قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 23053|ئىنكاس: 135

يالقۇن روزىغا جاۋاب: «تۆھپىكارلار مۇكاپاتى» تەسىس قىلىش خاتامۇ

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

17

دوست

4040

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22212
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 56
تۆھپە : 1302
توردىكى ۋاقتى: 174
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 11:53:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالقۇن روزىغا جاۋاب: «تۆھپىكارلار مۇكاپاتى» تەسىس قىلىش خاتامۇ
ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر

1122288f793sksb6jxq4e9.jpg

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك يالقۇن روزى ئاكا، سىزنىڭ مىسرانىم تورىدىكى «ئابدۇراھماننىڭ ئائىلە –تاۋاباتلىرىنىڭ مۇراجىتى» ناملىق يازمىڭىزنى ئوقۇغاندىن كېيىن، سىز ۋە ئابدۇراھمان ئاكامنىڭ ئائىلە - تاۋاباتلىرىغا «قەھرىماننى كىم ئۆلتۈردىگە يانداشقان پىكىرلەر»ناملىق ئەرزىمەس يازمامدىكى تەۋسىيەرىم ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىش يۈزىسىدىن «يازمامەشىقى» قىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن. مەن ئالدى بىلەن سىزدەك بىر مەسئۇلىيەتچان زىيالىرىمىزنىڭ تور ۋە ئۈندىدارلاردىكى قىزىق نۇقتىلىق يازمىلارغا مەتبۇئاتلاردىن ئېشىنغان ھالدا ئالاھىدە ۋاقىت ئاجىرتىپ، ئىنكاس قايتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمەن،پەننىڭ تەرەققىياتى مانا مۇشۇنداق ئىلمىي مۇنازىرىلەر ئارقىلىق راۋاجلىنىدۇ، مۇنازىرەئارقىلىق يېڭىلىنىدۇ، پەن تەرەققىي قىلسا جەمئىيەتمۇ تەرەققىي قىلىدۇ، مۇنازىرىگە قاتناشمىغان بىلىم چىرىۋاتقان بىلىمدۇر. ئىلمىي مۇنازىرە بىزگە نۇرغۇنلىغان گۇمانلىق نۇقتىلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدۇ، ھەقىقەتنى توغرا ياقىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.  يالقۇن روزى ئاكا، يازمىڭىزنى ئوقۇغاندىن كېيىن،سىزنىڭ ئەستايىدىلىققىڭىزدىن سۆيۈندۈم، چۈنكى سىز يازمىڭىزدا مەرھۇم قەھرىمانىمىزنىڭ ئائىلە – تاۋاباتلىرى بىلەن ئېرىنمەي سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، توردىكى «قەھرىمانغائىئانە توپلاش شوئارى» غا قارىشى دەلىل - ئىسپات توپلاپسىز، ئەلۋەتتە، بۇيازمىڭىزدىكى كۆپلىگەن پىكىرلەرنىمۇ سىز شۇ ئائىلە – تاۋاباتلارغا ۋاكالىتەن ئوتتۇرىغا قويغاندەك تۇرىسىز، بولۇپمۇ «غورۇر ۋە نادان ئېيىق» ھەققىدىكىبايانلارنى (شەخسەن پەرىزىم).
    مەن بىر ئادەتتىكى قەلەم مەدىكىرى، گېزىتخانىنىڭ ئاددىي مۇخبىرى، ئالدىڭىزدا گەپ يورغىلىتىشقا تىلىم ئاجىز، قەلەم ئوينىتىشقا بىلىمىم كەمچىلدۇر، شۇنداق بولسىمۇ،يازمىڭىزغا قارىتا ئويلىغانلىرىمنى جۆيۈلۈپ بېقىش مەقسىتىدە، كېچىلەپ ئولتۇرۇپ قەلەم تەۋرىتىشكە مەجبۇر بولدۇم. مەن سىزدەك ئىستىداتلىق ئۆگەتكۈچى بولالمىساممۇ،ئاددىي ئۆگەنگۈچى بولۇپ، ئۆزۈمنى ئىزچىل تاكاماللاشتۇرسام دەپ ئويلايمەن، شۇڭاسىزدەك خەلقىمىزنىڭ ھۆرمەت تۆرىدىن ئورۇن ئالغان ئاتاقلىق ئوبزورچى ئاكىمىزدىن تەلىم ئېلىشقا تەييارمەنكى، سىز بىلەن تاكالىشىشتىن ھەر ۋاقىت تىلىمنى تارتىمەن،چۈنكى مەن «ئويناشماڭ ئەرباب بىلەن، ئەرباب ئاتىدۇ ھەرباب بىلەن» دېگەن ئاتىلار سۆزىنى ئوبدان ئۆگەنگەن. مەن سىزنىڭ ھازىرغىچە يازغان يازمىلىرىڭىزنىڭ قىزغىن ئوقۇرمەنلىرىنىڭ بىرى، لېكسىيەلىرىڭىزنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىسى، سىز بىلەن ھەرقېتىم يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ پىكىرلەشكىنىمدە، ئۆزۈمنى يېڭى بىلىملەرگە ئېرىشكەندەك ھېس قىلىپ، خۇشال بولىمەن. مەندىكى ئىلمىي مۇنازىرە ئېڭىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى بىخلىرىسىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇغاندىن كېيىن شەكىللەنگەن. شۇ ۋەجىدىن ئوقۇرمىنىڭىز ۋەشاگىرتىڭىز سالاھىتىدە سىزگە يەنە بىر قېتىم تەشەككۈر بىلدۈرىمەن.
   مەن تۆۋەندە سىزنىڭ «ئابدۇراھماننىڭ ئائىلە – تاۋاباتلىرىنىڭ مۇراجىتى» ناملىقيازمىڭىزدىكى ئۆزۈمگە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان نۇقتىلارغا قىسقىچە جاۋاب بېرىپ ئۆتمەكچىمەن، مەندەك ئەمدىلا رول تۇتۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان «يېڭى شوپۇر» نىڭ قېيىپ كېتىشلىرىنى سىزدەك بىر «پىشقان شوپۇر» نىڭ كەڭ قورساقلىق بىلەن ئەپۇقىلىۋېتىشىگە ئىشىنىمەن. ئەيىبكە بۇيرىمىغايسىز.
   مەن ئۈندىدارىمدا «ئارمانلىرىمىز ئۈچۈن يىغلايمىز»، «قەھرىماننى كىم ئۆلتۈردى» ناملىق ئىككى يازمىنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ يازمىنى ئاسىيا بوكسچېمپىيونى ئابدۇراھمان ئابلىكىمنىڭ يېقىن دوستى كۆكتېكىننىڭ يازغانلىقىنى بىلدىم. مەن ئىلگىرى كۆكتېكىن، ئابدۇراھمان، جۈرئەت ئوبۇلقاسىم، گۈلزۆھرە ئەبەيدۇللاقاتارلىقلارنى بىر قانچە قېتىم زىيارەت قىلىپ باققانلىقىم ۋە ئۇلار ھەققىدە ئازدۇر- كۆپتۇر مەلۇماتلارغا ئىگە بولغىنىم ئۈچۈن، يازمىدىكى مەزمۇنلار كاللامدا كىنولىنتىسىدەك زاھىر بولۇشقا باشلىدى. بۇ يازمىنى ئابدۇراھماننىڭ دوستى كۆكتېكىن يازماي باشقا بىرى يازغان بولسا، يازمىدىكى بايانلارغا «كۆتەر قاسقىنىڭنى» دەپ ئىشەنمىگەن بولاتتىم، ئەمما بۇنى كۆز يېشىغا قەلىمىنى مىلاپ تۇرۇپ يېزىۋاتقىنى ئابدۇراھماننىڭ يېقىن دوستى، «ياغاچ پۇت شاھزادىسى» دەپ نام ئالغان كۆكتېكىن ئىدى.يەنە كېلىپ بۇ يازمىدا مىسال قىلىنغان جۈرئەت ئوبۇلقاسىمنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ ئىچى بازىرىنىڭ ئۈچۈنچى قەۋىتىدىكى «ئاق ئەتتىرگۈل راڭپىزىخانىسى» دا ئۈچ قېتىم جۈرئەت ئوبۇلقاسىم ئۆز قولى بىلەن تەييارلىغان راڭپىزىنى تېتىغانىدىم ۋەئۇنىڭ «تۇرمۇش» پىروگراممىسىدا سۆزلىگەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغانىدىم. گۈلزۆھرەئەبەيدۇللا كېسەلگە مۇپتىلا بولۇپ، دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغاندا، كۆكتېكىن ۋەجۈرئەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ كېسەللىك دېئاگىنوز قەغىزىنى كۆرگەنىدىم، كېيىن گۈلزۆھرە ھەققىدە يېزىلغان «تەكلىماكان مەلىكىسى ـــ گۈلزۆھرە ئەبەيدۇللا» ناملىق كىتابنىمۇ ئوقۇپ چىقتىم، مانا يۇقىرىقى ئۆزۈم كۆرگەن پاكىتلار مېنى «قەھرىمان نىكىم ئۆلتۈردى» ناملىق يازمىدىكى ئاساسىي مەزمۇنلارغا ئومۇمىي جەھەتتىن رېئاللىقسۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشقا، ئۇ يازمىنى كۆزۈمگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ ئوقۇشقا مەجبۇرقىلدى. كۆكتېكىن ماقالىسىدە «مىللىتىمىزگە تۆھپە قوشۇۋاتقان قىسمەن تۆھپەئىگىلىرىنىڭ تازا قەدىرى ئۆتۈلمەيۋاتقانلىقىدەك رېئاللىقىنى ئابدۇراھمان ئارقىلىقئىلگىرى سۈرمەكچى بولغانىدى». شۇ تاپتا مۇشۇ يازمىنى ئوقۇغان نۇرغۇنئۈندىدارداشلىرىم ئۇشبۇ يازمىنى دوستلار چەمبىرىكىدە شىددەت بىلەن تارقاتماقتائىدى، ئۇلارنىڭ يازمىنى تارقاتقىنى، يازمىدىكى مەزمۇنلارغا مايىللىقى بارلىقىنىمەلۇم جەھەتتىن ئېچىپ بېرەتتى. شۇ خىل قىزىقىش ئىچىدە ئۈندىدار چەمبىرىكىمنىيومۇلاتتىم. «چولپان بولغاننىڭ نېمە پايدىسى؟ ئىلگىرى ئىچكىئۆلكىلەردە تەنتەربىيە چولپانلىرىنىڭ ئالتۇن مېداللىرىنى ئالدىغا تىزىپ قويۇپ، يەرئاستى ئۆتۈشمە يوللىرىدا ماھارەت كۆرسىتىپ پۇل تېپىۋاتقانلىقى، ئايال تەنھەرىكەتماھىرلىرىنىڭ ئالتۇن مېدالىنى سېتىپ بالىسىنى داۋالاتماقچى بولۇپ يۈرگەنلىكلىردەكئىشلارنى ئاڭلىغانىدىم. ئەمما ئۇ ۋاقىتلاردا بىزنىڭ تەنتەربىيە چولپانلىرىمىزنى بۇئىشلاردىن مۇستەسنا دەپ ئويلىغانىكەنمەن، مىڭ ئەپسۇس... دۇنياۋى سەھنىلەردە شۆھرەتقازانغان شۇ كىشىلىرىمىزنىڭمۇ قىيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۋاتقانلىقىنى ئويلاپمۇباقماپتۇق، ئۇلارغا ئازىراقمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ قويماپتۇق، مېنىڭ شۇ تاپتا ‹بىزدىكىمەسئۇلىيەت ئېڭى نەگە كەتتى؟› دەپ ئۈنلۈك توۋلىغۇم كېلىۋاتىدۇ؟»  مانا بۇ ئۇچۇر كۆپىنچە دوستلىرىمنىڭچەمبىرىكىنى قاپلاپ كېتىپتۇ. بولارغا قاراپ ئەپسۇسلىنىپ قالدىم – دە، دەررۇكاللامغا «ئىدارىسى ئۈچۈن تۆھپە قوشقانلارنى ئىدارىسى مۇكاپاتلايدۇ، ئەجىبا ئەل- يۇرتى ئۈچۈن تۆھپە قوشقانلارنى ھېچكىم مۇكاپاتلىمامدۇ؟ ياق ئۇلارغىمۇ مۇكاپاتتەسىس قىلىنىشى، بولۇپمۇ، يۇقىرقىدەك دەۋىر پالۋانلىرىغا ئەڭئاۋۋال مۇكاپات تەسىس قىلىنىشى كېرەك» دېگەن تەشەببۇس پەيدا بولدى ۋە مۇشۇتەشەببۇسۇمنى ياقىلىغان ئاساستا «قەھرىماننى كىم ئۆلتۈردىگە يانداشقان پىكىرلەر»ناملىق يازمىنى يېزىپ مۇنبەرداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم. بۇ يازمام مۇنبەردەتارقالغاندىن كېيىن، «تۆھپىكارلار مۇكاپاتى» تەسىس قىلىش تەشەببۇسۇم نۇرغۇنتورداشلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. پاكىت ئۈچۈن باغداش مۇنبىىرىدىكى ئەڭ تىپىك ئىنكاسلاردىن بىر قانچىنىمىسال ئالغۇم كەلدى.

3a.jpg
«قەھرىماننىكىم ئۆلتۈردىگە يانداش پىكىرلەر» ناملىق ماقالىغا يېزىلغان 55 – ئىنكاستا،فىرانسىيەدە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان يازغۇچى دىلدار ئەزىز ھەدە دىل ھېسلىرىنى مۇنداق بايان ئەيلىگەن: مەن بۇ ماقالىنى ئوقۇۋېتىپ كۆزلىرىمدىن ئىختىيارسىز ئىسسىق ياشلىرىم تۆكۈلۈشكەباشلىدى. .. مەن مەرھۇم ئابدۇراھمان ئۈچۈنلا ئەمەس، يەنە جەمئيىتىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان ئابدۇراخمانغا ئوخشاش تىرىشىپ تىرمىشىپ ياشاۋاتقان، ئۆزىنىڭ مېھنەت ئەجىرلىرى بىلەن مىللەتكە، ۋەتەنگە روھى ئوزۇق  ۋە شان - شەرەپلەرنى كەلتۈرۈش ئۈچۈن جېنىنى تىكىپ تىرىشىۋاتقان، بىراق شۇ تارتقان ئەجىرىگە لايىق ئۆزلىىرنىڭ ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدىكى تۇرمۇش ئېھتىياجىنىمۇ قاندۇرالمىغان كىشىلىرىم ئۈچۈن ئۆكسۈپ يىغلىدىم. شۇنىڭ بىلەن بىر  ۋاقىتتا 15يىلنىڭ ئالدىدا پۇلدىن ئىبارەت ھەم ئىپلاس ھەم سۆيۈملۈك نەرسىنىڭ مېنىڭ تەقدىرىمنى ئۆزگەرىتكەنلىكى ئۈچۈنمۇ يىغلىدىم...
شۇ چاغلاردا مېنىڭ  «بەخىت سىزگە يار بولسۇن» ناملىق كىتابىمنىڭ تۇنجى نەشىرى كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرشۈپ، مەن كەڭ ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ   گۈلدەستىلىرىگە ۋە شان - شەرەپلىرىگە نائىل بولغان ئىدىم. شۇنداق بىر كۈنلەردە، مەن توساتتىن شۇ كىتابىمدىن تاپقان ئازغىنە قەلەم ھەققىم بىلەن شىركەت ئېچىش قارارىغا كەلدىم. چۈنكى ئۇنىڭدىن بۇرۇن كىچىك ئوغلۇم ئاغرىپ قېلىپ، داۋالىتىشقا پۇلىمىز يەتمەي دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدا شۇنچىلىك روھى ئازاب ۋە خىجالەتچىلىكتە قالغان ئىدۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىدارىدىن سېتىپ بېرىدىغان ئەرزان باھالىق ئۆينىمۇ سېتىۋېلىشقا پۇلىمىز يەتمەي، ئەتىراپتىكى قوشنىلىرىمىز ئۆي سېتىۋېلىپ ئولتۇرسا، پەقەت بىزلا ئۆيگە ئىجارا ھەقىقى تۆلەپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان ئىدۇق.مانا شۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەن  ئىچىمدەپۇل تاپقان ھامان چوقۇم بىر تىجارەتنىڭ يولىنى تۇتۇشنى ئويلىغان ۋە ئاخىرى شۇنداق قىلغانىدىم. گەرچە مېنىڭ بۇ قارارىمنى نۇرغۇن دوستلىرىم قوللىغان بولسىمۇ، يەنەبىر قىسىم ئۆزىنى جەمىيەتنىڭ يۇقىرى تەبىقىسىگە تەۋە، دەپ بىلىدىغان دوستلىرىم مېنىڭ شىركەت ئېچىپ تىجارەت قىلىشىمغا قەتئىي قارشى تۇردى. بۇنىڭ سەۋەبى شۇنچىلىك ئاددىي: «سىز بىر تونۇلۇۋاتقان يازغۇچى ھەم دۆلەت كادىرى، بىر ئوبدان خىزمىتىڭىزبار، كىتابىڭىزنى يېزىپمۇ پۇل تېپىۋاتىسىز، شۇ يەتمەمدۇ؟ يەنە نېمە دەپ شۇ سەنشىخاڭزىدىكى تىجارەتچىلەرنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالىسىز؟ ئۇنداق قىلسىڭىز ‹يازغۇچى› دېگەن ئىناۋىتىڭىزگەتەسىر يەتمەمدۇ؟ دەپ مىنى ئەيىپلەشتى. بىراق ئوغلۇمنىڭ دوختۇر پۇلىنى تۆلىيەلمىگەندە،ئۆينىڭ دەسلەپتە تۆلەيدىغان 5000 يۈەن خەلق پۇلىنىمۇ تاپالمىغاندا ھېچقايسىسىنىڭ ماڭا ياردەم قىلغۇسى كەلمىگەن، مەنمۇ ھېچكىمگە پۇل دەپ باقمىغان، بىراق ئۇلار ھەممىنى بىلەتتى، شۇنداق تۇرۇپمۇ ھېچكىشىنىڭ ماڭا ئۆزلىگىدىن ياردەم بەرگۈسى كەلمىگەن. بەلكىم ئۇلارنىڭمۇ قولىدا ماڭا بېرىپ تۇرغىدەك پۇلى بولمىغاندۇر. ئاخىرى مەن ئەنە شۇ ئۆزۈم ۋە ئائىلەم ئۈچۈن ھېچنەرسىگە يارىمايدىغان قۇرۇق شۆھرەتلەرنى بىر يانغا قايرىپ قويۇپ،يەنىلا ئۆز شىركىتىمنى ئېچىۋەردىم. كىشىلەرنىڭ نېمە دېيىشىگە دىققەت قىلغۇدەك ۋاقتىممۇبولمىدى. كېيىن پۇل تاپتىم، يۇرتتىكى نامرات تۇققانلارغا، ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا ۋەيەنە بىر قىسىم يېتىم قىزلارغىمۇ ياردەم قىلىپ ئۇلارغا چىقىش يولى تېپىپ بەردىم.بالىلىرىمنى چەتئەلگە چىقىرىپ ئوقۇتقاندىن سىرىت، ئۆزۈممۇ ئارزۇيۇم بويىچە فىرانسىيەگە چىقىپ ئوقۇدۇم ۋە ھازىرمۇ (گەرچە يېشىم 50 دىن ئاشقان بولسىمۇ) 18 - ئەسىرئەدىبىيات ۋە پەلسەپە پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتىمەن. شۇنداقلا ئۆزۈمنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە نەشر قىلىنىدىغان ئەسەرلىرىم ھەققىدە ئىزدىنىۋاتىمەن. بۇ جەريانداشۇنداق بىر ھەقىقەتنى چۈشەندىمكى،  ھەرقانداق بىر ئۇتۇق قازانغۇچى ئۈچۈن، تۈنۈگۈنكى ئۇتۇق، ئۇ ئۆتكەن زامانغا مەنسۇپ، بىراق سىز ئەتىمۇ يەنىلا ياشايسىز ۋە ياشىشىڭىز كېرەك. ئەگەر جەمئىيەتنىڭ سىزگە ئاتا قىلغىنى قۇرۇق شان - شەرەپلا بولۇپ، ئۇ سىزنىڭ ماددىي ئېھتىياجىڭىزنى قاندۇرالمىسا، سىز ئۆزىڭىزدىكى شۇ نۇر چەمبىرىگىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىڭىزنىڭ ماددىي ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق تۇرمۇشىڭىزنى باياشات ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىشىڭىز  كېرەك. چۈنكى ئادەم ئۆز رىسىقىنى ئۆلگەندە مۇردىنى دەبدەبىلىك بىلەن ئۇزۇتۇشقىلا يارايدىغان، ھاياتلىقىدا قەدىرلىيەلمەيدىغان، ئۆملۈك بولمىغان، باشقىلارنىڭ شان - شەرىپىگىلا جور بولالايدىغان، ئازابلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان ئۇيغۇردەك بىر قەۋىمدىن؛ ئۆزىنىڭ تارىختىكى ئۆم ۋە ئۆز -ئارا كۆيۈنىدىغان گۈزەل ئەنئەنىسىنى ئەنە شۇ روھ بىلەن قوشۇپ تۇپراق ئاستىغا كۆمۈپ قويغان بىزدەك بىر قەۋمدىن يەنە قانداقتۇر ئۆز - ئارا ياردەم ۋە ئىئانىلەرنى كۈتۈش، بۇ قەلەندەردىن سەدىقە تىلىگەن بىلەن باراۋەر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتلا ياشايدىكەنسىز، ئۆزىڭىزدىكى بار بولغان بارلىق ئېنىرگىيەلىرىڭىزنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، ئۆزىڭىزنىڭ ھەر تەرەپلىمەقىممىتىڭىزنى يارىتىپ، باشقىلارغا ‹ئاتا قىلغۇچى› بولۇپ ياشاشنى ئۇنتۇماڭ. قولىڭىزدىن نىمە كەلسە شۇنى قىلىڭ. ئەنە شۇ چاغدا سىز ئۆزىڭىزنىڭ باشقىلارغا مەنىۋىي بايلىقلائەمەس، يەنە ماددىي بايلىقمۇ ئاتا قىلالىغانلىقىڭىز ئۈچۈن پەخىرلىنىپ ياشايسىز. چۈنكى ھايات سىزنىڭ، ئۆيدىكى ئايالىڭىز ۋە بالىڭىز، ئۇمۇ سىزنىڭ، ئۇلارنى پەقەت سىزلا بەخىتلىك قىلالايسىز.
زىيا 83 – ئىنكاستا مۇنداق دېگەن: ئۆتكەندەتەمبۇر  پادىشاھى دەپ نام ئالغان نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن ئالەمدىن كەتكەندىن كېيىن ئىدارە ئۇنىڭ بالا - چاقىلىرىدىن ئۆينى قايتۇرىۋالغان. ئۇ بىچارىلەر قىيىنچىلىقتا قېلىپ، ئىجارە ئۆيدە ئولتۇرۇشقامەجبۇر بولغان. ھازىر قانداق بولۇپ كېتىۋاتىدىكىن-تاڭ. ئۇنىڭ چالغان مۇزىكىلىرىدىن ھەقسىز بەھىرلىنىۋاتقان ۋاقتىمىزدا بۇلارنى ئويلاپ قويساقمۇ بولىدىغاندەك قىلىدۇ.
ياشىر111 – ئىنكاستا مۇنداق دېگەن: ئىچكىرىكى داڭلىق تەنھەركەتچىلەرنى دۆلەت يۆلىمىدى،چۈنكى ھەممە ئىشقا دۆلەت يېتىشىپ بولالمايدۇ، ئۇلارنى ھەر قايسى داڭلىق كارخانىچىلار ھەرخىل ئېلانلارغا چىقىرىپ ئىقتىسات جەھەتتىن يادەم قىلدى، بىزدە بولساكارخانىچىلىرىمىز ساپلا ناخشا چولپانلىرىنى يۆلەپ، ئۇلارغا ئېلان بېرىپ ئىقتىسادجەھەتتىن ياردەم بېرىدۇ، تەنتەربىيەدە دۇنياۋى نەتىجىلەرنى ياراتقان ئاشۇئەزىمەتلەرنى تۈزۈك ئېلانلارغا چىقىرىپ باقمىدى، ئەمىلىيەتتە بۇلارغا ئەڭ چوڭ ياردەم بېرەلەيدىغىنى مۇشۇ ئىلان شىركەتلىرى ئىدى.
يۇقىرىقىسى تورداشلارنىڭ تېمامغا يازغان ئىنكاسلىرىنىڭ بىر قىسىمى. مەن يەنە شۇ تاپتا، شىنجاڭ بوكس كوماندىسىدىن قازاقىستانغا چىقىپ كەتكەن بوكس چېمپىيونى قانات ئىسلام، شۇنداقلا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئىجارە ئۆيدە ئولتۇرۇپ كۈن كەچۈرگەن رەھمەتلىك باتۇرروزىنىمۇ ئەسلەپ قالدىم، تېخى بىر ئاينىڭ ئالدىدىلا باتۇر روزىنىڭ ئايالى بالىلىرىنى داۋالىتىشقا ئىقتىساد جەھەتتىن ناھايىتى قىينالغانلىقى سەۋەبلىك جەمئىيەتكە «مۇراجەتنامە» چىقاردى، ئاشۇ مۇراجەتنامىنىڭ سۆزىنى مەن ئۆز قولۇم بىلەن يېزىپ بەردىم، شۇ چاغدا بۇ بىچارىلەرگە قانچلىك ئىچىمنىڭ ئاغرىغانلىقىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن.
مەن يۇقىرىقى يازمامدا ئابدۇراھمانغا ئىئانە يىغىشنى تەۋسىيە قىلغىنىم يوق، بەلكى«تۆھپىكارلار مۇكاپاتى» ياكى «تۆھپىكارلار فوندى» دېگەندەك ناملار بىلەن مۇكاپاتلارنى تەسىس قىلىپ، ئابدۇراھمانغا ئوخشاش مىللىتىمىزگە شان – شەرەپ كەلتۈرگەن بوكسچى پالۋانلارغا، پۇتبول، ۋاسكىتبول، ۋالىبول چېمپىيونلىرىغا، شۇنچە جاپا چېكىپ،كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ يېزىقچىلىق قىلىپ تۇرۇپمۇ يازغىنىغا تۇشلۇق ئەجىر ھەققىگەئېرىشەلمەيۋاتقان سىزدەك ئەدىب – يازغۇچىلىرىمىزغا، تەبىئىي پەن، سانائەت پەنلىرى،ئۇچۇر – تېخنىكىسى، ماشىنسازلىق، تىبابەت ئۇستىكارلىرىغا، ئىجادچان كارخانىچى،ماھىر كاسىپلىرىمىزغا، ئىشقىلىپ مىللىتىمىزنىڭ ھەر ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلىرىمىزگە مۇكاپات شەكلىدە تەسىس قىلىنىشىنى تەشەببۇس قىلماقچىمەن.
توغرا،ئىنسان ئۈچۈن غورۇر ھاياتتىنمۇ مۇھىم، غورۇرلۇق كىشىلەر ئۆلۈمنى تاللايدۇكى،غورۇرىنى خارىلاشنى تاللىمايدۇ، بۇنىسى قۇياشتەك ئايدىڭ ھەقىقەت، شۇ ۋەجىدىن ھەرقانداق بىر روھى تەن دۇرۇس ئادەمنىڭ قولىغا ئۇچۇقتىن ئۇچۇقلا «ماۋۇ ئەل –يۇرتىڭىزنىڭ سىزگە قىلغان سەدىقىسى)» دەپ تۇتقۇزۇپ قويسىڭىز، ئۇنىڭغا بۇ سەدىقىڭىزئۆلۈمدىن ئېغىر كېلىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ تەنتەربىيەدەك مىللەتنىڭ غورۇرىغاتاقىلىدىغان كەسپلەردە نام قازانغانلار بۇ خىل سەدىقىلىرىڭىزنى كۆرسە قوبۇل قىلىش تۈگۈل، سەدىقىنى چېكىڭىزگە قىستۇرۇپ قويۇپ، ئارقىدىن سىزنى تېپىك بىلەن يولغا سالىدۇ.مۇكاپات بىلەن سەدىقىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاسمان – زېمىن پەرق بار. مۇكاپاتقا ئېرىشكەنكىشىنىڭ شان – شەرەپ تۇيغۇسى كۈچىيىدۇ، سەدىقىگە ئېرىشكەن كىشىنىڭ بىچارىلىك تۇيغۇسى كۈچىيىدۇ. تۆھپىكار كىشىلەرگە خەلق تەرىپىدىن بېرىلىدىغان مۇكاپاتلاركۆپەيسە، جەمئىيىتىمىزدە تۆھپىنىڭ رولى قەدىرلىنىدۇ – دە، كىشىلەر ھە دېسە ساختامىسكىنلىك قىياپىتىگە كىرىۋالماي، تۆھپە قوشۇش ئارقىلىق ئېرىشىش ئارزۇسىدا بولىدۇ.
مەن«دوستلارچەمبىرىكىدە ئىئائەنە يىغىش مۇراجەتنامىسى» نى كۆرگەندىلا، بەك ئەپسۇسلانغانىدىم،ئۆچۈرگۈزۋەتمەكچى بولۇپ، مۇشۇ مۇراجەتنامىنىڭ ئىگىسىگە نەچچە قېتىم تېلېفون قىلسام ئېلىنمىغان. دېمىسىمۇ بۇ خىل مىللەتنىڭ غورۇرىغا، قانۇنىي جەھەتتىن ئالغانداشەخسنىڭ نام – شۆھرەت ھوقۇقىغا چېقىلىدىغان «سەدىقە يىغىش» لارغا مەنمۇ قەتئىي قارشى، يەنە كېلىپ بۇ خىل شەخس نامىدىكى كارتىغا جەمئىيەتتىن پۇل يىغىش «قانۇنسىزمەبلەغ توپلاش جىنايىتى» نى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن. شۇڭا مەن بۇ يەردە باشقاھەرقانداق قېرىنداشلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ پالۋانلارغا سەدىقە بېرىش ئۈچۈن ئىئانەيىغىپ يۈرمەسلىكىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.
يالقۇن روزى ئاكا، مۇشۇ يەرگە بىر گەپنى قىستۇرۇپ قويغۇم كەلدى، يازمىڭىزدا باشتىن - ئاخىرغورۇر مەسلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغىنىڭىزدىن سىزنىڭ باشقىلارنىڭ غورۇر ۋە ئىززەت– ھۆرمەت مەسلىسىگە قانچىلىك زور دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئادەملىكىڭىزنى كۆرۈۋالدىم.ئەمما سىزنىڭ يازمىڭىزغاكىرگۈزۈلگەن جۇڭگو بوكس شاھى ئابدۈشكۈر مىجىت ئاكامنىڭ : «بىز چېمپىيون بولغاندىنكېيىن خەلق بىزنى باقسىكەن دەيدىغان تەمەخور تەييارتاپلاردىن بولۇشنى نومۇس دەپ بىلىمىز، بىز ئۇ تاغدىن – بۇ تاغقا ۋېلسىپىت بىلەن بارغان، پۇستانى چۆلدىن ياغاچپۇت بىلەن ئۆتكەن دېگەندەك ئاتاقلارنى ئېلىپ، بۇ خىلدىكى ئاتاقلارنى تەمەخورلۇقنىڭ دەسمايىسى قىلىۋېلىپ، خەلق بىزنى بېقىشى كېرەك دەيدىغان تەييارتاپلاردىن پەرىقلىنىمىز» دېگەن بايانلارنى كۆرۈپ، بۇ بايانلارنى يازغاندا باشقىلارنىڭمۇ دەلسىزگە ئوخشاش كۈچلۈك غورۇرىنىڭ بارلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ قويغانلىقىڭىزنى ھېس قىلدىم. ئەجىبا، باشقىلارنىڭ شۇنچە قىيىن ئىشلارغا جېنىنى تىكىپ قويۇپ تۇرۇپ تەۋەككۇل قىلىشى، ئاخىرىدا دۇنيا جىنس رېكورتى ئېلىپ خەلقىگە شان – شەرەپ كەلتۈرۈشى،ئەمدى بولغاندا ئىككى مۆھتىرەمنىڭ ئېغىزىدا «ئۇ تاغدىن بۇ تاغقا ۋېلسىپىت بىلەن بارغان، پۇستانى چۆلدىن ياغاچ پۇت بىلەن ئۆتكەن، تەييارتاپ» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىپ قالسا توغرىمۇ؟ مېنىڭچە، توغرا ئەمەسلىكىنى سىزدەك مىللىتى ئۈچۈن ئوت بولۇپ كۆيىدىغان بىر سەركە زىيالى ئوبدان بىلىدۇ. يەنە بىرى سىزدانىشمەنلەرنىڭ «غورۇر – ۋىجداننى يىگىلى بولمايدۇ، ئەمما غورۇر – ۋىجدانى يوقلارھەممە نەرسىنى يەۋېتىدۇ» دېگەن نەقىلىنى يازمىڭىزغا زورلاپ قېتىپ قويۇپسىز،مېنىڭچە، ئابدۇراھمان ئۈچۈن قايغۇرغان، ئۇنىڭ ئۈچۈن باش قاتۇرغانلار غورۇر –ۋىجدانىنى ئىت يەپ كەتكەن، ئالدىغا كەلگەن ھەممە نەرسىنى تاللىماي يەۋېرىدىغانلاردىن ئەمەس، ئەنە شۇلاردىكى ئەل – يۇرتىغا بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق،پالۋانلىرىغا بولغان ھۆرمەت ۋە بۇرۇچ ئۇلارنى شۇ خىل قايمىقۇشلارغا بەنت قىلغان.دەسلەپتىلا سىزدەك بىر گاڭگۇڭ زىيالى ئوتتۇرىغا چىقىپ، «ئەلۋىدا قەسىدىسى» گەقوشقان ئاساستا مۇشۇ مەسلىلەرگە مۇۋاپىق جاۋاب يېزىۋەتكەن بولسا، مېنىڭچە، بۇ خىلتالاش – تارتىش، توغرا چۈشەنمەسلىكلەرمۇ بولماستى، دەپ ئويلايمەن.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، بىز مەملىكەتلىك ياكى خەلقئارالىق بوكس سەھنىلىرىدە، بوكس چېمپىيونلىرىمىزنىڭ مۇسابىقىگە چۈشكەن ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى، مۇبادائاشۇ مىللىتىمىزنىڭ ماھىرى سەھنىدە قارشى تەرەپتىن قاتتىق مۇشت يەپ، ئاغزى – بۇرنى لەختە – لەختە قان ھالەتتە يەرگە يىقىلسا، ئاشۇ مەنزىرىنى كۆرۈۋاتقان سىزنىڭ يۈرىكىڭىز ئېچىشامدۇ – ئېچىشمامدۇ؟ ئەلۋەتتە، ئازىراقلا ۋىجدانىڭىز بولسا، چوقۇم ئېچىشىدۇ، ھەتتا شۇ ماھىردىنمۇ بەكرەك سىزنىڭ يۈرىكىڭىز لەختە بولىشى، كۆزىڭىزدىن ياش ئەمەس، قان ئېقىشى، بۇ خىل ناچار كەيپىياتنىىڭ ئىسكەنجىسىنى نەچچە ھەپتىلەرگىچە كاللىڭىزدىن چىقىرالماسلىقىڭىز مۇمكىن. مۇبادا ئاشۇ ماھىر ئۇتۇپ قالسىچۇ، ئۇچاغدىكى خۇشاللىقىڭىزنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيسىز. دېمەك، تەنتەربىيە دېگەنلىك بىر مىللەتنىڭ غورۇرى دېگەنلىكتۇر، تەنتەربىيە سەھنىسى دېمەك تۈتەكسىز جەڭ مەيدانى دېمەكلىكتۇر. ئەمدى ئويلىپ بېقىنىڭ، ئەل – يۇرتى ئۈچۈن يۈكسەك غورۇرى بىلەن جېنىنى تىكىپ تۇرۇپ، مۇسابىقە ئويناۋاتقان ئاشۇ قېرىنداشلىرىڭىزغا سىزنىڭ مۇكاپات تەسىسقىلىپ بېرىشتە ئازىراق بولسىمۇ ھەسسىڭىز بارمۇ – يوق؟ بەلكىم بەزىلەر، ئۇپالۋانلارغا بىز مۇكاپات بەرمىسەكمۇ، مۇكاپات بېرىدىغان ھۆكۈمەت بار دېيىشىمۇمكىن، توغرا ھۆكۈمەتمۇ ئەلۋەتتە ئىدارىسىگە شان – شەرەپ كەلتۈرگەن ماھىرلارنىمۇكاپاتلايدۇ، ئەمما، ھۆكۈمەتنىڭ مۇكاپاتىنىڭ مېھرى ۋە شەرىپى بىلەن ئەل – يۇرت قەلبىدىن چىقىرىپ بەرگەن «يۇرت سۆيگۈسى مۇكاپاتى» نىڭ مېھرى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. ئەجىباشۇ پالۋانلىرىمىزغا مۇكاپات ئۈستىگە مۇكاپات بېرىلسە ئۇلارنىڭ ئاچچىقى كېلىپ كېتەرمۇ؟ مېنىڭچە، ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارنىڭ يانچۇقىدا يېتەرلىك ئىقتىسادبولغاندىن كېيىن، يۈرىكى پۈتۈن، غورۇرى تېخىمۇ ئۈستۈن بولىدۇ، قەددىي ئاسانلىقچەپۈكۈلۈپ قالمايدۇ، نەتىجىدە ئەل – يۇرت ۋە مىللىتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور شان –شەرەپلەرنى قازىنالايدۇ.
يېقىنداپالۋانىمىز ئابدۇرىشىتخاننىڭ بىر قانچە شىركەتنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولغانلىقى،قىسمەن شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلات ئېلانلىرىغا چىققانلىقى، شۇنىڭغا تۇشلۇق يېتەرلىك ئىقتىسادىي كىرىم ياراتقانلىقىنى ئاڭلاپ ھەقىقەتەن سۆيۈندۈم، چۈنكى مەن پالۋانلىرىمىزمۇ چولپانلار قاتارىدا سانىلىپ، ئوبرازى تاۋار سۈپىتىدە يۇقىرى قىممەت يارىتالىشى كېرەك، دەپ ئويلايمەن، ئابدۇراھمان ئابلكىممۇ ئەينى چاغدائارماننىڭ مەھسۇلات ئېلانىغا چىققانغۇ؟ ئەمدى مەمەتتۇرسۇن چوڭ، ئەكرەم ئىسھاق، زۇلپىقارمۇھەممەتئېلى قاتارلىق بوكسچىلىرىمىز، شىرئەلىجان مۇختار، مەۋلان قاتارلىق ۋاسكىتبولچىلىرىمىز، بارى مەمەتتۇرسۇن، مىرئەخمەتجان قاتارلىق پۇتبولچىلىرىمىز،ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 – باشلانغۇچ مەكتەپتىكى كىچىك پۇتبول ئەزىمەتلىرىمىز ۋە باشقا دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەنتەربىيەدە نەتىجە ئالغان كىشىلىرىمىزئابدۇرىشتخاندەك مەھسۇلات ئېلانلىرىغا چىقسا، كارخانىلارغا ئوبراز ۋەكىلى بولساتامامەن بولىدۇ. «مۇئەللىم» شىركىتى بۇلتۇر مەھسۇلاتىنىڭ ئېلانىغا ئابدۇللائابدۇرېھىم ئاكىنى ئوبراز ۋەكىلى قىلىشقا ئويلىشىپتىكەن، كېيىن كەسپ نۇقتىسىدىن ئويلىشىش ئارقىلىق كۆزگە كۆرۈنگەن ئەخلاق تەربىيە يېتەكچىسى، مائارىپ تەتقىقاتچىسى  تۇرسۇنجان مۇئەللىمنى ئوبراز ۋەكىلى قىلىپ تاللاپتۇ، مانا مۇشۇنداق ھەر ساھەنىڭكۆزگە كۆرۈنگەن تۆھپىكار شەخسلىرى ئوخشىمىغان ساھەدىكى كارخانىلارنىڭ ئوبرازۋەكىلى بولسا تامامەن بولىدۇ.
دېمەكچى بولغىنىم، ھازىر دىيارىمىزنىڭ ئۆزىدىلا 20 مىڭدىن ئارتۇقراق ئۇيغۇر كارخانىسى بارئىكەن، ئاشۇ كارخانىلارنىڭ غوجايىنلىرى نەچچە ئون تۈمەن خەجلەۋاتقان مەھسۇلات ئېلانلىرىغا يۇقىرىقىدەك تەنتەربىيە چولپانلىرىنىمۇ تەكلىپ قىلغان بولسا، دەۋرپالۋانلىرىمىزنى خەلقىمىز ياد ئېتىپ تۇرالايتتى، ئۇلارنىڭ يورۇق سىماسى ئەۋلادلىرىمىزغا ئۈلگە تىكلىيەلەيتتى، كارخانا ئوبرازىمۇ ماس ھالدا ئۆسەتتى.يۇقىرىقىدەك قەھرىمانلىرىمىزنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن ئۇلارنىڭ خاس ئالاھىدىلىكلىرى، ئىمزاسى چۈشۈرۈلگەن ياكى ئۇلارنىڭ خاس ئىسىملىرى ماركا قىلىنغان تۈرلۈك كىيىم – كېچەك،خاتىرە بويۇملىرىنى ئىشلەپ بارزاغا سالسا، بۇ ئارقىلىق بىر تەرەپتىن پالۋانلارغائىقتىسادىي كىرىم بولاتتى، يەنە بىر تەرەپتىن شۇلارنىڭ شان – شەرەپ تۇيغۇسىنى نۇرلاندۇرغىلى بولاتتى. بۇ خىل «تۆھپىكارلار مۇكاپاتى» نى پالۋانلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنلىرى، ئالتۇن مېدال ئالغان خاتىرە كۈنلىرى، كوماندىغا كىرگەنلىكىنىڭ پۈتۈن سانيىللىقى كۈنلىرى قاتارلىق پەيتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، «تۆھپىكارلار مۇكاپاتى» نىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشقا بولىدۇ، دەپ قارايمەن. مۇبادا «تۆھپىكارلارمۇكاپاتى» تەسىس قىلىنىپ قالسا.....
پالۋانىمىزئابدۇراھمان ئابلىكىمنىڭ مۆھتىرەم ئائىلە – تاۋاباتلىرى، مەرھۇمنىڭ ھايات چېغىدائەل – يۇرتىمىزغا شان – شەرەپ كەلتۈرۈش يولىدا ئاققۇزغان قان - تەرى بەدىلىگەبېرىلگەن بۇ «تۆھپە مۇكاپاتى» نى مەرھۇمغا ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋېلىشنى خالايسىلەرغۇدەيمەن. شەخسەن مەن، خەلقىمىز قان – قېرىندىشىڭلار ئۈچۈن تەسەددۇق قىلغان ئۇشبۇ «تۆھپەمۇكاپاتى» نى قوبۇل قىلىشىڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
پالۋانىمىزنىڭ سەبدېشى، ھۆرمەتلىك ئابدۈشكۈرمىجىت ئاكا، سىز ئەل – يۇرتىمىزنىڭ شان – شەرىپى، يۈزى ۋە غورۇرى ئۈچۈن تىنىمسىزئەجىر قىلىۋاتقان يۇرت سۆيەر، تۆھپىكار، باتۇر ئوغلان بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن «تۆھپىكارلارمۇكاپاتى» تەسىس قىلىشقا تامامەن قوشۇلىسىزغۇ دەيمەن؟
ھۆرمەتلىك يالقۇن روزى ئاكا، ئالدىڭىزدا تولىمۇ ئاددىي تەپەككۇر شەكىلىم بىلەن ئوتتۇرىغاقويۇلۇپ قالغان،  «تۆھپىكارلار مۇكاپاتى»تەسىس قىلىش پىكىرىمگە قوشۇلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، مەن يەنە سىزگە قوشۇلۇپ ئابدۇقادىرجالالىدىن، زۇلپىقار بارات ئۆزباش قاتارلىق زىيالىلىرىمىزنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىشىنىمۇ ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى بۇ خۇددى خەلقىمىزنىڭ 2015 – يىلىنى«كىتاب ئوقۇش يىلى» قىلىش تەشەببۇسىغا ئوخشاشلا بىر تەشەببۇس. مېنىڭ بۇ  ئىككى يازمىنى يېزىشىمدىكى مەقسىتىم شۇكى، مۇشۇيازمىلار ئارقىلىق بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ تۆھپىكارلىرىمىزغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشتۇر. مەن يەنە خەلقىمىز ئۈچۈن قۇتلۇق قەدەملەرگە، تۈرلۈك سىر -ھېكمەتلەرگە تويۇنغان بۇ بىر يېڭى يىلدا، بىر قايغۇرۇش ئورنىغا، بىر خۇشال بولۇشنىڭ دەسسىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەلۋەتتە، بۇ مېنىڭ تەۋسىيەم خالاس، مەيلى ئەمەلگەئاشسۇن ياكى ئاشمىسۇن، مەن بۇ تەۋسىيەنى كىشىلەرنىڭ ئېسىگە سېلىپ قويۇپ يامان قىلمىدىم، دەپ ئويلايمەن، تورداشلار ۋە ئوبزورچى يالقۇن روزى ئاكامنىڭ ماڭا بولغان ھەرقانداق تەنقىدى تەكلىپ پىكىرى بولسا ئاددىي ئىزدەنگۈچى ۋە كەمتۈك ئىنسان بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھەرۋاقىت قوبۇل قىلىشقا تەييارمەن.
QQ图片20150126145934.png

2015– يىلى 26 – يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى كېچە سائەت 1:30 دىن 4:40 قىچە بولغان ئارلىقتايېزىلىپ تورغا يوللاندى
(ئەسكەرتىش:ئەسلى ئاپتور ۋە مەنبە ئەسكەرتىلگەن ئاساستا مەزمۇنىنى ئۆزگەرتمەي يوللاۋەرسەڭلاربولىدۇ

6

تېما

4

دوست

8621

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   72.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4158
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1695
تۆھپە : 1477
توردىكى ۋاقتى: 269
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 12:30:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىغا باھا يېزىپ تالاش -تارتىشلارغا ئارىلاشقىم يوق.ئەمما «تۆھپىكارلار مۇكاپاتى»تەسىس قىلىشقا قوشۇلىمەن،ئورۇنلۇق تەشەببۇس ئىكەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

2

دوست

3139

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   37.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27382
يازما سانى: 355
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 928
توردىكى ۋاقتى: 100
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 12:31:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق مۇكاپاتنى تەسىس قىلىش خاتا ئەمەس ، بەلكى زۈرۈر ۋە توغرا . سىز بۇ تەشەببۇسنى قىلىپ خاتا قىلمىدىڭىز .

2

تېما

0

دوست

330

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   15%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7741
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 36
تۆھپە : 70
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 12:40:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇكاپاتنى تەسىس قىلىشقا بولىدۇ  . قەھرىماننىڭمۇ  ،  دېھقاننىڭمۇ  ، ئالىمنىڭمۇ  بىر ئائىلىسى  ، غەم - غۇسسىسى  بولىدۇ  .
لېكىن مەن چۈشەنمىگەن بىر نوقتا نىمىشقا بەزى ئادەملەر ئەھمىيەتسىز جىنىس رىكورتلارنىڭ قۇربانى بوپكىتىدىغاندۇ ؟     تەكلىماكاننى موتوسىكىلىتتا كىسىپ ئۆتۈپ نام قازىنىش بىلەن زەم زەمگە سىيگەن ئەرابىنىڭ پەرقى نەدە ؟

0

تېما

0

دوست

557

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   11.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9125
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 166
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 12:44:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاقىلانە پىكىر،قوللايمىز! شۇئارنى چىڭ توۋلايمىزۇ،ئەمەلدە يوق بولۇپ قالىدىغان مىجازىمىز كۈچلۈك .
  پېقىر، ئاددىي ئىنسان بولساممۇ،كۆپ ۋاقىتلاردىن بېرى بۇ بۇرادىرىمىزگە ئوخشاش ھېسياتتا بولغان. بۇ تەشەببۇسىڭىزنى ئەمەلىي ھەركىتىم بىلەن قوللايمەن!

0

تېما

0

دوست

134

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   44.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33815
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 42
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 13:02:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئەلسويەر ئەپەندىنىڭ بۇ پىكىرىنى قوللايمەن...بۇ سەدىقە قىلىش ئەمەس بەلكى خەلىقىمىزنىڭ توھپىكارلارنىڭ  ئەجىرىگە بەرگەن مۇكاپاتى ..توغرىنى قوللايمىز ،خاتانى چەتكە قاقىمىز......
بوكىس شاھى ئابدۇشكۇرنىڭ
«بىز چېمپىيون بولغاندىن كېيىن خەلق بىزنى باقسىكەن دەيدىغان تەمەخور تەييارتاپلاردىن بولۇشنى نومۇس دەپ بىلىمىز، بىز ئۇ تاغدىن – بۇ تاغقا ۋېلسىپىت بىلەن بارغان، پۇستانى چۆلدىن ياغاچ پۇت بىلەن ئۆتكەن دېگەندەك ئاتاقلارنى ئېلىپ، بۇ خىلدىكى ئاتاقلارنى تەمەخورلۇقنىڭ دەسمايىسى قىلىۋېلىپ، خەلق بىزنى بېقىشى كېرەك دەيدىغان تەييارتاپلاردىن پەرىقلىنىمىز» بۇ سۆزلىرى ئىشىپ كىتىپتۇ ....

0

تېما

0

دوست

1038

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10914
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 40
تۆھپە : 290
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 13:05:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالە چىقپ بولغۇچە بۇنىڭدىكى ئدىينى ھەزىم قىلىپ بولغۇچە، پۇتاق چىقىرىپ بولالايمىزجۇمۇ.  ئۇ گەپنى يالقۇن روزى دەپتىمۇ ياكى، يالقۇن روزى شۇ گەپنى دىگۇچۇلەرنىڭ گىپىنى يىزىپتىمۇ، قايلاپراق يازايلى بالووووووووووووووووووووووووووو.

0

تېما

10

دوست

894

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   78.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3023
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 266
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 13:15:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yesboos يوللىغان ۋاقتى  2015-1-26 13:05
ماقالە چىقپ بولغۇچە بۇنىڭدىكى ئدىينى ھەزىم قىلىپ بولغ ...

بەزىلەرنىڭ ماقالە  يىزىش ۋەزىپىسى بار ئەمەسمۇ  كىمنىڭ دىگىنى بىلەن كارى يوق ،،،ئەلى قۇرباننىڭ ئىشى بىسىقىۋىدى ئەمدى ئولۇپ كەتكەن ئادەمنىڭ ئۇستىدىنمۇ توختىماي ماقالە يزىپ بوپتۇ يىزىڭلا بايقۇشلا سىلەرنىڭ بۇنىڭدىن باشقا قىلدىغان ئىشىڭلار بولمىغانكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )