قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1322|ئىنكاس: 1

ھەقىقىي دۈشمەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

1

دوست

199

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   66.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25070
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 66
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 11:21:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    دېموسېنى ( مىلادىدىن بۇرۇنقى 384-322 يىللىرى )، قەدىمكى ئافىنانىڭ ‹‹ ئون چوڭ ناتىق››لىرىنىڭ بىرى. پىشقان مۇنازىرىچى، دېموكراتىيىچى سىياسىيون. ئۇ باي سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، پەلسەپە، قانۇن، ئەدەبىيات، شائىرلىقتا پىشقان، ئادۋۇكات، ئەسكەر بولۇپ باققان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى، ماكىدونىيە پادىشاھى فىلىپ II سىرتقا تاجاۋۇز قىلىپ كېڭىيىشكە باشلاپ، پۈتۈن گرىتسىيەنى يۈتىۋالماقچى بولىدۇ. ئۆز ۋەتەنداشلىرىنى ئويغۇتۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، دېموسىنى ھەر تەرەپكە قاتىراپ نۇتۇق سۆزلەپ، خەلقنى ھەركەتلىنىپ، تاجاۋۇزغا قارشى تۇرۇشقا، ۋەتەننى قوغداشقا چاقىرىدۇ. دېموسىنى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بۇ تېمىدا سەككىز قېتىم نۇتۇق سۆزلەيدۇ. ئىنگلىز تىلىدىكى philippic ،يەنى قاتتىق تەنقىدلەش، ئەيىبلەش رەددىيە بېرىش دېگەن سۆز دەل مۇشۇ يەردىن كېلىپ چىققان. نۇ نۇتۇقلار ئەينى زاماندا ھەر قايسى ئافىنا قەلئەلىرىدە كەڭ تارقالغان بولۇپ، كىشىلەرنى ۋەتەننى قوغداپ، تاجاۋۇزغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىشتىكى كۈچلۈك روھى قورالغا ئايلانغان. بۇ دەل ئاشۇ نۇتۇقلارنىڭ ئىككىنجىسى.

   تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش: مىلادىدىن بۇرۇنقى 346-يىلى دېلفى قەلئەسىدىكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كىيىن، فىلىپ ماكىدونىيىگە قايتىپ كېلىدۇ. 345- يىلىنىڭ كۆپ قىسمى ۋە 344- يىلىنىڭ دەسلەپكى بىر قانچە ئايلىرىدا، ئۇ ئىللىرىيانلار، داردانىيلار ۋە ترىباللىقلارغا قارشى ئۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولىدۇ، لېكىن 344- يىلى ياز ئەتىراپىدا ئۇ گرىتسىيىگە قايتىپ، ماكىدونىيىلىكلەر بىلەن بىرگە سېسىلىيەنىڭ فېرا ۋە باشقا قەلئەلىرىدە ئەسكەر تۇرغۇزۇش، سېسىلىيە پورتىدىن كىرىغان پايدىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش ۋە پۈتۈن دۆلەتتە ئۆز باشچىلىقىدىكى مۇشتۇمزور ھاكىممۇتلەق ھاكىمىيىتىنى تىكلەش پائالىيىتىنى باشلايدۇ. بىرلا ۋاقىتتا، فىلىپ ئافىنالىقلار بىلەن ئۆزى 346-يىلى بېسىۋالغان تىراكىيە قورغانلىرى توغرىسىدا كېڭەش ئۆتكۈزىدۇ. گەرچە ئۇ يېرىم ئارالدىن كېسىپ ئۆتىدىغان بىر يول ئېچىپ بەرمەكچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئاشۇ يەردىكى ئافىنا ئىتتىپاقداشلىرىنى تىرىكىيەلىكلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداشنى باھانىسى بىلەن ئۇ قورغانلاردىن ۋاز كېچىشكە قوشۇلمايدۇ. ئۇ يەنە مېسسىنىيە ۋە ئارگوسلارغا پۇل ياردەم قىلىش ۋە كاھىنلارنى ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ سىپارتالارغا قارشى تۇرۇپ، مۇستەقىللىقىنى قوغدىشىغا ياردەم بېرىدۇ. سىپارتا بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتتىكى ئافىنا شۇ سەۋەبتىن پېلوپونىيە قەلئەلىرىگە ئەلچى ئەۋەتىپ فىلىپنىڭ يامان تەسىرىنى بېسىشقا ئەۋەتىدۇ. بۇ ئەلچىلەرنىڭ ئارىسىدا دېموسىنىمۇ بار ئىدى. بۇنىڭ تەسىرىدە، ئارگوس ۋە مىنىسسىيىلەر ئافىنانىڭ ئۆزلىرىنىڭ  ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۇرۇنۇشلىرىغا ئارلاشقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرىدۇ. فىلىپمۇ پېلوپونىيىگە ئۆز ۋەكىللىرىنى ئەۋەتىپ، ئافىنا ئەلچىلىرىنىڭ ئۆزى ئۈستىدىن قىلغان ئەرزىگە رەددىيە قايتۇرىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ تىنىچلىق مەزگىلىدە، ئافىنالىقلارغا بەرگەن ھېچقانداق ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ ھېچقانداق ۋەدە بېرىپ باقمىغان. ئەگەر دېموسىنىنىڭ قارىشى توغرا دىيىلگەندە،  فىلىپ پەقەت بار-يوق ئارىسىدىكى ياخشى تىلەكلەر بىلەنلا چەكلەنگەنىدى. فىلىپنىڭ ۋەكىللىرى ئۇنىڭ تىنىچلىق مەزگىلىدىكى قىلمىشلىرى توغرىسىدا ھەرخىل چۈشەندۈرۈشلەرنى بېرىدۇ، دېموسىنى بۇ ھەقتىمۇ ئۆز نۇتۇقىدا توختۇلۇپ ئۆتىدۇ.

ھەقىقىي دۈشمەن

    ھەي.... ئافىنا خەلقى... فىلىپنىڭ تىنىچلىق كىلىشىمىگە خىلاپ ھالدا ئېلىپ بارغان زوراۋانلىق قىلمىشلىرى توغرىسىدا ئېلىپ بارغان مۇنازىرىلىرىمىزدە، مىنىڭ كۆزىتىشىمچە، گەرچە سۆزلىرىمىز قارىماققا ناھايىتى ئادىل، گىپىمىز بىر يەردىن چىققاندەك، فىلىپنى ئەيىبلىگۈچىلەرمۇ دېيىشكە تېگىشلىك بولغاننىڭ ھەممىسىنى دېگەندەك قىلسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە، قىلىشقا تېگىشلىك ھېچقانداق بىر ئىش قىلىنغىنى يوق، يا ئاشۇ ۋەزلەرنى، تىڭشاشقا ھەقىقىي ئەرزىيدىغان قىلغۇدەك بىرەر بىر ئىش بولغىنى يوق. دەل ئەكسىچە، ئاممىۋى ئىشلارنىڭ ۋەزىيىتى، ئومومىي جەھەتتىن ئېيتقىندا، شۇنداق بىر نۇقتىغا يېتىپ باردىكى، ھەرقانداق بىر سۆز قىلغۇچى فىلىپنى سىلەر بىلەن تۈزگەن تىنىچلىق كىلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغىنى ۋە خېلىنىسلارغا توزاق قۇرغانلىقىنى تازا پاكىتلىرى بىلەن قوشۇپ تۇرۇپ شىكايەت قىلالايدۇ، ھازىر ئۇنىڭ سىلەرگە ئۇنداق مۇنداق قىل دىيىشىمۇ ئۇنچە ئاسانغا چۈشمەيدۇ. بۇ ئىشلاردا ئافىنالىق ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى بار. تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىگە قارشى تۇرۇش ئەمەلىي ئىش-ھەركەت بىلەن بولىدۇ، قۇرۇق سۆز بىلەن ئەمەس. ئەمما ئالدى بىلەن دەيدىغىنىم شۇكى، ئالدىڭلاردا تۇرۇپ سىلەرگە سۆز قىلىۋاتقان بىزلەر گەرچە فىلىپنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرى، ئۇنىڭ ۋەھشىيلىكى، زوراۋانلىقى قاتارلىقلار ئۈستىدە تەپسىلىي توختالساقمۇ، لىكىن سىلەرنىڭ نارازىلىقىڭلارنى قوزغاپ قويماسلىق ئۈچۈن، سىلەرگە نىمە قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا يول كۆرسىتىپ يۈرۈشنى مۇۋاپىق كۆرمەيمىز. ئۇندىن باشقا، گەرچە بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تىڭشاۋاتقان ھەرقايسىڭلار گەرچە، شۈبھىسىزكى، فىلىپقا سېلىشتۇرغاندا ئادالەت توغرىسىدا سۆزلەشكە، باشقىلار بىلەن مۇنازىرلىشىشكە تېخىمۇ ھەقلىق بولساڭلارمۇ، لىكىن سىلەر ھەقىقەتەن بەكمۇ ئاڭقاۋسىلەر، بولۇپمۇ فىلىپنىڭ ھازىرقى پىلانلاۋاتقان سۈيقەستىنى توسۇش مەسىلىسىگە كەلگەندە شۇنداق. بۇنىڭ ئەقەللىي ۋە مۇقەررەر نەتىجىسى شۇكى، ھەركىمنىڭ قىزىقىشى ۋە ۋاقتى نىمىدە بولسا، ئۇ شۇنىڭغا ئېرىشىدۇ---ئۇ بولسا ھەركەتتە، سېلەر بولساڭلار گەپتە... لىكىن بۇ تېخى سىلەرگە يەتمەمدۇ؟ سىلەرنىڭ ئېيتقانلىرىڭلار ئۇنىڭكىگە قارىغاندا تېخىمۇ يوللۇق، ئادىل، ئىشىڭلار ئوڭاي، ئەمگەك قىلىش كەتمەيدۇ. ئەگەر بىز ھازىرقى بۇ خەتەرلىك ۋەزىيەتنى قانداق قىلساق ئوڭشىغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولساق، ئۆزىمىزمۇ سەزمىگەن ھالدا،  ھەتتاكى ئۆزئۆزىمىزنى قوغداش ئۈچۈن قولىمىزنىمۇ كۆتۈرەلمەيدىغان دەرىجىدىكى بىر كۈچكە دوقۇرۇشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ تەرەققىياتىنى توسماقچى بولساق، ئۇنداقتا بىز چوقۇم تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك، شۇنداقلا مۇشۇ يەردە سۆزلەۋەتقان، ۋە تىڭشاپ ئولتۇرغان ھەر بىرىمىز بىر نىيەتتە ئارىمىزدىكى بىزلەرنى قۇتقۇزالايدىغان، ئەڭ ئاقىل كىشىلىرىمىزدىن يول سورىشىمىز لازىم، ئەلۋەتتە ئۇلارغا نىسبەتەن بۇ بەكمۇ ئاسان، ۋە خوش ياقىدىغان ئىش....
    ئالدى بىلەن، ھەي ئافىنالىقلار، ئاراڭلاردىكى فىلىپنىڭ ھازىرقى يۈكسەك ئورنى ۋە ئۇ ئېرىشكەن شۇنچە چوڭ ھوقوقتىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق، بۇنىڭ ئافىنالىقلارغا ھېچقانداق خەتىرى يوق، ئۇ قىلىۋاتقان بارلىق تەييارلىقلار سىلەرگە قارشى ئەمەس دېگۈچىلەرگە مەن ھەيران. مەن سىلەردىن مىنىڭ نىمىشقا دەل سىلەرنىڭ ئەكسىڭلارچە يەكۈن چىقىرىشىمدىكى، نىمىشقا فىلىپنى دۈشمەن دەپ قارىشىمدىكى ئاساسىمنى قىسقا قىلىپ سۆزلەپ بېرىشىمگە روخسەت قىلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. ئەگەر مىنىڭ پەرىزىم سىلەرگە تېخىمۇ توغرىراق بىلىنسە، ماڭا ئىشىنىڭلار؛ ئەگەر قورقمايمىز، ئۇنىڭغا يەنىلا ئىشىنىمىزدېگۈچىلەر بولسا، ئۇنى خالىغىنىڭلارچە قوللاڭلار. قېرىنداشلار، ئەمىسە تۆۋەندىكىلىرى مىنىڭ ئاساسلىرىم. بىرىنجىسى، تىنچلىق كېلىشىمى ھازىرلانغاندا، فىلىپ نىمە ھوقوققا ئېرىشتى؟ تېرموپىلى ئۆتكىلى بىلەن فوكىس رايونىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى.... ئىككىنچىسى، ئۇ ھوقوقىنى نېمىگە ئىشلەتتى؟ ئۇ مەقسەتلىك ھالدا ئافىنانىڭ مەنپەئەتىگە ئەمەس، تىبىسلارنىڭ مەنپەئەتىگە ماس ھالدا ئىش قىلدى. ئۇ ھەممىلا ئىشنى ئۆز مەقسىتىنى، ئۆزىنىڭ ھەممە يەرنى بويسۇندۇرۇشتىن ئىبارەت مەقسىتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئويلاندى: ئۇ تىنچلىق، مۇقۇملۇق، ئادالەت توغرىسىدا ھېچقاچان ئويلىنىپ باقمىدى؛ ئۇ شۇ نەرسىنى ناھايىتى ئېنىق چۈشەنگەنكى، دۆلىتىمىز ۋە بىزنىڭ پۈتۈن مىللىي خارەكتېرىمىزلا بولىدىكەن، ئۇنىڭ ھەرقانچە قىلىپ سىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ ئۆز مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن يەنە بىرەر قەلئەيىڭلارنى ئۇنىڭغا قۇربان قىلىپ بېرىشىڭلار مۇمكىن ئەمەس؛ ئۇ سىلەرنىڭ توغرىلىققا قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىڭلارنى كۆرۈپ يەتكەن؛ سىلەرنىڭ ئۇنداق بىر سىياسەت بىلەن يۈزۈڭلارنى تۆكۈۋېلىشتىن ئۆزۈڭلارنى قاچۇردىغانلىقىڭلارنى بىلگەن؛ سىلەرنىڭ ۋەزىيەت تەقەززاسى ئۈچۈن پۈتۈن زېھنىڭلارنى ئاجىرتىدىغانلىقىڭلارنى، ئۇنىڭ ئاشۇنداق ئۇرۇنۇشلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىڭلارنى، ھەتتاكى ئۆزىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشتىن يانمايدىغانلىقىڭلارنى بىلگەن. لىكىن ئۇ شۇنىڭغا ئىشەنگەنكى_ يۈز بەرگەن ئىشلار ئۇنىڭ پەرىزىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدى، تېبىئانلىقلار ئۆز مەنپەئەتىگە تاقاشمىسىلا، ئۆزى ئېرىشىدىغان نەرسىلەر ئۈچۈن ئۇنىڭ خالىغان ئىشنى قىلىشىغا يول قويىدۇ؛ ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ئەمەس، ئۇنى توسۇش ئەمەس، ھەتتاكى ئەگەر ئۇ ۋەدە بەرسە، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇرۇشقا ئاتلىنىدۇ. ئۇنىڭ نۆۋەتتە مېسسىنىيانلىقلار ۋە ئارگوسلىقلارغا خوشامەت قىلىشىمۇ دەل ئۇنىڭ ئۇلارنى يۇقۇرقىدەك چۈشەنگەنلىكىدىن بولغان. ھەي ئافىنا خەلقى، بۇ سىلەر ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئىسپات. ئۇنىڭ بارلىق قىلمىش-ئەتمىشلىرى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پەقەت سىلەرلا، مەيلى سىلەر نىمىگە ئېرىشىشىڭلاردىن قەتئىينەزەر، ھەرگىزمۇ ئۆزۈڭلارنىڭ قېرىندىشىڭلارنىڭ مەنپەئەتىگە ساتقىنلىق قىلمايسىلەر، ياكى ئۇنىڭ سىلەرگە قانداق پايدا ياكى مەنپەئەت بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆز قېرىندىشىڭلارغا بولغان ساداقەتنى ھېچقانداق نەرسىگە تېگىشمەيسىلەر. ئۇنىڭ سىلەرگە بولغان بۇ قارىشى، خۇددى ئۇنىڭ تېبىئانلىقلار ۋە ئارگوسلىقلارغا بولغان قارمۇ-قارشى چۈشەنچىسىگە ئوخشاشلا، ئۇنىڭ ھازىر ۋە ئۆتمۈشكە بولغان كۆزۈتىشىدىن بولغان.  مىنىڭچە،  ئۇ سېلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلارنىڭ  بۇ يۇرتلارنى قانداق ئىدارە قىلغانلىقىنى بايقىغان، ئەينى زاماندا، ھازىرقى خان جەمەتىنىڭ ئەجدادى بولغان ئالېكساندىر، پادىشاھنىڭ ئەلچىسى سۈپىتىدە بۇ يەرگە كېلىپ، ئۇلارنى ئۆز پادىشاھىغا  تىزپۈكۈش شەرتىنى قويغاندا، ئۇلار ئۆزىنىڭ بېشىغا كېلىدىغان جاپا-مۇشەققەتلەرگە قارىماستىن، بۇ تەلەپنى رەت قىلىپ، ئۆز يۇرتىدىن چىقىپ كېتىشنى تاللىغان؛ ئۇلارنىڭ شۇنىڭغا ئوخشاش مەردانىلىقلىرىنى ھەممە ئادەم قىزغىنلىق بىلەن تەرىپلىشىدۇ، ئۇلاردىكى مەردانىلىككە تېخى ھېچكىم تەڭداش بولالىغىنى يوق؛ شۇ سەۋەبتىن مەنمۇ ھەم ئۆزۈمنى ئۇلار توغرىسىدا سۆزلەشتىن دەرھال تۇتۇۋالمىسام بولمايدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ياراتقان نۇسرەتلەر بۈيۈكلۈكتە تىل بىلەن تەسۋىرلەش قابىلىيىتىمىزدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدۇ؛ ئۇ يەنە شۇنى بىلىدۇكى، تېبىيانلار ۋە ئارگوسلىقلارنىڭ ئەجدادلىرى قانخور دۈشمەنلەر بىلەن بىرلىشىپ باققان، ۋە ئالېكساندىرنىڭ پادىشاھىغا بويۇن ئېگىش شەرتىگە ھەم ھېچقانداق قارشىلىق بىلدۈرمىگەن. فېلىپ بۇ ئىككىلا خەلقنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلىنىشنىڭ ئورنىغا، ئۆز مەنپەئەتىگە پايدىسى يېتىدىغان ھەرقانداق نەرسىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلگەن؛ ئەگەر ئۇ سېلەر بىلەن ئىتتىپاقداشلىق ئورناتسا، سىلەرنىڭ پەقەت توغرا مەقسەت ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ؛ ئەگەر ئۇ ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشسا، ئۇ ئۆزىنىڭ مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرىشىغا ياردەم بېرىدىغان بىر ئىتتىپاقداشقا ئېرىشىدۇ. مانا بۇ نىمىشقا ئۇنىڭ ئەمدىلىكتە ئۇلارنى تاللىغانلىقىنىڭ سەۋەبى، ئۇ سىلەرنى دەڭسەپ كۆرۈپ، ئۇلارنى تاللىغان. بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ كېمىگە ئىگە بولغانلىقىدىن ئەمەس؛ يا ئۇنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقتا يېڭى بىر ئېمپىرىيە بايقاپ، دېڭىز قىرغىقى ۋە سودا پورتلىرىدىن ۋاز كەچكەنلىكىدىن ئەمەس؛ بۇ ھەم ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ تىنچلىق كېلىشىمى ئۈچۈن قىلغان بۈيۈك قەسەملىرىنى ئۇنتۇلۇپ قالغانلىقىدىن ئەمەس.
    لىكىن بەزىلەر خۇددى ئىشنىڭ تېگى-تەكتىنى ناھايىتى ئۇبدان بىلىدىغاندەك قىياپەتتە، فىلىپنىڭ بۇنداق قىلىشىغا تۈرتكە بولغىنى ھەرگىزمۇ مەن ئۇنىڭ يامان غەرىزى ياكى مەن ئۇنىڭغا تاڭماقچى بولغان باشقا مەقسەتلىرى ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنىڭ تېبېسلارنىڭ شۇ چاغدىكى تەلىپى سېلەرنىڭكىگە قارىغاندا تېخىمۇ يوللۇق ئېكەنلىكىگە ئىشەنگەنلىكىدىن بولغان دېگۈچىلەر بولۇشى مۇمكىن. مېنىڭ بېرىدىغان جاۋابىم شۇكى، ھازىرقى ۋەزىيەتتە، باشقىسىغا قارىغاندىمۇ بەكرەك، بۇنداق سۆزنى قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس. سىپارتانى مېسسىنىيەدىن ۋاز كېچىشكە بۇيرۇپ، بۇنى ئۆزىنىڭ ئوركامىنۇس بىلەن كورونىيەنى تېبىسقا قوش قوللاپ ئۆتۈنۈپ بېرىشىنىڭ باھانىسى قىلىۋالغان بىرسىنىڭ توغرا يوللۇق، دۇرۇس بولۇش توغرىسىدىكى سەپسەتىلىرىنى بىلجىرلاپ يۈرۈشىگە نىمە ھەققى بولسۇن؟!
    بىز شۇنداق ئاڭلىدۇقكى ( ئەڭ ئاخىرقى تېركىشىش سۈپىتىدە)، ئۇ شۇنداق مۇرەسسە قىلىشقا مەجبۇر بولغان، سېسىلىيەنىڭ چەۋەندازلار قىسمى بىلەن تېبىسنىڭ پىيادە ئەسكەرلەر قىسمى ئارىسىدا قورشاۋدا قالغاندا، ئۆز ئېرادىسىگە زىت ھالدا، مۇشۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولغان. بىز يەنە شۇنىڭدىن خەۋەر تاپتۇقكى، ئۇ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تېبىسلاردىن ئېھتىيات قىلىشنى ئويلاشقان، يەنە بەزى ئۆسەك سۆزلەردىن ئىشتىشىمىزچە، ئۇ ئېلىتىيە قەلئەسىنىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىشنىمۇ ئويلاشقانمىش. ئويلاشقان... ھەقىقەتەن!!! لېكىن مەنچە بۇ شۇ ئويلاشقان پېتى قېلىۋېرىدۇ! ئۇنىڭ ئۆزى زور كۈچ بىلەن يېتىپ كېلىدۇ دەپ ئۈمۈد كۈتۈلگەن شۇ يەرگە، ئەمەلىيەتتە ئۇ پەقەت پوپلارنىلا ئەۋەتىپ پۇل تارقاتقان خالاس. ئۇ ئۆز قولى بىلەن ۋەيران قىلغان فوكىسنى قوغداش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېبىسلارنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى بولغان سپارتالارنى يوقۇتارمۇ؟ بۇنداق سەپسەتىگە كىممۇ ئىشىنىدۇ؟ ئەگەر فىلىپ ئەينى چاغدا ھەقىقەتەن ئۆز ئىرادىسىگە قارشى ھالدا، بېسىم ئاستىدا شۇنداق قىلغان، ئەگەر ئۇ ھازىر تېبىس بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشكە ئۇرۇنغان بولسا، ئۇنداقتا مەن ئۇنىڭ بۇنداق ئۇدا ئۇلارنىڭ دۈشمىنىگە قارشى تۇرىشىغا ئىشەنمىگەن بولاتتىم. لېكىن ئۇنىڭ ھازىرقى تۇتقان يولى پەقەتلا شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى قىلمىش- ئەتمىشلىرى ھەم مەقسەتلىك بىر پىلاننىڭ نەتىجىسى. ھەرقانداق بىر ئەقەللىي كۆزۈتۈشكە نىسبەتەن، شۇ نەرسە ئايدىڭكى، ئۇنىڭ پۈتۈن پىلانلىرى پەقەت بىرلا نىشان ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان___ ئۇ بولسىمۇ ئافىنانى ۋەيران قىلىش. ھەقىقەتەن، ھازىر بۇ، مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر زۆرۈرىيەت بولۇپ قالدى. پەقەتلا ئويلۇنۇپ كۆرۈڭلار. ئۇنىڭ ئۈمۈد قىلىدىغىنى بىر ئېمپىرىيە، لېكىن سېلەر بولساڭلار، ئۇ ئۆزى ئىشەنگىنىدەك، ئۇنىڭ بۇ نىشانغا يېتىشىدىكى بەلكىم بىردىن- بىر دۈشمىنىسىلەر. ئۇ شۇنچە ئۇزۇندىن بۇيان سىلەرگە يامانلىق قىلىپ كەلدى، ئەلۋەتتە بۇنى ئۇ ئۆزى ياخشى بىلىدۇ؛ چۈنكى پەقەت سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردىكىنىڭ ھەممىنى ئېگەللىۋالغاندىلا، ئاندىن ئۇنىڭ باشقا بويسۇندۇرغانلىرى بىخەتەر بولالايدۇ، خۇددى ئۇ ئىشەنگىنىدەك، ئەگەر ئۇ ئامپىپولىس ۋە پوتىدىيەلەرنى قولدىن چىقىرىپ قويغان بولسا، ئۇ ھەتتاكى ئۆز ئۆيىدىمۇ خاتىرجەم ئۇخلىيالمىغان بولاتتى. مۇشۇ ئىككى پاكىت، ئۇ بۇنى ياخشى بىلىدۇ،  بىرىنچىسى، ئۇنىڭ پىلانلىرى سېلەرگە قارىتىلغان، ئىككىنچىسى، سېلەر بۇنى بىلىسىلەر: ئۇ  سىلەرنى يۈزىنىڭ قېنى بار، ئىش كۆرگەن دەپ چۈشىنىدۇ، ئۇ يەنە شۇنداق ئويلايدۇكى، سىلەر ئۇنى پەقەت مۇنداقلا ئۆچ كۆرۈسىلەر؛ بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئۇنىڭ خورىكى ئۆسۈپ كەتتى؛ چۈنكى ئۇ ئەگەر سىلەرنى ئانچە-مۇنچە زەربىگە ئۇچۇرتۇش ئارقىلىق تومۇرۇڭلارنى تۇتۇۋالمىسا، سىلەرنىڭ پۇرسەت تاپقان ھامان، ئۇنىڭ بېشىغا ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ناھايىتى سەگەك، ئىنتايىن ھۇشيار؛ ئۇ ئافىناغا قارشى باشقا كۈچلەرنى توپلاۋاتىدۇ---تېبىس ۋە ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان پېلوپونىسىيە، ئۇلارچە ئۇلارنىڭ بېيىش ئارزۇسى شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە ئىشقا ئاشىدىغاندەك، لېكىن ئۇلارنىڭ قان قانىغا سىڭىپ كەتكەن دۆتلىكى ئۇلارنى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن بولغان ئاقىۋەتلەرنى ئالدىن كۆرۈپ يىتىشتىن توسۇپ تۇرىدۇ؛ بۇنىڭغا بىزدە ئاززىراق كاللىسى جايىدا ئادەم بولسىلا كۆرۈپ يىتەلىگىدەك مىساللار بار، كاللامغا كەلگەن بۇ مىساللارنى مەن ئەسلى مېسسىنىيە ۋە ئارگوفلۇقلار ئېيتماقچى بولغان ئىدىم، لېكىن بەلكىم بۇ مىساللارنى سېلەرگىمۇ ئېيتقىنىم ياخشىدۇر.
   مەن دېدىم: «ھەي مېسسىنىيە خەلقى، ئويلاپ كۆرمەمسىلەر، ئەينى چاغدا بىز فىلىپقا قارشى نۇتۇقلارنى سۆزلىگەندە، ئولىنسىيەلىكلەر قانچىلىك تاقەتسىزلەنمىدى؟ ئەينى چاغدا ئۇ ئۇلارغا ئىلگىرىكى بارلىق ماكىدونىيە پادىشاھلىرى بىزنىڭ دەپ جاكارلاپ تۇرغان بىر شەھەر___ئانتېموسنى ئۇلارغا بېرىۋەتتى؛ ئۇ ئافىنالىق ئاقسۆڭەكلەرنى پوتىدىيەدىن سۈرگۈن قىلىپ، ئولىنسىيەلىكلەرگە تۇتۇپ بەردى؛ ئۇلار بىلەن ئافىنا ئوتتۇرسىدىكى جېدەلنى ھەل قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندا، ئۇ ئۇلارنى ئۇ يەرنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقوقى بىلەن خوش قىلمىدىمۇ؛ سېلەرچە ئۇلار ئۆزى باشقىلارغا قىلغىنىدەك مۇشۇنداق ئازاپ قېلىشىنى كۈتكەنمىدى؟ ئەگەر ئۇلارغا بىرەرسى ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولسا، ئۇلار ئۇنىڭغا ئىشەنگەن بولارمىدى؟ لېكىن ئۇلار ئۆزىنىڭ بولمىغان بىر زىمىننىڭ خوشاللىقىنى قىسقا بىر مەزگىل سۈرگەندىن كېيىن، ھەتتاكى ئۆزىنىڭ زىمىنىدىنمۇ ئايرىلىپ قالدى؛ ئۇلار پەسەندىلىكتە تېخىمۇ ئېشىپ، ئۇ تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىندىلا ئەمەس،  ئۇلار ئۆز-ئارا يۇزسىزلىك قىلىپ، بىر-بىرىنى سېتىپ تۈگەتتى؛ چۈنكى مۇستەقىل بىر دۆلەت ئۈچۈن بىر قانخور پادىشاھ بىلەن بۇنچە يېقىنلىشىپ كېتىش خەتەرلىك.ئۇنداقتا سېسىلىيەچۇ؟ سېلەرچە ئۇ ئۇلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بېشىدىكى قانخور ھوقوقدارلارنى قوغلىۋەتكەندە، يەنە تېخى ئۇ ئۇلارغا نېكىيە ۋە مەگنىزىيەلەرنى ئېلىپ بەرگەندىمۇ، ئۇلار ئۆزىدىكى ھازىرقى ئون كىشىلىك كېڭەشنى خىيالىغا كەلتۈرۈپ باققانمىدى؟ ئۇلارنىڭ قوشنا ئەللەر ئىتتىپاقىدىكى ھوقوقىنى قايتا قولىغا ئېلىپ بەرگەن شاپائەتچىسىنىڭ ئۇلارنىڭ قولىدىكى پايدىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشىنى ئويلاپ كۆرگەنمىدى؟ ياق، مۇمكىن ئەمەس!!! لېكىن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى يۇزبەردى، بۇنىڭغا ھەممىڭلار شاھىد. مۇشۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە، سېلەرنىڭ قولۇڭلاردا ھەم پەقەت فىلىپنىڭ سېلەرگە بېرىشنى ۋەدە قىلغان ئىنئاملىرى بىلەن پەقەتلا ئۇنىڭ قۇرۇق ۋەدىسىلا بار خالاس. ئەگەر كاللاڭلار ھەقىقەتەن جايىدا بولسا، ئۇنىڭ ھېيلىسى ۋە ساتقىنلىقىدىن تەڭرىگە سېغىنىپ پانالىق تىلەڭلار. ھەممىڭلار بىلىسىلەر، ھازىر شەھەر مۇداپىيەسى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ھەرخىل يىڭىلىقلار بارلىققا كەلدى، مەسىلەن تىكەنلىك توسۇق، تام، خەندەك، سېپىل دىگەندەك ھەرخىل مۇداپىيە قوراللىرى بار. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر جۈپ قولىمىز بىلەن ياسايمىز، ئەلۋەتتە يەنە بۇنىڭ چىقىمىمۇ بار. لېكىن ھەرقانداق بىر ئاقىل ئىنسان تۇغۇلۇشىدىنلا ئىگە بولغان مۇنداق بىر قوغدىغۇچى بار---ئۇ ھەممە نەرسىنىڭ ھامىيسى، ئەڭ مۇھىمى زالىمغا قارشى دېموكراتىيىنىڭ قوغدىغۇچىسى. ئۇ نىمە؟ ئۇ دەل ھېچكىمگە ئىشەنمەسلىك. بۇ ئىقتىدارنى ياخشى قوغداڭلار، ئۇنىڭغا چىڭ ئېسىلىڭلار. ئەگەر مۇشۇ سۈپەتنى ياخشى ساقلىساڭلار، سېلەر مەڭگۈ بالايى-ئاپەتتىن قورقمىساڭلارمۇ بولىدۇ. سىلەر نىمىگە ئىنتىلىسىلەر؟ ئەركىنلىككىمۇ؟ فىلىپنىڭ داڭقىنىڭ ئەركىنلىك بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟ چۈنكى زالىم پادىشاھ ھەرزامان ئەركىنلىك ۋە قانۇننىڭ دۈشمىنى. ئۇرۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قىلغان كۈرىشىڭلارنىڭ ئەكسىچە، قۇلغا ئايلىنىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن، تېخى ئويغانمامسىلەر؟
   بۇنى ئاڭلىغان كىشىلەر مىنى قاتتىق ئالقىشلىدى، ئەلچىلەر ئۆمىكىدىكى باشقىلارمۇ نۇتۇق سۆزلىدى. لېكىن قارىماققا ئۇلار فىلىپنىڭ دوستلىقى ۋە ۋەدىلىرىدىن ئۆزىنى تارتقاندەك قىلمايدۇ. ھەقىقەت شۇكى، غەلىتە يېرى ھەرگىزمۇ مېسسىنيەلىكلەر ۋە پېلوپونىسىيەلىكلەرنىڭ ئۆز توغرا ھۆكمىگە قارشى ھالدا ئىش قىلىۋاتقانلىقى ئەمەس، ئەكسىنچە سىلەرنىڭ ھەممىنى چۈشۈنۈپ تۇرۇپ، ئۆز ناتىقلىرىڭلارنىڭ سىلەرگە‹ھەي، بۇ يەردە سىلەرگە قارشى بىر توزاق بار، سىلەرگە ئاپەت يېقىنلاپ كىلىۋاتىدۇ.› دېگەنلىرىمىزنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، دەرھال ھەركەتكە كىلىشنىڭ ئورنىغا، دېسەم، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ئەڭ چوڭ تالاپەتكە بىخۇدلۇق قىلىۋاتقانلىقىڭلارنى بايقايسىلەر، مەن شۇنداق قارايمەن. سىلەرگە يېقىن كەلگۈسىدە ئېرىشىدىغان پايدىدىن ھازىرنىڭ ئۆزىدىكى راھەت-پاراغەت بەك چوڭ بىلىنىدىكەن.
    ئەمدى سېلەر قوللىنىشقا تېگىشلىك ئەمەلىي بىر تەدبىرگە كەلسەك، ئەگەر ئەقىللىق بولساڭلار، كېيىنچە سېلەر چوقۇم  ياخشى ئويلىنىپ قالىسىلەر. لېكىن مەن ھازىرنىڭ ئۆزىدە، سېلەر قىلىشىڭلار مۇمكىن بولغان بىر جاۋابنى سېلەرگە تەۋسىيە قىلىمەن، بۇ ئەلۋەتتە سېلەرنىڭ مەجبۇرىيىتىڭلار بىلەن بىردەكلىككە ئىگە.
ھەي، ئافىنا خەلقى، ھازىر قىلىشقا تېگىشلىك نەق ئىش ئالدىڭلارغا سېلەرگە ۋەدىلەرنى بېرىپ تىنچلىق كېلىشىمىنى ئىمزالاتقۇزغان كېشىلەرنى يىغىش. ئەگەر سېلەر فىلىپنىڭ تىنچلىققا ئېرىشىۋېلىپلا مۇشۇنداق قىلىشىنى بىلگەن بولساڭلار، سېلەر ھەرگىزمۇ ئۇرۇشنى توختاتمىغان بولاتتىڭلار، مەنمۇ ئەلچىلەر ئۆمىكىدە يۈرمىگەن بولاتتىم. بىزنىڭ ئاڭلىغانلىرىمىز بۇنىڭدىن بەكمۇ يىراق. سېلەر يەنە باشقا بەزى كىشىلەرنىمۇ ھەم چاقىرتىشىڭلار كېرەك. مىنىڭ كىملەرنى دېمەكچى ئىكەنلىكىمنى سوراۋاتامسىلەر؟ مەن تىنچلىق كىلىشىمى تۈزۈلۈپ بولۇپ،  قەسەمياد مۇراسىمىغا يىتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ئىككىنچى قېتىملىق ئەلچىلەر ئۆمىكىدىن قايتىىپ كەلگەندىن كېيىن، مەن پۈتۈن شەھەرنىڭ ئالدىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم، ۋە قايتا-قايتا سېلەرنى تېرموپىلىيە ۋە فوكىسلارنى قۇربانلىق قىلىۋىتىشتىن توسۇپ قارشىلىق بىردۈردۈم. مەن سېلەرگە دەۋاتقان كېشىلەر دەل ئەينى چاغدا مېنى سوغوق سۇنى ئىچىۋېرىپ مىجەزى ئوساللىشىپ كەتكەن، سەپرا قېرى دېگەن كىشىلەر. فىلىپ ئەگەر تىنچلىق كېلىشىمى ھازىرلانسىلا، ئۇ سېلەرنىڭ تېلىگىنىڭلاردەك ئىش قىلىدىغان بولدى؛ تېسپىيە ۋە پالاتىيەلەرنىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىدىغان، تېبىيانلارنىڭ يولسىزلىقىغا خاتىمە بېرىدىغان، ئۆز يېنىدىن چىقىم قىلىپ تۇرۇپ، يېرىم ئارىلدىن بىر بىخەتەر ئۆتكەل ئېچىپ بېرىدىغان ۋە يۇبىيە بىلەن ئوروپۇسلارنى قايتۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق قوشنا ئەللەر ئىتتىپاقىنىڭ ئەسلىگە كىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغان بولدى. بۇ ۋەدىلەرنىڭ ھەممىسى دەل مۇشۇ سەھنىدە تۇرۇپ سۆزلەنگەن، بۇنىڭ سېلەرنىڭ يادىڭلاردا ياخشى بار ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن، گەرچە سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلەرگە ئازار بەرگەن بۇ كېشىلەرگە بولغان خاتىرەڭلار ئىنتايىن قىسقا بولسىمۇ. سېلەربۇ شەرمەندىچىلىكنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ، مۇشۇ قۇرۇق ئارزۇلاردىن باشقىنى كۆزۈڭلار كۆرمىگەننى ئاز دەپ، سىلەر مۇشۇ تىنچلىقنى ئۆزۈڭلەرگە گۈللۈنۈش ئېلىپ كېلىدۇ دەپ ئىشەندىڭلار؛ شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئىش قىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدىڭلار. لېكىن مەن ئەمدى بولغاندا بۇلارنىڭ ھەممىنى دەپ نىمە ئىش قىلىمەن؟ سېلەرنى ئۇلارنى چاقىرتىڭلار دەپ نىمە ئىش قىلىمەن؟ تەڭرى بىلەن قەسەمكى، سېلەرگە ھەممىنى قالدۇرماي، ھېچنەرسىدىن ھېيىقماستىن ھەممىنى دەپ بېرىمەن. مىنىڭ نىشانىم- مەن بىلەن دەسلىپىدىن تارتىپلا دۈشمەنلىشىپ كېلىۋاتقانلارغا فىلىپنىڭ ئىنئامىغا ئېرىشىدىغان يەنە بىر پۇرسەت يارىتىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،  يامانلىققا يول بەرمەسلىك، شۇنداقلا يەنە بۇ يەردە تۇرغان باشقىلارغا ئوخشاش، مېنىڭ سۆزۈمنىمۇ دېققەت قىلىپ ئاڭلىشىڭلارئۈچۈندۇر. ھەرگىزمۇ قۇرۇق گەپ قىلىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىش مەقسىتىم يوق. ياق، لېكىن مىنىڭچە فىلىپنىڭ پىلانلاۋاتقان ئىشلىرى ھامان بىر كۈنى سېلەرنى ھازىرقىدىنمۇ بەكرەك قىيىن ئەھۋالدا قويىدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭ پىلانى مۇۋەپپىقىيەتنى نىشان قىلغان، گەرچە ئۇنىڭ نىمە قىلماقچى ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىنىق پەرەزنى دەپ بېرەلمىسەممۇ، لېكىن نۇسرەتنىڭ  ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا ئۇنىڭ قولىنىڭ ئۇچىغا كېلىپ قالغان بولىشىدىن قورقىمەن. كۆز ئالدىڭلاردىن ئۆتىۋاتقان ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى رەت قىلالمايدىغان پەيت يېتىپ كەلگەندە، مەن ۋە باشقا ھېچكىمدىن بۇنىڭ ھەممىسى سېلەرگە قارشى پىلانلانغان دەپ ئاڭلىمايدىغان، ھەممىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ، بۇنىڭغا چىن پۈتكەن چېغىڭلاردا، ئەنە شۇ چاغدا، مەن ئويلايمەن، سېلەر غەزەپلىنىسىلەر ۋە ئالدىراشقا باشلايسىلەر. مەن ئەنسىرەيمەنكى، ئۆزىنىڭ پارە يېگەن جىنايى سىرىنى يوشۇرۇپ، سېلەرگە ھەقىقىي مەقسەتلەرنى سۆزلەشتىن يالتايغان ئەلچىلىرىڭلار، ئۆزى قولچوماق بولغان بۇ ۋەيرانچىلىقنى ئۆزىچە ئوڭشىماقچى بولۇۋاتقانلار سېلەرنىڭ غەزىپىڭلارغا ئۇچىرايدۇ. مىنىڭ كۆزىتىشىمچە، ھەقىقىي گۇناھكارلارغا كۆرە، ئۆز ئالقىنى ئىچىدە تۇرغان كىشىلەردىن ئاچچىقىنى چېقىرىش بەزى كىشىلەرنىڭ دائىمىي ئادىتىكەن. شۇڭا ئاۋارىچىلىق تېخى يېتىپ كەلمىگەن، سۈيقەست تېخى پىلانلىنىۋاتقان، بىر-بىرىمىزنىڭ سۆزى تېخى قۇلاققا كىرىدىغان ۋاقتىدا، مەن سېلەرنى ئۇ ياخشى بىلىدىغان شۇ نەرسىلەردىن يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرىمەنكى، سېلەرنىڭ فوكىس بىلەن تېرموپىلىيەنى قۇربانلىق قىلىشىڭلارغا سەۋەب بولغىنى دەل ئۇ، بۇ جايلارنىڭ كونتروللۇقى ئارقىلىق ئۇ ئاتىكا ۋە پېلوپونىسسىيەلەرگە بارىدىغان يوللارنى باشقۇرۇش ھوقوقىغا ئېرىشكەن؛ سېلەرنىڭ مۇنازىرەڭلارنىڭ تېمىسىنى، سېلەرنىڭ دۆلەت سېرتىدىكى ھوقوقۇڭلار ۋە مەنپەئەتىڭلاردىن، سېلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىڭلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە، ئۆز چىگرايىڭلاردىكى ئۇرۇشقا بۇرۇۋەتكەن ئادەم دەل ئۇ- ئۆز ئىشىك ئالدىمىزدىكى بۇ ئۇرۇش، ھەممىمىزگە چۈشكۈنلۈك ۋە بېسىم ئېلىپ كېلەتتى، لېكىن دەل ئاشۇ كۈنى بۇ ئۇرۇش روياپقا چىقتى. ئەگەر سېلەر بۇلار تەرىپىدىن ئېزىقتۇرۇۋېتىلمىگەن بولساڭلار، بۇ دۆلەتكە ھېچقانداق ئاپەت چۈشمىگەن بولاتتى. چۈنكى بىز ئۇنداق بولمىغان بولسا، فىلىپ دېڭىز بويىدىكى ئۇ غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ،  ئۆز دېڭىز ئارمىيىسى ئارقىلىق ئاتىكاغا يېقىنلاپ كېلەلمىگەن بولاتتى، يا قۇرۇقلۇقتا تېرموپولىيە ۋە فوكىسلارغا يۈرۈش قىلالمىغان بولاتتى؛ ئەكسىنچە ئۇ ياۋاشلىق بىلەن ئىش قىلغان- تىنچلىقنى ساقلىغان ۋە جىم تۇرغان بولاتتى؛ بولمىسا ئۇ ئۆزىنى دەرھاللا ئەينى چاغدا ئۇنىڭغا تىنچلىقنى ئارزۇ قىلدۇرغان ئاشۇ ئۇرۇشتىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدىكى دەھشەت ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە كۆرگەن بولاتتى. مېنىڭ دېگەنلىرىم، بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، سېلەر ئۈچۈن يېتەرلىك. تەڭرى ساقلىسۇنكى، مىنىڭ سۆزلىرىم بارلىق دەھشەتلىرى بىلەن ئىسپاتلانغان ئاشۇ كۈنلەر ھەرگىز كەلمىسۇن: چۈنكى مەن ھېچكىمنىڭ بۇنداق جازاغا ئۇچىرىشىنى ئۈمۈد قىلمايمەن، لېكىن بۇ ھەممىمىزگە چېتىشلىق خەتەر ۋە ئاپەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاندا، ئۇنداقتا فىلىپ بۇ يامان قىسمەتكە تامامەن لايىق.


0

تېما

2

دوست

112

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   37.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34406
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 34
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 18:44:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت!دوسلارنىڭ چوڭقۇر تەپەككۇرقىلىپ ئۇقۇپ چىقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )