ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە،شاڭخەي،بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسى 7تۈمەندىن ئاشىدىكەن، سىزنىڭ يۇرتىڭىزچۇ؟ (مەنبە:سوخۇ تورى.2015-يىل2-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى) بىر قىسىم مائاش سەۋىيەسى تۆۋەن جايلارنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئۆسۈش‹‹ئىپادىسى››بىرقەدەر ياخشى.مەسىلەن گەنسۇ،شىنجاڭ،خېڭلوڭجىياڭ قاتارلىق جايلارنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى دۆلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆسۈش سەۋىيەسىدىن يوقىرى بولغان.ئۆسۈش سەۋىيەسى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان جايلار بولسا،لىياۋنىڭ،خېبىي،خەينەن،شىزاڭ،شاڭخەي قاتارلىقلار بولغان.بولۇپمۇ شاڭخەي شەھىرىنىڭ مائاش ئۆسۈش سەۋىيەسى بىر قەدەر ئاستا بولغاچقا،پۈتۈن مەملىكەتتىكى‹‹ئاتامان››لىق ئورنىدىن ئايرىلىپ قالغان.شاڭخەينىڭ مائاش سەۋىيەسىگە يېقىنقى يىللاردىن بويان بېيجىڭ ئاللىقاچان يېتىشىپ بولغان. رايونلار ئارىسىدكى پەرق بارغانسىرى ئازايغان،بېيجىڭ،شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ مائاش سەۋىيەسى بىرىنجى ئورۇندا،گەنسۇ،شىنجاڭ،خېيلوڭجىياڭ قاتارلىق رايونلارنىڭ ئۆسۈش سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان. ‹‹ئوخشاش خىزمەت ئورنى،ئوخشاش خىزمەت،لىكىن مائاشىتىكى پەرق ناھايىتى يوقىرى››.كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ رايونلار ئارامائاش پەرقىگە بولغان ھىسسياتى،بىلىشى ناھايىتى چوڭقۇر.ئۇنداقتا رايونلار ئارا مائاش پەرقى زادى قانچىلىك چوڭ؟قانداق ئۆزگىرىشلەر بۇلىۋاتىدۇ؟ئادەم كۈچى،ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يېقىندا ‹‹مائاش-تەمىنات تەرەققىياتى دۇكلاتى(2013-2014)››نى ئىلان قىلدى.دوكلاتتا يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى رايونلار مائاش تەرەققىياتى ئەھۋالىغا تەھلىل ئېلىپ باردى. بىر قىسىم مائاش سەۋىيەسى تۆۋەن رايونلاردا ئۆسۈش تىزبولغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە،1995-يىلى دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ يوقىرى مائاش ئەڭ تۆۋەن مائاشىنىڭ 2.7ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن.ئەڭ تۆۋەن مائاش بىلەن ئەڭ يوقىرى مائاشنىڭ پەرقى5145يۈەن بولغان.2008-يىلىغان كەلگەندە مائاش پەرقى 2.69ھەسسە،مۇتلەق پەرقى 35565يۈەنگە يەتكەن.يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تەڭشىلىشى،ۋە رايۇنلار ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ،رايونلار ئارىسىدىكى مائاش پەرقى 2.38ھەسسىگە چۈشكەن.2012-يىلى داۋاملىق ھالدا 2.33ھەسسىگە چۈشكەن،2013-يىلىمۇ ئوخشاشلا مۇشۇ خىل يۈزلىنىش بويىچە داۋاملاشقان. مائاش پەرقىدىن قارىغاندا،پۈتۈن دۆلەتنىڭ مائاش سەۋىيسەسىنى‹‹تۆت بالداق››قا بۆلۈشكە بۇلىدۇ.‹‹بىرىنجى بالداق››تا مائاش سەۋىيەسى يوقىرى بولغان بېيجىڭ ۋە شاڭخەينىڭ 2012-يىلى شەھەر-بازاردىكى ئىشقا ئۇرۇنلاشقانلار ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسى 7تۈمەندىن ئارتۇق بولغان.‹‹ئىككىنچى بالداق››تىكى تىيەنجىن،شىزاڭ،جىياڭسۇ،گۇاڭدوڭ،جېجىياڭ قاتارلىق 5رايوننىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسى 5تۈمەندىن ئارتۇق بولغان.‹‹ئۈچىنچى بالداق››نىڭشىيا،ئىچكى موڭغۇل،چىڭخەي،ئەنخۈي،شىنجاڭ،فۇجىيەن،چوڭچىڭ،شەنشى،سەنشى،سىچۈەن،شەندۇڭ،لىياۋنىڭ،گۈيجۇ،قاتارلىق ئۆلكە،ئاپتونۇم رايون،شەھەرلەر،قالغانلىرى بولسا‹‹تۆتىنچى بالداق››قا چۈشۈپ قالغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان،شىنجاڭ،گەنسۇ،خېيلوڭجىياڭ قاتارلىق رايونلارنىڭ مائاش ئۆسۈش‹‹ئىپادىسى››بىر قەدەر ياخشى بولغان.شاڭخەي‹‹ئاتامان››لىق ئورنىدىن ئايرىلىپ،بېيجىڭ ئاللىقاچان شاڭخەينىڭ سەۋىيەسىگە يىتىشىپ بولغان. ئوتتۇرا،غەربى رايونلارنىڭ مائاش سەۋىيەسىدە بىر قەدەر چوڭ بولغان ئۆرلەش بوشلۇقى بار. ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئەمگەك،مائاش تەتقىقات ئورنىنىنىڭ باشلىقى لىيۇشۆمىننىڭ قارشىچە،رايونلار ئارىسىدىكى مائاش پەرقى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئازلىشى،ھۆكۈمەتىنىڭ ماكرولۇق تەڭشەپ-تىزگىنلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تەڭشىلىشى ۋە ئەلالىشىشى ئارقىلىق،ئەمگەك زىچىلىق يوقىرى كەسىپلەرنىڭ تەدرىجى ھالدا ئوتتۇرا،غەربى رايونلارغا يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بۇلىدۇ.ئوتتۇرا،غەربى رايونلارغا مەبلەغ سېلىش ۋە مەبلەغ سېلىش سىجىللىقىنى كۈچەيتىش ئارقلىق،ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق ئۇرۇنلىشىشى،شۇ ئارقىلىق مائاش پەرقىنىڭ تەڭپۇڭلىشىىشىغا قاراپ يۈزلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بۇلىدۇ. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە،پارتىيە 18-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا‹‹ئەمگەك ھەققىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن،ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىنىڭ ئۈنۈمى ماس قەدەمدە بۇلۇشنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش››ۋە‹‹ئەمگەك ھەققىنىڭ تۇنجى تەقسىماتتىكى تەقسىملىنىش نىسبىتىنىڭ يوقىرى بۇلىشى››چۇقۇم رايونلار ئارا مائاش كىرىم پەرقىنى كىچىكلىتىشنىڭ ئاساسىي بېسىپ ئۆتىدىغان يولى بۇلىشى كىرەك. |