قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2287|ئىنكاس: 15
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

تايلاندتىكى ئەتلەس كۆينەكلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

258

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5064
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 45
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-1
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
تايلاندتىكى ئەتلەس كۆينەكلەر
مېھراي قادىر


   "جوڭگو-تايلاند بىر ئائىلە كىشىلىرى"جوڭگو-تايلاند دوسلۇق ھەمكارلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرلەش مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمىغا قاتنىشىش ئوچۇن شىنجاڭدىكى 30دەك ياش-ئۆسمۇر ۋە ئاتا-ئانىدىن تەشكىللەنگەن كۆپ مىللىتلىك ئەتىرەت 2015-يىلى2-ئاينىڭ 7-كۇنى مەركىزى شىەھەر ئۇرۇمچى دىۋوپۇ خەلقارالىق ئايدىرومىغا يىغىلدۇق.كۆپ قېتىملىق مۇسابىقىلەر ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرى تايلاندتتىكى ھەل قىلغۇچلۇق مۇسابىقىغە تاللانغان ياش-ئۆسمۇرلەرنىڭ روھى ئۇرغۇپ،جانلىنىپ كەتكەن ئىدى.بەزىلىرىمىز تۇنجى قېتىم چەتئەلگە ئېكىسكۇرسىيە ۋە ساياھەتكە چىقىدىغانلىقىمىز ئۇچۇن ھاياجانلانساق،بەزىلىرىمىز جىمجىت ئولتۇرۇپ ئايرۇپىلاننىڭ ۋاقتىنى كۇتمەكتە ئىدۇق.
   مەن مۇنداق تېز پۇرسەتتە چەتئەلگە چىقىشنىڭ بىزگە نېسىپ بولغانلىقىغا ھەم ھەيران بولاتتىم ھەم خشاللىقىمنى يوشۇرالمىغان ھالدا چەتئەل ۋە تايلاند توغۇرسىدا نۇرغۇن ئوي ۋە قىياسلارنى قىلىپ ئولتۇراتتم .(مېڭىشتىن بۇرۇن بەك ئالدىراش بولغاچ توردىن تايلاند توغۇرسىدىكى تەپسىلى ماتىرياللارنى كۆرۇشكە ئۇلگىرەلمىگەن ئىدىم ).
    ئەلۋەتتە بۇ قېتىمقى پۇرسەتنى بىزگە ئىەقىللىق ،تىرىشچان،جەڭگىۋار قىزىم نەفىسە يارىتىپ بەرگەن ئىدى،ئۇ ئىنكاسى تېز،مىجەزى ئوچۇق-يۇرۇق،ئاكتىپ پىكىر يۇرگىزىدىغان ،جەمىيەت مەسىلىلىرىنى توغرا تونۇپ تەھلىل قىلالايدىغان،مۇستەقىللىقى كۇچلۇك بىر قىز ئىدى،خۇددى باشقا تالانتلىق ماھىرلارغا ئوخشاش ھەر بىر نۆۋەتلىك تاللاش ۋە شاللاش مۇسابىقىلىرىدە ئۇ ئۆزىنىڭ ئالاھىدە سۆزلەش ماھارىتىنى تولۇق نامايەن قىلىپ،بىۋاستە تايلاندتتىكى ھەل قىلغۇچلۇق مۇسابىقىغە تاللانغان ئىىدى.
    تاللاشنىغۇ تاللاندى ،بىراق،بىزگە نىسبەتەن چەتئەل سەپىرى بىر خىل چۇشتەك شېرىن ۋە يىراق ئىش ئىدى،نۇرغۇن مەسىلىلەرنى كۆپ سېلىشتۇرۇش، تەپسىلى ئويلىنىش ئارقىلىق بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ پۇرسەتتىن ئۇنۇملۇك پايدىلىنىشنى قارار قىلدۇق.كۆيۇيۇمچان دادىسى ئىجدىمائى مۇناسىۋەتتىكى ئەۋزەللىكلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ،ئىنتايىن تېز سۇرئەتتە پاسپورتىمىزنى بېجىرىپ بەردى.
    كۆك قەھرىگە كۆتۇرۇلگەن ئايرۇپىلان ،غايە ۋە ئارزۇ-ئارمانلىرىمىزنى ئېلىپ يىراققا كېتىۋاتىمىز.قىسقىغىنا سەپەر جەريانىدا نۇرغۇن تەجرىبە ساۋاق ۋە ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۇرۇشنى پىلان قىلىپ ماڭماقتىمىز، ئادەم كۆپ بولغاچقا شىنجاڭ ئەترىتى 4 كىچىك گۇرۇپىغا بۆلۇنۇپ ئۇچتۇق.بىز تەقسىملەنگەن گۇرۇپپىدا يەنە غۇلجا دىيارىدىن كەلگەن يارمۇھەممەت ۋە ئۇنىڭ نۇر چاقنايدىغان قارا كۆزلۇك ئۇسۇلچى قىزى دىلنۇر،يەنە نېغىت يۇرتى قارامايدىن كەلگەن قەيسەر ۋە ئۇنىڭ تاتلىق كۇلۇمسىرەيدىغان ،ھېسىياتلىق دېكىلماتسىيىسى ئارقىلىق ئالقىشقا ئېرىشكەن قىزى قەدىرىيەلەرمۇ بار ئىدى،ياقا-يۇرتلاردا ئۆز قەۋمىڭنىڭ بولىشى ئادەم ئۇچۇن زور تەسەللى ۋە ئۇمۇد بېغىشلايدىكەن،بىز تىلىمىز ھەم دىلىمىز بىر بولغاچقا تېزلا ئېچەكىشىپ كەتتۇق.


دىننى تۇسى قويۇق تايلاند دۆلىتى
    چۇش سائەت بىرلەردە تايلاند پايتەختى بانكوكقا چۇشتۇق،زىمىستان قىش بولىۋاتقان يۇرتىمىزدىن ئايرىلىپ 30 گىرادوسلۇق ئىسسىق بولىۋاتقان بۇ شەھەر ئۆز ھارارىتى بىلەن بىزنى قارشى ئالدى،مىنبوسقا چىقىپلا رولىنىڭ سول تەرەپتە ئىكەنلىكىگە دىققەت قىپتىمەن،بىۋاستە سەزگۇم بىلەن سول تەرەپتە ماشىنا ھەيدەش بەك بىئەپتەك ھىس قىلدىم،قارىسام پۇتۇن ماشىنا ۋە پىيادىلەر سول تەرەپنى بېسىپ يول يۇرىيدىكەن.مېھمانخانىغا كېتىۋاتىمىز،يول توپىسىدىكى بىزگە يات مۇھىت،بىزگە يات قەۋم،بىزگە يات ھەممە نەرسە كۆز قارچۇقلىرىمىزنى ئۆزىگە تارتاتتى،ماڭدامدا بىر ئۇچىراپ تۇرىدىغان بۇددا ئىبادەت ئورۇنلىرى،پىل شەكلى چۇشۇرۇلگەن ئىستولبا نەقىشلەر،ئىسسىق بەلۋاغدا ئۆسىدىغان ياپ-يېشىل مەن ئىسمىنى بىلمەيدىغان ئۆسۇملۇكلەر،ئۆزگىچە قۇرلۇشلار ھەممە ھەممىسى ماڭا شۇنچىلىك يېڭى ۋە غەلىتە تۇيۇلماقتا،
    مېھمانسارايغا ئورۇنلۇشۇپ بولۇپ،ئەتراپنى ئىختىيارى ئايلىنىپ كەلمەكچى بولۇپ،پۇل ئالماشتۇرۋالماقچى بولدۇق،بىزنىڭ بىر يۇەن خەلق پۇلىمىز 5يۇەن تايلاند پۇلىغا تەڭكەن،مىڭ يۇەن خەلق پۇلىنى ئالماشتۇرسام 5000يۇەن تايلاند پۇلىغا تەڭ بولدى،ئۆزەمنى باي بولۇپ قالغاندەك ھىس قىلىپ،تاللا بازار ۋە يېقىن ئەتىراپتىكى كەچلىك بازارلارنى ئايلىنىپ باقتۇق،ۋاھ!!جوڭگۇدىن چىقىپ باقمغاچقا خەنزۇ تىلى بىلەن ئانا تىلىمىز خىزمەت، ئۆگۇنۇش ۋە ئالاقە ئىشلىرىغا يېتىپ كېلىۋېتىپتىكەن،يات تىل،يات مىللەت ئارىسىدا تىل ئۇقۇشماسلىق قالتىس جاپالىق ئىشكەن،دۇنيا تىلى بولغان ئېنگىلىز تىلىنىمۇ بىلمىگچكە ئامالسىز ئىما-ئىشارەت قىلىشىپ يۇردۇق.
     ئەتىسى شىنجاڭ ئەترىتىىدىكى 4 گۇرۇپپا ئادەم بانكۇكقا ئاساسەن يىغىلىپ بوپتىمىز،تايلاندتىكى پائالىيىتىمىزنى باشلىدۇق،سەپسېلىپ قارىسام مەن بىلەن يۇرتداش ئىككەيلەن ھاۋاگۇل ۋە ئۇنىڭ ئوماق،ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئالاھىدە يۇقۇرى،تېتىك قىزى نازىگۇل،رابىيەم ۋە ئۇنىڭ ناخشىچى كېلىشكەن ئوغلى سۇباتجانلار كۆرۇنمەيدۇ،سۇرۇشتۇرسەم ئۇلار پاسپورت ئىشى سەۋەبلىك (بۇ ئىشلار بەك مۇرەككەپ ھەي!!)چاڭشادا چېگرىدىن ئۆتەلمەي تۇرۇپ قاپتۇ،(ئەتىسى ئەتتىگەندە ئۇلگۇرۇپ يېتىپ كەلدى).بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن يەنە ئىككى گۇرۇپىپىغا بولۇندۇق،بىز مۇسۇلماچە تاماق يەيدىغان ئۇيغۇر،قازاق،تۇڭگان قاتارلىق مىللەتلەردىن تەشكىللەنگەن 16 بالا ۋە ئاتا-ئانىلىرى بىر گۇرۇپپىغا بولۇندۇق،بۇنىڭ ئىچىدە شىخۇدىن كەلگەن تۇرسۇنئاي ھەدەم ۋە ئۇنىڭ ئېغىر-بېسىق ،بۇلاق كۆزلۇك چىرايلىق قىزى ئەقىدەلەرمۇ بار ئىكەن.
    تايلاند پادىشالىق تۇزۇلمىسىدىكى دۆلەت بولۇپ،ئەڭ يوقۇرى ھوقۇق پادىشاھتا بولىدىكەن،پۇتۇن دۆلەت،پۇتۇن مىللەت بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىكەن،شۇڭا قويۇق دىننى تۇسنى ئالغان قۇرلۇشلار ،دىننى تۇسنى ئالغان مۇراسىم،ئۆرۇپ-ئادەتلەر،دىن ئارقىلىق ھاكىمىيەت يۇرگىزىدىغان ھۆكۇمەت بۇلارنىڭ ھەممىسى دىن توغۇرسىدا زىل بىر شارائىتتا تۇرىۋاتقان مېنى قاتتىق ھەيران قالدۇردى،ئېتىغاد بولغاچقا كۆپۇنچە خەلق ھالال ئىشلەپ،شۇكرى-قانائەت بىلەن ئاددا-ساددا تۇرمۇش كەچۇرىدىكەن،بۇتساتىۋادىن قالسىلا،پادىشاھقا ۋە خانلىق جەمەتىدىكىلەرگە چەكسىز چوقۇنىدىكەن،ھەر بىر دوقمۇش،ھەر بىر كوچا ئېغىزىدا ھازىرقى 9-ئەۋلات پادىشاھ پۇمىغېڭ ۋە ئۇنىڭ خانىشىنىڭ چوڭايتىلغان سۇرىتى ۋە مەلىكە مالىنىمېڭكوڭجاڭنىڭ چۇڭايتىلغان سۇرىتىنى ئۇچراتقىلى بولىدىكەن،تايلاند پادىشاھلىقى باشقا دۆلەت پادىشاھلىرىغا ئوخشىمىغان ھالدا چوڭ ھوقۇقنى تۇتۇپ تۇرغۇچى ۋە خەلقنىڭ تاپشۇرغان بېجى ئارقىلىق ئەمەس،بەلكى خانلىق ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ تۇرمۇش كەچەرىدىكەن.تايلاندتا خەلق پادىشاھقا ئىلاھ قاتارىدا چوقۇنىدىكەن،پادىشاھنىڭ تۇغۇلغان كۇنى "ئاتىلار بايرىمى"،خانىشنىڭ تۇغۇلغان كۇنى "ئانىلار بايرىمى"ئىكەن.
     مۇسابىقە پائالىيىتىگە يەنە ئىككى كۇن بولغاچقا بىز تايلاندتتىكى ساياھىتىمىزنى باشلىدۇق،ئالدى بىلەن 200يىللىق پادىشاھلىق تۇزۇمىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن پادىشاھلارنىڭ ئىلگىرىكى ئوردىسى "چوڭ ئوردا"دا ئېكىسكۇرسىيەدە بولدۇق،پادىشاھقا بولغان چەكسىز ھۆرمىتىنى بىلدۇرۇش ئۇچۇن ،بۇ مۇقەددەس جايغا كىرگەندە ھەر بىر سايەھەتچى چۇقۇم يېڭى جەينەككىچە ،تىزدىن ئاشىدىغان ئۇزۇنلۇقتا، كەڭرەك كىيىملەرنى كىيىشىمىز شەرتكەن،تايلاندقا كېلىپلا ھاۋا ئىسسىقلىغىنى باھانە قىلىپ ،ئاسما مايكا ،كالتە ئىشتانغا چۇشىۋالغان يولداشلىرىمىز ئامالسىز 150يۇەن خەجلەپ يېپىنچا ئېلىشقا مەجبۇر بولدى.خۇددى ئالتۇندەك پارقىرايدىغان ئۇچلۇق مۇنارلار تايلاند بۇددا دىنى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ سىموۋلى سۇپىتىدە كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولۇپ،ئۆزىمىزنى خۇددى بىر قەدىمىي تىلسىمات دۇنياسىغا كىرىپ قالغاندەك ھىس قىلدۇق،دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھەر خىل مىللەت،ھەر خىل ئېرق،ھەر خىل تىلدىكى ساياھەتچىلەر، تىقما-تىقما ئادەملەر ئارىسىدا يۇرۇپ تايلاند پادىشاھ ئوردىسىنىڭ نەپىس ،ئۆزگىچە،ئالتۇن ھەل بېرىلگەن،ياقۇت ۋە قىممەت باھالىق تاشلار بىلەن بېزەلگەن قۇرلۇشلىرىنى،ئىبادەتخانىلىرىنى،قويۇق ئەپسانە رىۋايەتلەرگە تويۇنغان تام رەسىملىرىنى تاماشا قىلدۇق،(ماڭدامدا بىر دۆلەت تىلىمىزدا ئۇنلۇك سۆزلەشكەن ئاۋازلار بەدەنلىرىمنى تىكەنلەشتۇرەتتى).تېرىسى ئاپتاپتا قارىداپ كەتكەن 40 نەچچە ياشلىق تايلاندلىق ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ جاۋغىيىنىڭ ئىككى تەرىپىگە تۇكۇرۇگىنى يىغىپ تۇرۇپ،ئۆلچەمسىز سۆزلىگەن خەنزوچە چۇشەندۇرىشىنى ئاڭلاپ-ئاڭلىماي دىگەندەك بۇ قېتىمقى ئوردا ساياھىتىمىزنى ئاخىرلاشتۇردۇق.
    چۇشلۇك تامىقىمىزدىن ئەنسىرىگەن ئىدۇق،ئەكسىچە خەلقارالىق ئۆلچەمدىكى "خلال" بەلگىسى بار خېلى يامان ئەمەس بىر مۇسۇلماچە ئاشخانىگە غىزالانغىلى باردۇق،چىرايلىق ياغلىقلارنى چېگىپ بىزنى قىزغىن قارشى ئالغان مۇسۇلمان قىزلار ۋە ئۇستەلدىكى پاكىز تاماقلار بارلىق تەشۋىش ۋە ئەندىشىلىرىمىزنى تۇگەتتى،
      تايلاند قىمارۋازلىق ۋە زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى قاتتىق چەكلەيدىغان دۆلەت بولسىمۇ،بىراق جىنىسىيەت كۆز قارىشى ۋە بەلگىلىمە،ئادەتلىرى بىزنىڭ تەسەۋۋۇر دائىرىمىزدىن كۆپ ھالقىپ كەتكەن ئىدى.ئوغۇلخان(قەيسەر مۇشۇنداق ئاتاشنى تەۋسىيە قىلدى)人妖,红艺人لار بولسا ساياھەتتىكى كوزۇركەن.ئوغۇلخانلار جىنسى ئوپىراتسىيە قىلىش يولى بىلەن ئەمەس ،بەلكى ئوغۇل بالىلار 7-8 ياش ۋاقتىدىن باشلاپ،ئاياللىىق ھورمىن ئوكۇلىنى ئۇرۇشقا باشلىسا ،بالاغەتكە يەتكەندە ،ئىككىلەمچى جىنسى ئەزالار تەرەققىياتى قىز بالىنىڭ بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىپ،قىز ياكى ئوغۇلغا ئوخشىمايدىغان

غەلىتە بىر نەرسىگە ئايلىنىدىكەن.(ئاھ!!خۇدا ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن!).ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئوڭۇشلۇق بولغانلىرى ئويۇن قويۇپ پۇل تېپىپ ئۆزىنى ۋە نامرات ئائىلىسىنى باقىدىكەن.
initpintu_副本1.jpg


خانلىق پىداگوكىكا ئونۋېرتىتىدىكى مۇسابىقە
   2-ئاينىڭ 11-كۇنى ئەتتىىگەندە خانلىق پىداگوكىكا ئونۋېرتىتغا قاراپ يولغا چىقتۇق،مەكتەپتە چىرايلىق مەكتەپ قۇرمىسى كەيگەن ئوقۇغۇچىلار چوڭ زالغا قويۇلغان، يوغان ھەم ئىگىز بۇدساتىۋانىڭ يېنىدىن قۇللىرىنى جۇپلەپ تاۋاپ قىلىپ ئۆتۇپ تۇرىدىكەن،2-قەۋەتتىكى زالغا يىغىلدۇق،بۇ يەردە نۇرغۇن ماھىرلار بولۇپ،بەزىلىرى گىرىم قىلسا،بەزىلىرى مىللىچە كىيىملىرىنى كىيىپ،بەزىلىرى ناخشىلىرىنى مەشىق قىلسا،بەزىلىرى مۇزىكىلىرىنى سازلاپ،يەنە بەزىلىرى خاتىرە سۇرەتكە چۇشۇپ ھەممە ئادەم ئۆز ئىشى بىلەن ئالدىراش بولىۋاتقان رەگگارەڭ دۇنيا كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولاتتى،بىز شىنجاڭدىن بارغان 6تە ئويغۇر بالا ئىچىدە،قارا كۆز دىلنۇر ئۇسسۇل تۇرىگە،شوخ يىگىت سۇباتجان ناخشا تۇرىگە قاتنىشاتتى،ئۇنىڭدىن باشقا قوڭغۇراقتەك جىرىڭلايدىغان نازىگۇل،ئەدەپ-ئەخلاقلىق،چىرايلىق كۇلۇمسىرەيدىغان قەدىرىيە،ئىچ مىجەز،ئېغىر-بېسىق گۇزەل قىز ئەقىدە،ئىنكاسى تېز،جانلىق قىزىم نەفىسەلەر تىل تۇرىدىكى مۇسابىقىغە قاتنىشاتتى.
     قىزلارنىڭ چاچلىرىنى ئۇششاق ئۆرۇپ،ئەتلەس كۆينەك ۋە قومۇل چەشمە كۆينەكلىرىنى كەيگۇزۇپ،مىللى خاسلىقىمىز تولۇق گەۋدىلەنگەن ئاساستا سەھنىگە چىقىپ تالانتىنى نامايەن قىلىشقا تەييالىق كۆرىۋاتىمىز،چىرايلق دوپپىلارنى كىيىپ،سۇز،يارىشىملىق گىرىملارنى قىلىپ،رەڭگارەڭ ئەتلەسلەر بىلەن جابدۇنغان قىزلار،يىگىتلەر خۇددى چىمەنزاردىكى لالە-رەيھانلاردەك كۆزنىڭ يېغىنى يەپ مەسلىكىمىزنى كەلتۇرەتتى.خاتىرە سۇرەتكە چۇشۇرۇپ قويايلى دەپ تىزىلىشقاندا،مەستلىكىمىزنى كەلتۇرگەن بالىلار پۇتۇن زالدىكى كىشلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى،نۇرغۇنلىرى كېلىپ رەسىمگە چۇشتى،نۇرغۇنلىرى ئاپراتىنىڭ كۆزىنى بۇ گۇل-غۇنچىلارغا توغۇرلىدى.تەيارلىقلار ئاخىرلاشقاندىن كېيىن،تولۇق ئىشەنچ ۋە ھاياجان بىلەن مۇسابىقە نەق مەيدانىغا كىرىپ ئورۇنلاشتۇق،چاچلىرى ئۇششاق ئۆرۇلگەن قىزىل ئەتلەس كۆينەك ۋە قىزىل دوپپىسى ئاپئاق يۇزىگە خويمۇ ياراشقان قەدىرىيە مۇڭلۇق مۇزىكىغا كەلتۇرۇپ ئوقىغان خەنزۇ تىلىدىكى مىننەتدارلىق ھېسىياتى تەسۋېرلەنگەن ماقالىسىنى ئاڭلاۋېتىپ كۆز جېيەكلىرىم ئىختىيارسىز ياشقا تولدى،كۆپ سەھنە كۆرگەن، پىشقان قىزىم نەفىسە تولۇق ئىشەنچ بىلەن كۇلۇمسىرەپ سەھنىگە چىقتى،داڭلىق كومپىزۇتۇر ئىسكەندەر سەمەت ئەپەندىنىڭ "ساۋاغداشلار"ناملىق لېرىك مېلودىيىسى زالدا ياڭرىدى،قىزىم جانلىق، روھلۇق كەيپىياتتا دېكىلماتسىيە قىلماقتا.ئىسكىراپكا بىلەن ئورۇنلانغان مېلودىيەنىڭ سېھرى كۇچى قوشۇلۇپ مەستخۇشلىغىمدىن ئۆزەمنى ئۇچىۋاتقاندەك،بارلىق غەلىبە ۋە شان-شەرەپلەر،مەدھىيىلەر خۇددى ماڭا ۋە بىزگىلا مەنسۇپ بولىۋاتقاندەك بىر گۇزەل تۇيغۇدا ھاياجىنىمنى باسالماي قالدىم.نىمە دىگەن گۇزەل مېلودىيە ،ئويغۇرۇمنىڭ مېلودىيىسى،يۇرەكنى لەرزىگە سالغان مېلودىيە،نىمە دىگەن جانلىق، تېتىك، جۇشقۇن بالىلار-ھە!نازىگۇل ئارانلا 5 ياش ،راۋان خەنزۇ تىلىدا سۆزلىگەن ھېكايىسى ئاڭلىغانسېرى ئادەمنىڭ مەستلىكىنى كەلتۇرىدۇ،ئەقىدە يات بىر دۆلەتتە ئۆز يۇرتىمىزنى تونۇشتۇرۇشنى ئۇنۇتماپتۇ،،ئۇنىڭ ياڭراق ئاۋازى بەلكىم تا ھازىرغىچە باھالىغۇچىلارنىڭ قۇلاق تۇۋىدە ياڭراۋاتامدۇ تېخى.
     جىددى مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلماقتا،ماھىرلار ئۆز تۇرى بويىچە كارامەتلىرىنى كۆرسەتمەكتە،بىز سىرتتا مۇسابىقىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى ساقلىغاش، ئونۋېرستېتنىڭ ئوقۇتۇش بىنالىرىنى ئايلىنىپ چىقتۇق،پادىشاھنىڭ،خانىشنىڭ،شاھزادە ۋە مەلىكىلەرنىڭ چوڭايتىلغان رەسىملىرىنى ھەممىلا يەردە كۆرگىلى بولاتتى،يەنە ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئىچىدە خۇددى سودا سارايلارنىڭكىدەك كىتاپ ساتىدىغان ماگىزىن ۋە ئوقۇش قۇراللىرىنى ساتىدىغان ماگىزىنلار بار ئىكەن، بىرئازدىن كېيىن يېتەكچى ئوقۇتقۇچى لىۇ مۇئەللىم يېتىپ كەلدى،ئۇ سەل جىددىلەشكەن ھالدا "چۇشتىن كېيىن مەلىكە قاتناشقان مۇراسىمدا شىنجاڭلىق ئۇيغۇر قىزلار ئۇسسۇل ئويناپ بېرىشكە بىر نومۇر ھەل قىلدۇق، نومۇرنى ئورۇنلاشقا ئىشەنچىڭلار بارمۇ؟"دېدى،بىز كۆپچىلىك "بۇ بەك ياخشى بوپتۇ ،بىز چوقۇم ياخشى قىلالايمىز،"دىدۇق-دە ،تەييارلىققا كىرىشىپ كەتتۇق،ئەتلەس كۆينەك كەيگەن 5قىز ۋە ئوماق،تاتلىق 5ياشلىق قازاق قىزى بورىلا قۇشۇلۇپ 6قىز ئويغۇرچە كوللىكتىپ ئۇسسۇل ئوينىماقچى بولدى،مۇۋاپىق مۇزىكا تېپىلماي كەتتى،ئاخىرى ھاۋاگۇلنىڭ قۇل تېلفۇنىدىكى قومۇل خەلق ناخشىسىنى تاللىدۇق،بىراق بالىلار مۇزىكىنى ئېنىق ئاڭلاپ راۋرۇس مەشىق قىلىشقا ئىمكانىيەت بولمىدى،پەقەت شۇ سەھنىگە چىقىش ۋە چۇشۇشنى مەشق

قىلدۇرۇپ،باشقىنى نەق مەيداندا ئالاھىدىلىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇردۇق.
initpintu_副本2.jpg


    مەلىكىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن ئەتلەس كۆينەكلەرتېرىلىرى ئاپتاپتا قارىداپ پاقىراپ كەتكەن.ھەربى تۇزۇم ۋە ئېتىقات جىسمىغا سىڭىپ، جەڭگىۋار،ھەيۋەت،روھلۇق كۆرىنىدىغان ساقچىلار ئالدىمىزدا يول ئېچىپ،20نەچچە چوڭ تىپتىكى مىنبوسلارنى باشلاپ،ھايالشىمايلا تايلاند خانلىق مەركىزى سودا سارىيىنىڭ ئەڭ ئۇستىنكى قەۋىتىدە ئۆتكۇزۇلمەكچى بولغان مۇراسىمغا يەتكۇزدى،زالغا جوڭگۇ،تايلاند تەرەپتىن بولۇپ 2000چە ئادەم ئورۇنلاشقان ئىدۇق،مالىمېڭ كوڭجاڭ مەلىكە كەلدى، مەلىكە قارىماققا ئىنتايىن مېھرىبان،كۆڭلى يۇمشاق،ھەشەمەتچىلىك ۋە چوڭچىلىقتىن يىراق 60 ياشىلىق ئىللىق چىراي بىر موماي ئىدى،ئالدى بىلەن پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى ئورۇنلارغا جوڭگو ۋە تايلاند تەرەپ ۋەكىللىرى گۇۋاھنامە تارقىتىپ بەردى،ئارقىدىن ئىككى دۆلەتنىڭ سەرخىل سەنئەت نومۇرلىرى ئورۇنلىنىشقا باشلىدى،نۆۋەت بىزنىڭ قىزلارغا كەلدى،قۇل تېفۇندىكى مۇزىكىنى تايلاندلىق ئاۋاز تەڭشىگۇچىلەرگە ئاپىرىپ بەردۇق،مۇزىكىنىڭ چىقماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ تۇرىۋاتىمەن،ئۇنىڭ ئۇستىگە قىزلار ئۇسسۇلنى بىر قېتىم بولسىمۇ مەشىق قىلىشقا ،ھەتتا مۇزىكىنى تولۇق ئاڭلاشقىمۇ ئۇلگەرمىگەن ئىدى.رىياسەتچىلەر  جوڭگو ۋە تايلاند تىلىدا شىنجاڭلىق قىزلارنىڭ ئۇرۇنلىشىدا ئۇسسۇل"شىنجاڭ گۇزەل قىزى"دەپ ئېلان قىلىدى.شۇنداق مۇزىكىنى قويساق ئاۋاز يوق!!؟جىددىلىشىپ كەتكەچكە چىرايىمغا چىقىپ كەتكەن چېغى،تايلاندلىق چىرايلىق ئايال كۇلۇمسىرەپ تۇرۇپ،تەمكىنلىك بىلەن خەنزۇ تىلىدا "جىددىلەشمەڭ،تېلفۇننىڭ ئاۋازىنى يوقۇرى تەڭشەپ بېقىڭ"دىدى،تېلفۇننىڭ ئەسلى ئاۋازىنى تەڭشەپ باشقىدىن قويدۇق،2000 كىشلىك چۇڭ زالدا ئىزىزجاننىڭ ئورۇنلىشىدىكى قۇمۇل خەلق ناخشىسى "يۇمىلاق" جاراڭلىدى،پەستىن قىقاس چۇقان كۆتۇرۇلدى،"يۇمىلاق يۇمىلاق قۇش يۇمىلاق سەن چىرايلىق مەن ئامىراق....."،تونۇش مۇزىكا،تونۇش مېلودىيە قانلىرىمنى كۆۋەجىتىپ،قەلبىمنى لەرزىگە سالدى،يۇگرەپ سەھنە ئالدىغا يېتىپ باردىم،كىچىك قىزلار خۇددى مەشق قىلىپ پىشقان سەنئەتكارلاردەك كۆينەكلىرىنىڭ ئېتەكلىرىنى كۆتۇرۇشۇپ لەرزان قەدەملەر بىلەن سەھنىگە چىقتى،شۇ دەقىقىدە ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇرلىقىمدىن،مەدىنىيىتىمدىن،ئەتلەك كۆينىكىمىزدىن،دوپپىمىزدىن،مۇزىكا ۋە ناخشىلىرىرىمىزدىن، ئەخلاق پەزىلىتىمىزدىن،ئېتىقاد-ئىمانىمىزدىن چەكسىز ئىپتىخارلاندىم،"تىلى چىقىشىغا ناخشا ئېيتالايدىغان،ئايىقى چىقىشىغىلا ئۇسسۇل ئۇينالايدىغان" دەپ تەرىپلىنىدىغان ئوماق پەرزەنتلىرىمىزنىڭ يات بىر دۆلەت سەھنىلىرىدە نۇرغۇن تاماشىبىن ئالدىدا قىلچە ھودۇقماستىن نەپىس ھەركەتلەرنى مۇزىكىغا كەلتۇرۇپ شۇخ ئويناشلىرى مېنىلا ئەمەس پۇتكۇل مەيداندىكىلەرنى ھاياجانغا سالدى،سىن كۆرىنىشكە ئېلىۋاتقانلار،مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ چاۋاك چېلىۋاتقانلار،قىقاس چوقان كۆتۇرىۋاتقانلار. پەستە تۇرۇپ ئۇسسۇل ئۇينىۋېتىشتىن ئۆزەمنى ئاران تۇتۇپ تۇراتتىم.
    شۇنداق، ناخشا ئۇسسۇل-مۇزىكىلىرىمىز شۇنچىلىك سېھىرلىك ۋە جەلىبكار.5 ياشلىق نازىگۇل بىلەن بورىلانىڭ ئۇسسۇل ھەركەتلىرى شۇنچىلىك تاتلىق، ئوماق بولۇپ ھەممىنىڭ ئامراقلىغىنى كەلتۇرەتتى،مۇزىكا ئاخىرلاشتى چوڭى 15 ياش كىچىكى ئەمدىگىنە 5 ياشلىق ئەتلەس كۆينەكلىك ئۇسسۇلچى قىزلار ناز- كەرەشمە بىلەن قۇللىرىنى كۆكسىگە قۇيۇپ سالام بەرگەندىن كېيىن سەھنىدىن چۇشىۋاتاتتى،بىرى قېشىمغا كېلىپ "مەلىكە بۇ قىزلارنى قېشىمغا كەلسۇن دەيدۇ"-دىدى،ئالدىدا نۇرغۇن نومۇرلار ئورۇنلانغان بولسىمۇ،ھىچكىم بىلەن كۆرۇشمىگەن مەلىكە بۇ جەلىبكار ،خاسلىققا ئىگە قىزلارنى يېنىدا ئولتاغۇزۇپ كۆرگىسى كەلگەن چېغى، دەرھال قىزلارنى ئالدىدىكى رەتتە كىرىسلۇدا ئولتارغان مەلىكە ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ يېنىغا باشلاپ باردۇق،ئاممىغا ئىنتايىن يېقىن،بالىغا ئامراق مەلىكە قىزلارنى بىردىن بىردىن ئېتىكىگە ئېلىپ پۇراپ قۇچاغلاپ كەتتى،پۇتۇن مەيداندىكى كىشىلەر تەۋرەپ،مۇخبىر ۋە ئۇرۇنلاشتۇرغۇچى  تەرەپلەر بەس-بەستە سۇرەتكە تارتىۋاتاتتى،بىر ئازدىن كېيىن باشقا خەنزۇ يولداشلارمۇ خۇددى قىزغانچۇق خوتۇنلاردەك بالىلىرىنى سۆرەپ كېلىپ مەلىكىنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىشكە باشلىدى،(بىز سەل ئوڭايسىزلىنىپ مەلىكىنى چارچاپ قالمىسۇن دەپ بالىلارنى دەرھال توپتىن ئېلىپ چىقىپ كەتتۇق.)بىردەمنىڭ ئىچىدە قىزلىرىمىز مەيداندىكى چولپانلارغا ئايلىنىپ كەتتى،بىللە رەسىم چۇشىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار  ياكى رەسىم تارتىۋېلىشنى خالايدىغانلار بالىلارنىڭ ئەتراپىغا توپلىنىۋالغان ئىدى.
     مەن بۇگۇنكى پائالىيەتتە بالىلىرىمىزغىمۇ گۇۋاھنامە تارقاتسا كېرەك دەپ خاتا ئويلاپ قاپتىمەن،ۋاقىت قىس ،مۇسابىقىلەشكۇچى بالا جىق بولغاچقا ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە ئوقۇش باشلانغاندا مەكتەپلەرگە يەتكۇزۇپ بەرمەكچى بولغان ئىكەن.


initpintu_副本4.jpg


مىللى ئەنئەنە ۋە خاسلىق
    تايلاندقا مېڭىشتىن ئىلگىرى شۇ يەردە ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەردە كىيىش ئۈچۈن دوپپا ۋە ئەتلەس كۆينەك ئېلىۋالغان ئىدۇق،قەيسەرمۇ يارىشىملىق بادام دوپپا،كانۋاي كۆينەك ئېلىۋاپتىكەن.بەك ئەسقاتتى، ھىزىر بىر قىسىم بالىلىرىمىز ئەنئەنىۋى ناخشا-مۇزىكىلىرىمىزنى ئاڭلاشنى خالىمايدىغان،چىرايلىق ئەتلەس،گۇلچەشمە كىيىملىرىمىزنى ئىنتايىن مەتو دەپ يەنىلا زامانىۋىلىقنى قۇغلىشىدىغان ،ھەقىقىي مىللى مەدەنىيىتىمىزنى ئېتراپ قىلغۇسى كەلمەيدىغاندەك بىر خىل ناچار كەيپىيات ئەۋ‍ج ئېلىپ،ھەتتا 15 ياشلىق قىزىم نەفىسەدىمۇ كورىيە ۋە باشقا چەتئەل مەدىنىيىتىگە بېرىلىش ھادىسىسى ئازدۇر كۆپتۇر ئىپادىلىنىپ تۇراتتى،دوپپىلىرىمىزنى،ئەتلەسلىرىمىزنى كىيىپ شۇ مەيداندا تۇرغىنىمىزدا ھەم بالىلىرىمىز ئۆز ئارتۇقچىلىقلىرى ئارقىلىق ھەممىنىڭ قايىلىقىغا ئېرىكەندە،ئۆزىمىزنى تېخىمۇ تونىغاندەك بولدۇق،قىزىم نەفىسەمۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر قىزى بولغانلىقىدىن چەكسىز پەخىرلەندى.
بۇ قىتىمقى سەپىرىمىز دۆلەت بوسىغىسىدىن تۇنجى ئاتلىشىمىز ھەم ۋاقىت قىس بولسىمۇ ،بىراق بىز نۇرغۇن تەجىرىبە-ساۋاق ۋە خوشاللىقلارغا تويۇنۇپ قايتتۇق،يات مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى كۆردۇق،دەرقەمدە تۇرۇپ مەدەنىيەت ئالماشتۇردۇق، باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكلىرىنى ھىس قىلالىدۇق،ئۆزىمىزنى يەنە ئىلگىرلىگەن ھالدا تونىيالىدۇق،گەرچە سەپەر جاپالىق بولسىمۇ بالىلارنىڭ چېھرىدىن خۇشاللىق كۇلكىسى كەتمىدى،ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ھەسسىلەپ ئاشتى،ئىرادىسى تېخىمۇ كۇچەيدى،بىز ھىر بىر ئاتا-ئانا شۇنىڭغا چەكسىز ئىشىنىمىزكى بۇ بالىلارغا تېخىمۇ چۇڭ سەھنىلەر قۇچاق ئاچىدۇ،قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كۆرگەن بىلگەنلىرى ۋە ھىس قىلغانلىرى ئاساسىدا ئۆزىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۇرۇپ،جەمىيەتكە ئىجابى تەسىر كۆرسىتىپ،تەرەققىياتىمىز ئۇچۇن بىر كىشلىق ھەسسە قۇشالايدۇ.


initpintu_副本3.jpg

0

تېما

0

دوست

112

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   37.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34415
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 34
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-2
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
مەزكۇر تىمىنى تولۇق ئوقۇپ چىقىپ چەكسىز ھاياجانغا ئىپتىخارلىققا چۆمدۇم ، ئوماق سەبىيلىرىمىزنىڭ  تايلاند سەھنىسىدە  ئۇيغۇر مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى كىيم -كىچىگى بولغان ئەتلەس كىيىملىرىنى كىيىپ  ئۇيغۇر مىللىتتىنى تايلانىد تاماشىبىنلىرىغا تونۇتقىنى بۇ ئالەمچە خوشاللىق ،چوڭ ئىش ،
ئوماقلىرىمىز بۇندىن كىينكى ھايات مۇساپەڭلارنىڭ تىخىمۇ پارلاق بولۇشىغا تىلەكداشمەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

1069

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   6.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27636
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 332
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-3
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئىشەك ئۆلىۋاتسا قوڭى غەجەك تاتىپتۇ دېگەن مانا مۇشۇ

3

تېما

0

دوست

867

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   73.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8507
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 78
تۆھپە : 199
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-1
يەر
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:31 |ئايرىم كۆرۈش
سەنئەتنڭ دۆلەت مللەت چىگرىسى يوق.بۇ تىما بەك ياخشى چىقپتۇ.رەھمەت سىلەرگە.مۇۋەپقيەت سلەرگە ياربولسۇن

44

تېما

2

دوست

7382

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   47.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6560
يازما سانى: 311
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 719
تۆھپە : 1879
توردىكى ۋاقتى: 474
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-3
5#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 05:49 |ئايرىم كۆرۈش
    ئاجايىپ، ئاجايىپ...
    تېمىدا يېزىلغانلارنىڭ راست شۇنداق بولغانلىقىدا شەك يوق.
    بۇ تېمىدا «مەن مۇنداق تېز پۇرسەتتە چەتئەلگە چىقىشنىڭ بىزگە نېسىپ بولغانلىقىغا ھەم ھەيران بولاتتىم...» دېگەن قۇرلار بار. ھەقىقەتەن ھەيران بولۇشقا تىگىشلىك... كەن.
    ئەسلىدە سىياسەت دېگەن ئاجايىپ! ھازىر تايلانت تۇرمىسىدا جۇڭگۇ چىگرىسىدىن ئوغۇرلۇقچە قانۇنسىز قېچىپ چىققان 4- 5 يۈز ئادەم يېتىۋاتقىنىغا بىر يىل بولغان بولۇپ، ئارىغا سوغاق شاماللار كىرگەن ئىدى.  بۇ ئەرتىسلىرىمىز بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ۋە تۇغۇلۇپلا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئوينىيالايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگۇدا قانچىلىك ئەركىن، ياخشى ياشاۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ ئۆتۈشتە ئۆز ماھارىتىنى نامايەن قىپتۇ. بىزنىڭ بادام دوپپا، ئەتلەس كۆڭلەكلەر.

0

تېما

0

دوست

152

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   50.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32725
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 50
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-2
6#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:50 |ئايرىم كۆرۈش
‹‹ تۇغۇلۇپلا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئوينىيالايدىغان ئۇيغۇرلار››        [s:6][s:6][s:6][s:6]

0

تېما

0

دوست

174

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33190
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 42
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-2
7#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:35 |ئايرىم كۆرۈش
مەن تۇغۇلغىلى 23 يىل بولدى ، تېخىچە ئۇسۇل ئوينىيالمايمەن

0

تېما

1

دوست

3059

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   35.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5247
يازما سانى: 210
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 83
تۆھپە : 894
توردىكى ۋاقتى: 144
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-3
8#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:22 |ئايرىم كۆرۈش
بەختىيار تۇرمۇشنى ئاشۇنداق نامايەن قىلىدىغان گەپ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )