە كۆرىلىدۇ›› دەيدۇ. ‹‹ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى››نىڭ ‹‹ئايبەتۇلھەقايىق››(‹‹ئەتەبەتۇل ھەقايىق››) ماددىسىدا: ‹‹سۆزلەر ئارۇز قېلىپلىرىغا يەنىلا ياخشى ماسلاشتۇرۇلمىغان. ئىمالە ۋە زىخاف قاتارلىق نۇقسانلار بىر مۇنچە يەردە تەكرارلانغان. بۇ ئەدىب ئەھمەدنىڭ ۋەزىن ۋە تىلگە ماھىر، ئۇستا بىر سەنئەتكار ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ›› دېيىلگەن. دېمەك، شائىرنىڭ بەدىئىي ماھارىتىنىڭ، شۇنىڭدەك ئەسىرىنىڭ ئەدەبىي ۋە ئىجتىمائىي قىممىتىنىڭ تۈۋەنلىكى ھەققىدە تۈركىيە ئالىملىرى ئاللىقاچان پىكىر بىرلىكىگە كەلگەن. رۇسىيەلىك شەرقشۇناس بارتولدمۇ بۇ ئەسەرنى‹‹ھەقىقىي ھاياتتىكى ۋەقەلەر بىلەن زادى ئالاقىسى يوق بىر شەكىلدە يېزىلغان بولۇپ، ئاددى ۋە قۇرۇق ئەخلاقىي نەسىھەتلەردىن ئىبارەتتۇر›› دەپ قارىغان.  ئەسەردە شائىرنىڭ مىللىي ياكى ئىجتىمائىي تېمىلاردا پىكىر يۈرگۈزۈشنىڭ ئورنىغا خۇسۇسىي ماھىيەتتىكى دىنى - ئەخلاقىي نەسىھەت بېرىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى ئۇنىڭ ھاياتلىق چۈشەنچىسىنىڭ ۋە غايىسىنىڭ نوقۇل ھالدا دىنىي ئەقىدىلەرگىلا تايانغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ شائىرنىڭ ئىسلام ئىلىملىرىگە، مەسىلەن، تەفسىر ۋە ھەدىسلەرگە، شۇنىڭدەك ئەرەب تىلى ۋە ئەدەبىياتىغا كامىللىقى ئۇنىڭ كىلاسسىك بىر مەدرىس تەربىيەسى ئالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئەسىرىدە بىر يۈرۈش شىكايەتلەر بار. بۇنى ئۇ ياشىغان ماۋرەئۈننەھرىنىڭ شۇ چاغدىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى ئارقىلىق ئىزاھلاش مۇمكىن.
***                                  ***                                   ***
مەھمۇد كاشغەرىي بولسا تۈركىي قەۋملەرنىڭ تىلى، تۇرمۇش شەكلى ۋە شۇ ئارقىلىق ئەدەبىياتى بىلەن مەشغۇل بولغانىدى. شۇڭا، قاراخانىيلار دەۋرىدىكى خەلق ئەدەبىياتىنى چۈشىنىشتە‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك››(تۈۋەندە ‹‹دىۋان›› دېيىلىدۇ) بىزنى ناھايىتى قىممەتلىك ئۆرنەكلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا،  ‹‹ ‹دىۋان› ھىكمەتلىك سۆز، سەجىئە، ماقال- تەمسىل، قوشاق، رەجەز، نەسىر قاتارلىق ئەدەبىي پارچىلار بىلەن بېزەلگەن.››  بۇ يەردە دېيىلگىنىدەك، مەھمۇد كاشغەرىي بەزى تۈركچە سۆزلەرنىڭ ئەرەبچە تەڭدىشىنى بەرگەندىن كېيىن، بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ماقال – تەمسىل، ئەدەبىي پارچە، تۆتلۈك ۋە بېيىتلەرنى تىلغا ئالغان. ئەسەردىكى تۆتلۈك ۋە بېيىتلەر قەھرىمانلىق قوشاقلىرى، ئوۋ ۋە بەزمە قوشاقلىرى، سۆيگۈ ۋە تەبىئەت قوشاقلىرى، مەرسىيەلەر، دېداكتىك ۋە پەلسەپىۋىي بېيىتلەر قاتارلىق تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ. شۇڭا، بۇ ئەسەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە فولكلورىنىڭمۇ بىر خەزىنىسىدۇر. ھازىرغا قەدەر ئىلىم ساھەسىدە ‹‹دىۋان››دىكى ئەدەبىي پارچىلانىڭ شەكىل، ۋەزىن ۋە مەزمۇنلىرى ئۈستىدە م. فۇئاد كۆپرۈلۈ، كارل بروككېلمان، ۋ. ۋ. بارتولد، م. خارتمانن، زىيا گۆكئالپ، ئا.زەكىي ۋەلىدى توغان، رەشىد رەھمەتى ئارات، ئا. بومباچى، ئا. فىترەت، ت. گەنجېي، تاخسىن باڭگۇئوغلۇ، ئى. ۋ. ستېبلېۋا، نىھال ئاتسىز، تالات تېكىن، كەمال ئەرسلان ۋە ئاھمەت بىجان ئەرجىلاسۇن قاتارلىق ئالىملار مۇھىم تەتقىقاتلارنى ئېلىپ باردى. تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆپچىلىكى ‹‹دىۋان››دىكى  تۆتلۈكلەرنى بوغۇم ۋەزنىدە تۈزۈلگەن ‹‹ئەڭ قەدىمكى تۈرك خەلق شېئىرى›› ئۆرنەكلىرى دەيدىغان قاراشتا بىرلىككە كەلگەن. ئەمەلىيەتتىمۇ ‹‹دىۋان››غا كىرگۈزۈلگەن تۆتلۈكلەردە بۇغۇم ۋەزنىنىڭ 5 بۇغۇمدىن 15 بۇغۇمغىچە بولغان ھەر خىل شەكلىدە تۈزۈلگەن ئۆرنەكلىرى ئۇچرايدۇ، لېكىن، بۇنىڭ ئىچىدە 9 بۇغۇملۇق شېئىرلار يوق. بۇ شېئىرىي پارچىلار ئىچىدە ھەر بىر مىسراسى يەتتە بۇغۇمدىن تۈزۈلگەن تۆتلۈكلەر كۆپ ساننى ئېگەللەيدۇ.  ئەمما، بارتولد، ئا.زەكى ۋەلىدى توغان، تالات تېكىن ۋە كەمال ئەرسلاننىڭ     قاراشلىرىدا پەرقلىق تەرەپ بار. ئۇلار بۇ  تۆتلۈكلەردە ئارۇز ۋەزنىنىڭ تەسىرىدە يېزىلغان شېئىرلارمۇ بار، دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، مەھمۇد كاشغەرىي بۇ تۆتلۈكلەرنىڭ بەزىلىرىنى يازما ئەدەبىياتتىن ئالغان. مەسىلەن، ئا.زەكى ۋەلىدى توغان‹‹ئەسەردە قەدىمكى تۈرك ئاتا سۆزلىرى، شۇنىڭدەك بىزگىچە يېتىپ كەلمىگەن ئەدەبىي ئەسەرلەردىن، قەدىمكى داستانلاردىن، خەلق ئەدەبىياتىدىن، ھەتتا ئەرەب ئەدەبىياتىغا تەقلىد قىلىپ يارىتىلغان شېئىرلاردىن نەمۇنىلەر بېرىلگەن›› دەيدۇ. ستېبلېۋا بولسا تۆتلۈكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئارۇز ۋەزنىدە يېزىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ خەلق ئەدەبىياتىغا مەنسۇپ شېئىرلار ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەلۋەتتە، ستېبلېۋانىڭ بۇ قارىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ‹‹دىۋان››غا كىرگۈزۈلگەن تۆتلۈكلەردىكى ئارۇز تەسىرى مەسىلىسى ھازىر ئىلىم ساھەسىدە يەنىلا مۇنازىرە باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان بىر تېما ھېسابلىنىدۇ. ئاھمەت بىجان ئەرجىلاسۇن بولسا ‹‹دىۋان››دىكى بېيىتلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئارۇز ۋەزنى بىلەن يېزىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، ئارۇز ۋەزنىنىڭ ئايرىم بەھرىلىرىنىڭ ھۇنلار دەۋرىدىن بېرى تۈركىي قەۋملەرنىڭ مىللىي ئۆلچىمى بولۇپ كەلگەن بوغۇم ۋەزنىنىڭ 11 بۇغۇملۇق شەكلىگە (11=5+6) ئوخشاپ كېتىدىغان ئەھۋالىمۇ بار بولۇپ، بۇ بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ ‹‹دىۋان›› دىكى تۆتلۈكلەردىن ئارۇزنىڭ تەسىرىنى ئىزدىشىگە سەۋەپ بولغان بولسا كېرەك. ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› بىلەن شۇ دەۋردىكى يەنە بىر ئەدەبىي ئەسەر‹‹ئەتەبەتۇل ھەقايىق››مۇ دەل مۇشۇ ۋەزىنگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ ۋەزنى‹‹فەئۇلۇن، فەئۇلۇن، فەئۇلۇن، فەئۇل››دۇر. بۇ قېلىپ  تەفىلە  تۈزۈلۈشىنىڭ بىر نەتىجىسى سۈپىتىدە بوغۇم ۋەزنىنىڭ 11 بۇغۇملۇق شەكلىگە ماس كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››تىكى يۈزلەرچە بېيىت بوغۇم ۋەزنىدىكى مۇشۇ تۇراقتا يېزىلغان. بۇنىڭ ئارىسىدا 11=4+7 ۋە 11=6+5 تۇراقتىكى شەكىلگە ماس كېلىدىغانلىرىمۇ بار. بۇنى ھەرگىزمۇ تاسادىپىي بىر ئەھۋال دېگىلى بولمايدۇ. بۇ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەسىرىنى يازغاندا بوغۇم ۋەزنىنىڭ تۇراقلىرىنىمۇ نەزەردىن يىراق تۇتمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. باشقا تەتقىقاتچىلارمۇ توختىلىپ ئۆتكىنىدەك، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەسىرىدە بۇ جەھەتتىمۇ بىر تەسىر قالدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. بۇنىڭ ئەڭ ئېنىق ئىسپاتى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەسەردە ئارۇزنىڭ قائىدىلىرىدىن بىرى بولغان‹‹مەد››نى بىر قېتىممۇ قوللانمىغانلىقىدۇر.‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››تىكىگە ئوخشاش‹‹ئەتەبەتۇل ھەقايىق››تىمۇ ھېچبىر مىسرادا ‹‹مەد›› كۆرۈلمەيدۇ. شۇ سەۋەبلىك، بۇ ئىككى ئەسەرنى ئوقۇغاندا ئارۇزنىڭ رىتىمىگە پاراللىل ھالدا بوغۇم ۋەزنىنىڭ تەسىرى ۋە ئاھاڭدارلىقىمۇ ئېنىق ھېس قىلىنىدۇ. ئەلۋەتتە ‹‹دىۋان››دىكى ئارۇز ۋەزنىنىڭ تەسىرى مەسىلىسى ھەققىدە ئىزدەنمەكچى بولغان ھەر قانداق بىر تەتقىقاتچى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ پارسلار ۋە پارس مەدەنىيىتىگە قارشى تۇرۇشتەك مەۋقەسىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا ئىزدىنىشى كېرەك.‹‹دىۋان››دا يەنە ‹‹ئۆتۈك›› (ھېكايە، چۆچەك)، ‹‹ئەلۈك›› (مەسخىرە، ھەزىل، تەنقىت)، ‹‹قوشۇغ››(قوشاق، شېئىر، قەسىدە)،‹‹كۈگ›› (شېئىرنىڭ ۋەزنى)، ‹‹ساۋ››(رىۋايەت، قىسسە، ھېكايە، چۆچەك) قاتارلىق ئەدەبىي ئاتالغۇلارمۇ ئۇچراش بىلەن بىرلىكتە، چۇچۇ ئىسىملىك بىر شائىرمۇ  تىلغا ئېلىنىدۇ.  بۇ دەۋردە يەنە زاھىرى سەمەرقەندى، سۇزانى سەمەرقەندى، ئەھمەت يەسەۋىي، ھاكىم ئاتا، سۇلايمان ئاتا ۋە ئەيلاقى قاتارلىق نۇرغۇن شائىرلارنىڭ ياشىغانلىقى مەلۇم.
قاراخانىيلار دەۋرىدە يېزىلغان دىنىي ئەدەبىياتقا ‹‹سۇتۇق بۇغراخان تەزكىرىسى››، ‹‹تەفسىر››، ‹‹دىۋان ھىكمەت›› قاتارلىق ئەسەرلەرنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.
‹‹تەفسىر›› قارشى شەھىرىدىن تېپىلغان ۋە ئا.زەكىي ۋەلىدى توغان تەرىپىدىن پېتېربۇرگقا ئېلىپ بېرىلغان. ‹‹تەفسىر››نىڭ قاچان، كىم تەرىپىدىن قەيەردە يېزىلغانلىقى ئېنىق ئەمەس. تەتقىقاتلاردىن قارىغاندا، بۇ ئەسەر مىلادى 11- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ماۋرەئۈننەھرىدە يېزىلغان. ‹‹تەفسىر›› تولۇق ئەمەس، ئۇنىڭ باش ۋە ئوتتۇر قىسمىدىكى ۋاراقلار يوق، پەقەت ‹‹قۇرئان كەرىم››نىڭ  18- سۈرىسىنىڭ 4- ئايىتىدىن باشلىنىدۇ. ئەسەر ئەسلىدە ئەرەبچە يېزىلىپ، قۇرلار ئارىسىغا تۈركچە قىلىپ پەيغەمبەرنىڭ ھاياتى ۋە دىن تارىخىغا ئائىت ھېكايىلەر قىستۇرۇلغان. بۇ ‹‹تەفسىر››نىڭ ھازىر پەقەت بىرلا نۇسخىسى بار.
ئەھمەد ئىبنى سادۈل ئارغۇنى تەرىپىدىن يېزىلغان‹‹سۇتۇق بۇغراخان تەزكىرىسى›› بولسا سۇتۇق بۇغراخان ۋە ئۇنىڭ بالىلىرىنىڭ مەنقىبەلىرى سۆزلىنىدىغان نەسرىي ئەسەر بولۇپ، مىلادى 11- ئەسىردە يېزىلغان. ئۇنىڭ ئەسلى قول يازمىسى ھازىرغا قەدەر تېپىلمىدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا كۆچۈرۈلگەن نۇسخىلىرىغا ئەسەرنى كۆچۈرگۈچىلەر ئۆزى ياشاۋاتقان دەۋرگە ئائىت بەزى نەرسىلەرنى قوشىۋەتكەنلىكتىن بۇ تەزكىرىنىڭ ئارگىناللىقى تۆۋەنلەپ كەتكەن. ‹‹سۇتۇق بۇغراخان تەزكىرىسى›› كۆپ ئوقۇلغان ۋە كۆپ كۆچۈرۈلگەن بىر ئەسەر بولغانلىقتىن كۆچۈرگۈچىلەرنىڭ قولىدا ئۆزگىرىپ بۇزۇلغان. قاراخانىيلارنىڭ بىر مۇنچە خاقانلىرىنىڭ تارىخىمۇ بۇنىڭغا ئىلاۋە قىلىنغاچقا، ئادەتتە بىر تارىخىي ئەسەرگە ئايلىنىپ قالغان.  
بۇلاردىن باشقا، ئەھمەد يەسەۋىي، ھاكىم ئاتا ۋە سۇلايمان ئاتا قاتارلىق شائىرلار تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان خەلق ئەدەبىياتى ماھىيىتىدىكى مۇناجاتلار، ھىكمەتلەر ۋە ئومۇمەن نەسىھەتتىن ئىبارەت بولغان شېئىرلار مەيدانغا كەلگەن. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي قەۋملەر ئارىسىدا تەسەۋۋۇپ ئېقىمىنى تارقاتقان ئەھمەد يەسەۋىينىڭ دىنىي ۋە تەسەۋۋۇپىي قاراشلىرى ‹‹دىۋانى ھىكمەت›› دەپ ئاتالغان، بۇ ھىكمەتلەر بوغۇم ۋەزنىدە تۈزۈلگەن تۆتلۈك(7= 3+ 4، 12= 4+4+4) ئارقىلىق خەلققە چۈشەندۈرۈلگەن. ئەھمەد يەسەۋىي ھەققىدە ئەڭ مۇپەسسەل تەتقىقات ئېلىپ بارغان م. فۇئاد كۆپرۈلۈنىڭ كۆرسەتكىنىدەك، ئەھمەد يەسەۋىينىڭ ھىكمەتلىرىدە ئىككى مۇھىم ئامىل كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇنىڭ بىرى، مەزمۇن جەھەتتىكى ئىسلامىي ئامىل، يەنى بىرى بولسا شەكىل ۋە ۋەزىن جەھەتتىكى مىللىي ئامىلدىن ئىبارەت. شۇڭا، ‹‹دىۋان ھىكمەت››ھەم مەزمۇن ھەم شەكىل جەھەتتىن خەلقنىڭ ناھايىتى دىقىتىنى تارتقان.  يەنە كېلىپ ئۇنىڭ تىلىدا ساددىلىق، سەمىمىيلىك، جۇشقۇنلۇق ۋە راۋانلىقتىن ئىبارەت يېقىملىق بىر ئۇسلۇب بار ئىدى. بۇ ئامىللار سەۋەبىدىن‹‹دىۋان ھىكمەت›› خەلق ئارىسىدا ئۇزۇن زامان سۆيۈپ ئوقۇلغان بىر ئەسەرگە ئايلانغان. دېمەك، قاراخانىيلار دەۋرىدىن باشلاپ، بولۇپمۇ 10- ئەسىردە ئىسلامىيەت قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ئىككى خىل ئەدەبىي چۈشەنچە ۋە ئەدەبىي شەكىل بويىچە داۋاملاشتى. بۇنىڭ بىرى،  تۈركىي قەۋملەردە مىللىي ئەدەبىي ئەنئەنىگە ئايلانغان بوغۇم ۋەزنى، يەنە بىرى پارس ئەدەبىياتىدىن كىرگەن ئارۇز ۋەزنى ئىدى. ئارۇز ۋەزنى زىيالىيلار ئارىسىدا ئېتىبارلىق ئورۇنغا ئېرىشكەن، بوغۇم ۋەزنى بولسا خەلق شائىرىلىرى ئارىسىدا داۋاملاشقان.
قاراخانىيلار دەۋرىدە يۈسۈپ خاس ھاجىپ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتى تارىخىدىلا ئەمەس، پۈتكۈل تۈركىي قەۋملەر تارىخىدا شېئىرىي ئەدەبىيات مەكتىپىنى يارىتىش ئارقىلىق ئەدەبىياتىمىزغا ھەقىقىي بىر يول ئاچقان. لېكىن، بۇ يولدا كېيىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەدەبىي ماھارىتى، چۈشەنچىسى،   پىكرى ۋە غايىسىنى بويلاپ شۇ سەۋىيەدە ئەسەر يازغان بىرەر ئەدىپ ئوتتۇرىغا چىقمىدى. نەتىجىدە قاراخانىيلار دەۋرى يەنە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بىر قېتىملىق گۈللىنىشتىن چېكىنىشكە قاراپ يۈزلىنىشكە باشلىغان بىر دەۋرى بولۇپ قالدى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مىللەتنىڭ شېئىرىي تۇيغۇسىغا، تىل ئادىتىگە يات بولغان ۋە ئۇنىڭغا ماسلاشمىغان ئارۇز ۋەزنىنى تەتبىقلاشنىڭ بارغانسېرى ئەۋج ئېلىشى، بولۇپمۇ قاراخانىيلارنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىن باشلاپ پارس مەدەنىيىتىنى ئۆرنەك قىلىش خائىشىنىڭ كۈچىيىشى ئەدەبىياتنى مىللەتتىن ۋە رېئال ھاياتتىن، مىللىي ۋە ئىجتىمائىي تېمىلاردىن يىراقلاشتۇرىۋەتتى. ئەدەبىيات شەكىل ياكى بەدىئىيلىك جەھەتتىن قانچىلىك ھەيۋەتلىك كۆرۈلسىمۇ، مەزمۇن جەھەتتىن قۇرۇق قالىدىغان ئەھۋاللار ئوتتۇرىغا چىقتى. مىللىي روھقا بولغان ساداقەت بارغانسېرى ئېتىباردىن قېلىشقا  يۈزلەندى. تۈركىي قەۋملەرنىڭ ئۆز مەدەنىيىتى سەل چاغلىنىپ، بۇ مەدەنىيەتنى ھىمايە قىلغانلار نادان، جاھىل، مۇتەئەسسىپ دەپ قارالدى. بۇ خىل ئىجتىمائىي ھالەت نەتىجىسىدە‹‹تۈرك›› سۆزىمۇ ‹‹نادان››، ‹‹دۆت››، ‹‹قارا قوساق›› دېگەن مەنىدىمۇ ئىستىمال قىلىنىدىغان غەيرى ئەھۋال ئوتتۇرىغا چىقتى. مىللىي روھنى ئويغىتىدىغان، مىللەتكە يول كۆرسىتىدىغان، مىللەتنىڭ يۈكسىلىشىنى مەنبە بىلەن تەمىن ئېتىدىغان ئەدەبىياتتىمۇ مىللەتتىكى مەنىۋىي قۇدرەت، تارىخىمىزنىڭ ئۇتۇقلىرى، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئارزۇلىرى، مىللىي قەھرىمانلىرىمىز، ئۇلۇغ سىمالىرىمىز، مىللەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولغان خەلقنىڭ رېئال ھالىتى ۋە ئۈمىدى ئاشۇ خەلققە چۈشىنىشلىك تۈركىي تىل بىلەن ئىپادىلىنىپ، روھ ۋە غۇرۇرنى ئويغىتىپ، ئۇنىڭغا كۈچ – قۇۋۋەت ئاتا قىلىپ يول كۆرسىتىشنىڭ ئورنىغا، ئەرەب ۋە پارس ئەدەبىياتىدىكى موتىفلار، ئوبرازلار ۋە ئاشۇ ئەدەبىيات ئۇسلوبىدىكى تېمىلار سۆزلىنىپ رېئاللىقتىن يىراقلىشىپ كەتتى. يەنە كېلىپ بۇ ئەدەبىيات پارس تىلىدا يېزىلغان. تۈركىي تىلدا يېزىلغان ئەسەرلەردىمۇ ئەرەب ۋە پارس تىلىدىن كىرگەن سۆزلۈكلەر ئاساسىي سالماقنى ئىگەللىگەن بولۇپ، ئۇمۇ جانلىق تىلدىن يىراقلىشىپ كەتكەن. نەتىجىدە ئارۇز ۋەزنىگە تايانغان ئەدەبىياتتا تىل شېئىرنىڭ كونتروللىقىغا ئۆتتى، سۆزلۈك ۋە ئۇقۇملار تاللانغاندا مەنىدىن بەكرەك سۆزنىڭ ئاھاڭدارلىقىغا ۋە ئارۇزنىڭ قېلىپىغا ئۇيغۇن كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكى نەزەرگە ئېلىندى. بۇ ئەھۋالدا ئارۇز ۋەزنىگە تېخىمۇ ئۇيغۇن بولغان ئەرەبچە ۋە پارسچە سۆزلۈكلەر مۇھىم ئورۇنغا قويۇلدى. ئوردا – سارايلارمۇ بۇ ۋەزىنگە ئېتىبار بەردى. خەلقتىن يىراقلاشقان بۇ خىل يازما ئەدەبىياتتىن ھەرگىزمۇ خەلقىمىزگە مەنىۋىي يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈتكىلى بولمايتتى. بارتولد بۇ ھالەتنى‹‹تۈركلەرگە ئىسلامىيەتنىڭ ۋە پارس ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرى شۇ دەرىجىدە كۈچلۈك بولغان ئىدىكى، تۈركلەر ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تارىخىنى پۈتۈنلەي ئۇنۇتتى›› دەپ تەرىپلىگىنىدەك، گېرمان نەسىللىك شەرقشۇناس رادلوفمۇ بۇ خىل ھالەتنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى چوڭ چېكىنىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن : ‹‹ئۇلارنىڭ زور بىر قىسمى ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن باشقا مىللەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ دىنىي قېرىنداشلىرى بولغان ئەرەب ۋە پارسلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالدى. بۇ تەسىرنى بولۇپمۇ ئەدەبىي ئەسەرلەردە كۆرۈش مۇمكىن. ئۇلار ئۆز تىلىغا ماس كەلمەيدىغان ئەرەب يېزىقىنى قوبۇل قىلىپلا قالماي، يەنە ئەدەبىي تىلىدىنمۇ مىڭلارچە سۆزلۈكنى ئېلىپ شۇنداق بىر ئەدەبىي تىلنى مەيدانغا كەلتۈردىكى، بۇ تىل ئۈستىگە رەڭگارەڭ  ۋە  خىلمۇ خىل ياماق سېلىنغان بىر كىيىمگە ئوخشاپ قالدى. بۇ ئەدەبىي تىل تەبىئىي ھالدا تۈرك خەلقى ئۈچۈن چۈشەنگىلى بولمىغان بىر ھالقىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ خەلقنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى يۈكسەلدۈرۈشنىڭ ئورنىغا، خەلق مەدەنىيىتىنىڭ ساپ مېۋىلىرىدىن ئوزۇقلىنالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆز ئۆزىنى تۈگەشتۈردى.›› مەدەنىيەت ساھەسىدە كۆرۈلگەن بۇ ھادىسە تۈپەيلىدىن، مىللىي روھنىڭ يۈكسەك ئىپادىسى بولغان ‹‹ئوغۇزنامە›› داستانى قاراخانىيلار تەۋەسىدە ياشىغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئەمەس، بەلكى ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ساقلىنىپ قەلەمگە ئېلىندى. ئافراسىياب (قاراخانىيلاردا يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد كاشغەرىيدىن كېيىن ئۇنتۇلدى)، تونيۇقۇق ۋە بۆگۈ قاغانغا ئائىت خاتىرىلەرمۇ ئىدىقۇت  ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ساقلاندى. چاغاتاي دەۋرىگە ئۆتۈش بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تامامەن تەقلىدىي بىر ئەدەبىياتقا ئايلاندى. ئوتتۇرا ئاسىيادا نەۋايى، ئاناتولىيەدە ئاھمەت پاشا ئارۇز ۋەزنىنى يۈكسەلدۈردى. لېكىن نەۋايىمۇ تۈرك -ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ۋە كىلاسسىك شېئىرنى تەقلىدتىن ۋە نەقىل كەلتۈرۈشتىن قۇتۇلدۇرالمىدى. خەلق ئارۇز ۋەزنىنى ۋە تەقلىدىي ئەدەبىياتنى چۈشىنەلمەي، ئۇنىڭدىن زوق ۋە كۈچ ئالالمىغاچقا، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي تۇيغۇسىنىڭ مەھسۇلى بولغان ئەدەبىي ئۆلچەملىرىدە ۋە بوغۇم ۋەزنىدە ئىجاد قىلىشنى داۋام قىلدۇردى. نەتىجىدە كەڭ خەلقنىڭ ئەدەبىي ئىستەكلىرى پەقەت ساپ تۇيغۇدىن يارىتىلغان خەلق ئەدەبىياتى ئارقىلىق قانائەت تاپتى.   

0

تېما

19

دوست

3974

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   65.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14768
يازما سانى: 435
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 34
تۆھپە : 1149
توردىكى ۋاقتى: 197
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-21 19:50:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەلەرنى‹ بەزىلەر› ھازىرقى دەۋرىگە ماسلىشالمايدۇ دەپ كەسكىنلا باھا بىرىۋىتىپتىكەن ،   چەتئەللىك ئالىملار ھازىرغىچە تەتقىق قىلۋاتىدۇ ،

تېما ئىگىسىگە رەھمەت .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

2

دوست

3139

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   37.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27382
يازما سانى: 355
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 928
توردىكى ۋاقتى: 100
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 01:05:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخىمىزدىكى شانلىق دەۋرلەرنىڭ بىرسى .ئۇيغۇرنىڭ  ئىلىم ئىشلىرى ئەڭ تەرەققى قىلغان دەۋر .

adimilik ayrilmas hamrahing&a

4

تېما

26

دوست

5693

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   13.86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9336
يازما سانى: 450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 451
تۆھپە : 1414
توردىكى ۋاقتى: 120
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 10:27:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاراخانىلەر دەۋرىدىكى ئەسەرلەردىمۇ خەلقىمىزنى نادانلىقتىن قۇتۇلۇپ ، ئىلىم - مەرىپەتكە ئۈندىگەن ئىدى ، ئەپسۇس ، ئايرىم كىشىلەرنىڭ ۋۇجۇدىدا تا ھازىرغىچە ھۆكۈم سۈرۋاتىدۇ بۇ نادانلىق ، ئويلىسا ئادەمنىڭ يۈرىكى ئېچىشىدۇ .

0

تېما

4

دوست

1775

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   77.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28321
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 536
توردىكى ۋاقتى: 101
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 16:31:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«تۇركىي تىللار دىۋانى»، «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ۋاقتى مەڭگۇ ئوتمەيدۇ !
بۇلار ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىكى نۇرلۇق ئابىدە.
ۋاقتىڭلار بولسا، يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق ئەپەندىنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ئاساسىدا يىزىلغان «ئوغلۇم ئالدىڭغا قارا» دىگەن كىتاۋىنى ئوقۇپ قۇيۇڭلار .

0

تېما

4

دوست

1775

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   77.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28321
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 536
توردىكى ۋاقتى: 101
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 16:32:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقۇرغۇچىلار تىمىنى تەھرىرلەپ ئوڭدىن باشلىنىش ھالىتىگە تەڭشەپ قۇيساڭلار .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )