- تىزىملاتقان
- 2013-2-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2602
- نادىر
- 0
- يازما
- 247
ئۆسۈش
20.07%
|
ئەھۋال دەر ھەقىقەت شۇنداق بولسا نىمىشقا كۆپچىلىك يىغىلىپ بىردەك پىكىرگە كىلىپ ئاۋال ناھىيەنى،شۇنداقتىمۇ ھەل بومىسا قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىنتىزام كومتېتى-ئەرىز شىكايەت ئىشخاسىگە بېرىپ ئەھۋال مەلۇم قىمايسىلە؟ئەسلى ئۆزەڭلا زىيادە سەزگۈر قوقۇنچاق،ناۋادا ناھىيەگە بېرىپ ئەرزىمىز ئاقماي قاسا ،قايتىپ كەلسەك كەنىت كادىرلېرىنىڭ پودىقى تۆت بوپ كىتىپ،تېخمۇ ئۇۋالچىلىققا قالىمىز دەپ قوقايسىلە. شۇنۇڭ بىلەن ئۇ پەسەندى دادۇيجاڭ- شو دۇيجاڭنى راسلا شۇنۇڭغا كۆندۈرۈپ پودىقىنى راسلا تۆت قىپ قويسىلە،ئاندىن ئۆزەڭلامۇ ئۇۋالچىلىققا كۆنۇپ كىتىسىلە.
مەن شىمالدىن ،بىز تەرەپتىمۇ مۇشۇنداق ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان بىر نەچچە خەنزۇ دىھقان يولداشلار ئەرىزنى ئاۋال يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن باشلىدى،يېزىلىق ھۆكۇمەت ئەرىزنى يەنىلا كەنىت كادىرلېرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشغا چۈشۈرۈپ بەدى،ئىش يەنە كۆڭلىدىكىدەك پۈتمەي نارازى بوغان دىخانلا ناھىيەگە ئەرىز قىلدى، ناھىيەنىڭمۇ تەكشۇرۇپ قارار چىقىرىپ بىر تەرەپ قىلىمىز دەپ قۇيۇپ،قەستەن ۋاقىتنى كەينىگە سوزۇپ،كىينلىكتە يەنىلا يېزىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا چۈشۈرۈپ بەدى،ئاندىن يېزا كادىرلېرى بىلەن كەنىت كادىرلېرىنىڭ راسلا پودىقى تۆت بوپ دىخانلاغا ئاز تۇلا ئاھانەت قىلدى، بۇ ئاھانەتكە چىدىمىغان دىخانلا بولدى قىماي ۋىلايەت ئوبلاسنىمۇ ئىزدىمەي ئۇدۇللا ئاپتۇنۇم رايونلۇق ئەرىز شىكايەت ئىشخانىسىگە ئەرىز قىپ بادى،ئەپسۇسلىنارلىقى سۇنۇڭ بېشى لاي ئاخىرسىما لاي بوپ،بۇ ئىش يەنە پۇتمىدى،ئەرىز قىلىشقا كەتكەن ۋاقتى ۋە چىقىمىغا ،ئەڭ يامىنى يېزا كادىرلېرى تەرىپىدىن دەپسەندى بوغان ئادىمىيلىكىگە چىدىمىغان خەنزۇ دىخانلا مەركەزگە بېرىپ ئەرىز سۇندى، سىلەر كىتىپ تۇرۇڭلا بىز تەكشۇرۇپ ئېنىقلاپ قارار چىقىرمىز دىگىنىگىمۇ كۆنمەي، ئىشىمىز ھەل بوغۇچە ئۆيىمىزنى سېتىپ خىراجەت قىپ بوسىمۇ بېيجىڭدا يېتىپ،ھەل بوغاندا قايتىمىز دەپ تۇرۋاپ ئاخرى دەپسەندە بوغان ئادىيمىلىكىنى قايتۇرۋېلىپ، ئاقىۋەتتە شۇ يېزا-كەنىت، شۇ ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ناھىيە رەھبەرلېرىدىن بىر ئىككىنىڭ ئەمىلىنى ئېلىپ تاشلاش بىلەن ئىشىنى ھەل قىلدى،بىز مۇشۇنداق ناھەقچىلىك ئىشلېرىدا خەنزۇ يولداشلاردەك قانۇن بىلەن ئۆزىمىزنى قوغداش ئېڭىمىز بەك تۆۋەن، بىر ئىشلاغا بەك سەل قارايمىز،ئاسان بەل قويۋىتىمىز،بومىسا پوتا باغلاپ چوڭ بولىمىز،مەخسىدىمthe: مۇشۇ خەنزۇ يولداشلانىڭ روھىدىن ئۆگۈنۇپ بىر ئىشنى باشلىغانكەنمىز مەيلى قانداق نەتىجە بېرشىدىن قەتئنەزەر بىر باشقا ئەپ چىقىشىمىز كېرەك.
بىر گەپنى قوشۇپ قويغۇم كەلدى، يوقمىكى دەي دىسە ئىسىملېرى قانۇندىن پۇتكەن،ئۆزلېرى قانۇن گىزىتىنىڭ داڭدار مۇخپېرلېرى،تەخەللۇسلېرى ئەلسۆيەر ئىسىملىك قېرىنداشلامۇ باكەن بومىسا مۇنبىرىمىزدە،يامان يېرى تەخەللۇسىنى ئىشقا سالدىغان تېمىلادا ئچى سۇرۇپ قالامدۇ ئىنكاسىنى كۆگىلى بومايدىكە،بەلكىم يوغون يوغون ئىشلا بىلەن ئالدىراشتۇ، |
|