جۇڭگودا بۇ يىل پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى پارتلامدۇ ليۇ گاڭ
مېدىيەلەر ئامېرىكا مەبلەغ سېلىش بانكىسى ئامېرىكامېرلىن لىنك (AmericaMerrill Lynch)يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىنى نەقىل قىلىشىچە، پۇل پاخاللىقى تارىيىش بېسىمى ئېھتىمال بىر نۆۋەتلىك قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرماسلىق دولقۇنىنى قوزغىشى مۇمكىن بولۇپ، جۇڭگودا بۇ يىل پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى پارتلاش خەتىرى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. ئەمما بەزى مېدىيەلەرنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو ئىقتىسادىي نېمىلا بولمىسۇن مەزمۇت بولۇپ، كىرىزىستىن ئامان-ئېسەن ئۆتۈپ كېتەلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەنگلىيە «مۇھاپىزەت گېزىتى» 1-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىشىچە، ئامېرىكا مەبلەغ سېلىش بانكىسى Merrill Lynch نىڭ مۆلچەرلىشىچە، جۇڭگودا بۇ يىل بىر مەيدان كرېدىت كىرىزىسى پارتلاش مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن، چۈنكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۈزلۈكسىز ئاستىلىشى ناچار ھېساباتلارنىڭ زور مىقداردا كۆپيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. مەزكۇر بانكىنىڭئۈچ نەپەر تەھلىلچىسى بىر تەتقىقات دوكلاتىدا دېيىشىچە، جۇڭگونىڭ قەرزىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى بىلەن GDPنىڭ نىسبەت قىممىتى ئۆتكەن نەچچە يىلدا تېز سۈرئەتتە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، تارىختا،يەر شارىدا ھېچقايسى دۆلەت جۇڭگودەك ئەھۋالغا يولۇققاندا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى پارتلاشتەك كاج تەلەيدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان، كىرىزىسنىڭ ئىپادىلىنىش شەكىللىرىدىن پۇل كۇرسىنىڭ زور دەرىجىدە چۈشۈشى، بانكا كەسپى كاپىتالىنىڭ قايتا تەشكىللىنىشى، كرېدىت كىرىزىسى ياكى ھوقۇقلۇق قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرماسلىق قاتارلىقلار بار ھەمدە پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى پارتلىغاندا بۇ يامان ئىشلار ھەمىشە بىرلا ۋاقىتتا يۈز بېرىدۇ. ئەمما تەھلىلچىلەرمۇ ئېتىراپ قىلىدۇكى، جۇڭگونىڭ قەرزى ئاساسلىقى ئۆز پۇلىدىكى قەرزبولغانلىقتىن ھەمدە جۇڭگونىڭ مەركىزىي بانكىسى پۇل باسالايدىغانلىقتىن، شۇڭا جۇڭگوھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى بانكىلار ۋە باشقا پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىغا ياردەمقولىنى سۇنۇش ئىقتىدارى بار. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگونىڭ كرېدىت كىرىزىسىنىڭ پارتلاش شەكلىدىكى مۇمكىنچىلىك بولسا: مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خەتەرگە ھېرىسمەنلىك دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، كۆلەڭگە بانكا سىستېمىسىدا كرېدىت كىرىزىسى پارتلايدۇ، ئاندىن ھۆكۈمەتنىڭ باشلامچىلىقىدا جۇڭگونىڭ پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىدا كاپىتال قايتىدىن تەشكىللىنىدۇ. ئامېرىكا Merrill Lynch بانكىسىنىڭ بۇ تەتقىقات دوكلاتى كىشىلەرنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى ئۈچ چوڭ مەسىلە: پۇل پاخاللىقى تارىيىش، خەلق پۇلى كۇرسىنىڭ چۈشۈشى ۋە قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرماسلىقلارغا دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىدۇ. ئەنگلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 1-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا Merrill Lynchبانكىسى ئاگاھلاندۇرۇپ، جۇڭگودا بۇ يىل پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى پارتلاش خەۋپ-خەتىرى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە، چۈنكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يوقاتتى ھەمدە پۇل پاخاللىقى تارىيىش بېسىمى قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرماسلىق دولقۇنى قوزغىشى مۇمكىن، دېدى. مەزكۇر بانكا بىر تەتقىقات دوكلاتىدا خېرىدارلارغا ئەسكەرتىپ، بىر قاتار پايدىسىز ئامىللارنىڭ توپلىنىشى جۇڭگونىڭ A پاي بازىرىدىكى نۆۋەتتىكى پۇرسەتپەرەسلىك قىزغىنلىقىنى سوۋۇتۇپ، ئەڭ ئاخىرى جۇڭگونىڭ 2 تىرىلىئون 600 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق غايەت زور قەرزىنىڭ ئىقتىسادقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاجىزلىقىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ، دېدى. ئامېرىكا Merrill Lynchبانكىسى بۇ دوكلاتىدا دېيىشىچە، جۇڭگودا بۇ يىل كرېدىت كىرىزىسى پارتلىشى مۇمكىن بولۇپ، شى جىنپىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنى زىيادە قەرز مەسىلىسىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقى ئېھتىمال قەرز نىسبىتى يۇقىرى جۇڭگو كارخانىلىرىنى ئۆرۈۋېتىشى مۇمكىن. مەزكۇر بانكا ئاگاھلاندۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى ۋە قەرز نىسبىتىنىڭ زىيادە يۇقىرى بولۇشتەك بۇ ئىككى ئامىل بىرلەشسە جۇڭگونىڭ پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىغا ئەجەللىك زىيان سېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. خەۋەردە ئەنگلىيەتەتقىقات ئورگىنى Lombard Street Research نىڭ تەھلىلچىسى دىيانا كويلېۋا (DianaChoyleva) نىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىشىچە، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى %10 دىن%20 كىچە يۇقىرى مۆلچەرلىتىۋېتىلگەن. ئۇ ئاگاھلاندۇرۇپ، جۇڭگونىڭ مائاش سەۋىيەسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنىڭ ئېشىشىدىن ئۆتۈپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، رىقابەت ئۈستۈنلىكىنى يوقاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ گەرچە جۇڭگونىڭ كۆلەڭگە بانكا سىستېمىسىغا يوشۇرۇنغان خەۋپ-خەتەرنى ھېس قىلىپ يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى ئامىلى قوزغىغان ھەرىكەتچانلىق كىرىزىسىنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىغا پەيدا قىلغان تەھدىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. بىراق خەۋەردە يەنە دېيىلىشىچە، جۇڭگو ئىقتىسادى نېمىلا بولمىسۇن مەزمۇت بولۇپ، جۇڭگونىڭ يەنىلا خەتەرسىز ھالدا كىرىزىستىن ئۆتۈپ كېتىش ئىقتىدارى بار بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. مەبلەغ سالغۇچىلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىس بولسا ئۇلار شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى زىيادە قەرز ئېلىش ۋە زىيادە مەبلەغ سېلىش مەسىلىسىنى تۈزەش جەھەتتە قانچىلىك يىراققا بېرىشقا تەييارلانغانلىقىغا ھۆكۈم چىقىرىشقا موھتاج، مۇنداقچە ئېيتقاندا قايسى چاغدا شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى تۈزەش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئېشىشنى قوزغىتىشنى قايتىدىن باشلىساق بولىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشقا ئېھتىياجلىق. «ۋول كوچىسى گېزىتى» تورىدىن تەرجىمە قىلىندى. ئاپتورى ليۇ گاڭ «ۋول كوچىسى گېزىتى» خەنزۇچەتورىنىڭ مەخسۇس سەھىپە يازغۇچىسى ۋە مۇھەررىرى. ماقالىدىكى بايانلار پەقەت ئۇنىڭ شەخسىي كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
تەرجىمىدە: ئوكيان تورى |