بۇ يازمىنى ئاخىرىدا azamxa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-12 22:39
1- ئۆلۆم ھەممە ئادەمنىڭ بېشىدا بار ئىش، ئەمما ھەر بىرئۆلگۇچىنىڭ ھايات يۇرىۋاتقان كىشىلەرگە نىسبەتەن بىرىدىغان تەسىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ . ھاياتىمدا بىر قانچە ئۆلۆم ماڭا قاتتىق تەسىر كۇرسەتتى.تۈنجى قىتىم تەخمىنەن 10ياش ۋاقىتلىرىمدا بىر توققىنىمنىڭ يۇرەك كىسلى بىلەن ئۆلۆپ كەتكىنىنى ئۈز كۇزۇم بىلەنكۇرگەنتىم.ئۇ ۋاقىتتا كىچىك بولغاچقا بۇ ئىشلارنى ئانچە ئۇيلاپكەتمەپتىكەنمەن،ئۇنىڭدىن كىيىن بىر قانچە قىتىم باشقىلارنىڭ ئۆلۆپ كەتكىنىنى كۆردۇم. بولارنىڭ بەزىلىرى يەتتە سەككىز ياشلىق كىچىك بالىلار بەزىلىرى 30-40 ياشلاردىكى قاۋۇل يىگىت ۋە ئاياللارئىدى. ھاياتىمدا ئۈچ ئادمنىڭ ئۆلىمى ماڭاقاتتىق تەسىر قىلدى. تۇنجى تەسىر قىلغىنى مىنىڭ بىلەن بىر نەۋرە كىلىدىغان سىڭلىم ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن ئالىي مەكتەپنىڭ تۆتىنجى يىللىقىدا تۇنجى قىتىم كۇرۇشكەنتىم.مەن ئاكامنى يوقلاپ ئاكام تۇرۇشلوق ناھىيگە تەتىل مەزگىلىدە كەلگەن .بۇ يەردىكى توققانلىرىمىزنىڭ بىللە ئۇيناپ تەڭلاچوڭ بولغان ئۈچ قىزى بار ئىدى.ئۇ سىڭلىم بولسا سەل چوڭراقى ئىدى،مىنىڭ بىرىشىم ئۇلارنى بەكلا خوش قىلىۋەتتى بىز ھەر خىل تىمىلاردا پاراڭلىشاتتوق بەزىدە بىللەقۇي باقاتتوق.بىر كۇنى بىز تاكى يىرىم كىچىگىچە قەرت ئۇينىغاچ موڭداشتوق. شۇۋاقىتتا ئۈ مەندىن «قانداق ئادەم بەخىتلىك ياشايدۇ،» دەپ سۇراپ قالدى. بۇ توغرىلىق مەنمۇ كۆپ ئۇيلىناتتىم ئەمما ھىچكىم مىنى جاۋاپ بىرىشكە قىستىمىغاچقا ئەتراپلىق ئۇيلانماپتىكەنمەن.بۇ قىتىم جاۋاپ بىرىشكە مەجبۇر بولدۇم ھەم بۇ جاۋابىمدىن ئۈزەممۇ شۇنداق خۇشال بولوپ توغرا جاۋاپ بەردىم دەپ ئۇيلاپتىكەنمەن. كىيىن بۇجاۋابىمنىڭ مىنى پۇشايمانغا قۇيدىغنىنى ئۇيلاپمۇ باقماپتىكەنمەن .مەن ئۇ ۋاقىتتا قابىليەت بىلەن ئەخلاق بىر ئادەمنىڭ بەخىتلىك بولىشىنى بەلگىلەيدۇ.دىگەنتىم.ئارىدىن ئىككى ئۇچ يىل ئۆتتى.مەن ئۇز يۇرتۇمغا يىنىپ كىلىپ ئوقۇتقۇچى بولدۇم.ئەممابىزنىڭ ئالاقىمىز ئۈزۈلمىدى سىڭلىممۇ پات-پات تىلفۇن قىلاتتى، بەزىدە مەن قىلاتتىم. . ئۇ شۇ ۋاقىتتا تولوق ئوتتۇرىنى پۇتتۇرۇپ قەشقەر پىداگوگىكا ئونۋىرسىتىتىنىڭ ئەدەبىيات كەسپىگە قۇبۇل قىلىنغان ئىدى،لىكىن ئائىلىسىدىكىلەرتىخنىكۇم مەكتەپلەردە ئوقوتوشنى خالىماي ئەۋەتمىدى،بىز كىيىنمۇئالاقىلىشىپ تۇردۇق، ئۇ دەسلەپتە شۇپۇرلۇق مەكتەپتە ئوقۇپتۇ. كىيىن ئاشقازىنى ئاغرىيدىغان بوپ قىلىپ ،زەرگەرچىلىكنى ئۇگىنىپتۇ .كىيىن ئۇنىڭ دىئابىت كىسلى بوپ قالغىنىنى ئۇقتۇم .كۇڭلۆم تولىمۇ يىرىم بولدى. شۇنىڭدىن كىيىن ئىككىمىزنىڭ ئالاقىسى تىخىمۇ قۇيۇقلىشىپ كەتتى.ئۇ شۇ مەزگىلدە ياشلىق باھارى ئورغۇپ تۇرغان ھىسياتچان قىز بولغاچقا كەيپىياتىدا كۆپ ھاللاردا تۇراقسىزلىق پەيدا بوپ تۇراتتى،مەن ئۇنىڭغاتەسەللى بىرىشنى ئۇيلىساممۇ،قۇلۇمدىن كەلمەيتى. بەزىدە ئۇنى ياخشى كۇرۇپ قالدىممىكىن دەپ ئۇيلاپمۇ قالاتتىم مەن ئاللىقاچان ئۆيلۆك ئۇچاقلىق بوپ بولغان ئادەمئىدىم. ئۇ مىنى يىنىغا كەلسىكەن دەپ ئۇيلايتى.مەنمۇ تەتىلدە ئۇنى بىر يوقلاپ قۇيۇشنى ئۇيلىغان بولساممۇ،ئايالىمنىڭ قۇشۇلماسلىقىدىن ئەنسىرەپ بارالمىدىم. كىيىنئاتا-ئانىسى (ئۇلار بىر ئۇيدە ئەمەس ئىدى ) ئۇنى داۋالىتىش ئۇچۇن شاڭخەيگە ئېلىپ ماڭغىنىنى ئوقتوم.بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ بىر كۇزى ئاللىقاچان كۇرەلمەس بوپقالغانىكەن.ئۇ شاڭخەيدە خىلى ئۇزۇن داۋالانغان بولدى. شاڭخەيدىن يىنىپ كىلىپ،ئۇزۇن ئۆتمەي ئەھۋالىنىڭ ناچارلىشىپ كەتكىنىنى ئاڭلىدىم. بۇ مەزگىلدە مەكتەپنىڭ ئىشلىرى جىددىيلىشىپ ھىچ ئارامىمىنى قۇيمىدى.ئۇيدىكىلەر بىرىپ كەلمەكچى بولوپ تۇرۇشىغائۆلۆم خەۋىرى كەلدى.ئۆيدىكىلەر نامىزىغا بىرىپ كىلىپ بەزى ئەھۋاللارنى دەپ بەردى.ئۇ ئۆلۆپ كىتىشتىن بۇرۇن مىنى كۆپ قىتىم تىلغا ئاپتۇ.مىنى يۇقلاپمۇ قۇيمىدى دەپ مەندىن بەك خاپا بوپتۇ. |