بۇ يازمىنى ئاخىرىدا marip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-23 20:04
كىتاب يىلدا زاھىرلىنىۋاتقان ئىشلار
ئارتۇچ
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار ،ئىزگۈ نىيەت بىلەن بېسىلغان خالىس قەدەملەر كىتاب يىلى(قۇلايلىق بولۇش ھەم بۇ يىلدا كىتاب ئوقۇش،يىزىش،نەشىر قىلىش،كىتاب ئېلىم-سېتىمىنى جانلاندۇرۇش مەخسەت بولغاچقا كىتاب يىلى دەپلا ئاتىدىم)دىن ئىبارەت ئۇلۇغ بىر زامانغا بىزنى جەم قىلىپ،ماكان چەكلىمىلىكى بولمىغان ھالدا پەقەتمۇ تۇنۇشمايدىغان قېرىنداشلارنىڭ قەلبىنى ئورتاق نىشانغا مۇجەسسەملىدى.ھەممە ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن بۇ يىلىنى ئۆزگىچە كۈتىۋالدى،گەرچە تالاي مۇنازىرە،مۇلاھىزلەر قوينىغا شۇڭغىغان بولساقمۇ كىتاب ئوقۇشتىن ئىبارەت ئېسىل بىر ھەركەت يەنىلا يادىمىزدىن كۆتۈرلمىدى،ئەلۋەتتە كەمىنە بۈگۈن بۇ يەردە بىر قانچە مەسىلىلەرگە جاۋاپ بەرمەكچى. ئالدى بىلەن يىل ئۆرۈلۈپ زايىر بولغان كىتابغا مۇناسىۋەتلىك 10 چوڭ پائالىيەت بار ، كەڭ قىرىنىداشلىرىم بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۆتەي : 1. ئىنتىل تىل تەربىيەلەش مەركىزى يىڭى يىل كۈنى مەركەزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا «ئۆزلۈك ۋە كىملىك»ناملىق كىتابنى تارقىتىپ بىزنىڭ كىتاب ئوقۇش يىلىمىز پائالىيتىنىڭ پەردىسىنى ئاچتى. 2. ئىزدىنىش كىتابخانىسى بىر يىلدا كىتاب ئوقۇش تەسىراتى يازغان ئوقۇرمەنلەرگە 15 مىڭ يۈۋەن قىممىتىدىكى كىتابنى سوۋغا قىلىش پائالىيتىنى يولغا قويدى.(ساغلام داۋاملىشىۋاتىدۇ) 3. ئوسمانىيە چاي تائامالىرى2-ئاينىڭ14-كۈنىنى كىتاب ئوقۇش كۈنى قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرغا قويۇپ مۇشۇ كۈندىن باشلاپ ھەقسىز ناشتا پائالىيتىنى يولغا قۇيدى ھەمدە تاماقلانغۇچىلارنى ئازادە كىتاب ئوقۇش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ،قۇمۇلدىمۇ بىر ئاشخانىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خالىس ھەركەت كۆرۈلۈپ مىھمانلار تاماق چىققۇچە كىتاب ئوقۇيدىغان شارائىت ۋە ئادەت شەكىللەنگەن .يەنە خوتەن ،قەشقەر ،مارالبىشى قاتارلىق جايلاردا ھەقىسىز كىتاب ئوقۇيدىغان كۈتۈپخانىلار ئېچلىپ ئاممىنى بولۇپمۇ ياشلىرىمىزنى ئىلىم تەسىل قىلىدىغان ئىجابى سورۇن بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ. 4. بۇ يىل كىرىپلا كىتابخانىلار بەكلا ئالدىراش بولۇپ كەتتى،بىرقسىم كىتابخانىلار يىڭىدىن ئېچىلىش بىلەن بىرگە بىلكۈچ كىتابخانسى، يادىكار كىتابخانسى،ھونبەگ كىتابخانسى،زۇبەيىر كىتابخانسى قاتارلىق كىتابخانىلار ئەقىل پاراسىتى ۋە تەشكىللەش ئىقدىدارنى نامايەن قىلىپ تۈرلۈك مول مەزمۇنلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ ئومۇمي خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇشى ئۈچۈن پائال ئويلاندى ۋە داۋاملىق ئىزدىنىۋاتىدۇ. 5. ئۈرۈمچى،غۇلجا،بورتالا،قەشقەر،ئاتۇش، قارماي، يۇپۇرغا قاتارلىق جايلاردا كىتاب چېيى،ئاسپىرانتلار ئىلىم چىيى،سىتودىنتلار ئىلىم چېيى،كارخانچىلار ئۇچىرشىش يىغىنى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ جەمئىيەتتە ياخشى كەيپىيات ۋە ياخشى ئۈنۈم يارتىلدى. 6. چەرچەندە كىتاب ئوقۇش جەمئىيتى قۇرۇلدى.گۇما ناھىيەسىدە ھەر يىلى 2-ئايىنىڭ 21-كۈنى ناھىيەنىڭ كىتاب ئوقۇش كۈنى قىلىپ بىكىتلدى. 7. بىزنى تىخىمۇ يورۇق يۈز قىلىپ ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز »رۇمانى يايۇن تىلىدا نەشىر قىلىندى،شاھانە ئەسەر «قۇداغۇبىلىك»نىڭ خەنزۇچە ئاۋازلىق نۇسقىسى تارقىتلدى. تاراتقۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى بەك ياخشى بولدى.شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسى «شەنبىلىك سۆھبەت»،«شەھەر ئاۋازى»قاتارلىق پىروگىراممىلاردا كىتاب ئوقۇش يىلىنى تەشۋىق قىلدى. ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيە ئىستانسى«شەھەر خاتىرىسى»پىروگىراممىسى كىتاب يىلى ھەققىدە مەخسۇس سان ئىشلىدى.قەشقەر تېلىۋىزىيە ئىستانسى، قەشقەر خەلق رادىئو ئىستانسىللىرى كىتاب ھەققىدە ئالاھىدە سان ئىشلەپ كۆرسەتتى.(مىنىڭچە بۇ تىخى يىتەرلىك ئەمەس)«ئىزچىلار ئاۋازى»رادىئوسى سۇبات تورى ۋە سالونى بىلەن بىرلىشىپ كىتاب يىلى ئۈچۈن مەخسۇس«كىتاب ھەققىدە پاراڭ» پىروگىراممىسنى يولغا قويۇپ ھازىرغىچە 15سان ئاڭلاتتى.ئاڭلىغۇچىللىرى 25000دىن ئاشتى.باغداش تورى،ئەلپىدا ئۇچۇر تورى،مىسرانىم تورى،ئاتۇش ئۈنىدار سالونى قاتارلىق تور تاراتقۇللىرى كىتاب ئۈچۈن مەخسۇس سەھىپە ئىچىپ بۇ پائالىيەتلەرنىڭ يۇقىرى دولقۇن دەۋىرىنى ياراتماقتا.يەنە كىتاب تورى، كىتاب ئۈندىدار سالونى ۋە توپلىرى قۇرۇلدى . 8. خوش خەۋەر شۇكى : پات ئارىدا بۇ تەشەببۇس «مىنىڭ كىتاب ئوقۇش يىلىم» دىگەن تىمىدا يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى نىشانلاپ يۇقىرى دەرجىلىك ئورۇنلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمەكچى. 9. ئۈرۈمچىدە ئىلىپ بىرىلغان كارخانچىلار يىغىلىشىدا كىرەم ئاتۇش بارلىق كارخانچىلارغا كىتاب سوۋغا قىلدى ۋە كارخانچىلار ئارىسىدا كىتاب ئوقۇش دولقۇنى قوزغىدى.يەنە بىر ئىىش شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ شىرىن چۈش پىروگىراممىسدا سەبىئىلەر شىركىتى،بوغدا دوختۇرخانسى،ئابىدە شىركىتى قاتارلىق شىركەتلەر بىزگە 6000 يۈەن قىمىتىدا كىتاب ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 10. بىزنى ئەڭ سۆيۈندۈرىدىغان بىر ئىش غۇلجىدا بولغان بىر تويدا كىلىنچەكنىڭ يۈزىنى كىتاب سوۋغا قىلىش ئارقىلىق ئاچقان .ئۇندىن باشقا ئامىمىۋي سورۇنلاردا كىتاب توغرۇلۇق گەپ قىلىشىش،كىتاب ئوقۇش،ئىلىم –بىلىم ھەققىدە سۆھبەت قۇرۇش ئومۇمىي ۋەزىيەتكە ئايلىنىۋاتىدۇ(ئاستىدىكى سۈرەتنى كۆرۈڭ)دىمەك ،جەمىيەتنىڭ ساغلام ھۆجەيرىسىنى تەشكىللەپ كىلىۋاتقان ساخاۋەتلىك قېرىنداشلىرىمىز ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق كىتاب مەدەنىيىتىنىڭ داۋاملىشىشىدىكى ئۈزۈكچىلكىنى ئۇلاپ ئۇنىڭ ھەقدادىغا يىتىشىدە تۈرۈتكىلىك رول ئويناۋاتىدۇ ! ئىلگىرىكى كۆڭۈلنى خەش قىلىدىغان كەيپىيات ۋە پاراڭلار كىتاب ھەققىدە پاراڭ قىلىدىغان ساپ كەيىپىتقا ئالماشتى. ماڭا ھەرخىل شەكىلدە ئۇچۇر بىرىپ ئۆزىنىڭ ، ئائىلىسىنىڭ، دوستلىرىنىڭ كىتاب ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئىيتقان قېرىنىداشلىرىمىز ساناقسىز ،ھەتتا پەقەت كىتاب ئوقۇمايدىغان قېرىنىداشلىرىمىزنىڭ مۇشۇ چاقىرىقىنى ئاڭلاپ كىتاب ئوقۇپ كەتكەنلىكى قاتارلىق تەسىرلىك كارتىنىلارنى بۇ يەردە دەپ بولالمايمەن.مەن بىلىدىغان تەسىر دائىرىسى بار پائالىيەتلەر مۇشۇلار ئىكەن، كەم قالغانلىرىنى قېرىنداشلىرىمنىڭ تۇلۇقلاپ يىزىپ ماڭدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن !يۇقارقى ئىشلارنى دىيىش ئارقىلىق ئۆزۈمنى ماختىۋىلىش نىيىتىم يوق ياكى مەن ئوتتۇرغا قويغاچقا مۇشۇنداق ئىشلار بولدى دىمەكچىمۇ ئەمەسمەن ،مەن پەقەت بىر كاتالىزاتۇرچى، ئاممنىڭ ھەققىي ھەركىتىگە ئايلانغان ئىش ھەرگىزمۇ شەخسىنىڭ نەتىجىسى ھىسابلانمايدۇ ! خەلقىمىزنىڭ ھازىرقى ھالىتى قۇرۇق گەپتىن ئەمەلي ئۈنۈمنى بەكرەك تەقەززا قىلىدۇ ! ماڭا ئۇ يەر،بۇ يەردە بىر يىلىنلا كىتاب ئوقۇش يىلى قىلۋېلىشىنىڭ زۆرۈرىيتى يوق،ئۇنداقتا 2016-يىلىچۇ دىگەندەك بىر قاتار سۇئاللارنى قالدۇرغان قېرىنداشلىرىمغا جاۋاپ: كىتاب ئوقۇشىنىڭ زۆرىرىيتى بارمۇ يوق بۇنى خەلق ئالبۇرۇن بەلگىلەپ بولدى.(سىز ۋايىم يىمەڭ) 2016-يىلدىن ئەنىسرەۋاتقانلارغا دىگۈم كىلىدۇ.بىزدە ھەرقانداق بىر ياخشى ھەركەت 21 كۈن داۋاملىشىدىكەن ئۇ ئادەتكە ئايلىنشقا باشلايدۇ،ئەشۇ ئادىتىمىز بىزنى ياخشى خاراكىتىرغا يىتەكلەيدۇ.بۇ بىر يىلدا بىز خەلقىمىزنىڭ كىتاب ئوقۇشتەك ياخشى ئادىتىنى يىتىلدۇرۋالساق 2016-يىلدىن غەم يىيىشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ !ئۇ چاغدا ئوقۇ دىمىسەكمۇ مەنزىرە باشقىچە بولىدۇ! خەلقىمگە بىر مۇراجەت
قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم : قۇرۇلغىنىغا 4 يىل بولغان يىتىم بالىلار كىتاب فوندىغا2015-يىللىق 1-قارار كىتاب توپلاش ،ئىئانە قىلىش پائالىيتى باشلىنىپ كەتتى،بىزگە ئەزا بولۇپ كىتاب ئوقۇيالمايۋاتقان قېرىنىداشلارغا كىتاب سوۋغا قىلىشنى خالايدىغان قېرىنىداشلىرىمىزنىڭ سىپىمىزگە قوشۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز ! بىز بۇ يىل سىلەر سوۋغا قىلغان كىتابلارنى قەشقەر ۋە خوتەندىكى يىتىم ،كىتابخۇمار ياش ئۆسمۈرلىرىمىزگە ئىئانە قىلماقچىمىز،بىز سىز ئىئانە قىلدىغان كىتابلارغا شەرت قويمايمىز ، يىڭى كونا دىمەيمىز، پەقەت ئۆزىڭىز ئوقۇپ بولغان باشقا قىرىنداشلىرىمىز ئوقۇپ پايدىلىنىش قىممىتى بار دەپ قارىغان كىتابلار بولسا بولىدۇ.ئىشىنىمىزكى كىتاب مەدەنىيتىمىز سىزنىڭ ،ھەممىمىزنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا تىخىمۇ ئۈزۈلمەي داۋام قىلغۇسى!تەقدىرىمىز ھازىرقى ھالىتىدىن قاڭقىپ چىققۇسى!(بىزگە كىتاب ئىئانە قىلغان قېرىنداشلىرىمىزنى تىزىملاپ قەرەلىك ھالدا تاراتقۇلاردا ئاشكارلاپ تۇرىمىز،بۇ قېرىنىداشلىرىمىزغا كىتاب مەشرىپىنىڭ ۋە ئۆزىمىز ئىشلىگەن بىر يۈرۈش پىروگىراممىلارنىڭ پىلاستىنىكىسىنى ئەۋەتىپ بىرىمىز) كىتاپ فوندىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باشقۇرغۇچىسى : رۇزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچ تىلغۇن : 18709082755،13899198079 ئۈندىدار : artuq77 ئادىرسىمىز :يۇپۇرغا ناھىيە3-ئوتتۇرا مەكتەپ 844006岳普湖县第三中学肉孜买买提 ئاخىرقى سۆزۈم : مەن سەخسىيەتكە چېتىلمايدىغان ئىلىمى مۇنازىرىنى قەۋەتلا قوللايمەن.بۇ يىل كىرگەندىن بىرى ئارىمىزدا نۇرغۇن مۇلاھىزە ۋە تەلقىنلەر بولدى.مۇشۇنىڭغا سەۋەبكارلارنىڭ ئۆزىگە توغرا بولۇشى مۇمكىن،ئۇنىڭ ئۈسىتىگە ھازىر جەمئىيتىمىزدە ئۆزۈمىنىڭلا توغرا دەيدىغان كىشلەر توپى كۆپىيىپ كەتتى،ئەمما بۇنى ئادىل تارازىغا قويدىغىنى يەنىلا خەلق! ئومۇمي خەلىقىنى ئويلاپ مۇنازىرە ۋە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش ئەڭ ئاقىلانە يول.يىقىنىدا بىر شائىرىمىزنىڭ ئوغلىنى ئۆيلىگەندە ئىش– پىشلارغا قارىشىپ بىرىش ئۈچۈن سەھەردىرەك بارغان ئىدۇق،بامداتتىن يىنىپلا دەل ۋاقتىدا تويغا كەلگەن ھەر ساقاللىق،گۈسمۈستەك (قەدى-قامەتلىك)جامائىتىمىزنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز كۆزۈم نەملەندى، خەلىقىمىزنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ،نەقەدەر ئۆم-ئىجىللىقدىن بەكلا سۆيۈندۇم، خەلقىنىڭ ئۇلۇغلىقىنى خەلق ئارىسىدا تۇرۇپ يەنە ھىس قىلدىم!دەل بىزنىڭ مانا مۇشۇ خەلقىمىز ئادىل باھا بەرگۈچىدۇر.ئەل ئەگلىكىدىن ئۆتكەن بايانلار ھەقىقىي قىممەتكە سازاۋاردۇر!ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش دولقۇنى قوزغاش ئۈچۈن بىزنىڭ مانا مۇشۇ ئۇلۇغ خەلىقىمىز ئۈنۈملۈك ئەمەلي پائالىيەت،ئەمەلىي ھەركەتكە تولمۇ مۇھتاج ! قېرىنداشلىرىمىغا كامالىي ئىھتىرام بىلەن : رۇزىمۇھەممەت تۇردى ئارتۇچ 2015-يىل ھود ئىيىنىڭ 22-كۈنى ئەسكەرتمە:ماقالەمنى بارلىق تورلار چەكلىمىسىز ئۇلاپ ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ،ئۈندىدارغا ھەمبەرلەپ قويۇشنى ئۇنۇتمىغايسىلەر .
|