قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: taghlax
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

« ئۈمىد پاراڭلىرى » 1-سان1- ،2- قىسىمدىكى بىرنەچچە جۈملە ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

1

دوست

2450

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31970
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 758
توردىكى ۋاقتى: 176
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-30
41#
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-9 23:44:30 |ئايرىم كۆرۈش
barimtay يوللىغان ۋاقتى  2015-3-8 22:59
باتۇر ، ئۈمۈد غەنى دىگەن ئازغۇن توغرىسىدا كۆپ گەپ قىلى ...

ئ‍ىنكاسىڭىزدىن مەمنۇن بولدۇم،ئ‍ۈمىد دىگەن بىر ئ‍ۆزىنى بىلەلمىگەن ئ‍ىنسان،ئ‍ۇنىڭ سۆزلىرىنى تالاش قىلىشنىڭ ئ‍ۆزىلا ئ‍ادەمگە ھاقارەت…!

1

تېما

11

دوست

4678

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   89.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5239
يازما سانى: 246
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 197
تۆھپە : 1332
توردىكى ۋاقتى: 913
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-16
42#
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 01:19:20 |ئايرىم كۆرۈش
karwan32 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 23:44
ئ‍ىنكاسىڭىزدىن مەمنۇن بولدۇم،ئ‍ۈمىد دىگەن بىر ئ‍ۆزى ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،كارۋان . ئەپەندى .يۇقارقى ئىنكاستىكى باتۇر دىگىنى كىمدۇ-رەھمەت .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

13

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   4.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34674
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-10
43#
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 18:36:14 |ئايرىم كۆرۈش
ئۈمۈد غېنى پاراڭلىرىغا ۋاقىت ئىسراپ قىلمايلى

0

تېما

1

دوست

2450

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31970
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 758
توردىكى ۋاقتى: 176
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-30
44#
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-11 14:50:44 |ئايرىم كۆرۈش
humaltag يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 01:19
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،كارۋان . ئەپەندى .يۇقارقى ئىنكاست ...

ئ‍ۇنى تۇنۇمايدىكەنمەن بورادەر!بەلكىم تازا قاملاشمىغان قۇڭالتاقدىن بىر سى بۇلىشى مۇمكىن،

39

تېما

4

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   12.48%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  159
يازما سانى: 622
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3350
تۆھپە : 2311
توردىكى ۋاقتى: 634
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-16
45#
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-11 15:46:31 |ئايرىم كۆرۈش
ئۇمىدنىڭ  قىسمەن سوزلېرى ئورۇنلۇق بولسىمۇ لىكىن ئۇنىڭ كورەڭلەرچە  بېلجىرلاشلېرى كىشىنى تۇلىمۇ ئۇمىدسىزلەندۇردۇ.

12

تېما

0

دوست

2564

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   18.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4795
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 475
تۆھپە : 466
توردىكى ۋاقتى: 326
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-16
46#
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-12 11:46:11 |ئايرىم كۆرۈش
ئۈمىد غېنىنىڭ ئۈمىدسىز پاراڭلىرى

   ئۈمىد غېنى ئاتالمىش «ئۈمىد پاراڭلىرى»دا ، پۈتۈن ئۇيغۇر جەمىيىتى 2015-يىلنى كىتاب ئوقۇش يىلى دەپ بېكىتكەندە، «يۇرتۇق ئىشتاندىن پورداق چىققاندەك» پۈتۈن ئۇيغۇرلار يىلدا چىقىۋاتقان  ئىككى مىڭ كىتابنى ئوقۇماسلىقى كېرەك،  دېدى.
  شۆھرەت زاكىر ــ ئۇيغۇرلارنىڭ- شىنجاڭلىقلارنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ رەئىسىمۇ ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇماسلىقى كېرەك دىيىشنى توغرا دەپ تاپمايدۇ.
  شى جىنپىڭ ــ جۇڭگولۇقلارنىڭ «جۇڭگو ئارزۇسى»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھەرگىزمۇ جۇڭگولۇقلار جۇڭگوچە كىتاب ئوقۇماڭلار دىيىشنى توغرا تاپمايدۇ.
    ئوباما ــ ئامېرىكىلىقلارنى ئامېرىكىچە كىتاب ئوقۇماڭلار دېسە، ماڭە ئومىچىڭنى ئىچە، چۈشە زوڭتۇڭلۇقتىن دىيىشى مۇمكىن.
  توغرا، ئۈمىد غېنىنى شۆھرەت زاكىر، شى جىنپىڭ، ئوبامالار بىلەن سېلىشتۇرۇشنىڭ ئورنى يوق.
  جۇڭگودا چىن شىخۇاڭ دەۋرى بىلەن مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى مەزگىلىدە كىتاب كۆيدۈرگەن بولسا، ئۇيغۇرلارمۇ ئاپپاق خوجا دەۋرى بىلەن مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى مەزگىلىدە كىتاب كۆيدۈرگەن. ئاپپاق خوجا دەۋرى بىلەن مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى دەۋرىنىڭ مەدەنىيەتسىزلىكتە قايسى دەرىجىگە چىققانلىقىنى بىلمەيدىغانلار ئاز بولسا كېرەك.
  ئۈمىد غېنى دېگەندەك، يەھۇدىلار يىلدا يەتمىش پارچە كىتاب ئوقۇسا، جۇڭگولۇقلار يىلدا بەش پارچە كىتاب ئوقۇسا، ئۇيغۇرلار يىلدا ئاران 0.1 پارچە كىتاب ئوقۇسا، شۇنداقتىمۇ  
ئۈمىد غېنى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇماڭلار دەپ جۆيلىۋاتسا، ئۇنداقتا  باشقا تىلدىكى كىتابنىمۇ ئوقۇيالمايدىغان ئۇيغۇرلار قانداقراق ئادەملەرگە ئايلىنىپ قالار! يىلدا يەتمىش پارچە كىتاب ئوقۇيدىغان يەھۇدىلاردىنلا ئۆتكەن ئەسىردە دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن ئۈچ ئادەم بارلىققا كەپتۇ. ئۇنداقتا، يىلدا ئاران 0.1 پارچە كىتاب ئوقۇيدىغان ئۇيغۇرلارنى  ئۈمىد غېنى ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇماڭلار دەپ ماكان-زاماننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان ئىنتېرنىت تورىدا ئاتالمىش «ئۈمىد پاراڭلىرى» قىلىۋاتسا، ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇماسلىقى كېرەك بولغان ئۇيغۇرلار قانداقمۇ يەرشارى ئادىمىگە ئايلىنالىسۇن!  كۆپ كىتاب ئوقۇيدىغان ھەم شۇ ئارقىلىق دۇنيانى تۇنۇيدىغان ھەم دۇنيادا داڭلىق مىللەتكە ئايلانغان يەھۇدىلار بىلەن كۆپ كىتاب ئوقۇمايدىغان ھەم «دۇنيانى تۇنۇمايۋاتقان» ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇماسلىقى كېرەك دەپ سېلىشتۇرۇش ئۈمىد غېنىنىڭ قانداق تەپەككۇرى!
يەھۇدىلارنى، ياۋرۇپالىقلارنى يىلدا جېق كىتاب ئوقۇيدىكەن دەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب ئوقۇماسلىقىنى سېلىشتۇرغان ئادەم، يەھۇدى-ياۋرۇپالىقلارنىڭ تەرەققىيات-ئىقتىسادى بىلەن كىتاب ئوقۇشقا ئامراق ئىكەنلىكىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىلمەي قالغانمىدۇ!  
  خەلقى-ئالەمگە تارقىلىدىغان ئىنتېرنىت تورىدا «ئۈمىد پاراڭلىرى» (ئۈمىد-دېگەن سۆزنىڭ تىل ئىستىمالىدا قانداق ياخشى مەنىسى بارلىقىنى ھەممە مىللەتلەر، بارلىق  ئىنسانلار بىلىدۇ دەپ قارايمەن.) تېمىسىدا، ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇماڭلار دەپ جۆيلىمە ۋەزخانلىق قىلىش، بۈگۈنكىدەك گۈللىنىش-تەرەققىيات ئىستىگىدە يۈرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ «جۇڭگو ئارزۇسى» ئىچىدىكى ئۇيغۇر ئارزۇسىغا قارشى چىققانلىق ئەمەسمۇ! ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ ئىچىدە قانۇن، ئىقتىسات، سىياسى، سالامەتلىك، ئەدەبىيات، تەلىم-تەربىيە، ھۈنەر-كەسىپ، پەن-تېخنىكا، بالىلار كىتابلىرى ...دېگەندەك نۇرغۇن تۈردىكى كىتابلار بار.
ئەمىسە ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇمىسا نېمە كىتاب ئوقۇيدۇ!؟  
يىلدا نەشىر قىلىنىدىغان ئىككى مىڭ ئۇيغۇرچە كىتابنى ئۇيغۇرلار ئوقۇمىسا، ئۇيغۇرچە كىتاب نەشىر قىلىش خىزمىتىنى قىلىۋاتقان-ئۇيغۇرلار نېمە ئىش قىلىدۇ؟ ئۇلار قانداق نان تېپىپ يەيدۇ؟ ئۈمىد غېنى ئۇلارنى باقالامدۇ! شىنخۇا كىتابخانىلىرىدا ئۇيغۇرچە كىتاب ساتىدىغانلار، ئۇيغۇرچە كىتاب سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنى يەنىلا ئۈمىد غېنى باقالامدۇ! پەقەت ئۇيغۇرچىلا كىتابنى ئوقۇيالايدىغانلار كىتاب ئوقۇمىسۇنمۇ!
مائارىپ  ــ  مەكتەپ ئوقۇ-ئوقۇتۇشى، ئادەملەرنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تەربىيىلىشى كىتابتىن ئايرىلالمايدۇ. نەچچە يۈز يىللار، نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرىكى تۇرمۇش-ئىستىمال بۇيۇملىرى ئاساسەن ساقلىنىپ قالالمىغان بىلەن، ئەمما كىتاب، كىتابتىكى ئىدىيە ساقلىنىپ قالالايدۇ، كىتاب يازغان ئادەم ئۆلۈپ كەتكەن بىلەن ئۇنىڭ يازغان كىتابلىرى ساقلىنىپ قالالايدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئارانلا 32 ھەرىپى بار. ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئاشۇ 32 ھەرپنى ئۆگىنىۋالغان ھەرقانداق ئادەم ئۇيغۇرچە كىتابنى ئوقۇيالايدۇ.  ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى يېزىلاردا. ئاشۇ يېزىدىكىلەرنىڭ كىتاب ئوقۇمىسا قانداق ھالغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى  ئۈمىد غېنى ئويلاپمۇ باقمىغان.
پۈتۈن يەرشارى بويىچە كۆرەلەيدىغان ئىنتېرنىت تورىدا ئۈمىد غېنىنىڭ «ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇماڭلار» دەپ سۆھبەت بايان قىلىشىنى ئۆزىنى كەمسىتىش، مىللى كەمسىتىش دېمەي تۇرالمايمىز.
يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدا تەرەققىياتقا، ياخشى ئىشلارغا، ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەرگە قارشى مۇقام توۋلايدىغان «شاپتۇل داموللام» دەپ بىر شەخسنى ئاڭلىغىنىم ئىدىم. يەنە «رەقىپلەر ۋە ئىتتىپاقداشلار» دېگەن كىتابدا تاشقى مۇڭغۇلىيەنىڭ مۇستەققىللىقىنى ئېتىراپ قىلغۇچىنى جۇڭگولۇقلار تىللايدۇ دەپ يېزىلغىنىنى ئوقۇغان ئىدىم.  
تاراتقۇلاردا گەپ قىلغان ئادەمنىڭ ئىدىيە-تەپەككۇرىغا جەمىيەتتىكىلەر باھا بىرىدۇ، ئوبرازى ياخشى-يامان تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ھەرگىزمۇ «يۈزۈمنىڭ قېلىنلىقى، جېنىمنىڭ راھىتى» دەپ  يۈرىۋەرگىلى بولمايدۇ.  
توغرا، ئۈمىد غېنى «ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇماڭلار» دېگەن بىلەن، ئەمما ئۇيغۇرلار «ئىت ھۈرەر، كارۋان يۈرەر» دېگەندەك ئۇيغۇرچە كىتابنى ئوقۇۋېرىدۇ. ئۇيغۇرچە كىتاب نەشىر قىلىدىغان ھەرقايسى نەشرىياتلارمۇ ئۈمىد غېنىنىڭ ئاتالمىش «ئۈمىد پاراڭلىرى»دىكى سالاھىيىتىگە ماس كەلمەيدىغان ھەم  شەخسى ئوبرازىغا دىققەت قىلمايدىغان جۆيلۈمىلىرىگە پەرۋا قىلماي داۋاملىق ئۇيغۇرچە كىتابلارنى نەشىر قىلىۋېرىدۇ. كىتابخانىلارمۇ ئۇيغۇرچە كىتابلارنى سېتىۋېرىدۇ. شۇنداقتىمۇ، «بالا كەلسە قېرىنداشتىن» دېگەندەك، ئۈمىد غېنىنىڭ «ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇماڭلار» دېگەن ئاتالمىش بىمەنە تەشەببۇسى ئۇيغۇرلارنىڭ، پۈتۈن جۇڭگو جەمىيىتىنىڭ تەرەققىيات ئارزۇسىغا دۈشمەنلىك قىلغانلىق بولىدۇ. دېمىسىمۇ، يەھۇدىلاردەك، ياۋرۇپالىقلاردەك كىتاب ئوقۇمايدىغان ئۇيغۇرلارنى «ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك» قىلىپ، «كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال» دېگەندەك، يەنە «ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇماسلىقى كېرەك» دەپ چاقىرىق قىلىشنىڭ، ئادەمنىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرۈش ھوقۇقىنىڭ يوقلىقىنى بىلمەيدىغان ئەسەبەيلىكنىڭ، قېنى قانداق قىلالايتىڭ دەيدىغان زوراۋانلىقنىڭ كەتمىنىنى چاپقانلىقتىن نېمە پەرقى بولسۇن–ھە! چۈنكى، كىتاب ئوقۇمىغانلار نادانلىقتا، قالاقلىقتا قالىدۇ.  شۇڭا، قانۇننى ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنىپ كىتابخانىلاردا  تۈرى بويىچە تىزىلىپ تۇرغان قانۇن كىتابلىرىدىن ئۆگىنىپ، بىلىپ، قانۇنى ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ، قانۇن بويىچە ياشاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، كىتاب ئوقۇمىساق بولمايدۇ. توغرا-خاتانى، ياخشى-ياماننى بىلىش ئۈچۈنمۇ كىتاب ئوقۇمىساق بولمايدۇ.
  «ئۈمىد پاراڭلىرى»دا ئۈمىدسىز پاراڭلاردىن يەنە باركەنتۇق. لېكىن مەن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ئوقۇغىلى كىتاب تاپالماي، «سۇ بويىدا» رومانىنى تاپالىغىنىم بويىچە كىيىنكى قىسىملىرىدىن باشلاپ ئوقۇپ ئاخىرىدا بىرىنچى قىسمىنى ئوقۇغان ئىدىم. ئەمما، ھازىر ئوقۇماقچى بولغان ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ئوقۇپ بولالمايۋاتىمەن.  شۇڭا، مەن پەقەت «ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇماسلىقى كېرەك» دېگەن مۇشۇ پاراڭدىلا توختالدىم. ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇمايدىغان، ئۇيغۇرچە كىتاب بازىرىغا قاراپمۇ قويمايدىغان ئۈمىد غېنى «ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇماسلىقى كېرەك» دېگەن «ئاقساقاللىق»نى قىلماي، ئۆزىنىڭ شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپى مۇھىتى بويىچە ئۇيغۇرلار بىلەن تىلىۋىزىيەنىڭ مۇناسىۋىتىنى، يەنى تىلىۋىزىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىگە، مەدەنىيىتىگە قانداق تەسىر كۆرسۈتۈشى كېرەك دېگەن مەسىلىدە سۆھبەت بايان قىلالىسا، قۇلاققا خوش ياققىدەك گەپ قىلالامدىكىن.   «ئۇيغۇر جەمىيىتى تەنقىت قىلىشتىن قورقماسلىقى كېرەك» دەپتىكەن، شۇڭا تەنقىتنى كۆتۈرەلەيدۇ دەپ مۇشۇنچىلىك تەنقىت قىلىپ قويدۇم. قىستۇرۇپ قۇيۇدىغىنىم، ئۈمىد غېنىنى ئۇيغۇرچە تىلىۋىزىيەنىڭ رىياسەتچىسى بولغاندىكىن، ئانا تىلىغا ھۆرمەت قىلىش جەھەتتە، ئۈرۈمچى خەلق رادىيۇ ئىستانسىدىكى ئەكبەر ئابدۇللادىن ئۆگىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

0

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 532
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 981
تۆھپە : 3996
توردىكى ۋاقتى: 1648
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-15
47#
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-12 15:54:52 |ئايرىم كۆرۈش
يەنە يىپچى خوتۇننىڭ غەيۋىتىگە چۈپ كېتىپسىلەرغۇ،، !!

0

تېما

0

دوست

172

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   57.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34540
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 38
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-4
48#
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-13 11:26:50 |ئايرىم كۆرۈش
ئۈمۇد ئۆز خىيالى بىلەن ئاغزىغا كەلگەننى بىلجىرلاپتۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )