قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1386|ئىنكاس: 13

ئەبجەش تۈزۈم (فېليەتون) - ئەفغانىي

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

27

تېما

4

دوست

2248

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29919
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 64
تۆھپە : 718
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 14:25:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەبجەش تۈزۈم
(فېليەتون)

ئابدۇرەھمان ئەفغانىي



     ___ بۈگۈن ئۇرۇشقان ئىككىسىنى قانداق بىرتەرەپ قىلىمىز، مۇدىر؟
     ___ ئانا - مانىسىنى كۆرسىتىمىز.
     ___ ياخشى ئويلاپتىلا، مۇدىر.
     ___ كەل، تاماكامغا ئوت تۇتاشتۇر!
     ___ مانا، مۇدىر.
     ___ ئويلاپ قالدىم. مەكتەپ نىزاملىرىنىڭ بوشاپ قالغان يەرلىرىنى ئامبۇر بىلەن ئوبدان بىر چىڭىتىپ قويساق بولغۇدەك. تۈزۈم ئامورفلىشىپ كېتىپ، بۇ پۇرسەتپەرەس گۇيلار پايدىلىنىپ كېتىدىغان سۈڭگۈچلەر كۆپىيىپ قاپتۇ. شۇ ھاڭلارنى بىرنى قويماي بىتچىتلىشىۋېتىمىز كېرەك.
     ___ ياخشى ئويلاپتىلا، مۇدىر.
     ___ يەنە ئويلاپ قالدىم. ئاۋۋال سەندىن سوراپ باقاي، تۈزۈم دېگەن نېمە؟ بۇنى بىلەمسەن؟
     ___ بىلمەيمەن، مۇدىر.
     ___ بىلمەيمەن دېگەن قانداق گەپ؟
     ___ ئۆزلىرى دانا، مۇدىر.  
     ___ خوش، تۈزۈم دېگەن ئوقۇغۇچىلار ياخشى كۆرگەننى ئالا قويماي چەكلەش دېگەنلىك. مانا بۇ رەسمىي تۈزۈم بولىدۇ.
     ___ ياخشى دېدىلە، مۇدىر.
     ___ بۇ گەپنى مەن بىرەر كىتابتىن ئوقۇۋالغىنىم يوق جۇمۇ. ماۋۇ ئەقىللىق مېڭەمگە تايىنىپ ئويلاپ چىققان. دەپ باقە، قانداقراق ئويلاپتىمەن؟
     ___ بەك ياخشى ئويلاپتىلا، مۇدىر.
     ___ قارا، مەن بۇ يېڭى ئىدىيەمنى ھازىرلا ساڭا ئىسپاتلاپ بېرىمەن.
     ___ ھە ماقۇل، مۇدىر.
     ___ ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار چېچىنى ئۆسۈك قويۇشقا، قىز ئوقۇغۇچىلار گىرىم ياكى مونچاق - ئۈزۈكلەر بىلەن ئۆزىنى بېزەشكە ئامراق. لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ ئامراقلىرىنى بىز توسۇمىز، شۇنداقتۇ؟!  
     ___ شۇنداق، مۇدىر.
     ___ ئۇلار دەرسكە ئۆچ، ئەمما بىز ئۇلارنى شۇنىڭغا ھەيدەيمىز، توغرىدۇ؟!
     ___ توغرا، مۇدىر.
     ___ ئۇلار يەنە بارچىدىن مەكتەپنىڭ قائىدىلىرىدىن بىزار. ئەمما بىز قېرىشقاندەك ئۇلارنى دەل شۇنىڭغا زورلايمىز. دېمەك، بىز بۇ مىساللاردىن ئوقۇغۇچىلارنى ئۇلار ياخشى كۆرگەندىن توسۇپ، يامان كۆرگەننى ئۇلارغا تېڭىشىمىز كېرەك، دېگەن بىر يەكۈن چىقىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ مەكتەپنى تۈرمىگە ئوخشىتىشىمۇ تەبىئىي.
     ___ ...
     ___ گەپ قىلمايسەنغۇ؟!
     ___ كەچۈرسىلە، مۇدىر، ئېسىم قۇرۇسۇن. ناھايىتى ياخشى ئويلاپتىلا، مۇدىر.
     ___ يالاقچى بولا سەندەك بولا - ھە!
     ___ ھەئە، مۇدىر.
     ___ سەن مېنى شىيلاشتىن بۆلەك ھېچ ئىشنى ئۇقمايسەن - ھە!
     ___ بۇ مېنىڭ ۋەزىپەم، مۇدىر.
     ___ مېنى خۇش قىلدىڭ، بۇنى ئالە!
     ___ رەھمەت، مۇدىر. بەرىكاتلىرىغا بەرىكەت ياغقاي، مۇدىر.
     ___ يوش... يوش!① ئەمدى بېرىپ ئا ئىككى سوقۇشقاقنى ئالدىمغا سۆرەپ كەل، ئۇلارنى ئۆزۈم قانغۇچە سوقۇشتۇرۇپ قوياي.
     ___ پەرمانبەردارمەن، مۇدىر.
     ...
     ___ ھۇ بەتكەردە ماڭقىلار، مۇشتەك تۇرۇشۇپ يەنە مۇشت ئېتىشتىڭما؟! مۇشت دېگەن مانا ماۋۇ، داداڭنىڭ مۇشتى... تولا كۆزۈمگە سەت كۆرۈنمەي ئىشخانامدىن يىتىشە ماڭ!
     ___ باشلىق ياخشى دېدى، ئىتتىك يوقىلىش!
     ___ بۇ شۇملارنى دۇمبالاپ ئەجەب پۇخادىن چىقتىما.
     ___ ياخشى قىلدىلا، مۇدىر.
     ___ كۆردۈڭمۇ، بۇ شاتراقلار كۈندە ياقىماق سىقىشىدۇ، بىز ئۇلارنىڭ ئەدەپلەيمىز. ئۇلار قىلغاننى تەلتۆكۈس توسۇش دەل تۈزۈمدۇر، ھەقىقىي تۈزۈم.
     ___ دانىشمەنلىكىڭىزگە قايىلمەن، مۇدىر.
     ___ ئەمدىغۇ ئىشەنگەنسەن مېنىڭ ئىدىيەمگە؟
     ___ ئىشەنمەسلىككە ھەددىممۇ، مۇدىر.
     ___ ئىشەنگەن بولساڭ بۇندىن سوڭرا ئوقۇغۇچىلار ياخشى كۆرگەنلىكى ھەر ئىشنى توسۇڭلار، شۇندا مەكتىپىمىز روناق تاپىدۇ.
     ___ خوپ، مۇدىر.
     ___ ئەتە چۈشتىن كېيىنگە بىر قېتىملىق لېكسىيە ئورۇنلاشتۇر، مۇتەپەككۇرانە ئويلىرىمنى ئوقۇغۇچىلارغا چاچاي، يىغىن خۇمارىممۇ تۇتۇپ تۇراتتى.  
     ___ بۇيرۇقىڭىزنى بەجانىدىللىق بىلەن ئورۇندايمەن، مۇدىر. بايىقى سولتەكلەرنىچۇ، مۇدىر؟ سادىر پالۋاندەكلا يانجىۋەتتىلە، جېنى چىقىپ كېتىشتىن بۇرۇن دوختۇرخانىغا ئاپىرامدۇق؟
     ___ دوختۇرخانىغا؟ ساقچىخانىغا ئاپىرىمىز، ساقچىخانىغا. شېرىكىمىز زېرىكىپمۇ قالغاندۇ؟
     ___ ياخشى ئويلاپتىلا، مۇدىر. شۇغىنىسى بايا سىزگە ئالىيىپ قويۇپ چىقىپ كەتكەن ئاۋۇ بودەكرەكىنىڭ دادىسى ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقىمىش.
     ___ نېمە؟ نېمە دېدىڭ؟ نېمىشقا... نېمىشقا بالدۇرراق دېمىدىڭ شۇنى، ۋوي ئىت كاتىپ؟ ياخشى ئويلاپتىمىشمەن تېخى، ئەمدى...



                    2015 - فېۋرالنىڭ 28 - كۈنى، قاراقاش      

0

تېما

3

دوست

1047

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   4.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34298
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 300
توردىكى ۋاقتى: 76
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 19:05:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

6

دوست

819

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   63.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31459
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 250
توردىكى ۋاقتى: 52
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 22:25:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
karimof يوللىغان ۋاقتى  2015-2-28 21:55
بىزنىڭ تەرەپلەردىمۇ ئۇقۇغۇچىلار ئارىسىدا جىدەل ماجرا  ...

شۇنداق قىلىڭ

0

تېما

1

دوست

681

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   36.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32599
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 200
توردىكى ۋاقتى: 74
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 23:16:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
karimof يوللىغان ۋاقتى  2015-2-28 21:55
بىزنىڭ تەرەپلەردىمۇ ئۇقۇغۇچىلار ئارىسىدا جىدەل ماجرا  ...

توغرا ! شۇنداق قىلىڭ! بىكار بولغاندىكىن ئەقىدە-ئېتىقاتلىرىڭىزنىڭ ئىچ كىيىم يەڭگۈشلىگەندەك پات-پات يەڭگۈشلەپ تۇرۇڭ،خەنچە مۇنبەرلەرنى كۆرۈپ بىزنىڭ مۇنبەرلەرنى پات-پات كۆرۈپ تۇرۇڭ...
6#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

21

دوست

1825

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   82.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28130
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 554
توردىكى ۋاقتى: 113
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 03:46:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
karimof يوللىغان ۋاقتى  2015-2-28 23:41
مىۋە بەرمىگەن دەرەخنى ياكى كىسىپ تاشلاش كىرەك ياكى با ...

راستىنى دەيسىز ، راس مۇشۇنداق ئالاھىدە قىلنىڭ ئۈستىدىكى بىر تاللاشقا ھەر جەھەتتىن دۇچ كېلىۋاتىمىز دېسە . بۇرۇندىن يىغىلغان تەپەككۇر ئەندىزىلىرىمىز مىتۇدىمىز ۋە ئۇسۇلىمىز ئەمدىلىككە كەلگەندە ، ئىقتىساد بارغانچە جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىپ يېڭى مەنزىل ياساپ كۈنسېرى دۇنيا ئۆزگىرىۋاتقان ، شۇنىڭغا يارىشا ئىقتىساد يەرشارىلىشىۋاتقان بۈگۈنكىدەك ۋەزىيەتتە ، شۇنىڭدەك زامانىۋىيلىق بىلەن مىللىيەتلىك ۋە خاسلىقىمىز تامامامەن سىغىشالماي بىردەك پىكىر ھاسىل قىلالمايۋاتقان تەتۈر شارائىتنىڭ تەسىرى بېسىمىدا بەلكىم سىز دېگەندەك مۇشۇنداق نەتىجە چىقمىغان مېۋە بەرمىگەن دەرەخنى كېسىپ قىرقىپ تاشلاپ يېڭى ئۆلچەملىك ياش مايسىلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن باشقا مېۋىلەرگە ئۇلاش ياكى باشقىچە شەكىلدە ئۇلاشقا توغرا كېلىدىغاندۇ ........ مەقسەت شۇ قىيىنچىلىق شارئىتتا يېڭىچە تەپەككۇر ۋە دۇنيا قاراشنى قۇرال قىلىپ يېڭىچە ۋەزىيەت ئەندىزە تىكلەش ، كونىلىقتىن قۇتۇلۇش كونا سىرتماققا خاتېمە بېرىشتىن ئىبارەت .  ياۋرۇپالىقلارنىڭ مۇنداق بىر گېپى بارىكەن : ‹‹ شەرقلىكلەر ئۆزىنىڭ شانلىق تارىخىدىن ھەم شۇنى ياراتقان ئاتا - بوۋىلىرىدىن قۇرۇقتىن قۇرۇق پەخىرلەنسە ، غەربلىكلەر ئۆزىنىڭ ھازىرقى ئەمەلىيىتىدىن پەخىرلىنىدۇ ›› . بىزدىمۇ دەل مانا مۇشۇنداق ئەجدادىدىن قۇرۇقتىن قۇرۇق پەخىرلىنىشتەك ‹‹ ماختىنىش پىسخېكا كېسىلى ›› خېلىلا ئېغىر . بىز دېگەن مانداق مىللەت ، مانداق ئىلغار مەدەنىيەت ياراتقان ، باشقىلار بىزدىن ئۆگەنگەن ، مانداق مىسالغا شەخىسلىرىمىز دېگەن تولا دېگەندەك ھە دېسىلا ئاقماس جىڭغا باسمايدىغان مىش مىش گەپلەر ...... لېكىن ئەمەلىيەتنى پەقەت ئويلاپ باقمىدۇق ، باغ نەدە تاغ نەدە ھازىرقى رېئاللىق بۇنىڭغا پەقەت باقمايدۇ . باشقىلار مەدەنىيەت ئىقتىسادتىكى ئالاھىدە ئىمتىيازىدىن پايدىلىنىپ ئەجدادىدىن ئسىل نەسىللىك ماختانچاقلارغا بىر خىل خىرىس ئاپەت ۋە ئەندىشە ئېلىپ كەلمەكتە ، بۇنى ئەمدى ئويلاپ قويايلى تۇرمۇش ۋە ئېتىقاد يولىمىزدا چوڭ كۆلەملىك ئۆزگەرتىش ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بارىمىزمۇ يوق ......  پەخىرلىنىشكە ئۇلارنى ئۇلۇغلاشقا بىز ھەقىقەتەن ھەقلىق ، بىز ئۇلارنىڭ ھەقىقىي پەخرىي ئوغلانلىرى ، لېكىن پەخىرلىنىش بىلەنلا ئىش پۈتەمدۇ ، شۇنىڭغا يارىشا ئەقلىي تەپەككۇرىمىز بىلەن بىرەر نەتىجە چىقىرالمىساق ئۇلارنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمىز ، ئۇلارنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدى يوققا چىقسا ئۈمىتسىزلىنىپ قارغىشىغا ئۇچرىماي قالارمىزمۇ ........ شۇڭا دەيمەن ئىلگىرى مۇنبەردە تالاش تارتىش بولغان ئەلى قۇربان لېكسىيىسىنىڭ نەقەدەر توغرا ئىلمىيلىكى بولغانلىقى مانا مۇشۇنىڭدىمۇ ئۆز ئەينىنى تاپىدۇ ، ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان كونىلىققا پېتىپ قالماسلىقنىڭ ئالدىنقى شەرتى مىسالى قىلغان كۇتادغۇبىلىكتىكى ‹‹ مىڭ شېھىتتىن بىر تىرىك ئەلا ›› دېگەن تەمسىل بولالايدۇ . يەنە ئۇ تىلغا ئالغان پىسخېكىدىكى ‹‹ ئاگونىزىم ›› نىڭ مەنىسى ھەم مىساللىرى جانلىق ئۈلگە بولالايدۇ . شۇنىڭغا زامان ماكان ھەم مىللىي خاسلىقىمىزغا ماس كەلگەن ئاساستا ئۆزگەرتىش ۋە ئىسلاھات ئەپ بېرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ ، بەزى جەھەتلەردىن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغىنىمىز بىلەن بەزى جەھەتلەردىن پۈتۈنلەي ھەر تەرەپتىن يېڭىلاشقا توغرا كېلىدۇ . ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ئېلىپ بېرىلغان 30 يىل مابەينىدە نۇرغۇنلىغان ھەر ساھەلەردە تۈزۈمدىن تارتىپ ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىشقىچە ، پىسخېكا ۋە خەلقنىڭ ئاڭ سەۋىيىنىڭ ئۆسۈشىگىچە نۇرغۇنلىغان باسقۇچلۇق بۆسۈشلەر ھاسىل قىلىندى ، بەزى تۇرمۇش سەۋىيە ،  ئېھتىياج جەھەتلەردە چەتئەللەردىن قېلىشمىغۇدەك بولدۇق . بۇنىڭلىق بىلەن نۆۋەتتىكى بۇ نەتىجىلەر بىلەن تەرەققىياتقا ئەگىشىپ كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان جەمئىيەتنىڭ ماددى ۋە مەنىۋىي ئىھتىياجىنى تامامەن قاندۇرۇپ كەتكىلى بولمايدۇ ، يەنىمۇ ئۆزگەرتىش ۋە ئىسلاھات كېرەك . مەزكۇر تېمىدىكى بالىلارنىڭ ئەھۋالى بىلەن دېئالوگلاردىن بەك ئەپسۇسلاندىم مۇشۇنداقمۇ مەكتەپ مۇدىرى مەكتەپ تۈزۈمى مۇدىرنىڭ سادىق يالاقچىلىرى بولامدۇ ، قانۇن ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىش نەدە ، نازارەت قىلىش نەدە ، دۆلەتنىڭ ئۆلچەملىك مائارىپ تۈزۈمى قېنى  ئۆز ئالدىغا تۈزۈم چىقىرىش مەسخىرىلىك كۈلكىلىك بىر ئىش ئەمەسمۇ ..... بەزىلەر بالىلىرىمىز بەك ئەسكىلىشىپ كەتتى دەيدۇ ، ‹‹ خەققە قىلساڭ ئۆزەڭگە يانىدۇ ›› دەيدىغان گەپ بار . بۇنى دەل شۇ ئاتالمىش مەكتەپ تۈزۈمى مەكتەپ شارائىتى بەلگىلىگەن ، شۇ شارائىت ئۆگەتكەن . بۇنىڭغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن قومۇل ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئابلېز ھەسەن مۇئەللىمنىڭ باغداشقا ئىككى قېتىملىق يوللانغان  ‹‹ ئوقۇتقۇچىلىقتىن يەنە زارلىنامسىز ›› ناملىق لېكسىيىسىگە قايتا قۇلاق سالغايسىلەر .....

0

تېما

0

دوست

389

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   44.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34118
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 108
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-2 10:02:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ مۇدىر خامىلىئۇنغا ئۇخشايدىكەنغۇ،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )