ئاكتىپ ئويلاشنىڭ كۈچى راچىل مورك
ئاكتىپ ئويلاشنىڭ پايدىسىنى ئىسپاتلىغى بولامدۇ؟ ئۇمىتۋارلىق ئادەمنى ھەقىقەتەن خۇشال قىلالامدۇ؟ ياخشى ئىشلارنىڭ يۈز بېرشىگە ئىشەنگەندە، بۇ راستىنلا مۇۋاپپىقىيەت قازىنىشنىڭ پۇرستىنى كۆپەيتەلەمدۇ؟ ئىتقاد سىزنى ساغلام قىلامدۇ ؟ خېلى كۆپ ساندىكى ئالىملار بۇ سۇئاللارغا قىزىقىدۇ. نەتىجىدە ، كۆپ ساندىكى ئاكتىپ ئويلاشنىڭ كۈچىنى ئانالىز قىلغان تەتقىقاتلاردىن خوشاللىنارلىق نەتىجىلەر كۆرۇلگەن.
ئاكتىپ ئويلاشنىڭ كۈچى ۋە سالامەتلىك نۇرغۇن تەتقىقاتلار سالامەتلىكنىڭ ئۇمىتۋارلىق كەيپىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىگىنى كۆرستىپ بەردى.
ۋىسكونسىن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى رىچارد .جېي . داۋىدسوننىڭ يېتەكچىلىگىدە ،ناچار كەيپىيات ۋە سالامەتلىكنى بىرتەرەپ قىلىشقا مەسئۇل مېڭە بۆلۈكى ھەرىكتى ئارقىلىق ناچار كەيپىياتنىڭ ئېغىر – يىنىكلىگىنى سېلىشتۇردىغان بىر تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىغان . بۇ تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرستىلىشىچە، غەمكىنلىك ۋە ناچار ئوي-خيالنىڭ بەدەن ئىمۇنت كۈچىنى ئاجىزلىتىپ ،كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىغى كۆرستىلگەن. دىيۇك ئۇنىۋېرسىتېتى داۋالاش مەركىزدىكى تەتقىقاتچىلار يۈرەك ئوپراتسىيەسى قىلدۇرغان بىمارلار ئىچىدە ، ئۆزىنىڭ ساقىيىپ كېتىشىگە ئۇمىتۋارلىق بىلەن قارايدىغانلارنىڭ ئاز دىگەندە 30پىرسەنتى تولۇق ئەسلىگە كىلەلەيدىغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئاكىتپ ئويلاشنىڭ كۈچى ۋە مۇۋاپپىقىيەت ئاكتىپ ئويلاش بىلەن مۇۋاپپىقىيەت توغرسىدا كۆپلىگەن تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلىغان. ئۇمىتۋارلىق ئۆزى تاماملايدىغان ئالدىن دېيىلگەن سۆزمۇ؟ ئۆزىڭىزنىڭ قىلالايدىغانلىقىغا ئېشەنسڭىز ، مۇۋاپپىقىيەت قازىنالامسىز ؟ كىنتاكى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پىسخولوگىيە ياردەمچى فراپپىسور سۇزەن سېجېرستورم قانۇن ئۈگنىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئۇمىتۋارلىق ۋە مۇۋاپپىقىيەت توغرسىدا تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئومۇمى جەھەتتىن، ئاكتىپ ئويلاش ئۆزىنى ئۇمىتۋار دەپ قارايدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇۋاپپىقىيەت قازىنىش پۈرستىنى كۆپەيتىدىكەن. ئۇ ئويىدىن ئايرىلىغاچقا دىققىتىنى 100 پىرسەنت مەكتەپ قانۇن دەرسىلىكىگە مەركەزلەشتۇرەلىگەن ئۇمىتىۋار ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇۋاپپىقىيىتى ئائىلىسىدە تۇرغاچقا جەمىيەت ۋە ئائىلە سەۋەبىدىن دىققىتى چېچىلىغان ئوقۇغۇچىلاردىن ياخشى بولدىغانلىغىغىمۇ دىققەت قىلغان.ئېنىقكى دىققەتنى مەركەزلەشتۇرۇش بىلەن ئاكتىپ ئويلاش بىرلەشكەندە زور بىر كۈچ شەكىللىنىدىكەن.
ئاكتىپ ئويلاشنىڭ كۈچى ۋە قانائەتچانلىق ئاكتىپ ئويلاش دىگەنلىك ئۆزىڭىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى نەزەردىن ساقىت قىلىڭ دىگەنلىك ئەمەس ، بەلكى ئۆزىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى ئاكتىپ تەرەپكە بۇراڭ دىگەنلىك. مەسىلەن: ئىقتىسادى جەھەتتە تىرشىۋاتقان بولسىڭىز ، ئىقتىساد جەھەتتىكى كەمچىلىككە دىققەت قىلىڭ ياكى بولمىسا چىقىمنى ئازايىتىش ، تىجەشلىك بولۇش ۋە كىرىمىڭىزنى كۆپەيتىدىغان يېڭى يول تېپىشقا پىلان تۈزۈپ بېقىڭ . جاپالىق چاغلاردىمۇ ھايات قالالايدىغان ئۇسۇل-چارىڭىزنىڭ بارلىقىدىن ئۆزىڭىزنى ماختاپ بېقىڭ. شۇنداقلا ، چۇڭقۇر پىكىر قىلىش، ئاكتىپ مەدھىيەنى تەكرارلاش ۋەئۆزىنى ئۇمتىۋار دەپ قاراش قاتارلىقلار ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشىدىن قانائەتچان بولۇشقا ئوخشاپ كىتىدىكەن.
|