- تىزىملاتقان
- 2012-12-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7862
- نادىر
- 0
- يازما
- 456
ئۆسۈش
57.24%
|
21-ئەسىرگە پەقەت 24 كۈن قالغان--2001-يىل 12-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىدى. شىنجاڭ
ئۇنۋېرستىتۇتى ئۇنۋېرسال بىناسىنىڭ 516-زالىغا ستۇدېنتلار سائەت 4تىلا كېلىۋالدى.بوش ئورۇن يوق،بەزىلەر ئۆرە،زالغا كىرەلمىگەنلەر ھەتتا كارىدۇردا تىقما-تىقماق...
<<كەلدى!>>دېگەن بىر بەختىيار ساداغا دېڭىز شاۋقۇنلىرىدەك قىيقاس-سۈرەنلەر،چاۋاك-ئالقىشلار قوشۇلۇپ كەتتى.زالغا كىرىۋاتقانلار بوكس باتۇرلىرىمىز: دۆلەتلىك 1- دەرىجىلىك بوكس تېرېنىرى--ئابلىكىم ئابدۇرېشىت،بوكس پادىشاھى --ئابدۇشۇكۇر ئابدۇمىجىت،ئاسىيا چىمپىيونى،ئۇيغۇر ئەزىمەتلىرىگە ۋاكالىتە بوكس تۈرىدە ئولىمپىك دەرۋازىسىنى تۇنجى قېتىم ئاچقان--ئابدۇراخمان ئابلىكىم،60 كىلوگراملىقلار چىمپىيونى --ئەكرەم ئىسھاقلار ئىدى. ئەزىمەتلەر-ستۇدېنتلار ئۆزئارا ئىززەت-ئىكرام بىلدۈرۈپ، چاۋاكلار ئىچىدە ئۇزۇنغىچە ئۆرە تۇرۇشتى.كەيپىياتقا قاراپ:<<ئادەملەر ھۆكۈمدار،پۇلدارلىرى بىلەن ئەمەس،قەھرىمان-باتۇرلىرى،ئىجادكار ئالىملىرى،ئەدىبلىرى بىلەن پەخىرلىنىدۇ.>>دېگەن ھېكمەتنى ئىختىيارسىز يادلىدىم.
ئاۋۋال ئابلىكىم ئابدۇرىشىت سۆز قىلدى.ئۇ:<<بوكستا تەر چىقسا ھېساپ ئەمەس،قان چىقسا ھېساپ!>> دېدى.ئاندىن ئابدۇشۇكۇر سۆز قىلدى.ئۇ سۇئالغا:<<مەن يىقىلغان جايىمدىن دەس تۇرۇپ،ئالتۇن مېدال ئالغان>> دەپ مەردانە جاۋاپ بەردى. ئاخىرىدا ئابدۇراخمان سۆز قىلدى.ئۇ:<<باتۇر بولماقچى ئىدىم>>دېدى. ياشلار ياقتۇرىدىغان سپورتچىلار شاپكىسىنى كۆزىگىچە باسۇرۇپ كىيگەن ئابدۇراخماننى سەھنىدە كۆرۈپ،خىيالىم 19-سېنتەبىرگە كەتتى.شۇ كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە
بېرىپلا كومپيۇتېرنى ئېچىپ،سېدنېيدىن خەت ئىزلىدىم.ئەسكەرتىپ قوياي:ئابدۇراخماننىڭ سېدنېي ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا بارىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ،بەزى سەۋەپلەر بىلەن بىللە بارالماي،بېيجىڭدا قالغان تېرېنىرى ئابلىكىم ئارقىلىق سېدنېيدا ئولتۇراقلاشقان سىڭلىمنىڭ ئادرېسىنى،تېلىفون نومۇرىنى تىيەنجىندىن يولغا چىقىش ئالدىدىكى ئابدۇراخمانغا يەتكۈزۈپ بەرگەن ئىدىم.ئۇ يەردىكى ۋەتەنداشلارمۇ ئابدۇراخماندىن پەخىرلەنسۇن،ئۇنى كۈتۈۋالسۇن،ئەتىۋارلسۇن دېگەن ئۈمىدتە. ئۇھ!خەت بار ئىكەن.شۇ چاغدا مەن خەتنى گۇيا بىرنەپەستە دېگۇدەك ئوقۇۋەتتىم:<<...ئابدۇراخماننىڭ ئولىمپىك كەنتىدىن بەرگەن تېلىفونىنى ئېلىپ،ئائىلىمىز بىلەن بەك خوشال بولدۇق.بالىلىرىم بىلەن گۈلدەستىلەرنى ئېلىپ،ئۇنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرگىلى باردىم.ئۇنىڭ بىلەن پولشالىق ماھىر پاكازېتىك(ئۇنىڭ نەتىجىسى ياۋروپادا 2-ئورۇندا ئىكەن)مەيدانغا چۈشتى.ئابدۇراخمان دەسلەپتە شىردەك ئېتىلىپ كەينى-كەينىدىن مۇشت ئاتتى.بىز گۈللىرىمىزنى پۇلاڭلىتىپ تازا ۋارقىرىدۇق...ئابدۇراخمانغا مەدەت تىلىگەن ئۇيغۇرچە ئاۋازىمىز ئەزەلدىن مۇنداق يېقىملىق تىل ساداسىنى ئاڭلىمىغان ھەشەمەتلىك مەيداندا ياڭراپ كەتتى...ئابدۇراخمان كىچك نومۇر پەرقى بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى.بىزھەتتا رېپېرىنىڭ ئادىل بولمىغىنىدىن رەنجىدۇق.ئەمما يەنىلا ھوشىمىزنى يىغىپ قەھرىمانىمىزنىڭ ئالدىغا يۈگرۈدۈق،ئۇنىڭغا گۈل تۇتتۇق.ئابدۇراخماننىڭ مۇشۇنداق دۇنياۋىي يىغىلىشتا ئۇيغۇر نامى بىلەن مەيدانغا چۈشكەنلىكىنىڭ ئۆزى بىزگە چوڭ مۇكاپات بولدى.ئۇ يەنەبىزگە ۋەتەن ھىدىنى ئېلىپ كەلدى ئەمەسمۇ؟!...ئابدۇراخماننى ئۆيۇمنڭ تۆرىگە ئولتۇرغۇزۇپ كۈتۈۋالدىم... ئۇ ھەقىقى پالۋان سۇپەت يىگىت ئىكەن.ھايالىق كۆكۈش كۆزلىرى،ناھايىتى كەم،ئەمما ئالتۇندەك ۋەزىنلىك سۆزلىرى بىلەن خۇددى پەرىشتىنىڭ ئۆزى ئىكەن.بۇ ۋەتەنداش پەرىشتىمىزنى بىزگە تونۇشتۇرۇپ قويغۇنۇڭغا رەخمەت!...>> خىيالىمنى يىغىپ،سەھنىدىكى ئابدۇراخمانغا قارىدىم:ئاران 6يىللىق بوكس تەنتەربىيىسى تارىخى بىلەن يۇرتىمىزدىن چىققان بۇ يىگىتنىڭ 100يىللىق بوكس تەنتەربىيە تارىخى بار ياۋروپالىق بىلەن خەلقئارا مەيداندا ئېلىشقانلىقىنىڭ ئۆزىلا ئالتۇن مېدالغا تېگىشكۈسىز روھ ئەمەسمۇ؟!دېگەنلەر كۆڭلۈمدىن كەچتى.ئابدۇراخمان ستۇدېنتلارنىڭ سۇئاللىرىغا كۆمۈلۈپ قالدى:
--سىز نىمىشقا بوكسنى تاللىدىڭىز؟ --باتۇر بولاي دېگەنىدىم.مەن يەنە ئويلۇنۇپ قالدىم:ھازىر بىلىم،يېڭى پەن-تېخنىكا،تەنتەربىيە-سەنئەت شۇ شەخسنى،ئۇنىڭ مىللىتىنى،ۋەتىنىنى دۇنياغا تونۇتۇشنىڭ ۋا- سىتىسى بولۇپ قالدى.مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا،26قېتىملىق ئولىمپېكنىڭ بوكس تۈرىدە ئۇيغۇر بولماسلىقتەك تارىخنى ئابدۇراخمان ئۆتمۈشكە ئايلاندۇردى،<<باتۇر بولغۇ- سى بار>>يىگىت قەسىمىنى ئورۇندىدى... شۇچاغ ئارقامدىكى يىگىتلەرنىڭ سۆھبىتى قۇلۇقۇمغا كىرىپ قالدى:
--<<شاھزاد>> ئۆمىكى شەھىرىمىزدە ئويۇن قويغاندا بەزى قىزلىرىمىز ناخشىچى رەشىد ئەپەندىنى سەھنىدە سۆيۈپ تەبرىكلىگەنىدى،مانا بۇ يىگىتنى سۆيۈپلا ئەمەس،بېشىمىز دا كۆتۈرۈپ تەبرىكلىسەك ئەرزىيدۇ--دە! ئاپتور يىگىتنىڭ قارىشىغا كۆڭلىدىن قوشۇلدى:ياپون مىللىتى پۇتبول تۈرىدە ئاسىيادىن چىقىش ئۈچۈن قانچە يىللارۋاقىت،قانچە ئون مىللىياردپۇللار خەجلىمىدىمۇ؟
داۋراڭسىزلا ئاسىيا ئاسمىنىدا چاقنىغان يۇلتۇزىمىزنى سۆيگەن گۇناھ ئەمەس--ئەلۋەتتە! ئۇ سەھنىدىن چۈشكەندىن كېيىن سورىدىم:
---ئولىمپېك كەنتىدە قانداقراق تۇردىڭىز؟
--باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن تەنھەرىكەتچىلەر بىلەن پىكىر-تەجرىبە ئالماشتۇردۇم.(ئابدۇراخمان شۇ چاغلاردىلا ئېنگلىزچىنى ئۈگۈنۈۋاتقان ئىدى)بىركۈنى بىر تەنھەرىكەتچى ئالدىمغا كەلدى،سالاملاشتۇق.ئۇ مەندىن:
---سىز ئۇيغۇرمۇ؟--دەپ سورىدى.
--قانداق بىلدىڭىز؟--خوشاللىقىمنى يوشۇرمىدىم.قايتۇرۇپ سوئال سورىدىم.
--مەن ئۇيغۇرلارنى بىلىمەن.چىرايىڭىزدىن تەخمىن قىلدىم.ئىسىم كارتۇچكىڭىزنى ئوقۇپ جەزىملەشتۈردۈم،--دېدى.ئەتراپتىكىلەرگە <<ئۇيغۇر،ئۇيغۇر>>دەپ تونۇشتۇردى.
--بوكستىن باشقا قىزىقىشىڭىز بارمۇ؟----
پەلسەپە،پىسخولوگىيە پەنلىرىگە قىزىقىمەن.شۇ پەنلەرنى ئۆزلۈكۈمدىن ئۆگۈنۈۋاتىمەن.بىلىم ئاشۇرغۇم،سېستېمىلىق ئۈگۈنۈش پىلانىم بار. گېتار چېلىپمۇ قويىمەن.ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاشنى ياخشى كۆرۈمەن.
سۆھبىتىمىزگە قىزىقىپ تۇرۇۋاتقان ستۇدېنتلار يوپۇرۇلۇپ بىزنى ئورۇۋالدى.ئۇلار تەنتەربىيىچىلەر ئارىسىدا پەلسەپە،پىسخولوگىيە ئۆگۈنۈدىغان كىشىنى ماڭا ئوخشاشلا تۇنجى
قېتىم ئۇچراتقان بولسا كېرەك.يەنە تېخى ئاشۇ پولاتتەك قاتقان قوللار نازۇك تارىلار ئۈستىدە سېھىرلىك سادالار ياڭرىتار،دەپ ئويلاشمۇ ماڭا مۆجىزىدەك تۇيۇلدى.بىزدە
جىسمانىي قۇۋۋەت ۋە ئەقلىي قۇۋۋەتتە ئۆزىنى تەڭ تەرەققى قىلدۇرۇۋاتقانلاردىن قانچىلىك باردۇر؟تېخىمۇ كۆپرەك ياشلار ئابدۇراخماننىڭ يولىدا ماڭغان بولسا --ھە!
ستۇدېنتلار خاتىرە دەپتەرلىرىنى بەس-بەستە سۇنۇپ،ئابدۇراخماندىن ئىمزا قويۇپ بېرىشنى ئۆتۈندى. ئابدۇراخمان بىرىنچى خاتىرىگە:
--<<ئۇيغۇر بوكس ماھىرى--ئابدۇراخمان ئابلىكىم>> دەپ يازدى....
مەنبە--<<غېرىپ شىۋاقلار>> شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003-يىل نەشىرى 67-بەت
<<پالۋانلار ئېيتىدۇ:يىقىلغان جايىمىزدىن دەس تۇرالايمىز>>دىن قىسقارتىپ ئېلىندى.
|
|