«قەھرىماننى كىم ئۆلتۈردى» گە يانداشقان پىكىرلەر
ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر
(ئاپتور: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ مۇخبىرى)
كېسەلنى يوشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارە (ئۇيغۇر خەلق ماقالى)
ئەمدىلا 37 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئاسىيا بوكس چېمپىيونى ئابدۇراھمان ئابلىكىمنىڭ 21 – يانۋار بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشىشى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كۈچلۈك زىل – زىلە قوزغىدى. ئابدۇراھمانغا ئاتاپ نۇرغۇن مەرسىيەلەر يېزىلدى، ياش تۆكۈشلەر بولۇندى. ھەممە «ئۆلۈمدىن كېيىن ياسىن ئوقۇپ» تۇرغان پەيتتە، ئابدۇراھمان ئابلىكىمنىڭ يېقىن دوستى، ياغاچ پۇت شاھزادىسى، دۇنيا جىنس رېكورتى ساھىبى ئابدۇسەمەت ئىمىن قۇتتېكىن «ئارمانلىرىمىز ئۈچۈن يىغلايمىز»، «قەھرىماننى كىم ئۆلتۈردى» (KOKTEKIN.COM تورىدىن كۆرۈڭ) قاتارلىق ئىككى پارچە ماقالە يېزىپ، بىزگە غۇۋا بولغان نۇرغۇن نۇقتىلارنى يۇرىتىپ بەردى. بۇ ئىككى پارچە ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، كاللامدا نۇرغۇنلىغان گادىرماچ سوئاللار پەيدا بولدى، «كەتكەنلەر كەتتىغۇ، ئەمدىكى گەپ تىرىكلەر ئۈستىدە قالدىغۇ» دېگەن تۇيغۇلار قەلبىمنى ئۆرتىدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ يازمىلىرىدىكى ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان بايانلارنى يەنە بىر قېدىرىپ باقتىم.
ئۆزگىچە ھۆسىنخەت قەلىمى كەشىپ قىلىپ، ئاقىۋەتتە كەلگەن ئىقتىسادىي بېسىملارغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان، مىجىت قەلەمنىڭ ئىجادچىسى مىجىت ئەمەتخان، موتسىكىلىت بىلەن ئىككى قېتىم جننىس دۇنيا رېكورتى يارىتىپ، ئاخىرقى ھېسابتا قەرزلىرىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن كوچىغا تىلەمچىلىك قىلىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان جۈرئەت ئوبۇلقاسىم، تەكلىماكان قۇملۇقىنى يۈگرەپ كېسىپ ئۆتكەن ھەمدە ئاخىرىدا ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەي ھازىرقى ھاياتىنى كېسەل بىلەن ئېلىشىش ئىچىدە ئۆتكۈزۈۋاتقان تەكلىماكان مەلىكىسى گۈلزۆھرە ئەبەيدۇللا، مانا ئەمدى بۇ تراگىدىيلەرنىڭ يوقىرى پەللىسى بولۇپ، ئابدۇراھمان بىز بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى. ئۇرۇش مەيدانىدا بايراق لەپىلدەپلا تۇرىدىكەن، تۈمەنلىگەن جەڭچى يەر چىشلىگەن تەغدىردىمۇ، قوشۇن يەنە ئالدىغا قاراپ سىلجىيدۇ. بايراق يېقىلسا، پۈتكۈل قوشۇن تېرە – پېرەن بولۇپ چېكىنىدۇ، بۇ ئىنتايىن ئاچچىق بىر ھەقىقەت. ۋاھالەنكى، تەنتەربىيە، بىر مىللەتنىڭ دۇنيا سەھنىسىدە ئۆزىنى نامايەن قىلىشىدىكى سەھنە، ئۇ ئوخشاشلا ھازىرقى زاماندىكى تۈتەكسىز جەڭگاھ، تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرى خەلقنىڭ روھىنى تاۋلاپ ئىرادىسىنى چېنىقتۇرىدۇ، مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىدۇ، روھىي ئوزۇق ۋە كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلىدۇ. تارىخ دېگەن ئاشۇنداق، قەھرىمانلار بىرى چۈشسە بىرى چىقىپ تۇرىدۇ، بۇمۇ ئاچچىق بىر رېئاللىق، ئون يىل بۇرۇن مىڭ جاپادا بىر ئۆلۈپ بىر تىرىلىپ ياراتقان دۇنياۋىي رېكورتلىرىمىز خەلقنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەنىدى. قۇملۇق شاھى جۈرئەت ئوبولقاسىم كۆز ئالدىڭىزدىن راڭپىزىنى ئۈچ چاقلىق ۋېلسىپىتكە باسقىنىچە شەپكىنى كۆزىگىچە باستۇرۇپ كېيىپ ئۆتۈپ كەتسە، يۈزدە يۈز تونۇمايسىز! ئابدۇراھمانمۇ كۆزئەينەكنى تاقاپ ئاددى راھەت كىيىملەرنى كىيىپ بۇلاقبېشى كوچىسىدىن مېڭىپ ئۆتسە، ھېچكىم قاراپمۇ قويمايتتى. مەن ئابدۇراھماننىڭ ئالتىنچى قەۋەتتىكى، يەنى ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ھېچقانداق زىننەتلەنمىگەن، ئاپپاق تاملىرى كۆزگە تاشلىنىپ تۇرغان ئاددىيغىنا ئۆيىگە كىرگەن چىغىمدا، كۆزۈمگە يىغا كەلدى. بىچارەئاغىنەم، تۇرمۇشتىمۇ جىق ئازاب ئوقۇبەتلەرگە ئۇچرىغانىدى، ئۇنىڭ بىلەن پات - پات بىللە بولۇپ پاراڭلىشىپ تۇرساممۇ، لېكىن ئۇنىڭ قېيىنچلىقلىرىنى ئازراقمۇ ھېس قىلماپتىكەنمەن.
بۈگۈن جۈرئەت ئوبۇلقاسىمنىڭ يىغا ئارىلاش دېگەن مۇنۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئىچىم ئاچچىق بولدى.
ـــ ئابدۇراھماننىڭ قانچىلىق قەرزى بار ئىدى؟
ـــ تۆت بەش يۈزمىڭدەك چىقارمىكىن، ئاغىينىلىرى كەسپداشلاردىن ئالغان قەرزلەرنى بولدى قىلىۋەتتۇق، بانكىدا ئۆيىنىڭ قەرزى ئۈچ يۈز نەچچە مىڭدەك بارمىكىن.
ـــ بۇرۇن ئولتۇراق ئۆي فۇندىغا ئۆزى قوشۇپ تۆلەپ كېلىۋاتقان، ئابدۇراھمان تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن مائاشلىرىمۇ توختايدۇ، ئايالىنىڭ خىزمىتى يوق، ئىككى كىچىك بالىسى بىلەن ئەمدى قانداق قىلاركىن... ئاچچىق بىر يىغا بوغۇزۇمغا ئۆرلەپ چىقتى.
ـــ ئۆيگە گۆش- سەي ئالىدىغان پۇل يوق ۋاقتلىرىمۇ نۇرغۇن قېتىم بولغان، قۇرۇق نان يەپ مەشق قىلىۋاتقان ۋاقتلىرىنى بىز نەچچە قېتىم كۆرگەن، قېيىنچىلىق بولسا دېگىن دېسە، ھەرگىز دېمەيدۇ. جەمئىيەتكە مۇراجىئەتنامە چىقىرايلى دېسەم ئۇنىماي تۇرۇۋالدى، يۈز چۈشىدىغان ئىشنى قىلمايلى، بىر يول چىقىپ قالار، دەپ. مانا مۇشۇ يول قالغان ئەمدى.
بۇرۇنقى زامانلاردا يۇرت يۇرتلاردا چېلىش بولغاندا، يېڭىپ چىققان چېلىشچى پالۋانلارنى يۇرت خەلقى بېشىدا ئىگىز كۆتۈرۈپ،كالا بېشى بىلەن تارتۇقلاپ قالتىس ھۆرمىتىنى قىلاتتىكەن. ئابدۇراھمان ئاسىيا چېمپيونى بولۇپ ئولېمپىكقا قاتىنىشىدىكەن دېگەن خەۋەر بىلەن ئۇنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرگەن خەلق «مۇسابىقىدە نەتىجە ئالالماپتۇ» دېگەن خەۋەر بىلەن بىراقلا ئالقىنىدىن ئېرغىتىپ تاشلىدى. ھەتتا «يېڭىلىپ قېلىپ يۈزىمىزنى تۆكتى» دېگۈچىلەرمۇ بولدى. كېيىنچە خەلق ئۇنىڭ ئىسمىنى ئېغىزىغىمۇ ئالماس بولدى، بۇ جەمئىيەت نېمە دېگەن رەھىمسىز ھە؟
يۇقىرىقى بىر بۆلۈك سۆزلەر ئابدۇسەمەت كۆكتېكىننىڭ ماقالىسىدىكى ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان ۋە دوستلارنىڭ قايتا ئويلىنىپ بېقىشىغا سۇنماقچى بولغان نۇقتىلىرىمدۇر.شۇنداق، ئاسىيا بوكس چېمپىيونى دېگەن سۆزنى ئاڭلىغان ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ كۆز ئالدىغا ئۇ چېمپيوننىڭ قولىدىكى ئالتۇن لوڭقىلار، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇنىڭغا بېرىلگەن تۇتام - تۇتام پۇللار كېلىشى مۇمكىن. بىراق ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس ئىدى، بۇ ئەمەلىيەتنى ئابدۇسەمەت كۆكتېكىننىڭ ماقالىسىدىن ئېنىق كۆرۈۋالالايتۇق. بۇ ماقالىلەر چىققاندىن كېيىن بىر ئۈندىداردىشىم ئۈندىدارىمغۇ مۇنۇ نىداسىنى قالدۇرۇپتۇ: «چولپان بولغاننىڭ نېمە پايدىسى؟ ئىلگىرى ئىچكى ئۆلكىلەردە تەنتەربىيە چولپانلىرىنىڭ ئالتۇن مېداللىرىنى ئالدىغا تىزىپ قويۇپ، يەر ئاستى ئۆتۈشمە يوللىرىدا ماھارەت كۆرسىتىپ پۇل تېپىۋاتقانلىقى، ئايال تەنھەرىكەت ماھىرلىرىنىڭ ئالتۇن مېدالىنى سېتىپ بالىسىنى داۋالاتماقچى بولۇپ يۈرگەنلىكلىردەك ئىشلارنى ئاڭلىغانىدىم. ئەمما ئۇ ۋاقىتلاردا بىزنىڭ تەنتەربىيە چولپانلىرىمىزنى بۇ ئىشلاردىن مۇستەسنا دەپ ئويلىغانىكەنمەن، مىڭ ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس... دۇنياۋى سەھنىلەردە شۆھرەت قازانغان شۇ كىشىلىرىمىزنىڭمۇ قىيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۋاتقانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتۇق، ئۇلارغا ئازىراقمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ قويماپتۇق، مېنىڭ شۇ تاپتا ‹بىزدىكى مەسئۇلىيەت ئېڭى قەيەرگە كەتتى؟› دەپ ئۈنلۈك توۋلىغۇم كېلىۋاتىدۇ». دېمىسىمۇ قەھرىمانلىرىمىزنىڭ بىرى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن كېسەل ئازابىدا قېلىپ ئىڭىراۋاتسا، يەنە بىرى يوقسۇزلىقتىن كوچىلاردا سەرسان بولسا، يەنە بىرى بولسا، تىپىك مىسال سۈپىتىدە ئېغىر قىيىنچىلىق ئىچىدە ياش جېنىدىن ئايرىلسا، بۇ ئۈندىداردېشىمنىڭ پىكىرلىرىنىڭ ئاساسىسىنى يوق دېيەلمەيتتىم.
مەن ئابدۇراھمان ئابلىكىمنى ئۈرۈمچى باھار يولىغا جايلاشقان شىنجاڭ بوكس كوماندىسى مەشىق زالىدا بىر قانچە قېتىم زىيارەت قىلغانىدىم، ئۇنىڭ ئاشۇ چاغدىكى سىماسى ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدا يارقىن گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. 2012 – يىلى دېكابىردا ئىدارىدىن ماڭا بىر زىيارەت ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. شۇ چاغدا مەن نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى تازا ئېنىق بىلەلمەيلا، ئابدۇسەمەت كۆكتېكىن بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا باردىم، ئابدۇسەمەت كۆكتېكىن بىلەن جۈرئەت ئوبۇلقاسىم مېنى راك كېسىلى ئازابىدا ئىڭراۋاتقان تەكلىماكان مەلىكىسى گۈلزۆھرە ئەبەيدۇللانىڭ يېنىغا باشلاپ كىردى. مەن ئۇنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئوقۇپ راستىنلا قايغۇردۇم، ئۇنىڭ داۋالىنىشتا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تارتىۋاتقانلىقى كۆز يومۇۋالغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت ئىدى. شۇ چاغدىن باشلاپ گۈلزۆھرە ئەبەيدۇللاغا ئۆز ئىنىسى سۈپىتىدە كۆڭلۈمنى ئىپادىلىدىم، شۇنداقلا بىر قېتىم مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ «تۇرمۇش» پىروگراممىسىغا زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشقا ياردەملەشتىم، شۇ چاغدىكى سۆھبەت سوئاللىرىنى مەن چىقارغانىدىم، پىروگرامما ئاڭلىتىلغاندىن كېيىن جەمئىيەتتە كۈچلۈك زىل – زىلە قوزغىدى. مەن شۇ چاغدىن باشلاپ يەنە قۇملۇق شاھى جۈرئەت ئوبۇلقاسىم بىلەن ئىزچىل ئالاقەمنى ساقلاپ كەلدىم. ئۇنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ ئىچى بازىرىدا ئاچقان «ئاق ئەتتىرگۈل راڭپىزىخانىسى» غىمۇ بىر نەچچە قېتىم كىرىپ، ئۇنىڭ ئۆز قولىدىن پۈتكەن راڭپىزىلىرىنى تېتىغان بولدۇم. كېيىن جۈرئەت ئوبۇلقاسىم ھەققىدىمۇ «تۇرمۇش» پىروگرممىسىدا ئالتە سان پىروگىرامما ئىشلەندى، بۇ پىروگراممىنىڭمۇ باشتىن ئاياق پىلانلىغۇچىسى ۋە سۆھبەت سوئال چىقارغۇچىسى مەن ئىدىم، بۇ پىروگرامما قويۇلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ جۈرئەت ئوبۇلقاسىمغا بولغان غۇۋا ئوقۇمى قېنىقلاشقان بولدى. (قىزىققۇچىلارنىڭ شۇ سۆھبەتلەرنى UYCNR.COM تورىدا قايتىدىن ئاڭلاپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن).
ئۇشبۇ يازمامنى يېزىش جەريانىدا مەن جۈرئەت ئوبۇلقاسىم، ئابدۇسەمەت كۆكتېكىن قاتارلىقلار بىلەن تېلېفوندا ئالاقىلەشتىم. گۈلزۆھرە ئەبەيدۇللانىڭ ئاتىسىغا تېلېفون ئالسام، گۈلزۆھرەنىڭ ھازىر سەنياغا ئۈچ ئايلىق داۋالىنىشقا كەتكەنلىكىنى، تېلېفون ئىشلەتمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
يۇقىرىدا كەتكەنلەرنىڭ كەتكەنلىكىنى، ئەمدى گەپنىڭ تىرىكلەر ئۈستىدە بولۇشى كېرەكلىنى قەيت قىلغانىدۇق. دېمىسىمۇ «نامراتكەن » دەپ ساختا تىلەمچىلەرگە، مىللەتكە بىر موچەنلىك پايدىسى تەگمەيدىغان ساختا مىسكىنلەرگە ھە دەپ ئىئانە بېرىمىز، بۇ خىل ساختا مىسكىنلەرنى يۆلەيدىغان فوندىلىرىمىز ئېشىپ – تېشىپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئويلاپ كۆرسەك، بۇ دۇنيادا قىيىنچلىقى يوق كىم بار، ئەجىبا، مەرھۇم ئابدۇراھمان ئابلىكىمنىڭ قىيىنچىلىقى يوقمىكەنتۇق، ياق ئۇنىڭ يەتكۈچە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئىكەنتۇق، بىراق ئۇنىڭدىكى يۈكسەك غۇرۇر ئۇنى باشقىلاردىن ياردەم سوراشتىن بەزدۈرگەنىكەن. دىيارىمىزدىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىنى بەستلىشىپ ئېلىۋاتقان كىشىلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ئابدۇكېرىم ئابلېزنىڭ «مېيىپ» ناملىق ئېتوتىنى كۆرسەكلا كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەلەيمىز. مېنىڭچە بولسا، بىز قانۇنلۇق ھالدا مەخسۇس مىللىتىمىزنىڭ تۆھپىكارلىرىغا مۇكاپات ھېسابىدا ياردەم قىلىدىغان «تۆھپىكارلار فوندى» تەسىس قىلغان بولساق، نۇرغۇن تۆھپىكارلىرىمىز مەرھۇم قەھرىمانىمىز، ھەقىقىي تۆھپىكارىمىز ئابدۇراھمان ئابلىكىمدەك قىسمەتكە دۇچار بولۇشتىن ساقلىنىپ قالغان بولاتتى، جەمئىيىتىمىزدە تۆھپىنىڭ رولى قەدىرلىنەتتى، كىشىلەر ھە دېسە ساختا مىسكىنلىك قىياپىتىگە كىرىۋالماي، تۆھپە قوشۇش ئارقىلىق ئېرىشىش ئارزۇسىدا بولاتتى، مۇناسىۋەتلىك كىشلىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىمۇ ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. يەنە بىر تەۋسىيەم شۇكى كارخانىچىلىرىمىز نەچچە ئون تۈمەن خەجلەۋاتقان مەھسۇلات ئېلانلىرىغا سەنئەت چولپانلىرىنىلا ئەمەس، يۇقىرقىدەك تەنتەربىيە چولپانلىرىنىمۇ تەكلىپ قىلغان بولسا، خەلقىمىز پالۋانلىرىنى ياد ئېتىپ تۇرالايتتى، ئۇلارنىڭ يۇرۇق سىماسى ئەۋلادلىرىمىزغا ئۈلگە تىكلەيتتى، كارخانا ئوبرازىمۇ ماس ھالدا ئۆسەتتى، ئەڭ مۇھىمى بۇلار پالۋانلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىغا بۇ دۇنيالىقتا قىلىنغان ئەمەلىي ئىش بولۇپ قالاتتى.
ئەلۋەتتە يۇقىرىقىدەك قەھرىمانلىرىمىزنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن، ئۇلارنىڭ خاس ئالاھىدىلىكلىرى، ئىمزاسى چۈشۈرۈلگەن ياكى شۇلارنىڭ خاس ئىسىملىرى ماركا قىلىنغان تۈرلۈك كىيىم – كېچەك ۋە ياكى خاتىرە بويۇملىرىنى ئىشلەپ بازارغا سالسا، بۇ ئارقىلىق بىر تەرەپتىن پالۋانلارغا ئىقتىسادىي كىرىم ياراتقىلى، يەنە بىر تەرەپتىن شۇلارنى شان – شەرىپىنى نۇرلاندۇرغىلى بولىدۇ.
ئاخىرىدا يەنە بىر تەۋسىيەم شۇكى، بۇ يىل قۇملۇق شاھى جۈرئەت ئوبۇلقاسىمنىڭ تەكلىماكاننى كېسىپ ئۆتكۈنىگە دەل 15 يىل بولغان خاتىرە يىلدۇر. مۇناسىۋەتلىك كىشىلىرىمىز دەل مۇشۇ يىلنى قەدىرلەپ «قۇملۇق شاھى جۈرئەت ئوبۇلقاسىمنىڭ تەكلىماكاننى كېسىپ ئۆتكەنلىكىنىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرلەيمىز» دېگەن پىلاكات ئاستىدا پائالىيەتلەرنى تەشكىللىسە تامامەن بولىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە تەكلىماكان مەلىكىسى گۈلزۆھرە ئەبەيدۇللاغىمۇ باب كېلىدۇ، مۇبادا مۇشۇ خىل تۆھپىكارلارنى مۇكاپاتلايدىغان پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ قالسا، مانا مەن ئۆزۈم بىرىنچى بولۇپ بۇ پائالىيەتنىڭ ئاكتىپ جارچىسى بولىمەن.
يازمامنى شەمسىيەنىڭتۆۋەندىكى شېئىرى بىلەن تاماملايمەن.
ئۈندىدارنى ئېچىپ بۈگۈن،
خەت سۆزلەرگە قالدىم ھەيران.
مۇسىبەتلىك مەرسىيەلەر،
بوپتۇ خەلقىم كۆڭلى ۋەيران.
ئۈندىدارغا لىق توشۇپتۇ،
ئابدۇراھمان دېگەن بۇ ئات.
لېكىن قانچە ئەسلىسەممۇ،
زادى كىم؟ بۇ ،ماڭا سەل يات.
كۆپمۇ ئىزدەپ قىينالمىدىم،
سۈرىتى ۋە تارىخىنى.
ئەسلى مەشھۇر پالۋان ئىكەن،
ئاتىۋەتكەن بارلىقىنى.
ئىسىت دېدىم،ئاقتى ياشىم،
مۇسىبەتتىن قاتتى باشىم.
يىغلايلى كەل قىلىپ دۇئا،
چىن يۈرەكتىن دوست ـ ئاداشىم.
يىگىتكەنسەن مەردۇ ـ مەردان،
خەلقئارا شەرەپ قۇچقان.
كەتتىڭ نىچۈن؟ ياشلا بۇنچە،
روھىڭ جەننەت ئارا ئۇچقاي!
ئەپسۇسلاندىم ئۆز ـ ئۆزۈمدىن،
ھايات بولسا بىلمەسمىدىم؟
كەتكەن كۈنى تونۇشۇپلا،
نىمە بۇنچە ۋايىم يېدىم؟
ئويلاپ قالدىم يا پالۋانمۇ؟
شۇ سەۋەبتىن كەتكەنمىدۇ؟
ھايات بولسام قەدرىم قىلار،
ئىنسان يوقكەن دېگەنمىدۇ!؟!
ئۆتتى تالاي پالۋان كەبى،
بارلىقىنى ئەلگە بەرگەن.
بەزىلەر بار تاكى ئەسىر،
ئۆتۈپ ئاندىن باش كۆتۈرگەن.
ئۇستازلارنىڭ سۆزلىرىنى،
ھايات،ئىلىك ئالالمايمىز.
كىم ئىدى ئۇ؟ھە،تونۇيمەن،
دەپلا يوقلاپ بارالمايمىز.
كەتكىنىدە بىزنى تاشلاپ،
ھەپتە يىغلاپ قوپالمايمىز.
نىمە ئۈچۈن ھايات چاغدا،
قەدرىنى بىر قىلالمايمىز؟
«تۆردىن ئورۇن ئالماق» بولسا،
چوقۇم گۆرگە كىرىش شەرتمۇ؟
مەدھىيەلەر تىرىككە يات؟
ياكى ئەخلاق ـ پەزىلەتمۇ؟
قېرىنداشلار،قان ـ قاياشلار،
مەندىن كەتتى بىر ئۆتۈنۈش.
تونىۋالاي باردۇر كىملەر؟
كېتىپ قالسا نە ئۆكۈنۈش.
شەمسىيە
2015 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ22 ـ كۈنى
|