قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 627|ئىنكاس: 13
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

كۆۋرۈكسىمان قوزغاتقۇچلۇق توك مەنبە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

26

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.12%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 4038
توردىكى ۋاقتى: 1537
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:40 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-14 09:56  

ئالدىنقى تىمىدا ‹‹تەۋرەنگۈچلۈك توك مەنبە›› نى قىسقىچە تۇنۇشتۇرغان ئىدۇق، ئۇ تىمىدا دىيىلگىنى پەقەت بىر يۈنىلىشتىلا ماگىنىت مەيدانى ھاسىل قىلىدىغان يېرىم دەۋىرلىك قوزغاتقۇچلۇق مەنبە ئىدى، بۇ تىمىدا بىز ئىندوكتىپلىق توك ھاسىل قىلىشى ھەسسىلەپ يۇقىرى بۇلىدىغان كۆۋرۈكسىمان ۋە يېرىم كۆۋرۈكسىمان توك مەنبە ھەققىدە مۇلاھىزە قىلايلى. بۇ ئىككىسىدىن قايسىسىدىلا بولسۇن يۇقىرى چاستوتىلىق تىرانسىفورماتوردىن ئۈتىدىغان توك، بىر قىتىم ئوڭ يۈنىلىشتە ئۈتسە يەنە بىر قىتىم سول يۈنىلىشتە ئۈتىدۇ.
  يېرىم كۆۋرۈكسىمان توك مەنبە؛
    يېرىم كۆۋرۈكسىمان (ئەمىليەتتە ئىككى كوندىساتور قۇشۇلۇپ پۈتۈن كۆۋرۈكسىمان بۇلىدۇ) مەنبەدە ئىككى لامپىنىڭ ئۇتتۇرىدىن بىرلەمچى ئورامنىڭ بىر ئۇچى ئۇلىنىپ، يەنە بىر ئۇچى توك مەبەگە ئارقىمۇ ئارقا ئۇلانغان كوندىساتورنىڭ ئۇتتۇردىكى نۇقتىغا يەنە بىر كىچىك سىغىملىق كوندىساتور ئارقىلىق ئۇلانغان بۇلىدۇ. 220 ۋولىتلىق توك مەنبە ئۇلانغاندىن كىيىن كۆۋرۈكسىمان ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىدىن رەتلەنگەن توك C1 گە زەرەتلىنىپ بىسىمى بارغانچە ئىشىپ بېرىش بىلەن بىرگە ئارقىمۇ ئارقا ئۇلىنىپ مەنبەگە ئۇلانغان C3 ۋە C4لەرمۇ مەنبە بىسىمىغا تەڭ زەرەتلىنىدۇ، ئىككى كوندىساتور ئۇلانغان ئۇتتۇرا نۇقتىدا توك مەنبەنىڭ يېرىمىغا تەڭ بىسىم ھاسىل بۇلىدۇ.
  قۇلايلىق ئۈچۈن ماگزىنلاردا رەڭلىك ۋولفىراملىق چىراغ ياندۇرۇشتا ئىشلىتىدىغان توك يۇلى ئىسخىمىسىنى تۇنۇشتۇراي.


  توك يۇلى ئىخىمىسىدىكى L1,L2,L3 لەر ئىسخىما يۇقىرى تەرپىدىكى رەسىمدىكىدەك ماگىنىتلىق ھالقىغا ئىككى ئورامدىن ئورالغان بۇلىدۇ. بىرلەمچى ئورامدىن ئۈتىدىغان توك ئىقىمى ماگىنىتلىق ھالقىدىكى ئىككى ئورام ئورالغان سىمدىن ئۈتكەندە ماگىنىت ھالقىدىكى قالغان ئىككى ئورامدا ئىندوكسىيلىك توك ھاسىل بۇلىدۇ. لاھىيەدە L1 ۋە L2 لەر نىڭ R2 ۋە R4 لەر ئارقىلىق كىرىستال ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپىنىڭ ئاساس قۇتۇبىغا ئۇلىنىدىغان ئۇچلېرىدىن چىقىدىغان ئىندوكسىون توكنىڭ يۈنىلىشى بىر-بىرىگە قارشى لاھىيلەنگەن. R3 تىن ئۈتكەن ئاجىز توك ئىقىمى Q2 نىڭ ئاساسى قۇتۇبىغا قوزغاتقۇچى توك تەمىنلەپ يىغقۇچى قۇتۇبى بىلەن تارقاتقۇچى قۇتۇبىدا توك ئۈتكۈزىدۇ. Q1 بولسا بۇ چاغدا قوزغالمايدۇ. چۇنكى R3 تىن كەلگەن توك  Q1 نىڭ تارقاتقۇچى قۇتۇبىغا ئۇلانغان، ئادەتتە كىرىستال ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپىلارنىڭ ئاساس قۇتۇپ توك بىسىمى تارقاتقۇچى قۇتۇپ توك بىسىمىدىن يۇقىرى بولمىغاندا خىزمەت قىلمايدۇ.
  Q2 خىزمەتكە كىرىشكەندىن كىيىن L1 دىكى ھاسىل بولغان ئىندوكسىون توك بىسىمى ئاشقانچە Q2 تىخىمۇ كۆپ توك ئۈتكۈزىدۇ، بۇ جەرياندا C4 كوندىساتوردىكى زەرەتلەنگەن ئوتتۇرا بىسىم توك تىرانسىفورماتور، L3 ۋە Q2 لەردىن تۈزۈلگەن ئىلىكتىر زەنجىرى ئارقىلىق زەرەتسىزلىنىدۇ ھەم بىرلا ۋاقىتتا شۇ ئىلىكتىر زەنجىرى ئارقىلىق C3 زەرەتلىنىدۇ. C4 زەرەتسىزلىنىپ ، C3 زەرەتلىنىپ ئاخىرلاشقاندا بىر دەۋىر توك ئۈتكۈزۈش ئاخىرلىشىدۇ.
  بىر دەۋىرلىك توك ئۈتكۈزۈش ئاخىرلاشقاندا تىرانسىفورماتور ئورامى ، L3 ۋە L2 ، L1 لەردە تەتۈر يۈنىلىشلىك قۇيۇن توك ھاسىل بۇلىدۇ، بۇ ئاجىزغىنا تەتۈر قۇيۇن تۇكى Q2 نى توك ئۈتكۈزۈشتىن تۇختىتىش بىلەن بىرگە Q1 لامپىنىڭ ئاساسى قۇتۇبىنى ئاجىز قوزغىتىش بىسىمى بىلەن تەمىنلەپ Q1 نىڭ يىغقۇچى قۇتۇبى بىلەن تارقاتقۇچى قۇتۇبىنى ئاجىز توك ئۈتكۈزۈش ھالىتىگە كىرگۈزىدۇ ھەم بۇ قىتىمدا C3 زەرەتسىزلىنىش بىلەن بىرگە C4 زەرەتلىنىدۇ. ھەم توك مىقتارى ئۈزلۈكسىز ئاشىدۇ. ھەم C3 زەرەتسىزلىنىپ، C4 زەرەتلىنىپ ئاخىرلاشقاندا يەنە ئوراملاردا قۇيۇن توك ھاسىل بۇلۇپ دەۋىرلىنىدۇ. بۇ توك يۇلىدىكى R3 پەقەت بىر قىتىملىق قوزغىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈنلا ئىشلەيدىغان ئىنتايىن ئاجىز بىر توك ئىقىمى تەمىنلەش ئۈچۈنلا قۇشۇلغاچ، شۇڭا قارشىلىق قىممىتى 510 كىلو ئومدىن بىر مىگا ئومغىچە بۇلىدۇ.
  بۇ خىل توك مەنبە 15 ۋات، 25 ۋات، 35 ۋات، 50 ۋاتلىق ھەر خىل بۇلۇپ، يۈكسىز ھالەتتە 10كىلو گىرتىسقىمۇ يەتمەيدىغان چاستوتىدا ئىشلەيدۇ، ئەمما لامپۇچكىسىنى ياندۇرىۋاتقاندا 25 كىلوگىرتىستىن 100 كىلوگىرتىسقىچە بۇلىدۇ، ئەگەر D1 قوش يۈنىلىشلىك لامپا بولمىسا چىقىرىش توك قۇۋۋىتىنى كونتۇرول قىلغىلى بولمايدۇ. ناۋادا چىقىش توكىنى يۇقىرى چاستوتىلىق ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا بىلەن تۇغىرلاپ مۇقىم بىسىم قىلىپ ئىشلەتمەكچى بولغاندا مۇقىم يۈك بولمىغاندا بىسىمنى كونتۇرول قىلغىلى بولمايدۇ.
  كونتۇرول قىلىش ئۈچۈن تەۋرىنىش سىگنالىنى ئىمپىلوس كەڭلىگى كونتۇرول قىلىنىدىغان توپلاشتۇرۇلغان توك يۇلى ئارقىلىق تىزگىنلەشكە تۇغرا كىلىدۇ، كومپىوتىرلارنىڭ توك مەنبەسى دەل مۇشۇنداق توك يۇلىغا تەۋە. يەنى ھەجىمى كىچىك، قۇۋۋىتى يۇقىرى، بىز 55 ۋاتلىق رەڭلىك تىلۋىزورنىڭ تىرانسىفورماتورى بىلەن كومپىوتىرنىڭ توك مەنبەسىنىڭ ئاساسى تىرانسىفورماتورىنى سىلىشتۇرساق كومپىوتىر مەنبەسىنىڭ تىرانسىفورماتورى كىچىكرەك تۇرىدۇ، ئەمما قۇۋۋىتى 5 ھەسسە يۇقىرى...
كومپىوتىر توك مەنبەسى ATX توك مەنبەسى
      


  كۆۋرۈكسىمان توك مەنبە؛
    يۇقارقى يېرىم كۆۋرۈكسىمان توك مەنبەنىڭ پىرىنسىپىدىن ھەجىمى كىچىك، قۇۋۋىتى چوڭ بۇلۇشتا ئادەتتىكى توك مەنبەلەرگە قارىغاندا ئوڭ يېرىم دەۋىر ۋە تەتۈر يېرىم دەۋىرلىك ئىندوكسىيلىك بولغاندا نەچچە ھەسسە يۇقىرى قۇۋۋەتكە ئېرىشكىلى بۇلىدىغانلىقىنى بىلدۇق.
  كىچىك قۇۋۋەتلىك توك مەنبەلەردە رىمونىتقا قۇلايلىق، تەننەرخى ئەرزان بۇلىشى ئۈچۈن 500 ۋاتتىن كىچىك مەنبەلەردە كۈپىنچە يەككە يۈنىلىشلىك تەۋرەنگۈچ مەنبە ۋە ATX توك مەنبەسى ئىشلىتىلىدۇ.    ئىلىكتىرىك كەپشەر دىگەندەك چوڭ قۇۋۋەتلىك ئۈسكىنىلەر ۋە چوڭ قۇۋۋەتلىك تەتۈر ئۆزگەرتكۈچ ، چاستوتىسى تىزگىنلىنىدىغان ئىلىكتىرماتور قوزغاتقۇچلاردا بولسا پۈتۈن كۆۋرۈكسىمان قوزغىتىش ئۇسولى قوللىنىدۇ.
    quanqiao-kgt.jpg 200769223454173.png


  ‹‹ئىلىكتىرىك كەپشەر ۋە ئىئونلۇق كىسىش ماشنىسى ›› ۋە ‹‹مىتال بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش›› دىگەن تىمىلېرىمدىن قالغىنىنى كۆرۈڭ.

11

تېما

2

دوست

4059

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1692
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 404
تۆھپە : 1022
توردىكى ۋاقتى: 282
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-14
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:44 |ئايرىم كۆرۈش
ئابلىمىت: سىز فىزىكا ساھەسىدە ناھايىتى كۆپ ئىزدىنىۋاتىسىز. بىزدە بۇ ساھەدە ئىزدىنىش ئىنتايىن كەمچىل. خالىسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلىرىڭىز ھەققىدە  ئاز-تولا مەلۇمات بېرەمسىزكىن. بولمىسا، سىزنى مەخسۇس زىيارەت قىلساممۇ بولىدۇ؟
  قارىشىڭىزنى، جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن. بەلكىم، بۇ باشقا مۇنبەرداشلىرىمىزنىڭمۇ  قىزىقىش تېمىسى بولسا كېرەك.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

14

تېما

26

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.12%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 4038
توردىكى ۋاقتى: 1537
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:05 |ئايرىم كۆرۈش
arkzat يوللىغان ۋاقتى  2015-2-14 11:44
ئابلىمىت: سىز فىزىكا ساھەسىدە ناھايىتى كۆپ ئىزدىنىۋات ...

  دىيارىمىزدا تەبئى پەنلەرگە بولغان قىزغىنلىق تۈۋەن بولغاچقا ئۆزۈم بۇرۇنلاردا قىلىپ باققان، قىلىپ باقمىغان بولسام رىمونىت قىلىپ باققان نەرسىلەردىن ئاددى يىغىنچاق قىلىپ پىرىنسىپىنى چۈشەندۈرۈش مەقسىدىدە يوللاپ قويدۇم، ئەگەر بىر باشتىن ھەر-بىر سايماننىڭ رولى، ئىشلەش پىرىنسىپى بۇيىچە يازسام بەك ئۇزىراپ كىتىدۇ ھەم يىڭى ھەۋەسكارلار باش-ئاخىرىنى باغلاشتۇرۇپ بۇلالمىسا چۈشەنمىكى تىخىمۇ تەسلىشىپ كىتىدۇ.
  شۇڭا قىسقىچە قىلىپ، ئاددى تىلدا ئىشلەش ئاساسى پىرىنسىپىنى چۈشەندۈرۈپ قويساق ‹‹قىزىقىش ئەڭ ياخشى ئۇستاز›› دەپ قانچىلىك كۆپ ماتىريال بولسىمۇ ئۆزلېرى ئىزدەپ تىپىپ كۆرىدۇ ياكى كەسپى مۇنازىرە توپلېرىدىن سوراپ ئىلگىرلەيدۇ.
  ئىلىكتىرون تېخنىكىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە كەلسەك يىقىنقى يىللاردا تۇختىتىپ قويدۇم دىسەممۇ بۇلىدۇ. يىزىۋاتقانلېرىم پەقەت بۇرۇن بىلگەنلېرىمنى يىزىقتا خاتىرلەپ چىقىش...

0

تېما

12

دوست

3469

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   48.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14768
يازما سانى: 380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 34
تۆھپە : 999
توردىكى ۋاقتى: 173
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
يەر
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 01:02 |ئايرىم كۆرۈش
ئوقۇغۇچىلار نىمىشقا فىزىكىغا ئۆچ  ،  

14

تېما

26

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.12%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 4038
توردىكى ۋاقتى: 1537
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
5#
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 07:38 |ئايرىم كۆرۈش
babur-7 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-15 01:02
ئوقۇغۇچىلار نىمىشقا فىزىكىغا ئۆچ  ،

چۇنكى بۇرۇنقىدەك قىزىقارلىق تەجىربىلەر مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلمايدۇ. ھەم ئەتراپىمىزدا ئىلىكتىرون ھاسەسىدىكى كارخانىلاردا ئىشلەيدىغان كىشىلەر يوق دىيەرلىك. ئىلىكتىرماتور ئورامچىلىقى، تۇڭلاتقۇ رىمونىتچىلىقى دىگەندەك قارا ئىش كۆپ كىتىدىغان كەسىپلەر ياشلارنى جەلىپ قىلالمايدۇ.
  ئەمىليەتتە ھازىر ئۇ كەسىپلەرنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا بۇرۇنقىدىن قۇلاي، نۇرغۇن ئىنىرگىيە تىجەش لامپىلېرى توك يۇلى بۇزلۇپ قىلىش سەۋەپلىك تاشلىۋىتىلىدۇ، يىڭى ئۈگەنچىلەر شۇ نەرسىلەرنى رىمونىت قىلىپ ئۈگەنسىمۇ بۇلىۋېرىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ تۈزۈك قىممىتى يوق. يېزىلاردا دۇكان-ساراي ئاچقانلار 25 ۋاتلىق داغماللارنى ئىلىپ دۇكىنىغا سېپ قويسا بەلكىم قىزىقىدىغانلار كۈپىيىشى مومكىن.

0

تېما

12

دوست

3917

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   63.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22001
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1196
توردىكى ۋاقتى: 220
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
6#
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 09:14 |ئايرىم كۆرۈش
babur-7 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-15 01:02
ئوقۇغۇچىلار نىمىشقا فىزىكىغا ئۆچ  ،

ئەمىلىيەتتە فىزىكا ئەمىلى قوللۇنىشچانلىغى ناھايىتى يۇقۇرى ئىلىم، مارىپىمىز جوڭگۇچە بولغاچقا نەزىرىيە ئاساس تەجربە ۋە ئەمىلىيەت قوشۇمچە ياكى يوق دىيەرلىك،شۇڭلاشقا ئوقۇغۇچىللىرىمىز فىزىكا ئىلمىگە ئوچ بولىشى مۇمكىن!

14

تېما

26

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.12%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 4038
توردىكى ۋاقتى: 1537
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
7#
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 10:19 |ئايرىم كۆرۈش
ئەمىليەتتە تىل ئۈتكىلىمۇ بار، دەرىسلىكنى ئۈگىنەمدۇ ياكى شۇ دەرىسلىك ئۈچۈن يىڭى خەت ئۈگىنەمدۇ؟ دەپچۇ...

0

تېما

0

دوست

190

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   63.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33254
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 60
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
8#
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 10:31 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tvrmux تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-15 10:36  

     راس دىگەندەك  بۇرۇنقىدەك  قىزىقارلىق ئەمىلى تەجىربە دەرىس  راقىتلاردا ئىشلەنمەيدۇ،قۇرۇق نەزىرىيە سۆزلىنىۋەرسە   خوشياقماي  قىزىقىشنى  كەملىتىۋېتىپ بېرىشى مۇمكىن.
     ھازىرقى  ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرگەن كۆپ  بالىلارمۇ  ئويىدىكى  بەزى ئەڭ ئاددى  بولغان  ئۆچۈرگۈچنىمۇ   ئورنۇتالمايدىغانلار  بار بولۇشى مۇمكىن.
     تۈنۈگۈنكى  ئىستىقبال سەھنىسىدە   ئىلھام ئەپەندىم  مۇنداق بىر سۆزنى قىلدى  ،ھازىرقى ئالى مەكتەپ  ئوقۇغۇچىلىرىدا  نۇرغۇن كەسىپلەردە   چالا  ،بىر  كەسىپتىمۇ  تولۇق  پۇختا ئەمەس دەپ  ،شۇنىڭ ئۈچۈن  دىگەندەك  ئادەم ھاياتىدا  چوقۇم  بىر كەسىپنى پۇختا  ئىگەلىىشى  كېرەك .كەسىپ دىسە  كاللىسىدا چوڭ ئىشارنى  ئويلىۋالماي،ئاددى ئىشلارنىمۇ كەسىپ قىلسا  شۇنىڭغا ئەجىر قىلسا  ئاللا ئۇنى قۇرۇق  قويمايدۇ دەپ ئويلايمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )