"خەتەرسىز مەبلەغ سېلىش" ناملىق ماقالىغا يانداشما
پەرھات ئەمەت
مۇنبەردە قەيسەر مىجىت ئەپەندىنىڭ خەتەرسىز مەبلەغ سېلىش توغرسدىكى يازمىسنى ئوقۇپ ئەسلىدە مائارىپقا بولغان مەبلەغ سېلىشنى ئەڭ بېخەتەر ئۇسۇل ئىكەن دەپ ئويلىدىم،ماقالىدىن شۇنى بىلدىمكى مائارىپقا مەبلەغ سېلىشنى ئەمەلىيەتتەھەربىر ئائىلە ئۆزدىن باشلىسابولىدىكەن،بۇنىڭغا مەبلەغنى قانچە جىق سالساق شۇنچە چوڭ"پايدا"كۆرىدىكەنمىز. ئەلۋەتتە ئائىلىدە شۇنچلىك مەدەنىيەت ئىڭى،مائارىپ چۈشەنچىسى بولسا بۇنى ئاڭلىق يۇسۇندا ئېلىپ بارار،ئەمما ئۇنداق بولمىسا مەسىلەن: ئادەتتىكى تۇرمۇش سەۋىيسىدىكى ئاتا- ئانىلار بولسا بالىلىرغا ھېچقانچە مەبلەغ سالالمايدۇ،ئۆينى ئىسكەتسىز قالدۇرۇشنى نوموس دەپ بىلگەن ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ كىيىم كېچىكىگە ئېتىبار بەرگەنچلىك مائارىپقا ئەھمىيەت بېرەلمەيۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ ئويلىغانلىرىمىزنىڭ ئەمەلىيەتتىن قانچلىك يىراق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقا يېتىپ ئاشىدۇ. مائارىپنىڭ قىممىتىنى بىز قانچلىك يۇقىرى باھالىمايلى،ئۇمۇ ئۆزنىڭ ئاجىزلىق تەرەپلىرنى ئاشكارلاپ تۇرۇپتۇ،بۇ مائارىپنىڭ ئۆزىدىلاساقلانغان مەسىلە ئەمەس،بەلكى جەمئىيەت يۆنىلشى،مودسى بەلگىلگەن سەۋەب .مېنڭچە مائارىپ مۇستەقىل ھالدا جەمئىيەتكە بېقىنماسلىقى كېرەك،ئەگەر ئۇ جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تاينىپ ماڭسا ئۇنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشى ۋە تەربىيلەش خاراكىتىرى ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ.ئوقۇتقۇچىلار مىڭ ئېغىزدىن ئىلىمنىڭ ،بىىلىمنىڭ قىممتى ھەققىدە توختلىىپ بالىلارغا بىلىمنىڭ يۈكسەكلىكنى مائارىپنىڭ ئۇلۇغلىقىنى سۆزلگىنى بىكار،بىزنىڭ مىڭ يىللار ئاۋالقى ئالىملىرىمىزنىڭ ئىلىم ھەققىدىكى ھېكمەتلىرىنى نەقىل ئېلىپ مائارىپ دەپ توۋلاشلىرىمىز ئەمەلىيەتتەبىزنىڭ مائارىپ ھەققىدە قىلچىلىك ئىزدەنمگەنلىكىمىزنى ئىسپاتلايدۇ،بۇ قىلىقىمىز خۇددى ماشىنلاشقان دەۋرىدە سوقا بىلەن يەر ھەيدەپ تۈگمەن بىلەن ئۇن تارتقاندەك بىر ئىش، چۈنكى بىز ئۇلار قالدۇرغان بىباھا سۆزلەرنى تەكرارلاپ ياكى ئۇلارنىڭ نەزمى يەشمسىنى ئەۋلادلارغا سۆزلەپ بېرىپ ئۇلارغا بىلىمنىڭ قىممىتنى بىلدۈرمەكچى بولىۋاتىمىز.دۇتتار تەمبۇر بىلەن ناخىشا قىلىپ جاھان ن رەنالىرى ئىچىرە،،،دەپ ئېيتساقمۇ ھازىرقى بالىلار پەقەت ئۇنىڭ مۇزىكسىدىن ھوزور ئالىدۇ ،ياكى كۆز ئالدىغا گۈزەل قىزلار كېلىدۇ. بۇ يەردە يەسلى مائارىپنى تىلغا ئالايلى:
ئوماقلار سەھىنگە چىقىپ ،كىچىككىنا قوللىرنى ئىگىز كۆتۇرۇپ ئەتىدىن كەچكىچە مۇزىكلارغا ئويون ئوينايدۇ،بۇ ئۇلارغا شاتىلق بەرگەنلىكىمىز،بىر بولسا ئىلىپە يادىلايدۇ،قوش تىل ئۆگىندۇ ياكى رەسىم سىزايدۇ بۇ ئۇلارغا قارىتا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارغانلىقىمىز. جۇڭگولۇق ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرنىڭ بۇ تەرەپلىرنى كۆرگەندە بەكمۇ خۇشال بولىدۇ،رازىمەنلىك بىلەن كۈلىدۇ،"چىن كۆڭلىدىن كۈلۈش"دىگەن شۇ بولسا كېرەك.بۇلاردىن دۆلتىمىزنى چوڭ بىر زال دەپ قارىساق ئۇنىڭدا كارتون قويۇلىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېردىغان يەسلى مائارىپى.بۇ ياپونىيە ۋە ئامىرىكا ئەللىرىگە تالاي قېىتىم تەجرىبە ئۆگىنشكە بارغان بولساقمۇ يەنىلا ئۆزگەرمىگەن ئوقۇتۇش.كۈزىتىش ئادەمگە بېقىپ ئوخشمايدۇ،شۇڭلاشقا تەجرىبە ساۋاقلارغا ئىگە بولۇشمۇ ئوخشاش ئەمەس،مەسىلەن بىر ئادەمگە قارا دېگەن بولسا بىرلىرى ئۇنىڭ كۆزىگە قارايدۇ،بەزىلىرى ئۇنىڭ كاسسىغا قارايدۇ،لىكىن ھەر ئىككىلىسى شۇ ئادەمگە قارىدىم دەپ بىلىدۇ.
ھەر بىر دەۋر ئۆزنىڭ پەرزەنتلىرىنى تۇغۇپ ماڭىدۇ،ھەر بىر دەۋرنىڭ يېڭى مەھسۇلاتى بولىدۇ،مائارىپمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ،ئۇنىڭ ئىلغارلاشقان قائىدە تۈزۈم ۋە دىموكراتىيە تۈسىنى ئالغان جانلىق باشقۇرۇش ئۇسۇلى ۋە ماھىيەتنى كۆزدەتۇتقان تەربىيە ئېڭى ،ھەقىقى نەزەرىيە ئاساسى بولمايدىكەن _ مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇش مۇمكىن ئەمەس.
ئاتا ئانىلارغا كەلسەك، ئۇلار بالىلارنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى ئۆز ئەتراپىدىكى ھادسىلەرگە باغلاپ ھاسىل قىلىدۇ،مانا بۇ يەردە رېئاللىق بىلەن كۆپتۇرمە شەكلىدىكى مائارىپ شوئارلىرى بىلەن مۇقەرەر يوسوندا توقونۇشىدۇ.ئاتا- ئانىلارنىڭ كۆرگىنى ئوقۇپ كەلگەن بالىلىرنىڭ ھېچ ئىشقا يارىماي قالغانلىقىدۇر، بالىلارنىڭ خىزمەت چىقىش قىزغىنلىقى كۆپىنچە ئوقۇش پۈتتۈرۇشتىن كېيىنكى بىردىنبىر تاللشى. مانا بۇ جەمئىيەتنىڭ تەلىپى ۋە مائارىپ ئارسىدىكى نىشانى ،يولى ئېىنىق بولمىغان ھالدىكى بىرىكىشى.
مائارىپ:
بىز ساڭا نۇرغۇن ئىقتساسلىقلارنى تەربىيلەپ بەردۇق دەيدۇ،
جەمئىيەت:_ماڭا كېرىكى كادىر ئەمەس ئىقتساس ئىگىسى ئىدى سەن ماڭا قانداق بىر نېملەرنى سەپلەپ بەردىڭ؟ دەيدۇ. مائارىپ جەمئىيەتكە يەنەچۈشەندۇرۇپ:قېرىندىشىم ،مەن پەقەت ئۆزەمدە بار نەرسىلەرنىڭ ھەممىنى چىقاردىم،مېنى نېمەقىل دەيسەن؟ دەيدۇ،جەمئىيەت بېشنى چايقاپ: خەپ ! ئىككىمىز باشتىلا ديشىۋالمىغان گەپ،شۇڭا ئامال يوق ئۆزەم قاراپ بىر نېمە قىلارمەن،قالغىنىنى تەقدىر بەلگىلسۇن! دەيدۇ، مانا ،راستىنلا دۆلتىمىزدە مىڭلىغان سىتۇدىنتلارنىڭ كەلگۈسىنى ئۇلارنىڭ "تەقدىرى" بەلگىلىمەكتە.
مانا بۇ دو تىكىش تىپىتكى ئوقۇش،تەقدىر ھەققىدە تالاي بالىلار بۇنىڭغا ئىشنىدۇ.ئوقۇغۇچىلار كەلگۈسى ھەققىدە ئىنىق نىشان يوق،نەتىجە قازانغانلىرى مەيلى نامرات دېھقاننىڭ بالسىى بولسۇن ياكى كادىرباينىڭ بالىسى بولسۇن ئېنىق نىشانغا ئىگە.دېمەك ئۇ ئەسلى مائارىپ بېرەلمگەن نەرسىنى ئۆزى يېتىلدۈرەلگەن،شۇڭلاشقا ئۇ ھەرقانچە جاپا تارسىمۇ ئاتا ئانسى مەبلەغ سالمىسمۇ ئىلگىرلەپ ماڭىۋرىدۇ. ئۇزۇن گەپنىڭ قسىقىسى ئاتا-انىلار بالىلىرنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن تاپقان تەرگەننى ئايمايدۇ.مەيلى دېھقان بولسۇن،ئىشچى بولسۇن،ياكى مەمۇرىيلار ئائىلسى بولسۇن بالىلارغا بولغان مېھىرى مۇھەببەت ئاساسەن ئوخشاش. ئەڭ ئاۋۋال مائارىپىنى ئوپىراتسىيە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.ئۇزاق يىللاردىن بىرى مائارىپ جەمئىيەتكە كادىر تەربىيلەيدىغان بازىغا ئايلانغان،ھازىرمۇ بۇخىل رېئاللىق تەلتۆكۈس ئۆزگەرگىنى يوق.شۇڭلاشقا ئاتا ئانىلارنى بالىلارغا مەبلەغ سال دېيشتىن بۇرۇن مائارىپ ئۆزىدە يوق نەرسىلەرنى دەرھال تولۇقلىۋىلىشى كېرەك.بۇنىڭغا مېنىڭ دېگەنلىرىمدەك قۇرۇق گەپ ئەمەس يەنىلا مەبلەغ كېتىدۇ.
لىكىن مەن مائارىپقا مەبلەغ سېلشىنى ئىنتايىن "خەتەرلىك"دەپ قارايمەن. ،يەنى يېڭى مائارىپنى ئېلىپ بېرىش ئەسلىدە ياخشى ئىش بولسىمۇ بۇ ئاخىرىدا سان سپىرلاشقان دەرىجە توشتۇرۇش،ئۆلچەمگە يېتىش ئۈچۈن ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىشتەك تەتۇر تەرەپلەرگە مېڭىپ كېتىۋاتماقتا. بۇنىڭ بىلەن مايسنى ئۆستۈرۇش ھەققىدىكى تەمىسللەرنى ئەمەلىيەتىمىزدە كۆرستىپ ،نەتىجەۋە شۆھرەتتىن ئىبارەت ئالغا ئىلگىرلەش ئۇسۇلى بارلىققا كەلدى،ئەگەر بۇنداق ھالەتنى ئۇزاققىچە ساقلاش ئۈچۈن "مەبلەغ سالساق" ئۇ چاغدا" ئۇچىسىغا كاستۇم بۇرۇلكا كىسيمۇ كاللسىى ئوتتۇرا ئەسىر تۇپراقىدا ياشاپتۇ" دېگەندەك مائارىپ قارىماققا ناھايىتى يېڭلىنش بولىۋاتقان قىلىسمۇ ئەمەلىيەتتە ماھىيەتلىك ئۆزگىرش بولمايدۇ. شۇڭلاشقا ئىش ئۈستىدە،ھەدىسلا ئۇستى قۇرۇلمىغا مەبلەغ سېلىشمۇ بەزىدە "خەتەرلىك"ئەھۋال ،شۇڭلاشقا ھازىرچە بۇنداق مەبلەغ سېلىشلارنى ئاز -تولا" كونتىرىل ت ـ" قىلىپ ،ناچار ھالەتلەرنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتىش ،ھەقىقى مائارىپ ھەققىدە قايتا چوڭقۇر ئويلىنىپ، توغرا، ئاقىلانە يولنى تېزىراق تېىپىش كېرەك.مائارىپ بالىلارنى ماددى مەبلەغ جەھەتتىن ئەمەس تەربىيلەش ئۇسۇلى جەھەتتىن قۇتقۇزۇش كېرەك. يېڭى مائارىپىنىڭ يېڭىلىقىنىڭ ئۈنۈمىنى ھەقىقى كۆرۇشىمىز كېرەك.
|