قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4046|ئىنكاس: 41
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

نەچچە ئونمىڭلىغان ئەرەب سودىگەرلىرى يىۋۇدا يىلتىز تارتتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

1

دوست

433

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   66.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30148
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 122
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
مىڭلىغان ئەرەب سودىگەرلىرى يىۋۇدا يىلتىز تارتتى

    يىۋۇدا سودا قىلىۋاتقان نەچچە مىڭلىغان ئەرەب سودىگەرلىرىگە نىسبەتەن، بۇ يىل قىش ھەقىقەتەنمۇ ئىللىقلىققا تولغان قىش بولدى. 2008-يىلىدىكى يەر شارى خاراكتېرلىك پۇل-مۇئامىلە كىرزىسى پەيدا قىلغان قارا سايە تېخى تەلتۆكۈس يوقاپ كەتمىدى، «ئەرەب باھارى»نىڭ تۆت يىلدىن بۇيان بىر قىسىم ئەرەب دۆلەتلىرىدە پەيدا قىلغان پاراكەندىچىلىكى تېخى تۈگىگىنى يوق، ئەمما يىۋۇدا ئەرەب سودىگەرلىرىنىڭ سودىسى يەنىلا ئىنتايىن ياخشى بولماقتا. ئون نەچچە يىلدىن بۇيان،  جۇڭگو ئىقتىسادى ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى، بۇ تەرەققىياتنىڭ تۈرتكىسىدە يەمەن، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىراق،پەلەستىن قاتارلىق دۆلەتلەردىكى سودىگەرلەر بەس-بەس بىلەن يىۋۇغا كەلدى ۋە نۇرغۇن سودىگەرلەر ئولتۇراقلىشىپ قالدى. بۇ ئىككى يىلدىن بۇيان، جۇڭگو رەھبەرلىرى ئوتتۇرىغا قويغان «يىپەك يولى بەلبېغى» ۋە «دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى» ئىستراتىگىيىسى بۇ ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا تېخىمۇ زور ئۈمىدلەرنى ئاتا قىلدى، ئۇلارنىڭ قەلبىدە يىۋۇغا نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر «مۇھەببەت» ئويغاندى. 1-ئاينىڭ ئاخىرى 2-ئاينىڭ باشلىرىدا «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى يىۋۇغا كېلىپ ئەرەب سودىگەرلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئاڭلىدى، ئۇلارنىڭ جۇڭگودا قىلماقچى بولغان ئىشلىرى ۋە ئەمەلگەئاشقان ئارزۇلىرى توغرىسىدا ئورتاقلاشتى.
    ئوتتۇرا شەرق سودىگەرلىرى «كۆپ پۇتلاپ ماڭالايدۇ»
   «سىرتنىڭ ئادەملىرى يىۋۇنى كىچىككىنە بىر توپ تارقىتىش بازىرى دەپلا قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە يىۋۇ ھازىر خەلقئارالىق چوڭ سودا بازىرىغا ئايلاندى» ئايرودرومدىن شەھەر رايونىغا كېتىۋاتقاندا شۇ يەرلىك بىر تاكسى شوپۇرى «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ مۇخبىرىغا پەخىرلەنگەن ھالدا شۇنداق دېدى.  ئۇ يەنە ئالاھىدە تەكىتلەپ: «بۇيەردە چەتئەللىكلەر، بولۇپمۇ ئەرەب دۆلەتلىرىدىن كەلگەن سودىگەرلەر ئىنتايىن كۆپ»دېدى. ئىلگىرى بىر خەۋەردە يىۋۇدا دائىمىي تۇرۇشلۇق چەتئەللىك سودىگەرلەرنىڭ سانى13 مىڭ دېيىلگەن، شۇ يەرلىك مەسچىتنىڭ ئاخۇنى ئىلياس ليۇ گۇاڭچيەن بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ: «ھازىر ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ، باشقىسىنى دېمىگەندىمۇ پەقەت ئەرەب سودىگەرلىرىلا 30-40 مىڭدىن ئاشىدۇ» دېدى.
    34 ياشقا كىرگەن ئۇچىسىغا ئوچۇق كۈلرەڭلىك كاستىيۇم كىيگەن يەمەنلىك كىشى نومان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىپ راۋان خەنزۇ تىلىدا «كەچۈرۈڭ، سىزنى بەك كۆپ ساقلىتىپ قويدۇم» دېدى. ئەسلىدە، شۇ كۈنى يىۋۇ شەھەرلىك 14-نۆۋەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلىدىغان كۈنى بولۇپ، نومان يىغىننى ئاڭلاشقا تەكلىپ قىلىنغان ئىكەن. يىغىن ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس چەتئەللىك زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپتۇ، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى بۇ سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىپ، 10 نەپەر چەتئەللىك ۋەكىل بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ئادەتتە ئەڭ كۆپ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرى ياكى دۇچ كېلىدىغان مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆھبەتلىشىپتۇ، ھەممەيلەن ئۆز كۆز قاراشلىرى ۋە پىكرلىرىنى بايان قىلىپتۇ.  نومان مۇنداق دېدى: «بۈگۈن مۇنازىرە بەك قىززىپ كەتتى، شۇڭا سەل كېچىكىپ قالدىم. مەن تولىمۇ خۇشال،  بۇنداق يىغىنلارغا قاتنىشىش ئارقىلىق شەھەرنىڭ تەرەققىيات سىياسىتى ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىۋالغىلى بولىدىكەن. بۇنداق سۆھبەت يىغىنلىرى بىر يىلدا ئاز دېگەندىمۇ ئىككى قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئادەتتە يىغىن كەيپىياتى بەك قىزغىن بولىدۇ، كۆڭلىمىزدىكى گەپلەرنى ئەركىن بايان قىلالايمىز، مېنىڭچە بۇ ئىنتايىن ياخشى ئەھۋال».
       16 يىل ئىلگىرى، نومان تېخى يەمەنلىك بىر ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىدى،  ئەينى چاغدا جۇڭگو-يەمەن ئىككى تەرەپ ھۆكۈمىتى بىرلىشىپ بىر تۈرنى يولغا قويغان بولۇپ، 20 نەپەر تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسى ۋە 20نەپەر ماگىستىر ئاسپىرانتنى تاللاپ جۇڭگوغا كېلىپ ھەقسىز ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرغان.  شۇ چاغدا نوماننىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ، ئىمتىھاندىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كومپيۇتېر فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. «بەلكىم جۇڭگو بىلەن تەقدىرىم باغلانغان بولسا كېرەك» دەيدۇ نومان.  نومان تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدىغان بۇ پۇرسەتنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ، 1999-يىلى جۇڭگوغا كەلگەندىن باشلاپ 2005-يىلىغىچە بولغان ئالتە يىل ئىچىدە يەمەنگە بىر  قېتىممۇ قايتىپ باقمايدۇ. نومان مۇنداق دەيدۇ:«پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشىپ ئوقۇدۇم، چۈنكى مېنىڭ جۇڭگودا قېلىپ قالغۇم بار ئىدى». ئوقۇشتىن باشقا، يىۋۇدىن مال ئالىدىغان بىر پاكىستانلىق سودىگەرگە تەرجىمانلىق قىلىش جەريانىدا نومان يىۋۇدىن ئىبارەت باشقىلارنىڭ كۆزى چۈشمەيدىغان بۇ كىچىك شەھەردە غايەت زور سودا پۇرسىتىنىڭ بارلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ، يەنى ئەرزان باھادائالغان نەرسىنى يۇقىرى باھادا سېتىپ ئارىدىن پايدا ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئۈچ يىلدىن كېيىن، نومان بىر تاشقى سودا شىركىتىنى رويخەتكە ئالدۇرىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا ئۈچلا خادىمى بىر كىچىك شىركەتتىن جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ھازىرىقى يىۋۇنىڭ سودا مەركىزىدىن ئىككى قەۋەتلىك 400 كۋادرات مېتىرلىق ئىشخانىنى ئىجارىگە ئالغان شىركەتكە ئايلاندۇرىدۇ. ئۇ يەنە شىركىتىدىكى خىزمەتچىلەرنى تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارغا «ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقى»نى ھېس قىلدۇرىدۇ.
     2008-يىلى يەر شارى خاراكتېرلىك پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ تەسىرىدە ئوتتۇرا شەرق ئەنسىزچىلىككە چۈشكەن،ھەتتا جۇڭگودىمۇ ئىنتايىن گۈللەنگەن ئېلېكترون سودىسى سەۋەبلىك يىۋۇدا سوداقىلىۋاتقان تاشقى سودا شىركەتلىرىمۇ رىقابەتكە دۇچ كېلىپ، بەزىلىرى تەننەرخىنى ساقلاپ قېلىپ سېتىۋېتىش يولىنى تاللىدى. نوماننى خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى، ئۇنىڭ گۇاڭجۇدىكى تارماق شىركىتىنى دېمىگەندىمۇ، پەقەت يىۋۇدىكى مۇشۇ شىركىتىنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى ھەر يىلى نەچچە مىليون يۈەنگە يېتىدۇ. نومان مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «مېنىڭ خېرىدارلىرىم ئاساسلىقى سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق ئوتتۇرا شەرق رايونلىرىغا مەركەزلەشكەن، ئۇلارنىڭ ماللارغا بولغان تەلىپى ئىنتايىن يۇقىرى، ھەرقېتىم ئۆزى كېلىپ كۆرىدۇ. شىركىتىمىز ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان سەمىمىي بولۇش پرىنسىپى ئاساسىدا سودا قىلىپ، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدە قارشى تەرەپنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈردۇق، شۇڭا كونا خېرىدارلار يوقاپ كېتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، يەنە ماڭا يېڭى خېرىدارلارنى تونۇشتۇرىدۇ، شۇڭا تىجارەت سوممىمىز ئىزچىل ئۆسۈۋاتىدۇ».نوماننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خېرىدارلارنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلارنىڭ زاكاز مىقدارى يۇقىرى ۋە زاكازنىڭ تۈرى كۆپ خىل بولۇپ، زىننەت بۇيۇملىرى، ئاياق تۈرىدىكىلەر،ئويۇنچۇقلار، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە بېزەك بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. «نېمە كېرەك بولسا شۇنى ساتىمىز، مۇلازىمەت تۈرلىرىمىز كۆپ». نومان يەنە مۇنداق دېدى: «ئايالىمنىمۇ ئەكىلىۋالدىم، جۇڭگودىن كەتمەي، ئولتۇراقلىشىپ قېلىش ئارزۇيىمىز بار».
     يەمەنلىك سودىگەرنومان نۇرغۇنلىغان ئەرەپ سودىگەرلىرى ئىچىدىكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان سودىگەرلەرنىڭ ئىچىدىكى بىر مىسال خالاس. جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى چوڭ ياڭ پۇل-مۇئامىلە تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى ۋاڭ ۋېن «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى:« پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشى ئەرەب دۆلەتلىرى جۇڭگوغا بېقىنىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈردى. ئالدى بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئەسلىدىمۇ ئانچە تەرەققىي قىلمىغان ياساش كەسپىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ 〈ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك〉دېگەندەك بىر ئىش بولدى، ئەمما «جۇڭگودا ياسالغان» (Made in China) ماللار ھېلىمۇ بار، شۇنداقلا جۇڭگو ماللىرى يەرلىك بازاردا يەنىلا ئېتىبارغا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ، ئىككىنچىدىن،پۇل-مۇئامىلە بازىرىدا خەلق پۇلىنىڭ ئىشەنچلىكلىك دەرىجىسى ئېشىۋاتىدۇ، 2009-يىلى سودا ئەركىنلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن بۇ خىل ئەھۋال تېخىمۇ روشەنلەشتى. جۇڭگو ماللىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارىمۇ يىلسېرى ئاشتى. شۇ جاينىڭ جۇڭگوغا بولغان تايىنىشچانلىق دەرىجىسىمۇ ئاشتى».
      39 ياشلىق ئىراقلىق سودىگەر زانار ئۆتكەن 10 يىلدىكى ئىراق ۋەزىيىتىنى «قورقۇنۇچلۇق، پارتىلاش ۋە خەتەرلىك» دېگەن ئۈچ سۆز بىلەن تەسۋىرلەپ بەردى، شۇڭا ئۇ جۇڭگودىكى تۇرمۇشىنى ئىنتايىن قەدىرلەيدىكەن. زانار «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ مۇخبىرىغا ئۆزىنىڭ يىۋۇدىكى شىركىتىنىڭ ھەر يىللىق سودىنىڭ ياخشى پەسلىدە نەچچە يۈز «ئىشكاپ» ئېكسپورت قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. «ئىشكاپ»دېگىنى كونتېينېرنى كۆرسىتىدۇ، ھەر بىر كونتېينېرغا 68 كۇب مېتىر مال قاچىلىغىلى بولىدۇ. زانار مۇنداق دەيدۇ: «مەن تولۇق جۇڭگولۇق ھېسابلانمايمەن، ئەمما مېنىڭ ئۈچ بالام جۇڭگودا تۇغۇلۇپ، جۇڭگودا چوڭ بولدى، ئۇلار ھەقىقىي جۇڭگولۇق».
     زانارنىڭ ئېيتىشىچە، جۇڭگونىڭ ھەممىلا نەرسىسىنى ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايدىكەن، ئۇنى ئەڭ قىينايدىغىنى بەزى سودىگەرلەر مۇغەمبەرلىك قىلىدىكەن. بىر قېتىم زانار بىر گىلەم زاكازىنى تاپشۇرىۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىشلەپچىقارغۇچى زاۋۇتنى تېپىپ، تەپسىلاتلىرىنى ئىگىلەيدۇ، يەنى ئىشلەتكەن ماتېرىيال، لايىھەلىنىشى، رەڭگى قاتارلىقلار توغرىسىدائەتراپلىق ئىگىلەيدۇ. ئەمما ئاخىرىدا پۈتۈپ چىققان مال ئەسلىدە دېيىشكەن بىلەن ئوخشىمايدىغان بولۇپ چىقىدۇ. «بىز تەلەپ قىلغان ئېغىرلىق تۆت كلوگرام ئىدى، ئەمما پۈتۈپ چىققىنى ئاران 2.5 كلوگرام كېلىدىغان بولۇپ قاپتۇ، ئارىلىقتا خېلى كۆپ ماتېرىيالنى قىسىۋاپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بىز زاكاز قىلغان ماللارنىڭ سانى خېلى كۆپ،ئادەتتە نەچچە «ئىشكاپ» كېلىدۇ، بىردىن-بىردىن تەكشۈرۈپ ئولتۇرۇش ئىمكانىيىتى يوق،شۇڭا بىز ئون نەچچىنى تەكشۈرۈپلا مالنى تاپشۇرۇۋەتتۇق، شۇنىڭ بىلەن خېرىدار مالنىڭ سۈپىتى ناچار دەپ قالغان پۇلنى بېرىشكە ئۇنىمىدى». ئۆزىنىڭ ئارزۇسى ئۈستىدە توختىلىپ، زانار مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم جۇڭگودا بىر زاۋۇت قۇرۇش، شۇنداق بولغاندا ماللارنى ئۆزۈملا ئىشلەپچىقارسام، سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلالايمەن».
    ئەرەب سودىگەرلىرى يىۋۇدا ئالقىشقا ئېرىشتى
    ئەمەلىيەتتە،يىۋۇدىكى چەتئەللىك سودىگەرلەر ئىچىدە ئەرەب سودىگەرلىرى، ئافرىقا قىتئەسىدىن كەلگەن سودىگەرلەر ۋە ھىندىستانلىق سودىگەرلەردىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسلىق توپ بار، بۇنىڭ ئىچىدە يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئەرەب سودىگەرلىرىگە بەرگەن باھاسى ئىنتايىن ياخشى.
    يىۋۇدىكى كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرى سودىگىرى جوۋ شياڭلوڭ «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: «ئەرەب سودىگەرلىرى بىلەن قىلغان سودىدا مەسىلە ئانچە ئېغىر ئەمەس،ئەمما ئافرىقىلىق سودىگەرلەر بىلەن سودا قىلغاندا ئېھتىيات قىلمىساق بولمايدۇ،بەزى ھىندىستانلىق سودىگەرلەرنىڭ نامىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس، ئامال بار ئۇلار بىلەن سودا قىلمىغان ياخشى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مالنىڭ پۇلىنى كەينىگە سۆرەپ بەرگىلى ئۇنىمايدۇ، بەزىلىرى تېخى بەرمەيلا قېچىپ كېتىدۇ. ھەممىمىز كىچىك سودىگەرلەر،بۇنداق ئېغىر زىياننى كۆتۈرەلمەيمىز».
     «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە،2014-يىلى ئەرەب دۆلەتلىرىگە ئېكسپورت قىلىنغان مالنىڭ مىقدارى ئومۇمىي ئېكسپورت مىقدارىنىڭ %51ىنى ئىگىلىگەن، ئۇنىڭدىن بۇرۇن يەنى 2013-يىلى %49.6 بولغان ئىدى.بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، پۈتۈن مەملىكەت سودىسىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىگەن ئەرەب سودىگەرلىرى يىۋۇنىڭ تەرەققىياتىغا غايەت زور تۆھپە قوشقان. ئەرەب سودىگەرلىرىنىڭ يىۋۇدىن ئىبارەت بۇ گۆھەر زېمىننى قانداق تاپقانلىقىغا كەلسەك، ئىلياس ليۇگۇاڭچيەن ئاخۇننىڭ ئېيتىشىچە، يىۋۇغا ئەڭ بۇرۇن كەلگىنى قەشقەر ۋەئۈرۈمچىدىن كەلگەن ئۇيغۇر سودىگەرلەر ئىكەن، ئۇلار بۇ يەردىن تۆۋەن باھادا مال ئېلىپ، ھىندىستان، پاكىستان چىگرا رايونىغا ئاپىرىپ يۇقىرى باھادا ساتقان، كېيىنچە ئۇلارغا ئۆزى ئەرزان، سۈپىتى ياخشى ماللارنى قەيەردىن ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئۇقۇشۇپ بېرىدىغان ئادەملەر پەيدا بولغان، شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭلىق سودىگەرلەر ھىندىستان، پاكىستان ۋە ئافغانىستانلىق سودىگەرلەرنى يىۋۇغا باشلاپ كەلگەن.ھىندىستان،پاكىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى يېقىن بولغاچقا ئالاقە قويۇق ئىدى، كېيىن ئەرەب سودىگەرلىرىمۇ بەس-بەس بىلەن يىۋۇغا كېلىشكە باشلىغان.ليۇ ئاخۇن مۇنداق دەيدۇ: «يىۋۇ كىشىلىرى ئىنتايىن كەڭ قورساق، ئەرەب سودىگەرلىرى كەلگەندىن كېيىن، بۇ يەردىكى كىشىلەر ئۇلارنى چەتكە قاقمايلا قالماي، يەنە ئىنتايىن قىزغىن مۇئامىلىدە بولدى. بەلكىم ئۇلار «توخۇ پېيىنى قەنتكە تېگىشىش»دېگەن ئەنئەنىگە ئەمەل قىلىپ، بىرلىكتە سودا قىلىپ، باي بولغىلى بولسىلا، قالغان ئىشلار مۇھىم ئەمەس دەپ قارىغان بولۇشى مۇمكىن. ھازىرقى يىۋۇنى قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ ھازىرقى زامان نۇسخىسى دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى بۇ يەردە سودا ئىنتايىن گۈللەنگەن».
      بۇ نۇقتا يىۋۇدىكى يەرلىك سودىگەرلەرنىڭمۇ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. چىراق سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سودىگەر دېڭ ۋېنچاڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئەرەب سودىگەرلىرى ھەقىقەتەنمۇ يىۋۇغا زور سودا پۇرسىتى ئېلىپ كەلگەن، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى دۆلەت سىرتىغا مال ئېكسپورت قىلىدىكەن، دۆلەت ئىچىدە زاۋۇت قۇرغانلىرى ئاز بولغاچقا، بۇ يەردىن كۆپ مىقداردا مال سېتىۋالىدىكەن. كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى سودىسى بىلەن شوغۇللىنىدىغان ليۇ سۈيلىڭ مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئىلگىرى بىۋاستە دۆلەت سىرتىغا مال چىقىراتتۇق، ھازىر يىۋۇدىكى ئەرەب سودىگەرلەرگىمۇ مال سېتىپ بېرىمىز، ھەر ئىككىسىنى قىلىمىز، پۇلنى ھەممىمىز بىللە تاپىمىز، ھېچقانداق رىقابەت بېسىمى يوق.ئەمەلىيەتتە يىۋۇ خەلقى ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ».
