- تىزىملاتقان
- 2014-12-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1288
- نادىر
- 0
- يازما
- 109
ئۆسۈش
28.8%
|
ئۆزلۈكىنى تونۇغان، كۆزى ئېچىلغان، غايىۋىي، ئەخلاقلىق،سىياسىي ساپا خەھەتتىن ئويغانغان ۋە ئىتتىپاقلاشقان خەلىقلەرنى ياكى مىللەتنى قەدىمدىن بۇيان ھېچقانداق بىرى زورلاپ ئۆز خاھىشىغا بوي سۇندۇرغان ئەمەس. بەلگىلىك مەدەنىيەت ئاساسى ۋە مىللىي كىملىگى ساقلاپ قېلىنغان مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ھېچقاچان باشقىلار تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنغانمۇ ئەمەس، ھەمدە ئۇنداقمۇ بولمايدۇ.
ئۆزلۈكنى بىلىش بولسا مىللەتنىڭ ياكى خەلىقنىڭ ئۆتمۈشى، تارىخىي تەرەققىيات جەريانى، تارىختا ئۆتكەن ئاتا – بوۋىلىرى، ئۇلارنىڭ نەسەبى، ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بولغان مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرى قاتارلىق بىر قاتار ئوبىكتىپ ۋە سوبىكتىپ ئامىللارنى بىلىپ يېتىش ۋە چۈشۈنىشتىن ئىبارەت. مىللىي كىملىكنى تونۇپ يېتىش ۋە بىلىش شەخىس ياشاۋاتقان ماكان ۋە جەمىيەتتىكى بولۇۋاتقان مەنىۋىي ئۆزگۈرۈشلەرنى بىلىش، ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان جەمىيەت تەرەققىياتىغا ماسلىشىش ئېڭىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش، يېڭى ئىلىم – پەن ۋە ئىلغار مەدەنىيەتلەرنى ئۆز ئەنئەنىسىنىڭ زامانغا ماسلاشقانلىرىنى مۇستەھكەم ساقلاپ قالغان ئاساستا قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار ئىدىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەرگە ھۇل قويۇشتىن ئىبارەت.
مىللىي كىملىكنى بىلىش مەسىلىسى شۇ مىللەت ياكى خەلىقنىڭ مەنىۋىي بايلىقى، يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى، جەمىيەت ئەزالىرىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە ساپا دەرىجىسى قاتارلىق ئامىللارنىڭ دەرىجىسىگە بىۋاستە باغلىق مەسىلە. شەخىسنىڭ ساپاسى ئۆزى ياشاۋاتقان جەمىيەتتىكى ئورنى ۋە ئىقتىدارىنى تونۇپ يېتىش، ئۆزىنىڭ ئۆز جەمىيىتىكى رولىنى تونۇپ يېتىشكە چېتىلىدۇ. شەخىستە شۇنچىلىك دەرىجىدە ساپا ھازىرلانغاندا ئاندىن ئۆز جەمىيىتىنىڭ قۇرۇلمىسى، شۇ جەمىيەت قۇرۇلمىسىدا بولۇپ ئۆتۈۋاتقان ئوبېكتىپ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئۆزى ئۈچۈن قانچىلىك قىممەتكە ئىگە ياكى ئەمەسلىگىنى چۈشۈنۈپ يېتىشى شۇنداقلا شۇ جەمىيەتتىكى ئۆزىنىڭ ئورنىنى بىلىش قاتارلىق كونكرىت مەسىلىلەرنى بىلىپ يېتەلەيدۇ.
مىللىي كىملىكنى تونۇش ئۆزى ياشاۋاتقان ماكان ۋە جەمىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆگىرىشىنى كۈزىتىش، شۇنداقلا ئۆز قابىليىتى يەتكەن دەرىجىدە تەدبىر بەلگىلەش، جەمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ۋەتەننى خەلىقنى سۆيۈش قاتارلىق مەسىلىلەردىمۇ مەيدانىنى ئايرىۋېلىش قابىليىتىنى تۇغدۇرىدۇ. ئىنساننىڭ تارىىخىي تەرەققىياتى ئۆزلۈكنى بىلىش، ئىنسان مەۋجۇتلۇقىنىڭ ماھىيىتىنى بىلىش، مىللىي خاسلىق بەلگىلىرى بولغان تىل، ئۆرىپ-ئادەت، مەدەنىيەت، ۋەتەن ئېڭى قاتارلىقلارنى ساقلىغان ئاساستا تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئۆزىدىن كىيىنكى ئەۋلاتلارغا ساغلام بولغان مىللىي كىملىكنى مىراس قالدۇرۇش قاتارلىق زۆزۈر بولغان بىر قاتار ئامىللارغا مۇھتاج.
بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمىيىتى دەل مۇشۇنداق ئۆزلۈكنى بىلىش ۋە يۇقارقى تارىخىي تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بىر قاتار مۇھىم ئامىل قۇرۇلمىلىرىنى قانداق بەرپا قىلىش، ئەۋلاتلارغا نېمىنى قالدۇرۇش قاتارلىق سوئاللارغا جاۋاپ كۈتىۋاتقان مۇشۇنداق بىر تارىخ دوقمۇشىدا تۇرىۋاتىدۇ دىيىش ئارقىلىق كەمىنە مېنىڭچە ئازراق بولسىمۇ جەمىيىتىمىز ئەھۋالىنى چۈشۈنۈپ يەتتىم دىيەلەيمەن.
ئىنسانىيەتنىڭ پەلسەپە تەپەككۇرى تارىخىدا ئۆزلۈكنى بىلىش مەسىلىسى خىلمۇ خىل مۇھاكىمە قىلىنغان يەنى تەننىڭ ئۆتكۈنچى ئىكەنلىگى، روھنىڭ ئەبەدىيلىگىنى "تەن تەپەككۇرنىڭ ياكى روھنىڭ قەپىزى" دىگەندەك كۆز قاراشلار ئارقىلىق دۇنياۋىي دەرىجىدە مۇھاكىمە قىلغانلارمۇ بولغان. ئىنسان ئۆز كىملىگىنى تەركى دۇنيا بولغاندىلا سېزىپ يېتەلەيدۇ دەيدىغان كۆز قاراشلارمۇ مۇھاكىمە قىلىنغان.
بىز ئۇيغۇرلار قاراخانىيلار دەۋرىدىن باشلاپ ئىسلام مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلغان، شۇنداقلا ياشاۋاتقان ئورنىمىزنىڭ جۇغراپىيىلىك ئەھۋالىغا ئاساسەن كۆپ مىللەت ۋە كۆپ دىن بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان جەمىيەتتە ياشاۋاتىمىز. ئىسلام دىنى ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق ۋە تەرەققىياتنى چەكلىمەيدىغان، كىشىلەرنى بىلىم ئېلىشقا ئۈندەيدىغان بىر دىن. ئەجدادلىرىمىز ئىسلامنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىنمۇ بىرنەچچە ئەسىرلەر داۋامىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، مەدەنىيەت، تارىخ، جۇغراپىيە، تىبابەت، ئسترونومىيە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بىرقاتار ئىلىملىرى بىلەن دۇنيا مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. ئۆز دەۋرىدە دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈگى دەرىجىسىگە يەتكەن سەئىدىيە خانلىقى دەل مۇشۇنداق بۈگۈنكىدەك دىن بىلەن پەن ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىپ، دىنىي ئېقىمدىكىلەر بولۇپمۇ ئىسلام ئەقىدىلىرىنى بۇرمىلىغان سوپىزىمچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىشى نەتىجىسىدە خەلقىمىزنىڭ بېشىدىن قانداق كۈلپەتلەر ئۆتكەنلىگى ھەممىزگە ئايان. ئەڭ ئاددىي بىر مىسالى: ئۈچتۇرپان ئەھلى بىر قېتىملىق پۈتۈنلەي يوقۇتىلىۋېتىشكە دۇچار بولۇپ، ئۈچتۇرپاننىڭ ھازىرقى ئاھالىسى ئەتراپتىن كۆچۈرۈپ كەلتۈرۈلگەن.مانا بۇ ئەنە شۇ دىنىي ئەقىدىگە ئەگەشكەن ساددا خەلقىمىزگە سوپىزىمچىلارنىڭ بەرگەن سوۋغىسى ئىدى.
سوپىلار بىرنەچچە زامانلارغىچە كىشىلەرنى ئۆز ئەقىدە ۋە نىشانى بويىچە جەمىيەت ئىشلىرىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش، ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەنلا ياشاش(ئەمەلىيەتتە ئاللاھنىڭ زىكرى، ئىسلام ئەقىدىلىرى ئۇلار تەرىپىدىن بۇرمىلانغان. قۇرئاننىڭ قايسى ئايىتىدە يېڭىلىقتىن ، بىلىمدىن ئۆزۈڭنى چەتكە ئال دەيدىغان كەلنمە بار؟) تەركى دۇنيا بولۇپ، قوساق تويغۇزۇش ئۈچۈنلا ياشاش قاتارلىق بىر قاتار مۇتەئەسسىپ پىكىرىنى ھەرخىل رەھىمسىز ۋاستىلەر ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ئېڭىغا سىڭدۈرىۋەتكەن. ئەنە شۇ خىل كۆز قاراش نەتىجىسىدە بىز ئۇخلاۋاتقىلى نەچچە ئەسىرلەر بولۇپ كەتتى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بولسا، بېكىنمىچىلىكتىن ئەمدىلا قۇتۇلۇپ، ئۆزلىرىنىڭ مىللەتكە ئىگە بولۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش مەخسىدىدە يېڭىچە بىلىملەر بىلەن قوراللىنىپ، يېڭىچە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان، ئازراق بولسىمۇ دىلى سۇنغان مىللەت ئۈچۈن ياخشى يوللارنى قانداق ئىزلەپ دۇنيا تەرەققىياتىغا ماسلىشىش مەخسىدىدە ئازراق كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ياشلىرىمىزنى بوغۇپ قويۇش بىلەن بىللە، يەنە بىر تۈركۈم ياشلىرىمىزنى توغرا يولغا يىتەكلەش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئۇلانىڭ ئىدىيىسىگە ياكى دىنغا ياكى پەنگە، ياكى مىللەتكە پايدىسى بولمىغان يوللارغا يىتەكلەش ئارقىلىق بىزدە ئىككى قۇتۇپلىشىش مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەنە شۇلار مىللەت ئۈچۈن خائىنلاردۇر. جەمىيەت تەرەققىياتقا مۇھتاج، تەرەققىيات مىللەتنىڭ ئەزالىرى بولغان زىيالىلىيلار قوشۇنىنىڭ ئىلغا كۆز قاراشلىرىنى ئىلمىي ئاساستا يەكۈنلەپ، ھاسىل قىلىنغان ئىلغار ئىدىيىلەرنى خەلىق ئاممىسىغا مۇۋاپىق سىڭدۈرۈپ قوبۇل قىلدۇرغاندىن كىيىن، جەمىيەت ئەزالىرىنىڭ ئاڭ سەۋىيىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرگەندىن كىيىن ئاندىن ئۆز يولى بويىچە ئاستا - ئاستا ئەمەلگە ئاشىدىغان ئامىلدىن ئىبارەت. تەرەققىي قىلغان ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ مەھسۇلى بولغان تور دۇنياسىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلار نەق مەيداننىڭ ئۆزىدە ھاقارەت قىلىنىش، كەمسىتىشلەرگە ئۇچراۋاتىدۇ. دەرۋەقە ھەممە ئادەمنىڭ بىلىم سەۋىيىسى ئوخشاش ئەمەس، شۇڭا بەزى مەسىلىلەرگە بولغان ئىنكاس ۋە كۆز قاراشلىرىمۇ پەرىقلىق بولىدۇ. ئوخشاش بولمىغان پىكىردىكىلەرنى دۇمبالاۋاتىمىز. بۇ ئەقەللىيسى مىللىتىمىزنىڭ نامىغا مۇخالىپ كېلىدىغان ئىشلار. ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلارغا نىسبەتەن ئىلمىي مۇناسىۋەتتە بولۇپ، ئىلمىي مۇنازىرىگە قويۇش ئارقىلىقلا، مەلۇم پىكىردە ئورتاقلىق ھاسىل قىلىش مۈمكىن. شۇڭلاشقا زىيالىيلار قوشۇنىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا ئىتتىپاقلىق، كەڭ قورساقلىق خىسلىتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم. ئەمدى دىنىي قېرىنداشلىرىمىزغا كەلسەك:
مۇقەددەس قۇرئاندا ئاللاھ تائالا ئادەملەرنى ئۈچ چوڭ تۈرگە ئايرىغان. بىرىنچىسى: توغرا يولدىن ئاداشقانلار يەنى تەۋراتنى ئۆزگەرتكەنلەر، ئىككىنچىسى: ئاللاھنىڭ غەزىۋىگە دۇچار بولغانلار. يەنى بەنى ئىسرائىللار. (ئۇلار ئەمەلىيەتتە بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق ئىنسانلار) ئۈچنچىسى: مۇناپىقلار. يەنى ئالاھنىڭ كالامى بولغان قۇرئان ئەقىدىلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا زىت ئىش قىلغانلار. ئۈچىنىڭ ئىچىدە مۇناپىقلارنىڭ گۇناھىدىن ئاللاھ ئۆتمەيدىغانلىقىنى قەيىت قىلىدۇ.
مەن بۇنداق دىيىش ئارقىلىق مۇقەددەس دىنىمىزنى ئۆزگەرتىش تەشەببۇسىنىمۇ قىلمايمەن. ئەمما ئەشۇ دىنىي ئەقىدىلىرىمىزنى ئەشۇ مۇقەددەس قۇرئان ئەھكاملىرى ئاساسىدا قوغداپ قېلىپ، نىمە ئۈچۈن مىللىتىمىزنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى، ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى، مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، بۈگۈنكى دۇنيا ئىقىمىغا يۈزلەندۈرۈش ھەققىمىز يوق؟ دىنىي ساھەدىكى قېرىنداشلىرىمىزمۇ ھەقىقىي دىندار بىلەن ساختا دىندارنى ئايرىپ، مۇقەددەس كالامۇللانىڭ يولى بويىچە ئەۋلاتلارنى توغرا يولغا باشلاش مەجبۇرىيىتىنى زىممىسىگە ئالغان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزارا ئىتتىپاقلىقنى تەكىتلەپ، مۇشۇ تارىخىي ئۆتكەلدىن مىللىتىمىزنىڭ ساق - سالامەت، ئوڭۇشلۇق ئۆتۈۋېلىشى ئۈچۈن سورۇن ۋە شەرىت - شارائىت بىلەن تەمىنلىسە نېمىدىگەن ياخشى بولاتتى ھە!
مۇھەممەد تۇرسۇن ئابدۇكېرىم شەيدائى
2015-يىلى 8-فېۋرال
|
|