ئىلاۋە: ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، مەن "دۆڭكۆۋرۈك ۋە ۋالل كوچىسى" ناملىق بۇ يازمىنى، "ئەسىر پىلانى مەبلەغ مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى" نىڭ قۇرغۇچىسى، ياش كارخانىچى ئىنىم تۇرسۇن مۇھەممەتنىڭ تەكلىۋىگە بىنائەن بىر ھەپتە ئىلگىرى يىزىپ چىققان ئىدىم. يەنى تىما تۇرسۇن مۇھەممەتنىڭ، يازمىنىڭ مەزمۇنى مىنىڭ. ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى ئىنىق بولسۇن دىدىم-ھە! )چاقچاق جۇمۇ!( بۇ يازما پۈتكەندىن كىيىن ئىنىم تۇرسۇن بۇنى ياخشى تەھرىرلەپ، ئۆزىنىڭ ئۈندىدار سالۇنىدا ئىلان قىلدى، ئۇنىڭغا رەھمەت! ئەمدى مەن "ياخشى" دەپ قارىغان نەرسەمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشقا ئالدىرايمەنغۇ، باغداش جامائىتى. سىلەرنى ھەم ئىقتىساد ئۈگۈنۈپ باي بولۇشنىڭ يوللىرىنى ئۈگەنسۇن دەپ بايبول سۇپىسىنىمۇ ھەم قۇردۇق. كۆرۈپ تۇررۇۋاتامسىلەر، يا؟ ياكى ئايىغى چىقماس پاراڭلارنى قوغلىشىپ كىتىۋاتامسىلەر؟
********************************************************************************************************
ئىككى كوچا، ئوخشاش مەقسەتتىكى ئادەملەر—مەقسەت پۇل، تىرىكچىلىك... ئىككى كوچا، ئوخشىمىغان سودا مەدىنىيىتى ۋە سودا قىممەت قارىشى... ئىككى كوچا، ياراتقىنى ئوخشىمىغان تارىخ، ئوخشىمىغان تەقدىر. ئىككى كوچا، ھەر ئىككىسىدە مېنىڭ ئاياغ ئىزىم بار، بىرسگە يۈرەكتە مۇھەببەت، بىرسىگە ھەۋەس...
بىر كوچىدا روھىم، بىر كوچىدا جىسمىم ياشايدۇ... بىر كوچا ياشلىق باھارىمنىڭ شاھىدى،ئارمانلىرىمنىڭ ئانىسى، بىر كوچا قىرانلىقىمنىڭ گۇۋاھچىسى، شۇڭقارلىقىمنىڭ بەدىلى... بىرسى ئەسلىمە كوچىسى، بىرسى ھىجرانكوچىسى...
1. مەن ۋە دۆڭكۈۋرۈك خاتىرىلىرى
ھەي...، باشقىچە يازارمەن دىۋىدىم، ئەمما بۇ تېما مېنى يەنىلا ئەسلىمىگە سۆرەپ كىرىپ كەتتى... 1988-يىلى 29-ئاۋغۇست چۈشتىن كىيىن سائەت بىر، قۇياشلىق ئىللىق بىر كۈن.
ئۇنىۋىرستىتنىڭ كەينى ئىشىگىدىن قىزىلسۇ ئوبلاستلىق قاتناش كالۇنىنىڭ شوپۇرى مەرھۇم ئىسلامجان ئۇستام ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى ئالى مەكتەپلەرگە ئاتۇشتىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ئولتۇرغان ئاپتوبوزنى گۈكىرىتىپ ھەيدەپ كىرىپ كەلدى، كەلدى-دە بۇئۇنىۋىرسىتىتنىڭ مەشھۇر بىئولوگىيە پەنلىرى پروفىسسورى، جامائەت ئەربابى مەرھۇم مىجىت باۋۇدۇن (مەرھۇمنىڭ ياتقان جايى جەننەتتىن بولسۇن، ئامىن) ئەپەندىنىڭ ئۆيىگە ئاتۇشتىن ئىلىپ چىققان مىۋە-چىۋىلىرىنى يەتكۈزۈۋىتىپ، ئاپتوبوزنى ھەيدەپ ئۇنىۋىرسىتىت تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ ئالدىدا توختاتتى.
ئاپتوبوزدىن چۈشكەنلەرنىڭ ئىچىدە كۆزلىرىدىن ھەم تەقەززالىق، ھەيرانلىق ھەم يىتىرقاش،مۇساپىرلىق تۇيغۇلىرى چىقىپ تۇرغان بىر ياش يىگىت چۈشتى-دە، ئاپتوبوزقا بىسىلغان يۈك-تاقلىرىنى باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەن چۈشۈرۈشكە باشلىدى. بۇ ئاداشنىڭ ئالى مەكتەپكە ئۆتكىنىنى ئاتا-ئانىسى -خۇددى ئوغلىنىڭ تويى بولغاندەك چوڭ ئىش دەپ ئويلاپ قالغان چىغى، ئۇلار ئوغلىغا ئالايىتەن قەشقەردىكى ھۈنەرۋەنلەردىن ياشلارنىڭ تويى بولغاندا سىتىۋالىدىغان، ئالدى سېرق رەڭلىك تۇنىكا بىلەن قاپلانغان يوغان «تويلۇق» ياغاچ ساندۇقتىن بىرنى ئىلىپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى قاچىلاپ، ئاتنىڭ كاللىسىدەك قۇلۇپتىن بىرنى سېلىپ بەرگەن ئىدى.
"بالام بۇ ساندۇقنى" يالغۇز جىنى بىلەن قانداق كۆتۈرەر" دىگەننى ئويلىمىغانمىدۇ ئۇلار؟
ئۇنىڭ بىشى قىتىپ تۇرغىنىدا، تەلىيىگە شۇ كۈنى چۈشلۈك تاماقتىن قايتىۋاتقان شۇ يىلى يازدا ئاتۇشتا تونۇشقان سۇۋادان تېرەكتەك ئىگىز ئۆسكەن، قانۇن فاكۇلتىتىنىڭ 4-يىللىقىغىدا ئوقۇيدىغان "سەمەندەر"دەپ كىمنىڭدۇر باتۇرلىغىنى مەدھىيىلەپ شىئر يىزىپ كىتىدىغان، ئەمما جىدەلدىن توشقاندەك قاچىدىغان شائىر غەيرەتجان غوپۇر ۋە باھارنىڭ، ياشلىقنىڭ پەيزىنى يەتكۇچە سۈرەلەيدىغان ساۋۇتجان ھىدايەتلەر ئۇچراپ قالسا بولىدۇ.
ئۇچاغلاردا ھازىرقىدەك تېلىفۇن، ئۈندىدار دىگەنلەر نىمە قىلسۇن؟ ھەتتا كىراكەشنىمۇ تاپقىلى بولمايتتى. ماۋۇ بىللە چىققان ئەمرۇللادىن ياردەم سوراي دىسەڭ، ئۇ گۇي ھەم ئۆزىنىڭ ھەلەكچىلىگىدە، ھەم ئۈرۈمچىگە قەدىمى تىگە-تەگمەيلا، يولدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان،ياشلىق گۈزەللىگى ئۇرغۇپ تۇرغان قىزلارغا يەۋەتكۈدەك قارىغىلى تۇردى. ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرى بەئەينى "سۇ بويىدا" رومانىدىكى، "غۇنچە بوي قىز خۇسەننىئاڭ"نىڭ يولدىشى ھىلىقى خوتۇنپۇرۇچ "ۋاڭ پەتەك يولۋاس"نى ئەسلىتىدۇ-دە، كىشىگە!!!! ئۇنىڭ قىلىقلىرىغا قاراپ ھەم خىجىل بولۇپ ھەم بىئارام بولۇپ كەتكەن بۇ تاغلىققا غەيرەت بىلەن ساۋۇتجاننىڭ ياردىمى ئالامەت ياقتىكىن، مانا 27 يىل ۋاقىتتىن كىيىنمۇ ھىجران كوچىسىدا ئۇلارنى ھازىرقىدەك ئەسلەپ ئولتۇرۇپتۇ.
خوش ئوقۇرمەنلەر، ئەمدى بۇ تارتىنچاق تاغلىق يىگىتنىڭ كىملىگىنى بىلگەنسىلەر؟
شۇنداق قىلىپ مەن ياتاققا ئورۇنلىشىپ بولۇپ ئەتىسىلا ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدا مەڭگۇلۇك مۇھەببەتنى روھىمغا تامغا قىلىپ بىسىۋەتكەن، ئۆزى كۆرۈمسىز ئەمما مىھىرلىك بۇ كوچىدا تۇنجى ئاياغ ئىزىم قالدى. بۇ كۈن ھىلىمۇ ئىسىمدە، 1988-يىلى 30 -ئاۋغۇست ئىدى.
يېڭى كەلداخۇنغا ھەممە نەرسە ئاجايىپ -غارايىپ كۆرىنىدىكەن. بۇ كوچىدا ياشاۋاتقان، خۇددى ھەممە ئادەم كوچىغا چىقىۋالغاندەك مىغ-مىغ ئادەملەر توپى پەيدا قىلغان قاينام-تاشقىنلىق كارتىنىسى، بۇ كوچىدىن بىر-بىرىنى قولتۇقلاپ ئاغزىدا سېغىزنى ماكاشلىتىپ چايناۋىتىپ، "بىزەڭ ئاداش،بىزە تۇرۇپ تۇرە" دەپ تاتلىق ئاھاڭدا پاراڭ قىلىپ ئۇياق بۇياققا ئۆتۈپ تۇرىۋاتقان ئۈرۈمچىلىك ياش قىزلارنىڭ سۆيۇملۈكلىگى ۋە گۈزەللىگى كۆزلىرىمنى ئالا-چەكمەن قىلىۋەتتى. ياشلىق ھىسلىرىنىڭ ۋۇجۇدۇمدا غەليان كۆتۈرۈشى بىلەن بۇكوچا تېخىمۇ ئاجايىپ-غارايىپ،رەڭگا-رەڭ كۆرۈنۈپ كەتكەن بولسا كىرەك كۆزۈمگە ۋەئۆزۈمگە.
نىمەدىگەن ھايات ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىغىنى جانلىق نامايەندە قىلىدىغان مېھرلىك كوچا ھە بۇ؟ قارىسىڭىز ئۇزۇنلىغى بىر كىلومىتىرغا يەتمەيدىغان بۇ كوچىدا ئادەملەر دىڭىز-دىڭىز. ھەر-ھەر يۇرتتىن كەلگەن ھەر خىل شىۋىدە سۆزلىشىدىغان ئادەملەر ئەركىن، بىمالال مىڭىپ يۇرگەن، كىشىلەرنىڭ چىرايىدا كۈلكە. بۇ كوچىنىڭ ئىسمى دۆڭكۆۋرۈك، ئەمما مەن ھازىرغىچە ياكى دۆڭ ياكى چوڭقۇر كۆۋرۈكىنىڭ زادى نەدە بارلىغىنى بىلىپ بولالمىدىم.
كىيىنچە مىنىڭ بۇ كوچىغا مىھرىم چۇشۇپ قالدى.تالاي قىتىم ئۆتكەندىمەن بۇ كوچىدىن، ياخشى ئۆتۈۋاپتىكەنمەن. بازارلىرىنى ئايلىنىۋاپتىكەنمەن. تونۇر كاۋاپلىرىنى يەۋاپتىكەنمەن....كەسپىمنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىلمى بولۇشى سەۋەبىدىن بۇ كوچا ھەققىدىكى ئىگىلىك ھەققىدە تىيىز بولسىمۇپىكىر يۈرگۈزۈپمۇ ۋە بۇ كوچىدا ئىگىلىك تىكلەشكە ئۇرۇنۇپ ئارقا كوچىلىرىدىكىھ ۇنەرۋەنگە ئىسپىرىت بىلەن چاي قاينىتىدىغان سايماننىمۇ ياسىتىپ بىقىپتىكەنمەن....لىكىن ئاخىرى تەقدىر، بۇ كوچىنى ئەسلىمە بىلەن تولدۇرۇپ، مىنى قىتئە ئاتلاپ جاھاننىڭ چېتىدىكى ھىجران كوچىسىغا ئاپىرىپ تاشلىدى.
ھازىر ئويلىسام، ئەينى چاغدا بۇ كوچىدىكى سودا -ئەنئەنىۋى ئىگىلىككە سادىقلىق بىلەن ۋارىسلىق قىلغان ئىكەن. يىزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئاساس، سانائەت مەھسۇلاتلىرى يىتىشسىز، تېخنىكىلىق نەرسىلەردىن ئىغىزئاچقىلى بولمايدىغان، بىلىم بىلەن ئالاقىسى يوق، پۇل-مۇئامىلە دىگەندىن ئەسلا خەۋىرى بولمىغان بايلار پۇللارنى تاغارلاردا كۆتىرىپ يۈرىدىغان كوچا ئىكەن.
مەن2011-يىلى يازدا بۇ كوچىدىن ئۆتكىنىمدە بۇ كوچا ماڭا يات، ناتونۇش بىلىندى. مەن بۇ كوچىنىڭ بۇرۇنقى ھالىتىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۇرۇپ، ياتسىراپ كەتتىم، يۈرۈگۈمنى بىر نەرسە تاتلىدى.ئەمما ئەسلىمەمدىكى بۇ كوچىنىڭ كۆرۈنۈشى ئۆزگەرسىمۇ، بۇرۇنقى سودا قىزغىنلىغا زامانىۋى نەرسىلەرنىمۇ قوشۇپ يۇغۇرۇپ، ئۆزىگە سىڭدۈرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، يۈزەكى كۆزىتىشلىرىم بىلەن ئەسلىمەمدىكى كارتىنىسىغا رەڭ بىرىپ، قانغۇدەك كۆرۈشكە يىتەرلىك ۋاقىت چىقىرالماي، ئەپسۇسلىرىمنى يۈدۈپ قايتىپ كەلدىم.
2. مەن ۋە ۋالل كوچىسى ئويلىرى
مەن بۇيەرگە كىلىپ دۇنياغا مەشھۇر بۇ پۇل –مۇئامىلە كوچىسىنىڭ يىنىدا تۇرۇپمۇ ئەمدى قەدەم باستىم.
ئايالىم دوختۇرلۇق كەسپى بويىچە مەخسۇس تەربىيىلىنىدىغان دوختۇرخانىنىڭ مۇشۇ كوچىغا يىقىن بولۇشى سەۋەبىدىن مەن شۇ كۇنى بۇ كوچىدا ئالدىرىماي ئايلىنىپ چىقتىم. بۇ يات ئەلدىكى مەشھۇر پۇل –مۇئامىلە كوچىسىدىن شىبلىتىمنى غىچىرلىتىپ نەچچە ئۆتتۈم،چوڭلىقى دۆڭكۆۋرۈك كوچىسىدىن پەرق قىلمايدۇ، شۇ ئۇزۇنلىغى بار يوقى بىر كىلومىتىر ئەتراپىدا... ئىگىز-ئىگىز بىنالىرى بىتون بىلەن مەزمۇت قىلىپ قاتۇرىۋىتىلگەن. بۇ كوچىغا بولغان ھەۋەسم مىنى نۇرغۇن خىياللارغا غەرق قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ كوچا مېنى ئۆزىگە تارتالمىدى. كۆركەم بىنالىرى بىتون بىلەن قۇيۇلغان بۇ كوچىدا ياشاش ئۈچۈن بىتون بىلەن قۇيۇلغان ئىرادە، تەۋەككۈلچىلىك كېرەك، ۋالل كوچىسى كۆز يېشىغا ئىشەنمەيدۇ... مەن بايا تەسۋىرلىگەن بۇ كوچىنىڭ ئىسمى - ۋالل كوچىسى، دۇنيا پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ مەركىزى بولۇپ،200 يىلدىن ئارتۇق تارخقا ئىگە. ئىككى يۈز يىل ئىلگىرى بۇ يەردە ھازىرقى دۇنياغا مەشھۇر "نېۋ يورك پاي چىكى بازىرىنىڭ" ھۇلى سىلىنغان، ئامېرىكا تارىخىدىكى نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان. ج.پ مورگانغا ئوخشاش پۇل مۇئامىلە دوكالىرى، روككفېللېردەك نېفت ماگىناتلىرى بۇ يەردىن ئورۇن ئالغان، قىسقىسى بۇ يەر ئامىرىكا ئىگىلىگىنىڭ يىزا-ئىگىلىگىدىن-سانائەتكە كۆچۈپ ئاخىرىدا پۇل مۇئامىلىگە قاراپ تەرەققى قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. دىمەك بۇ كوچا بۇگۇنكى كۇندە ئامىرىكىنىڭ پۇل مۇئامىلە مەركىزى بولۇپلا قالماستىن، يەنە دۇنيانىڭ پۇل مۇئامىلە مەركىزىگە ئايلانغان.
بۇ كوچىدا يۇز بەرگەن ئىشلار ئىلگىرى ئامىرىكا خەلقىنىڭ تەقدىرىگە زور تەسر كورسەتكەن بولسا، ھازىر يۇز بىرىپ تۇرىدىغان ئىشلار، ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ئىگىلىكتە، دۇنيا خەلقىنىڭ تۇرمۇشىغا تەسر كۆرسىتىۋاتىدۇ. 1929-يىلى ئامىرىكىدا يۈز بەرگەن ئىقتىسادى بۆھران مانا مۇشۇنىڭ مىسالى. 1929-يىلىدىكى بۇ كوچىدىكى پاي چىكى باھاسىنىڭ لەپىلدەپ چۈشۈپ كىتىشى - ئامىرىكىدا دۇنيانى چۆچۈتكەن ئىقتىسادى بۆھراننى كەلتۇرۇپ چىقاردى. ئىشسىز قالغان كىشىلەر، خانى-ۋەيران بولغان ئائىلىلەر، ئۆزىنى ئولتۇرۇۋالغان كىشىلەر،يىتىم قالغان بالىلار.... ۋاي ئۇ كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان مەنزىرىلەرنى تەسۋىرلىمەي....
2008-يىلى يۇز بەرگەن پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ ئامىرىكا ئىقتىسادىغا كۆرسەتكەن تەسىرىگە بىز شاھىد. ئامېرىكىدا يۇز بەرگەن بۇ كىرىزىسنىڭ باشقا دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئىقتىسادىغا كۆرسەتكەن ۋاستىلىق تەسىرىمۇ ئاز ئەمەس ئەلۋەتتە.
بۇ كوچا -ئاۋام خەلقنىڭ نەزىرىدە -ھوقۇق ۋە بايلىق ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ قولىغا جايلاشقان كوچا دەپ قارىلىدۇ، بۇ كوچىغا نىسبەتەن ئايرىم كىشىلەردە نارازىلىق ۋە ئۆچمەنلىك بار. ھەر قىتىم ئىقتىساد كاساتلىشىپ ئىشسىزلىق نىسبىتى ئاشقاندا، ئوتتۇرا بۇرجۇئازىيەنىڭ كىرىمى تۆۋەنلەپ، نامراتلارنىڭ سانى ئىشىپ كەتكەندە، بايلار ئەكسىنچە تېخىمۇ بىيىپ كەتكەندە، بۇ كوچىغا قارىتا نارازىلىق كۈچۈيۈپ كىتىدۇ. يىقىنقى يىللاردا بۇ نارازىلىق - ئۆزىنىڭ كەلگۇسىدىن ئەندىشە قىلىدىغان ياشلاردىن كۆتۈرۈلمەكتە. ئۇلارىڭ قارىشىچە پۇل-مۇئامىلە ساھەسى ئەمەلدارلار بىلەن تىل بىرىكتۇرۇپ ئۆزلىرىگە پايدىلىق قانۇنلارنى چىقىرىپ ئۆزلىرىنى بىيىتىپ، ئاۋام خەلقنى ناچار ئىجتىمائى، ئىقتىسادى ھالەتكە چۇشۇرۇپ قويغانمىش. بۇ ھەركەت 2011- يىلى كۈچەيگەن بولۇپ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەركىتىنى"ۋالل كوچىسىنى ئىگەللەش ھەركىتى" دەپ ئاتاشقان ئىدى. ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ قارىشىنى پۇتۇنلەي خاتا دەپمۇ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ، چۈنكى ئىجتىمائى ۋە ئىقتىسادى تەڭسىزلىك بولغاندا ئۇنىڭغا قارشى نارازىلىقنىڭ بولۇشى تەبىئى. دىمىسىمۇ ئامىرىكا دىموكراتىك دۆلەت بولغانلىقتىن،كىشىلەر ھوقۇقلۇق ئورۇنغا سايلام ئارقىلىق چىقىدىغان بولغانلىقتىن، نامزاتلار سايلامدا ئۇتۇش ئۈچۈن ئۆزىنى تەشۋىق قىلىدىغانغا خىراجەتكە مۇھتاج بولغانلىقتىن، ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىن كۈچلۈك قوللىغۇچىلىرىنىڭ بولۇشىنى ئىستەيدۇ. ۋالل كوچىسىدىكى بانكىرلار ۋە پۇل مۇئامىلە شىركەتلىرى شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ گىپىنى قىلىدىغان ئادەمگە ئىرىشىدۇ. دىمەك بۇ كوچىنىڭ سىياسى تەسىرىمۇ ئىنتايىن زور، ئۇنى تۆۋەن چاغلىغىلى بولمايدۇ.
شۇنداق،بۇ ئىككى كوچا مەن بىلەن مۇشۇنداق ئۆزگىچە قىسمەتتە باغلانغان. دۆڭكۆۋرۈك– ئاددى خەلقنىڭ تىرىكچىلىك كوچىسى، تارىخنىڭ داۋامى.
ۋالل كوچىسى - زامانىۋى ئىگىلىكنىڭ ئەڭ يۇكسەك پەللىسى، دۇنيا تەقدىرىنى ئۆز قولىدا ئوينىتالايدىغان كوچا. |