ئىلغار ئىدىيىگىمۇ قورساق تويمايدۇ
مۇنچىخانامنىڭ سۇ پۈركۈگىچىنىڭ تۇتاشتۇرغۇچى بۇغۇمى بوشاپ قېلىپ سۇ سىرغىيدىغان بولۇپ قېلىۋېدى، ئۇنى ئوڭشاشقا كۆزۈم يەتمەي ئائىلە ئۈسكۈنىلىرىنى رېمۇنت قىلىش مۇلازىمەت ئورنىدىكى بالىلارغا قىلدۇرسام بىرتال تۇتاشتۇرغۇچى بۇغۇمنى ئالماشتۇرۇپلا 50 يۇەن ئالدى. ئەسلىدە ئۇ پولونى كاپامداپ يىيىش «تېخنىكىسى»نى ئۆگىنىشتىنمۇ ئاسان ئىش بولۇپ، تۇتاشتۇرغۇچى بۇغۇمنىڭ ئىچىگەئازراق ھىملەشتۈرگۈچى پىلاستىرنى سېلىپ چىڭىتىپ قويساملا پۈتىدىغان بىر ئىشكەن.كىچىگىمدىن تارتىپ ئوقىغان «ئىلغار ئىدىيە»لەر مۇشۇنچىلىك ئىشقىمۇ ئەسقاتمىدى.كاللامغا توشۇپ كەتكەن «دېمۇكراتىيە»، «ھەقىقەت»، «ئادالەت» ئۇقۇملىرى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن قېتىم ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىدىم، چەتكە قېقىلدىم، ئاخىرى چەتكەقېقىلىشلارمۇ كارغا كەلمەي، «رەھبەرسىز رايۇن»غا «پالاندى» قىلىندىم .
بۇماڭانىسبەتەن راھەت بىر ئىش بولسىمۇ، ئەمما باشقىلارنىڭ نەزىرىدە بەرىبىر بىر پۇخادىن چىققۇدەك «جازا» ئىدى. ھازىر مەن ئىلغار ئىدىيەنى ھېچقانداق پىراكتىكا قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە ئەمەسمەن. يوغان بىر ئىشخانىدا يەككە-يىگانە ھالدا پەقەت ئۆز-ئۆزۈمنىلا ئىدارە قىلىمەن. ناۋادا، مەندە ھازىرقىدەك ئۇنچىۋالا كۆپ ئىدىيە بولماي،پەقەت بىرىنچى قول رەھبەرنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى بىجانىدىل چۈشىنىپ ئورۇنلىغۇدەك ئىدىيە بولغان بولسىلا ناھىيىتى كۆپ كىشىنى ئىدارە قىلىدىغان بىر ئىمتىيازغائېرىشكەن بولاتتىم...نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا ئامراق ئىدى، چۈنكى ئۇلار مېنى «ھەق سۆزلەيدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا تەكلىپ قىلسا مەن ھېچقانداق رەت قىلمايلائوتتۇرىغا چىقاتتىم. لېكىن، ئىش تۈگىگەندىن كېيىنلا ئۇلار مېنى «ئەخمەق» ياكى«ساراڭ»غا چىقىرىپ چۆرۈپ تاشلايتتى. مەن ئۇنىڭغا ئۆكۈنۈپمۇ كەتمىدىم. ئەمىلىيەتتە،مەن ئۇلار مېنى تەكلىپ قىلمىغان تەقدىردىمۇ كاللامدىكى ئىدىيەنى پىراكتىكاقىلىدىغان پۇرسەت بولسىلا ئۆزۈم ئىزدەپ تاپاتتىم، ئۇنىڭ ئۈچۈن تۆلىگەن نۇرغۇن بەدەللىرىمدىن ۋايسىغان ئەمەسمەن. دادام ھەمىشە شۇنداق دەيتتى: ھەقىقەتچى بولغىنى ئۈچۈنلا زىيان تارتىپ كېلىۋاتقان بالام بۇ، شۇنداقتىمۇ شۈكرى، بىلىمى ھامان ئەسقاتىدۇ.
مەن بۇرۇن دادامنىڭ شۇ گېپىگە، بىلىمىم ئەسقاتىدىغان گۈزەل كېلىچەكنىڭ ھامان يېتىپ كېلىدىغانلىقىغا مۇتلەق ئىشىنەتتىم ۋەتاتلىق تەسەۋۋۇرلارغا چۆمۈلۈپ كۈچكە تولاتتىم.
لېكىن، ھازىر ئۇنىڭغا ئىشەنمەس بولدۇم.كىچىگىمدىن تارتىپ ئوقىغان نۇرغۇن كىتاپلىرىم كىچىككىنە يېرى ئاجراپ كەتكەن سۇپۈركۈگۈچنى ئوڭشاشقىمۇ ئەقىل بېرەلمىسە ئۇ قانداقسىگە كەلگۈسۈمگە كاپالەت بېرەلىسۇن!
كىشىلەر ھازىر «قالاق ئىدىيە» دەپ بەزى ئەنئەنىلەرگە قارشى تۇرىۋاتىدۇ، لېكىن قارشى تۇرۇش ئۇسۇلى مېنىڭ ئىدىيەمگەنىسبەتەن، ئاشۇ ئاتالمىش قالاق دەۋاتقان ئەنئەنىدىنمۇ قالاق بولۇپ، مەندە بۇ خىل قالاقلىققا قارشى ناھىيىتى سەۋرچان بىر كۈچ يوشۇرۇنۇپ ياتماقتا. ئەگەر بىر كۈنى ئۇكۈچ پارتلاپ كەتسە كىشىلەر ماڭىمۇ ئەسەبىيلەرچە قارشى تۇرىشى مۈمكىن. كېچىدەكوچىدا ھۇقۇيتۇپ يۈرىدىغان ماشىنىلار ماڭا شۇنداق ئەنسىزلىكتىن بىشارەت بەرمەكتە...
تەھقىقكى، مېنىڭ ئىلغار ئىدىيەممۇ بىر ئاشقۇنلۇق بولساكېرەك! ئۇ ماڭا ھازىرغىچە بىر ناننى ئىككى قىلغۇدەك بىر ئەقىل بەرمىدى، بەلكى،ھەرقاچان يەۋاتقان نېنىمنى قولۇمدىن چۈشۈرىۋېتىدىغان خەۋپ-خەتەرلەردىن بىشارەت بەرمەكتە.
ئىلگىرى بىلىمسىزلىگى، ئىدىيىسىزلىگى سەۋەبىدىن پارىڭى تېتىمايدىغان دوست- بۇرادەرلىرىمنى بىر-بىرلەپ ئۇزىتىپ قويغان ئىدىم، ئۇلارھازىر ئىلگىرىكى مەندەك بىر «ئىلغار ئىدىيە»لىك ئاغىينىسىنىمۇ تونىماي نەچچەيۈزمىڭ سوم قىممىتىدىكى ئېسىل ماشىنىلىرىنىڭ توپىسى ئاستىغا كۆمىۋەتتى .
ئۇلاردا ئىدىيە يوق ئىدى، لېكىن رېياللىققادەرھال يۈزلىنەلەيدىغان، دەرھال ئەمىلىيەتكە چۆكەلەيدىغان، قول سېلىپ ئىشلەيدىغان ئەمىلىيەتچىلىك بار ئىدى، ئۇلار پوستمودېنىزمنىڭ ئاڭسىز مايسىلىرى ئىدى...
پوستمودېرنىزم ئىدىيىسىزلىكنى تەرغىپ قىلىدىغان بىر ئىدىيىۋىي ئېقىم. يەنى، بۇرۇنقىلارنىڭ بارلىق ئىدىيەلىرىنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ قايتىدىن سىستېما تۇرغۇزىدىغان بىر ئېقىم. ئۆزۈمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاتالمىش ھەرخىل ئىدىيىگە ئىگە كىشىلەر مانا مۇشۇ بۆھراندا قاقشاتقۇچ زەربىگە ئۇچراپ سۈپۈرۈلۈپ كېتىشىمىز مۈمكىن. بۇ فانتازىيە ئەمەس، ئاللىقاچان باشلىنىپ بولغان بىردولقۇن.
كۈچلۈك دولقۇننىڭ شەپىسى كەلمەكتە...