ليۇ ئاخۇننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 10 نەچچە يىل ئىلگىرى يىۋۇغا كېلىدىغان ئەرەب سودىگەرلىرى ئىنتايىن ئاز، ئەينى ۋاقىتتا قىزىل راۋاق مېھمانخانىسىنىڭ بىر ياتىقىنى مەخسۇس ناماز ئوقۇيدىغان جاي قىلىپ، شۇ يەردە ناماز ئوقۇغان. 2002-يىلىدىن كېيىن، يىۋۇنىڭ تاشقىسودىسى بارغانسېرى گۈللەندى، ئەرەب سودىگەرلىرى يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇققان، دوست-بۇرادەرلىرىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، ناماز ئوقۇيدىغان جايىنى نەنمېن كوچىسىدىكى تۆت ئېغىزلىق ئۆيگە يۆتكىگەن. 2007-يىلىغا كەلگەندە، يىۋۇدا دائىملىق تۇرىدىغان ئەرەبلەر كۆپىيىپ كەتكەنلىكتىن، نۇرغۇن مۇسۇلمانلار يولدىلا ناماز ئوقۇشقا مەجبۇر بولغان. 2008-يىلىيىۋۇ ھۆكۈمىتى ۋەيران بولغان بىر توقۇمىچىلىق زاۋۇتىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز ئوقۇيدىغان جايى قىلىشقا بەردى، كېيىن مۇسۇلمانلار ھازىرقى ھەيۋەتلىك مەسچىتنى قۇرۇپ چىقتى. بۇ مەسچىتنىڭ كۆلىمى 3200 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، بەش، ئالتەمىڭ ئادەم سىغىدۇ. لېكىن مەسچىت قۇرۇلۇپ ئىككى يىلغا قالمايلا، ناماز ئوقۇيدىغان ئادەملەر كۆپىيىپ، كىشىلەر يەنە سىرتتىكى چىملىقتا ناماز ئوقۇيدىغان بولدى. قۇربان ھېيت يېتىپ كەلگەندە، ئەتراپتىكى كوچىلارنىڭ ھەممىسىگە ئادەملەر تولۇپ كېتىدۇ.
    كېسەل كۆرسىتىشتە قىينالمايمىز، پەرزەنتلەرنىڭ تەربىيە مەسىلىسى بېشىمىزنى ئاغرىتىدۇ
   يىۋۇ چۇجۇ دوختۇرخانىسىدىكى ئۇيغۇر قىزى گۈلەندەم ئەرەب سودىگەرلىرىنىڭ يېقىن سىردىشى. گۈلەندەم ھەربىي سەپتىن قايتقاندىن كېيىن چۇجۇ دوختۇرخانىسىدا خىزمەت قىلغان.ئەينى ۋاقىتتا، ئەرەب سودىگەرلىرى كېسەل كۆرسەتكىلى كەلسە خەنزۇ تىلى سۆزلىيەلمىگەن. ئوتتۇرا شەرق رايونلىرىدىن كەلگەن نۇرغۇن سودىگەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كېسەل كۆرسىتەلمەي قىينىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، گۈلەندەم ئۆزلۈكىدىن ئەرەب تىلى ۋە باشقا تىللارنى ئۆگىنىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي تىڭىرقاپ قالغان ئەرەب بىمارلار دوختۇرخانىغا كەلسە ئالدى بىلەن گۈلەندەمنى ئىزدەيدىغان بولىدۇ. گۈلەندەم مۇخبىرغا مۇنداق دەيدۇ: «ئىشخانام ئەسلى ئۈچىنچى قەۋەتتە ئىدى، كېيىن مېنى ئىزدەپ كېلىدىغانلار بەك كۆپىيىپ كەتكەنلىكتىن، بىرىنچى قەۋەتتىكى ئىشخانىغا يۆتكەلدىم. ئىشخانام كۆزگە كۆرۈنۈپلا تۇرىدىغان جايدا بولغاچقا، بىمارلار ئاسانلا تېپىۋالالايدۇ، ئۇلار ئالدى بىلەن ماڭا كېسەللىك ئەھۋالىنى دەيدۇ، ئاندىن مەن ئۇلارنى دوختۇرنىڭ يېنىغا باشلاپ كىرىمەن.» گۈلەندەمنىڭ ئېيتىشىچە، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى خەنزۇ  تىلى ئۆگىنىپتۇ، بەزىدە ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ، كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ كېتىشنى ياخشى كۆرىدىكەن.
    گۈلەندەمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 10 يىل ئىلگىرى، ناۋادا بەزى ئەرەب ئاياللىرى بۇ دوختۇرخانىدا تۇغقان،ھازىر بولسا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ھەپتىدە 6-7 ئەرەب بالا مۇشۇ دوختۇرخانىداتۇغۇلىدىكەن. ئەرەب ئاياللىرىنى خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، چۇجۇ دوختۇرخانىسى ئۇلارغا ئاتاپ «ئايرىم خانە» تەسىس قىلغان، بۇ يالغۇز كىشىلىك ياتاققا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئىچىدە ئاشخانا، تازىلىق ئۆيى، كىچىك مېھمانخانا ئۆيۋە ھۇجرا بار ئىكەن. دوختۇرخانىدا بەزىدە گۈلەندەمدەك تەرجىماننىڭ تەرجىمانلىقىغا تايىنىدىكەن، لېكىن خەنزۇ تىلى بىلىدىغان ئەرەبلەرمۇ بارغانسېرى كۆپىيىپ، ئەرەب سودىگەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل بولغان.
     نۆۋەتتە نومان قاتارلىق ئەرەب سودىگەرلىرىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان مەسىلە پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيىلىنىش مەسىلىسى. ھازىر يىۋۇدا پەقەت يەتتىلا ئەرەب بالىلىرىغا قارىتىلغان خۇسۇسىي مەكتەپ بار بولۇپ، بالىلار ھازىرچە تىجارەت كىنىشكىسى بولمىغان ئوقۇتقۇچىلاردىن «قۇرئان» ۋە ئەرەب تىلى ئۆگىنىدۇ. نومان مۇنداق دېدى: «بىز ئەرەب سودىگەرلەر بىرلىشىپ، بىر ئەرەب تىلى مەكتىپى ئېچىشنى ئويلاشقان، ئەمما قانداق قىلىشنى بىلەلمەي تۇرىۋاتىمىز. ئاڭلىساق، يىۋۇ ھۆكۈمىتى خەلقئارالىق مەكتەپتە ئەرەب تىلى سىنىپى تەسىس قىلىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ، شۇنداق بولسا بەك ياخشى بولاتتى. گەرچە بىز جۇڭگودا تۇرۇپ قېلىش قارارىغا كەلگەن بولساقمۇ، ئەمما يەنىلا ئەرەب مەدەنىيىتىنىڭ يوقىلىپ كېتىشىنى خالىمايمىز. ھەر ئىككى جەھەتتىن تەڭ يېتىشىپ چىقسا تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ!»
    «يىپەك يولى بەلبېغى» ۋە «دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى»دائۈمىد زور
    «يىپەك يولى بەلبېغى» ۋە «دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى»ئىستراتىگىيىلىك ھەمكارلىق جەريانىدا جۇڭگو بىلەن ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ باردى-كەلدىسى تېخىمۇ قويۇقلىشىدۇ. ئىراقلىق سودىگەر زانار جۇڭگو ھۆكۈمىتىدىن چەتئەللىكلەرگە قارىتىلغان ۋىزا چەكلىمىسىدە كەڭچىلىك قىلىشنى ئۈمىد قىلدى.زانارنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ھازىر جۇڭگودا سودا قىلىۋاتقان سودىگەرلەر مەيلى قايسى دۆلەتتىن كەلگەن بولسۇن، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ ئاران بىر يىللىق خىزمەت ۋىزىسىغىلا ئېرىشەلەيدىكەن، ۋىزا ۋاقتى توشىدىغانغا نەچچە ئاي قالغاندىن باشلاپ ھەر خىل ماتېرىياللارنى تەييارلاشقا باشلايدىكەن. «مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يىللىق تەكشۈرۈشلەردە لاياقەتلىك بولۇپ كېلىۋاتقان، تەلەپ قىلىنغىنى بويىچە باجنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇۋاتقان شىركەتلەرنىڭ ۋىزا ۋاقتىنى نىسبەتەن ئۇزۇنراق قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىدقىلىمەن.»
     يىۋۇدا سودىگەرلەرمۇ 2015-يىلى «يىپەك يولى بەلبېغى» ۋە «دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى» ئىستراتىگىيىسى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزىدىغان مۇھىم يىل بولۇپ قېلىشى شۇنداقلا نۇرغۇن يېڭىلىقلار بارلىققا كېلىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشماقتا. بۇنىڭغا نىسبەتەن ۋاڭ ۋېن مۇنداق دېدى: ««يىپەك يولى بەلبېغى» ۋە «دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى»ئىستراتىگىيىلىك مۇلاھىزىسىنىڭ ئەرەب سودىگەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەتئەللىك سودىگەرلەرنى جەلپ قىلىش كۈچى كۈچلۈك. ئۇنىڭ قارىشىچە، كىشىلەرنىڭ باردى-كەلدىسى قويۇقلاشقانچە، خەلق پۇلىنىڭ قارشى ئېلىنىش دەرىجىسى ئۆسىدۇ، تۆمۈر يول ۋە قۇرۇقلۇق تاشيولى قولايلىشىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ دىپلوماتىيە ۋە پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدىكى ئالاقىسىمۇ قويۇقلىشىدۇ، يەنە كېلىپ ئەرەب سودىگەرلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرگەن ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن، ئۆز-ئارا ئۆرپ-ئادەتنى چۈشىنىشمۇ بىر قەدەر چوڭقۇر، شۇڭا سودا قىلغاندا تېخىمۇخاتىرجەم قىلالايدۇ.

مەنبە: «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى». تەرجىمىدە ئوكيان تورىدىن گۈلجەننەت

2

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12274
يازما سانى: 1082
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1585
تۆھپە : 3079
توردىكى ۋاقتى: 807
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-27
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
يىۋۇنىڭ خەلىقئارالىشىشىدا يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ تۆھپىسى بار ئىكەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

18

تېما

4

دوست

5088

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   1.76%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21741
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 1568
توردىكى ۋاقتى: 439
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئۇيغۇر سودىگەرلەرمۇ جىق شەھەر بۇ . كۇچىلاردا خېلى كۆپ ئۇيغۇرلارنى ئۇچىراتىقىلى بولىدۇ . ئۇيغۇر ساقچلارمۇ ، تاشچلارمۇ ، رېستۇران، ئاشىخانا ئاچىقان ، توپ مال تارقىتىدىغان، مال ئالغىلى بارغان ئۇيغۇرلارمۇ كۆپ . لېكىنىزە يېۋۇدا ھەرقايىسى دۆلەتلەرنىڭ سودىگەرلىنىڭ كەينىدە يۇرگەن ، قولتۇقىلىشىپ كۈپ-كۇندۇزىدە مېھمانسارايلارغا كىرىپ كىتۋاتىقان ئۇيغۇر قىلىزلىرىمۇ خېلى كۆپ ، ئاساسلىقى شىنجاڭدىكى ۋە ئىچىكىردىكى ئالى مەكىتەپىنىڭ ئوقۇغۇچلىرى ، قايىناق شەھەردە بۇ ، جۇمە كۈنى چۇشتىن كىيىن يېۋۇغا قاراپ ئۇچىدۇ ، سودىگەرلەر يەكشەنىبە كۈنى يولغا سېلىپ قويىدۇ . يېۋۇ ئايدۇرۇمىدا ۋە  يېۋۇدىن ئۈرۈمىچىگە قاراپ ئۇچىقان ئايىرۇپلانلاردا تولا كۆرمەن بۇنداق بۇرۇن قانات چىقىرۋالغان قىزلارنى .    
  يېۋۇ  جۇڭگۇنىڭ دۇنياغا ساخىتا مال توپ تارقىتىش بازسى.

0

تېما

0

دوست

417

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   58.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30184
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 124
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-26
يەر
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئەرەپلەر مۇسۇلمانلارغا ئۆچ ئەرەپلەر.تۈركلەرگە ، پارىسلارغا ئۆچ، ئېنگىلىز لارغا ۋە باشقا دىن دۈشمەنلىرىگە ئامىراق.

0

تېما

0

دوست

376

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34244
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 112
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
5#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
makit يوللىغان ۋاقتى  2015-2-25 18:47
ئۇيغۇر سودىگەرلەرمۇ جىق شەھەر بۇ . كۇچىلاردا خېلى كۆپ ئ ...

ئ‍ۆز ئ‍ىچىگە تارقاتقان خەۋەر بولغاندىكىن بەزى يېرىنى كېڭەيتمەپتۇ ھە،،،

6

تېما

3

دوست

1517

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   51.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 442
توردىكى ۋاقتى: 106
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
6#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
baturkarahan يوللىغان ۋاقتى  2015-2-25 19:02
ئەرەپلەر مۇسۇلمانلارغا ئۆچ ئەرەپلەر.تۈركلەرگە ، پارىس ...

زامانىۋىي دۇنيادىكى ئەخلاقى بۇزۇلغان ئەڭ ئىپلاس خەقلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەرەپلەردىن چىقىدۇ.

0

تېما

1

دوست

324

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   12%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34035
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 100
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
7#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
内容نەردە پۇل تاپقىلى بولسا شۇ يەرگە بىرىپ كۈرگۈلۈك ،

15

تېما

1

دوست

4030

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 1216
توردىكى ۋاقتى: 305
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
8#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
يىۋۇ قايسى ئۆلكىدە؟تەرەققىياتى نىمە بىلەن بۇلىدۇ؟
ئاۇيغۇر بارلىلار نىمە ئىش قىلىدۇ؟ئۇيغۇر ساقچىمۇ بارمۇ
چەتئەللىكلەر بالا تۇغسا چەكلىمى يوقما جۇڭگۇدا؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )