قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 966|ئىنكاس: 21
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

پىسخولوگىيەدىكى ئەڭ ئەقەللىي قائىدە(2)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

287

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   95.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33787
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 76
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-5
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
پىسخولوگىيەدىكى ئەڭ ئەقەللىي قائىدە(2)

   2   . ئەلى قۇرباننىڭ «تىلى كۆيسۇن»مۇ ؟
   خىرىس ۋە رىقابەتكە تولغان بۈگۈنكى بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىدە، ياشلارنى ئۆزىگە ئىشىنىش ئاساسىدا مۇۋەپپەقيەت قازىنىش پىسخىكا ساغلاملىق تەربىيىسى ھەققىدە تەخىرسىز ھالدا لىكسىيە سۆزلەۋاتقان ئەلى قۇرباننىڭ كىلاسسكلارنى مەنستمەسلىك ھەققىدىكى سۆزى تۈپەيلى «تىلى كۆيسۇن»مۇ ؟ ناتىقلىق سەنئىتى بىلەن ئۆتكۈر تەپەككۇرىنى بىرگەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ، لېكسىيە ئاڭلىغۇچىلارنىڭ دىللىرىدا مۆجىزىلىك ئۈمىد نۇرى پەيدا قىلىۋاتقان ئەلى قۇرباننىڭ تىلىنى كۆيدۈرۈشكە توغرا كەلسە، ئۇيغۇرلارنىڭ بارماق بىلەن سانىغۇدەك دانا ئالىملىرى، فازىل زەكىيلىرى، ئەۋلىيا فىرلىرىنىڭ تىللىرىنى بىر-بىرلەپ كۆيدرىشىمىز كېرەككەنغۇ؟ ياق! ياق!! ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ تىلى كۆيمىسۇن. تىلى كۆيۈشكە توغرا كەلسە، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن ھېچقانچە ئىش قىلىپ بېرەلمەيۋاتقان بىزدەك ئەرزىمەس ناقابىللارنىڭلا تىلى كۆيگىنى ياخشى.
    بىرىنچى، ئەلى قۇرباننىڭ بارلىق لىكسىيەلىرىگە ئەستايىدىل قارايدىغان بولساق، زىۋىدە ئابدۇكېرىم ئېيتقاندەك، چەتئەلنىڭ ئالىملىرى كۆپ تىلغا ئېلىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئالىملىرى تىلغا ئېلىنماسلىق ئەھۋالى ساقلانغان. دېمىسىمۇ، ھازىر چەتئەللەردە پىسخىكا ئىلىمىي ساھەسىدە داڭلىق تەتقىقاتچى، موتىخەسس ۋە ئالىملارنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ. ئەمما، ئەلى قۇرباننى نەزەرگە ئالمىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخىكا ئىلىمىي ساھەسىدە تېخىچە بىرەر داڭلىق ئالىمى يوق. كەسپى ساھەنى بىزدىنمۇ ئارتۇق تولۇق چۈشەنگۈچى زىۋە ئابدۇكېرىم، پىسخىكا ئىلىمىي بويىچە لىكسىيە سۆزلەۋاتقان ئەلى قۇرباننى «چەئەللىك ئالىملارنى كۆپ تىلغا ئېلىپ، ئۇيغۇر ئالىملىرىنى تىلغا ئالمىدى»-دەپ، ئەتەي قېيداشلىرى، ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى ئىنكاس ئەزىمەتلىرىگە يېتەرلىك دەستەك بولۇپ بەردى. ئىھتىمال، چەتئەللىك داڭلىق پىسخولوگلارنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل ئالغاندا، بىزنىڭ باشقا ساھەدىكى ۋە باشقا كەسىپتىكى ئالىملىرىمىزنىڭ مۇناسىۋەتسىز سۆزلىرىنى نەقىل ئالسا، بۇنداق تېتىماس لىكسىيە يەنىلا ئاۋال زىۋىدە ئابدۇكېرىم تەرىپىدىن تەنقىت قىلىنىشى مۇمكىن ئىدى. زىۋىدە ئابدۇكېرىمنىڭ سۆزى پىسخولوگىيە ساھەسىدىكى ئالىملارنى كۆرسەتمەيدۇ- دەپ قارىساق، ئەلى قۇربان لىكسىيەسىدىكى مۇتلەق كۆپ نەقىللەر ئاساسەن داڭلىق پىسخولوگلارنىڭ ھېكەتلىك سۆزلىرى ئىكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق. ئەگەر، ئەلى قۇرباندا كەسىپتىن ھالقىغان ھالدىكى داڭلىقلىرىمىزنى مەنسىتمەسلىك ئەھۋالى راستىنلا مەۋجۇت-دەپ ھۆكۈم قىلغۇچىلار بولسا، ئۇ نېمە ئۈچۈن ئۆز لىكسىيەسىدە چەتئەللىك مەلۇم بىر داڭلىق پىسخولوگنى تىلغا ئالغاندا: «مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى دوزاقتا بولسۇن» دەيدۇ؟ نىمە ئۈچۈن، مەلۇم بىر ئوقۇغۇچى: «ئەلى مۇئەللىم! سىز ئېينىشتىيىنگە بەك ئوخشايدىكەنسىز» دېگەندە، -ئەلى مۇئەللىم: «سىز، مېنى بىر ناساراغا ئوخشىتىۋاتامسىز؟ ئەگەر راستىنلا ئوخشاتقىڭىز كەلسە، سىز ئېينىشتىيىننىڭ يېنىغا بېرىپ: <ھەي! ئېينىشتىيىن، سەن بىزنىڭ ئەلى مۇئەللىمگە ئوخشايدىكەنسەن> دېسىڭىز بولىدۇ» دەيدۇ؟ ناھايىتى ئېنىقكى، ئەلى قۇربان ھېچقاچان چەتئەللىك ئالىملارنى ئەتىۋارلاپ، ئۆز ئالىملىرىمىزنى خارلاۋاتقىنى يوق. ئەھۋال مۇشۇنداق ئېنىق تۇرۇقلۇق يەنىلا ئەلى قۇرباننىڭ «تىلى كۆيسۇن»مۇ؟!  
    ئىككىنچى، زىۋىدە ئابدۇكېرىمنىڭ ئەلى قۇربانغا «قوشنامنىڭ قوش كۆرۈنەر» ئىففىكتىنى سوۋغا قىلىشى، ئاياللىق شەرمى-ھاياسىنى قايرىپ قويۇش («ھەممە ئادەمنىڭ بەدەن ۋە روھى ئوخشاش» بەدەننىڭ ئوخشاشلىقىغا پىكىر بايان قىلىشقا قۇربىم يەتمەيدۇ.»)دەك ئۆزىنى يالىڭاچلاپ كۆرسەتمەكچى بولغانلىقىنى قوشقاندا، ئىككىنچى قېتىملىق ئەخلاقسىزلىق قىلىشى.
    ئەلى قۇربانغا «قوش كۆرۈنگىنى» پىسخىكا ئىلمىي ساھەسىدىكى چەتئەللىك ئالىملارنىڭ قىممەتلىك كۆز قاراشلىرى. ئىلىم-پەننى ھۆرمەتلىگۈچى ھەرقانداق كەسپى خادىم، ئاۋال ئۆزىنىڭ كەسپى ساھەسىدىكى نوپۇزلۇقلارنىڭ قاراشلىرىنى نەقىل ئېلىش ئارقىلىق، ئۆز ھۆكۈمىنىڭ نەزىريەۋى ئاساسىنى كۆرسەتمەكچى بولىدۇ. ئەلى قۇرباننىڭ بۇ جەھەتتىكى ئۇرۇنىشى، ئۆز كەسپى، يەنى پىسخىكا ئىلمىگە بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە يۈكسەك ھۆرمەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەلى قۇرباننىڭ كۆرگەن كىتاپلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى چەتئەللىك كىلاسسك پىسخولوگلارنىڭ ياكى چەتئەللىك ھازىرقى داڭلىق پىسخولوگلارنىڭ كىتاپلىرى بولىشى چوقۇم. ئۇ ھېچقاچان پىسخىكا ئىلمىدىن باشقا ساھەدىكى چەتئەللىك ئالىملارنى كۆككە كۆتەرگىنى يوق؛ ھەتتا چەتئەللىكنىڭ پىسخىكا ئىلمىدىن باشقا غەيرى كىتابىنى تولۇق ئوقۇمىغان بولىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇ، لىكسىيە سۆزلەش جەريانىدا «تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا <قۇتادغۇبىلىك>نى بىر قېتىم ئوقۇغاندىم» دەيدۇ.
     بۈگۈنكى ئۈچۈر دەۋرىدە پىسخىكا ئىلمىگە دائىر ئەڭ يېڭى قاراشلار ۋە كىتاپلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئاۋال ئېنگىلىز تىلىدا نەشىر قىلىنىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. ئەلى قۇرباننىڭ ئېنگىلىز تىلى سەۋىيىسى، بولۇپمۇ كەسپى ئېنگىلىز تىلى سەۋىيىسىنىڭ ئالاھىدە يۇقۇرىلىقى بىلەن ئۇيغۇر پىسخولوگلىرى ئىچىدە ئەڭ ئاۋال يېڭى ئۇچۇر، يېڭى بىلىملەردىن دەل ۋاقتىدا خەۋەر تاپالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەلى قۇرباننىڭ ھەممىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىۋاتقان كەسپى سەۋىيىسى، پەقەت ئېنگىلىز تىلىدىكى كەسپى ماتىريال، كەسپى كىتاپلارنى كۆپ كۆرۈش ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. ئەگەر ئۇ، پىسخولوگىيىگە دائىر چەكلىك ئۇيغۇرچە ماتىريال ۋە چەكلىك خەنزۇچە ماتىرياللارنى قانچە كۆپ كۆرسىمۇ ئۆزىدە بۇنداق يۇرى كەسپى سەۋىيىنى ھازىرلىيالمايتتى. مېنىڭچە، زىۋىدە ئابدۇكېرىم نوقۇل پىسخىكا ئىلمىگە دائىر خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە ماتىريالغىلا تايىنىۋالغاچقا ئەلى قۇربان بىلەن بولغان كەسپى جەھەتتىكى رىقابەتتە بەزى چەكلىمىلەردىن خالى بولالمىدى. زىۋىدە ئابدۇكېرىمدىكى بۇخىل يېتەرسىزلىك ۋە كەسپى ئاجىزلىق ماھىيەتتە، ئەلى قۇرباننىڭ كەسپى تالانتىنى ئۇنىڭ كۆزىگە «قوش كۆرۈنۈپ» قالدى. زىۋىدە ئابدۇكېرىمنىڭ «قوشنامنىڭ قوش كۆرۈنەر» ئىففىكتى بىلەن «بەدەننىڭ ئوخشاشلىقىغا پىكىر بايان قىلىشقا قۇربىم يەتمەيدۇ.» دېگەن ئىككى سۆزىنى بىرلەشتۈرۈپ قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭ تولىمۇ كۈلكىلىك ھەجۋى ناز-كەرەشمىسىنى كۆرگەندەك بولىمىز.
   يۇقارقى دەلىللەرنىڭ ۋەزنىدىن، «قوشنامنىڭ قوش كۆرۈنەر» دېگەن تەمسىلنىڭ ئەلى قۇربان بىلەن زىۋىدە ئابدۇكېرىمنىڭ قايسىسىغا ماس كېلىشىنى ئوقۇرمەن ئۆزى ھۆكۈم قىلىۋالسۇن.

    3     . ئىككى ئالىمنىڭ تەتقىقات بۆشۈگى قەيەر؟                       
    زىۋىدە ئابدۇكېرىم ھېچ ئىككىلىنىشسىزلا «مەھمۇد قەشقەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ تەتقىقات بۆشۈكى بولغان مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرېستېتى...»- دەپ، ئىككى ئالىمنىڭ تەتقىقات بۆشۈگىنىڭ ئېنىقلىمىسىغا ئاجايىپ بىلەرمەنلىك بىلەن جاۋاپ بېرىپ، قارشى تەرەپكە ئۆزى خالىغانچە تەنبىھ بېرىپ ئەدەپلەپ قويماقچى بولىدۇ. مەھمۇد كاشغەرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەققىدىكى بىر-ئىككى قېتىملىق خەلقارالىق يىغىن مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرستىتىدا ئېچىلسىلا، مەزكۇر تەۋەلىكتىكى ئابدوروب پولاتتەك زىيالىلار بىر نەچچە پارچە تەتقىقات ماقالىسى يېزىپ قويسىلا، ياكى بىر نەچچە كىشى ئېغىزنىڭ ئۇچىدا دەپ قويسىلا مەھمۇد قەشقەرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ تەتقىقات بۆشۈكى ھېچقاچان مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرستىتى بولۇپ قالماس!؟  ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئىككى ئالىم ۋە ئىككى ئالىم ئەسەرلىرى تەتقىقاتىنى تۇنجى قېتىم باشلىغان كىشى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن؛ ئۇنىڭ « قۇتادغۇبىلىك غەزىنىسى» ناملىق كىتابى 1956-يىلى نەشىر قىلىنغان؛ مەھمۇد كاشغەرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىدىيىلىرى ئۇنىڭ «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» ناملىق كىتابىدا يورۇتۇلغان؛ «شىنجاڭ داشۆ ئىلمى ژونلى»دا بۇ ئىككى ئالىم ھەققىدە نۇرغۇنلىغان ماقالە ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئىككى ئالىم ھەققىدە ھەقىقى سەمەرىلىك ئەمگەك قىلغان كىشى يارمۇھەممەت تايىر (تۇغلۇق) بولۇپ، ئۇ بىر ئۆمۈر ئىككى ئالىم ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلدى.يۇقارقى ئەھۋاللارنى قىتىغىمۇ ئىلىپ قويمىغان زىۋىدە ئابدۇكېرىم، «تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك»لا، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرستىتىنى مەھمۇد قەشقەرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ تەتقىقات بۆشۈكى قىلىپ كۆرسىتىدۇ.

    4   . ئەلى قۇربان ئۆزىنى ئىككى ئالىمدىن ئۈستۈن قويدىمۇ؟
    بىز يۇقۇردا، «ياشلاردا مۇۋەپپەقيەت قازىنىش ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن كىلاسسكلارنى مەنسىتمەسلىك پىسخىلوگىيە ئىلمىدىكى ئەڭ ئەقەللىي قائىدە. كىلاسسكلارنى مەنستمەسلىكنى ھەرقانداق پەن تەشەببۇس قىلمايدۇ. پەقەت ۋە پەقەت پىسخىلوگىيە ئىلمىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا»- دېگەن قارىشىمىز ئارقىلىق، ئەلى قۇرباننىڭ پىسخولوگ بولۇش سۈپۈتى بىلەن ئۆزىنى ئىككى ئالىمدىن ئۈستۈن قويىشىنى قۇۋەتلىگەن ئىدۇق. ئەمدى، ئەلى قۇرباننىڭ ئۆزىنى ئىككى ئالىمدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشىنىڭ ئىككىنچى بىر مەنىسىنى كۆرۈپ باقايلى؛
    بىرىنچى، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق مىللىي پىسخىك ئالايىدىلىكىنى «قېيداش پىسخىكىسى» دېگەن بولسا؛ بۈگۈنكى بىر قىسىم زىيالىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق مىللىي پىسخىك ئالايىدىلىكىنى «ئاغرىنىش پىسخىكىسى» دەپ ھۆكۈم قىلدى. ئەگەر بىز، «قېيداش ۋە ئاغرىنىش» پىسخىكىنى بۈگۈنكى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرى، بولۇپمۇ ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئۇيغۇر ياش زىيالىلىرنىڭ ئورتاق پىسخىكا ئالايىدىلىكى -دەپ قارايدىغان بولساق، بۇنداق پىسخىك ئالايىدىلىكتىكى ئۇيغۇر ياشلىرىغا پىسخىكا ساغلاملىق تەربىيىسى ئىشلەشتە «ئۆزىگە ئىشىنىش»، «ئۈمىدۋارلىق» ۋە «مۇۋەپپەقيەت قازىنىش» قاتارلىق مەزمۇنلار ئەڭ ئاساسى مەسىلە قىلىنىشى كېرەك. ياشلارغا مۇۋەپپەقيەت قازىنىش ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشتا، ئىلگىرى ياشاپ ئۆتكەن ھەرقانداق داڭلىق شەخسنىڭ رىكورتىنى بۇزۇپ تاشلاش جاسارىتىنى ھەدىيە قىلىش كېرەك. داڭلىق شەخسلەرنىڭ رىكورتى ۋە نەتىجىسىنى يېڭىلاشتا، ئۇلارغا مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن قاراش كېرەك. مەنسىتمەسلىك دېگەنلىك، ھەرگىزمۇ مەھمۇد كاشغەرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن ئىبارەت ئۆزىمىزنىڭ ئىككى ئالىمىنى قەدىرلەپ، باشقا مىللەتلەرنىڭ داڭلىقلىرىنى مەنستمەسلىك كېرەك- دېگەنلىك ئەمەس. ئەلى قۇربان بۇ ۋەزىپىنى قۇسۇرسىز ئادا قىلالىدى.
      ئىككىنچى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ياشلارغا پىسخىكا ساغلاملىق تەربىيىسى ئىشلىگۈچى، مەيلى ئۇ قانداق كىشى بولىشىدىن قەتئى نەزەر، تەربىيە قوبۇل قىلغۇچىلارغا ئۆزىگە ئىشىنىشنىڭ ئەڭ يارقىن ۋە ئەڭ مۇكەممەل ئۆلگىسىنى كۆرسەتكەندە، ئەڭ زور تەسىرلەندۈرۈش كۈچىنى پەيدا قىلالايدۇ. ئەلى قۇربان ھەربىر لىكسىيەدە ئۆزىنى كەسپى جەھەتتە مۇۋەپپەقيەت قازانغان، ئۆلگىلىك ئەمىلى تىپ قىلىپ كۆرسىتىپ، نۇرغۇنلىغان ياشلارنى تەسىرلەندۈردى. ئەمىلىيەتتىمۇ ئۇ، باشلانغۇچتىن تارتىپ تاكى ئالى مەكتەپنى پۈتكۈزگىچە بولغان ئوقۇش ھاياتىدا، ئۆزىمىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ داڭلىق شەخسلىرىنى ئۆگىنىش ئۆلگىسى قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى قوزغۇتۇش، ھەم ئۇلارنى مەنستمەسلىك نەزىرى ئارقىلىق مۇۋەپپەقيەت قازىنىشتەك ئېسىل پىسخىكا پەزىلىتىنى نامايەن قىلدى.  
ئەلى قۇربان مۇۋەپپەقيەت قازانغۇچى بىر كەسپى پىسخولوگ بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنى داڭلىقلاردىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشى تامامەن يوللۇق بولۇپلا قالماي، بۇنداق پىسخىكا ھالەت، مىللەتنىڭ يۇقۇرقى «قېيداش ۋە ئاغرىنىش» ئورتاق پىسخىكا كېسەللىكىنى تۈگۈتۈپ، ئەۋلاتلارنى ئىشەنچ ۋە جاسارەت بىلەن گۈزەل كەلگۈسى يارىتىشقا يېتەكلەشتە مۆلچەرلىگۈسىز ئىجابى رولغا ئېگە.                  


داۋامى «پىسخولوگىيەدىكى ئەڭ ئەقەللىي قائىدە (3)» شەكلىدە داۋاملىق يوللىنىدۇ.

0

تېما

0

دوست

112

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   37.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34415
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 34
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-2
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئەلىي قۇربان ئەپەندىمنىڭ زىۋىدە ئابدۇكىرىمنڭ ئوچۇق خىتىگە مسرانىم مۇنبىرىدە زىيارەت فىلىمىي شەكلىدە  قايتۇرغان ئىنكاسنى كۆرۈپ  ھۇما ئەپەندىم ئىيتقاندەك ئەلىي ئەپەندىمنىڭ  ئۇنچىۋالا قالتىس ئەمەسلىگىنى تونۇپ يەتتىم .بۇ پەقەت شەخسىي كۆز قارىشىم .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

2

دوست

5044

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   0.88%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7646
يازما سانى: 312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 834
تۆھپە : 978
توردىكى ۋاقتى: 191
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-5
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
زىۋىدىخان  دىگەن  كىمۇ  ئەمدى؟

0

تېما

0

دوست

589

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   17.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33616
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 188
توردىكى ۋاقتى: 33
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-4
يەر
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
تېمىڭىزنىڭ بىرىنجى بۆلىكىدە زىدىۋە خانىمنى ھەسەتخور قىلىپ كۆرسىتىپسىز ، بۇ بۆلىكىدە تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئەلى قۇرباندىن قېيداپ تېما يازغان ، ئاياللىق شەرمىي -ھايانى قايرىپ قويغان دىگەندەك بىمەنە سەپسەتىلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىپسىز . سىزدىن سوراپ باقاي ،بىر تېما يوللىغانغا نەچچە پۇل ئالىسىز ئەلىدىن ؟ ياكى بۇنى تەخسىكەشلىك ، پوداق كۆتۈرۈش دەپ ئاتامدۇق ؟

0

تېما

0

دوست

602

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   20.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33767
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 180
توردىكى ۋاقتى: 39
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-4
5#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ھەي يەنە ئاقتاغ قارا تاغ  بولدىغان بولدى مۇنبەر

1

تېما

1

دوست

1452

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   45.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22356
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 456
توردىكى ۋاقتى: 138
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-3
6#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
مېنىڭچە بۇ بىر مەزگىللىك، مەۋسۇملۇق بەس مۇنازىرىنى بۆلەككە بۆلۈپ مەخسۇس تەتقىقات تېمىسى قىلىپ، سۆرەپ يۈرۈشكە ئانچە ئەرزىمەيدۇ... بۇنداق داغدۇغا قوزغىغانلار پەقەت مەزگىللىك ئىش خالاس... تېما ئىگىسى ئورۇنسىز كاللا قاتۇرۇۋاتقان چىراي... بەلكى ئەلى قۇربانمۇ سىز ۋە سىز كەبىيلەرنىڭ بۇ قەدەر ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ كەتكىنىڭىزدىن ھەيران بولۇۋاتسا كېرەك... چۈنكى ئۇ ھېچ نەرسىگە پەرۋا قىلمايدىغانلىقىنى قانچە ئەسكەرتتى، ئۇ مەن پەرۋا قىلمايمەن دېسىمۇ يەنە بەزىلەرنىڭ ئىچى ئاغرىپ، توختىماي شۇنىڭ تاققا-تۇققىرىلىرىنى شەرھىلىشى ئەلىيگە تولىمۇ راھەتسىز تۇيۇلۇشى مۇمكىن...

0

تېما

0

دوست

441

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   70.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34003
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 120
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-3
7#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:10 |ئايرىم كۆرۈش
يەنە باشلاندىمۇ ...........گەپلەر ياختۇرمىسىڭىز سىزمۇ بىر-ئىككى پاكىت تېپىپ سۆزلىمەمسىز مەيداندا.

0

تېما

0

دوست

120

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   40%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34540
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 22
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-4
8#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:11 |ئايرىم كۆرۈش
karimof يوللىغان ۋاقتى  2015-3-2 21:37
ئەلى قۇربان ئۇيغۇر پىسخىكىسى توغرىسىدا بىر كىتاپ يېزى ...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )