- تىزىملاتقان
- 2014-6-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2435
- نادىر
- 1
- يازما
- 48
ئۆسۈش
14.5%
|
ئۈچ قارىي
(مېھراب تۇيغۇلىرى)
ئابدۇرەھمان ئەفغانىي
A
يۇقىرىنىڭ غەرەز بىلەن باش لىڭشىتىشى بۈگۈن مېنى بۇ مەسچىتنىڭ ئىمامى قىلدى. بېشىمغا بۇ ئەمەلنىڭ قالپىقىنى سېپىش ئەلۋەتتە ئاسانغا چۈشمىدى. بىرمۇنچە پار - پۇرلاردىن تەمىنلىگەنىدىم، ئاندىن بۇ ھوقۇققا تەيىنلەندىم. بولمىسا نەدە بۇنداق توڭگۇزتەلەي؟
شام نامىزىدىن بىر سائەت بالدۇر تاھارەت ئېلىپ، بۇرۇن كالىنىڭ مۆرىشىدىنمۇ سەت ئىشتىلىدىغان مۇئەززىننىڭ پوقاق ئاۋازىنى بۈگۈن زارىقىپ كۈتتۈم. مەن بىر تەرەپتىن ۋاقىتنىڭ بەك - بەك ئاستا مېڭىۋاتقانلىقىدىن ئاغرىنساممۇ، ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ھاياجانلىق مېنۇتلارنىڭ مۇشۇنداق تاشپاقىدەك ئالدىرىماي ئۆمىلىشىنى ئارزۇلايتتىم.
كۈن ئۇپۇققا تەلتۆكۈس پېتىپ، پەرقلىق تۇيغۇ ئەمما پەرقسىز قانۇنىيەت بىلەن نامازشامنىڭ ۋاقتى كىردى. شۇ تاپتا خاھىشسىز مەسچىت تامان سۈرۈلۈۋاتقان قەدەملىرىمنى ئەسلا كونترول قىلالمايتتىم. ئىشقىلىپ بۇ خىل تاتلىق دەملەرنىڭ لەززىتىنى پەقەت مەندەك مۆرىسىگە تەلەي قۇشلىرى قونغان ساھىبقىرانلارلا ھېس قىلالايدۇ.
ئەمەلىيەتتە بۈگۈن ئىمام بولۇشىمنى تۆت كۈن بۇرۇنلا سېزىپ بولغانىدىم. شۇڭلاشقا، بۇ كۈننى مۇبارەكلەش يۈزىسىدىن، تۈنۈگۈن ئاتايىن بازارغا كىرىپ يېڭى جايناماز، يېڭى كىيىم، يېڭى پەلتو، يېڭى سەللە، يېڭى كالاچ، يېڭى مەسىدىن تارتىپ ھەتتا يېڭى تەسۋىغىچە ھەممىسىدىن بىردىن سېتىۋالدىم. ھەم ئەزەلدىن ئوقۇپ باقمىغان، لېكىن ئەمدى ئوقۇمىسام بولمايدىغان «قىسسەسۇل ئەنبىيا» دېگەن كىتابنىمۇ ئالدىم. شۇنى ئاڭلىتىپ بەرسەم، ئاندىن جامائەتنىڭ قايىللىقىغا ئېرىشەتتىم. مېڭەمگە ھەشقىپىچەكتەك يۆگىلىۋالغان شېرىن خىياللارنىڭ ئۇچۇرۇشىدا مەسچىت دەرۋازىسىغا كېلىپ قالغانلىقىمنىمۇ تۇيماپتىمەن. چېكى يوق سالاپەت بىلەن مەسچىت ھويلىسىغا كىردىم. بېشىم گىدىيىكلىك بولغاچقا، ئەڭ ئاۋۋال كۆزۈمگە چېلىققىنى ئۆگزىدىكى شارسىمان قۇببە بولدى. نامازگاھنىڭ تېگىگە سېلىنغان بەش يىل مۇقەددەمكى سۈنئىي گىلەمنىڭ ئاللىبۇرۇن ئۆڭى ئۆچۈپ «بىر تېرە بىر ئۇستىخان» بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭغا دەسسىگىلى قوپقاندا تۇيۇقسىز تېڭىرقاپ قالدىم، چۈنكى مەن ھازىر ئىچى - تېشىمدىن تارتىپ يېپيېڭىلا بىر ئادەم ئىدىم. ئىلاجسىزلىق ۋەجىدىن يېنىك ھەم كىچىك چامداملىرىم بىلەن شاھلىق تەختىمگە ___ مېھرابىمغا قاراپ ماڭدىم. نەچچە ۋاختىن مەن كۈلۈمسىرەپ ئالدىمغا ئۆتكۈزىدىغان قېرى - قارتاڭ، ئۆلمىگەن شەيخلەر ئەمدىلىكتە ياۋاشلىق بىلەن بويۇنلىرىنى ئېگىپ، مېنى سەپنىڭ ئالدىغا ئىما قىلىۋاتاتتى. مەن فىلىملەردىكى زۇڭتۇڭلاردەك بەھەيۋەتلىك بىلەن مېھرابقا ئۆتتۈم. ئۇ يەردە مەن ئالدىن سالدۇرۇپ قويغان يېڭى جاينامىزىم تۇراتتى. ئىككى تاپىنىمنى نۆۋەتتىن ئىككى غېرىچچە كۆتۈرۈپ ئالىقىنىم بىلەن قېقىپ قويدۇم - دە، جاينامازغا چىقتىم.
مۇئەززىن تەكبىر چۈشۈرۈۋاتقاندا، مەن بىر ئىشنى بىلىش ئۈچۈن ئارقىمغا بۇرۇلدۇم. شۇئان «پاھ!» دەۋەتتىم ئىچىمدە. سانى يۈز ئەتراپىدىكى بۇ مۆھتەرەم نامازخانلارنىڭ بېرى دېگۈدەك ماڭا ئىقتىدا قىلىشقا تەرەددۇت قىلىۋاتاتتى. بىر شادلىقىم يەنە ئوننى تۇغۇپ، تۈگىمەس تاتلىقلىق ئىچىدە سۈرە فاتىھەنى ئوقۇشقا باشلىدىم. ئۇنى تۈگىتىشىمگە جامائەتنىڭ داغدۇغا بىلەن ئۇزۇندىن - ئۇزۇنغا «ئامىن...!» دەپ تەڭغىنا توۋلاشلىرى مېنى پىررىدە كۆككە ئۇچۇردى.
شۇنداق قىلىپ قىرىق يىل مابەينىدە بىرەر رەت چۈشۈمگىمۇ كىرىپ باقمىغان« ئىمام» ئاتىقىغا ساھىب بولۇپ كەتتىم. بىراق سەزگۈر كۆڭلۈم بىر نەرسىنى سېزىپلا تۇراتتى. 30 پارىنى چالا - پۇچۇق يادقا بىلگەندىن بۆلەك، قورسىقىمدا تۈزۈك ئۇماچ يوقلىقى بارغانچە چانغىلىۋاتقىنىنى تۇيۇۋاتقان بولساممۇ، ئەمما جامائەت تېخى يۈزۈمگە سېلىپ تۇرۇپ ئوچۇق بىر نەرسە دېمىدى. شۇڭا كاتتا ئۈمىدلەر بىلەن ئەمدىكى مەنزىلگاھىمنى شەھەردىكى چوڭ جامەگە تىكلىدىم (راست گەپنى قىلسام، ئىنسان دېگەن تويمىغۇر نەرسىكەن). ئەمما ئەمەلىيەت ھامان ئەمەلىيەت بولغىنى ۋەج، بۇ كۈنلەردە خالايىقنىڭ ماڭا بولغان ئىززەت - ھۆرمىتىدە زور پەسىيىش يۈز بەردى. تەملىك خىيالنى جىق سۈرگەنلىكىمدىن، نەچچە مەرتە ناماز ئوقۇۋېتىپ ئېلىشىپ كەتتىم، كۈلۈپ سالدىم ۋە گاھىدا گەپمۇ قىلىۋەتتىم. يۈزتۇرانە ئەلپازلار ۋە ئەپقاچتى گەپ - سۆزلەردىن كۆرگەندە، ھەتتا ئىماملىقتىن چۈشۈپ كېتىش ئېھتىماللىقىممۇ بار ئىدى. باشتا ھۆرمەتتىن ئەرشكە ئەپچىقىلىپ، ئەمدىلىكتە ئۆگزىدىن تاشلانغان بىر چىپتا قوناقتەك بوككىدە پەگاھقا پالانسام، بۇنداق ئازابقا كىممۇ بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟ ئەيتاۋۇر، بۇ كۈنلەردە كۆزلىرىم ياش يۇقىلا يۈرىمەن.
B
بۈگۈن جۈمە خۇتبىسىدىن كېيىن، جامائەت ئارىسىدىن بىر كادىر قوپۇپ، مېنىڭ بۇندىن كېيىن مۇشۇ مەسچىتكە ئىمام بولىدىغانلىقىمنى جاكارلىدى. شۇندا تۇيۇقسىز تېنىمگە تىترەك ئولىشىپ، ئۆزۈمنى ئۆزۈم تاپالماي قالدىم. ئۆيگە قانداق كەلدىم، بۇنىسىمۇ ماڭا نامەلۇم، بەلكىم بۇرۇنقىدەكلا مېڭىپ كەلگەندىمەن. كېيىن بىلسەم، جامائەت ئالدىنقى ئىمامغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، مېنى نامزاتلىققا كۆرسىتىشىپتۇ. مېنىڭ بۇ دۇنيادا ئەڭ قورقىدىغان نەرسەم ئىككى: ئايال ۋە ئەمەل، ئىدى. سەۋەبىم، ئاشۇ ئىككى نەرسىنىڭ شەيتىنى ئەڭ كۈچلۈك. ھازىرغۇ قانچە ماختىسام شۇنچە ماختىيالىغۇدەك بىر ئەزىز خوتۇنۇم بار، شۇڭا بۇ تەرەپتىكى شەيتانلارمۇ رەزىل مۇددىئاسىغا ئانچە يېتەلمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما يەنە بىرسى...
مەن ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ قىسسىسىدىن، ئۇ خەلىپىلىككە سايلانغاندىن كېيىن خېلى كۈنلەرگىچە سولغۇن ۋە ئويچان بولۇپ قالغانلىقىنى، ئاۋامغا ئادىلانە مۇئامىلە قىلالماي قېلىشىدىن كۈنۇتۈن ئەنسىرىگەنلىكىنى ئوقۇغانىدىم. ئۇ زات تۇنجى كۈنى خەلىپىلىك مۇنبىرىگە چىققاندىمۇ: «مەن ئەمەل، نەسەب دېگەندەك ماددىي جەھەتلەردە ھەربىرىڭلاردىن پەرقلىنىپ قالماسلىقىم كېرەك» دەپ، مۇنبەردىن يەرگە چۈشۈۋالغانىكەن. ئاشۇ قۇرلاردىن مەن بىر ھېكمەتنى بايقىغاندەك بولۇپ، ئۇنىڭ تەرجىمىھالىنى، بولۇپمۇ خەلىپە بولغاندىن كېيىنكى «فارۇق» لەقىمىگە لايىق بولمىش مۇبارەك ئىش - ئىزلىرىنى قايتا - قايتا ئوقۇدۇم. چۈنكى بۈگۈن چوڭ - كىچىك مەنسەپلەرگە ئىگە بولغانلاردىن ھېچكىم كىشىلەرگە ھەققانىي قاراشنى ئويلاپ قويمايدۇ. شۇ سەۋەب، مېنىڭ خەۋپسىزىگىنىم بۇ. ئەمەلنىڭ شەپىسى بولغاندا، ئۆمەردەك شەيتان ھەتتا قورقىدىغان بىر كاتتا ساھابىمۇ ھالسىزلانغان يەردە، مەندەك بىر شەيتان بىلەن قوشنا ياتقان ئادەم ئازماي قالارمەنمۇ؟ بەلكىم ئازماسمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن مەن يەنىلا ئىلىمىمنى كېڭىيىتىپ كېلىشىم لازىم.
بىراق مەن ھازىر ئاللىقاچان بۇ ئورۇنغا بېكىتىلىپ بولغانىدىم. مېھرابقا ئۆتۈپ بېشىمغا سەللىنى كىيگەندىن باشلاپ، غايەت زور مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى ماڭا كۆلەڭگە بولۇۋالدى. ئەگەر بۇ ئىشنى ئەپلەشتۈرەلىسەم جامائەتمۇ، خۇدامۇ مېنىڭدىن خۇش بولار. ناۋادا قاملاشتۇرالماي قالسامچۇ؟
غەم بىلەن كۆزۈمنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، ئىمامەتچىلىك قىلغىلى بىردەمدىلا بىر ھەپتە بولۇپ بوپتۇ. بۇ ئۇلۇغ خىزمەتنىڭ ماڭا تەئەللۇق بولۇشى كىشىگە ئاسان كەلمەيدىغان زەر پۇرسەت بولسىمۇ، ئەمما شۇ تاپتا ئەينى چاغدىكى مۇھەممەد پەيغەمبەر(س ئە ۋ)، ئەبۇبەكرى سىددىق، ئوسمان زۇننۇرينلاردىكى ھەقىقىي ئىمامدا بولۇشقا تېگىشلىك نۇرغۇن خىسلەتلەردىن ئۆزۈمنىڭ نەقەدەر يىراقلىقىمنى سېزىپ تۇرىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە جامائەتنىڭ مېنى چىن دىلىدىن ئېتىراپ قىلىش - قىلماسلىقىنى بىلمەيمەن. چۈنكى بۇ ھەقتە «ئەگەر بىر ئىمامغا قوۋمىنىڭ نارازىلىقى بولىدىكەن، ئۇنداقتا ئۇ ئىمامنىڭ يەنە جامائەت ئالدىدا قارىيلىق قىلىشى راۋا ئەمەس» دېگەن بىر ھەدىس بار ئىدى. بۇ چاغدا «مەن ئىمام بولمايتتىم» دەپ كاجلىق قىلىپ تۇرۇۋالساممۇ توغرا بولمايتتى. شۇڭا مەن ئەڭ ياخشىسى تېرىشىشىم كېرەك، تاكامۇللۇققا يەتمەگلىك بولسىمۇ، ئەمما كەمتۈكلىكىنى تولۇقلىۋاتقان ئەخلاق ۋە دىيانىتىم بىلەن جامائەتنىڭ رازىلىقىنى ئېلىشقا تېرىشىشىم كېرەك. بىر ئىش مېنى خۇش قىلىۋاتىدۇ، بۇ بىر ھەپتىدە ئۆز روھىيىتىمنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ھالدا پاكلىنىۋاتقانلىقىنى تۇيۇۋاتىمەن.
لېكىن مەن زىيادە ئېھتىياتچانلىق قىلىۋەتتىممۇ - تاڭ، ئىشقىلىپ بەزى جامائەتنىڭ «بۇ ئىمام بەك سولاش چىقتى» دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ قالدىم. شۇندىن بېرى ئۆزىگە بىر بۈيۈك يۈكنى ئارتىۋالغان ئىشەنچ تۆگەم تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ قالدى.
C
مەن مېھرابقا قونغان بۇ بىر ئايدىن بېرى جامائەتنىڭ ماڭا بولغان قايىللىقىنى سەزدىم. شۇڭا كەيپىياتىم كۆتۈرەڭگۈ يۈرىمەن. ھازىرقى كۈندە پۈتۈن مەسچىتلەردە ئوخشاش بولغان بىر تالاي تۈزۈملەر بار. ئۆلۈشكۈنكى بىر مەرىكىدە جامائەتنىڭ دېيىشىچە، مەن ئاشۇ ھەلقۇملۇق مەسىلىنى، يەنى سىياسىي ئۇقۇملار بىلەن دىنىي ئىبادەتلەرنى ئىنتايىن ياخشى بىرتەرەپ قىلىپتىمەن. بۇنىڭدىن ئۆزۈمنىڭ خېلى مۇددەتلەرگىچە ئىمام بولىدىغانلىقىمغا كۆزۈم ئىلدى. ئىشقىلىپ مېنىڭدىن ھەممە كىشى رازى، پەقەتلا خاتىپتىن بۆلەك.
*** *** ***
كۆپ كىشى C قارىينى قوللىدى. ساراڭ ئەمەس كىشىلا A قارىينى قارشى ئالمايتتى. ھېچكىم B قارىي ھەققىدە تەپەككۇرلىنىپ باقمىدى. ئۇنىڭ مۇتەپەككۇرانە ئىدىيىسىگە قۇلاق بەرمىدى. خاتىپنىڭ ئىمامغا باققاندا بىلىملىكىدە شەك يوق. ئۇ نېمىشقا C قارىيغا رازى بولمايدۇ؟ بەلكىم B قارىي بىلەن خاتىپنىڭ ئويى بىر يەردىن چىقىدىغاندەك قىلىدۇ.
2015 - يىلى فېۋرالنىڭ 17 - كۈنى، قاراقاش
|
|