ئويلاپ سۆزلە، ئۈمىد
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
ئۈمىد، ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىزدىن سەنلىشىپ ئۆتكەچ، يەنە سەنلەۋەتتىم. ھۆرمىتىمنى قىلمىدى دەپ قالمىغىن. مەن سەندەك ھاكىمىيەتكىمۇ خەلققىمۇ ياققان كىشىلەرنى ھۆرمەتلەيمەن، سىلەردەكلەرنى كۆپرەك چىقسىكەن دەيمەن. بۇرۇندىن سۆھبەت پروگرامماڭغا ئامراق ئېدىم، سەندىن پەخىرلىنەتتىم ھازىر تېخىمۇ شۇنداق. بۈگۈن "ئۈمىد پاراڭلىرى" ناملىق پروگراممىنى كۆرۈپ خوش بولدۇم. مەن كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرىنى قوزغىتىدىغان، مۇنازىرىگە سەۋەب بولىدىغان، يېڭىلىققا ئۈندەيدىغان ھەرقانداق ساغلام ئىددىيەنى ئالقىشلايمەن. شۇ ئالقىشلىرىمنىڭ ساداسى سۈپىتىدە پاراڭلىرىڭدىكى قاراشلار ھەققىدە ئويلىغانلىرىمنى دەپ باقاي. 1. ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ھىساپ يىلدا نۆلدە بىر پارچىمۇ كىتاب ئوقۇمايدۇ.
مەن سېنىڭ بۇ ھۆكۈمىڭگە ھەم قوشۇلىمەن، ھەم قوشۇلمايمەن. قوشۇلۇشۇم، سەن بىر كىتاب ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلغۇچى بولۇش سۈپىتىڭ بىلەن يىلدا بەش پارچىدەك كىتاب ئوقۇيدىكەنسەن. قارىغاندا سەندەك كىتاب ئوقۇمىسا بولمايدىغان، كىتابتىن تاپقان گەپنى سېتىپ مۇئاش ئالىدىغان بىر كادىر بىلەن كىتاب ئوقۇمىسىمۇ بۇغداي تېرىپ، كۈچىنى سېتىپ جان باقالايدىغان مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالىنى بالانىس قىلساق دېگىنىڭ توغرا چىققۇدەك. سەندەك بىر كىتاب ئوقۇشنى ئادىتىگە ئايلاندۇرغان، ھەپتىسىگە بىر قېتىم كىتاب ئىشكاپلىرىنى ئارىلاپ تۇرىدىغان بىر كىشى يىلىغا تىلغا ئالغۇسىز ئاز كىتاب ئوقۇغاندىكىن سېنىڭ "ئۇيغۇرلار كىتاب ئوقۇمايدۇ" دېگەن خۇلاسەڭگىمۇ ئىشەنسەم بولغىدەك. سەن يەنە "ھەپتىدە بىر كىتاب ئوقۇسا يىلدا ئەللىك كىتاب ئوقۇپ بولغىلى بولىدۇ، ھازىر ھىچكىم يىلىغا 50 كىتاب ئوقۇمايدۇ" دېدىڭ. ھەتتا نەچچە مىڭ پارچە كىتاب ئوقۇپ ھىچنىمە بىلمەيدىغان بىر ئادەمنىڭ بارلىقىغىمۇ گۇۋاھلىق بەردىڭ. سەن بىر ئادەمنىڭ ھەپتىسىگە بىر كىتاب ئوقۇيدىغانلىقىغا، كىتاب ئوقۇغان ئادەمنىڭ ئازراق بىر نەرسە بىلىدىغانلىقىغا ئىشىنەلمىگەندىكىن، كىتاب ئوقۇمايدىغىنى ئۇيغۇرلار ئەمەس سەنكەنسەن. ئۈمىدسىز ئادەمنىڭ كۆزىگە دۇنيا قارا كۆرۈنگەندەك كىتاب ئوقۇمايدىغان ئادەمنىڭ كۆزىگە كىتابخانا "ساتىراچخانا" دەك كۆرۈنىدۇ. بەلكىم " نېمە ئىشىڭىز بار" دەپ سورىغان قىز سېنى خاتا چۈشەنگەندۇر، ياكى سەندىن خاتا چۈشىنىلگىدەك بىر قىلىق سادىر بولغاندۇ. ئەجەبا شۇ بىر قىزنىڭ بىر ئېغىز گېپى "سېنىڭ ئۇيغۇرلار كىتاب ئوقۇمايدۇ" دېگەن يەكۈنىڭنىڭ ئاساسىمۇ؟
ئۇيغۇرلارنى كىتاب ئوقۇمايدۇ، دېگىنىڭدە ئۇيغۇرنى خەنسۇلار بىلەن، دىيارىمىزنى بېيجىڭ بىلەن سېلىشتۇردۇڭ. مەن دائىم ئۇيغۇرلارنى باشقا مىللەتلەرگە، دىيارىمىزنى باشقا ئەللەرگە سېلىشتۇرىۋاتقانلاردىكى ئادالەتسىزلىك، ساددىلىققا تاڭ قالىمەن. ئايرۇپىلاندىكىلەر بىلەن پىيادىلەرنى سېلىتۇرۇپ نېمە نەتىجىگە ئېرىشمەكچى؟ ئەگەر سەن بېيجىدىكى دۆلەتلىك كۇتۇپخانادا كۆرگەن كىتابخۇمارلىق مەنزىرىسىنى دىيارىمىزدىن تاپالماي، يۇقارقى خۇلاسىگە كەلگەن بولساڭ، خاتالىشىپسەن. ئەگەر سېنىڭ "نوپۇزلۇق، ئىلغار" دېيىلىپ سىنغا ئېلىنغان ھۆكۈمىڭنىڭ ئاساسى شۇنداق مەنزىرە بولسا قەشقەرگە كەل. كېرەمباغ دەپ بىر دوختۇرخانىمىز بار. ياتاققا پاتماي كارىدورلاردا يېتىپ كەتكەن كېسەللەرنى كۆرىسەن. بۇ ھال ساڭا يېڭى بىر نوپۇزلۇق پىكىرنى ئىئانە قىلىدۇ، "قەشقەرلىقلەرنىڭ ھەممىسى كېسەلچانىكەن".
مەنچە ئۇيغۇرلار كىتاب ئوقۇمايدۇ، ئەمەس پۇرسىتىلا بولسا تازا ئوقۇيدۇ. شۇ نائىلاجلار ئوقۇمايدۇ ئەمەس ئوقۇغىدەك كىتابقا قاغجىراپ ياشايدۇ، تەلمۈرۈپ، زارىقىپ ئۆتىدۇ. 1998-يىلى ماگىستىلىقتا ئوقۇۋاتقىنىمدا "ئىز" نىڭ تىراجىنى 80 مىڭدىن ئاشىدىكەن دەپ ئىستاتىستىكا قىلغانمەن. "ئانا يۇرت"، "ئويغانغان زېمىن"، "قۇم باسقان شەھەر" دېگەندەك رومانلارنىڭ، "مەمتىلى ئەپەندى"، "تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ"، "ئۆزلۈك ۋە كىملىك"...دېگەندەك ئەسەرلەرنىڭ تىراجىنى بىزدەك كىتابخانا ئېچىپ باققانلار بىلىمىز. سەن "ئۇيغۇرچە كىتاب باريەگە قاراپمۇ باقمايدىغان" تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب ئوقۇمايدىغانلىقىنى نەدىن پال ئېچىپ بىلىۋالدىڭ؟
2. تارىخى، دىنى كىتابلارنى ئوقۇش تەپەككۇرىمىزنى چېكىندۈرىدۇ.
"تارىخى ۋە دىنى كىتابلار ئوقۇش تەپەككۇرنى چېكىندۈرىدۇ" دېگەن بۇ ھۆكۈمىڭگە قىزىقىپ قالدىم. سەن بۇ ھۆكۈمنى نەدىن تاپتىڭ؟ ئەگەر بۇمۇ سېنىڭ "قۇتادغۇبىلىكتە پەلىسەپە يوق!، مەھمۇد قەشقەرى نايىتى بىر لوغەت تۈزگەن" دېگىنڭدەك ئىجادىيىتىڭ بولسا ئىسپاتلاش جەريانىڭنى كۆرەيلى. ئەگەر سېنىڭ ئىسپاتلاش جەريانىڭ بولمىسا باشقىلارنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى تەتقىقاتىنى پاكىت قىلساڭمۇ بولىدۇ. ئەمما مەنچە سەن ئىسپات كۆرسىتەلمەيسەن. باشقىلارنىڭ ئىسپاتلىغان ياكى ئەمەسلىكىگە قاراپمۇ قويمايسەن. سۆزلىرىڭدىن قارىسام كاللاڭغا نوقتىنەزەر كەلسىلا بولىدىكەن. خۇددى "ئۇيغۇرلار يىلىغا نۆلدە بىر پىرسەنت كىتاب ئوقۇمايدۇ"، "ھازىر دۇنيادا كىشىلەر جەريانغا ئەمەس، نەتىجىگە قىزىقىدۇ"، "ياۋۇرپالىقلارنىڭ خەققە گەپ قىلىشقا مەيلى يوق" دېگەن گەپلەرنى تىلىڭغا توغرا كەلسە دەۋەرگەندەك ئاغزىڭنى قويىۋېتىۋېرىدىكەنسەن. سەن ئۈچۈن گېرمانىيە دېگەن نىتچىنىڭ كىتابلىرىمۇ تېپىلمايدىغان بىر دۆلەت، گېرمانىيە ئۇنۋېرىستىتلىرىدىمۇ تېپىلمايدىغان نېمىسچە كىتابلار جوڭگۇدىن تېپىلىدۇ. سەن ئامېركىلىقلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى دۇنياغا تونىتىمەن دېيىشلىرىنىڭ ئەكسىچە دۇنيانى تونۇشقا بەكرەك قىزىقىدىغانلىقىغا ھەۋەس قىلىسەنۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئاللىقاچان دۇنياغا تونۇتۇپ بولغانلىقىغا، دۇنيانى تونىغۇدەك ئىقتىساد، پۇرسەت ۋە مەدەتكە ئېرىشىۋاتقانلىقىغا سەل قارايسەن.
سەن ئىنسانلارنىڭ "سەن كىم، نەدىن كەلدىڭ، نەگە بارىسەن" دېگەن سۇئاللارغا مىقلانغانلىقىنى بىلىسەن. سەندەك پەلەسەپىگە پەيزى تۇتۇپ قويىدىغان ئادەم بۇ سۇئاللارنىڭ مەڭگۈلۈك ئىكەنلىكىدىن بىخەۋەر ئەمەس. ئۇنداقتا "سەن كىم، نەدىن كەلدىڭ؟" دېگەن سۇئالنىڭ جاۋابىنى تارىخ بەرمەي نېمە بېرىدۇ؟ سەنچە ياۋرۇپالىقلار مۇشۇ سۇئالنى ئۆزىدىن، باشقىلاردىن سورىماي ياشاۋاتامدىغاندۇ؟ خەق سەندىن سورىغىدەك ياۋرۇپادا قانچىلىك تۇردۇڭ؟ سەن جوڭگۇلۇق ساياھەت ئۆمىگى بىلەن چىققان تۇرساڭ خەق يەنە سوراپ نېمە قىلىدۇ؟ سورىسىمۇ ياۋرۇپا تىللىرىنى بىلمەيسەندە! ياۋرۇپادا ئەمەس دۇنيادا مۇساپىردىن سەن كىم دەپ سورىمايدىغان بۇلۇڭ يوق. شۇڭا ھەر قانداق بىر ئادەم ۋەتىنىدىن ئايرىلغاندا ئۆزىنىڭ كىملىكى ھەققىدە كەسكىن ئويلىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇ سېنى مەجبۇرى تارىخقا باشلايدۇ. ئەمدى دىنىي كىتابلارغا كەلسەك، "نەدىن كەلدىڭ، نەگە بارىسەن؟" دېگەن سۇئال ئىنسانلارنى دىنغا باشلىغان ھەم باشلاپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز ئۇيغۇرلاردىلا ئەمەس دۇنيادا ئىنجىل، قۇرئان، زەبۇر، تەۋرات دېگەندەك دىنىي كىتابلارنى كىشىلەر ئەڭ كۆپ ئوقۇيدۇ. 92% ئادەم دىنغا ئىشىنىدىغانلىقنى جاكارلايدىغان ئامېرىكىقلارنىڭ تەپەككۇرى دىنىي كىتابلارنى ئوقۇپ چېكىنمەپتۇ، ئەكسىچە سېنى زوقلاندۇرۇپ كېتىپتۇ. سەنمۇ قۇرئاننى، ئىنجىلنى ئوقۇپ چېكىنمەپسەن تەپەككۇردا، نېمىشقا ئۇيغۇرلار چېكىنىپ كەتكۈدەك!
ئۈمىد، يازىدىغانلىرىم جىق، سورايدىغانلىرىم نۇرغۇن، رەددىيە بېرىدىغانلىرىم قۇمدەك ئېدى. بولدى قىلاي. ئەمما ئاخىرىدا شۇنى دېۋالاي، ھېلىقى سەن قايىل بولغان ئامېركىلىق نازاكەت خانىم خوتەندىكى ساۋادسىز ئۇيغۇر تاكسىچىلارنىڭ "كىتابخانا" بىلەن "كۇتۇپخانا" دېگەن سۆزنى ئايرىيالمىغانلىقىنى يازغان ئېدى. سۆھبەتتە سەنمۇ ئايرىيالماپسەن. بېيجىڭدىكىسى دۆلەتلىك كىتابخانا ئەمەس، كۇتۇپخانا. بۇ بىرلا مىسال، ھەم سېنىڭ خاتا گەپلىرىڭ ھەققىدىكى ئاخىرقى مىسال. ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلىگىن. سەندەك ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇمايدىغان، ھەم كىشىلەرنى ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇماسلىققا ئۈندەيدىغان ناتىق ئۈچۈن لوگىكا، لېكسىكا بىلىملىرى بەكمۇ تەخىرسىز. لېكسىكا بىلسەڭ سۆزنى توغرا ئىشلىتىسەن، لوگىكا بىلسەڭ ھۆكۈمنى قايىل قىلارلىق دېيىشنى ئۆگىنىۋالىسەن. مەنچە ساڭا بۇ بەكرەك موھىمكەن ھازىر. قارا ئۈمىد، پەلەسەپە، جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە پىسخولوگىيە بىلگەن ئادەم غۇلجا ئۇيغۇرلىرىنىڭ چاخچاقچىلىق روھىنى ئۇيغۇرلارغا ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك! ئۇيغۇرلار مىللەت بويۇنتۇرىقىدىن قۇتۇلۇپ يەرشارى پۇقراسىغا ئايلىنىشى كېرەك! دېمەيدۇ. مەنچە ئۇيغۇرلارغا يەنىلا كىچىك ئالما ئۇسۇلى ئومۇملىشىدۇ، ئۇيغۇرلار يەنىلا يەر شارى پۇقراسى بولۇشتىن ئاۋۋال جوڭگۇ پۇقراسى بولىشى كېرەك . شۇڭا ئاخىرىدا يەنە دوستانە مەسلەھەتىم، ئويلاپ سۆزلىگىن.
|