قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5915|ئىنكاس: 24

يەر شارىنىڭ 2015-يىللىق ۋەزىيىتى ھەققىدە پەرەزلەر-1

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

25

تېما

1

دوست

1412

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   41.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30148
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 60
تۆھپە : 440
توردىكى ۋاقتى: 52
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-21 20:20:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەر شارىنىڭ2015-يىللىق ۋەزىيىتى ھەققىدە پەرەزلەر-1

    ئەنگلىيە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ مۇخبىر، تەھرىر، مەخسۇس سەھىپە يازغۇچىلىرى بىرلىكتە يازغان ماقالە
   ئەنگلىيە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ پېشقەدەم ئوبزورچىلىرى، مەخسۇس سەھىپە يازغۇچىلىرى ۋە مۇخبىرلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2015-يىللىق يەر شارى سىياسىيسى، ئىقتىسادى، جەمئىيىتى، پەن-تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ئومۇمىي ۋەزىيىتى ھەققىدە پەرەزلىرىنى چىقاردى. مەزكۇر ماقالە بۇ پەرەزلەرنىڭ بىرىنچى قىسىمى بولۇپ، جۇڭگونىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتى %7دىن تۆۋەن بولىدۇ، خەلقئارا نېفىت باھاسى ھەر باكى 50 ئامېرىكا دوللىرىدىن چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن.
   2014-يىلى ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئەنگلىيە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»يەنە بىر قىسىم چوڭ زىيىنى يوق پال ئاچتى. بۇرۇنقىغا ئوخشاش، بىز ئەنگلىيە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ بىر قىسىم مۇتەخەسسىس ۋە ئوبزورچىلىرىنى تەكلىپ قىلدۇق، ئۇلار چىراق نۇرىنى غۇۋا تەڭشەپ، خرۇستال توپنىڭ ئۈستىدىكى چاڭ-توزاننى قېقىۋېتىپ، ئەنگلىيە چوڭ سايلىمىدىن تاقالما مەھسۇلاتلار تېخنىكىسىنىڭ كەلگۈسىگىچە بولغان بىر قاتار مەسىلىلەردە كەلگۈسى 12 ئايدا قانداق ئىلگىرىلەش كۆرۈلدىغانلىقىنى پەرەز قىلدى.
    بۇ ئەلۋەتتە خەۋپ-خەتىرى بار بىر سىناق.  بىز 2013-يىلى يازغان يېڭى يىللىق پەرەز ماقالىسىنى ئەسلەپ باقساق، ئۇنىڭدا نەچچە تۈرلۈك پەرەزنى ئەمدى سۆزلىگۈمىز يوق. كرىس جىلېس (Chris Giles) ئەينى چاغدا ئەنگلىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ 2014-يىلى ئۆسۈم قوشىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان ئىدى. سىمون كۇپېر (Simon Kuper) بىرازىلىيەنىڭ دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىدا چىمپيون بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان ئىدى. كلىۋ كۇكسون (Clive Cookson) ۋىرگىن سامان يولى جەمئىيىتىنىڭ 2014-يىلى تۇنجى مۇۋەپپەقىيەتلىك سودا ئالەم قاتنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان ئىدى.
    بەزى خىزمەتداشلار ئورنىدىن تۇرۇپ ئالقىش سادالىرىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك .ۋىكتور ماللېت (Victor Mallet) نادېللا مودىنىڭ ھىندىستان سايلىمىدا غەلبە قىلىدىغانلىقىنى توغرا پەرەز قىلدى. جوناسېن فورد شوتلاندىيە ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويۇشتا مۇستەقىللىق رەت قىلىنىدىغانلىقىغا بولغان ھۆكۈمىدە قىلچە خاتالىق يوق (گەرچە ئاۋازغا قويۇش ھارپىسىدە بۇ نەتىجىدە بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەر مەۋجۇت بولسىمۇ)؛ گىدېئون رېچمان فرانسىيە مىللىي فرونتى ۋە ئەنگلىيە مۇستەقىللىق پارتىيىسىنىڭ 2014-يىلى 5-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا پارلامېنت سايلىمىدا غەلبە قىلىدىغانلىقىنى ئالدىن كۆرۈپ يەتتى.
   ئەلۋەتتە، بۇ خىل «پال ئېچىش تېخنىكىسى» پەقەت بەلگىلىك دەرىجىدە بەلگىلەنگەن مەسىلىگە توغرا جاۋاب بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك. ئەپچىل چارە باشتىلا  توغرا مەسىلىنى تاللاشتۇر. 2013-يىلى، بىز ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىدىغان قىلمايدىغانلىقىنى، «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» دېگەن مەخپىي تەشكىلاتنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەھدىتنى ئۆزگەرتىدىغان ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى، كۇبانىڭ يېتىم ھالەتتىن قۇتۇلۇپ چىقىدىغان چىقمايدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتۇق. شەك-شۈبھىسىزكى، 2015-يىلىغا بولغان پەرەزمۇ ھەم شۇنداق بولىدۇ. يەر شارى خەۋەر سەھنىسىدە بىز بۈگۈنگەندە قەدەر ئويلاپمۇ باقمىغان ۋەقەلەر چوقۇم ئېلان قىلىنىدۇ.
  جامس بلىتز (James Blitz)
  2015-يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %7 دىن چۈشۈپ كېتەمدۇ؟
شۇنداق. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئېھتىمال 2015-يىللىق دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى(GDP)نىڭ ئېشىش نىشانىنى %7 ياكى يۇقىرى سەۋىيەدە ساقلاپ قېلىپ، ئىشەنچنىڭ يىمىرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىرادىسىگە كېلىشى مۇمكىن. ئەپسۇس، جۇڭگو ئىقتىسادى ئارزۇ قىلغىنىدەك بولماسلىقى مۇمكىن، ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاپ %7 دىن سەل  تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشىدۇ.
   2014-يىلدىكى GDP ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ مۆلچەرىدىكىدىن سەل تۆۋەن بولىدىغانلىقى مۇقىملىشىپ قالغانلىقىنى ئويلاشقاندا، ئىقتىساد پىلانلىغۇچىلار چوقۇملا بۇ كۆرۈنۈشنىڭ 2015-يىلى قايتا ئوينالماسلىقىنى ناھايىتى ئۈمىد قىلىدۇ. لېكىن دۆلەت ئىچى قەرزى شىددەت بىلەن توپلىنىش، مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش ئاستىلاش، ئۆي-مۈلۈك سېتىش كاسات بولۇش قاتارلىقلار جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ھاياتىي كۈچىنى ئېغىر چەكلەيدۇ.پۇل سىياسىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ قويۇپ بېرىشى مۇمكىن، چۈنكى جۇڭگو ھۆكۈمىتى نۆۋەتتىكى تۆۋەن پۇل پاخاللىقى (ئىستېمالچىلار باھاسى بويىچەھېسابلانغان) مۇھىتىنىڭ تارىيىش ۋىنتىسى بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇنماقتا. بۇنداق تەدبىرنىڭ ئىستېمال چىقىمىنى يۆلەيدىغانلىقىدا ئۈمىد بار، لېكىن ئىستېمال چىقىمىمۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەڭ چوڭ ئۈمىدى.
  جامېس كىنجى (James Kynge)
   نېفىت باھاسى 50ئامېرىكا دوللىرىدىن چۈشۈپ كېتەمدۇ؟
شۇنداق. يەر شارى نېفىت بازىرىدا تەمىنلەش تەلەپتىن يۇقىرى بولۇشى برېنت خام نېفىت باھاسىنى 2014-يىلى 6-ئايدىن 12-ئايغىچە يېرىمغا يېقىن چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. مېنىڭچە تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش ھادىسىسى ھېچ بولمىغاندا 2015-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىغىچە داۋاملىشىدۇ، بۇنىڭدا ئىككى سەۋەب بار.
   ئالدى بىلەن، نېفىت تەمىنلەش ئېشىشى مۇمكىن. گەرچە مالىيە بېسىمىغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا سلانتس نېفىت كەسپى (ئومۇميۈزلۈك ھالدا بۇنۆۋەتلىك نېفىت باھاسى چۈشۈپ كېتىشتە ئەڭ بىۋاسىتە زەربىگە ئۇچرىغان كەسپ دەپقارىلىدۇ)نىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇش ئىقتىدارى بار. بىرلا ۋاقىتتا، سەئۇدىئەرەبىستان ھەمدە نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باشقا ئەزالىرىنىڭ نامدا مەھسۇلاتنى ئازايتقاندىن باشقا ئىش قىلىشىنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوق دېيەرلىك.
   ئىككىنچىدىن، ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى 2014-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدەك داۋاملىق ھالسىزلىنىدۇ. جۇڭگو ھەمدە باشقا يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى زور دەرىجىدە ئەسلىگە كېلىشى ئېھتىمال بۇ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن، ئەمما ئەڭ ئۈمىدۋار ئەھۋال بولسا بۇنداق ئەسلىگە كېلىش نەچچە ئايدىن كېيىن ئاندىن كۆرۈلىشى مۇمكىن. بۇ شەرتلەر ئاستىدا نېفىت باھاسىنىڭ ھەرباكىنىڭ 50 ئامېرىكا دوللىرىدىن چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ.
   ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، بازار كۈچلىرى رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. نىسبەتەن تۆۋەن باھا ئېھتىياجنى قوزغىتىدۇ ھەمدە تەمىنلەشنى تىزگىنلەيدۇ، بولۇپمۇ ئامېرىكىدا شۇنداق. 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدا نېفىت باھاسىنىڭ يىل بېشىدىكى سەۋىيەدىن يۇقىرى بولۇش مۇمكىنچىلىكى نىسبەتەن چوڭ. بىر ئىشنى جەزىملەشتۈرگىلى بولىدۇ: نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشىشى قانچە چوڭ بولسا نېفىت ئىشلەپچىقىرىشقا مەبلەغ سېلىشقا بولغان زىيان شۇنچە چوڭ بولىدۇ، كەلگۈسىدە ئەسلىگە كېلىشىمۇ شۇنچە شىددەتلىك بولىدۇ.
   ئېد كرۇكس (Ed Crooks)
   ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى ئومۇميۈزلۈك  مىقدارلاشتۇرۇلغان قويۇپ بېرىش سىياسىتى قوللىنامدۇ؟
  شۇنداق. ياۋرو رايونى پۈتكۈل گەۋدىسىنىڭ پۇل پاخاللىقى %0.3 كە چۈشتى،ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى تۈزگەن «ئوتتۇرا مەزگىل ئىچىدە %2 دىن تۆۋەن ياكى يېقىن»نىشاندىن كۆپ تۆۋەن. ھازىرقى ئەڭ چوڭ خەتەر زىيادە تۆۋەن پۇل پاخاللىقى ياكى تەلتۆكۈس تارايغان مۆلچەرنى مۇقىملاشتۇرۇشتۇر.
   بۇ دەل نېمە ئۈچۈن ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى مارىيو دراجى (Mario Draghi)نىڭ 2014-يىلى 12-ئايدا بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر بانكىنىڭ كاپىتال قەرزى «كۆلىمىنى 2013-يىلىنىڭ بېشىدىكى سەۋىيەگە قايتۇرماقچى»بولغانلىقىنىڭ سەۋەبى. بۇ ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ كاپىتال قەرز جەدۋىلىدە تەخمىنەن 1 تىرىلىئون ياۋرونىڭ كۆپىيىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھوقۇقلۇق زايومنى بىۋاسىتە سېتىۋالغاندىن سىرت، باشقا لايىھەنىڭ بۇ نەتىجىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىش ناھايىتى تەس.
   ئەپسۇسلىنارلىقى، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى باشقۇرۇش كومىتېتى «مۆلچەر»دېگەن سۆزنى «قىلماقچى» دېگەنگە ئۆزگەرتىشكە قارشى تۇرىدۇ. لېكىن، قارشى تۇرۇشمەيلى قانچە كۈچلۈك بولسۇن، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى جەزمەن ئۇرۇنۇپ بېقىشقا مەجبۇر بولىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە ئۇچقۇنلارنىڭ چاچىرىغانلىقىنى كۆرۈشنى ساقلاپ تۇرايلى.
   مارتىن ۋولف (Martin Wolf)
   ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ۋە ئەنگلىيەمەركىزىي بانكىسىدىن قايسىسى ئاۋۋال ئۆسۈم قوشىدۇ؟
   ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئاۋۋال ئۆسۈم قوشىدۇ. ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىر ھېكمەتنى خاتىرىلىۋېلىڭ: مەڭگۈ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى بىلەن تىكىشمەڭ. 2015-يىلدىكى ئۆسۈم پىرسەنتىنى تىلغا ئالساقمۇ، بۇ سۆز يەنىلا ناھايىتى ياخشى تەكلىپ. نوقۇل ئىقتىسادقا قارىسىڭىزلا بۇ خۇلاسىنى چىقىرالمايسىز.ئەنگلىيە ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچى كىرىزىسى ئىقتىسادتىكى ئارتۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تامامەن دېگۈدەك يوقاتتى، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ پۇل پاخاللىقى ئاشماسلىق ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلەتتى. ئەمگەككە قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكا ئەمگەك كۈچى بازىرى تېخىمۇ كۆپ بوش بايلىققا ئىگە، تېخىمۇ ئۇزۇن مەزگىل ئىچىدە نىسبەتەن تۆۋەن ئۆسۈم پىرسەنتىنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىشى مۇمكىن.
    ئۆسۈم پىرسەنتىدە ئىقتىسادقا قاراشلا مۇھىم بولۇپ قالماستىن، مەركىزىي بانكىنىڭ ھەرىكىتىمۇ ناھايىتى مۇھىم. ئامېرىكا زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ھەرىكىتىنى مۇۋاپىق مۆلچەر قىلغىلى بولىدۇ، ئەنگلىيە مەركىزىي بانكىسى نامى چىققان تۇتۇرۇقسىز. بۇ ئايدا ئۇ ئۆزىنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى تەپكىگە قويغانلىقىدىن بېشارەت بەردى؛ كېيىنكى ئايدا ئۇ ئۆسۈم قوشۇشنىڭ يەنىلا ئىنتايىن يىراقتىكى ئىش ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەنگلىيە مەركىزىي بانكىسى 2015-يىلى 5-ئايدىكى چوڭ سايلامدىن ئىلگىرى ھەرقانداق ھەرىكەت قوللىنىشنى ئويلاشماسلىقى مۇمكىن، ئۇنىڭدىن كېيىن ئېھتىمال باھانە تېپىپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئاۋۋال ھەرىكەت قوللىنىشىنى ساقلاپ تۇرۇشى مۇمكىن.
   كرسى گىلېس (Chris Giles)
   ھىندىستان ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى مودى ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە تېزلىشەمدۇ؟
   شۇنداق، ئەمما سىزنىڭ «تېزلىشىش» كە قانداق ئېنىقلىما بېرىشىڭىزگە قاراش كېرەك. ئالدىنقى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر يىلىدىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيەت بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھىندىستان ئىقتىسادى مودى ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە ھەقىقەتەن تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى كېرەك. ئەمەلىيەتتە، ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشى 2013-يىلى %5دىن چۈشۈپ كەتكەن ۋاقتى ئېھتىمال ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشكەن بولۇشى مۇمكىن. مودى تەختكە چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشى %5.7كەيەتتى (گەرچە ئۇنىڭ بۇنىڭدا تۆھپىسى كۆپ بولمىسىمۇ). 2015-يىلىدا ھىندىستانغا پايدىلىق نەچچە ئامىل بار. نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى دائىملىق ھېساباتلارنىڭ قىزىل رەقەم بېسىمىنى يېنىكلىتىدۇ ھەمدە يەنە پۇل پاخاللىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ كونترول قىلىشقا پايدىلىق بولۇشى كېرەك، ئىقتىسادىي ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۆسۈم ئازايتىشنى يولغا قويۇش مۇمكىنچىلىككە ئايلىنىدۇ. مودىنىڭ ئامىتى ياخشى،ئۇنىڭ دۇنيا دەرىجىلىك مەركىزىي بانكا باشلىقى راگۇرام راجان بار.
   بىراق، ھەقىقىي خىرىس ھىندىستاننىڭ يوشۇرۇن ئىقتىسادىي ئېشىشىنى نەچچە يىل ئىلگىرى ساقلاپ كېلىۋاتقان %7 دىن %9 ئارىسىغا قايتۇرۇپ كېلىشكە باغلىق. بۇ دەل قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. مودىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىكى بىرقىسىم بيۇروكراتلارنى قورقۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ۋاقتىدا خىزمەتكە كېلىشىنى تەلەپ قىلىشلا ئەمەس. ئۇ مەسىلەن ئەمگەك كۈچى بازىرى، باج ياكى چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش بەلگىلىمىسى جەھەتتە بىر قىسىم جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان ئىسلاھاتلارنى قىلىپ،مەبلەغ سالغۇچىلارغا ھىندىستاننىڭ نورمال ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىشەندۈرۈش كېرەك.
  داۋىد پىللىڭ (David Pilling)
   2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، ئېبولا ۋىرۇسى غەربىي ئافرىقىدا يىلتىزىدىن يوقامدۇ؟
   شۇنداق. بۇ قېتىم غەربىي ئافرىقىدىكى ئېبولا يۇقۇم ئەھۋالى بىر يىل ئىلگىرى گۋىنېئادىن باشلانغان، 2014-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ ئېغىر ۋەھىمە قوزغىدى. شۇنىڭدىن كېيىن دۇنيا ئېبولا ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تولۇق سەھىيە بايلىقى ۋە مەبلەغ ئاجرىتىپ، كېسەلنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلىدى. گەرچە ئومۇمىي ئۆلگەن ئادەم سانى 7مىڭغا يېقىنلاپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما يۇقۇم ئەھۋالى نۆۋەتتە تېخى كونترول قىلىنمىدى.
   ۋىرولوگىستلارنىڭ (ۋىرۇسشۇناس) بىلدۈرۈشىچە، ئېبولا ۋىرۇسىنىڭ ماھىيىتى (بۇ خىل ۋىرۇس يۇقۇملانغۇچىغا نىسبەتەن ھەمىشە ئەجەللىك بولىدۇ، ئەمما يۇقۇشچانلىقى ئۇنچە كۈچلۈك ئەمەس) بۇ خىل ۋىرۇسنىڭ تۈپ يىلتىزىدىن يوقىشى مۇمكىنلىكىنى بەلگىلەپ بەردى، پەقەت باشقىلار بىمار بىلەن تېنى بىۋاسىتە تېگىشىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. غەربىي ئافرىقىدىكى يەرلىك سەھىيە خىزمەتچىلىرى بىر مەزگىل ئازابلىق ئۆگىنىشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ھازىر تېخىمۇ بىخەتەر ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك شەكىلدە ئېبولا ۋىروسىغا قارشى  تۇرماقتا ھەمدە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، چېگراسىز دوختۇرلار تەشكىلاتى ۋە باشقا نۇرغۇن ئورگانلارنىڭ ياردىمى غەربىي ئافرىقىغا كىرمەكتە. بىز 2015-يىلى مەغلۇبىيەت ۋە يۇقۇم ئەھۋالى يامراشقا ئۇچرايمىز، ئەمما غەربىي ئافرىقا ئېبولا بولمىغان2016-يىلنى كۈتسە بولىدۇ.
كلىۋ كۇكسون (Clive Cookson)
«پۇل-مۇئامىلەۋاقىت گېزىتى»دىن ئوكيان تورى تەرجىمە قىلدى

0

تېما

19

دوست

3974

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   65.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14768
يازما سانى: 435
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 34
تۆھپە : 1149
توردىكى ۋاقتى: 197
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 04:07:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرنىمە دەپ بولمايدۇ جۇمۇ ،،،
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

17

تېما

28

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.76%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1543
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4360
توردىكى ۋاقتى: 1730
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 11:08:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئالدى بىلەن ئىنگىلىيە ئىمپىريەسىدىن چاتاق چىقامىكىن، ئەنگىلىيەدە ئۈيۈم يوق دەيدىغان پۇخرالار كۈپىيۋىتىپتۇ، ئاۋىستىرالىيەدە ئۆي ئىجارىسى ئۈسۈپ، نەچچە جان چەت-ياقىلاردىكى كاتەكتەك ئۆيدە تۇرىدىغان بۇپتۇ.
  ئۇ يەرلەردە بۈيۈك جۇڭخۇا ئىلىمىزدىكىدەك تۇلۇقلىما بېرىپ ئۆي سېپ بېرىدىغان ئىش يوقتەك قىلىدۇ...

0

تېما

4

دوست

2269

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21877
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 668
توردىكى ۋاقتى: 61
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 19:37:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگو ئىقتىسادى 5% لىك ئېشىشىنى تاماملىيالىسا چوڭ گەپ چۈنكى ھازىر چەتئەل كارخانىلىرى جۇڭگودىكى زاۋۇتلىرىنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا يۆتكەۋاتىدۇ .جۇڭگۇدىكى ئىش ھەققى ئۆستى . ئىشسىزلىق نىسبىتى يۇقىرلايدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە رۇسسىيە پۇل پاخاللىقىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە رۇسسىيەنىڭ ئىمپورت مىقدارى تۈۋەنلەپ كەتتى . ئۆتكەن كۈنى پايچېكى بازىرى بىر قېتىملىق ‹‹قارا پەيشەنبە››نى كۈتىۋالدى .

0

تېما

4

دوست

2269

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21877
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 668
توردىكى ۋاقتى: 61
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 19:39:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2015-1-22 11:08
ئالدى بىلەن ئىنگىلىيە ئىمپىريەسىدىن چاتاق چىقامىكىن ...

ئەنگىلىيە ئاۋۋال يېقىللمايدۇ چۈنكى ئۇ دۇنيانىڭ پۇل-مۇئامىلە مەركىزى .ئامېركا  گۇمران بولسا يېقىلامىكىن  

0

تېما

0

دوست

409

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   54.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32921
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 128
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 23:30:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامىرىكا گۇمران بولسىمۇ ئەنگىلىيەنىڭ يىقىلىشى ناتايىن، چۈنكى ئامىرىكا دۇنياغا خوجا بولمىغاندا ئەنگىلىيە خوجىتى، ھېلىھەممۇ  ئەنگىلىيە فۇنىستىرلىڭىنىڭ دۇنيادىكى بىرىنچىلىك ئورنى تېخى يوقىغىنى يوق، مەن ئويلايمەن ئەنگىلىيە ھېلىھەممۇ ئامىرىكىدىن كۈچلۈكمىكىن دەپ.

0

تېما

0

دوست

802

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   60.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18287
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 250
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 13:12:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېلىقى  لاڭشەنپىڭ ئەپەندىنىڭ  ماقالىلىرنى تەرجىمە قىلدىغانلار بولسا  مۇنبەرگە يوللاپ قويسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى كاللىسى  ئېچىلىپ قالىدۇ

25

تېما

1

دوست

1412

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   41.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30148
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 60
تۆھپە : 440
توردىكى ۋاقتى: 52
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 15:49:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kulpat يوللىغان ۋاقتى  2015-1-23 13:12
ھېلىقى  لاڭشەنپىڭ ئەپەندىنىڭ  ماقالىلىرنى تەرجىمە قىل ...

تەرجىمە قىلىپ باقتۇق، كۆرىدىغانلار بەكلا ئاز ئىكەن.
ئەكسىچە يالغان ياۋىداق، جىنسىيەت، شەھۋانىي تۈستىكى ئۇچۇرلارنى بەك كۆرىدىكەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )