گۆشنى كۆپ يىيىشكە بولماسلىقىنىڭ 3 -خەتەرلىك سەۋەبى
ئابدۇۋەلى تۇرسۇن
(بىڭتۇەن مىللىي پېداگوگىكا مەكتىپى )
ئىككى يىلدىن بېرى داۋاملىق ھالدا مۇنداق بىر مەسىلىنى ئويلاپ كېلىۋاتقان ئىدىم : قوي ، كالا قاتارلىق گۆش ھايۋانلىرى ئىنسانلارنىڭ ئوزۇقلىقى ئۈچۈن يارىتىلغانمۇ ياكى ئۇلار ئەسلىدە باشقا ھايۋانلارغا ئوخشاش تەبىئەت دۇنياسىنىڭ باراۋەر ئەزالىرىمۇ؟ بۇنداق ئويلىشىمغا سەۋەپچى بولغىنى گۆش يىمەيدىغانلار(vegetarian) قانات يايدۇرۇۋاتقان ، ئادەملەرنىڭ ئۆزىنىڭ گۆش يىيىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ھايۋانلارنى ئۆلتۇرۈشكە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەركەتلىرىنىڭ تەسىرى ۋە بۇ ھايۋانلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن چاغدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھالىتى ئىدى . ئۇندىن باشقا يەنە ئۆزەمنىڭ تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا گۆشنى كۆپ يىگەندە بەدەندىكى توكسىن مىقدارىىنىڭ گۆش يىمىگەنگە قارىغاندا كۆپ ئېشىپ كېتىدىغانلىقى ، بۇنى چىقىرىپ تازىلاپ تۇرمىىغاندا ئادەمنىڭ كېسەل بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەنلىكىم ئىدى . دەل مۇشۇنداق ئويلاپ يۈرگەندە يېقىندا بىر ماتېرىيالنى كۆرۈپ قالدىم . ئۇنىڭدا مېنىڭ ئۆزەمنىڭ ھېس قىلغان يۇقىرىدىكى قارىشىمنىڭ توغرىلىقى ئىلمىي چۈشەندۇرۈلۈپلا قالماي ، تېخىمۇ كۈچلۈك يەكۈنلەر چىقىرىلغان ئىدى .
ھەممىمىزگە مەلۇمكى بىزنىڭ ئادەتتە قاتتىق ئاچچىقىمىز كەلسە بەدىنىمىزدىكى زەھەر مىقدارى ئېشىپ كېتىدۇ . بۇ بەزى ئەزالارغا ناھايىتى زىيانلىق . شۇنىڭغا ئوخشاش قوي ، كالا قاتارلىقلار ئۆلتۈرۇلگەندىمۇ ئۇلاردا قاتتىق قورقۇش ، غەزەپلىنىش ، كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسىتىش تەسىرىدە ئۇلارنىڭ تېنىدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ناھايىتى كۆپ خىمىيەلىك رېئاكسىيە يۈز بېرىپ ، گۆشىدىكى زەھەر مىقدارى ئادەتتىكىدىن نەچچە ھەسسە ، ھەتتا نەچچە ئون ھەسسە ئېشىپ كېىتىدىكەن . گۆش ئەمەلىيەتتە زەھەرلىك يىمەكلىككە ئايلىنىپ كېتىدىكەن . بۇنداق گۆشنى يىيىش تەبىئى ھالدا ئادەم بەدىنىكى زەھەر مىقدارىنىڭ ئىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن . بۇ ئادەمنىڭ سالامەتلىكىكىگە سەل قارىغىلى بولمايدىغان ناچار تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدىكەن . شۇڭا بەدىنىمىزنىڭ توكسىندىن خالى تۇرۇشى ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى گۆشنى يىمەسلىك ياكى بەك ئاز يىيىشىمىز كېرەككەن .
ئۇنىڭدىن باشقا گۆش- ماينى كۆپ يىيىشنىڭ قاندىكى ماي تەركىۋىنى ئاشۇرۇۋېتىپ ، قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ، سالامەتلىكنى ئاسراش ئۈچۈن گۆش - مايلارنى كۆپ يىيىشكە بولمايدىغانلىقىنى ھازىر دېھقانلارمۇ بىلىدىغان بولۇپ كەتتى . يۇقىرىدىكى ئىككى نۇقتا بىزنىڭ گۆشنى ئاز يىيىشىمىزنى تەشەببۇس قىلىشىمىزنىڭ مۇھىم سەۋەپلىرى بولىدۇ . لېكىن سىز بۇرۇن گۆشنى ئاز يىيىش ياكى يىمەسلىك ئارقىلىق بىزنىڭ ئانىمىز بولغان يەر شارىنى قوغداشقا ناھايىتى چوڭ تۆھپە قوشقىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باققانمىدىڭىز ؟ مېنىڭچە بۇنى بىلىدىغانلار ئاساسەن بولمىسا كېرەك . شەخسەن مەنمۇ مۇشۇ ماقالىنى ئوقۇغىچە ئاشۇ بىلمەيدىغانلار ئىچىدە ئىدىم . تۆۋەندە بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۇرۈپ ئۆتىمەن .
يېقىندا يىغىلىپ قالغان ئىنگىلىزچە گېزىتلىرىمنى كۆرۈۋېتىپ ، ‹‹يىمەك - ئىچمەك ئادىتىمىزنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق يەر شارىنى قوغداپ قالغىلى بولىدۇ ››(Dietary change could save planet ) دېگەن ماقالىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى . ئوقۇپ بېقىش ئارقىلىق بۇنىڭ مەزمۇنىنىڭ ھەقىقەتەن بىز ئويلاپ باقمىغان يولدا يەر شارىنى قوغداش ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى ، ئۇنى بىزنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە بىلدۇرۈپ قويۇشنىڭ مەلۇم ئەھمىيىتى بارلىقىنى ھېس قىلىدىم .تۆۋەندىكىسى ئاشۇ ئىنگىلىزچە ماقالىنىڭ ئەينەن تەرجىمىسى .
____________________________________________________________
يىمەك ئىچمەك ئادىتىمىزنى ئۆزگەرىش ئارقىلىق يەر شارىنى قوغداپ قالغىلى بولىدۇ
( Dietary change could save planet )
سىز مۇھىتقا قارىتا دوستانە بولغان تۇرمۇش ئۇسۇلىدا ياشاپ كېلىۋاتىسىز : سۇنى ئىسراپ قىلمايۋاتىسىز ، ئىشقا ۋەلسىپىت بىلەن بارىسىز ، توك ماشىنىسى سېتىۋېلىش ئۇچۈن پۇل يىغىپ كېلىۋاتىسىز . لېكىن سىز گۆشنى ئاز يىيىش ئارقىلىق مۇھىتقا ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشكە ھەقىقى تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقىڭىزنى بىلەمسىز ؟سالون (Salon )دىكى يېقىنقى بىر ماقالىدا دىيىلىشىچە ئەمەلىيەتتە يەر شارىنى قوغداشتا گۆش يىمەسلىكنىڭ رولى ماشىنا ھەيدىمەسلىككە قارىغاندا بەك كۆپ بولىدىكەن .
بۇ يەكۈن گۆش ئىشلەپچىقىرىشنىڭ كەينىدىكى غايەت زور مۇھىت مەسىلىلىرىنى ھېساپلاپ چىققاندىن كېيىنكى بىر يېڭى تەتقىقاتتىن چىقىرىلغان.
ئامېرىكا ‹‹ مەملىكەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى ›› نىڭ 7 - ئايدىكى بىرقانچە سانىدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە گۆش ھايۋانلىرىنى بېقىش كىلىمات ئۆزگىرىشىگە سەۋەپچى بولىدىغان ، ۋەيران قىلىش كۈچى ئەڭ زور بولغان ئامىللارنىڭ ئىچىدىكى بىرىكەن . ئۇ ھاۋانى ، سۇ يوللىرىنى بۇلغايدىكەن ھەم بىرلىك يەر ئىشلىتىش كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان كەسپكەن .
نۆۋەتتە يېزا ئىگىلىكى يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئاساسىي ئامىل . ئۇ بۇلغىما گازنىڭ% 15 نىڭ سەۋەپچىسى بولۇپ ، بۇنىڭ يېرىمى گۆش ھايۋانلىرىدىن كېلىدىكەن .
پايدا كۆزلىمەيدىغان ئورگان بولغان ‹‹خەلقارالىق يېزا ئىگىلىكى سودا بىرلەشمىسى تەتقىقات مەركىزى ››نىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا ، گۆش ھايۋانلىرىنى بېقىش جەريانىدا پەيدا بولىدىغان پارنىڭ گازىدىن باشقا ئورماننىڭ كېسىلىشى(ھايۋانلارغا ئوتلاق يەر بەرپا قىلىش ، بېقىش ئۇچۈن يەم خېشەك تېرىشقا يەر ھازىرلاش ئۈچۈن ئورمان كېسىلىدۇ ) نىڭ %75سەۋەپچىسى سانائەتلەشكەن گۆش ھايۋانلىرى قۇرۇلۇشى ئىكەن . ئامېرىكىنىڭ گۆش ئىشلەپچىقىرىش سېستىمىسىغا قارىتىلغان ئەڭ يېڭى بىر تەتقىقاتنىڭ بايقىشىچە ، كالا بېقىش باشقا ھەرقانداق گۆش ھايۋانلىرىنى بېقىشقا قارىغاندا مۇھىتقا پايدىسىزكەن . بۇ تەتقىقاتقا قارىغاندا كالا گۆشى ئىشلەپچىقىرىشتا قويۇپ برىلىدىغان پارنىڭ گازىنىڭ مىقدارى ئۆي قۇشلىرى گۆشى ، چوشقا گۆشى ، تۇخۇم ھەم سۈت ئىشلەپچىقىرىشتا پەيدا بولىدىغان پارنىك گازىنىڭ ئوتتۇرىچە سانىنىڭ بەش ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدىكەن . ئۇنىڭ يەر ئىشلىتىش كۆلىمى يۇقىرىدىكىلەرنىڭ 28 ھەسسىسىگە ، سۇ ئىشلىتىش مىقدارى بولسا 11 ھەسسىسىسىگە ، سەمرىتىش يېمى يۇقىرىدىكىلەرنىڭ 6 ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىكەن .
‹‹ the guardian›› دىكى ماقالىگە ئاساسلانغاندا ، دۇنيادا ھازىر تەخمىنەن 1.5 مىليارد بېقىلىۋاتقان گۆش كالىسى بار ئىكەن . ئۇلارغا ھەركۈنى 170 مىليارد لىتىر سۇ ۋە 61 مىليارد كىلوگىرام يىمەكلىك كېتىدىكەن . سېلىشتۇرۇپ باقساق ھازىر دۇنيادىكى 7.1 مىليارد ئادەم ھەر كۈنى تەخمىنەن 19.5 مىليارد لىتىر سۇ ۋە 9.5 مىليارد كىلوگىرام يىمەكلىك ئىستىمال قىلىدىكەن .
‹‹ the atlantic ›› دا كۆرسىلتىلىىشىچە ئامېرىكىلىقلار گۆش ئىستىمال قىلىشتا دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان بولۇپ ، كالا گۆشى بولسا ئامېرىكا گۆش بازىرىدىكى ئاساسلىق مالكەن .
ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەبىئى پەن ۋە مۇھىت ئىلمى پروفېسسورى مايكىل پولىن (Michael Pollen )گۆش مىقدارى جىق بولغان يىمەك - ئىچمەك ئادىتىنىڭ دۇنياغا يامراۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋېتىپتۇ .‹‹ ئەگەر جوڭگو بىزدىكى ھازىرقى نىسبەت بويىچە گۆش ئىستىمال قىلىش يولىدا ماڭسا - دەيدۇ پولىن‹‹ the atlantic ›› دا - بىزگە غايەت زور مەسىلە كەلتۈرىدۇ . چۈنكى ئۇنىڭغا سەرپ قىلىنىدىغان بايلىق بەك زور ››.
2050- يىلىغا بارغاندا يەر شارىدا 9.6 مىليارد نوپۇش بولىدۇ . ھازىرقى نىسبەت بويىچە ئۇ چاغقا بارغاندا 3 مىليارتتىن ئوشۇق گۆش ئىستىمال قىلىغۇچى - بۇ ھازىرقىنىڭ 2 ھەسسسىگە تەڭ -بار بولىدۇ . بۇ ھايۋانلارنىڭ فرمىسىنى ياساش ئۈچۈن لازىم بولىدىغان يەرنى ئېچىش ۋە ئۇلارنى بېقىش ئۈچۈن لازىم بولىدىغان يەم - خېشەك ئىشلەپچىقىرىش ئۇچۈن ئورماننى كۆپ مىقداردا كېسىش كېرەككەن . بۇ ھايۋانلار سەۋەپلىك پەيدا بولغان ئىسراپچىلىقنى بىر تەرەپ قىلىش تېخىمۇ چوڭ مەسىلە بولۇپ قالىدىكەن .
‹‹ guardian›› دىكى بىر ئىستون ياشلارنى يەر شارىنى قوغداش ئۈچۈن گۆش يىيىشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلغان . بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى Travis MCKnight گۆشنى ئاز يىيىش ئۈچۈن يەر شارى خاراتىرلىك ھەركەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىش لازىملىقىنى ، گۆشسىز دۇشەنبە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ ئورنىغا گۆشلۈك دۈشەنبە تۇزۈمىنى دەسسىتىشىمىز كېرەكلىكىنى يەنى ھەپتىدە پەقەت بىر كۈنلا گۆش يىيىشىمىز كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ .
نىمىشقا ياشلار شۇنداق قىلىشى كېرەك؟چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ۋە شەخسى تاللىشى ئارقىلىق ھەقىقى ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلەلەيدىغان پۇرسىتى ۋە مەسئۇلىيىتى بار دەيدۇ Travis MCKnight .
ئۇ گۆش ئىستىمالىمىزنى ئازايتىشنىڭ ماشىنا ئىشلەتمىگەنگە قارىغاندا مۇھىت ئاسراشتا تېخىمۇ ئۈنۇملۈك بولىدىغانلىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن بىر ھېساباتنى ئشلەتكەن . تەتقىقاتلارنىڭ كۆرسىتىشىچە ئىنسانلار ئۆزىنىڭ گۆش ئىستىمالى ئۈچۈن ھايۋانلارنى بېقىشى ماشىنا ، كېمە ، ئايرۇپىلان ، ۋە پويىزلاردىن قويۇپ بېرىلىدىغان كاربون تۆت ئوكسىدنىڭ ئومۇمى مىقدارىدىن تېخىمۇ كۆپ بولغان پارنىڭ گازى پەيدا قىلىدىكەن(مېتان ۋە نايچېس ئوكسايد( nitrous oxide ) پەيداق قىلىش ئارقىلىق) .
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2006 - يىلىىدىكى بىر يىمەكلىك دوكلاتىغا قارىغاندا 20 يىل ۋاقىت ئىچىدە مېتاننىڭ كىلىماتنى ئۆزگەرتىۋېتىش يوشۇرۇن كۈچى كاربون تۆت ئوكسىدنىڭ 86 ھەسسىسىگە ، نايچېس ئوكسايد ( nitrous oxide ) نىڭ كىلىماتنى ئۆزگەرتىۋېتىش يوشۇرۇن كۈچى بولسا كاربون تۆت ئوكسىدنىڭ 268 ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىكەن . ئاتموسفېرادىكى مېتان ۋە نايچېس ئوكسايد( nitrous oxide)نىڭ مىقدارىنى راۋۇس ئازايتىشنىڭ پارنىك گاز ئېففېكتىنى تۆۋەنلىتىشكە بولىدىغان تەسىرى بىر نەچچە ئون يىل ئىچىدىلا كۆرۈلىدىكەن . ۋاھالەنكى بىرەر ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىمەن دەپ كاربون تۆت ئوكسىدنى ئوخشاش مىقداردا ئازايتىش ئۈچۈن بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت كېتىدىكەن .
ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نەچچە ئون مىڭ ئادەمنىڭ كۈندىلىك يىمەك -ئىچمەك ئادىتىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا ، گۆشنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ يىمەك ئىچمىكى پەيدا قىلىدىغان كىلىماتنى ئىسسىتىۋېتىش گاز مىقدارى كۆكتات يەيديغانلارنىڭ يىمەك-ئىچمىكى پەيدا قىلىدىغان كىلىماتنى ئىسسىتىۋېتىش گاز مىقدارىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىكەن .
نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا گۆش يىيىشنى تاشلاتقۇزۇش بەك تۇيۇقسىز تېگىدىغان زەربە بولغاچقا ئۇنداق قىلىش مۈمكىن بولماسلىقى مۈمكىن .ئۇلار ھېچ بولمىغاندا دەسلەپتە كالا ، قوي قاتارلىقلارنىڭ قىزىل گۆشىنى توخۇ ۋە بېلىققا ئالماشتۇرۇپ بېقىشنى ئويلاشسا بولىدۇ . توخۇ ۋە بېلىق بېقىشنىڭ مۇھىتقا بولغان پاسسىپ تەسىرى كۆپ ئاز بولىدۇ .ئامېرىكىدا چىقىدىغان‹‹ Preventive medicine ›› ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر يېڭى تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا بېلىقنى كۆپ يىيىش يەنە مېڭىڭىزنى توق ، كۈچلۈك ، ۋە تېخىمۇ ماسلىشىشچان قىلىدىكەن .
‹‹ the atlantic ›› نىڭ دوكلادىغا قارىغاندا بۇ تەتقىقات يەنە داۋاملىق بېلىق يەپ تۇرىدىغانلارنىڭ مېڭىسى يىمەيدىغانلارغا قارىغاندا سىغىمچان بولىدىغانلىقىنى بايقىغان . بۇ تەتقىقات شۇنى قەيت قىلغانكى بۇنداق قىلىش ئۇلارنى شەيئىلەرنى تونۇش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەش خەۋپى ۋە دېۋەڭلىك كېسىلى خەۋپىدىن ساقلايدىكەن .
______________________________________________________________________________________
ھازىر ھەممە ئىشتا ئادەمنى ئاساس قىلىشنى تەكىتلەۋاتىمىز . بەزىلەر بۇ سۆزنىڭمۇ كەمچىلىكى بار دەۋاتىدۇ . يەنى ھەممە ئىشتا ئادەمنىلا ئاساس قىلىۋالماي ، ھايۋانلارنىمۇ مۇۋاپىق ئويلاپ قويۇش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ . يۇقىرىدىكى ماقالىنىڭ روھى بويىچە ئادەم ئۆزىنىلا ئاساس قىلىپ ، پاراۋانلىق ئۈچۈن ھە دەپ گۆش ئىشلەپچىقىرىدىغان بولسا ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە كېرەكتىن چىقىرىدىغانلىقى ئېنىق بولدى . شۇڭا ئۆزىمىزنى ، كەلگۈسى ئەۋلاتلارنى ئويلاپ بولسىمۇ گۆش يىيىش ئادىتىمىزنى مۇۋاپىق ئۆزگەرتەيلى .
2015 - -يىلى 2- ئاينىڭ 19-كۈنى.
ئەسكەرتىش : نايچېس ئوكسايد ( nitrous oxide ) نىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇسىنى بىلەلمىدىم . بىلىىدىغان يولداشلارنىڭ تولۇقلاپ قويۇشنى سورايمەن .
مەنبە : ئىنگىلىزچە 21st century, 20140820 |