لازا ساتقۇچى ئايال ۋە سېتىش خىزمىتى
(خاندولۇق)
كارخانا باشقۇرۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدىكى ئەڭ مۇھىم ھالقىلارنىڭ بىرى سېتىش خىزمىتى بۇلۇپ، مۇنەۋۋەر سېتىش خادىملىرىدىن تەشكىللەنگەن سېتىش قۇشۇنىغا ئىگە بىر كارخانا نىسبەتەن ھاياتى كۈچكە ئىگە كارخانىدور. سېتىش خىزمىتى بولسا تەرەققى تاپقان ئەللەردە ئىنتايىن گۈللەنگەن بىر كەسىپ بۇلۇپ،ئاللىقاچان كەڭ نەزىرىيىۋى سېستىمىغا ۋە ئەمەلىي تەجىربە ئەمەلىيىتىگە ئىگە پىشقان بىر ساھەگە ئايلانغان .
سېتىش بىر چوڭ ئىلىم ،ۋاقتى كەلگەندە ئۇ بىر سەنئەت.
مىللىي كارخانىلار بۇندىن كىيىنكى تەرەققىيات يۇلىدا چۇقۇم سېتىش خىزمىتىنى مۇستەقىل بىر مۇھىم ھالقا سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇشى كېرەك. چۈنكى سېتىش خىزمىتى كەڭرى بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە تىخنىكا تەلەپ قىلىدىغان جەريان بۇلۇپ،كارخانا سېتىش خىزمىتى سېستىمىلاشقان ۋە ئىلمىيلىككە ئىگە بۇلۇشى كېرەك. يىڭى تۈر ۋە مەھسۇلاتلارنى چۇقۇم سېتىش ئىلىمىنىڭ ئىلمىيلىك ئۆلچىمى بۇيىچە بازار تەكشۈرۈش ،سېتىش،سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەت قاتارلىق باسقۇچلىرى بۇيىچە پىلانلاش كېرەك.
سىتىش بىر ئاددى خىزمەت،سىتىش بىر مۇرەككەپ خىزمەت.دىمەك بىر كارخانىغا نىسبەتەن قابىل سىتىش خادىملىرىغا ئىگە بۇلۇش ۋە تاللاش،«سىتىش دىگەن نىمە » دىگەن ئۇقۇمغا ئوخشىمىغان چۈشەنچىگە ئىگە خادىملارنى قانداق قىلىپ ئورتاق بىر تۇنۇشقا كەلتۈرەلەيدىغان بۇلۇش ۋە كارخانا تەرەققىياتىغا ماسلاشتۇرۇش مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم خىزمەتتۇر.
ئۇنداقتا سېتىش دىگەن نىمە؟
تۈۋەندە ئاددى بىر مىسال ئارقىلىق سىتىش دىگەن نىمە دىگەن سۇئالغا جاۋاپ ئىزدەپ باقايلى!
لازا ساتىدىغانلار داۋاملىق ھالدا مۇنداق بىر مەسىلىگە ئۇچىرايدۇ.«سېتىۋاتقان لازىڭىز ئاچچىقمۇ؟»
نىمە دەپ جاۋاپ بېرىش كېرەك؟
ئاچچىق دىسە ،ئاچچىقتىن قورقىدىغان ئادەم لازىنى سېتىۋالماسلىقى مۇمكىن، ئاچچىق ئەمەس دىسە،بەلكىم خىرىدار ئاچچىق لازىنى ياخشى كۆرىشى مۇمكىن،يەنىلا سودا پۈتمەيدۇ.
بىر كۈنى ھارۋا ئىتىرىپ لازا ساتىدىغان بىر ئايال كۈندىكىدەك ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ لازا ساتقىلى چىقىپتۇ. ئونۋىرستىتنىڭ بازار تىجارىتى كەسپىدە ئۇقۇيدىغان بىر ئۇقۇغۇچى بۇ ئايالنى كۆرۈپ ،ئۇنىڭ تىجارىتىنى كۈزىتىپ ،ئۆز كەسپىدىكى پىروجىكىتكە ماتىرىيال تەييارلىماقچى بوپتۇ.
دەماللىققا خىرىدار يۇقلۇقىنى كۆرگەندىن كىيىن سىتودىنت ئۇ لازا ساتقۇچى ئايالغا مەسىلھەت بېرىپ مۇنداق دەپتۇ:- سىز لازىلارنى ئىككىگە ئايرىۋىلىڭ،ئاچچىقىنى ئالىدىغانلارغا بىر دۆۋىسىنى،ئاچچىق ئەمەسنى ئالىدىغانلارغا يەنە بىر دۆۋىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ساتمامسىز!؟...
لازا ساتقۇچى ئايال كۈلۈپ قۇيۇپ دەپتۇ: -ئۇنداق قىلىش ھاجەتسىز.
ئۇنىڭغىچە بىر خىرىدار كىلىپ كونا سۇئالنى سوراپتۇ:- لازىلار ئاچچىقمۇ؟
ئايال ئۇنىڭغا:-رەڭگى قىنىق لازىلار ئاچچىق،سۇس رەڭلىكلېرى ئاچچىق ئەمەس. خىرىدار رازى بولغان قىياپەتتە لازىلارنى تاللاپ سىتىۋاپتۇ.
بىردەمدىلا قىنىق رەڭلىك لازىلار سېتىلىپ بوپتۇ.
يەنە بىر خېرىدار كىلىپ يەنە شۇ سۇئالنى سوراپتۇ.
ئايال ئۆزىنىڭ لازىلېرىغا بىر قۇر كۆز يۈگىرتىۋەتكەندىن كىيىن جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەپتۇ:-ئۇزۇنچاق لازىلار ئاچچىق،قىسقىچاق لازىلار ئاچچىق ئەمەس. خېرىدارمۇ ئايالنىڭ دىگىنىدەك لازىلارنى تاللاپ يۈرۈپ سېتىۋاپتۇ،شۇنداق قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇزۇنچاق لازىلار سېتىلىپ تۈگەپتۇ.
بۇ چاغدا ھارۋىدا قالغان رەڭگى قىنىق لازا بىلەن قىسقىچاق لازىلارغا قاراپ سىتودىنت كۆڭلىدە« ئەمدى لازا ساتقۇچى ئايال بۇ لازىلارنى نىمىدەپ ساتاركىن» دەپ ئويلاپتۇ.
يەنە بىر خېرىدار كىلىپ،لازىلار ئاچچىقمۇ دەپ سورىغاندا ،ئايال تەمتىرىمەستىن: -پوستى قاتتىقلىرى ئاچچىق،پوستى يۇمشاقلىرى ئاچچىق ئەمەس.
سىتودىنىت ئۆز كۈڭلىدە ئايالغا قايىل بوپتۇۋە كۈڭلىدە:«دۇرۇس ئەمەسمۇ؟ يىرىم كۈن كۈن نۇرىدا تۇرغان لازىلار تەبئىيلا يۇمشاپ كەتمەمدۇ؟» دەپ ئويلاپتۇ.
ئايال لازىلېرىنى سىتىپ بۇلۇپ، مىڭىش ئالدىدا سىتودىنتقا:- سىز دىگەن ھىلىقى ئامالنى لازا ساتىدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، ئەمما مىنىڭ بۇ ئامالىمنى پەقەت ئۆزۈملا بىلىمەن-دەپتۇ.
خوش !!!!! ئۇنداقتا سېتىش دىگەن نىمە؟
1.ناتۇنۇش خېرىدارغا ساتىدىغىنىمىز-ئەدەپ-قائىدە
2.تونۇش خېرىدارغا ساتىدىغىنىمىز-قىزغىنلىق
3.ئالدىراش خېرىدارغا ساتىدىغىنىمىز-ئۈنۈم
4.ئېزىلەڭگۈ خېرىدارغا ساتىدىغىنىمىز- سەۋىرچانلىق
5. پۇلدار خېرىدارغا ساتىدىغىنىمىز-ئىسىللىك
6. پۇلسىز خېرىدارغا ساتىدىغىنىمىز-ئەرزانچىلىق
7.بايۋەتچى خېرىدارغا ساتىدىغىنىمىز-مەرتلىك
8.مودا خېرىدارغا ساتىدىغىنىمىز-ئىقىم
9.پىخسىق خېرىدارغا ساتىدىغىنىمىز-مەنپەئەت
10.ھەشەمخور خېرىدارغا ساتىدىغىنىمىز-مۇلازىمەت
11. قۇسۇرچى خېرىدارغا ساتىدىغىنىمىز-ئىنچىكىلىك
12.ئارىسالدى خېرىدارغا ساتىدىغىنىمىز-كاپالەت
13.مۇلايىم خېرىدارغا ساتىدىغىنىمىز-ئىدىيە بىرلىكى
مانا بۇ سېتىشتور.
كارخانىلىرىمىز سېتىش خىزمىتىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈشى ، كارخانا خادىملېرىغائورتاق بولغان سېتىش ئىدىيىسىنى يارىتىشى ۋە سېتىش تىخنىكىلېرىنى ئۆزلۈكسىز يىڭىلىشى كېرەك.چۈنكى سېتىش خىزمىتى كارخانىنىڭ ماتورى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.
تۈگىدى.
|