- تىزىملاتقان
- 2014-4-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1429
- نادىر
- 0
- يازما
- 127
ئۆسۈش
42.9%
|
xahdiyar0997 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 23:30
راس .....تۇركىمەنىستانلىقلارنىڭ....تىلى بىز ئويغۇر تىلى ...
نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسىز ، مەنغۇ بېرىپ باقمىغان لېكىن ئۇلارنىڭ تىلىنىڭ بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلى بىلەن ناھايىتى يېقىن باغلىنىشچانلىقى ۋە تۇغقاندارچىلىقى بار . ھەتتا ئۇلارنىڭ تاشقى كۆرىنىشى كىيىم كېچىكى ، مەدەنىيەت ئۆرۈپ - ئادىتى بىز ئۇيغۇرلارغا قۇيۇپ قويغاندەكلا ئوخشايدىكەن ، ناۋادا ئۇلارنىڭ يېرىگە ساياھەت ھەم زىيارەتتە بولۇپ بېرىپ قالساق ھەر جەھەتتىن پەقەتلا قىينالمايمىز ، باشقا تۈركىي مىللەتلىرىگە قارىغاندا ئۇلار بىز بىلەن تۇغقاندارچىلىق جەھەتتە ئەڭ يېقىن . چۈنكى ، تارىختىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققغان مىڭ بېشى سالجۇق ۋە كېيىنچە پۈتۈن جاھاننى تىتىرىتىپ زىل زىلە پەيدا قىلغان بۈيۈك سالجۇقىيلار ئىمپېرىيىسى ھەم ئۇنىڭ كېيىنكى راۋاجى بولغان بۈيۈك ئوسمانىيلار ئىمپېرىيىسى بۇنىڭغا دەل مىسال بولالايدۇ . مېنىڭ بىر ماتېرىيالدىن كۆرۈشۈمچە تۈرۈكمەنلەر بىلەن سالجۇقىيلارنىڭ قان قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى بولۇپ ، سالجۇقىيلار كۈچىيىپ ئەرەب پارىس زېمىنلىرىغا سۈرۈلگەن چاغدا ئەزەربەيجان بىلەن تۈرۈكمەن شەكىللىنىپ كاسپىي دېڭىزىنىڭ ئۇ قېتىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغاندەك كۆرگەن ئېسىمدە . تۈرۈكمەنلەرنىڭ تىلىمۇ ئۇيغۇر تىلىغا ئوخشاش ئوغۇز تىلىغا كىرىدىغۇ دەيمەن ، قازاق قىرغىز ئۆزبەگ ( ساپ ئۆزبەگ ) قاتارلىقلار قىپچاق تۈركۈمىگە كىرىدۇ . تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە ھازىرقى ئۆزبەگلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى قوقەند خانلىقىغا قېچىپ بارغان ، كېيىنچە ھەر خىل بېسىملار تۈپەيلى ئۆزبەگلىشىپ كەتكەن ئۇيغۇرلار ئىكەن ...... ئوغۇز نامىدىمۇ بار ، قىپچاق دېگەن نامنى ئوغۇزخاننىڭ بەرگەنلىكى ، شۇنىڭدەك نۇرغۇن قەبىلىلەرگە نام بەرگەنلىكى ، ئوغۇز دېگەن بۇ نام ھەم دۆلەت ھەم مىللەت ئۇقۇمى بولۇپ بىر چوڭ توپنى شەكىللەندۈرگەنلىكى ، باشقا قەبىلىلەرنىڭ بۇ توپتىن بۆلىنىپ چىقىپ باشقا ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتالغانلىقى ، ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ تا مۇشۇ كەمگىچشۇڭا مۇناسىۋەت جەھەتتىن ئېيتقاندا ئۇيغۇرلار يەنىلا ‹‹ ئاتا تۈرۈك ›› ھېسابلىنىدۇ . |
|