يازارمەنلەردىن نېمىنى كۈتىمىز
تورلاردا ياكى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان باشقىلارغا نەسىھەت قىلىش ياكى ئىش ئۆگىتىش خاراكتېرىدىكى يازمىلارغا ئەزەلدىن سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ كەلدىم، شۇنداق يازمىلارنى يازغانلارنى ھەرگىزمۇ بىكار ئاۋارە بوپتۇ دېيەلمەيمەن، ئۇلار بەلىكم ئاشۇنداق «بىزگە قانداق.....كېرەك؟»، «بىز قانداقىسىگە..... بولۇپ قالدۇق؟» دېگەندەك ھەسىرەت ۋە مىللىتىگە بولغان كۆيىنىش تامچىلاپ تۇرىدىغان ئەسەرلىرى بىلەن ساددا خەلىق تەرىپىدىن«مىللەتپەرۋەر»لىكنىڭ ئەڭ يوغان تاجىنى كىيىپ، يۈز ۋە يۈز –ئابىروي ئارقىلىق كېلىدىغان نورغۇن پايدا –مەنپەئەتكە ئېرىشكەن بولىشى مۇمكىن(چۈنكى«ئاۋام ئىدىيە جەھەتتە ھامان قاشاڭ بولىدۇ‹ئېينىشتىيىن›»)، بىراق، بۇ خىل يازمىلارنىڭ ئىجتىمائىي رولىمۇ ئاشۇ يازغۇچى ئېرىشكەن پايدىدەك كۆپ بولدىمۇ دېگەندە مەنچە ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس مىللىتىمىز تەربىيىگە ئامىراق بىر مىللەت، تەربىيىگە ئائىت «قۇتادغۇبىلىك»،«ھېكىمەتنامە» دەك دېداكتىك ئەسەرلىرىمىز بار، بىراق بۇ ئەسەرلەرنىڭ بەدىئىي قىممىتىدىن باشقا بىزگە قانچىلىك رولى بولدى؟ ئۇ ئەسەرلەر ئادەملىرىمىزنى دېيىلگەندەك ئىلم –ئىرپانغا ئىشتىياق باغلايدىغان، بىلىمنى سۆيىدىغان قىلىۋېتەلىدىمۇ؟ ئۇ ئەسەرلەردە دېيىلگەن گەپلەردىن كۆرە مەنچە يەنىلا ئاشۇنى يازغۇچىنىڭ ئىزدىنىشچان،تىرشچان روھىنىڭ مەدىتى بىزگە زور بولدى. ئەگەر خۇددى ئاشۇ يازمىلاردىكى نەسىھەتكە كىشىلەر پەرۋا قىلسا، تېلىۋۇزۇردىكى نەسىھەتلەرنى قۇلىقىدا تۇتقان بولسا ئىدى جەمئىيتىمىز ئاللىمۇقاچان غايىۋى بىر دۆلەتكە ئايلانغان بولاتتى. نورغۇن ئاتا-ئانىلارباللىرىغا ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن ئاچچىق ساۋاقلارنى سۆزلەپ، ئۇلارنى شۇ خاتالىقلاردىن ساقلىنىشقا ئۈندەيدۇ. بىراق، بۇلارنى قۇلىقىدا تۇتىدىغانلار قانچىلىك؟ باللارئاتا-ئانىلانىڭ دېگىنى بويىچە ئەمەس ئۆز خاھىشى بويىچە ياشاپ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇرنىغا يىگەندە ئاندىن ئۆز تۇرمۇشىنىڭ پەلسەپىسىنى يەكۈنلەيدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ئەگەر بىركىمنىڭ ياكى بىر مىللەتنىڭ ئەيىبىنى كۆرسىتىپ بېرىش ياكى نەسھەت ئارقىلىق بىرمىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكىلى بولسا ئىدى لۇشۇندەك كىشىلەرنىڭ مىللەتتىكى ئەيىبلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئاچچىق يازمىللىرى، نەسىھەتلىرى بىلەن دۆلىتىمىز بالدۇرلا قۇدىرەت تاپسا، ئۇ ئوقىغان ياپۇنىيەدەك گۈللىنىپ كەتسە بولاتتى، بىراق،ئۇندىن كېيىن ۋە بۇرۇنمۇ مىڭلىغان «مىللىتىم،خەلقىم »دەپ ھۆركىرەپ، تاغدەك نەسىھەتنى قىلىۋەتكەنلەر جىق بۇ دۆلتىمىزدە تېخى ئۇنداق مەنزىرىنىڭ بارلىققا كەلگىنى يوق. تۆتىنچى ماي ياشلارھەركىتىدىن كېيىن قاراپ باقىدىغان بولساق، لۇشۇندەك كىشىلەرنىڭ ئاچچىق نالە قىلىپ يازغان ئەسەرلىرىگە قارىغاندا يەنە بىر نەرسىنىڭ رولى بۇ دۆلەت پۇقرالىرنىڭ قۇدىرەت تېپىشى ۋە ئېڭىنىڭ ئويغىنىشدا ناھايىتى زور بولغانلىقىنى بايقايمىز، ئۇ نېمە؟ ئۇ دەل شۇ ۋاقىتلاردا ئەۋج ئالغان تەرجىمىچلىك ھەركىتىدۇر، يەنى شۇ ۋاقىتتا چەتئەلدە ئوقىغان گومورودەك،لۇشۇندەك، شۈجىمودەك، جۇگۇاڭچىيەندەك ....كىشىلەرنىڭ چەتئەلنىڭ نادىر ئەسەرلىرنى تەرجىمە قىلىپ تۇنۇشتۇرۇشى بۇ مىللەت كىشىلىرنىڭ ئۆزىنى تۇنىشى، دۇنيا بىلەن ئۆزى ئوتتورىسدىكى پەرقنى تۇنۇپ يېتىشكە غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇ كېيىنكى تەرەققىياتقا ھەم ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن، بۇنىڭ ئاستا -ئاستا ئۈنۈمىنى كۆرگەن خەنزۇ زىيالىيلىرى تەرجىمىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بىلەن قارىغان. بۈگۈنكى كۈندە قارايدىغان بولساق ئۇلاردا دۇنيادىكى ھەممە ساھەگە ئائىت نوپۇزلۇق كىتابلارنىڭ ئاساسەن تەرجىمە قىلىنىپ چىقىپ بولغان بولۇپ، بۇ تەرجىمىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتىرىش، بىلىم –سەۋىيسىنى ئاشۇرۇشقا بولغان رولى مۆلچەرلىگۈسىز. ئۇلار تەرجىمە ئارقىلىق نېمىنى كۆزلىگەن؟ ھەممىزگە مەلۇمكى، تەرجىمە بىر مىللەتنىڭ تىلىنى بېيتىشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ، تىل تەپەككۇرنىڭ قورالى بولۇپ، تىل بېيىغاندىلا بىرمىللەتنىڭ تەپەككۇرى تەرەققىي قىلىدۇ. تىلى خارابلاشقان ياكى تىلى نامىرات بىرمىللەتتىن ئۆتكۈر بولغان ئابىستىراكىت تەپەككۇرنى كۈتۈش ئۆلۈكتىن جان سورىغان بىلەن باراۋەر. ئەگەر بىر مىللەتنىڭ تەپەككۇرى يەنى بىر مەسلىگە قارىتا باھالاش ئىقتىدارى كۈچەيگەن ھامان ھەممە ئىشلار ئۆزلىكىدىن ياخشىلىنىشقا قاراپ ماڭىدۇ. ئەدەبىيات ئەزەلدىن بېرەر سىياسىي ھەرىكەتكە سەۋەبچى بولغىنى ياكى بىرەر قەۋىمنى ئەخلاقلىق قىلۋېتەلىگىنى يوق ، ئۇنىڭدا ئۇنچلىك قۇدىرەت يوق، ئۇ پەقەت ۋەپەقەت بىر مىللەتنىڭ تىلىنى بېيىتىپ بېرەلەيدۇ، تىل بېيىسا باشتا دېگەندەك بىرمىللەتنىڭ تەپەككۇرى بېيىدۇ. «مىللىتىم» دەپ ياندا تۇرۇپ چىرقىرىغان نەچچە ئون مىڭ ئاۋاز، قۇرۇق نەسھەتتىن كىشىلەرگە ئويلىنىش ئاتا قىلالىغۇدەك بىر ئۆزگىچە قاراش ۋەپىكىر مىڭ ئەۋزەل بولۇپ، نەسھەتچىلەر ماھىيەتتە ھەممىنىڭ كاللىسى مەندەك بولسىكەن،مەندىن ئۆتۈپ كەتمىسىكەن دەپ نەچچە مىليۇن كاللىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان، ئۆزىدەك ئويلاشقا سۆرەپ ماڭغان قاتماللىقنىڭ پەرۋىشكارلىرىدۇر. ھەممە ئېقىملارنىڭ بەس-بەستە سايرىشى بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئوخشىمىغان كۆز-قاراشلار، ئوخشىمىغان ئىدىيەلەر بولغاندىلا كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسى كېڭىيدۇ، بىر مەسلىنى ئوخشىمىغان نوقتىدىن چىقىپ تەھلىل قىلالايدىغان، جويلىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپ بولىشى بىر مىللەتنىڭ بەختى. ھېچنىمە دېمىگەن ئادەمدىن مۇتلەق يېڭى پىكىر چىقمايدۇ، بىراق، ئوڭ- تەتۇر بولسىمۇ بىر نەرسە دەپ تۇرغان ئادەمدىن بىركۈنلەردە بىر ئۆزگىچە قاراشنىڭ چىقىپ قېلىشىدا ئۈمد بار. بۈگۈنكى كۈندە يازغۇچى شائىرلاردىن بۇرۇنقىلاردىن كۈتكەندەك ئالاھىدە ئەخلاقى پەزىلەتنى كۈتۈش، بىز ئۆزىمىزمۇ قىلالمىغاننى ئۇلاردىن تەمە قىلىش ئاقىلانىلىك ئەمەس، ئۇلاردىن دادىللىرىمىزمۇ دەپ ئاڭلىتالمىغان نەسىھەتلەرنى ھەم تېخىمۇ كۈتمەيمىز، پەقەت ئۇلاردىن بىر نەرسىنى يەنى ئۇلارنىڭ بىزنى بويسۇندۇرۇشىنى ئەمەس قايىل قىلىشنى، ئويلاندۇرۇشىنى، شائىر بولسا يېڭى ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى بىلەن تىلىمىزنى بېيىتىشىنى، يازغۇچىلار بولسا مومىللىرىمىزدەك ۋەقەلا سۆزلەپ بىزنى مۈگىدەك باستۇرماي، ئاشۇ ۋەقەنىڭ شەكللىنىشىگە تۈرتكە بولغان ماھىيەتنى، ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراۋاتقان نازۇك قەلىبلەرنى، ئۇنىڭدىكى پەلسەپىنى، ئىنسانىيەت نۆۋەتتە ئورتاق بولغان ئازاپ، خوشاللىق ،قايغۇلارنى بىزگە سۆزلەپ قايسى تەپەككۇر ئالىمىگە ئەمەس، تەپەككۇر ئالىمىگە قانداق شۇڭغۇشنى ئۆگىتىشنى كۈتىمىز. ئوبزورچىلارنىڭ ئەسەرلەرنى ئۆز خاھىشى بويىچە ياكى مىللەتپەرلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ ساۋىماي، ئەدەبىياتنىڭ ئۆز قانۇنىيەتلىرىدىن چىقىپ تۇرۇپ باھالىشىنى كۈتىمىز. پىكىردىكى بىردەكلىك ماھىيەتتە تەپەككۇردىكى قاتماللىقتۇر، ھەممىنى ئۆزىدەك بولۇشنى كۈتۈش ياكى ئۆزىدەك بولۇشقا زورلاش ئىدىيدىكى مۇستەبىتلىكتۇر، شۇڭا مۇنبەردە ھەرخىل ھەرياڭزا ئاۋازلارنىڭ،يازارمەنلەردە خىلمۇ-خىل پىكىرلەرنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇشىنى كۈتىمىز. |