قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 432|ئىنكاس: 4
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

قوچۇ خانلىقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

0

دوست

620

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33071
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 214
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
قوچۇ خانلىقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى

يۈسۈپجان ياسىن



    مىلادى 9~13- ئەسىرلەردىكى قوچۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار ھازىر گېرمانىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە، رۇسىيە، جۇڭگو ۋە ياپونىيەنىڭ چوڭ كۇتۇپخانىلىرى ۋە مۇزېيلىرىدا ساقلانماقتا. تۇرپان تەۋەسىدىن تېپىلغان بۇ يازما ھۆججەتلەرنىڭ  بىر  قىسمى نەشر قىلىنغان بولسىمۇ، مۇھىم بىر قىسمى تېخى نەشر قىلىنمىدى. بۇ ئەسەرلەر ئۇيغۇرلارنىڭ مەتبەئە تېخنىكىسىنى بىلىدىغانلىقىنى ۋە يۈكسەك بىر مەدەنىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى خەنزۇچە، سانسكرىتچە، تۇخارچە، سوغدىچە ۋە تىبەتچىدىن تەرجىمە قىلىنغان دىنىي ئەسەرلەردۇر. يەنە بۇددىزم ۋە مانىزمنىڭ ئاساسلىرىنى ئۆگىتىدىغان ھۆججەتلەر، بۇددانىڭ دىنىي نەسىھەتلىرى (سۇترا، سۇدۇر)، تەۋبە دۇئالىرى، مۇناجاتلار، سېھىر، پال، ھوقۇق- قانۇن، تېبابەتكە ئائىت تېكىستلەر ۋە مەكتۇپلار تېپىلدى. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھۆججەتلەر ئىچىدە بۇددىزم ئەسەرلىرىنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپ. ھۆججەتلەر ئىچىدە ئەدەبىيات مەنقۇلاتى سۈپىتىدە خېلى كۆپ ھېكايە بار. بۇ ھېكايىلەر دىن تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش، پەزىلەتلىك ئادەم بولۇشقا نەسىھەت قىلىش مەقسىتىدە يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ قەھرىمانلىرى باتۇرلۇق، مەرتلىك، سەۋرى-تاقەتلىك بولۇش قاتارلىق پەزىلەتلەرگە، ھىرس، غەزەپ ۋە ئۆچمەنلىك قاتارلىق يامانلىقلارغا ۋەكىللىك قىلغان ئىنسانلار، ھايۋانلار ۋە پەۋقۇلئاددە جانلىقلاردۇر. مەسىلەن، ياخشى نىيەتلىك شاھزادە بىلەن يامان نىيەتلىك شاھزادىنىڭ ھېكايىسى ‹‹قاليانامقارا ۋە پاپامقارا››، ‹‹كۆك كىيىملىك مەمۇر››، ‹‹ئاچ قالغان يولۋاس››، ‹‹چاشتانا ئىلىگ بەگ ھېكايىسى›› قاتارلىقلار. ئۇيغۇر ھۆججەتلىرى ئىچىدە ‹‹مايترى سىمىت›› دەيدىغان بىر تىياتىرمۇ بار. بۇ ئەسەردە ئىپادىلەش ناھايىتى جانلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە. دېمەك، بۇ دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى دىنىي تەرجىمە ئەدەبىياتىنىڭ ئالاھىدە تەرەققىي قىلغانلىقىدۇر. سىنقۇ سەلى تۇتۇڭ ۋە پىرتىيا راكشىت قاتارلىقلار ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ مەشھۇر ئەدەبىي تەرجىمانلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ تەرجىمە پائالىيىتىدە ئۆز تىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە خۇسۇسىيىتىنى قوغداش، تەرجىمە ئوبيېكتى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشتەك مىللىي غۇرۇر ئېڭى بىلەن ئىلغار ئىلمىي مېتود تەڭ ئورۇنغا قويۇلغان. شۇڭا، بۇ دەۋردىكى تەرجىمىلەر ئۇيغۇر تىلىنىڭ قۇرۇلمىسىدا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى مەيدانغا كەلتۈردى. جۈملىنىڭ تۈرى كۆپەيدى، تىلنىڭ قۇرۇلمىسىغا ئۇيغۇن، ناھايىتى مەنىلىك ئاتالغۇ ۋە سۆزلۈك خەزىنىسى ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇ ۋەجىدىن، ئەڭ كىچىك بىر مەنا پەرقىنىمۇ ئىپادە قىلىش ئىمكانىيتى بارلىققا كەلدى، ھەتتا ئۇيغۇر تىلى بۇ شەكىل ئارقىلىق بىر پەلسەپە تىلى بولۇش يولىغىمۇ كىردى.
     تۇرپاندىن تېپىلغان ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەر ئىچىدە شېئىرىي پارچىلارمۇ بار. بۇلار نەسرىي ئەسەرلەر ئىچىدە ئۇچرايدىغان شېئىرىي پارچىلار، تەۋبە دۇئالىرى ۋە مۇناجاتلاردۇر. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى شېئىرلار ھەققىدە تۇنجى بولۇپ رەشىد رەھمەتى ئارات مەلۇمات بەرگەن. رەشىد رەھمەتى ئارات ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ھەققىدە ئەڭ كەڭ تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ساھەگە بېغىشلانغان ‹‹قەدىمكى تۈرك شېئىرى›› دېگەن مەشھۇر ئەسىرى بار. ئارات مانىزم ۋە بۇددىزم مۇھىتىدا يېزىلغان شېئىرلارنىڭ كۆپ قىسمىنى بۇ كىتابقا جۇغلىغان. ئاراتنىڭ تەتقىق قىلغان شېئىرلىرىدا ئومۇمەن دىنىي تېما، تەبىئەت سۆيگۈسى ۋە ھاياتنىڭ مەنىسى چۈشەندۈرۈلگەن. بۇ شېئىرلار لىرىك بىر قۇرۇلمىغا ئىگە ئىدى. ئارات بۇ شېئىرلارنىڭ كۆپ قىسمىنى لوندۇندىكى برىتىش مۇزېيىدىن ئالغان. بۇ كىتابتا يەتتىسى مانىزم مۇھىتىدا، يىگىرمىسى بۇددىزم مۇھىتىدا يېزىلغان 27 پارچە شېئىر بار. شېئىرلارنىڭ ھەممىسى بوغۇم ۋەزنىدە يېزىلغان. بۇددىزم مۇھىتىدىكى شېئىرلار جەمئىي 1400 مىسرانى تەشكىل قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئاراتتىن كېيىن باشقا تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان 15 پارچە شېئىر بىلەن پېتېر زىئېم تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان 60 پارچە شېئىرنى قوشقاندا بۇددىزم مۇھىتىدىكى ئۇيغۇرلاردىن قالغان نەزمىي ئەسەرلەرنىڭ ۋە شېئىرىي پارچىلارنىڭ  سانى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. پېتېر زىئېم يەنە بېرلىندە ساقلىنىۋاتقان تۇرپان تېكىستلىرى كۇللىياتىدىكى ئىرانچە تېكىستلەر ئارىسىدىن مانىزم مۇھىتىغا ئائىت بىر شېئىرنى تاپقان. بۇ شېئىرنىڭ پەقەت ئۈچلا كۇپلېتىنى ئوقۇش مۇمكىن بولغان. ئىلىم ساھەسىدە ‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك››تە خاتىرىلەنگەن شېئىرلارنىڭمۇ بوغۇم ۋەزنىدە يېزىلغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلار كۈچلۈك ئورۇندا تۇرماقتا. لېكىن،  قوچۇ ۋە قاراخانىيلاردىن ئىبارەت ھەر ئىككى مۇھىتتىكى ئۇيغۇر شېئىرلىرىدە مىسرالارنىڭ بوغۇم سانى ئوخشاش بولمىغان. كۆپىنچە بىر پارچىنىڭ مىسرالىرىدىكى بوغۇم سانى ئۆزگىرىپ تۇرغان، يەنە بوغۇم سانى 15 تىن 20 گە قەدەر چىققان مىسرالارمۇ  بولغان. ئەمما توققۇز بوغۇملۇق شېئىرلار ئۇچرىمايدۇ. ‹‹قەدىمكى تۈرك شېئىرى››دە تۆت ۋە بەش مىسرالىق قىتئەلەردىن تەشكىل تاپقان شېئىرلار كۆپ. ئۈچ مىسرالىق قىتئەلەردىن تەشكىل تاپقان شېئىرلارمۇ بولغىنىدەك، مىسرالىرى ئېنىق قىتئەگە بۆلۈنمىگەن نەزمىي پارچىلارمۇ بار. بۇ كىتابتا تۆتلۈك سانى 59، 62، 129 غا قەدەر چىققان ئۇزۇن پارچىلارمۇ بار. بۇ  شېئىرلارنىڭ  ھەممىسىدە باش قاپىيە ئەنئەنىسى ئاساسىي ئورۇندا تۇرغان. ئاياق قاپىيە بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كۆپىنچە ئېنىق بىر تەرتىۋى بولمىغان. تۈركىيەلىك ئالىم تالات تېكىن بۇنى قەدىمكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئىككى خىل ئەنئەنىسى، دەپ قارايدۇ. شېئىرلاردا بەزىدە ناھايىتى ئەركىن بىر قاپىيە كۆرۈلسە، بەزىدە قاپىيەسىز قىتئەلەرمۇ بار. شۇنداقتىمۇ قاپىيەگە سەل قارالمىغان. ئومۇمەن يېرىم قاپىيە كۆپ قوللىنىلغان. يېرىم قاپىيە شائىرغا ئەركىن ئىپادە قىلىش ئىمكانىيىتى بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ مەنانىڭ تېخىمۇ ئۇدۇل - تۈز ۋە كۈچلۈك بولۇشىغا ياردەم قىلاتتى. ئالىملار ئۇيغۇر شېئىرلىرىدە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان بۇ ئالىتېراسيۇن - قاپىيەنى تۈرك شېئىرىيىتىنىڭ بىر خىل ئالاھىدىلىكى دەپ قارايدۇ.
    قەدىمكى ئۇيغۇر شېئىرلىرىدە بەزىدە رادىپ ماھىيىتىدىكى سۆزلەر بىلەن تەكرارلانغان مىسرالارمۇ ئۇچرايدۇ. ‹‹ئانى تەگ ئورۇنلاردا››(شۇنداق يەرلەردە)  رادىپى بىلەن يېزىلغان ۋە ئوتتۇز مىسرادىن تەركىپ تاپقان بىر شېئىر پاستورال (دالا ۋە يېزا تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك) قۇرۇلمىسى بىلەن ئەڭ ياخشى بىر ئۆرنەكتۇر. ئۇيغۇر شېئىرلىرىدە رادىپنىڭ بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭ شېئىردا مۇھىم ئورۇن تۇتقانلىقىنى تۇنجى بولۇپ بايقىغان ۋە ئۇنىڭغا دىققەت قىلغان كىشى تۈركىيە ئالىمى م. فۇئات كۆپرۈلۈ ئىدى. بەزى تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ رادىپنى پارسلاردىن قوبۇل قىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. فۇئاد كۆپرۈلۈنىڭ قارىشىچە بولسا، رادىپنى قەدىمكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتى پارسلاردىن ئەمەس، بەلكى پارسلار ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىن قوبۇل قىلغان. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەردە تېپىلغان شېئىرلاردا رادىپنىڭ  كۆرۈلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ شېئىردا بەكلا كۈچلۈك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانلىقى بۇ ھۆكۈمنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە. كۆپرۈلۈ ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ قاپىيە ۋە رادىپنى پارسلاردىن ئالمىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ ئۆزىدە بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇنى ۋەسىقىلەر ئارقىلىق ئىسپاتلىغان.
    تۈركىي قەۋملەرنىڭ ئەدەبىي ئۆلچىمىدە شېئىر شەكىل جەھەتتىن كۆپىنچە تۆتلۈكنى، ۋەزىن جەھەتتىن بوغۇم ۋەزنىنى ئاساس قىلغان. قاپىيەسى aaba    abab,  شەكلىدە تۈزۈلگەندىن باشقا mmmb, iiib ,aaab شەكلىدىمۇ تۈزۈلەتتى. كېينكى خىل شەكىلدە دەسلەپكى ئۈچ مىسرا ئۆز ئارا قاپىيەداش بولۇپ، ئۇنىڭ تۆتىنچى مىسراسى يەنە بىر تۆتلۈكنىڭ تۆتىنچى مىسراسى بىلەن قاپىيەداش كېلەتتى. بۇ ئەھۋال داستانلاردا كۆپرەك كۆرۈلگەن. بوغۇم ۋەزنىنىڭ 7 =3 +4 لىك شەكلى ئەڭ كۆپ قوللىنىلغان. بۇ جەھەتتە ‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك›› تىكى شېئىر ۋە قوشاقلارنى تەتقىق قىلىش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تۈركىيە ئالىمى نىھال ئاتسىز  بەزى تىل پاكىتلىرىغا تايانغان ھالدا ئاشۇ دەۋردىن 1200 يىل بۇرۇن ھۇنلاردا ئوتتۇرىغا چىققان ‹‹ئالچى تېغى قوشىقى››نىڭ ھەر بىر مىسراسىنىڭ 7 ياكى 8 بوغۇمدىن تەشكىل تاپقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق بوغۇم ۋەزنىنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنلا مىللىي ئۆلچەمگە ئايلىنىپ تۈركىي قەۋملەرنىڭ ئەدەبىي ھاياتىدا يىلتىز تارتىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.   
    شېئىر شەكىللىرى جەھەتتىن قەدىمكى ئۇيغۇر شېئىرى خېلىلا باي بولسىمۇ، لېكىن نامى بىزگە قەدەر يېتىپ كەلگەن ۋە ئۆرنەكلىرى مەلۇم بولغان شېئىر شەكىللىرى  ناھايىتى ئاز. مەسىلەن، ‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك››تە بىر قانچە يەردە ‹‹مانى›› سۆزى ئۇچرايدۇ. ‹‹مانى›› دېگەن بۇ سۆز بۈگۈنمۇ قوللىنىۋاتقان خەلق ئەدەبىياتىدىكى ‹‹مانى›› (بىرىنجى، ئىككىنجى ۋە تۆتىنجى مىسرالىرى قاپىيەداش بولغان خەلق قوشىقى)مۇ ياكى ‹‹مانا›› ئورنىغا قوللىنىلغانمۇ؟ بۇ ئېنىق ئەمەس. تۇرپاندىن تېپىلغان ھۆججەتلەردە ۋە ‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك››تە ئۇچرايدىغان شېئىر شەكىللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرنى رەتكە تىزغاندا، مۇنداق ئەدەبىي ئاتالغۇلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ:
1- ‹‹قوشۇغ››(ياكى قوشۇق - شېئىر، نەزىم، نەزمىي پارچە، قەسىدە).
2-‹‹قوژان››(ئەسلىسى قوشان-قوشاغ بولۇشى مۇمكىن، ناخشا-قۇشاق).
3- ‹‹قوشما›› (مەنا جەھەتتىن قوشۇغ بىلەن بىر مەنىلىك سۆز).
4- ‹‹تاقشۇت››(ياكى تاغشۇت-شېئىر، نەزىم، بېيىت، نەزمىلىك شېئىر).
5- ‹‹تاقماق››(تېپىشماق، ئاتىلار سۆزى، قوشاق، چاخچاق، لەتىپە، ھەجۋىي شېئىر).
6- ‹‹ئىر››(ياكى يىر- شېئىر، ناخشا، غەزەل).
7- ‹‹كۈگ››(ۋەزىن، نەزىم، شېئىر، ناخشا، غەزەل، مۇقام).  
8- ‹‹شلوك››( ياكى سلوكا - 8 + 8 ئۆلچەملىك شېئىر، بېيىت، نەزىم).
9- ‹‹پاداك››(ياكى پاداكا – شېئىر، تۆتلۈك  شەكلىدىكى شېئىرنىڭ بىر مىسراسى).
10 - ‹‹كاۋى››(ياكى كاۋيا – نەسرىي تىلدىن پەرقلىق بولغان، نەزىمنىڭ بەزى خۇسۇسىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئەدەبىي ئۇسلۇب. بۇنى ئېپوس دېگۈچىلەرمۇ بار).  
11- ‹‹باش››(ياكى باشا، باباخ، باشىق، پاشىق - مۇناجات).  
   بۇنىڭ ئىچىدە كېيىنكى ئۈچ ئاتالغۇنىڭ سانسكرىتچە  بىلەن سوغدىچىدىن ئۆتكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا. ‹‹قوشۇغ›› نىڭ تۆتلۈك بىلەن يېزىلغان بىر خىل شېئىر شەكلى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بۇلاردىن باشقا ‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك››تە يەنە ئۆلگەن كىشىلەرگە ئوقۇلغان مەرسىيەنىڭ ‹‹ساغۇ›› دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى ئۇچرىتىمىز. ئىككى مىسرا شەكلىدە سۆزلىنىدىغان ۋە ‹‹ساۋ›› دەپ ئاتىلىدىغان ئاتىلار سۆزى (ماقال – تەمسىل ياكى ھىكمەتلىك سۆزلەر) نىمۇ مۇشۇ تۈرگە كىرگۈزۈشكە بولىدۇ.
    تۇرپاندىن تېپىلغان ۋەسىقىلەردىن ۋە قاراخانىيلاردا بارلىققا كەلگەن ئەسەرلەردىن مىلادى 9~13- ئەسىرلەردە ئۇيغۇرلاردىن چىققان بەزى شائىرلارنىڭ ئىسمى مەلۇم بولدى. ئۇلار مانىزم مۇھىتىدىكى، شۇنداقلا ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى لىرىك شائىر ئاپرىنچۇر تېگىن، كۆل تارقان، بۇددىزم مۇھىتىدىكى كىكى(كىكى سىشى)، سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ، پراتيايا شىرى(سانسكرىتچە پراژناسرى)، ئاسىگ تۇتۇڭ، چىسۇيا تۇتۇڭ، چىناشىرى(سانسكرىتچە ژىناسرى)، قالىم كەيشى، شىڭسۇن شىلا، بۇيان قاياقال، كۈنچۈك ئىدىق قۇت، سىللىغ تېگىن، ئاتساڭ، ئىسلام مۇھىتىدىكى چۇچۇ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، زاھىرى سەمەرقەندى، سۇزانى سەمەرقەندى، ئەيلاقى ۋە ئەھمەد يۈكنەكى قاتارلىقلاردۇر.
    مىلادى 9~13- ئەسىرلەردىكى قوچۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئۇيغۇر كۈلتۈرى ۋە مەدەنىيتى تارىخىدىكى ئورنى ھەققىدە شۇنداق بىر خۇلاسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا بولىدۇ. قوچۇ خانلىقىدا بۇددا، مانى ۋە قىسمەن خىرىستىيان دىنى ئەقىدىسىگە تايانغان ‹‹تەرجىمە ئەدەبىيات دەۋرى›› مەيدانغا كەلدى. لېكىن، بۇ تەرجىمە ئەدەبىياتىدا كۆرۈلگەن ئۆزگىچە بىر خۇسۇسىيەت شۇكى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كۈندىلىك ھايات بىلەن ئالاقىسى ئازدەك كۆرۈنىدىغان تەرجىمە ئەسەرلەردىمۇ كېيىنكى دەۋرلەرنىڭ يات مەدەنىيەتكە باغلىنىشتەك ئەنئەنىسى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە يۈكسەك ئىدى. ئۇيغۇر تىلى بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى قوغدىغان. ئەڭ قىيىن بولغان ھىندىچە ۋە خەنزۇچە دىنىي ئاتالغۇلارمۇ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان. بۇ دەۋر ئەدەبىياتىنىڭ يەنە بىر زور ئۇتۇقى شۇكى، بىر قانچە مىڭ يىللىق تارىخنىڭ  خاتىرىسى بولغان ‹‹ئوغۇزنامە›› قەلەمگە ئېلىنىپ سىستېمىلاشتۇرۇلۇپ، بۈيۈك بىر مىللىي بايلىق سۈپىتىدە مىراس قالدۇرۇلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ دەۋر ئەدەبىياتىدا ئۇيغۇر تارىخىدىكى تونيۇقۇق، بۆگۈ قاغان قاتارلىق بەزى ئۇلۇغ شەخىسلەرگە ئائىت خاتىرىلەرنىڭ بولۇشى تەزكىرە ئەدەبىياتى ئەنئەنىسىنىڭمۇ ئالاھىدە جانلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

(مەنبەسى : ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››، 2014- يىل،16-ماي)

0

تېما

0

دوست

1115

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   11.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4824
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 229
تۆھپە : 187
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
قۇجۇ ئۇيغۇر ئىلىدە، ئەينى ۋاقىتتا رەساملىق، بىناكارلىق،مۇزىكا،تىبابەت،ھەيكەلتاراشلىق،شېئريەت... جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان بىر گۈزەل دەۋىر ئىدى.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

2096

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25524
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 626
توردىكى ۋاقتى: 73
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
دەۋىر  دەۋىر دەۋىر... نى نى دەۋىرلەر ئۆتتى ھە... ئاجايىپ دەۋىرلەر...

6

تېما

3

دوست

1208

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   20.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 350
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
يەر
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئۇيغۇر مەتبەچىلىگى بىلەن تەرجىمىشۇناسلىق ئىلىمى يۇقۇرى سەۋىيىگە يەتكەن دەۋىر دىيىشكە بولىدۇ.

0

تېما

2

دوست

118

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   39.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34230
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 22
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
5#
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 16:20 |ئايرىم كۆرۈش
تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )