قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4290|ئىنكاس: 56
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

سىياسىي شاھمات ئويۇنلىرى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

53

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   17.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34275
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 16
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-17
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:27 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
سىياسىي شاھمات ئويۇنلىرى

      تېمىغا كىرىش سەۋەبىم
     بەزى سىياسىي ھادىسىلەر ھەققىدە پىكىر قىلىشىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەپ يۈرگەن گەپلىرىدىكى بالىلىق، گوللۇق ئادەمنى ئۈمىتسىزلىككە غەرق قىلغۇدەك دەرىجىدە ئىكەنلىكى بۇ تېما ھەققىدە يېزىشقا، توغرىسى ئوخشاش گەپنى ئايلاندۇرۇپ،باشقا تۈرلۈك قىلىپ يەنە تەكرارلاشقا مەجبۇر قىلدى. ھەتتا بىز ئىپتىخارلىنىپ يۈرگەن ئالىملىرىمىزدىن بىرىنىڭ دۇنيا سەھنىسىدە ئوينۇلۇۋاتقان ئويۇنلارغا بالىلارچە ئىشىنىپ، ئوقۇغۇچى بالىدەك پىكىر قىلىشىغا شاھىت بولدۇم. ئالىملىقىغۇ ھەق راست-دە، ئەمما پەقەت شۇ كەسپنىڭ ئالىمى، ئەگەر ئۆزى بۇنى ئېتىراپ قىلغان تەقدىردە سىياسىي شاھمات ھەققىدىكى بالىلىقىنى كەچۈرۈشكە بولاتتى، ئەپسۇسكى، باشقاخەقنىڭ ئالىملىرىدەك كەسپى بولمىغان ساھەلەر ھەققىدە ھەق ئىددىئاسىدا بولماسلىقنى پەزىلەت ئەمەس، ئەيپ سانايدىغان بولساق كېرەك، ھەممە ئىشتا ئالىملىقتىن تامادابولۇش بىلەن، نەتىجىدە بەكمۇ سەتچىلىك پەيدا قىلىش يامان-دە.
      يەنە تورلاردا ئوخشىمىغان سىياسىي ھادىسىلەر، دىن، دۆلەت، ئۇرۇش،ئاشقۇنلۇق تېمىلىرىدا بولۇۋاتقان ئىنكاسلار ئادەمنىڭ ئىچىنى ئېلىشتۇرغۇدەك دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى كۆرگەندە، پوققا پايدىسى يوق ئىشقا ۋاقىت سەرپ قىلماي دېسىمۇ بولماي قالۇدۇكەن كىشى. بەزىلەرغۇ خۇپسەنلىك بىلەن ئېغىز تاتىلاش،ئوتتۇرىدا خۇسۇمەت تۇغدۇرۇپ، دىققەتنى چالغىتىش قاتارلىق — دەل مۇشۇ ماۋزۇنىڭ تەركىبىدە بولغان شاھمات ئويۇنلىرىدىكى بىر خىل رولنى ئېلىۋاتقان بولۇشىمۇ ئەقىلگە كەچمەي قالمايدۇ؛ يەنە بەزىلەر بولسا ھەقىقەتەنمۇ گاڭسالىق بىلەن مانا شۇنداق  ساددا گەپلەرنى گەپ دەپ ئوتتۇرىغا قويۇپ يۈرۈدۇ. بۇنى، بىلمىگەنلىكتىن دېيىشمۇ ئەيپ ئەمەس، ئەلۋەتتە. شۇغۇنىسى ھەممىنى بىلىدىغاندەك، بىردىن-بىر ھەقىقەت شۇدەك تەلەپپۇزدا ئىشەنچ بىلەن دېيىشلىرى يەنە كىشىنىڭ سەبرىنى تاشۇرۇدۇغان بىر تەرەپ.مانا شۇنداق سەۋەپلەردىن بەزىلىرى ھەتتا بۇ تېمىنى تەخىرسىز قىلغان ئامىل دېسەممۇبولۇدۇ.

شاھمات قانداق ئوينۇلۇدۇ؟
     شاھماتتا گامبىت ئۇسۇلى بولغاندەك، سىياسىي شاھماتلاردىمۇ خۇددى شۇنداق بولۇدۇ. شاھماتتا ئالداش، كۆز بوياش بولغاندەك بۇنىڭدىمۇ شۇ. ھەتتا چىدىماسلىق،ساختىلىقمۇ بولۇشى مۈمكىن. سىياسىي باشقا پەنلەرگە ئوخشاش، دەللىكى بولغان ئىلىم ئەمەس. نىسبەتەن ئەۋرىشىملىكى بولغان ئىلىم. شۇڭا ئۇنىڭ مۇقۇملاشقان فورمۇلاسى،پىرىنسىپى بولۇشىمۇ ناتايىن. ئەگەر ئۆزگەرمەس بىر پىرىنسىپى بار دېيىلسە، ئۇ دەل مەنپەئەت ئۈستىگە ئىنشا قىلىنغانلىقىدۇر. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئادالەت،ئادىللىق، ئادىمىيلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك،... دېگەندەك چىرايلىق گەپلەر سىياسىنىڭ پەردىسى بولۇپ، ئۆزى ياكى مەخسىدى ئەمەس. بۇنى ماكياۋېللىنىڭ كىتابىنى ئوقۇغانلاريادا بىلىدىغان گەپلەر. بۇ نەزەرىيەلەرنى قوبۇل قىلىدىغانلار كۆپ بولسىمۇ، بۈگۈنكى رىياللىقىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەر ھەققىدە بۇ نەزەرىيە بويىچە ئويلاپ كۆرەي دەيدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. يەنى، دۇنيادا ھەقىقەتەنمۇ مەلۇم قۇتقازغۇچى بارمۇ؟ (ئاللاھتىن باشقا، مەخلۇق ئىچىدىن دېمەكچى) ئادالەتنىڭ ھامىسى بىر كۈچ بارمۇ؟ لىللا مەسىلە ھەل قىلىپ قويۇدۇغان مەلۇم كۈچ ياكى كۈچلەربارمۇ؟ كېسىپ ئېيتىمىزكى، يوق!
     ئىلگىرىكى بەزى يازمىشلىرىمدا دەپ ئۆتۈلگەن ھەتتا تەكىتلەنگەن بىرئىستىخبارات فورمۇلىسى بار: بىر ھادىسىنى (ۋەقەنى، ئۇرۇشنى، قاننى...) كىم قىلدى؟دېگەننى چۈشۈنۈشتە، بۇ ھادىسە كىمنىڭ ئىشىغا بەك يارىدى؟ كىمگە بەكرەك پايدائەكەلدى؟ دېگەن سوئاللار بىلەن مۇلاھىزە قىلىشنىڭ ھەرقاچان توغرا بولۇدۇغانلىقى.ئىستىخبارات كەسپىنىڭ ئەڭ موھىم بىر خىزمەت فونكىتسىيىسى دەل «ئېچىتىش» (provocation)بولۇپ، دەل بىزنىڭ ھېلىقى بالىلارچە پىكىر بايان قىلىپ يۈرۈدۇغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ چۈشەنچىسىگە ئوخشاش چۈشەنچىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى قىلغان بولۇدۇ. ئېچىتىش يەنە ئەينى ۋاقىتتا خاتا ئادرېس كۆرسۈتۈش دەپمۇئاتىلىدۇ. ئاھالىنىڭ مۇتلەق كۆپچۈلۈكىنى تەشكىل قىلىدىغان، «ئامما» دېيىلىدىغان ئاددىي خەلق كۆرسۈتۈلگەن ئادرېسقىلا قارايدۇ؛ بۇنىڭ خاتا بولۇش ئىھتىماللىقىنى ئويلاپمۇ باقمايدۇ. ئىستىخباراتنىڭ يەنە بىر خىزمەت تۈرى: «پىتنە-پاسات تارقىتىش»(سۆز-چۆچەك دېسەك چىرايلىقراق چىقىشى مۈمكىن). دۆلەت ھاكىمىيىتى ھەرقاچان بىرھاكىمىيەت كۈلتۈرى يارىتىپ، مانا شۇ كۈلتۈرنى ئومۇملاشتۇرۇشقا تىرىشىدۇ. بۇ دۆلەت كۈلتۈرى ئۈستقۇرۇلمىنىڭ بارلىق ماشىنىلىرى (مېدىيا) تەرىپىدىن، مائارىپنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالغان ھالدا، دۆلەت پۇخرالىرىنى قايتا شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ. ھەتتا بۇ جەھەتتە ئاساسەن مۇۋەپپىقىيەت قازانغان بولۇدۇ. يەنى، پۇخرالار ھاكىمىيەتنىڭ ئارزۇ قىلغان پۇخرالىرىدىن بولۇپ يېتىشىدۇ. گەرچە ئۆكتىچىلىك قىيامەتكىچە مەۋجۇت دېيىلسىمۇ، ئۆزىمىزمۇ سەزمىگەن ھلدا ئاشۇ سىڭدرۈلگەنلەرنى ئۆز پىكرىمىزدەك مېنىڭسىگەن بولۇمىز. شۇنداق پىكىر قىلىمىز، شۇنداق باھا بېرىمىز، شۇنداق مۇھەببەت ياكى نەپرەتتە بولۇمىز.
    مەسىلەن، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىراققا كىرگەندىن كېيىن ئەڭ ئاز ئۈچ مىليون بالىنىڭ يىتىم قالغانلىقى مەلۇم. ئەمما، پۈتۈن دۇنيادىكى تەشۋىقات قوراللىرى ياپونىيەلىك رېھىننىڭ قانداق ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە دىققەت قىلىۋاتىدۇ. گىتلېرنىڭ بۇنىڭغا ماس كېلىدىغان بىر سۆزىنى ئىلگىرىكى بەزى كىتاپلىرىمدا ئوخشاش نۇقتىئىينەزەرنى ئىسپات قىلىش ئۈچۈن دەلىل قىلغان ئىدىم، يەنە شۇنىمۇ تەكرار نەقىل قىلاي: «ئاخبارات— يېتەرلىك دەرىجىدە تۇتامسىز، ھەتتا كۈلكۈلۈك بىر ۋەقەنى قىسقا مۇددەتتە ناھايىتى موھىم بىردۆلەت مەسىلىسى ھالىغا كەلتۈرۈپ، ئەسلى ناھايىتى موھىم بولغان بىر مەسىلىنى جامائەتنىڭ دىققىتىدىن قاچۇرۇپ، ئۇنۇتتۇرۇش كۈچىگە ئىگە». مانا شۇنىڭغا ئوخشاش،ئادەمنىڭ قاراشلىرىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا، ئىستەلگەن يۆنۈلۈشتە شەكىللەندۈرۈش تامامەن مۈمكىن. ياۋروپالىقلار بۇ ئىشتا بەكمۇ ئالدىدا. چۈنكى ماركسنىڭ زامانداشلىرىدىن(بىر مەزگىل دوستمۇ بولۇشقان) لاسسال، مائارىپ ئارقىلىق ئىنسانلارنى ماشىنىلارغا ئايلاندۇرغىلى بولۇدۇغانلىقى تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىر ئادەم سىنىپ مەسئۇلى تاپىلىغان ئىشنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە ئېسىدە تۇتۇپ، ئەمەل قىلىدۇغان بولۇشى مۈمكىنلىكىنى دەلىللەپ كۆرسەتكەن. ئۇنىڭدىن كېيىنكى نۇرغۇن جەمىيەتشۇناسلار، ھۆكۈمران گورۇھقا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن بۇ تەسەۋۋۇرنىڭ كونكېرېت پىلان-پروگراملىرىنىمۇتۈزۈپ چىققان. دەۋرىمىزدە يىراقتىن تۇرۇپ ئادەمنى (خۇددى تىزگىنەكتە باشقۇرۇلۇدۇغان ماشىنىلاردەك) باشقۇرۇش سىناق قىلىنماقتا، ھەتتا مەلۇم جەھەتلەردەيولغا قويۇلماقتا.
    رىياللىق بۇ ئىكەن، بىز تېخىچە مەكتەپ بالىلىرىدەك، تەشۋىقات تەرىپىدىن سۇنۇلغان ھادىسىلەرنىڭ كۆرۈنگەن يۈزىگىلا ئىشەنسەك دەل بىزنىڭ ئاشۇ پروگراممىلىنىشتىن نەسىۋىمىزنى ئالغانلىقىمىز بولۇدۇ. ياكى، كاللىمىز ئوتتۇرائەسىردىكى پېتىچە قېتىپ قالغان ساددا دىھقاندىن بىرى بولغان بولۇمىز.
ئەمدى كونكرېت مەسىلىلەرگە كېلەيلى
    فرانسىيىدىكى ھەجۋىي ژۇرنال تەھرىر بۆلۈمىدە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەنى يۇقارقى فورمۇلىغا سېلىپ مۇلاھىزە قىلىپ كۆرۈڭ. بۇ ھادىسە ئىسلام نامىغا قانچىلىك پايدا ئېلىپ كەلدى؟ يەنە باشقا كىملەر بۇنىڭدىن پايدا ئالدى؟ كىمنىڭ قازانچى ئەڭ كۆپ؟
     ئوتتۇرا شەرقتە خۇددى «تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك»لا پەيدا بولغان ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى نامىدىكى بىر گورۇھ ھەققىدىمۇ بۇ فورمۇلانى ئىشلىتىپ بېقىڭ. بۇ گورۇھ ئىسلام نامىنى سۈيئىستىمال قىلغىنى ئۈچۈنلا بالىلاردەك ئىشىنىپ،ئۇلارنى ئىسلامچى دېيىشىمىز مۈمكىنمۇ؟ ئۇلار قانداق پەيدا بولدى؟ تۇيۇقسىز بولۇش بىلەن بىرگە ناھايىتى كۈچلۈك شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىشى تاسادىپىي ئەمەسمۇ؟ ئۇلارنىڭ لوجىستىك ياردەملىرى قەيەردىن؟ ئادەتتە شۇنداق بىر ھىساپنى قىلىپ كۆرسەكلا مەسىلە ئايدىڭلىشىشى مۈمكىن: مىڭ ئادەمنىڭ بىر ۋاخ قوسىقىنى بېقىشقا قانچىلىك نان كېتىدۇ؟ (پەقەتلا قۇرۇق نان)، بۇ نان قانچىلىك ئۇندا بولۇدۇ؟ ئاندىن قايىل بولمىساق، قۇرال-ياراق ئەسلىھەلەرنى ھىساپلاپ كۆرسەك بولۇدۇ. بۇ گورۇھنىڭ تەركىۋىدە مىڭلارچە غەرپلىكنىڭ بولۇشى قانداق گەپ؟ شۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسلامغا قايتقانلارمىدى؟ ئۇلار قىرغىن قىلىۋاتقان كىشىلەر كىملەر؟ (تەشۋىقاتلاردا ئېغىزدىن چۈشمەيۋاتقان بىرنەچچە غەرپلىكنى قويۇپ تۇرۇپ، مىڭلارچە قۇرباننىڭ كىملىكىنى ئويلاڭ). ئۇلار قىلىۋاتقان قىلىقلارنىڭ ئىسلام پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئانچە دىنىي ساۋادى بولمىغانلارمۇ بىلىدىغان بىر پاكىت، شۇنداق تۇرۇپ بۇلاردىن ئىسلام نامىغا ئەيپ ئارتىش توغرىمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى كۈچ كىم؟ ئارقىسىدىكىسىمۇ «ئىسلام»مۇ ياكى بۇلار پۇلغا ياللانغانلارمۇ؟
      مەن گېپىنى قىلغان ئالىم مەلۇم بىر ئاممىۋىي توربەتتە ياپونىيەلىك رېھىننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە ئېچىنىپ شۇنداق تەسىرلىك بىر ئىنكاس، توغرىسى بىرنارازىلىق ئىپادىلەپتۇرلەركى، ئاخىرىدا ئۆزىنى تۇتالماستىن بۇ «ئۇقۇمىغان، دۆت،مائارىپ تەربىيىسى كۆرمىگەن ‹ئىسلامچى›لارنى» ئۆزەڭ ئۆلۈپ، جەننىتىڭگە  كېتىۋال!دېيىشكىچە بېرىپ يېتىپتۇ (دېمەك، جەننەت بۇ ئالىمىمىزغا مۇناسىۋەتسىز بىر يەركەن).ئالدى بىلەن بۇ گورۇھنىڭ «ئىسلامچى» كىملىكىنى تەتقىق قىلىپ كۆرگۈلۈك. ئەگەر دىننى بىلسىڭىز، بۇنى بەك ئاسان ئايرىيالايسىز. كىمدۇر بىرىنىڭ ئىسلامغا قارا چاپلاش،كىشىلەرنى ئىسلامدىن نەپرەتلەندۈرۈش ئۈچۈن قۇرغان توزىقىغا بۇنچە ئاسان دەسسەش قانداق گەپ بولۇپ كەتتى؟ ئىسلامنى ئۇرۇشخۇمارلىقتا ئەيپلەۋاتقان بىلەرمەن قېرىنداشلار، بىلەرمەنلىكىڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، يەنىمۇ بىر ئاز بىلىپ بېقىڭلاركى،ئىسلام تارىخىدا، قوشۇننىڭ گازارمىسىدىكى بىر چېدىرغا قۇش ئۇۋۇلاپ تۇخۇم سالغىنى ئۈچۈن، قوشۇن يۆتكۈلۈدۇغان چاغدا ئاشۇ بىر چېدىر ئىككى ساھابە بىلەن بىرگەقالدۇرۇپ قويۇلغان، تاكى قۇش باللىلىرى تۇخۇمدىن چىقىپ، ئۇچۇرۇم بولغانغىچە! پېشىدە ئۇخلاپ قالغان مۈشۈكنى ئويغاتماسلىق ئۈچۈن، پېشىنى كېسىپ، نامازغا قوپقان ھىكايىلەرنى ئوقۇيسىز. ئىسلامنىڭ ھۆكمىدە بىر ئادەمنى ناھەق ئۆلتۈرۈش پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ئۆلتۈرگەن بىلەن ئوخشاش گۇناھ! جەسەتنى كۆيدۈرۈش، جەسەتنى خارلاش(دۈشمەننىڭ جەسىتى بولسىمۇ ئوخشاش)، جەسەتنىڭ ئەزالىرىنى كېسىش قاتارلىق قىلمىشلار ئىسلام ئەڭ نەپرەتلىنىدىغان قىلىقلاردىن ھىساپلىنىدۇ. سىز دەل قارشىڭىزدىكىلەر كۈتكەندەك چۈشەنچىلەرنى كاللىڭىزغا قاچىلىۋالسىڭىز، دوستقا تاپا، دۈشمەنگە كۈلكە بولۇدۇغان ئىش. ئەمدى كەلدۇق، تېروردىن نەپرەتلىنىشكە. ئالىمىمىزنىڭ تېروردىن نەپرەتلىنىشى ئەلۋەتتە توغرا. مېنىڭچە ھەممىمىز نەپرەتلىنىمىز! ئەمما، ۋەقەنىڭ ئىسلام نامىغا بولۇشىنى قوبۇل قىلىشتىكى ساددىلىق كەچۈرۈلمەيدۇ؛ ئەگەر شۇنداقمۇدەيلى، ئوتتۇرا شەرقتىكى قانلار نېمە سەۋەپتىن، كىمنىڭ سەۋەبىدىن تۆكۈلۈۋاتىدۇ؟ كىملەر تېخىمۇ كۆپ ئىنساننى ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ؟ دېگەنلەرنىمۇ ھېساپقا قېتىپراق قىزىپ كەتسەك توغرا بولار؟ تاجاۋۇزچىنىڭ ياخشىسى بولمايدۇ، مەيلى ئۇ قانداق چىرايلىق باھانە، چىرايلىق ئاتاقلار بىلەن خەقنىڭ تۇپرىقىغا كىرگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەرقانداق تاجاۋۇزچى ئوخشاشلا نەپرەتلىك، ئوخشاشلا نومۇسسىز! بۇنى ئېسىمىزدىن چىقارمىساقلا، باشقا قاراشلار ئۆز-ئۆزىدىن توغرا يولىنى تاپىدۇ.
      يوقۇرىدا ئىستىخباراتتىكى ئېچىتىشتىن گەپ ئاچقان ئىدۇق. ئېچىتىش،سىياسىي مەخسەتلەردە جامائەت پىكرى ھازىرلاش، سىياسىي غايىلەر، مەخسەتلەر ئۈچۈن باھانە ئىشلەپچىقىرىش، ئەيپكار سۈپىتىدە باشقا ئادرېس كۆرسۈتۈش قاتارلىق نۇرغۇن ئىشقا يارايدۇ. گىتلېر چېخسلوۋاكىيەنى بېسىۋېلىشتىن بۇرۇن، چېخسلوۋاكىيە تەۋەسىدىكى نېمىسلار رايونىدا ماجرا چىقارغان ئىدى. ماجرادىن كېيىن ئىرقىي ئايرىمچىلىققا، ناھەقچىلىككە ئۇچرىغان قانداشلىرىنى «قۇتقۇزۇۋېلىش ئىھتىياجى»تۇغۇلدى. نەقەدەر گۈزەل باھانە! چارلېز چاپلىننىڭ بىر كىنوسىدا چاپلىننىڭ بالىسى تاش ئېتىپ، ئەينەكلەرنى چېقىپ ماڭسا، ئارقىسىدىن ئەينەك يۈدۈپ، مۇلازىمەت سۇنۇپ، چاپلىننىڭ ئۆزى پەيدا بولۇدۇ ئەمەسمۇ؟ خۇددى شۇنداق. ئاۋال ئەينەك چاقتۇرۇلۇدۇ. ئاندىن سىز «خالىس مۇلازىمەت» سۇنۇشقا تەييار ئىكەنلىكىڭىزنى ئىپادە قىلالايسىز.مانا شۇنداق.
      ئوتتۇرا شەرقتىكى پۈتۈن خاپىلىق نېفىت ئۈچۈن كۆرەش، يەنە بىرى ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەمىن ئېتىش. بۇ يەردىكى باشقا ھەممە ئىش ئەينەك چېقىشقا ئوخشايدۇ! ئامېرىكا بۇ يەردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇ يەرنىڭ تىنچىشىنى خالىمايدۇ. شۇڭا يېڭى-يېڭى غەۋغالار چىقىپلا تۇرۇشى كېرەك. ئاندىن قالسا «بۈيۈك ئوتتۇرا شەرق قۇرۇلۇشى» (project) نى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى. تۈركىيەنى پارچىلاش كېرەك، يەنى شەرقىي جەنۇپتا بىر كۇرد دۆلىتى قۇرۇش كېرەك. لېكىن تۈركىيە ناتو ئەزاسى، ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورتىقى. بۇدوستلۇققىمۇ تەسىر يەتكۈزمەي تۇرۇپ كۇردلارنى قۇراللاندۇرۇش ئۈچۈن بۇ يەردەئاشۇنداق بىر باش-باشتاق گورۇھنىڭ مەيدانغا چىقىشى زۆرۈر. مانا ھازىر ئىراق-شامئىسلام دۆلىتى كۈچلىرىگە ئۈنۈملۈك زەربە بېرىشى ئۈچۈن شىمالىي ئىراق كۇردلىرى زامانىۋىي قوراللار بىلەن قوراللاندۇرۇلماقتا. ئەگەر ئۇلار بولمىغان بولسا، تۈركىيە خۇش بولمايدىغان بۇنداق كۇردلارغا ياردەمنىڭ باھانىسى نېمە بولاتتى؟ كۇردلار كۈچەيتىلگەندىن كېيىن تەبىئىي يوسۇندا بۇ كۇرد خەلقىنىڭ ئۆز تاللىشى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىرىلسا، تۈركىيە دېموكراتىك بىر دۆلەت سۈپىتىدە خەلق رايىنى ئىنكار قىلالمايدىغان ۋەزىيەتكە كېلىدۇ. مانا شۇنداق قىلىپ تۆرت دۆلەتنىڭ چېگرىلىرى تۇتاشقان جايلاردىكى كۇردلار بىرلىشىپ، غەرپنىڭ ئاسترىتتىن ياردىمى بىلەن بىر كۇردسىتاننى بارلىققا كەلتۈرۈدۇ.
    شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرقنىڭ مەڭگۈ ھەل بولمايدىغان سۈنئى-شىئە توقۇنۇشىمۇ كۈنتەرتىپتە ئاكتىپلىقىنى ساقلاپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ خۇددى مۇددەتلىك بومبىدەك، ھەرقاچان غەرپنىڭ ئىشىغا ياراپ كەلدى. قاچان كېرەك تېپىلسا شۇ ۋاقىتقا توغرىلىسىلا بولۇدۇ. ئەخمەدى نىجات دەۋرىدە ئىراننىڭ غەرپكە قارشى ئىنتايىن كەسكىن دۈشمەنلىككە تولغان مەيدان ئوقۇشلىرىغا قاراپ نۇرغۇن كىشىلەر ئىران بېشىغا بالا تېپىۋالدۇدۇغان بولدى دەپ ئەنسىرەشكەنىدى. مەن ھەتتا سۆھبەتداشلىرىمدىن بىرمۇنچىسى بىلەن بۇ ھەقتە باغلاشقان ئىدۇق. مەن غەرپ ئىراننى ئۇرمايدۇ! دەپ قارايتىم. چۈنكى ئىران شىئىلىكنىڭ مەركىزى بولۇپ، شىئەلەر سۈنئىلەرنى بىر خىرىستياندىن، بىر بۇددىستتىنمۇبەك يامان كۆرۈدۇ. بۇنداق تېپىلماس بىر كوزۇرنى ئۇجۇقتۇرۇش ھىچقاچان غەرپنىڭ ئىشىغا يارىمايدۇ. شىئە-سۈنئى دۈشمەنلىكىنى كۆرۈكلەپ تۇرۇش ئەڭ ئۈنۈملۈك زىددىيەت مەنبەسى بولۇپ، بۇ غەرپلىكلەرنىڭ قولىنى سوۋۇتۇدۇغان، باشلاپلا قويسا توختاتقىلى بولماي قالغۇدەك ئوبدان ئىش تۇرسا، ئىراننىڭ يېمىرىۋېتىلىشى ئۇلارغا پايدىلىق بولاتتىمۇ؟ بۈگۈنگە كەلگەندە سۈرىيەدە بىر قايناشما كېتىۋاتىدۇ. «ئەرەپ باھارى»باشقا دۆلەتلەردە ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش بىلەن ئاخىرلاشتى، ئەمما دۆلەت تۈزەلمەي، چېچىلاڭغۇلۇق، ھۆكۈمەتسىزلىك ئۇچ-چېكى كۆرۈنمەس بىر يولدا كېتىۋاتىدۇ. بۇ ۋەزىيەتمۇئۆز-ئۆزىدىن بولۇپ قالمىدى، ئەلۋەتتە. ئەگەر سىزنىڭ بىر دۈشمىنىڭىز  بولسا، سىز بۇ دۈشمىنىڭىزنىڭ تېنچ تەرەققىي قىلىشىنى خالىغان بولاتتىڭىزمۇ؟ خۇددى شۇنداق. ئەمدى كېلىپ، بۇ «باھار» سۈرىيەگە كەلگەندە تاقىشىپ توختاپ قالدى. ئامېرىكا خالىسا ئىدى، بۇ ئۇرۇشنى ھەرقانداق بىر نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتۇرالايتى؛ يا ئەسەدنىڭ چۈشۈشى شەكلىدە، ياكى ئورنىدا قېلىشى شەكلىدە. ئەمما بۇ يەردە ئويۇننىڭ بىر ئاز ئۇزۇنغا سوزۇلۇشىغا مەلۇم ئىھتىياجلار بولۇۋاتقىنى ئېنىق. شاھمات تاختىسى سۈرىيە بولۇپ قالدى. بۇ يەردە چوڭ شاھماتچىلار، رايون زومىگەرلىرىنىڭ ھەممىسى بار. بەزىلەر گەردە، بەزىلەر پىل، ئات، توپ رولىنى ئېلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ يولداشلارمۇ ئويۇنغا پىچكا تىقتى. ئەمما مۇشۇ سورۇندا قازانماقچى بولۇشى ناتايىن. بۇ يەردە مايسا يېتىشتۈرۈپ، خۇددى شال كۆچۈرگەندەك، باشقا يەردە ئويۇنغا سالماقچى ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلەش تەس ئەمەس. قەيەردە ئۇرۇش، ھۆكۈمەتسىزلىك بولسىلا ئۇ يەرگە نۇرغۇن كىملىكسىز كىشىلەر سوقۇنالايدۇ. بۇ ھەر خىل كۈچلەر ئۈچۈن ھەر خىل ئىمكانلارنى سۇنۇدۇ. توپۇلاڭ بولمىسا، توغاچنى قانداق ئوغۇرلايسىز؟
     ئىستىخباراتتىكى ئېچىتىشتا مەۋجۇت زىددىيەت مەنبەلىرى ئەڭ ياخشى پايدىلىنىش دېتالى بولۇشى مۈمكىن. مەسىلەن شىئە-سۈنئى زىددىيىتىدەك، ئۇرۇقداشلىق ئەنئە نىسىدىكى دۆلەتلەردە ئۇرۇقداشلار ئارا تارىختىن قالغان زىددىيەتلەرنى قايتا چوخچىلاپ قوزغاشقىمۇ، يېڭىدىن پەيدا قىلىشقىمۇ بولۇدۇ. بۇندىن باشقا بىزدىكى يۇرتۋازلىقتەكلەر. ئەگەر بۇنداق تەييار پايدىلانمىلار بولمىسىمۇ گىتلېر ئۆرنىكىدە كۆرۈلگەندەك ياكى چاپلىن مىسالىدىكىدەك، ئاۋال بىر ۋەقە تۇغدۇرۇلۇدۇ. بۇ ۋەقەشۇنداق ئۇستۇلۇق بىلەن تۇغدۇرۇلۇدۇكى، «پىچاق ئارىيەت ئېلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن بولۇدۇ»؛ ئات ئايلىخانغا، يول سارىخانغا بولۇدۇ. ئىستىخبارات كىتاپلىرىدا 11-سىنتەبىر ۋەقەسىنى بىر ئېچىتىش ئۆرنىكى كۆرسۈتۈدۇ. دېمىسىمۇ بۇ ۋەقەنىڭ گۇمانلىق نۇقتىلىرى ھەققىدە توردا ئۇ قەدەر كۆپ دەلىللەر بار. ھەتتا مەخسۇس توربەت ئېچىپ،ئېچىپ تاشلاش بىلەن شۇغۇللانغانلارمۇ بولغان. ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ توربەتلەرنى تاقىتىۋەتكەن. شۇنداق بولسىمۇ ھازىرنىڭ ئۆزىدە يەنىلا يېتەرلىك دەلىل-ئىسپاتلار تېپىلىدۇ. ھاۋاچىلىق مۇتىخەسىسلىرىنىڭ مۇلاھىزىلىرى، بىنكارلىق ئىنژىنېرلىرىنىڭ مۇلاھىزىلىرى ھەممىسى بۇ ۋەقەنىڭ تەشۋىقاتتا دېيىلگەندەك بولغانلىقىنى رەت قىلىدۇ. ھەتتا شۇ ۋەقەدە نۇرغۇن ئادەم قۇتۇلدۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ مىللىي قەھرىمانى نامىغا ئېرىشكەن ۋىليام رودگىز (قوشماق بىنالارنىڭ شىمال تەرىپىدىكىسىدە تازىلىقچى) تەشۋىقاتتىكى يالغانلارغا چىداپ تۇرالماي ئىسلامغا قايتقانلىقىنى سۆزلەيدۇ. يەنى، قاراپ تۇرۇپ مۇسۇلمانلارغا ئارتىپ قويۇلۇۋاتقان بۇ تۆھمەتكە بولغان نارازىلىقىدىن مۇسۇلمان بولۇدۇ. ھېلىمۇ ئۇنىڭ ۋىدىئولىرى توردامەۋجۇت. ئۇ ئايروپلاننىڭ ئۇرۇلۇشى بىلەن بىر ۋاقىتتا دېگۈدەك، بىنانىڭ ھەرقەۋىتىدە پارتلاشلارنىڭ بولغانلىقىغا شاھىتلىق بەرمەكتە. بىر دۆلەت ھاكىمىيىتى ھەرزامان دۈشمەنگە ئىھتىياجلىق بولۇدۇغانلىقىنىمۇ ئىلگىرىكى يازمىشلىرىمدا دېگەنىدىم. دۈشمەنگە بولۇدۇغان ئىھتىياج، ئىچكىي ئىتتىپاقلىقنىڭ تەقەززاسىدىن تۇغۇلۇدۇ. يەنى،بىر تاشقىي دۈشمەن ۋەھىمىسى بولغاندىلا دۆلەت پۇخرالىرى ھاكىمىيەت ئەتراپىغا ئۇيۇشۇدۇ. بىر تاشقىي دۈشمەن ۋەھىمىسى بولغاندىلا ھەربىي خىراجەتلەرگە سەۋەپ تەمىنلىگىلى بولۇدۇ؛ بىر تاشقىي دۈشمەن بولغاندىلا ئاندىن دۆلەت مالىيەسىنىڭ سەرپ قىلىنىشىدا بەزى چىقىملارغا ئادرېس كۆرسەتكىلى بولۇدۇ. ئىلگىرى غەرپنىڭ كۈنتەرتىبىدىكى دۈشمەن سوۋېت ئىتتىپاقى — ياكى كوممۇنىزىم ۋەھىمىسى ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى يېمىرىلگەندىن كېيىن، دۈشمەنگە بولغان ئىھتىياج بوشلۇقىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، ئىسلام ياكى ئىسلام تېرورزىمى بېكىتىلدى.
     بۇ دۈشمەن، دۈشمەنلىك قىلغانلىقىدىن مەيدانغا چىققان دۈشمەن ئەمەس، بېكىتىلگەن دۈشمەندۇر. شۇڭا، سىز قانچە شۈك ئولتۇرۇۋالسىڭىزمۇ، سىزنىڭ نامىڭىزغا باشقىلار بۇنداق دۈشمەنلىك ھەركەتلىرىنى تەشكىللەپ، دۈشمەننى ئاكتىپ تۇتۇشقامەجبۇردۇر. ھەر قاچان ۋاقىت ھەر نەرسىنى — مۇسىبەتلەرنى، غەزەپنى، نەپرەتنى ئۇنتۇلدۇرۇۋېتىدۇ. بۇ سەۋەپتىن، دايىملا دۈشمەننىڭ يېڭى دۈشمەنلىك ھەركەتلىرى ئوتتۇرىغا چىقىشى كېرەك. بۇنداق بولمىسا جامائەتتە ھازىرلانغان ياكى ھازىرلاش پىلانلانغان كەيپىيات، تۇتۇم سۇسلاپ كېتىشى ھەتتا تەتۈرىگە يېنىشى مۈمكىن. شۇڭا نەپرەتنى يېڭىلاپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
    ئالىمىمىزنىڭ يەنە بىر ئاجايىپ گېپى بارىدى: «ئەمىسە تۈركىيەمۇ ئەيپلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردىغۇ؟»
   ئەمىسە قانداق قىلاتتى؟ بىر دۆلەت باشقا بىر دۆلەتنىڭ ئويۇنىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، ئۇلار تەرىپىدىن رەسمىي تەلەپپۇز بىلەن سۇنۇلغان باياناتقىلا ئىشىنىش كۆرۈنۈشى بېرىشكە مەجبۇر بولۇدۇ. دىپلوماتىك نازاكەت پىرىنسىپلىرى بويىچە بىر دۆلەتنىڭ دۆلەت سۈپىتىدە دەۋاتقان گېپىگە شۇ يەردىلا «ماڭاۋە يالغانچى!»دېيىلەتتىمۇ؟ مۇشۇ بىرلا ئىش بىلەن «ئىگەر-توقۇمنى قارنىغا ئالسا» ئاقىۋىتى قانداق بولۇدۇ؟ دۆلەت، دۆلەت مەنپەئەتنى چىقىش قىلىپ قەدەم ئالۇدۇ، ئادالەتنى،ئادىمىگەرچىلىكنى ئەمەس! شۇڭا مۇشۇنداق بىر ئىش ئۈچۈنلا مۇناسىۋەتلەرنى بۇزۇپ قوپۇپ كېتەلمەيدۇ. پەقەت بۇنى مۇناسىۋەتلەر يىرىكلىشىدىغان، مەلۇم ئىشى قارشىلىققا ئۇچرىغان ۋاقىتلار ئۈچۈن كوزۇر قىلىشى مۈمكىن: «سىلەرمۇ پالان چاغدا ھېلىقى ئويۇننى ئوينىغان ئىدىڭلار، بىزمۇ گەپ قىلمىغان... » دېگەندەك شەكىلدە يۈزىگە سېلىشى مۈمكىن. ئەمما، مەنپەئەت توقۇنۇشلىرىغا دۇچ كەلمىسىمۇ، پەقەت ئادالەت ئۈچۈنلا بۇنداق ياقا يىرتىپ چىقىش دۆلەت دېگەن بۇ ھەم مەۋھۇم، ھەم كونكرېت مەخلۇقتا زادىلا بولمايدۇ. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر كەچمىشىم بولغان. بىر بۇرادىرىم ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە تارتىشىدىغان بىر ۋەزىيەت بېشىمىزغا كەلگەن ئىدى. بۇرادىرىمىزنى مەلۇم دۆلەت ھېلىقى مودا بولغان ئاتاقنى ئارتىپ تۇتۇۋالغان ئىدى؛ يەنە بىر دۆلەت ئۇنىڭ داۋاسىنى قىلىۋاتاتتى. بىز بۇرادەرلىك سالاھىيىتى بىلەن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنى داۋاغا ئۈندەپ، نەتىجىنى سۈيلەپ تۇرۇۋاتقاندا، مىنىستىرلىقنىڭ بىر ئادىمى بۇرادىرىمىزگە ئارتىلغان بۆھتاننىڭ بەك چوڭ ۋەقورقۇنۇچلۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ھەتتا ئۇنىڭغا كونكرېت ۋاقىت ۋە كونكرېت بىرجايدىكى بىر ئىشمۇ ئارتىلغان ئىكەن. بىز بۇنىڭ يالغانلىقىنى ئاسانلام دەلىللىدۇق، چۈنكى دېيىلگەن ۋاقىتتا، دېيىلگەن يەردە ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان مىڭلاپ ئادەم كۆرسۈتەلەيتۇق. بۇلارنى دېگىنىمىزدە مىنىستىرلىقنىڭ ئادىمى دېدىكى: «بىز بۇنىڭ تۆھمەت ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، ئەمما دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتتە دىپلوماتىك نازاكەت پىرىنسىپى بار. شۇڭا رەسمىي دۆلەت ئورگانلىرى تەرىپىدىن بىزگە ئۇقتۇرۇلغانغا ئىشەنگەندەك كۆرۈنۈشكە مەجبۇرمىز. شۇ يەردىلا يۈزىگە رەت قىلغىلى بولمايدۇ. ۋاقىت،شارائىت ئۇيغۇن بولغاندىلا ئاندىن دەلىللەرنى كۆرسۈتۈشكە بولۇدۇ... » دېگەندەك گەپلەرنى قىلغان ئىدى.
    يەنە شۇنداق قايناپ، نەپرەتلىرىنى ئىسلام نامىغا ياغدۇرۇدۇغان بىلىملىك زاتلارغا بىر ئويلۇنۇش سوئالى بېرەي: قايسى مۇسۇلمان دۆلىتى خرىستيان دۆلىتىدە ئىشغالىيەتچى ياكى چىرايلىق ئاتىسىاق «گۈللەندۈرۈمچى» بولۇپ، كىرىۋالغانچە تۇرۇۋالغان مىسالنى بىلىسىز؟ بۈگۈن قان تۆكۈلۋاتقان ئىسسىق نۇقتىلارنىڭ ھەممىسىلا مۇسۇلمان تۇپراقلىرى، ئۇلار ئۆزى ياشاپ كەلگەن تۇپراقتا تۇرۇپ قىرغىنغا، ئىرقچىلىققا، بوزەك قىلىنىشقا، بايلىقلىرى تالان-تاراجقا ئۇچراۋاتامدۇ ياكى ئەكسىچىمۇ؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى سىزنى قانائەتلەندۈرۈشكە يېتەر دەپ ئويلايمەن.
    يەنە ئېچىتىشقا قايتقۇم كېلىۋاتىدۇ. چۈنكى، بىزنىڭ بىلىملىك تەبىقىمىزنىڭ مېنىڭسىگەنلىرىنىڭ ھەممىسى ئېچىتىشنىڭ نەتىجىلىرى. ئېچىتىشتا سۈنئىي ئېچىتىش، تەييار زىددىيەتنى كۆرۈكلەشلەرگە بىرەردىن مىسال بېرىلدى. ئەمدى ئاغزىمىزغا باقساق گويا ھەممىمىز نەپرەتلىنىدىغاندەك بىلىنىدىغان يۇرتۋازلىقنىڭمۇبىر تۈرلۈك ئېچىتىش نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى غىل-پال تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپ كەتكەنتۇق. بەلكىم مېنىڭ ئىلگىرىكى كىتاپ ياكى پارچە-پۇراتلىرىمنى ئوقۇمىغانلار بۇنىڭ قانداق ئېچىتىلىدىغانلىقىغا قىزىقىشلىرى مۈمكىن.
    تەبىئىيكى، بۇ ئىش ئۈچۈن يوقۇرىدىن بىر كادىر ياكى خىزمەت گورۇپپىسى كەلمەيدۇ. شۇنداقلا دىرىكتور لاۋجاڭ سىزنى ئىشخانىسىغا چاقىرىپ، ئىش تاپىلاش شەكلىدە دېمەيدۇ. بۇنى ئەڭ يېقىن بىر دوستىڭىزنىڭ ئاغزىدىن، ئەڭ ھۆرمەتلىك بىر ئۇستازىڭىزنىڭ ئاغزىدىن، ئەڭ يېقىن بىر تۇققىنىڭزنىڭ ئاغزىدىن چىقىرىشى تامامەن مۈمكىن. ئەگەر بۇ سىز بىلىپ قالغۇدەك شەكىلدە قىلىنسا قانداقمۇ ئىستىخبارات ئىشى بولسۇن؟ ئۇ چاغدا نا ئۇستىنىڭ چويلىسىدەكلا بىر نېمە بولۇپ، بازارغا يارامدۇ دەيسىز؟ ئەڭ يېقىنىڭىزغىمۇ بىۋاسىتە ئاشۇ رەھبىرى يولداش دېمەسلىكى مۈمكىن. بۇنداق ئىشلار ھەتتا ئوچۇق-ئاشكارە تەلەپپۇز بىلەن، ئېنىق سۆز-جۈملىلەر بىلەنمۇ بولماسلىقى تەبىئىي.
     قانداق بولۇدۇ؟ ئەقىلگە ئىشارە شەكلىدە بولۇشى مۈمكىن. سىزنىڭ ئەقلىڭىزگە، تەپەككۈرىڭىزگە ئىلھام بېرىش شەكلىدە، بۇنداق بولغاندا سىز بۇنى ئۆز ئىجادىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلىدە تۇغۇلغان پىكىر زەن ئېتىسىز-دە، بىرسىنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينىغانلىقىڭىز ئەقلىڭىزگە كېلىشىمۈمكىن ئەمەس. مەسىلەن، سەھنىلەردە يۇرتلارنىڭ بىرەر كەمچىلىكى ياكى كەمچىلىكمۇ ئەمەس، ئالاھىدىلىكى، تەلەپپۇزى، بىرەر قىزىقراق ئىشى ئېتوت دېيىلىدىغان «قوشماق ئۆردەك، جۈپ كېپىنەك»چە ئادەم خوش قىلىدىغان مەھسۇلاتلاردا دوراپ چىقىلىش ئارقىلىق، كۈلكە تۇغدۇرۇلۇۋاتىدۇ. كۆرۈۋاتقاندىغۇ ھەممىمىز ئىختىيارسىز كۈلۈشتىن ساقلىنالمايمىز، ئەمما شۇ كۈلكە ئوبېكتى بولغانلار كۈلكىلىرىدىن كېيىن قانداق تۇيغۇدا بولۇدۇ؟ تېخىمۇ چەكتىن ئاشقان، دەردىنى بىر ئاز بولسىمۇ ئاشۇرۇپراق ئالۇدۇغان بىر يول ئىزدەيدۇ. تېخىمۇ ئاچچىق بىر چاخچاق ئويلاپ تاپىدۇ. بۇنىڭغىمۇكۈلۈمىز،... شۇغۇنىسى بۇلار پىسخىكىدا روھىي يۈك دېيىلىدىغان بىر خىل مەسىلە خامىنى ياكى چاتاق جۇغلانمىسى بولۇپ، كۈنسېرى كۆپۈيۈپ بارىدۇ. بۇنىڭ ئاشۇ تېتىقسىز بىردەملىك كۈلكىدىن باشقا نەقەدەر چوڭ ئاپەتنىڭ ئۈندۈرمىسى بولۇدۇغانلىقىن ىئويلىيالىدۇقمۇ؟
    ئەلۋەتتە، ياق. بىر يېقىنىمىز كېلىدۇ، بەلكىم ئۇ ئىستىخباراتقا ئىشلەيدىغان بىرى بولۇشى مۈمكىن ياكى ئۇمۇ ئاشۇنداق بىرسى تەرىپىدىن قىزىقتۇرۇلغان بولۇشى مۈمكىن، قىزىقچىمىزغا بىر چاخچاقنى ئېيتىپ بېرىدۇ، مۇشۇنى سەھنىگە ئاچىقىپ،سەن ئورۇندىساڭ راسا قىزىق بولاتتى، دېگەن شەكىلدە مەسىلىھەت بېرىشىمۇ مۈمكىن ياكى ئۇنىڭ تىتاڭ تومۇرىغا تېگىش (ئېچىتىش) ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئۆزىدە مۇشۇنداق بىرنىيەتنى تۇغدۇرۇش ئۈچۈن، «ئۆتكەندە، قارا، پالانى دېگەن ...لۇق ماندا دەپ مېنى شاڭخو قىلدى» دېگەندەك بىر ھىكايىنى سۆزلەپ بېرىپ، ئۇنىڭ بىۋاسىتە ئوغىسىنى قاينىتىپ، ئۇنىڭ سەنئەتكارانە تالانتىنى جارى قىلىپ تۇرۇپ، قارشى تەرەپكە بىر زەربە بېرىپ قويۇشىنى قولغا كەلتۈرىشىمۇ مۈمكىن. قانداقلا بولسۇن بۇنىڭ قازاقلارنى شاڭخو ۋارىياتىمۇ خېلى كۆپ، تورلاردىمۇ بار... بۇلارنىڭ ھەممىسى زىددىيەتنىڭ يۆنۈلۈشىنى بۇراش نەتىجىسى بېرىدىغان ئىشلار، دۈشمەننى ئىچىمىزدىن ئىزدەش يولىغا باشلاش ئويۇنى. پايدا-زىياننى ئويلاپراق قىلغاننىڭ زىيىنى يوق.
     يەنە مۇشۇ توربەتتە ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مائارىپى ياكى مودېرىن مائارىپىنىڭ ئەسلىدە غۇلجىدا باشلانغانلىقىنى بايقاپ قالغان بىر قېرىندىشىمىزنىڭ بۇ بايقاش جەريانى ھەققىدىكى ماقالىسىنى كۆرۈپ قالدىم. (يالقۇن روزىغا قارشى ئوبزور ھىسابىدىراق يېزىلغانكەن)، راستىنى دېسەم تەپسىلىي ئوقۇيالمىدىم. سەۋەبى مېنى ئۇنىڭ راست-يالغىنى، دەلىلىنىڭ بار يوقلۇقى قىزىقتۇرالمايتى. چۈنكى غۇلجىمۇ، ئاتۇشمۇ ئوخشاشلا مېنىڭ ۋەتىنىمنىڭ بىر پارچە تۇپرىقى بولغاچقا، ئۇ يەردە ياكى بۇيەردە ئوخشاشلا بۇ ئىشنى مېنىڭ مىللىتىمنىڭ كىشىلىرى قىلغاچقا شان-شەرەپكە ھەغدالىقىمدا ھىچنەرسە ئۆزگۈرۈپ قالمايتى. ھەتتا شۇنىمۇ دەپ قويايكى، ئەگەرقازاقلاردىن بولۇپ چىقسىمۇ مەن يەنىلا شەرەپكە ھەغدالىق ھىس قىلىمەنكى، ئۇنى ھەجەپ مېنىڭكى بولۇپ قالماپتۇ دېمەيمەن. ئىگە بولالمايۋاتقانلىرىمىز ئازمىدى؟ شۇڭا مەن ئۇنىڭ يېڭى بايقىشىنىڭ تەپسىلاتى بىلەن ئىشىم بولمىدى. پەقەت ئەنسىرىگىنىم بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان خۇسۇمەت، ئارىمىزنىڭ تېخىمۇ ئېچىلىشىدەك نەتىجە بولدى.1985-يىلى يېڭى زامان مائارىپىمىز 100 يىل بۇرۇن باشلانغان دەپ بەك داغدۇغلىق خاتىرىلەنگەن، ھەتتا ئاكا مىللەتنىڭ يېڭى زامان مائارىپىنى باشلىشىدىنمۇ بىر نەچچەيىل بۇرۇنكەن دېيىلىپ، بەك خوش بولۇپ، پەخرلىنىپ كەتكەنتۇق. ئارىدىن ئوتتۇز يىل ئۆتكەندە بۇ ئېنىقلىمىنىڭ بىرەر جىددىي زۆرۈرىيىتى بارلىقىنى بىلەلمىدىم.خاتالارنىڭ توغرىلىنىشىغۇ ياخشى، بىراق ئۆز ئىچىمىزگە مۇناسىۋەتسىز بىھىساپ ئويدۇرمىلار يوقمىدى؟ ئۇلارنىڭ ھاي دەيدىغان ئىگىسى، قورقۇتۇدۇغان قىلىچى بارمىكەن؟ 30 يىل جەريانىدا نەشرىيات، ئاخبارات ساھەمىزنى، مەتبۇئات ساھەمىزنى ئاساسەن ئىشغال قىلغان، ھەتتا بۇنى ئۆز قورغىنىنى قوغدىغاندەك قوغداپ كېلىۋاتقان ئېلى ئۇيغۇرلىرىدىن بۇ تېمىدا ئويلۇنۇپ باقىدىغان بىرەرى چىقمىغان بولغىيمىدى؟ ئەجەبا ئۇلار «ھەممىسى بىزدىن بولسا» ئارزۇسى شۇنچىلىك كۈچلۈك تۇرۇپ، بىرەرئىشخانىغا ئادەم ئېلىش بولسىمۇ بەك دىققەت بىلەن يۇرتىنى سۈرۈشتە قىلىپ ئالۇدۇغان دەرىجىدە يۇرتپەرۋەر، يۇرتپەرۋەرلىكى ۋەتەنپەرۋەرلىكىنى نەچچە قات بېسىپ كەتكەن ئادەملەر تۇرۇپ، بۇ ئىشنىڭ ئاتۇشلۇقنىڭ بولۇپ كېتىشىگە چىداپ قانداقمۇ ئوتتۇز يىلنى ئۆتكۈزگەندۇ؟ ھەممە مەتبۇئات يولداشلاردىن قالسىلا  چاڭگاللىرىدا بولغاندىكىن بىرەر پاسىق سۆڭەكنى گۆردىن قېزىپ چىقىپ دەلىل قىلىپ بولسىمۇ بۇ ئىشنىڭ ئاتۇشلۇققا شەخسىي شەرەپ بولۇپ قېلىشىدەك بالا-قازانىڭ ئالدىنى ئالسا قىلالىغۇدەك كۈچى بارىدىغۇ؟ كوچىدا ھاراققا چىلىشىپ، دەلدەڭلەپ يۈرگەن بىر دەلدۈش دەل ئەنە شۇ قولايلىقلار خاسىيىتىدە «مەشھۇر» ئادەم بولۇپ تىكلىنىپ، تارىخىمىزدىن ئورۇن ئالدۇرۇلمىدىمۇ؟ (كاشكى بۇ ئۆملۈك روھى پۈتۈن مىللەتنى قاپسىغان بولسىدى، نەقەدەر پەزىلەتلىك ئىش بولغان بولاتتى!) كىم دېيەلەيدۇ، ئۇنچىلىك قىزىقچى ھىچيەردە يوقتى دەپ؟ ھەر يۇرتتىن تېپىلاتتى. ئەمما، مەشھۇرنىڭ مەشھۇر بولۇشى ئۈچۈن تەشۋىق قىلىنىشى شەرت! بولمىسا ئالىممۇ نەزەرگە ئىلىنمەي، نامسىز ئۆتۈپ كېتىشى مۈمكىن. دېمەك مانا شۇنداق ئىمكانلىرى بار ئەمەسمىدى؟ ئاڭلىسام يازغۇچىلار تورىنىڭ ئۇيغۇرچە بېتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى تۇڭگانمۇ، شىۋەمۇ، داغۇرمۇ بىرنېمە ئىكەن. شۇنىمۇ ئالتەشەلىك بىرى بۇ ئورۇنغا كېلىپ قالمىسۇن دېگەن ئەندىشە بىلەن، بىزنىڭ مەشھۇر مىللەتپەرۋەر، ۋەتەنپەرۋەر يازغۇچىمىز ياكى يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بېشى بولغان زات ھاپىلا-شاپىلا ھەركەت قىلىپ، «يۇرتلۇق» قىلىپ، ئىلىدىن يۆتكەپ كەپتىكەن!(ئالتەشەلىك ئۇيغۇردىن  ئاۋۇ ...لۇق مانجۇ يېقىنراق تۇيۇلغان مىللەتپەرۋەرگە قاراڭلار! ئىلى دەپ تۇراي، بەك ئۇششاقلاپ كەتمىسۇن، دېدىم) شۇنىڭغا ئوخشاش ئىمكانىيەتلەر تولۇپ تۇرغاندا ئاتۇشلۇقلارنى چوقۇم يېڭىۋەتكىلى بولاتتى.
     ئەمدى كېلەيلى، بىزنىڭ مەۋجۇت ھالىمىز ۋە زۆرۈرىيەتلىرىمىزگە. بىزخۇددى بىرلىرى تەرىپىدىن چوڭقۇر ھاڭغا ئىتتىرىپ چۈشۈرۈلۈۋاتقان، چۈشكەن يېرىمىزدە ساق قېلىش ئىھتىمالى ھىچ يوق ۋەزىيەتتىكى ئادەملەرمىز. ئىگىز ھاڭدىن چۈشۈۋاتقىچە بىر-بىرىمىز بىلەن بېقىنلىشىپ، جاڭجال ئوينىغاننىڭ قانچىلىك پايدىسى بولسا بۇنداق بايقاش، بۇنداق ئىزدىنىشلەرنىڭمۇ شۇنچىلىكلا پايدىسى بار. مەنغۇ چىن كۆڭلۈمدىن رازى، بۇ ئۇلۇغلۇق سىزلەرگە مەنسۇپ بولسىمۇ مەن ھەغدا، ئاۋۇلارغا مەنسۇپ بولسىمۇ مەن ھەغدا. ھەتتا مەن چەتئەللىكلەر بىلەن گەپلىشىشكە توغرا كېلىپ، بىرەر پۇرسەت بولسىلا «بىزنىڭ بەك كۈچلۈك مىللىي تىبابىتىمىز بار، غەرپ تىبابىتى ھىچ چارە قىلالمىغان بىر قانچە كېسەل تۈرىگە بىزنىڭكىدە داۋا بار، بۇ تىبابەت بىزنىڭ خوتەن دېگەن شەھرىمىزدە ئەڭ مەشھۇر» دەپمۇ پەخىرلىنىمەن. بىر تۈرككە بىر پۇرسەتتەشۇنداقمۇ ماختاندىم: «تۈركىيەلىكلەردىن ئامېرىكىنىڭ ناسا دېگەن يېرىدە ئىشلەيدىغانلار بارمۇ؟ يوق. ئەمما مېنىڭ بىر قېرىندىشىم ناسادا ئىشلەيدۇ!» 70-يىللارنىڭ ئاخىرى، 80-يىللارنىڭ بېشىدىغۇ دەيمەن، خوتەن قەغىزى ھەققىدە بىرئۇچۇر ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە دېگۈدەك، ئەبەيدۇللاھ ئىبراھىمنىڭ «خوتەن قەغىزى» دېگەن مۇخەممىسى ئېلان قىلىنغان ئىدى. ھەۋەسكار بولۇشۇم، ئانچە تەجرىبەمنىڭ بولماسلىقىغا قارىماي، بۇ مۇخەممەسكە ئوبزور يېزىشقا ئۇرۇنغۇنۇم،خوشلۇقۇمدىن بۇ مۇخەممەسنى يادلىۋالغىنىم ھېلىمۇ ئېسىمدە. قەغەز بىزنىڭ خوتەندە ئىشلەنگەن! بىر قېتىم ئۇزاق بىر دۆلەتنىڭ مېۋە بازىرىدا بىزنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر قوغۇننى كۆرۈپ قالدىم، ئۈستىگە چاپلانغان ماركىدا خامى قوغۇنى دەپ لاتىن ھەرپلىرىدە يېزىقلىقكەن، يۈرىكىم خۇددى ئانام گۆردىن قايتىپ كەلگەندەك تىپچەكلەپ،كۆزلۈرۈمگە ياش تىقىلدى ۋە يېنىمدىكى ھەمراھىم بولغان يەرلىك ئەپەندىگە: «خامى دېگەن نېمە بىلەمسە؟ ياق. خامى دېگەن مېنىڭ ۋەتىنىمنىڭ بىر شەھرى، بىزنىڭكىدەك قوغۇن دۇنيانىڭ ھىچيېرىدە يوق» دەپ ماختىنىۋالدىم.
     ئاتۇشلۇقلاردىن بۇ شەرەپنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تارتىۋالساڭلار بىر پىكرىم يوق، مەنمۇ خوش، ئاتۇشتەك كىچىككىنە بىر تاشلىق قاقاس يۇرتتا بولغىنىدىن، غۇلجىدەك ئەلۋەك ماكاندا بولسا تېخىمۇ يارىشىدۇ. ئەمما شۇنىڭ بىلەنلا رازى بولارسىلەرمۇ ياكى ئەتە يەنە بىرەر ئىشنى يېڭىدىن بايقاپ، ئۇمۇ تۇنجى بولۇپ ئاتۇشلۇق قىلغان ئىش ئەمەس بولۇپ چىقارمۇ؟ بۇنداق ئىزدەنگۈچىلەرگە يىپ ئۇچى بولۇپ قالار بەلكى، دەپ قوياي: ياۋروپادىن تۇنجى قېتىم پۇتبولنى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا ئەكەلگەنلەر ئاتۇشلۇقلار دېيىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ھەققىدىمۇ بىرەر چاتاق بارمۇ-يوق،ئىزدىنىپ باققايسىلەر؛ تۇنجى سانائەتنىمۇ ئاتۇشلۇقلار ئېلىپ كەلگەن دەيدىغان گەپ ئومۇمىي، سانائەتلىشىش بىر مىللەت تارىخىدىكى ئەڭ موھىم  بۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى جۇمۇ، بۇنىڭغا دىققەت قىلمىساق بولمايدۇ. بۇنىمۇ رەت قىلىدىغان پاكىتلارنى ئىزدەپ تاپماي بولمايدۇ؛ تۇنجى پروپپىسسور،... يەنە نېمىلەر، يەنە نېمىلەر،... جىق بۇلارئىگە بولۇۋالغان نەرسىلەر. ئاشۇ قاشقالىق شېرىپ خۇشتار دېگەن ئاداش "...نىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر" ناملىق ئىككى كىتاپ تۈزۈپ چىقىپتىكەنغۇ؟ ئاشۇ كالۋا ئاداشمۇ كۆزىگە قارىماي، بۇ كىتاپقا مەشھۇر دەپ يېرىمىغا يېقىن ئاتۇشلۇقنى تولدۇرۇپ قويۇپتۇ. باشقا بارلىق يۇرتلار ۋە ھەتتا باشقا 13 مىللەت ئوممۇمىي جەمئىيسى بىر تەڭ، ئاتۇشلۇقلا بىر تەڭ بولغىلى يېقىن قاپتۇ. ئاشۇنىڭدىكى ئىسىملارنىمۇ تەكشۈرۈپ چىقىش كېرەك! بۇ ئاتۇشلۇقلار دېمىسىمۇ باشقا بالا بىر نېمىلەر!
ئىزدىنىش روھىغا نەقەدەر بايمىز-ھە؟! تەسىرلەنمەي چارە يوق. مانا مۇشۇ تىپتىكى ئىشلارمۇ ئىستىخبارات ئويۇنلىرىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئەنە شۇنداق ئىلھام بېرىش، بىشارەت بېرىش يولى ئارقىلىق ھىس قىلدۇرۇلۇپ، بايقاتقۇزۇلۇپ، تۈگۈمەس بىر نىزاھقا ئۇرۇق سېلىنىدۇ. بۇنىمۇ يوقۇرىدا دېيىلگەندەك بىرەر رەھبىرى يولداش ئىشخانىغا چاقىرىپ ۋەزىپە بېرىش يولى بىلەن قىلىنمايدۇ. بۇنى گويا ئۆزەم ھىس قىلدىم دېگەنگە يۈزدە-يۈز ئىشىنىمىز. يەنە بىر كەچمىش ھىكايەمنىمۇ بۇنىڭغا دەلىل قىلالايمەن:
      مەلۇم بىر سورۇندا ھەر يۇرتتىن ئادەملەر ئەبجەش ئولتۇراتتۇق. ئارىمىزدائانچە تونۇشمايدىغانلارمۇ بار ئىدى. ئۈرۈمچىلىك بىر يىگىت چەتئەلگە چىقىش سەپىرىنى ھىكايە قىلىپ بېرىۋاتاتتى. ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە بىر مەزگىل ئۇزاقلارغا يول ئىزدەپ يېتىپ قاپتۇ. تەبئىيكى، يالغۇز ياتماي، شۇ يەردە تىجارەت قىلىۋاتقان سودىگەرلەرنىڭ ئىجارە ئالغان ئۆيلىرىدە بىللە تۇرۇپتۇ. شۇ جەريانداكۆرگەنلىرىدىن ئۆزىنى ھەيران قىلغان بىر كۆرمىشىدىن گەپ باشلىدى: «بۇ ئاتۇشلۇقلارئاجايىپ خەقكەن،... — دەپ باشلىشى ھامان، ھە يەنە باشلاندى ‹ياغلىقاپاق›لارنىڭ ھەققىدىكى ئوخشاش ھىكايىدىن يەنە بىرى، دەپ ئويلاپ پۇر دىققەت تۇردۇم، — نەچچەيىلدىن بېرى ئوتتۇرا ئاسىيادا تىجارەت قىلىپ، ۋەيران بولغان، قەرزگە بوغۇلۇپ قالغانلىقىدىن، قەرز ئىگىلىرىدىن قورقۇپ يۇرتقا كېتەلمەيۋاتقان چوڭ سودىگەردىن نەچچىسىگە ئۆزلىرى زورلاپ پۇل بېرىپ، ئىلھام بېرىپ، يەنە ئىش باشلاپ تىرىلىۋېلىشىغا يول كۆرسۈتۈپ، ياردەم قىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم». بىرقەشقەرلىك ھاجىم شۇ يەردىلا دىمىقىنى قېقىپ، كەسكىن ئىپادە بىلەن بۇنداق بولۇشى مۈمكىنلىكىنى ئىنكار قىلدى: «ئىشەنمىسىلە!، ئاتۇشلۇقتىن پىت چىقامدا!». ئۈرۈمچىلىك يىگىت بىر ئاز تېرىككەندەك قىلىپ: «مەن ئاڭلىغان بىر ھىكايىنى دېمەيۋاتىمەن، كۆرگۈنۈمنى دەۋاتىمەن، مەن شۇلار بىلەن بىر ئۆيدە نەچچە ۋاخ تۇرغان!... ». بۇ قېتىم ھاجىم ئىشەنمەسلىكنى ئۆز زىممىسىگە ئالدى: «ئىشەنمەيمەن، ئۇندا... ئاتۇشلۇق دېگەن...!» دېدى ئۇ چۈشۈنۈكسىز بىر خىل نەپرەت بىلەن. مەن بۇ كىشىنىڭ كەچمىشىدەچوقۇم ئاۋۇ يىگىتنىڭ ئەكسىچە بىر خاتىرە بولسا كېرەك دەپ قىزىقتىم: «ئاتۇشلۇققا بولغان بۇنچە نەپرەتلىرىدىن قارىغاندا، سىلىنى خېلى چوڭ بىر زىيانغا سوققان يېرى باركەن-دە؟» «ياقا... نېمىشقا ئەمدى؟ يا مەن ئاتۇشلۇق بىلەن شېرىك بولۇپ باقمىسام؟... »، «ئۇنداق بولسا چوقۇم بىرەر يېقىنلىرىنىڭ ئاشۇنداقراق بىر خاپىلىقى بار ئوخشايدۇ-ھە؟» «ياق، نېمە دېگەنلىرى بۇ؟» دەپ ھەيران بولدى ئۇ. «ئەمىسە ئاتۇشلۇققا قارىتىلغان بۇ ئاجايىپ نەپرەتلىرىنىڭ سەۋەبى نېمە؟» بەلكىم ئۇ ھاياتى بويىچىمۇ بۇنداق سوئالغا دۇچ كېلىپ باقمىغان بولسا كېرەك، ھەتتا ئۆز-ئۆزىدىن «نېمەئۈچۈن؟» دەپ سوراپ باقمىغان بولۇشى چوقۇم. ماڭا چەكچىيىپ بىر دەم قاراپ، ئاندىن بوينىنى شاپتۇل قېقىپ، جىم تۇرۇۋالدى. مانا شۇ چاغدا مەن بۇ يەردە سىلەرگە ئېيتىۋاتقان ۋەزلەردىن بىرقىسمىنى شۇ سورۇن ئەھلىگە، ئاشۇ ھاجىمنىڭ مىسالى ئارقىلىق بىر ھازا كاسىلداپ، بۇنداق سەۋەبى ھەققىدە ئېنىق جاۋاپ بولمىغان نەپرەتلەرنىڭ ھەممىسى بىزگە باشقىلار تەرىپىدىن سىڭدۈرۈپ قويۇلۇدۇغانلىقى، جەمىيەتتە ئومۇملاشتۇرۇلغان نۇرغۇن ئىشلارغا بىزمۇ ئىختىيارسىز ئەگىشىپ، قوبۇل قىلىپ، ھەتتا كۆنۈكۈپ كېتىدىغانلىقىمىزنى ئېيتتىم. ھاياتىمدا «ئاتۇشلۇق» دېگەن چېغىدا بۇرۇن تۆشۈكلىرى چېپىپ توختىغان ئاتنىڭكىدەك كېرىلىپ-كېرىلىپ، چىشلىرىنىڭ ئارىسىدىن زەھەر چېچىۋاتقاندەك ئاچچىق تەلەپپۇز قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنى كۆپ كۆردۈم. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن كۆپلىرىدىن يۇقارقى ھاجىمدىن سورىغىنىمدەك سوئاللارنى سوراپ ئېنىقلاپ باقتىم. ئەمما جاۋاپنىڭ تايىنى بولمىدى. شۇنداقلاردىن بىرسى دېدىكى، "تېخنىكومدا بىر ئاتۇشلۇق ساۋاقدىشىم بارىدى، بەك پىششىق، بەك پىخسىقتى، ئۇنىڭدا بىرنېمە بارىتى (نېمىلىكىنى ھازىر ئۇنۇتتۇم)، بىز ئۇنىڭدىن ئارىيەتكە سورىساق ئەللىك تىيىندىن ساتاتتى". ھەر يۇرتتىن، ھەر كىم شۇنداق قىلىشى ئىھتىمال بولغان بىر قىلىق!ئەمما بۇ پۈتۈن بىر يۇرتتىن نەپرەتلىنىشكە سەۋەپ قىلىنىۋاتىدۇ. شۇنداقلا شۇنى دېيىشىمىزمۇ مۈمكىن: ساڭا بىكارغا بەرگەن بولسا ياخشى بولامتى؟ سەن يا ئۇنىڭ دادىسى تاپقان بالا بولمىساڭ!
      دېمەك، ئەھۋال ئەنە شۇنداق. بەلكىم سورۇلۇشى مۈمكىن: سەن ئۆزەڭ ئىستىخبارات ئويۇنىغا چۈشمىگەنمىدۇرسەن؟ ياق! دېيەلمەيمەن. ھەتتا يۇقۇرىدا دەپ كەتكەن ھىكايىلىرىمدىكى ئاچچىقراق كەتكەن قۇرلارنى ئويلاپ ئۆزەم خىجىل بولۇپمۇ قالىمەن ۋە ئاشۇ سىڭدۈرۈلگەن پروگراممىلانغان مەزمۇنلارنىڭ نەتىجىسىمىدۇ؟ دەپ گۇمان قىلىمەن. ھەممىمىز مانا شۇنداق مۇھىتتا يېتىلدۇق. كىچىكىمىزدىن بىزگە ھازىرلانغان سوتسىيال كېلىمات مانا شۇنداق ئىدى، ئۇنداقكەن، مەن تەسىرگەئۇچرۇمۇدۇم دېيىشكە پېتىنالمايمەن. ئەمما، ھەرقانداق پىسخىك ئۆزگۈرۈش، ياكى مەلۇم بىر پىسخىك ئاسارەتتىن ئۆزنى قۇتقۇزۇش ئەڭ ئەۋۋەل بايقاشتىن، ئۆزىنى تونۇشتىن باشلىنىدۇ. بۇ مېنىڭ كەشپىم ئەمەس، پىسخولوگىيە كىتاپلىرىدا شۇنداق دېيىلىپتۇ. ئۇنداقتا، مەن ئۆزەمنى بايقىدىم. ئىككىنچى قەدەم (ئۆزگۈرۈشكە) نىيەت قىلىش، ئۈچىنچى قەدەم، بۇنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى ھەققىدىكى پىلان-پروگرامما، تۆرتىنچى قەدەم ئەمەلىي ھەركەتكە ئۆتۈش بولۇدۇ، ئىنشائاللاھ.
    ئەمدى يەنە ئويۇنلارغا قايتىمەن. زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن ئىستىخبارات ئورگانلىرى ئارىسىدا مەلۇم باغلىنىش بار. يەنى، ئىستىخبارات ئورگانلىرى ئەتكەسچىلەر گورۇھى بىلەن ئىتتىپاقداشلىق ۋە دۈشمەنلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئارىسىدا كېتىپ-كېلىپ تۇرۇدۇ. بۇ بارلىق دۆلەتلەر ئۈچۈن ئوخشاشلا ئىناۋەتلىك بولغان تېئورما. دۈشمەنلىك مۇناسىۋىتىنى ھەركىم چۈشۈنەلەيدىغاندەك قىلىدۇ، ئەمما بۇ كىشىلەرنىڭ چۈشەنگىنىدەكلا ئەمەس؛ ئىتتىپاقداشلىقىنى بولسا ھەتتا قوبۇل قىلىشنىڭمۇ ئىلاجىسى يوقتەك.
    زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنىڭ تولۇق ياكى تولۇققا يېقىن تىزىملىكى ئىستىخبارات ئورگانلىرىدا بار بولۇدۇ. ئۇلارنى تۇتۇشىنىڭ ئىككى سەۋۋەبى، تۇتماسلىقىنىڭمۇ ئىككى سەۋەبى بار. ئالدى بىلەن تۇتماسلىقىدىكى سەۋەپنى دەي: بىرىنچىسى، ئاللىقاچان خۇمار بولۇپ قالغان نۇرغۇن ئادەمنى بىردىنلا ئۆلۈمگەئىتتەرمەسلىك ئۈچۈن (پەقەت دېموكراتىك دۆلەتلەر ئۈچۈن كۈچكە ئىگە) بۇ سودىغا مەخسەتلىك يول قويۇلۇدۇ؛ ئىككىنچى، بۇ ھىسابى ئېلىنمايدىغان بىر غەزىنە بولۇپ، گويا بۇ يەرگە ئىئانە توپلۇنۇدۇ، كېرەك بولغاندا بۇ غەزىنىنى مۇسادىرە قىلىپ ئىشلەتسەڭ بولۇدۇ. چۈنكى ئىستىخبارات تەشكىلاتلىرى پەقەت دۆلەت بەلگىلىگەن ياكى خەلقنىڭمۇ كاللىسىدىن ئۆتۈدۇغان ئىشلار بىلەنلا شۇغۇللانمايدۇ. يەنە نۇرغۇن شەخسىي ئىشلار (مەلۇم باشلىقنىڭ خۇسۇسىي خاھىشى ئۈچۈن)نىمۇ قىلىشى مۈمكىن. باشقا كاتتىۋاشلاردىن يوشۇرۇلۇشى كېرەك بولغان، خەلقتىن يوشۇرۇدۇغان، مەڭگۈ ئاشكارىلانماسلىقى شەرت بولغان، قانۇنسىز، ھەتتا ئەخلاق سىرتى ئىشلارنىمۇ قىلىشى مۈمكىن. بۇنداق ئىشلارغا دۆلەت ئايرىپ بەرگەن يىللىق راسخودتىن سەرپ قىلىنسا، كېيىن ھىساپ بېرىشكە توغرا كەلگەندە مەخپىي پائالىيەتلەرنى تىلغا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا مانا شۇنداق، ھۆججەتلەردە مەڭگۈ ئىزىنى تاپقىلى بولمايدىغان ئوپېراتسىيىلەر ئۈچۈن ئەتكەسچىلەرنىڭ قولىدىكى زاپاس غەزىنىدىن سەرپ قىلىنىدۇ. ھىچكىمگە ھىساپ بېرىشكە توغرا كەلمەيدىغان، سورىقى يوق پۇل!
    ئەمدى ئەتكەسچىلەرنى تۇتۇشنىڭ سەۋەپلىرى شۇلار: بىرىنچىسى، سورىقى يوق پۇلغا جىددىي ئىھتىياجلىق بولغاندا دەرھال بىر تۇتقۇن قىلىش ئوپېراتسىيىسى بىلەن بىر كېچىدىلا زەھەر ئەتكەسچىلىرى قۇرۇقداپ قويۇلۇدۇ. يەنە بىر سەۋەبى، مەبلەخنىڭ مەلۇم گورۇھ ياكى مەلۇم شەخسنىڭ قولىدا زىيادە كۆپ جۇغلۇنۇپ كېتىشى دۆلەت ئۈچۈن تەھدىت ئۇنسۇرى بولۇپ قېلىشى مۈمكىن، بۇ يا پاراللېللىق تەلىپى (ھاكىمىيەتتەشېرىكلىك دەۋاسى)، ياكى ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇۋېتىش خەۋپى بولۇپ شەكىللىنىشى مۈمكىن.شۇڭا، ئەتكەسچىلەر گورۇھىنىڭ پۇلى مۆلچەر بويىچە مەلۇم چەككە يېقىنلاشقاندىلا باسقىن قىلىنىپ، «خېمىغا ياندۇرۇلۇدۇ».
     زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىگە ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ يېقىن تۇرۇشىدا تېخىمۇ موھىم، شۇنداقلا تېخىمۇ مەخپى يەنە بىر سەۋەپ بولۇدۇ. ئۇ بولسىمۇ،سىياسىي مەخسەت ئۈچۈن ئىشلىتىش. قارشى ئېلىنمايدىغان ياكى ئارزۇلانمايدىغان ۋەياكى ئىستەلمىگەن كۈچلەرنى، كۈچ گورۇپپىلىرىنى چېرىتىش، ئۇلارنىڭ ئۆكتىچىلىك ئىھتىماللىقلىرىنى مەنىۋىي جەھەتتىن يېمىرىپ، مەڭگۈ باش كۆتۈرەلمەس قىلىۋېتىش مەخسىدىدە زەھەرلىك چېكىملىك پىلانلىق، مەخسەتلىك شەكىلدە تارقىتىلىدۇ. بۇمۇ دىرىكتور مەھەللىنىڭ ياشلىرىدىن بىر توپىنى «جۇڭلاۋا باللا، مەن سىلەنى بىر مىھمان قىپ قوياي» دەپلا ھاراق ئەپ بېرىش شەكلىدە بولماي، خەلق ئارىسىدىكى قۇلاقلار ۋاسىتىسى بىلەن خۇددى يۇقۇرىدا دېيىلگەن، ئىلھام بېرىش، ئەقلىگە كەلتۈرۈپ قويۇش،سەمىگە سېلىش،... شەكلىدە تەدرىجىي كۆندۈرۈلۈدۇ. بۇ كۆپ ھاللاردا مۇستەملىكەمىللەتلەرنى مەنەۋىي جەھەتتىن تۈگەشتۈرۈش، مانقۇرتلارغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن قىلىنىدۇ. مەسىلەن، ئامېرىكا قىتئەسىدە بۇرۇنقى ھىندىيانلار شۇنداق چېرىتىلگەن. بۇ پەقەت خىروئىنلا بولۇشى ناتايىن. بارلىق كەيپ قىلغۇچى بويۇملارنىڭ ھەممىسى سىياسىي مەخسەتلەر ئۈچۈن پايدىلىنىشقا بولۇدۇغان خۇسۇسىيەتكە ئىگە. ئەگەر مەلۇم بىر رايوندا ھاراقنىڭ ئىستىمالى بۇلتۇرقىدىن جىددىي ئازلاپ كەتكەن بولسا، يېمەك-ئىچمەك شىركىتىدىنمۇ بالدۇرراق، ئىستىخبارات ئورگانلىرىدىكىلەرنىڭ چىرايى تاتىرىپ، دەرھال تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئادەم يوللىشى مۈمكىن. ھاراق ئىچىدىغانلارغا زادى نېمە بولدى؟ مەسجىتلەرگە قاتنايدىغان بولۇۋالدىمۇ؟ ياكى باشقا يېڭى بىر ئىشلارغامەركەزلەشتىمۇ؟ دېگەندەك...
قەيەردە دېگىنىم ئېسىمدە يوق، ئىلگىرىكى بىر يازمىشىمدا ئىستىخبارات ئويۇنلىرى ھەققىدە توختالغاندا بىر دۆلەتتىكى ئەڭ كىچىك، سېزىلمەس دەرىجىدىكى كەيپىيات ئۆزگۈرۈشلىرىنىڭمۇ ئۆزىچە مەيدانغا كەلمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ تېگىدە بىر ئىسختبارات خىزمىتىنىڭ قولى بولۇدۇغانلىقىنى ئېيتقانىدىم. مەسىلەن، بىردىنلا ھەشەمەتچىلىك، رېستۇرانتچىلىق قايناپ كەتكەن، مودا بولغان بولسا دېمەك بۇنىڭ ئاستىدىمۇ مۇشۇنداق بىر ئاسترتتىن يۆنلەندۈرۈش مەۋجۇت دېگەن گەپ. چۈنكى ھەرقانداق چەكتىن ئېشىشنىڭ نۇرغۇن زىيانلىرى بولۇدۇ. مەسىلەن، توي-تۆكۈن رەسمىيەتلىرىنىڭ مۇرەككەپلىشىشى، توي سېلىقىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشى تۆۋەن ۋە ئوتتۇرا سىنىپ ئۈچۈن ئېغىر كېلىپ، تامامەن ۋەيران بولۇشقا ئېلىپ بېرىشى مۈمكىن. ئىقتىسادىي جەھەتتىكى يېمىرىلىشنىڭ پىسخىك بېسىمى، يۈكى ھەممىدىن دەھشەت بولۇشى چوقۇم. يەنە بىرمۇنچىلار بولسا ھەتتا توي قىلىشقا ئامالسىز قالۇدۇغان ۋەزىيەت تۇغۇلۇدۇ. بۇ ھال يەنە بىرمۇنچە ئىجتىمائىي مەسىلە تۇغدۇرۇدۇ. ئومۇمەن، ھەشەمەتچىلىكنىڭ جىنايەتكە تۇققانچىلىقى بارلىقىنى كېسىپ ئېيتىشقا بولۇدۇ. بۇنى تەسەۋۋۇرىمىزدا تەجرىبە قىلىپ كۆرسەك، نۇرغۇن جىنايەت تۈرلىرىنىڭ ئىقتىسادىي سەۋەپلەرگە، جىنسىي سەۋەپلەرگە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.
     ئىستىخباراتنىڭ بۇنداق ئويۇنلارنى ئويناشتىكى ماھىرلىقى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى بۇرۇن بىر ئاز يازغانلىقىمدىن تەكرارلىغىم كەلمەيدۇ، شۇنى دېيىشىم مۈمكىنكى، بىر مىللەتپەرۋەرگە ئۆزىگە تۇيغۇزمايلا مىللىتى ساتقۇزۇلۇدۇ؛ ۋەتەنپەرۋەرگە ۋەتىنى ساتقۇزۇلۇدۇ. يەنى سىزگە ئەسلىدە تەبىئىتىڭىز ھىچ كۆتۈرمەيدىغان پەسكەش بىر ئىش قىلدۇرۇلۇدۇ. ھەتتا كۆڭۈل رىزاسى بىلەن! سىز بەزى كىشىلەرنى ھەجەپ نومۇسسىز ئەبلەخكەن، قانداقمۇ ۋىجدانى چىداپ، ئاشۇنداق ئىشنى قوبۇل قىلغاندۇ دەيدىغاندۇرسىز، ھەممىمىزنىڭ تۇرمۇشىدا ئۇچرايدىغان مۇشۇنداق تىپتىكىلەر بولۇدۇغۇ، ئەمما شۇنداق ئادەملەرنىڭمۇ ئاغزىدىكى پاراڭغا قارايدىغان بولسىڭىز، ئۇلارنىڭ مىللىي ھىسىيات دولقۇنلىرى سىزنى غەرق قىلىۋېتىدۇ. مىللىتىنى سۆيۈشتىن ئۆتۈپ چىشلىۋالغۇدەكلا ئامراق، (مىڭلارچە ئۆزۈر تىلەيمەنكى، مەن بۇگەپلەرنى ئومۇمىي تېما نۇقتىسىدىن دەۋاتىمەن، ھېچكىم ۋە ھىچكىم ئۆزىگە ئېلىۋالمىغاي، ياكى باشقىلار. ھەتتا باشقىلاركۈشكۈرتكەن تەقدىردىمۇ قىزىپ كەتمىگەيسىز. ئەمما ئىستىخبارات بەكلا دەھشەت بىر كەسپ) ئىستىخبارات دۆلەت دەستەكلىك بىر قۇرۇلۇش، بارلىق ئىمكانلارغا ئىگە، شۇ كەسپنى ئوقۇغان ئادەملەر، شۇ كەسپنىڭ نېنىنى يەيدىغان ئادەملەر ئىشلەيدۇ. شەخسلەر، ئىنتايىن چەكلىك ئىمكانلارغا ئىگە، ئەسلىنى دېسە ئىمكانسىزلىقلار ئىچىدە تىپىرلاپ تۇرۇدۇ. ئۇنداقكەن، ھۆل خىشقا دەسسىمەيدىغىنىمىز يوق. پەقەت دەسسەش دەرىجىمىز، دەسسەش تۈرلىرىمىز پەرقلىق بولۇدۇ. مەن ئىلگىرى بىر مىسال بەرگەن ئىدىم. سۈرىيەلىك بىر مىنىستېرنىڭ ياۋروپاغا ئوقۇشقا چىققان بىر تۇققىنى ئۆزىمۇ سەزمەستىن موسسادقا(يەھۇدىي ئىستىخبارات تەشكىلاتىغا) ئىشلەپ قالۇدۇغان. نىيەتلا بولسا يول تېپىلىدۇ. دېمەك، ئىستىخبارات ئويۇنلىرىغا تەڭكەش قىلىشتىن ھىچبىرىمىز خالى بولالمايمىز.ئەمما، بىچارە مىللىتىمىزدە خېلى ئۇقۇمۇشلۇق ئىنسانلارمۇ، دۇنيا سەھنىسىدە بولۇۋاتقان ئويۇنلار ھەققىدە كىچىك بالىلارمۇ تەستە ئىشىنىدىغان بولۇپ كەتكەن، بەك ئادەتتىكى تۈرلەردىمۇ گوللۇق ئىپادە قىلىۋاتقىنى ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق!

ئىسلامنىڭ سىياسىي ئىسلام دەيدىغان تۈرى بارمۇ؟
     ئەمدى كېلەيلى، ئاشقۇنلۇق، «مانا شۇ ئاشقۇنلۇق تۈپەيلىدىن قانلار تۆكۈلۈۋاتىدۇ»دېگەن قايناشلارغا. نېمە ئۇ ئاشقۇنلۇق دېگەن؟ رادىكالزىممۇ؟ رادىكاللىق، مەلۇم قاراشتا بەك چىڭ تۇرۇۋېلىش، قىلچىمۇ مۇرەسسەگە يول بەرمەسلىكتۇر. بۇ نۇقتىدا ئەگەرئىراق-شام ئىسلام دۆلتى ئاتالغان گورۇھ، رادىكال ئىسلامچى، ئاشقۇن ئىسلامچى دېيىلسە، ئىسلامغا ھاقارەت بولۇدۇ. ئۇلارنىڭ ئاشقۇنلۇقى تۇرۇپ تۇرسۇن، ئەقەللىي ئىسلام پىرىنسىپلىرىغىمۇ ئەمەل قىلمايۋاتسا، قانداقمۇ ئۇلار رادىكال بولسۇن؟ئىسلام ئۈچۈن رادىكاللىق دېيىلىۋاتقان، رادىكال دېيىلسىلا ئەقىلگە كېلىدىغىنى نېمە؟ دىنىي ئەقىدىلەردە بەك چىڭ تۇرۇۋېلىشمۇ؟ ئۇنداق بولسا ھەممىمىز رادىكال بولۇشىمىز كېرەككى، ھازىر يېتەرلىك رادىكال بولالمايۋاتىمىز، ھەم جىمى بەختسىزلىكمۇ دەل مانا شۇنىڭدا بولۇۋاتىدۇ. بۇنداق، ئاشقۇنلۇق، ئەسلىيەتچىلىك لاپلىرىنى كۆتۈرۈۋالغانلارنىڭ يەنە بىر گېپى «سىياسىي ئىسلام»! سىياسىي ئىسلام ئومۇمەن رادىكاللار، ئەسلىيەتچىلەر بىلەن بىر تۈردە ماڭىدۇ. شۇنداق قوللۇنۇلۇۋاتىدۇ.
     ئىسلامنى چۈشەنمەيلا، ئىسلام سىرتى كۈچلەر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغاقويۇلغان ئاتالغۇلارنى گويا بىلىملىك ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىمىش كەبى كۆتۈرۈۋالۇدۇغان ئەپەندىلەر، ئاڭلاپ قويۇڭلار، ئىسلام دىنى سىياسىي بولماي نېمىدۇ، سىزنىڭچە؟ ئىسلام دىنى پۈتۈن دۇنيانىڭ، دۇنيا ئىنسانلىرىنىڭ ھەركەت مىزانى. بۇ ئىسلام دىنى ھەققىدىكى ئەڭ توغرا تەرىپ. ئىسلامنى بۇددادىكىدەك، تاغنىڭ تۆپىسىگە بۇتخانا قىلىۋېلىپ، شۇ يەردە نوم ئوقۇپ، جەمىيەتتىن ئايرىلغان ھالدا نېرۋاناغا يېتىمەن دەپ ئولتۇرۇدۇغان تىپتە چۈشۈنۈۋالغانلار تەقلتچىلىك چۈشەنچىسى ئىچىدە. خىرستيانلىقنىڭ موناسترىدا قامىلىۋېلىپ، ئىچىدە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇدۇغانغا ئوخشۇتۇۋالغانلارمۇ خاتالىشىدۇ. ئىسلام ھاياتنىڭ ھەممە ساھەسىدە، تاغدا، خىلۋەتتە ئەمەس، ئىنسانلارئىچىدە. شۇنداقلا، ئىسلامدا دېيىلىۋاتقان ئىبادەت، پەقەتلا ناماز ئوقۇش ئەمەس.ئىسلامدا ئىبادەت دېگەن نېمە؟ دېگەن سوئالنىڭ ئۆلچەملىك جاۋابى: ئاللاھ رازى بولۇدۇغان جىمىكى ئىش-ھەركەتلەر ئىبادەتتۇر! ئۇنداقتا سىز، ھالال ئىشلەپ، ھالالدىن تېپىپ باللىرىڭىزنى باقسىڭىزمۇ ئىبادەت قىلغان بولۇسىز. بۇ دېگەنلىك، نامازنىڭ ئورنىغا ئۆتۈدۇ، دېگەنلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە. چۈنكى ناماز ئىماننىڭ تۈۋرۈكى دېيلىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ راپورت بەرگەنگە ئوخشاش بىر ئىش. ئاللاھ بىلەن بىۋاسىتە مۇلاقاتتا بولۇپ، بىزنى كۆرۈپ تۇرۇدۇغانلىقىغا ئىشەنگەن ھالدا ھىساپ بېرىش ۋە ھەممە ئىشنىڭ سورىقى بارلىقىنى، جاھاننىڭ ئىگىسى بارلىقىنى ئۆز-ئۆزىمىزگەئەسلىتىپ تۇرۇش مەشغۇلاتىدۇر.
      قىسقىسى، ئىسلامنىڭ سىياسىي ئىسلام، سىياسىي ئەمەس ئىسلام دەيدىغان تۈرلىرى يوق. بۇ شۇنداق ئېتىقاتكى، تۇرمۇشىمىزنىڭ جىمى بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغىچەسىڭگەن، شۇنداقلا سىڭدۈرۈلۈشى تەلەپ قىلىنىدىغان دىندۇر. مودا بولۇۋاتقان، دىننى دۆلەتتىن ئايرىۋېتىش، دىننى سىياسىدىن ئايرىۋېتىش دېگەنلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلار بۇنىڭ ئىسلام ئۈچۈن توغرا كېلىدىغان كەلمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆرمەيلا مودا قوغلىشىۋاتقانلاردۇر. چوڭ ئىشلارغا ئارىلىشامدۇ يوق، قويۇپ تۇرۇپ، ئەڭ كىچىك،ئەڭ ئېتىبارسىز قارىلىدىغان ئىشلاردىن ئىككى مىسال بېرەي: ئىسلام خالاغا كىرىشتەسول ئاياق بىلەن كىرىپ، ئوڭ ئاياق بىلەن چىقىشنى بۇيرۇيدۇ؛ ئاياق كەيگەندە ئوڭدىن باشلاش، سالغاندا سولدىن باشلاشنى بۇيرۇيدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى تەسەۋۋۇر قىلالايسىزكى، ئىسلام سىزنىڭ ھاياتىڭىزنىڭ ئىچىدە، ئىجتىمائىي توپىڭىز ئىچىدە قان بىلەن گۆشتەك،ھەممە بۇلۇڭ-پۇشقاققىچە كىرىشىپ كەتكەن. ئائىلىدىن دۆلەتكىچە ھەممە ئىشىڭىزنىڭ پىرىنسىپىنى، قائىدىسىنى سۇنغان بىر دىندۇر. ئىسلامنىڭ ئۆزى سىياسىيدۇر. ئەمما ئۇئاللاھ بەلگىلىگەن سىياسىي بولۇش سۈپىتىدە يوقۇرىدا دېيىلگەنلەردەك شەرمەندىلىكلەردىن خالىي، ئەڭ توغرا سىياسىي، توغرا ئىدىئولوگىيە، توغرا مەسلەك،توغرا يولدۇر. ئۇنى «ئايرىۋېتىش»لەر نەگە ئېلىپ بارىدۇ؟ كۆرۈنۈپ تۇرغىنىدەك،ئىمانسىزلىققا ئېلىپ بارىدۇ. ئەگەر كىمدە كىم ئايرىۋەتسىمۇ بولۇدۇغان بىرەر ساھە كۆرسەتسە مەن جاۋاپ بېرىشكە تەييارمەن.
     يەنە شۇنىمۇ دەپ قوياي، توردا بەزى ئاتالمىش دىندارلارنى پەم ئەتتىم. ئۇلارنىڭ دىن دەپ كۆتۈرۈۋالغىنى مۇتىئەسسىپلىكتۇر. ئىسلام ئەسەبىيەتچىلىككە، خۇراپاتقا ئوخشاشلا قارشى. مانا بۇ تىپتىكى چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىشلەر ئىسلامدا قارشى ئېلىنمايدىغان تىپتىن. ئىسلامنىڭ يولى ھەرقاچان ئوتتۇرا يولدۇر. ھەرقاچان ئوتتۇراھاللىقنى ساقلاش سۈننەتكە ئۇيغۇن. (ھەدىستە كۆرسۈتۈلگەن). بۇنداق ئەسەبىيەتچىلەر مىللەت دېمەيمىز، ۋەتەن دېمەيمىز دەيدىغانلار بولۇپ، بۇلارنىڭ دەۋاتقانلىرى ئىسلام دىنىمۇ؟ ئەرەپ قۇلچىلىقىمۇ ئايرىغىلى بولماي قالۇدۇ. ئىسلام ئەرەپلەرنىڭ مۈلكى ۋە بىزگە ئەرەپلەر بىرئاز ئىلتىپات قىلغان نەرسە ئەمەس، ئىسلام پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مىزانى. شۇڭا بۇنداق قۇلچىلىق بەكمۇ ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولۇدۇ. رەسۇلىللاھ ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ قەۋمى بىلەن باشقا قەۋملەر ئارىسىدابولغان بىر ئۇرۇشنى تىلغا ئالغاندا، «ئەگەر شۇ چاغدا بولغان بولسام، مەنمۇ ئۆزقەۋمىم تەرەپتە تۇرۇپ ئۇرۇش قىلغان بولاتتىم» دېگەن. ئۆز قەۋمىنى سۆيۈش ئىسلامداچەكلەنگەن ئىش ئەمەس. پەقەت گىتلېرچە ئېرقچىلىققا يول يوق. شۇنى تەكىتلەيمەنكى،ئىسلام ئۆيدىكى باللىرىنى ئاچ قويۇپ تالادىكىلەرگە ياخشىلىق قىلىشنى بۇيرىمايدۇ.مۇھتاج تۇرۇپ يەنىلا بېرىش پەزىلەت سانالسىمۇ، ۋەزىپە، پەرز ئەمەس. سىلە-رەھىمنى، زاكاتنى ئۆز ئائىلىڭىزدىن باشلايسىز، ئائىلىڭىزدىن كېيىن تۇققانلارغا، قوشنىلارغا، يۇرتلۇقلارغا... مانا شۇنداق كېتىدۇ. مىللەت ئۆزى خاراپلاردىنمۇ خاراپ تۇرۇپ،خەقنى قۇتقۇزۇشقا چاقىرىلمايدۇ.
     يازغانلىرىمنىڭ ئېشىپ كەتكەن (يەنە ئاشقۇنلۇققا كەلدى) تەرەپلىرى ئۈچۈن ئۆزۈر تىلەيمەن. خۇسۇمەتلەرگە، يېڭى زىددىيەت توقۇنۇشلىرىغا باھانە بولۇپ قالسا دەرھال ئۆچۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلىمەن. توغرا تەرىپى بولسا، پايدىلىق تەرىپى بولساپايدىلانغايسىلەر. بولمىسا نەزەردىن ساقىت قىلغايسىلەر. سىياسىي ئويۇنلار ھەققىدەئىستىخبارات ھەققىدە ئىلگىرى كۆپ توختالغىنىم ئۈچۈن، بۇ يەردە تەپسىلىي توختۇلۇشتىن بىزارلىق ھىس قىلىش تۈپەيلى، تومتاقلىق خاتالىقى ئۆتكۈزگەن بولۇشۇم تەبىئىي. كەچۈرگەيسىلەر.

0

تېما

0

دوست

32

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   10.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34242
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 10
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:29 |ئايرىم كۆرۈش
ياخشى يوللانغان تىما كەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

685

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26835
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 204
توردىكى ۋاقتى: 69
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-17
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:52 |ئايرىم كۆرۈش
ئەسسىلامۇ -ئەلەيكۇم، ياخشى يىزىپسىز بۇ مەزمۇنلارنى ئۇقۇپ ئىڭىمدىن ئۆتكۈزەلمەيۋاتقان بەزى سۇئاللارغا جاۋاپ تاپقاندەك بۇلدۇم، مەنمۇ ئىسلام دۆلىتىگە ئائىت بەزى بىر ماتىرياللارنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ چىكىدىن ئاشقان ، پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىگە خىلاپ بەزى بىر ئىشلىرنى ئۇقۇپ ھەيرىن قالغانتىم ھەم كاللامدىن ئۆتلۈزەلمىگەنتىم، ھەر ھالدا بەزى بىر جاۋاپلارغا ئىگە بۇلۇپ قالدىم

3

تېما

1

دوست

1203

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   20.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7407
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 218
تۆھپە : 240
توردىكى ۋاقتى: 135
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-17
يەر
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:06 |ئايرىم كۆرۈش
ياخشى يازمىكەن. مۇمكىن بولسا ئىلگىرى يازغان يازمىلىرىڭىزنىڭ ئۇلىنىش ئادىرىسلىرىنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز.يەنە كىتابلىرىڭىز ھەققىدە ئىزاھات بەرگەن بولسىڭىز.

2

تېما

4

دوست

7247

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   44.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3054
يازما سانى: 400
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1131
تۆھپە : 1465
توردىكى ۋاقتى: 440
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-17
5#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:29 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى 2 قېتىم ئوقۇپ چىقتىم.



ياخشىلار ئامان بولسۇن.

0

تېما

1

دوست

1454

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   45.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5956
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 439
توردىكى ۋاقتى: 188
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-17
6#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:48 |ئايرىم كۆرۈش
خەتكۈچ!

0

تېما

0

دوست

1209

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   20.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31294
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 388
توردىكى ۋاقتى: 76
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-17
7#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:05 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alaqehan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-16 11:53  

..........

تۈمەن ئۆركىشى

14

تېما

50

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   19.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4025
يازما سانى: 1545
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1636
تۆھپە : 4244
توردىكى ۋاقتى: 767
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-17
8#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:09 |ئايرىم كۆرۈش
سەۋېىيلىك ئەسەر . ئامېركىلىق يازغۇچى ،تەتقىقاتچى سەيمىل خانتىڭتون بىر يەردە قاپتۇ ...
مۇنبەرداشلارنىڭ ئىنكاس يازغاندا قىزىققانلىق قىلماسلىغىنى ئۈمىد قىلىمىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )