- تىزىملاتقان
- 2013-4-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2665
- نادىر
- 3
- يازما
- 17
ئۆسۈش
22.17%
|
تور ئەركەكچىلىگى
داۋاملىق ياساپ -تىزىپ گەپ قىلىشمۇ ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىدۇ، بۈگۈن بىر تاقا-تۇقا گەپ قىلىپ باقاي:
تور ئەركەكچىلىگى ئىككى كاتىگورىيەگە بۆلىنىدۇ، بىرى توردىكى ئەركەكچىلىك، يەنە بىرى تورنىڭ ئۆزىنىڭ ئەركەكچىلىگى.
توردىكى ئەركەكچىلىك
بۇ ئۇقۇم، چاتمامنىڭ ئالدىنقى ئىككى قىسمىدىكى ئىنكاسلار ۋە ئۇلارنىڭ خۇلاسىلىنىش شەكلىدىن كەلدى، بەلكىم زىيا ئەپەندىنىڭ "تور لۈكچەكلىىرى" مارشىنىڭمۇ تەسىرى بار. ئىنكاسلار ھە دېگەندىلا زەھەر-زەمبىرەك باشلاندى، گاھ ئاپتور، گاھ يازما، گاھ ئىنكاسچىلار بىر-بىرىگە ھۇجۇم نىشانى؛ ۋەتەن ئىچىدىكى مۇنازىرە مۇھىتىغا نىسبەتەن يېڭى بولغۇنۇم ئۈچۈنمۇ، ئەندىشە قىلماي تۇرالمىدىم: ئەستاغپۇرۇللا، بۇندىن كېيىن "قاريابكۆك"دېگەن ئىسىمنى كۆرسە،تىمىدىن ئاتلاپلا ئەمەس، كومپىتۇرنى ئۆچۈرۈپلاۋېتىدىغان ئىش بولماس-ھە؟ مەنغۇ قىردا ياشاۋاتىمەن، شۇ قىيسىق قازاننىڭ ئىچىدە (دۈم كۆمتۈرۈلگەن قازان دېسەم، ئەلۋەتتە ئىسلاھ-ئېچىۋېتىش دەۋرىگە يۈزسىزلىك قىلىنغان بولىدۇ)ياشاۋاتقان دوستلارنى ئۆچ-نىزالىق قىلىپ قويارمەنمۇ؟ ئەندىشەم ئۇزۇنغا بارماي تارقالدى، ئىنكاسچىلار ئۆزئارا بىر مەھەل چۈشەندۈرۈش ۋە ئىزاھاتلاردىن كېيىن، يازمىنى چۈشىنىشتى ۋە " پىكرىمنى ئۆزگەرتتىم" دېگەندەك ئوچۇق بايانلاردا بولۇشۇپ ئاپتور ۋە بىر-بىرىدىن ئەپۇ سورىدى. شۇ كۈنگە قەدەر ئەركەكچىلىك دېگەندە دەرھال ئەقلىمگە كېلىدىغىنى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش، ئۇنىڭدىن كېيىن گېپىدە تۇرۇش ئىدى، شۇ كۈندىن كېيىن كېيىنكىسى يەنە بىراز كونكىرتلاشتى: ئەركەكچىلىك توغرا گەپتە ئاداققىچە چىڭ تۇرۇش، خاتا گەپتىن تېز ۋە راھەت ھالدا 180گرادۇس بۇرۇلۇش.
تورنىڭ ئەركەكچىلىگى
ئالدىقنى ئىككى يازمامغا قارىتا توردىكى ئەركەكچىلىك " تورنىڭ ئەركەكچىلىگى" ھەققىدىكى بىر لېكسىيىنى ئېسىمغا سالدى:
تورنىڭ(ئىنتەرنەتنىڭ) يېڭىدىن ئومۇملىشىۋاتقان، ئالاقە شەكىللىرى تازا شاخلىنىۋاتقان مەزگىلى، تۈركىيە ئۇلۇداگ ئونۋېرسىتىنىڭ ئەدەبىيات پاكۇلتېتى، ئوسمانلىچە تىل دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىمىز مۇنبەردە، مۇئەللىم تىمىدىن پۈتۈنلەي چەتنەپ تور ھەققىدە سۆزلىمەكتە:
--- ئىنسانىيەت قىلىچتىن مىلتىققا، ئاتتىن ماشىنىغا سەكرىگەندىن باشلاپ، دۇنيادا مىللەتلەرئارا مۇناسىۋەت ئەركەكچىلىكتىن ئۇزاقلىشىشقا باشلىغان، ئەمدى تور دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشى، مەزكۇر مۇناسىۋەتنىڭ ئەركەكچىلىككە قاراپ قايتىشى، ياق، قايتىش سەپىرىنىڭ باشلىنىشى.....
ئۇ بۇ سۆزلىرىنى شۇنداق ھاياجان بىلەن سۆزلەيتتىكى مۇنبەردە جايىدا تۇرالمايتتى، گاھ قولى ھاۋادا پۇلاڭلايتتى، گاھ سالماق ھالدا ئۈستەلگە مۇشتلىناتتى، ئەجەپلىنەرلىكى، سۆزىنىڭ ھاياجانلىق نۇقتىلىرىدا كۆزى ماڭا تىكىلەتتى، قادىلاتتى:
--- شۇنداق، تور، بىر تەرەپنىڭ ئۈنى كۆكتە پەرۋاز، يەنە بىر تەرەپنىڭ ئۈنى قورساقتا قېلىشتەك تەڭسىز دۇنياغا خاتىمە بەردى! ئۈنسىزلەر ئۈچۈن 10غا بىر بولمىسىمۇ يۈزگە بىر جاۋاپ قايتۇرۇش پۇرسىتى تۇغۇلدى؛ " ئاھ مۇشۇ گەپنى دېۋىتىپ ئۆلۈپ كەتسەم رازىتىم" غەيرىتىگە كېلىپمۇ قىلنى سېپىلنىڭ سىرتىغا چىقارغىنى بولماس ۋەزىيەتتىن، " بەش-ئالتە ئاي ياكى بىر -ئىككى يىل باشقا كەلگەننى كۆرمەيمەنمۇ" ئىرادىسىگە كەلسىلا سېپىلدىن توڭگۇز-تواپاقنىمۇ سىرتقا چىقىرىۋەتكىنى بولىدىغان ۋەزىيەتنى تور ياراتتى. دۇنيا شۇ قەدەر كىچىكلىدىكى، ئاچ بۆرىنىڭ ناتىۋان قوزىنى يۇتۇپلاۋېتىپ، ئېغىزىدىكى قاننى "بۇ قان ئەمەس، گىرىم" دەپ ئالدامچىلىق قىلىدىغان زامان كەلمەسكە كەتتى......
مۇئەللىمىنىڭ شۇ كۈنكى گەپلىرى ماڭا ئۈمدىۋارلىقتىن كۆپ ئۈمىدپەرەستلىكتەك تۇيۇلغان ئىدى. بىرنەچچە يىللاردىن كېيىن، ئوخشاش ھاياجان، ئوخشاش مەمنۇنىيەتنى بېيجىڭدىكى مەركىزى مىللەتلەر ئونۋېرسىرسىتىدىكى قىممەتلىك بىر پراففىسورىمىزنىڭ قەلىمىدىنمۇ ئۇچراتتىم:
" ... تور، سۆز ئەركىنلىكى جەھەتتە دۇنيادا خەلق بىلەن ھۆكۈمەتنى، جوڭگۇدا بولسا بېيجىڭ بىلەن شىنجاڭنى، ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلارنى بەلگىلىك دەرىجىدە باراۋەرلىككە ئېرىشتۈردى..." ئېسىمدە قېلىشىچە بۇ پراففىسورىمىز كەسكىن ھالدا يەنە شۇنداق دېگەن ئىدى : " خام خاىيالدا بولۇنمىغايكى، بۇنىڭدىن كېيىن ساددا ئاقكۆڭۈل دەپ دولىسىغا ئۇرۇپ قويسا ئۇچۇپ كېتىدىغان، مېھماندوست دەپ شىلاپ قويسا، ھەممىگە يول قويىدىغان نەسىل ئۇيغۇردىن قايتا تۆرەلمەيدۇ؛.."
ئالدىنقى يىلى ئەرەپ باھارىنىڭ شامىلى بىرلىرىنىڭ تۇۋىقىنى سىرقىرىتىپ، بىرلىرىمىزنىڭ تامىقىنى چاكىلدىتىۋاتقان مەزگىلدە گېزىتتىكى ئانالىزلاردا مۇنداق گەپلەرمۇ بولۇندى:
" مۇبارەكنى تەختتىن يىقىتقان مىسرلىقلارنىڭ تۆگىسى ئەمەس تور بەتلىرى، كاززافىينى ئۇ دۇنياغا ئۇزاتقان ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايرىپلانى ئەمەس، فەيسبوكى. .."
بۇ قۇرلارنى ئوقۇغاندىمۇ تور ئەركەكچىلىگى لېكسىيەسىدىن مۇنۇ پارچىلارنى ئەسلىدىم:
--- .... دەۋرلەردىن بېرى ئىنسانلارنىڭ كۆزىنى كۆر، بۇرنىنى گاس قىلىپ قويۇپ تۇرۇپ، ئىدارە قىلىپ قىلىپ كەلگەنلەرنىڭ ئىشى ئەمدى قېيىنلاشتى، بۇمۇ تورنىڭ ئەركەكچىلىگى...
بۇلتۇر مىسرانىم تورىدىكى ۋاشىنگىتون يازمىلىرىدا بىر ئامېرىكىلىقنىڭ ئېغىزىدىن مۇنداق سۆزلەرنىڭ نەقىل ئېلىنغىنى ئېسىمدە: " .... جوڭگۇنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرەلمەيدىغان بەزىلەر، ھە دېسىلا جوڭگۇنىڭ ئىشلىرىدىن پۇتاق تېپىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە ئۇنداق-مۇنداق گەپلەرنى قىلىشىدۇ، مەن ئىشىنىمەنكى مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىي دەۋرىدە يوقالمىغان ئۇيغۇرلار تور دەۋرىدە ھەرگىز يوقالمايدۇ؛ يوقالمايدۇلا ئەمەس، " تۈگىمەس ناخشا"سىنى توۋلاپ پەللىسىگە قاراپ تېخىمۇ سىلجىيدۇ..."
بۇ گەپتىن قارىغاندا تورنىڭ يەنە بىر ئەركەكچىلىگى باركى، مىللەتلەرنى پەللىسىگە قاراپ سىلجىتىش.....
بۇلتۇر نېۋيوركتا ماراتون مۇسابىقە مەزگىلىدىكى پارتىلاشتىن كېيىن خەلقئارا ئاخباراتلاردا ۋەقەنى سادىر قىلغان ئىككى چېچەن ياشنىڭ پارتىلىتىش تېخنىكىسىنى توردىن ئۈگەنگەنلىكى خەۋەر قىلىىندى، شۇ چاغدىمۇ مەزكۇر لېكسىيەدىن ئارىيەلەر قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلىدى:
---- " مەن كۈچلۈك سەن ئاجىز، مەن ھەممىگە قادىر، سەن چارىسىز، قولۇڭدىن ھىچ ئىش كەلمەيدۇ، بېشىڭدىن باسىقىنىم باسقان" دەيدىغان جاھانگىرلارنىڭ مەنتىقى ئەمدى پالەچ، چۈنكى بۇرۇن ھەربىي ئاكادىمىيەلەردە ئۆگىنىلىدىغان تېخنىكىلارنىڭ ھەممىسىنى بولمىسىمۇ، بىر قىسمىنى ئالقانچىلىك ئىكراندىن ئۆگەنگىنى بولىدىغان دەۋر يېتىپ كەلدى، جاھانگىرلار ئەمدى ۋەس-ۋەسىدە! "
بۇ مۇئەللىمنىڭ مانا مۇشۇنداق ئامېرىكا دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم، ئەمما ئۇنىڭ روسىيەگىمۇ نەپرەت بىلەن قارايدىغانلىقىنى تۆۋەندىكى سۆزلىرىدىن بىلدىم:
" بىزدە مىللەتلەر ئاپپاق-چاپپاق دەپ داۋراڭ سالىدىغان روسىيە ئەتە- ئۆگۈن بىزمۇ بۆلگۈنچىلەر ۋە زوراۋانلارنىڭ قۇربانى خئەلقئارادىن ياردەم سورايمىز دەپ دۇنياغا مۇراجىئەت قىلسا بۇنىڭغا ھەيران قالماڭلار، بۇمۇ تورنىڭ ئەركەكچىلىگى. "مەن ئوسمانلىچە مۇئەللىمنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ ماڭا باشتىن-ئاخىر تىكىلىپ تۇرۇپ سۆزلىشىنىڭمۇ سەۋەبىنى ئۇقتۇم، ئۇ مېنى چېچەنلەرگە ئوخشۇتۇپ قالغان گەپ، چۈنكى مېنىڭ ئۆڭۈم بىراز ئاق-سېرىق.
|
|