قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1323|ئىنكاس: 21
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

كىتاب ئوقۇمايدىغان مىللەتتە ئۈمىد يوق!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

45

تېما

6

دوست

5945

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   18.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8600
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 973
تۆھپە : 1202
توردىكى ۋاقتى: 446
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-25
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
كىتاب ئوقۇمايدىغان مىللەتتە ئۈمىد يوق!



    مەزكۇر يازما2014  -يىلى2-ئاينىڭ17-كۈنى يېزىلىپ  تور ۋە سالونلارغا تورداشلار تەرىپىدىن يوللانغان ھەم كىتاب ھەققىدە جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر("كىتاب ئوقۇش يىلى"دېگەندەك ئىلغار تەشەببۇسلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بۇنىڭغا مىسال ) قوزغىغان. بۇ قېتىم باغداش مۇنبىرىگىمۇ يوللاندى.

                مەقسۇت ئەمىن ئەركيار

    كىتاب ئوقۇمايدىغان،كىتابنى قەدىرلىمەيدىغان  مىللەتتە ئۈمىد يوق. ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا جۇڭگولۇقلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىتاب ئوقۇش سانى0.7پارچە،كورىيەلىكلەرنىڭ7پارچە،ياپۇنلارنىڭ40 پارچىدىن توغرا كېلىدىكەن.رۇسلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىتاب ئوقۇش سانى55پارچە ئىكەن.بۇلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا جۇڭگولۇقلارنىڭ كىتاب ئوقۇش ئوتتۇرىچە سانىنى ئاز دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.

    ياپونىيەلىك باشقۇرۇش ئىلمى ئۇستازى ئوخمايى كېنىچىنىڭ «دېۋەڭ جەمئىيەت»ناملىق كىتابى جۇڭگولۇقلارنىڭ چېكىسىنى قورۇپ قويدى. ئۇ كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ:«جۇڭگودا ساياھەتتە بولغىنىمدا شەھەرلەردە كوچا-كوچىلاردا ئۇۋىلاش دۇكانلىرىنى كۆردۈم،ئەمما كىتابخانا ناھايىتى ئاز.جۇڭگولۇقلارنىڭ كۈنىگە ئوتتۇرىچە كىتاب ئوقۇش ۋاقتى 15مىنۇتقىمۇ يەتمەيدۇ.كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىتاب سانى ياپونىينىڭ نەچچە ئوندىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ.جۇڭگو تىپىك دېۋەڭلىشىۋاتقان جەمئىيەت،كېلەچەكتە تەرەققىي تاپقان دۆلەتكە ئايلىنىشىدىن ئۈمىد يوق››.

   مۇنۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئادەملىرى كىتاب ئوقۇشقا ئامراق.بىرى،ئىسرائىلىيە،يەنە بىرى ۋىنگىرىيە.
    ئىسرائىليىدە يىلىغا ھەربىر ئادەم ئوتتۇرىچە 64پارچىدىن كىتاب ئوقۇيدۇ.دۆلەت نۇپۇسىنىڭ80پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدىغان يەھۇدىيلارنىڭ  يىلىغا ھەربىر ئادەم ئوتتۇرىچە 68پارچىدىن ئارتۇق.  يەھۇدى ئانا ئىش ئۇققىدەك بولغان بالىسىدىن سورايدۇ:«ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆيگە ئوت كېتىپ قالسا ئەڭ ئاۋۋال نېمىنى ساقلاپ قالىمىز،بالام؟».بالىسى پۇل-پۇچەك ياكى ئالماس،ئالتۇن دېگەندەك پۇللۇق نەرسىلەرنى ئاۋۋال قۇتقۇزىۋېلىشنى دېگەندە،يەھۇدى ئانا بالىسىغا كەسكىن قىلىپ ئېيتىدىكەن:«بالام،بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇھىم ئەمەس،بىلگىنكى ئەڭ ئاۋۋال كىتابلارنى قۇتقۇزىۋالىمىز!كىتابقا ساقلانغىنى پاراسەت،بۇ پۇل ۋە ئالماس دېگەنلەردىن ئەتىۋە،ئەقىل-پاراسەتنى ھېچكىم ئېلىپ كېتەلمەيدۇ». شۇڭلاشقىمۇ  يەھۇدىيلار دۇنيادىكى بىردىنبىر ساۋاتسىز ئادەم يوق مىللەت .يەھۇدىيلارنىڭ قارىشىدا كىتاب ئوقۇش ئادەت بولۇپلا قالماي،بىرخىل گۈزەل ئەخلاق.ئىسرائىليىدە كىتابلارنىڭ باھاسى ئۆرە،ھەربىر كىتابنىڭ باھاسى كەمىدىمۇ20دوللار ئەتراپىدا، ئەمما ئىسرائىليىلىكلەر كىتاب سېتىۋېلىشقا كەلگەندە «قولى ئوچۇق». 5مىليۇن نۇپۇسلۇق بۇ دۆلەتتە بىرمىليۇندىن كۆپرەك ئادەمدە كىتاب ئارىيەت ئېلىش كېنىشكىسى بار بولۇپ، دۇنيا بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىتاب سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق بىر ئالاھىدە ئەھۋال باركى،پۈتۈن مەملىكەت سودا-سېتىق ۋە ھەرقانداق پائالىيەتنى توختىتىپ ئۆيدە ئىبادەت-تىلەك بىلەن ئۆتىدىغان«چوڭ ھاردۇق كۈنى»دە كىتابخانىلار تاقالماستىن نورمال تىجارەت قىلىدۇ. ئىبادەتتىن يانغان كىشىلەر كىتابخانىغا كېلىپ جىمجىت كىتاب كۆرۈشىدۇ ياكى كىتاب سېتىۋالىدۇ.

    زېمىنى ۋە نۇپۇسى جۇڭگونىڭ 100دىن بىرىگىمۇ توغرا كەلمەيدىغان دۆلەت ۋىنگىرىيەدە بولسا ھەر500ئادەمگە بىردىن كۈتۈپخانا توغرا كېلىدۇ.
دۆلىتىمىزدە بولسا 459مىڭ ئادەمگە بىر كۈتۈپخانا توغرا كېلىدۇ. ۋىنگىرىيلىكلەر يىلىغا ئوتتۇرا ھېسابتا 20نەچچە پارچە كىتاب سېتىۋالىدىغان بولۇپ غەربى ياۋرۇپا مىيقىياسىدىن سېلىشتۇرغاندا خېلىلا ئالدىدا تۇرىدۇ. ئېلىمىزنىڭ 1990-يىللاردىكى سىتاتىسكىسىدا ھەربىر ئادەم يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5پارچە كىتاب سېتىۋالىدىكەن،ھازىر بۇ سان ئازلاپتۇ.

   بىلىم ــ كۈچ،بىلىم ــ بايلىق.
   كىتاب ئوقۇش،ئۆگىنىشكە ئېتىبار بەرگەن دۆلەت چۇقۇم ئۇنىڭ پايدىسىنى كۆرىدۇ.ئىسرائىليەدە نۇپۇس ئاز،ئىقتىساسلىقلار جىق.دۆلەت قۇرۇلغان قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە نوبېل مۇكاپاتى ئالغانلار 8 كىشى،بۇنىڭ ئىچىدىن18.5پىرسەنتى يەھۇدى.ئىسرائىليەنىڭ مۇھىت شارائىتى ناچار،دۆلىتىنىڭ كۆپ قىسمى قۇملۇق،ئەمما ئۇلار ئەقىلگە «مەبلەغ» سالغانلىقى ئۈچۈن پەلەستىن  ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىمۇ ئىسرائىليىلىكلەر تېرىغان،ئېشىنغان  ئاشلىقلىرىنى نېفىتىغا تېگىشىپ يەيدۇ. ئۇلار دۆلىتىنى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇپ بولدى،ئاشلىق تېرىپ ئۆزلىرىدىن ئېشىپ باشقا دۆلەتلەرگە ئىكىسپورت قىلىدۇ. ئاشۇ قەۋملەر كىتابخۇمارلىقلىغى بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقلارنى ياراتتى.

    ۋىنگىرىيەدە نوبىل مۇكاپاتى ئالغانلار14كىشى بولۇپ نۇپۇسىغا سۇندۇرغاندا ۋىنگىرىيەنى «نوبىل مۇكاپاتى دۆلىتى»دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ.
   ۋىنگىرىيىلىكلەرنىڭ كەشپىياتلىرى ساناپ تۈگەتكۈسىز. كىچىكى سەرەڭگە،ماي قەلەم،تېلفۇن ئالماشتۇرۇش ئۈسكۈنىسى،بېسىم ئۆزگەرتكۈچ،گازلاندۇرغۇچ، تېلۋىزۇرنىڭ تەسۋىر يايغۇچى لامپىسىدىن تا ھازىر بىز ئىشلىتىۋاتقان كومپيۇتېرنىڭ سېستىما لايىھىسىگىچە (مەسىلەن:جون.ۋون.نوئىمان)ئاشۇلارنىڭ تەپەككۇرىدىن كەلگەن. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ۋىنگىرىيە كەشپىياتتا ئالتۇن دەۋىر ياراتتى.يەنى،يىلىغا ئوتتۇرىچە كەشپىيات سانى400دىن ئارتۇق بولۇپ،كەشپىيات دۆلىتى بولۇپ قالدى.بۇنىڭ تېگىنى سۈرۈشتۈرسىمۇ ئوخشاشلا ئۇلارنىڭ كىتابخۇمارلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

بىر دانا مۇنداق دېگەن:
    بىر ئادەمنىڭ مەنىۋى تەربىيەت تارىخى دەل شۇ ئادەمنىڭ كىتاب ئوقۇش تارىخىدۇر. بىر مىللەتنىڭ مەنىۋى پەللىسى شۇ مىللەتنىڭ كىتاب ئوقۇش سەۋىيسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. بىر جەمئىيەتنىڭ ئالغا باسقان ياكى چېكىنگەنلىكىگە قاراشتا كىتاب ئوقۇشنىڭ قانچىلىك يىلتىز تارتقانلىقىغا قاراش كېرەك. بىر دۆلەتتە كىملەرنىڭ كىتاب كۆرىۋاتقانلىقى،قانداق كىتابلارنى كۆرۈۋاتقانلىقى شۇ دۆلەتنىڭ تەغدىرىنى بەلگىلەيدۇ.
   بەزىلەرنىڭ قاقشىمىغى ھەق:«ھازىر خەت تۇنۇيدىغانلار كۆپ،كىتاب ئوقۇيدىغانلار ئاز».كىتاب ئوقۇش بىر ئادەمنىڭ تەغدىرىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، بىرمىللەت ۋە بىرجەمئىيەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلە ئايدىڭلىشىپ بۇ يەرگە يەتكەندە،شۇ مىنۇتلاردا ۋاقتىمىزنىڭ نېمىگە سەرپ بولۇپ يېتىشمەي قېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئارتۇقچە ئويلىنىپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ.
    كىتاب ـــ بىلىم بۇلىقى. كىتاب ئوقۇماسلىق تولىمۇ قورقۇنچلۇق! كىتاب ئوقۇمايدىغان،كىتابنى قەدىرلىمەيدىغان  مىللەتتە ئۈمىد يوق...

1

تېما

3

دوست

7670

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   53.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 640
تۆھپە : 1951
توردىكى ۋاقتى: 609
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-27
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئەجدادلىرىمىز:‹‹كىتاپ -- ئەقىل بۇلىقى›› دەپ بىلگەن ۋە بۇ يەكۈننى بىزگە قالدۇرغان.

يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

0

دوست

2015

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18448
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 628
توردىكى ۋاقتى: 78
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-27
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
جۇڭگو تىپىك دېۋەڭلىشىۋاتقان جەمئىيەت،كېلەچەكتە تەرەققىي تاپقان دۆلەتكە ئايلىنىشىدىن ئۈمىد يوق
ماۋۇ گەپلەر بەك قىزىقكەن.

تۈمەن ئۆركىشى

14

تېما

50

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   19.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4025
يازما سانى: 1562
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1636
تۆھپە : 4296
توردىكى ۋاقتى: 776
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-27
يەر
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
                كىتاب ئوقۇشنىڭ ئادەم بەدىنىگە يەتتە تۈرلۈك پايدىسى بار.


         ئۇزۇندىن بېرى كىتاب ئوقۇپ باقمىدىڭىز شۇنداقمۇ؟ كومپيۇتېر ۋە تېلفۇندا مىكرو بىلوگ يېڭىلاپ، توربەت كۆرۈش كۈندىلىك ئادىتىڭىزگە ئايلىنىپ قالدى شۇنداقمۇ؟ ناۋادا شۇنداق بولسا، ئۇنداقتا ھازىردىن باشلاپ كىتاب ئوقۇڭ. 6- ئايدا ئامېرىكا «ئوقۇرمەنلەردىن تەرمىلەر» ژۇرنىلىدا بېسىلغان خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، كىتاب ئوقۇش ئادەمنىڭ بىلىمىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن، يەنە سالامەتلىككىمۇ كۆپ پايدىسى بار ئىكەن.
1. چوڭ مېڭە قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.خۇددى بەدەندىكى مۇسكۇللارغا ئوخشاش، چوڭ مېڭىمۇ چېنىقىش ئارقىلىق تېخىمۇ ساغلام ھەم قاۋۇل بولۇشقا ئېھتىياجلىق. تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، كىتاب ئوقۇش چوڭ مېڭىنى ئاكتىپلىقى ۋە ھەرىكەتچانلىقىنى ساقلايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.
2. بېسىمنى تۆۋەنلىتىش.ئەنگلىيە كىتاب ئوقۇش كۇلۇبى ساسسېكس ئونۋېرسىتېتىدىكى «پىسخىكا تەجرىبىخانىسى»غا ھاۋالە قىلغان تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، خىلمۇ خىل بېسىمنى تۆۋەنلىتىش ئۇسۇللىرى ئىچىدە، كىتاب ئوقۇشنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولۇپ، ئالتە مىنۇتتا بېسىمنى %68 تۆۋەنلەتكەن، ئۇنىڭ ئۈنۈمى مۇزىكا ئاڭلاش ۋە سەيلە قىلىشتىكى ئۈنۈمدىنمۇ ياخشى بولىدىكەن. پىسخولوگلارنىڭ قارىشىچە، كىتاب ئوقۇغاندا ئادەملەرنىڭ خىيالى خەتكە مەركەزلىشىپ، جىسمانىي ۋە روھى جەھەتتىكى جىددىيلىكى شۇ سەۋەبتىن پەسلەيدىكەن.
3. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش.كىتابتا مىليونلىغان ئۇچۇر نۇقتىلىرى بار بولۇپ، ھېكايە ئارقا كۆرۈنۈشى، پىرسوناژلارنىڭ نامى، تەپسىلاتلارنى بايان قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئوقۇۋاتقان چاغدا چوڭ مېڭە بۇلارنى ئاسانلا ئەستە ساقلىۋالىدۇ ھەمدە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىڭىزنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
4. تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تېخىمۇ ساغلاملاشتۇرۇش.ئامېرىكىدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنىڭ ئەمگەك قىلىش ۋە دەم ئېلىشى مۇۋاپىق بولۇپ، ئوزۇقلىنىش ئادىتى تېخىمۇ ساغلام بولىدىكەن. بىر تەرەپتىن ئۇلار كىتابتىن تېخىمۇ كۆپ ساغلاملىق توغرىسىدىكى بىلىملەرنى ئالالىسا، يەنە بىر تەرەپتىن كىتاب ئوقۇش ئۇلارنى تۇرمۇشنى تېخىمۇ سۆيىدىغان، ھاياتلىقنى قەدىرلەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىدىكەن.
5. دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش.تور دەۋرىدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلىشىمىز كېرەك: پوچتا يوللانمىسى كۆرۈش، بىرلا ۋاقىتتا كۆپ ئادەملەر بىلەن پاراڭلىشىش، تېلىفون قوبۇل قىلىش... بۇ خىل خىزمەت ئۇسۇلى ئادەمنىڭ دىققىتىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدۇ. ئەمما كىتاب ئوقۇغاندا ئادەمنىڭ پۈتۈن دىققىتى كىتاب ئوقۇشقىلا مەركەزلىشىدۇ، بۇ سىزنىڭ تېخىمۇ كۆڭۈل قويۇش، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ياردەم قىلىدۇ.
6. ئاغرىقنى پەسەيتىش.ئىتالىيەدىكى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ئاخىرقى باسقۇچتىكى راك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىشتە ياردىمى بولۇپ، ئازابنى ئۇنتۇلدۇرىدىكەن. نۆۋەتتە، دوختۇرلار كىتاب ئوقۇشنى ئاغرىقنى داۋالاشقا يادەم بېرىدىغان بىر خىل ئۇسۇل سۈپىتىدە سىناق قىلىۋاتىدۇ.
7. قايغۇ-ھەسرەتنى داۋالاش. ئەنگلىيە روھى كېسەل دوختۇرلىرى ئەسەبىيلىشىش كېسىلىنى داۋالايدىغان بىر يېڭى ئۇسۇلنى سىناق قىلىۋاتىدۇ، ئۇ بولسىمۇ بىمارنىڭ رېتسىپىغا ئوقۇيدىغان كىتابنىڭ تىزىملىكىنى يېزىپ بېرىشتىن ئىبارەت. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، كىتاب ئوقۇش يېنىك ياكى ئوتتۇرا ھال ئەسەبىيلىشىش بىمارلىرىدا ئاكتىپ تەسىر پەيدا قىلالايدىكەن.
مەنبە: ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى

0

تېما

0

دوست

464

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32733
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 146
توردىكى ۋاقتى: 61
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-27
5#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
كىتاپ ئۇقىغاندا تاللاپ ئۇقۇش ياخشى مەن قىرىنداشلارغا دىنى كىتاپلارنى ئۇقۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن ھىچ بۇلمىغاندا جۈمە كۈنى دىنىمىز بىلىپ ئەمەل قىلىشنى تەكىتلەيدۇ باشقا كىتاپلارنىمۇ ئۇقۇيمىز ئەلۋەتتە،

2

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12274
يازما سانى: 1082
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1585
تۆھپە : 3079
توردىكى ۋاقتى: 807
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-27
6#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
kurbanjannn يوللىغان ۋاقتى  2015-2-25 18:39
جۇڭگو تىپىك دېۋەڭلىشىۋاتقان جەمئىيەت،كېلەچەكتە تەرەق ...


يىقىنقى خەۋەرلەرگە دىققەت قىلساق: جۇڭگۇ دۇنيادىكى دەسلەپكى باسقۇچتىكى تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر قاتارىغا ئۆتۆپتۇ.

0

تېما

0

دوست

1501

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   50.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24196
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 444
توردىكى ۋاقتى: 125
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
7#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
كىتاپنى يەنىلا سانائەت پەن -تىخنىكىسى تەرەققى قىلغان ،ئەقلى ،بىلىم -تىخنىكىسى بولمىسا ياشىغىلى بولمايدىغان جايلاردا  كۆپ ئوقۇيدۇ.بىزدەك ئەقىلى ،بىلىمى بولمىسىمۇ قارا كۈچىگە .ياكى ئانچىكى ھۈنىرگە تايىنىپ ياشىىغلى بولىدىغان تەرەققى قىلمىغان ،كەسكىن رىقابەتكە دۈچ كەلمىگەن جايلاردا كىتابنى ئاز ئوقۇيدۇ.

0

تېما

0

دوست

271

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   90.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17737
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 86
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
8#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ھەرقانداق بانا سەۋەپ كۆرسەتمەي ئۆزىمىزگە كىتاب ئۇقۇشنى ئادەت قىلايلى، بۇنىڭ پايدىسىنى بىز كۆرەلمىسەكمۇ كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىز چۇقۇم كۆرەلەيدۇ . ماۋۇ يازمىنى سىلەرگە تەۋسىيە قىلاي   ئوغلۇم، ساڭا كىتاب سېتىۋالدىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )