بۇ يازمىنى ئاخىرىدا juxkun49 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-22 11:27
تەقدىر توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم
ئىبراھىم خۇدابەردى
تەقدىر توغرىسىدا گەپ بولۇنسا نۇرغۇن ئادەملەر 《ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىسىز قىل تەۋرىمەيدۇ 》دەپ ياخشى - يامان ئىشلارنىڭ ھەممىنى ئاللاھتىن كۆرۈش بىلەنلا گەپنى تۈگۈتىدۇ . ئۇلار ھەتتا بۈگۈنكى كۈنلۈكتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئاجىز، بىچارە ھالىتىنىمۇ ئاللاھتىن ، يەھۇدىيلارنىڭ كۈچلىنىپ كېتىشىنىمۇ ئاللاھتىن دەپ قارايدۇ . لېكىن ئاللاھ نېمە ئۈچۈن يېقىن بەندىلىرى بولغان مۇسۇلمانلارنى كۈچلەندۈرمەي ، ئۆزى لەنەت قىلغان يەھۇدىيلارنى كۈچلەندۈرىدۇ دېگەن مەسلە ئۈستىدە تەپەككۈر قىلمايدۇ ۋە بۇ توغرىلىق گەپ بولۇنسا تەقدىر شۇنداق دەپلا گەپنى خۇلاسىلەيدۇ .
تەقدىر ھەققىدە مەن ئويلايمەنكى تەقدىر مۇنداق ئىككى خىل بولىدۇ . بىرى : ئىنسان تاقابىل تۇرالمايدىغان ، ئۆزگەرتەلمەيدىغان ، شەرتسىز ئاللاھتىن بولىدىغان تەقدىر . مەسلەن : يەر تەۋرەش ، كەلكۈن ئاپىتى ، قەھەتچىلىك ، چاقماق سوقۇۋېتىش ، ئىرسى كېسەللىك ، ۋابا كېسىلى ۋەھاكازالار . يەنە بىرى : ئىنساننىڭ ئاللاھ بەرگەن ئەقىلنى ئىشلەتمەسلىكىدىن ، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ ئەقىلسىزلىق قىلشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تەقدىر . مەسلەن : ئۇزۇن يىل تاماكا چەككەن ئادەمگە ئاللاھ ئۆپكە كېسىلىنى تەقدىر قىلىدۇ . ھاراقكەشكە جىگەر كېسىلىنى تەقدىر قىلىدۇ ، ئاق تاماكا چەككەنگە ئەيدىزنى يا ئۆلۈمنى ، موتسىكلىتنى 5 - خوتتا قوغلاپ مىنگەن ئادەمگە ھادىسىنى ، قىمارۋازغا قەرزدارلىق ، ۋەيرانچىلىقنى تەقدىر قىلىدۇ . كەپتەرۋازنىڭ تولىسى ئۆگزىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ . ........ مۇشۇلارنىڭ ھەممىنى ئاللاھتىن كۆرۈش توغرىمۇ ؟ ئەجىبا ئاللاھ بىزگە بىر ئىشنىڭ كەينىدىكى ياخشىلىق ۋە خېيىم - خەتەرنى ئاڭقىرالىغۇدەك ئەقىل بەرمىگەنمۇ ؟ ياق . ئەلۋەتتە بەرگەن . شۇڭا باشقا كەلگەن بارلىق ناچار ئىشلارنى ئاللاھتىنلا كۆرۈش دۆتلۈكتىن باشقا نەرسە ئەمەس . ئاللاھ ھېچبىر بەندىسىگە سەۋەبسىز زۇلۇم قىلمايدۇ ئەمما ئىنسان ئەقلىنى ئىشلەتمەي ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم تاپىدۇ . ئەجداتلىرىمىزنىڭ 《تەدبىرىڭ قانداق بولسا تەقدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ 》دېگەن بۇ ھېكمەتلىك سۆزىمۇ بۇنى تەستىقلايدۇ .
ئەمدى مۇسۇلمانلارنىڭ بىچارە ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشىنى تەپەككۈر قىلساق بۇمۇ ئەلۋەتتە مۇسۇلمانلار ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبتۇر . نېمە ئۈچۈن خەلىپىلىك دەۋرىدىكى مۇسۇلمانلار شۇنچە كۈچلۈك ھەم باياشات ؟ نېمە ئۈچۈن ھازىر ئەكسىچە ؟ ئەجىبا ئاللاھ بۇرۇنقىلارنى ياخشى كۆرۈپ ھازىرقىلارنى ياخشى كۆرمەمدۇ ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس . مەن شۇ دەۋىردىكى مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ《قايسى بىر قەۋىم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزى ئۆزگەرتمىگۈچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ 》دېگەن سۆزىگە تولۇق ئەمەل قىلغان بولغاچقا قۇدرەت تاپالىغان دەپ قارايمەن . ئەگەر ئۇلارمۇ پەن - تېخنىكىغا ، ئارمىيەنى كۈچلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرمەي ، سەللىنىڭ يوغىنىنى يۆگەپ ، تەسۋىنىڭ ئۇزۇنىنى سىرىپ كۈن ئۆتكۈزۈپ ، دۈشمەن باستۇرۇپ كەلسە 《ئاللاھ ئەۋەتىپتۇ 》دەپ ئولتۇرغان بولسا ئۇلارنىڭ شۇ سەلتەنەتلىك يىللىرىمۇ ئەلۋەتتە بولمىغان بولاتتى . كېيىن ئۇلارمۇ تۇتقان تەدبىر جەھەتتە خاتالىشىپ غەرىپ قوزغىغان سانائەت ئىنقىلابىغا يېتىشەلمەي ئارقىدا قالغانلىقى ئۈچۈن داۋاملىشالمىدى .
بىزدە ئىلىم ئىگەللەش دېسە دىنى كىتاپلارنىلا ئوقۇش دەيدىغان بىر خاتا قاراش مەۋجۇت . مۇسۇلمانلار پەن - تېخنىكا ئىگەللەشنى دىنى كىتابلارنى ئوقۇشقا ئوخشاشلا مۇھىم ئورۇنغا قويمىغانلىقى سەۋەبىدىن مۇشۇ ھالغا كېلىپ قالغان دېسەك خاتالاشمايمىز . مەشھۇر مىسىر پەيلاسوپى مۇستاپا مەھمۇدنىڭ بۇ ھەقتە قىلغان مۇنداق بىر سۆزى بار《 ئەگەر بىر مۇسۇلمان بىلەن بىر غەيرى مۇسۇلمان دەرياغا چۈشۈپ كەتسە . پەقەت سۇ ئۈزەلەيدىغىنىلا ئۆزىنى قۇتقۇزىدۇ . ئاللاھ نادان ، بىلىمسىزنى دوست تۇتمايدۇ . نەتىجىدە بىلىمسىز ( يەنى سۇ ئۈزەلمەيدىغان) مۇسۇلمان غەرق بوپ ئۆلىدۇ . سۇ ئۈزەلەيدىغان غەيرى مۇسۇلمان ئۈزۈپ قىرغاققا چىقىۋالىدۇ 》. دېمەك ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئاۋال ئىنساندا شۇنىڭغا چۇشلۇق دەسمىي ، سەۋەب بولۇشى كېرەك . ئاۋال تۆگىمىزنى باغلاپ سەۋەپ قىلساق ئاندىن ئاللاھ ئۇنى قاچۇرىۋەتمەي بىزگە قوغداپ بېرىدۇ . سەۋەب بولمايدىكەن ئەلۋەتتە نەتىجىمۇ بولمايدۇ .
شۇڭا يازغۇچى بولۇش ئۈچۈن كىتابنى كۆپ ئوقۇش كېرەك . ساغلام بولۇش ئۈچۈن بەدەن چېنىقتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك . كۆپ ياشاش ئۈچۈن ئاز ئۇخلاش كېرەك . پۇل تېپىش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك . بەخىت - سائادەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن توغرا يولدا مېڭىش كېرەك . ئېسىمىزدە بولسۇنكى بۇلارنى قىلىش - قىلماسلىق ئۆزىمىزنىڭ قولىدا
18 - فېۋرال . گۇاڭجۇ
|