- تىزىملاتقان
- 2013-5-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 10190
- نادىر
- 0
- يازما
- 555
ئۆسۈش
0.48%
|
بانكىر يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 18:58
تۇركمەنىستانغا ساياھەتكە چىقساق بولغىدەك.
نىمە دەيدىغانسىز بانكىر بىگىم .
مەن ئۈرۈمچىگە مال ئەكەلگىلى بارالمايۋاتقىلى بىر ئايدىن ئاشتى .
چەتئەل دىگەننى چۈشۈمدىلا كۆرۈپ ئۈتۈپ كىتىدىغان ئوخشايمەن .
نىمىشقا دەمسىز ؟
مەن يېزا بازىرىدا تىجارەت قىلۋاتقىلى 10 يىلدىن ئاشتى ،
ئۆزىڭىز بىلىسىز ، قىشنىڭياقى كەنىتلەردە بىر ھەپتىدە 4 - 5 كۈن يىغىن ئېچىۋاتىدۇ ،
بىزلەر تىجارەتچى بولغاندىكىن يىغىنغا قاتنىشىپ بۇلالمايدىكەنمىز ، لىكىن شۇ تۇرىۋاتقان يېزىدا يىغىنغا تۇلۇق قاتنىشىمىز ،
12 - ئايدا مەن تۇرۋاتقان يېزىلىق سىياسى قانۇن ئىشخانسىدىن « يىغىنغا تۇلۇق قاتنىشىپ كىلىۋاتىدۇ » دىگەن خەتنى ئېلىپ ، كەنتىمىزنىڭ سېكىرتارىنىڭ قۇلىغا بەرگەن ئىدىم .
سېكىرتارىمىز - ئەمدى يىغىنغا قاتناشمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، دىگەن ئىدى ،
لىكىن بىر ئاينىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىگە بارماقچى بۇلۇپ ، يېشىل كارتا بېجىرىش ئۈچۈن كەنىتكە كىرسەم ، تۇنۇشتۇرۇش قەغەزگە سېكىرتارىمىز قەتئى تامغا قۇيۇپ بەرمىدى ،
سەۋەبى مەن قىشنىڭياقى يىغنىنغا قاتناشماپتىمىشمەن ،
- يىغىنغا قاتناشقانلىق ئىسپاتى ئەكىلىپ بەردىمغۇ دىسەم ،
- شاڭجاڭ بىركۈنى كەنتىمىزگە تەكشۈرگىلى كىلىپ ئۇ خەتنى كۆزۈمگە تىقىۋەتكىلى تاس قالدى دەيدۇ ،
- نىمىشقا دىسەم ،
گەپ بەك - بەك جىقمىش ،
تىرىكىپ ئاچچىقىمدا ئۆلەيلا دىدىم .
|
|