قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2323|ئىنكاس: 43

Ⅸ ئەسىردىن ئىلگىرىكى تۇرپان رايونىدىكى ئاساسلىق ئاھالىلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

10

دوست

4119

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   70.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11326
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 83
تۆھپە : 1349
توردىكى ۋاقتى: 1045
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 17:16:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Ⅸ ئەسىردىن ئىلگىرىكى تۇرپان رايونىدىكى ئاساسلىق ئاھالىلەر
ئابلەت ئەخمەت

  I. ئىنسانلارنىڭ تۇرپان ئويمانلىقىدىكى پائالىيتىگە دائىر ئەڭ يېڭى  بايانلار

    تۇرپان قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ غول تۈگۈنىگە جايلاشقان بولۇپ، قەدىمدىن تا ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ ئەۋزەل شەرت-شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، تارىخ ئېقىمىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە باشلامچىلىق رول ئوينىماقتا. شىنجاڭدىكى تەبىئي ئارخېئولوگيلىك موزىېي دەپ ئاتالغان بۇ جاي تۇرپان دىيارىدا قەدىمدىن بۇيان ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى ۋە قەدىمكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم بىر ھالقىغا ئايلاندى. يېقىندا بايقالغان ئارخېئولوگيلىك تېپىلمىلارنىڭ ئىلمى دوكىلات خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، تۇرپاندا كونا تاش قوراللار دەۋرىدىلا ئىنسانلار پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى مەلۇم. بۇ بايقاش شىنجاڭدا كونا تاش قوراللار دەۋرىگە خاس مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇرۇپ ، ئىنسانلارنىڭ تۇرپاندىكى پائالىيەت تارىخىنى 15 مىڭ يىللاردىن 20 مىڭ يىللارغىچە ئىلگىرى سۈردى ①. بۇ تۇرپاننىڭ شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى مەدەنىيەت مەركەزلىرىگە ئوخشاشلا مەدەنىيەت بۆشۈكلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىسا ، ئىنسانلارنىڭ كونا تاش قوراللار دەۋرىدىن تارتىپلا تۇرپاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ تەرەققى قىلغانلىقىنى ، ئىپتىدائى مەدەنىيەت ياراتقانلىقىنى ، ئۈزلۈكسىز تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا كۆپىيىپ تۇرپاندىكى قەدىمكى ئېقتىساد ۋە مەدەنىيەتنىڭ گۈللۈنشنىڭ ئاساسىنى ھەمدە قەدەمكى ئاھالىلەرنىڭ ئۇلىنى سالغانلىقىنى دەلىللەشكە بولىدۇ. ئەگەردە ئىنسانلارنىڭ تۇرپان رايونىدا كونا تاش قوراللار دەۋرىدىن تارتىپلا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىدەك پاكىت ، ئارخېئولوگيلىك دەلىللەشلەرگە سەل قارالسا،ئۇنداقتا ئىنسانلارنىڭ تۇرپان رايونىدىكى ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات جەريانىغىمۇ، تۇرپاندىكى ئاھالىلەرنىڭ ئېتنىك تەركىبلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۆزگىرىشىگىمۇ سەل قارالغان بولىدۇ.

II . تۇرپان رايونىدا ياشىغان قەدىمكى ئاساسلىق ئاھالىلەر

    قوسلار

تۇرپان رايونىدا ئەڭ دەسلەپ ياشىغان ئاھالىلەر قوسلار بولۇپ ، ‹‹ تارىخى خاتىرىلەر ›› ، ‹‹ خەننامە›› قاتارلىق تارىخنامىلەردە قوسلارغا ئائىت بايانلار يېزىلغان . قوسلارنىڭ يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىن تارتىپلا تۇرپان رايونىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى ئېنىق . مىلادىيدىن ئىككى ئەسىر بورۇنلا قوسلار سىنىپى جەمئىيەتكە كىرگەن بولۇپ، پادىشاھلىقنىڭ مەركىزى ھازىرقى تۇرپان شەھىرىنىڭ ئون كېلومېتىر غەربىدىكى يارغول قەدىمى شەھىرى ئىدى . شۇڭا قوچۇ خەنزۇچە تارىخى مەنبەلەردە مۇشۇ رايوندا ياشىغان  خەلق – قوسلارنىڭ نامى بىلەن车师,姑师دەپ خاتىرلەنگەن② . قوسلارغا دائىر ماترىياللار خەننامىدە : «ئالدى قوس بەگلىكىنىڭ بېگى يارغول شەھىرىدە تۇرىدۇ... ئاھالىسى 1500 تۈتۈن، نوپۇسى 4000 دىن ئوشۇق، ئەسكەرلىككە ياراملىقى 2000 كىشى . ئارقا قوس بەگلىكىنىڭ بېگى ئۇتۇ قورغىنىنى بارىگاھ قىلىدۇ . ئاھالىسى 4000 تۈتۈندىن ئاشىدۇ. نوپۇسى 15000 كىشىدىن ئوشۇق، ئەسكەرلىككە يارايدىغىنى 3000 دىن ئاشىدۇ . ئالدى قوس ، ئارقا قوس ، شەرقى جۈمى، بىلۇ، بارىسكۆل ۋە يىجى بەگلىكلىرى ئالتە قوس بەگلىكلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دەپ خاتىرلەنگەن . مىلادىدىن ئىلگىرىكى II ئەسىردە جاڭ چىيەن غەربى يۇرتقا ئەلچىلىككە سەپەرگە چىققاندا ، قوسلار ئاللىبورۇن زور كۈچكە ئايلانغان. قوسلارغا ئائىت بولغان تارىخى خاتىرىلەر ناھايتى كەمچىل. ئەمما ، قوسلارغا دائىر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تۇرپان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۈرۈمچى، جىمسار، فۇكاڭ قاتارلىق جايلاردىن كۆپلەپ تېپىلماقتا .
ب د ت پەن –مائارىپ مەدەنىيەت تەشكىلاتى يارغول قەدىمكى شەھىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش قۇرۇلىشىنى ئىشلەش جەريانىدا يارغول قەدىمكى شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى قەبرە– يارغول قەدىمكى شەھىرىنى قۇرغان قوس دۆلىتىنىڭ مەلۇم شاھىنىڭ قەبرىسىنى بايقىغان . پۈتۈن قەبرىگە جەمىئي 32 ئات ھەمدەپنە قىلىنغان . قەبرىدىن ئالتۇندىن ياسالغان  تۆگە، قۇش، يولۋاس، غەلىتە ھايۋان قاتارلىق زىننەت بۇيۇملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور مىقداردىكى ئالتۇن بۇيۇملار تېپىلغان. شىنجاڭ ئارخېئولوگىيسىدە مۇنداق چوڭ كۆلەملىك، مۇرەككەپ قۇرۇلمىلىق قەبرە تېخى كۆرۈلۈپ باقمىغان بولۇپ، بۇ قەبرىنىڭ يىل دەۋرى مىلادىدىن بۇرۇنقى 206-يىلدىن مىلادى 8 –يىللارغا توغرا كېلىدۇ ③. دېمەك، قوسلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردىلا مۇكەممەل شەھەر مەدەنىيتىگە ئىگە بولغان يارغول قەدىمى شەھىرىنى مەركەز قىلىپ، قوس خانلىقىنى قۇرۇپ چىقىپ ، تەسىر دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەن .قوس شاھىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇ قەبرىگە ھەمدەپنە بۇيۇملاردىن بىز ئەينى دەۋردىكى قوسلارنىڭ ئالتۇندىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملارنى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەنلىكىنى، پۈتۈن قەبرىگە 32 ئات ھەمدەپنە قىلىنغانلىقىدىن ئاتنىڭ قوسلار ئىگىلىك تۇرمۇشىدا ناھايتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ، چارۋىچىلىق ئېگىلىكىنىڭ ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز .
ئارخېئولوگ خۇاڭ ۋېنبېي ئەپەندى XX ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدا تۇرپاننىڭ يارغول جىلغىسىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى قەبرىلەرنى قېزىش جەريانىدا بىر قىسىم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تاپقان. تۇرپان ئايدىڭ كۆلى، پىچان سۇ بېشى ، توقسۇن يېڭى يايلاق، ئۈرۈمچىنىڭ ئۇلانباي سۇ ئامبىرى قاتارلىق جايلاردىن بىر قىسىم قەدىمكى قەبرىستانلىق ئارخېئولوگىيلىك قېزىلىشى ئېلىپ بېرىلغان. بۇ قەبرىستانلىقلار ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر، غەربى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى قوس قاڭقىللارنىڭ كونتىروللىقىدىكى جايلارغا جايلاشقان. قوس قاڭقىللارنىڭ مەدەنىيتىگە تەۋە بولغان يوقارقى قەبرىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈستى يېپىلغان ھەم جەنۇبتىن شىمالغا زەنجىرسىمان تىزىلغان④.قوسلارغادائىرمەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ تۇرپان ئويمانلىقىدىن داۋاملىق تۈردە تېپىلىشى ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك كەمچىل بولغان يازما خاتىرلەردىكى بوشلۇقنى تولدۇرماقتا. ئالغۇي، ئۇلانباي، سۇ بېشى، ئايدىڭ كۆل قاتارلىق قەدىمكى قەبرىلەرنى قېزىشتىن بىرىلگەن ئىلمى دوكىلاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قەبرىدىن بايقالغان قوس ئادىمىنىڭ باش سۆڭىكىنى ئىنسانشۇناسلار تەتقىق قىلىپ، قوسلارنىڭ %85 نى غەرب ئىرقى ، قالغان %15 نى موڭغۇل ئىرقىغا كىرىدۇ  دەپ ھۆكۈم قىلغان . مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى، جۇغراپىيىلىك جايلىشىش ئالاھىدىلىكى ۋە مىللەت نامىنىڭ تەلەپپۇز تىل تەرەققىياتى جەھەتلەردىن ئانالىز قىلغاندا، قوسلار ئوغۇزلارنىڭ بىر تارمىقى ⑤ . فىرانسىيلىك ئالىم ئالىمجۇزىق دېگىن ئۆزىنىڭ ‹‹ ھۇنلار، تۈركلەر ۋە موڭغۇللارنىڭ كېلىپ چىقىشى ›› دېگەن ئەسىرىدە ئۇيغۇرلار توغرىلىق تۆۋەندىكىلەرنى يەكۈنلەيدۇ: ‹‹ ئالدى قوس ۋە ئارقا قوس يەرلىرى تاتارىينىڭ بىر چاغلاردىكى داڭقى چىققان يەرلىرى ئىدى. بۇ يەرلەرنى ئۇيغۇرلار كونتىرول قىلغان، مىلادىدىن بۇرۇنلا بۇ ئورۇندا ئۇيغۇرلارنىڭ پادىشاھلىقى بولۇپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن. ھەر ئىككىسىلا قوس دەپ ئاتىلاتتى ››⑥ دەپ يازغان . قوسلار تۇرپان ئويمانلىقىدا ياشىغان ئەڭ قەدىمكى خەلقلەر، قوسلار ۋېى،جىن،جەنۇبىي-شىمالي سۇلالىلەر دەۋرىدە، تۇرپان ئويمانلىقى ئەتراپىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان قاڭقىل، ئوغۇز قەبىلىلىرى بىلەن ئۇزاق مەزگىل ياشاش جەريانىدا، قاڭقىل، ئوغۇز قەبىلىلىرىگە سىڭىشىپ ئاسمېلاتسيېلشىپ كەتكەن. ‹‹ ۋېينامە. ئىگىز قاڭقىللار ›› قىسمىدا، مىلادى V ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قاڭقىللار ئالتاي تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىن يارغول ۋادىسىغا كېلىپ بۇ شەھەرنى قايتىدىن تەرەققى قىلدۇرغانلىقى ئېيتىلغان . مىلادى 487-يىلى ئاپۇرغۇر باشچىلىقىدىكى 100 مىڭ تۈتۈن قاڭقىل ئاھالىسى تۇرپان، قارا شەھەر، ئۈرۈمچى قاتارلىق رايونلارغا كۆچۈپ كېلىپ بۇ جايدا ياشاۋاتقان قوسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاھالىلەرنى ئۈزىگە بويسۇندۇرۇپ قاڭقىل خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان .
خەنزۇچە تارىخى مەنبەلەردىن ‹‹ ۋېينامە ›› دىكى خاتىرلەرگە قارىغاندا، پوۋۇرغۇر قەبىلىسىنىڭ جايلاشقان ئورۇنلىرى قوچۇ خانلىقىدىن ھەقىقەتەنمۇ يىراق ئەمەس ئىدى. مىلادى 481 – يىلى قوچۇ شاھى كان بوجو ئۆلگەندە، ئاكىسى كان شوكۇي تەخىتنى تارتىۋالدى. پوۋۇرغۇر قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئاپۇرغۇر كان شۇكۇي ۋە ئۇنىڭ ئىنىسىنى ئۆلتۈرۈپ توخرىلىق جاڭ مىڭمىڭنى خان قىلدى ... ئۇلار ئالدى قوسقا كۆچتى ۋە مۇستەھكەم پۇت دەسسەپ تۇردى ⑦دەپ يېزىلغان . تۇرپاندا قاڭقىل خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇلار ئاساسلىق ھاكىميەت يۈرگۈزگۈچىلەردىن بولۇپ تۇرپاننى كونترول قىلغان. قوسلار بارا-بارا قاڭقىللارنىڭ ھەر قايسى قەبىلىلىرى تەركىبىگە سىڭىشكە باشلىغان بولىشى مۇمكىن . تۇرپاندىن تېپىلغان قاڭقىللارغا ئائىت قەبرىلەردىن قەدىمكى قاڭقىللارنىڭ چاچلىرىنى ئۇزۇن قويىدىغانلىقىنى، چېچىغا تور شەكىللىك قاپ تارتىپ قويىدىغانلىقىنى، ھەمدەپنە بويۇملارنىڭ تېرە، يۇڭ توقۇلما بۇيۇملار بولغانلىقىدىن ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تۇرمۇشىدا چارۋىچىلىقنىڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز⑧ . ‹‹ ۋېينامە.قاڭقىللار ھەققىدە قىسسە ››گە ئاساسلانغاندا قاڭقىللارنىڭ ئەرلىرى ئوقيا ئېتىپ، ئات چاپتۇرۇپ، جۇشقۇن قەيسەرلىك بىلەن يۈرۈيدىغانلىقى، ئاياللىرىنىڭ بولسا، ‹‹سىرتىغا تېرە ئېلىپ قوي سۆڭىكى بىلەن ياسالغان چاچ قادىغۇچنى بېشىغا قادىۋالىدىغانلىقىنى، چېچىنى تور قاپقا ئوراپ، تاجدەك قىلىۋېلىپ›› بۆلەكچىلا ياسىنىۋالىدىغانلىقى ⑨خاتىرلەنگەن. دىمەك ‹‹ ۋېينامە . قاڭقىللار ھەققىدە قىسسە ››دىكى يېزىپ قالدۇرۇلغان خاتىرىلەر ، تۇرپاندىن تېپىلغان ئارخېئولوگىيەلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بىلەن ئاساسى جەھەتتىن ئوخشايدۇ . قاڭقىل قەبىلىلىرى قوسلارنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ، سىڭدۈرۈپ، تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالى ۋە شەرقى، تۇرپان ئويمانلىقى، قارا شەھەر يۇلتۇز ۋادىلىرىدا چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، سۈي ، تاڭ دەۋىرلىرىگە كەلگەندە تارىخى مەنبەلەردە تېلې( تۇرا ) دەپ ئاتالغان .
توخرىلار
توخرىلار ھىندى-ياۋروپا تىل سېستىمىسىدا سۆزلىشىدىغان  ئەڭ قەدىمكى خەلق بولۇپ، توخرىلارنىڭ مىللەت تەركىبى ھەققىدە پىكىر بىردەك ئەمەس. توخرىلار توغرىسىدىكى خەنزۇچە يازما مەنبەلەر ئەڭ دەسلەپ ئېلىمىزنىڭ تارىخى مەنبەلىرىدە ئۇچرايدۇ . ‹‹ تارىخى خاتىرىلەر.پەرغانە تەزكىرىسى ›› دە :‹‹ياۋچىلار (توخرىلار) دەسلەپ دۈنخۇاڭ، چىلەن تاغلىرى ئارلىقىدا ياشاپ، ھونلاردىن يېڭىلگەندىن كېيىن يىراقلارغا كۆچۈپ كەتكەن»⑩ دەپ خاتىرلەنگەن بولسا ، ‹‹خەننامە . غەربى يۇرت تەزكىرىسى ›› دە : ‹‹ ئۇلۇغ توخرىلار ئەسلىدە كۆچمەن خەلق بولۇپ، ئوت- چۆپ ، سۇ قوغلىشىپ كۆچۈپ يۈرەتتى. ئەسلىدە ئۇلار دۇنخۇاڭ، چىلەن تاغلىرى ئارىسىدا ياشايتتى. ھونلارنىڭ تەڭرىقۇتى باتۇرنىڭ زامانىسىغا كەلگەندە، ھونلار توخرىلارنى تارمار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن توخرىلار يىراقلارغا كۆچۈپ كەتتى ۋە پەرغانىدىن ئۆتۈپ غەرب تەرەپتىن باكتىرىيە خانلىقىغا ھوجۇم قىلدى. ئۇلارنى بويسۇندۇرۇپ خانلىق قۇردى... ››11 دىيىلگەن. توخرىلار ‹‹ ۋىينامە . غەربى دىلار تەزكىرىسى ›› دە چىياڭ دەپ ئاتالغان ، ‹‹ كونا تاڭنامە›› دە دى دىيىلگەن. بىر قىسىم چەتئەللىك ئالىملار تۈرك دەپ قارىسا ، بىر قىسىملىرى توخرىلارنى مىللەت تەۋەلىكى جەھەتتىن ئارىيانلارغا تەۋە دەپ قارايدۇ12. توخرىلارنىڭ مىللەت تەۋەلىكى ، تىلى ھەققىدە جۇڭگو ۋە چەتئەل ئالىملىرىنىڭ پىكرى بىردەك ئەمەس. تېخى ئەڭ كۆپ سانلىق ئېتىراپ قىلغان كۆز قاراش ئوتتۇرىغا قۇيۇلمىدى. شۇڭلاشقا ئەڭ ئاخىرقى يەكۈننى چىقىرىش تەس .
مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3000- يىللارنىڭ ئاخىرى 2000- يىلللارنىڭ باشلىرىدا ھىندى- ياۋرۇپا تىل سېستىمىسىدىكى خەلقلەر ئۆز ئانا ماكانىدىن كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىشى ، نامەلۇم بولغان تەبىئىي ئاپەت ۋە يېڭى ياشاش بوشلۇقىغا ئىگە بولۇش ئىستىكىدە ئوخشاش بولمىغان يۆلىنىشلەرگە كۆچكەن . بىر قىسىم خەلقلەر پامىر ئېگىزلىكى ۋە شەرقى قازاقىستان بويلىرىدىكى غەربى يۇرتقا تۇتىشىدىغان دەريا- ئېقىنلىرىنى بويلاپ شەرق تەرەپكە كۆچۈپ پامىر ۋە تەڭرىتاغ بويلىرىغا كەلگەن ۋە تەدىرىجى ھالدا شۇ يەرنىڭ شارائىتىغا ماسلىشىپ كەتكەن13. توخرىلار توغرىسىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، توخرىلار قەدىمكى يىپەك يولىنى بويلاپ كۇچا ، قاراشەھەر ، تۇرپان ، قۇمۇل ، خېشى كارىدورى ، دۇنخۇاڭ ، چىلەن تاغلىرى قاتارلىق كەڭ رايونلاردا پائالىيەت ئىلىپ بارغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى غەربى يۇرت بەگلىكلىرىگە نىسبەتەن توخرىلارنىڭ كۈچى ئىنتايىن زور بولۇپ، ھۇنلار، ئۇيسۇنلاردىن قېلىشمايدىغان ئەمەلىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، بۇ رايونلارغا قارىتا ئەمەلىي كونترول قىلىش كۈچى كۈچلۈك ئىدى، شۇڭلاشقا ھۇن تەڭرىقۇتى ئوغۇللىرىنى توخرىلارغا بارىمتايلىققا ئەۋەتەتتى.
مىلادىدىن ئىلگىرىكى 7- ئەسىردىن باشلاپ ، توخرىلار خېشى كارىدورىدىن غەربكە كۆچۈشكە باشلىغان. بۇ ھەقتە جۇڭگۇ چەتئەل يازما خاتىرىلىرىدىن مەلۇم ئىسپاتلارنى تېپىشقا بولىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 800- 600 – يىللاردا گەنسۇ ، چىڭخەي رايونلىرىدا شاجىڭ مەدەنىيىتىنى ياراتقان توخرىلار ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق كۆچۈش سەپىرى جەريانىدا يان لەھەتلىك قەبرە مەدەنىيىتىنى قۇمۇل ، تۇرپان ، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالى، يەتتۇ سۇ ۋادىسى قاتارلىق كەڭ تىرېتورىيىلەرگە تارقاتقان بولۇشى مۇمكىن. پىچان سۇبىشى قەبرىستانلىقى، ئۈرۈمچى نەنسەن قەبرىستانلىقى ۋە سۇنبۇلاق قەبرىستانلىقلىرىنىڭ يىل دەۋرى دەل توخرىلار غەربكە كۆچكەن دەۋرگە توغرا كىلىدۇ14. غەربكە كۆچكەن توخرىلارنىڭ ھەممىسى باكتىرىيە رايونىغا بارالمىغان بولۇشى مومكىن. كۆچۈش جەريانىدا ھەر قايسى بوستانلىقلاردا قېلىپ قالغان توخرىلار شۇ جايدىكى ئاھالىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ئۇلارنىڭ ئېجتىمائىي تۇرمۇشىغا يېڭى مەزمۇن قوشقان. يەنى ئەينى دەۋردىكى كۇچا، قاراشەھەر، تۇرپان بوستانلىقلىرىدا ياشىغان خەلقلەرنىڭ تىللىرىنى ئالىملار ‹‹ توخرى تىلى- A ››ۋە ‹‹توخرى تىلى – B››  دەپ ئاتىغان . تۇرپاندىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ‹‹ مايتىرى سىمىت ›› دىراممىسىنىڭ ھەر قايسى باپلىرىنىڭ ئاخىرىغا ‹‹ توخرى تىلى ›› دىن تەرجىمە قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. تۇرپاندىن ‹‹ توخرى تىلى- A ›› بىلەن يېزىلغان نوم پۈتۈكلىرىنىڭ تېپىلىشى، قۇچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتتا ئىشلەتكەن نۇرغۇنلىغان بۇددا دىنى ئاتالغۇلىرىنىڭ مەنبەسىنىڭ توخرى تىلى ئىكەنلىكىدىن توخرىلارنىڭ تۇرپان رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز ھەمدە زور تۈركۈمدىكى بۇددا دىنى تارقاتقۇچىلارنىڭ توخرىلاردىن ئىكەنلىكىنى توخرىلارنىڭ تۇرپان ئويمانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بوستانلىقلاردا خىلى يۇقىرى سالماقنى ئىگىلەيدىغان ئاھالە ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.
ئا. فون. گابائىن خانىم تۇرپان ئويمانلىقىدا ھەر قايسى دەۋرلەردە ياشاپ ئۆتكەن خەلقلەرنى ۋە قەبىلىلەرنى  ياكى شۇلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان قەدىمكى ئېنتۇناتسىيىلەرنى (ئاھاڭ ئۆزگىرىشلىرىنى) تەكشۈرۈپ، بۇلارنىڭ قاتارىغا ھۇنلارنى ، كۇشانلارنى ، ئىفتالىتلارنى ، توخرىلارنى ، ساكلارنى ، سوغدىلارنى ساناپ كۆرسىتىدۇ. بۇ ئەھۋالغا ئاساسەن. تۇرپان ۋادىسىنىڭ قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئاھالىسى توخرىلار دەپ ھىسابلايدۇ15. تۇرپان تەۋەسىدە ياشىغان بۇ بىر قىسىم توخرىلار كېيىنكى كۈنلەردە غەربكە كۆچكەن ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى ۋە يەرلىك ئۇيغۇر قەبىلىلىرىگە سىڭىشىپ، ئاسمىلىياتسىيلىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ (تۇرپان ئۇيغۇرلىرى) ئېتنىك تەركىبلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. توخرىلار ملادىنىڭ ئالدى- كەينىدىكى دەۋرلەردە تۇرپان ئويمانلىقىدىكى ھەر قايسى بوستانلىقلاردا پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، تۇرپاندىكى ئاھالىلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە، ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا، دىنىي ئېتىقادىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن خەلق. تۇرپاندىن تېپىلغان ھۆججەت- ماتېرياللاردىكى بۇددا دىنى ۋەسىقىلىرىدىكى ‹‹توخرى›› سۆزى قەدىمكى جۇڭگۇ تارىخى مەنبەلىرىدە قالدۇرۇلغان ‹‹روجى ›› (月氏)لارنى ھەم ئۇلار ئىشلەتكەن تىلنى كۆرسەتكەن بولۇشى مۇمكىن. تۇرپان تەۋەسىدىكى ئەينى دەۋر ئاھالىلەرنىڭ توخرى تىلىنى ئشلىتىشى توخرىلارنىڭ تۇرپان تەۋەسىدە خېلى زور سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. بىز يۇقىرقى مەزمۇنلاردىن توخرىلارنىڭ تۇرپاندىكى ئەينى ۋاقىتتا مۇھىم ئاھالىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز .
ئوغۇزلار ۋە ئۇيغۇر قەبىلە ئېتتىپاقىنىڭ ئەزالىرى
ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى غەربكە كۆچۈشتىن خېلى بۇرۇنلا ئۇيغۇر قەبىلە ئېتىتپاقىغا تەۋە بولغان قەبىللەر تۇرپاندا ياشىغان. تۇرپان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بوستانلىق رايۇنلاردىكى ئوغۇزلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىش پائالىيەتلىرى ئېلىمىزتارىخنامىلىرىدە تىلغائېلنغان. «تارىخي خاتىرىلەر» دىكى“呼揭”  ،«خەننامە»دىكى ئوغۇز  ” 乌揭  “،«ئۈچ دۆلەت ھەققىدە تەپسىرات»تىكى ئوغۇز قاتارلىقلار ئۇيغۇر دېگەن نامنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى خەنزۇچە تەرجىمىسى ئىدى.بۇ نامنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالى سۇلالىلەر دەۋردىن سۈي سۇلالىسى دەۋرگىچە بولغان تارىخناملەردە خاتىرىلەنگەن.ۋېيخې(,(韦纥 يۈەنخې(    袁纥   )، ئوغۇز (乌护)، ۋۇخې (乌纥)  قاتارلىق تەرجمىلىرى بار.  تارىخ ساھەسىدىكىلەر، مىلادى IIئەسىردە تىلغا ئېلنغان ئوغۇزلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەلىرىدىن بىرى، دەپ ھېسابلايدۇ. «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسە»دە:«قۇتئۇش تەڭرىقۇت ئۇيسۇنلارنى مەغلۇپ قىلدى، شىمال تەرەپتە ئۇغۇزلارغا زەربە بېرىپ، لەشكەر تارتىپ غەربكە بېسىپ كىردى...»دېيلگەن. «تارىخي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»دىمۇ، «ھۇن تەڭرىقۇتى ئوڭ قول بىلىك خاننى جازالىغاچقا توخرىلاردىن مەدەت تىلەشكە مەجبۇر بولدى.نەتىجىدە كرروران، ئۇيسۇن، غۇزلار شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا قوشنا بولغان    26 دۆلەت ئاسايىشلىققا چۆمگەن....» بۇ تارىخنامىلەردىكى «غۇز،ئۇغۇز»لار «ئۇغۇزلاردۇر»16.ئىككى خەن دەۋردىكى ئوغۇزلار،ۋېي،جىن،شىمالىي خانىلىقلار دەۋردىكى ئورخۇن ۋە سېلىنگا دەرياسى بويلىردا ماكانلاشقان يۈەنخې ۋە ۋېىخېلار تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي تۇرپان ئويمانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان ۋۇخۇ (乌护) لارنىڭ بىۋاستە ئەجدادى يەنى كېينكى خۇيخى(ئۇيغۇرلار)دۇر.ئۇجى، ۋۇخۇ، يۈەنخې، خۇيخى دېگەنلەرنى تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئالغاندا ئۇلارنىڭ ئېتمولوگىيسى «ئوغۇز» دېگەن  بىر مەنبەدىن  كېلىپ  چىققان. خۇيخى  «ئۇيغۇر»نىڭ ئاھاڭ ئۆزگىرىشى. ئۇجى (ئوغۇز) مۇ «ئۇيغۇر» دېگەننىڭ ئاھاڭ ئۆزگىرىشىدۇر››17.
جۇڭگۇ ۋە چەتئەل ئالىملىرى خەن دەۋرىدىكى ‹‹ ئۇگى›› دەپ ئاتالغان ئوغۇزلارنىڭ كېيىنكى تاڭ دەۋردىكى ‹‹ ئۇخۇ›› دەپ ئاتالغان ئوغۇزلارنىڭ بىۋاستە ئەجدادى. ‹‹ ئۇيغۇرلار خەن دەۋرىدە   خۇگې (呼揭) دەپ ئاتالغان ئوغۇزلاردۇر››دەپ قارايدۇ . جۇڭگۇ تارىخى مەنبەلىرىدە - ‹‹ خەننامە ›› دە گۇيشى (姑师) دەپ ئاتالغان تۇرپان ئوغۇزلىرى مىلادىدىن بۇرۇنقى II ئەسىردە تۇرپاندا ياشىغان مۇشۇنداق جۇغراپىيىلىك تارقىلىش بويىچە قارىغاندا شىمالى ۋە شەرقى شىنجاڭدا مىلادىدىن بۇرۇنقى دەۋرلەردىلا ئۇيغۇرلار ياشىغانلىقى مەلۇم ››18.
    ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ئۇيغۇر ئىتىپاقىغا تەۋە بولغان قەبىلە ئىتىپاقداشلىرىنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپلا تۇرپان ئويمانلىقىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىغا دائىر ئارخېئولوگىيىلىك تېپىلمىلار ئاستانە قەدىمىي قەبرىستانلىقى، بېزەكلىك مېڭئۆيى، ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى، يارغۇل قەدىمىي شەھىرى قاتارلىق ئورۇنلاردىن تېپىلماقتا. ئۇيغۇرلار ئىشلەتكەن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى قەدىمكى جۇڭگۇ، ۋىزانتىيە ۋە پارس مەنبەلىرىدىن ئېلىنغان پاكىتلار ئىسپاتلايدۇ. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى سوغدىلار مىلادى II- ئەسىردە ئېراندا قوللىنىشقا باشلىغان ‹‹ ئاۋىستا يېزىقى ›› ئاساسىدا ئېسلاھ قېلىنغان . مىلادى IV-V  ئەسىرلەردىن باشلاپ سوغدىلارنىڭ سودا پائالىيىتى نەتىجىسىدە تۇرپانغا كېلىش سەۋەبى بىلەن ئۇيغۇر قەبىلىلىرىگە تەسىر قىلىپ، يەنىمۇ ئېسلاھ قىلىش نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن. ئارخېئولوگىيە خادىملىرى تۇرپاندىن مىلادى V  ئەسىرگە تەئەللۇق قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى چۈشۈرۈلگەن قىممەتلىك يېزىق – ۋەسىقىلەرنى بايقىدى . تۇرپاندىن تېپلغان مىلادى V ئەسىردىكى ‹‹ كېشى ›› خەتلىك تارشىلارنى پاكىت قىلىپ تۇرۇپ، بىز ‹‹ مىلادى V ئەسىردە تۇرپان ئويمانلىقىدىكى ئۇيغۇرلار سوغدى ھەرپلىرىدىن پايدىلىنىپ، تۈرك- ئۇيغۇر تىلىنى يازىدىغان يېزىق قىلغان  دەپ يەكۈن چىقىرىشقا تامامەن ھەقلىقمىز، قەدىمكى قەبرىلەردىن چىققان ۋە يىلنامىسى بولغان بۇ مەدەنىي يادىكارلىقلار بۇ يەكۈننى مۇنازىرىسىز ھالدا ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ ››19. لۈشۈن مۇزىيىدا ساقلىنىۋاتقان تۇرپاندىن قېزىۋىلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مەخسۇس بۆلۈمىدە I.344  نۇمۇرلۇق ئەر مومىيانىڭ بەدىنىگە پۈتۈنلەي يىرىك بۆز رەخت ئورالغان، سول پۇتىغا ئورالغان يىرىك بۆز ئۈستىگە قارا سىياھ بىلەن ‹‹ بىر جان ›› دېگەن قەدىمكى ئۇيغۇرچە خەت يېزىلغان . قەبرە تەزكىرىسدە مىلادى 610- يىلى ۋاپات بولغانلىقى خاتىرلەنگەن. بۇ مىلەدىيە VI ئەسىردە ئاللىقاچان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى ماددى پاكىت بىلەن ئىسپاتلايدۇ ››20. بېزەكلىك مېڭئۆيدىن 1980- 1981- يىللىرى مانىي دىنىغا ئائىت قىممەتلىك ھۆججەت تېپىلغان، ھۆججەت نۇمۇرى.1-2 . I.B. I 80 425  بەش ۋاراق ئون بەت. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا 80 قۇر خەت يېزىلغان. بۇ ھۆججەت ئۈستىدە تەتقىقات ئىلىپ بارغان تەتقىقاتچى ئىسراپىل يۈسۈپ ۋە دولقۇن قەمبىرىلەر ئۇنىڭ يېزىلغان يىل دەۋرىنى مىلادى VI ئەسىرگە مەنسۇپ دەپ قارىدى ››21. تۇرپان ئاستانە قەدىمكى قەبرىستانلىقى ۋە ئىدىقۇت قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن مانىي دىنىغا ئائىت شېئىرىي داستان ‹‹ تۆۋە دۇئانامىسى ›› نىڭ ئىككى خىل نۇسخىسى تېپىلغان . بىرى، مانىي يېزىقى بىلەن، يەنە بىرى، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا ( يېزىقدا ) يېزىلغان بولۇپ، تەتقىقاتچىلار بۇ تېپىلمىلارنى IV-V ئەسىرلەرگە تەئەللۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى دەپ قارايدۇ ›› 22 . تۇرپاندىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان دىنىي كىتابلارنى ، ھۆججەت –ۋەسىقىلەرنى تۇرپاندا ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى يازغان ، مىلادى IV-V ئەسىرلەردىن تارتىپلا تۇرپاندا ياشاۋاتقان ئاھالىلەر تىل- يېزىق جەھەتتىن ئۇيغۇرلىشىش قەدىمىنى ئالغان .
   تۇرپان دىيارىدىكى ئۇيغۇرلىشىش ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلىپ، غەربكە كۆچكەندىن كېيىن بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى دەۋردىن باشلاپلا باشلانغان.  ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتىپاقىغا ئەزا بولغان ئوغۇز، قاڭقىل(تېلى)، باسمىل، چۈبە قاتارلىق قەبىلە- قەۋملەر ھەر قايسى تارىخى دەۋرلەردە تۇرپان ئويمانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ بۇ جايلاردا ئەسلىدە بار بولغان يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن ئۇزاق مەزگىل ئارلىشىپ ئولتۇراقلىشىپ، ئۇيغۇرلىشىش يۈزلىنىشىگە ئاساس سالغان. غەربكە كۆچكەن سانى ئەڭ كۆپ بولغان ئۇيغۇرلار غەربتە تۇرپانغا كۆچۆپ كەلدى. ئۇلار بۇ جايدا ناھايتى تىزلا سىياسىي ئۈستۈنلىككە ئىگە بولدى. چۈنكى بۇ بىر قىسىم ئۇيغۇرلار مۇقىم بولغان قەبىلە تەشكىلاتى بۇيىچە كۆچكەنلىكتىن، يەنە بىرىگە ئۆز مىللىتىنىڭ قەبىلە ئىتتپاقداشلىرى باسمېل، تۈركەشلەر، جابىرقىلار، ئۇغۇزلار  ئاللىقاچان بۇ جايغا ماكانلىشىپ، ئاھالىلەرنىڭ  ئۇيغۇرلىشىشنىڭ ئۇلىنى سالغان. دېمەك، تۇرپان ئويمانلىقى ئۇيغۇرلار قەدىمدىن بىرى ياشاپ كېلىۋاتقان مەدەنىيەت يۇرتلىرنىڭ بىرى.

III قىسقىچە خۇلاسە

تۇرپان ئويمانلىقىدا ئنسانلار كونا تاش قۇراللار دەۋرىدىن باشلاپلا پائالىيەت ئېىلىپ بارغان. قوسلار تۇرپان ئويمانلىقىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى خەلقلەر، قوسلار ھىندى-ياۋرۇپا تىل سېستىمىسىدا سۆزلىگۈچى توخرى ۋە ئۇيغۇر قەبىلە ئىتىپاقىنىڭ ئىتىپاقدىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم ئېتنىك مەنبەلىرىدىن بىرى بولغان قاڭقىل ۋە ئوغۇز قاتارلىق قەبىلە-قوۋملار بىلەن تۇرپان ئويمانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بوستانلىقلاردا ياشاش جەريانىدا بىر-بىرىگە ئۆز-ئارا سىڭىشكەن. ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان تارىخنامىلەردە تىلغا ئېلىنغان مەزمۇنلار بىلەن تۇرپان دىيارىدىن تېپىلغان قوس قاڭقىل ،توخرىلارغا ئائىت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئېپادىلىگەن تەتقىقات نەتىجىلىرى ئاساسى جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئۇلار ئۇزۇن مەزگىل ئارلىشىش جەريانىدا ،ئۇيغۇرلىشىش تىل جەھەتتە تۈركلىشىش باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتۈپ، غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلار كەلگەندىن كېيىن قىسقا مۇددەت ئىچىدە خانلىق قۇرۇشقا ئاساس سېلىپ بەرگەن. غەربكە كۆچكەن ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى مۇشۇ ئاساس  ئارقىلىق ئۇيغۇرلىشىش قەدىمنى تېخىمۇ تېزلەتكەن ۋە مۇكەممەللشتۈرگەن.

ئىزاھاتلار:

① «ئنسانلارنىڭ تۇرپاندىكى پائالىيەت تارىخى 20مېڭ يىلغا يېقنلىشىدۇ».شىنجاڭ گېزىتى. 2000-يىل 4-ئاينىڭ 5-كۈندىكى خەۋىرى.
② ئەركىن ئىمننيازقۇتلۇق:«قوچو دېگەن نام توغرسىدا»،شنجاڭ ئېجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى،2000-يىللىق 1-سان ،74-بەت.
③ «قوس (قاڭقىل) شاھى مەقبەرىسىدە قېزىۋىلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى»،  شىنجاڭ گېزىتى. 2000-يىل 4-ئاينىڭ 12-كۈندىكى خەۋىرى.
④ جاڭ يۈجۈڭ:«تەڭرىتېغىنىڭ ئالغۇي جىلغسدا ئېلىپ بىرىلغان ئارخېئولوگيلىك تەكشۈرۈش ۋە بۇ ھەقتىكى تەتقىقات»، شىنجاڭ پېداگوكىكا ئۇنۋىرىسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى، 1988-يىل 4-سان، 18-بەت.
⑦⑤لۇۋېى شىن مۇھەررلىكىدە تۈزۈلگەن:«غەربىي شىمال مىللەتلەر لوغىتى».خەنزۇچە نەشرى،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى ،19980-يىل 8-ئاي 1-نەشرى  96-بەت .
⑥ ئۇيغۇر سايرانى:«تۇرپاندا يۈز بەرگەن ئېتنىك جەريانلار»،تۇرپانشۇناسلىق تەتىقاتى، 2003-يىللىق 1-سان  82-بەت .
⑧ ھەبىبۇللا خوجا لەمجىنى: «تۇرپان رايونىنىڭ قەدىمكى دىھقانچىلىق مەدەنىيىتى توغرىسىدا قېسقىچە بايانلار»،شنجاڭ ئېجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ، 1993 – يىللىق 3- سان ، 104- بەت .
⑨ دۈەن لىيەنچىن : «دېڭلىڭلار ، قاڭقىللار ۋە تۇرالار »، 2- قېسىم ، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى ، 1996- يىلى ، 1- نەشرى ، 399- بەت .
⑩ سىماچىيەن : «تارىخى خاتىرىلەر . پەرغانە تەزكىرىسى» ، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى ، 1987- يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى، 491- بەت .
11بەنگۇ : «خەننامە . غەربى يۇرت تەزكىرىسى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى ،1994- يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى، 872- بەت .
12يۈتىيەنخىڭ :«غەربى يۇرت مەدەنىيەت تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى ، 1981- يىلى خەنزۇچە نەشرى، 7- بەت .
13ئابلىكىم ئابدۇرەشىد :  «توخرىلار ۋە يىپەك يولى»،شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنېۋىرسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى ، 2002 – يىللىق 1- سان . 78-بەت .
14توختى تۇراخۇن :«تۇرپان ئويمانلىقىدىكى تىك ئازگاللىق ، يان لەھەتلىك قەدىمكى قەبرىلەر» ، شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ژورنىلى ، 2001-يىللىق ، 3-4- قوشما سان ، 73- بەت .
15ئۇيغۇر سايرانى :«تۇرپان ئويمانلىقىدا يۈز بەرگەن ئېتنىك جەريانلار»،  تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى  ، 2003- يىللىق 1- سان .
16ئۇيغۇرلارنىڭ قېسقىچە تارىخىنى يېزىش گورۇپپىسى تۈزگەن :« ئۇيغۇرلارنىڭ قېسقىچە تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى ، 1990 – يىلى 5- ئاي 1- نەشرى ، 54- بەت .
17ئەھمەدجان ئەھەد : «ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تەركىبى توغرىسىدا يېڭى ئىزدىنىش»، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنېۋىرسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى ، 1985- يىللىق 1-سان، 26- بەت .
18قاسىم ئارىش :« ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك نامى ، كىلىپ چىقىشى ۋە ئۇلارنىڭ ياشىغان جايلىرى» ، قەشقەر پىداگوگىكا ئىنېستىتوتى ئىلمىي ژورنىلى ، 1989- يىللىق 3- سان ، 46- بەت .
19قۇربان ۋەلى : ‹‹ بىزنىڭ تارىخي يېزىقلىرىمىز ›› ، شىنجاڭ ياش – ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى ، 1986- يىلى 1- نەشرى ، 9- بەت .
20ئەركىن ئىمننياز قۇتلۇق :«لۈشۈن مۇزىيىدا ساقلىنىۋاتقان تۇرپان يادىكارلىقلىرى توغرىسىدا مەلۇمات»، تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى ، 2002- يىللىق 2-سان، 64- بەت .
21دولقۇن قەمبىرى ، ئىسراپىل يۈسۈپ :« بېزەكلىكتىن يېڭى تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇرچە  ھۆججەتلەر ئۈستىدە تەتقىقات» ،،شنجاڭ ئېجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ، 1985- يىللىق 1-سان، 79- بەت .
22ئەركىن ئىمننياز قۇتلۇق :«مانىي دىنىنىڭ تۇرپان رايونىدىكى بۇددىزىم سەنئىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى» ، تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى ، 2005 – يىللىق 2- سان، 67- بەت

خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژورنىلىدىن ئېلىندى.

17

تېما

28

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4336
توردىكى ۋاقتى: 1724
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 19:26:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  قۇچۇ دەپ خەت بار مىس تەڭگە مىنىڭ ئۈيۈمدىمۇ بىر يەردە بار، بۇرۇندىنلا كۆرۈپ تۇراتتۇق بۇ نەچچە مىڭ يىل بولغان تەڭگىلەرنى...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

2

دوست

1979

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   97.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30188
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 586
توردىكى ۋاقتى: 207
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 21:25:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tomoki تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-29 21:27  
ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 19:26
قۇچۇ دەپ خەت بار مىس تەڭگە مىنىڭ ئۈيۈمدىمۇ بىر يەردە ب ...


مىنىڭ  شۇنداق بىرەر تەڭگە ياكى باشقا كونا بۇيۇملارنى بىر قولۇمغا ئىلىپ ھىچ بولمىسا يىقىندىن بولسىمۇ كۆرۈپ باققۇم بار  .بولسا ياخشى ساقلاڭ،بارا-بارا ئازلاپ كىتىۋاتدۇ بۇنداق مىراسلار..ھە راس قولۇڭىزدىكى قايسى دەۋىرنىڭككەن؟

0

تېما

3

دوست

1885

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   88.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22917
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 568
توردىكى ۋاقتى: 135
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 21:25:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدىمكى قەبرىلەردىن چىققان ۋە يىلنامىسى بولغان بۇ مەدەنىي يادىكارلىقلار بۇ يەكۈننى مۇنازىرىسىز ھالدا ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ ››19. لۈشۈن مۇزىيىدا ساقلىنىۋاتقان تۇرپاندىن قېزىۋىلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مەخسۇس بۆلۈمىدە I.344  نۇمۇرلۇق ئەر مومىيانىڭ بەدىنىگە پۈتۈنلەي يىرىك بۆز رەخت ئورالغان، سول پۇتىغا ئورالغان يىرىك بۆز ئۈستىگە قارا سىياھ بىلەن ‹‹ بىر جان ›› دېگەن قەدىمكى ئۇيغۇرچە خەت يېزىلغان . قەبرە تەزكىرىسدە مىلادى 610- يىلى ۋاپات بولغانلىقى خاتىرلەنگەن.

ئەينى ۋاقىتتا قانداق كالىندار ئىشلىتىلگەن ؟ يىللارنى قانداق خاتىرلىگەن ؟


بەزى تارىخ كىتابلاردا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىتىن ئىلگىرىكى خانلىقنى يەنى قۇچۇ دىيىلگىنىنى خەنزۇلارنىڭ ھاكىمىيىتى دەپ بايانلار بار ، تىلۋۇزۇردىكى ھىلىقى تارىخ سۆزلەيدىغانلارمۇ شۇنداق دەۋاتىدۇ ، تاڭ شۇەنزاڭ غەربى يۇرتقا كەلگەندە شۇنداقمىش.............
   
ئەينى ۋاقىتتا ئوتتۇرا تۇزلەڭلىك بىلەن دىيارىمىز ئارىسىدىكى يەرلەر تاڭغۇتلار يەنى تۈبۈتلەرنىڭ قولىدا تۇرسا ئۇلار قانداق قىلىپ .............................

0

تېما

2

دوست

1979

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   97.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30188
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 586
توردىكى ۋاقتى: 207
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 21:55:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
izqi1991 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 21:25
قەدىمكى قەبرىلەردىن چىققان ۋە يىلنامىسى بولغان بۇ مەد ...

1

1

2

2

2

3

3

3

4

4

4


5

5

5
مۇشۇ تارىخ دىگەننى بەزى يۈزسزلەر كۆتىگە شاپاللاپلا ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈپ يازىدىكەن .ماۋۇ خەرىتىلەرنى كۆرۈپ بەزىلەرنىڭ يۈزسىزلىكىگە ھىچنىمە توغرا كەلمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلىمەن،ئاجايىپ خەقتە شۇ ۋاقىتلاردىكى مىلىنى بۇلاپ ،خوتۇنلىرىنى ئىپ قاچقانلارنىمۇ ، توپىلاڭ يۈز بەرسە شەرتلىك ھالدا باستۇرۇپ بەرگەنلەرنىمۇ بىزگە تەۋە ئىدى دەپ خەرىتىگە كىرگۈزۋالىدىكەن

0

تېما

2

دوست

1979

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   97.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30188
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 586
توردىكى ۋاقتى: 207
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 21:59:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىبا كىچىككىنە خىشى كاردۇرنى ئىككى تەرەپتىكى كۈچلۈك رەقىبى بولغان تىبەت ۋە تۈرك ياكى ئۇيغۇرلار ئۈزىۋەتمەسمۇ؟

0

تېما

2

دوست

1979

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   97.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30188
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 586
توردىكى ۋاقتى: 207
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 22:01:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىسى خەرىتىنى ھەرخىل سىزىدىكەن ،خۇددى كىچىك بالىلار يوتقانغا ھەركۈنى ئوخشىمىغا خەرىتە سىزغاندك،ۋۇ سىيگەكلەر

17

تېما

28

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4336
توردىكى ۋاقتى: 1724
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 22:54:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tomoki يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 21:25
مىنىڭ  شۇنداق بىرەر تەڭگە ياكى باشقا كونا بۇيۇملارنى  ...

بىز ئىشلىتىۋاتقان يىزىقتىكى قۇچۇ خىتى باركەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )