- تىزىملاتقان
- 2013-9-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4034
- نادىر
- 3
- يازما
- 203
ئۆسۈش
67.8%
|
sanghon يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 19:41
ھەممە ئادەم كىيىنكى چۈشەندۈرىشىنى ئاڭلاپ بولالمايدۇ-د ...
ئۈمىد غەنىدىن نەق مەيداندا ئىككى سوئال سورىدىم ۋە ئازىراق مۇنازىرىلەشتىم، مۇنتاژدا كېسىلىپ كەتمىسىلا نېمە دېگەنلىكىمنى بىلەلەيسىلەر.
ئەلى مۇئەللىم تور ئېكرانىدا سۆزلەپ يېزىق ھوجۇمىغا ئۇچىرىغان، بۇ قېتىم ئۈمىد غەنى تور ئېكرانىدا سۆزلەپ يېزىق ھوجۇمىغا ئۇچىرىدى.
مەن ئارىمىزدىن ئېكران مۇنازىرىسىگە ئېكران مۇنازىرىسى ئارقىلىق تاقابىل تۇرالايدىغانلارنىڭ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى تۈركىيەلىك تور يازغۇچىسى «ئۇمۇن» ئېيتقاندەك «يېزىقنى تەھرىرلىۋالغىلى بولىدۇ، بىراق ئېغىزدىن چىقىپ كەتكەن سۆزنى تەھرىرلىۋالغىلى بولمايدۇ»، يازماقتىن سۆزلىمەك تەس، زىيالى ئۈچۈن سۆزلىسىڭىز دېھقان خاپا بولىدۇ، دېھقان ئۈچۈن سۆزلىسىڭىز زىيالىغا يارىمايدۇ، پۇقراغا ياخشى بولىمەن دېسىڭىز ھۆكۈمەتكە يامان بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن، ھۆكۈمەتكە ياخشىچاق بولىمەن دېسىڭىز «قىزىل پاچاق» ئاتىلىپ، پۇقرادىن دەككىڭىزنى يېيىشىڭىز مۇمكىن. ھەممىگە ئومۇملۇق قىلغان ئاساستا سۆزلەيمەن دېسىڭىز تۈكنىڭ يېتىشىغا، سۇنىڭ ئېقىشىغا بېقىپ، موس - موسلۇق قىلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ، سىز بىر يېڭى پىكىرنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەنسىز چوقۇم قارىشىلىققا ئۇچىرايسىز، قارىشىلىققا ئۇچىراش مەغلۇب بولۇشتىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى پىكىرىڭىزنىڭ مۇئەييەن تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، كوچا - كويلاردا ھەر دىۋنى، نېرۋىسىدىن ئاداشقانلارنىڭ قالايمىقان جار سېلىپ يۈرۈۋاتقانلىقىنىمۇ ئاڭلاپ قالىمىز، ئەمما ھېچكىم ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىپ كەتمەيدۇ، بىراق جەمئىيەتتە مۇئەييەن تەسىرى بار شەخسلەرنىڭ بىر ئېغىز سۆزى مانا مۇشۇنداق پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئورتاق مۇنازىرە قىلىدىغان تېمىسىغا ئايلىنىدۇ، مېنىڭ قارىشىم مانا مۇشۇنداق....
مەن ئەلى مۇئەللىم، زىۋىدە كېرەم مۇئەللىم ۋە ئۈمىد غەنىدەك بىزنى ئىلمىي مۇنازىرىگە يېتەكلىگەن كىشىلىرىمىزگە ھۆرمەت بىلدۈرىمەن، چۈنكى بۇلار بىزنى ئىلمىي مۇنازىرىگە يېتەكلىمەستە، كۆپىنچىلىرىمىزنىڭ كاللىسى قەيەردە نېمە ئىش چىققانلىقى، قەيەردە يېڭى «تېررورلۇق ۋەقەسى» بولغانلىقىدەك ۋەھىمىلىك مۇنازىرىلەر بىلەن تولغانىدى، ئۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى كۆڭلىمىزنى بەك غەش قىلغانىدى، قاراپ باقايلى يېڭى يىلنىڭ كىرىشى بىلەنلا ھەممەيلەن ئىلمىي مۇنازىرە بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئۇ خىل كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇلۇشقا باشلىدۇق، دېمەك، ئاكتىپ ئىشلارنى ئويلاۋەرسەك پاسسىپ ئىشلارنى ئۇنتۇلىمىز، بۇنىڭ بىلەن تۇرمۇشىمىز ئاكتىپلىشىدۇ، تەپەككۇرىمىز ئاكتىپلىشىدۇ، روھىمىز كۆتۈرۈلىدۇ، بارىلىق زېھنىمىز بىلەن تىرىكچىلىكنىڭ كويىغا كىرەلەيمىز، ئېشىنغان ۋاقتىمىزدا ئىلىم دېڭىزىدىن جاۋاھىراتلارنى سۈزەلەيمىز، دېمەك ئۇيغۇرلارغا ئىلمىي مۇنازىرىنىڭ ئېلىپ كەلگەن پايدىسىنى مۆلچەرلىگۈسىز دېسەك خاتالاشمايمىز، ياشىسۇن ئىلمىي مۇنازىرە، ياشىسۇن دادىل پىكىر ئىگىلىرى.... |
|