قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1778|ئىنكاس: 20

ھەقىقەتكە سۇنۇلغان ئەرز (ئەفغانىي)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

27

تېما

4

دوست

2248

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29919
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 64
تۆھپە : 718
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-24 23:05:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتكە سۇنۇلغان ئەرز
ئابدۇرەھمان ئەفغانىي



    ئىسمىم ھەقىقەت، كاتتا بىر پادىشاھمەن. بىلىسىلەر، بىر چوڭ دۈشمىنىم بار، نامى جاھالەت. مېنى دۇنيانىڭ يېرىمى دېسەك، ئۇمۇ دۇنيانىڭ تېڭى. مەن ماۋزۇ بولغان بۇ جاھان كىتابىدا ئادالەت، ساخاۋەت، نەزافەت دېگەندەك سائادەتلىك بابلار بولسا، دۈشمىنىم سەرلەۋھە بولمىش ئۇ نىجىس ئېپوس جىنايەت، خىيانەت، ئاھانەت قاتارلىق ھالاكەتلىك بۆلەكلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، مېنىڭدە تەسۋىرلەنگەن ھەربىر باش قەھرىمان ھەربىر تىنىقىنىمۇ ئۇدۇلىدا قارچىغىدەك قادىلىپ تۇرغان ئۆز رەقىبىنى مەغلۇب قىلماق ئۈچۈن ئالىدۇ. ئۇ ئېپوسنى بۆلەكلىرى بىلەن چالا قويماي كۆيدۈرۈپ دەپئى قىلىۋېتىش مېنىڭ قىيامەتلىك بۇرچۇم.
     يېقىندا يېقىنلىرىمدىن يېقىملىق بىر مەكتۇپ تاپشۇرۇۋالدىم. مەكتۇپقا مۇنۇلار پۈتۈلگەنىدى:
     «ئەسسەلامۇئەلەيكۇم، نامى ئۇلۇغ ھەقىقەت ئالىيلىرى!
     بىز سىلىنىڭ ھەر جايغا چېچىۋېتىلگەن ۋەزىر - ۋۇزرالىرىڭىزدۇرمىز. چىن دىل بىلەن قول كۆتۈردۇقكى، ئاۋۋىلەن سىلىگە سالامەت تەن ۋە ھىدايەت روھ تىلەيمىز. خۇدا مەرتىۋىلىرىنى ئۆستۈرۈپ، دۈشمەنلىرى ئالدىدا باش - قەددىڭىزنى تىك قىلغاي، ئامىن!
     گەپنى يىغىپ ئەسلى مەۋقەيىمىزگە كەلسەك، يېقىندىن بېرى بىز ھەممىمىز قانداقكى بىر خىل بۇرۇقتۇرمىلىق خادىسىغا باغلىنىپ قالدۇق. گەپنى رومالسىز دېگەندە، رولىمىز تازا جارى بولالمايۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەسلەكداشلار بىلەن نەچچە كۈن كېڭىشىپ، سىلىگە ئۇشبۇ مەكتۇپنى ئەرزنامە سۈپىتىدە يوللاشنى قارارلىدۇق. بۇ دەۋايىمىزنى دىققەت بىلەن تىڭشىغايلا، ئالىيلىرى.
     باشتا مەن سۆزلەي، چۈنكى مەن ئادالەت بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئالىيلىرىنىڭ يۈرىكىدۇرمەن. بۈگۈن نەگە كۆز بەرسەك، كۆرۈنىدىغىنى خاسلا بىئادالەتلىك بولغاچقا، مەن سەل خۇدۈكسىرەپ قالدىم. كوسىلار ئېلىدە بىر ياۋۇز كىشى بار. ئۆزى ئانچە كۈچلۈكمۇ ئەمەس، ئەمما يالاقچىلىرى تولا بولغاچقا، ئۇنى ھەممىسى «پالۋان!» دەپ تاغ كۆرىدۇ. ئۇ ھەمىشە «ئىت» لىرىنى يېتىلەپ ئەكىلىپ نى - نى باي ۋە بوۋايلارنى، بەگ ۋە تۆرىلەرنى، ھەتتا ئانىسىز بوۋاقلارنىمۇ بىردىن - بىردىن سۈپۈرۈپ بوزەكلىك تاغىرىغا سولايدۇ. بۈگۈنى كالتەكتىن قۇتۇلۇپ قالغانلار ئەتىسى تۇتۇلىدۇ. شۇ تەرزدە ئېزىلگەنلەر ئېزىلىۋەردى. مەن پولات كانىيىم بىلەن شۇنچە توۋلاپمۇ بۇ جاھاندا ئادالەت دەپمۇ بىر نەرسە بارلىقىنى ئۇلارنىڭ يادىغا ئەكىلەلمىدىم. بىلسەم، ئۇلار ئۇ پەلكەتنىڭ پاتراق ئۆلۈشىگە زارىقىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ جان ئۈزۈشىنى ساقلاپ ياتساق، مەنمۇ قېرىپ ماكچىيىپ قالمامدىمەن؟! ئۇ چاغدا ئۇنىڭ بالىسى چىقىپ دادىسىنىڭ قان ئىزىنى باسمامدۇ؟!
     ئۇزاقتىن بۇيان بۇ مەسىلىدىن ھەممەيلەنگە دوكلات بەرمەكچى ئىدىم. بۈگۈن بۇ پۇرسەتتە دەۋالدىم. شۇڭا ئالىيلىرى، سىلىنىڭ تېزدىن چارىلىنىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن.

     مەن ئىبادەت ئىدىم. قەدىمدە پادىشاھ - پەيغەمبەرلەردىن تارتىپ ساھابە، تابىئىين، تائىپى تابىئىين ۋە خەلەف - سەلەفلەرگىچە بارچىسى بىغۇبار ئەقىدىسى بىلەن خالىسانە ئورۇندايدىغان، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ياراتقۇچى بىلەن يېقىنلىشىشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان ئابرۇيلۇق ئىبادەت ئىدىم. خېلى ئىنسانلارنىڭ قىيامىمدا تۇرۇپ پۇتلىرى، سەجدەمدە تۇرۇپ پىشانىلىرى ئىششىغان ۋە قانىغان. ئەمما بۇ ھال مەن تاشلىنىپ قالدىم، خۇددى تاشلاندۇقدەكلا. تاشلىنىپ قېلىنمىغان تەقدىردىمۇ، كىشىلەر دىيانىتىنى يىتتۈردى. كۆپىنچىلىرى ئۆزىنى بىراۋغا سادىق مۆئمىن كۆرسىتىش ئۈچۈن مېنى شەكىلگە ئادا قىلدى. يا ئالىيلىرى، مەنغۇ ھېچ گەپ ئەمەس، لېكىن ئېزىتقۇغا ئېزىپ كەتكەن بۇ ئازغۇنلارغا ئىچىم ئاغرىۋاتىدۇ. ئۇلار غۇلاچقا چىداپ بەدەل تۆلىدىيۇ، غېرىچ قالغاندا تولىمۇ بەڭۋاشلىق قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارغا چاپسان يارۇق قىبلىنى يورۇتۇپ بېرىشىمىز لازىم.

     مەن پەزىلەت بولىمەن. شۇ ھەممىمىزگە ئايانكى، بۇرۇن ھەقىقەت ئەھلىنىڭ يۈرۈش - تۇرۇش، گەپ - سۆزلىرىدە مەن زۇھەل يۇلتۇزىدەك ۋالىلداپ تۇراتتىم. پەقەت جاھالەت كورلىرىلا مېنى تەرك ئېتەتتى. بۇ دەمچۇ؟ ئۆزىنى ھەقىقەت ئېرەمى ئىچىدە پاك چاغلايدىغان نۇرغۇن شاھزادە - مەلىكە، بەگ ۋە ئايىملارمۇ بىلىپ - بىلمەي پاسكىنا بولغان گۈلىستان تېشىغا قاراپ سالدى، بەجايىكى ھەۋۋا ئانا ھېلىقى نورمىلانغان مېۋىنى يەپ سالغاندەكلا. ئادەملەر مېنى ئۆچ كۆرگەچكە، مەنمۇ ھەمراھىم ساداقەتنى ئېلىپ ئۇلارنىڭ روھىيىتىدىن بارا - بارا يوقىلىۋاتىمەن. بۇ كەمگىچە ئۇلار مەن بىلەن نازاكەتلەشكەنىدى، ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ چىرايىمۇ مەنسىز داغلىشىۋاتىدۇ. ھەم ساداقەت بولمىغاچ ئۇلاردا «مۇھەببەت» پاخاللىقى كۆپەيدى.

     مېنىڭ ئېتىم جاسارەت. غاز دۆلىتىدە جاسارەت دېگەندىن پۇچۇق قالمىدى. ئابايا ئادالەت قېرىندىشىمىز كوسىلار ئېلىدە بىر ياۋۇز ئەبلەخنىڭ بارلىقىنى دەپ ئۆتتى. ئۇ پات - پاتقىنا غاز دۆلىتىگە كېلىپ، بۇ يەردىكى ئاجىز - ئاجىزەلەرنىڭ يۈرىكىنى ئىزىدۇ، جاسارىتىنى ئۆلتۈرىدۇ. بالدۇرلاردا ئۆزىنىڭ زاقا يېگەنلىكىنى تۇيغان غازلار لائەقەل جېنىنى ئالىقىنىغا ئېلىپ بېرىپ ئۇ ياۋۇزنى بىر - ئىككىنى چوقۇۋېلىپ، بېشىغا كەلگەننى كۆرەتتى. ھازىر بولسا تاياق ئۇ ياندا تۇرسۇن، بىرەر سۇنۇق پاسار كۆرۈنسىمۇ ئۇ غازلار ئىختىيارسىز سىيىۋېتىدۇ.
     كۆرسىلە، ئالىيلىرى، ناۋادا مەن دۇنيادىن غايىب بولسام، جاھالەت پادىشاھىنى نېمىمىز بىلەن يىقىتىمىز، نېمىمىز بىلەن يىغلىتىمىز؟

     مېنى بېرى ئاغزىنىڭ ئۇچىدىلا قانائەت دېيىشىدۇ. بۆلەك دوستلىرىمغا ئوخشاش مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ كۆزگە ئىلىنمايۋاتقانلىقىمغا قاقشايمەن. نېمىشقا دەڭ! ئۆتمۈشتە مۇسۇلمان سودىگەرلىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇرەھمان ئىبنى ئەۋفنى كىتابتىن تونۇيسىلەر بەلكىم. ھەرقاچان ئۇنىڭ بىر ئېغىز سۆزىنىمۇ ئوقۇغانسىلەر: «مەندە ھازىر سايدىكى بىر قورام تاشنى كۆتۈرسەممۇ ئاستىدىن ئالتۇن چىقىدىغاندەكلا تۇيغۇ بار.» ئۇ ئىنتايىن قانائەتچان ساخاۋەتچى ئىدى. زاكاتنىغۇ چالا قويمايتتى، سەدىقىنىمۇ تولا بېرەتتى. لېكىن بۈگۈنكى ئىنسانلار نېمە سەۋەبتىن تويغىلى ئۇنىمايدۇ؟ چۈنكى ئۇلاردا مەن يوق. مەن بولمىسام، ئۇلار ئېنىقلا تەڭرىنىڭ غەزىپىگە يولۇقۇشى بەرھەققۇ!؟ ئەقلىنى ئىشلەتكەن بولسا، بەلكىم ئۇلار ھازىر ئابدۇرەھماندىنمۇ باي ئىدى.
     ئىنسانلارغا بولغان ئاچچىقىمدىن سىلىگە كايىپ قاپتىمەن. كەچۈرگەيلا، ئالىيلىرى!

     مەن ساخاۋەت، كۆپ سۆزلىمەيمەن. چۈنكى ئادەملەر مېنىڭ «ئىنساب ۋاكالەتچىسى» ئىكەنلىكىمنى، ئۆزلىرىگە نەقەدەر زۆرۈرلىكىمنى بىلىدۇ. ئەگەر ئۇلار ھايات مەشغۇلاتىنى مەن بىلەن قىلسا، مەنكى ئۇلار ئۈچۈن ياشاۋاتقان ئىجتىمائىيىتىنى مۇۋازىنەتلەشتۈرگۈچى تارازا، ھەم نىيەتنىڭ قارىلىرىنى تازىلىغۇچى روھىي پاكلىغۇچ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مەن بىر قەبىھ جاللاتمەن. ئۇلار ئادىمىيلىكسىز ھايۋانلىشىدۇ. قېنى، پايدا - زىياننى ئۇلار ئۆزلىرى ئوبدان دەڭسەپ بېقىشسۇن! بىراق ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئۇلار پىششىقلىقى تۈپەيلى بىر - بىرلەپ بوغۇلۇپ كېتىشكە رازىدەك قىلىدۇ. بىلىلا ئالىيلىرى، مەن پىخسىقلىق بىلەن ئەسلا چىقىشالمايمەن. شۇڭلاشقا ئۇلارنى سەگىتىپ قويۇشچۈن ھازىر سىلىدىن ئىجازەت سوراۋاتىمەن.

     ئالىيلىرى، مېنىڭ نىيەت ئىكەنلىكىمنى خېلى جىق كىشىلەر بىلىدىغان بولسىمۇ، ئەزەلدىن ئېتىبارغا ئېلىنماي كەلدىم. شۇنداق، مېنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدا ئادالەت ياكى ئىبادەتچىلىك يۈزۈم يوق. ئەمما يۈز قىلغان بولسا، يۈزسىز ئەمەس ئىدىم. شۇ تاپتا مەن ئۆرە تۇرۇپ سۆزلەۋاتىمەن، تېگىشلىك ئورنۇممۇ يوق. ھەممىدىن مېنىڭ ھالىم زەبۇن بولغاچقا ياشنىمۇ كۆپ تۆكتۈم. مەن ھازىر ھەسرەت بىلەن شۇنى دېمەكچىمەنكى، ئۇ ئىنسانلار ئۆز ئىبادەتلىرىنىڭ، ئۆز ساخاۋەتلىرىنىڭ ۋە ئۆز قانائەتلىرىنىڭ پەقەت ۋە پەقەت مەن بىلەنلا ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا مەرھەمەت قىلالايدىغانلىقىنى قەتئىي ئۇنتۇپ كەتتى. ئۇلار ساۋابنى دەپ شۇنچە تېرىشىدۇ، ئەمما نىيىتى رۇس بولمىغاچقا، كۈنبويى ئىشلەپ - ئىشلەپ ئەڭ سوڭىدا نەتىجىسى نۆل بولغان ساۋاب مونىكىنى چىشلەپ قالىدۇ.

     مانا، بۇلار جەم بولغان يەتتىمىزنىڭ تىل - دىلى. يىغىلىشقا ۋاقىپ بولالمىغان بۇرادەرلىرىمىزنىڭ پىغان ۋە ئارمانىمۇ بىز بىلەن بىردەك. بولۇپمۇ سىڭلىمىز مۇھەببەت بىلەن ئاكىمىز مەرىپەتنىڭ ئاھى يامان. ئۇلار بۇ يەرگە كېلىشكىمۇ يۈزى يوقلىقىنى ئېيتتى. ئىنسانلار ئۆزلىرى ئۇلارنىڭ يۆنىلىش كاتوگورىيىسىنى بۇزۇپ بولۇپ، كېيىن يەنە ئۆزلىرى ئۇلاردىن نومۇس قىلىشقا باشلاپتۇ. كەرەملىك شاھى ئەزەمنىڭ ئول تەلەپلىرىمىزنى مۇلاھىزىلەپ بېقىشلىرىنى ئۆتۈنىمىز. خۇدا تەنلىرىنى سالامەت قىلغاي! ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ!»

     باھادىرلىرىمىزنىڭ شىكايىتىدىن ئالەمچە مەمنۇن بولدۇم. ئەسلىدە ئۇلارنى سىنىغانىدىم، ئۆتكىلىمدىن ئۆتتى. ئەمدى جاھالەت تەختىنى پاچاقلاشقا ئاتلانساق تامامەن بولىدۇ. بۈگۈنلا لەشكەرلىرىمگە يارلىق بېرىمەن: «مۇجادىلە مۇداخىلەنىڭ، پەزىلەت شەھۋەتنىڭ، ساداقەت خىيانەتنىڭ، سېخىيلىق بېخىللىقنىڭ، ئالىيجانابلىق پەسكەشلىكنىڭ بوينىغا قېلىچ چاپسۇن! دېمەككى، توغرا ناتوغرىنى ئۆلتۈرسۇن! يارلىق مۇشۇ مېنۇتتىن باشلاپ ئىجرا قىلىنسۇن!»
     شەكسىزكى، بىز يېڭەتتۇق. سەۋەبى، مېنىڭ ھەقىقىي ئىزاھاتىم كەم - كۈتىسىز يېزىلغان بىر ساماۋى دەستۇردا مەن ۋە مەن تەرەپدارلىرىنىڭ ھامان زەپەر قۇچۇشى ھەققىدە بىر مۆجىزىۋىي بەلگە بار ئىدى.



            2015 - يىلى ئۇيغۇرتىلىنىڭ قۇتلۇق كۈنىدە قاراقاشتا يېزىلدى!

0

تېما

0

دوست

363

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   31.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33784
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 116
توردىكى ۋاقتى: 56
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-25 10:14:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

8

دوست

1199

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   19.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13396
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 374
توردىكى ۋاقتى: 102
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-25 10:19:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەسەرلىرىڭىزنى  ياقتۇرۇپ ئوقۇۋاتىمەن ئىنىم .قالتىس يېزىپسىز ،داۋاملىق تىرىشىڭ !

0

تېما

8

دوست

1199

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   19.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13396
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 374
توردىكى ۋاقتى: 102
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-25 10:19:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىل ئىشلىتىشكە ھەقىقەتەن ئۇستىكەنسىز

0

تېما

0

دوست

389

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   44.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34118
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 108
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-25 12:01:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى ئۇقۇسا ، ئادەمنى ئىختىيارسىز چۇڭقۇر تەپەككۇر قاينىمغا سۆرەپ كىردىكەن،يىزىش شەكلىڭىز ھەقىقەتەن ئۆزگىچە…    بىز ئىتبار بەرمەي كىلۋاتقان ،ئۇنتۇپ قىلۋاتقان،ھەقىقەتلەرنى ھىس قىلدۇرغىنىڭز تەشەككۈر

0

تېما

0

دوست

289

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   96.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17737
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 92
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-25 13:20:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىۋاتىسىز ، داۋاملىق تىرىشىڭ.



0

تېما

5

دوست

1781

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   78.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10542
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 159
تۆھپە : 442
توردىكى ۋاقتى: 53
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-25 13:30:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  قالتىس ،،،،،،،،،،،،،،، ئۈزلۈپ قالمسۇن   ،،،

0

تېما

0

دوست

1083

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   8.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34244
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 324
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-25 13:35:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قالتىس بوپتۇ،ئ‍اپىرىن،،،ئ‍ەمدى يېزىلغاننىڭ قارشى تەرىپىدىكىلەرنىڭ قىلمىشلىرىنى تەسۋېرلەشنى سىناپ باقسىڭىز ،،،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )