قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5989|ئىنكاس: 47
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

سوۋېت ئىتتىپاقى تارىخىدىكى مەخپىيەتلىكلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

25

تېما

1

دوست

1412

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   41.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30148
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 60
تۆھپە : 440
توردىكى ۋاقتى: 52
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-16
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-2 17:24:04 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
سوۋېت ئىتتىپاقى تارىخىدىكى مەخپىيەتلىكلەر

  رۇسىيە «كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ھەقىقەت گېزىتى» نىڭ 2014-يىلى 7- ئىيۇلدىكى سانىغا «دۆلەتنىڭ تارىخىي ئارخىپلىرىدىكى مەخپىيەتلىكلەر» تېمىسىدا خەۋەر بېرىلدى.
  رۇسىيە دۆلەت ئارخىپخانىسىنىڭ باشلىقى سېرگېي مىرونىنكو مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە ئىلگىرى ئاشكارىلانمىغان مەخپىيەتلىكلەرنى ئاشكارىلىدى.

ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان «قەھرىمان پانفىلوف»

  مىرونىنكو رۇسىيەنىڭ تارىخىي ئارخىپلىرىنى قوغدىغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەڭ مەخپىي ھۆججەتلەر بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشالىغاچقا، تەبىئىيلا ھەقىقىي ئەھۋالغا ئەڭ يېقىن ئادەمگە ئايلىنىپ قالغان. ئۇ 19- ئەسىر تارىخىدا ساختىلىق ئىشلىتىلگەنلىكىنى، 20- ئەسىر تارىخىدا كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان نۇقسانلارنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. كىشىنى ھەممىدىن بەك ھەيران قالدۇرىدىغىنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنىڭ ئەڭ شانلىق سىمۋولى بولغان «قەھرىمان پانفىلوف» نىڭ ئويدۇرۇلۇپ چىقىرىلغانلىقى، ئۇنىڭ ئەزەلدىن مەۋجۇت ئەمەسلىكى ئايان بولدى.
  ئەمەلىيەتتە 1948- يىلى ئۇخلاپ ياتقان نۇرغۇن ئادەملەر ئارقا – ئارقىدىن ئويغىنىشقا باشلىغاندا، دۆلەت رەھبەرلىرى موسكۋا ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان «قەھرىمان پانفىلوف» نىڭ ئەزەلدىن مەۋجۇت بولۇپ باقمىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەكشۈرۈش بۇيرۇقى چۈشۈرۈپ «قەھرىمان» تۇرۇشلۇق پولكنىڭ كوماندىرىنى تېپىپ، دۇبوشېكۋو بېكىتىدە ئەزەلدىن شىددەتلىك جەڭ بولمىغانلىقىنى بىلگەن. ئەدەبىي ئاخبارات - «قەھرىمان پانفىلوف نىڭ تۆھپىسى»  ئاپتورى كىرىۋېتىسكى سوراق قىلىنغاندا، ئۇ مۇنداق دېگەن: «ماڭا قەھرىماننىڭ ئىش – ئىزلىرىنى ئىزدەش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغان، بىرى ماڭا دۇبوشېكۋو بېكىتىدىكى شىددەتلىك جەڭنى تەسۋىرلەپ بەرگەنىدى». «سىياسىي كومىسسار» كرويچىكوفنىڭ «رۇسىيە شۇنچە چوڭ بولسىمۇ، بىزگە چېكىنىش يولى قالمىدى، ئارقىمىزدا موسكۋالا قالدى» دېگەن ھەممە ئادەم بىلىدىغان، قىزىل ئارمىيە كوماندىر – جەڭچىلىرىنى رىغبەتلەندۈرگەن بۇ شوئارنىمۇ كرويچېكوف ئۆزى ئويلاپ چىققان.
  مىرونىنكو بەش يىل ئىلگىرى ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھارپىسىدا بۇ ئىشنى ئاشكارىلىغىنىدا، رۇسىيە دۆلەتلىك رادىيو – تېىۋىزىيە شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ئوۋلېگ دوبرودېيېۋ يېرىم يىلغىچە بۇ ئىشنى تېلىۋىزوردا ئېلان قىلىش – قىلماسلىق توغرىسىدا بىر قارارغا كېلەلمىگەن. ئۇ ئاخىرىدا بۇ ئىشنى تېلىۋېزوردا ئاششكارىلاشنى قارار قىلغان. «قەھرىمان پانفىلوف» نىڭ ئويدۇرۇپ چەقىرلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ناھايىتى قىيىنغا توختىغان. ئەينى چاغدا نۇرغۇن كىشىلەر مىرونىنكونى ئەيىبلەپ، ئۇ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلىماستىن، بەلكى سۈكۈتتە تۇرۇشى كېرەك ئىدى، دەپ قاراشقان.

كاتىن دېلوسى توغرىسىدا

  كۆپ يىللاردىن بېرى رۇسىيە بىلەن پولشا كاتېن دېلوسى سەۋەبلىك چىقىشالماي كەلدى.
  مىرونىنكونىڭ تونۇشتۇرىشىچە، پولشالىق ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ كاتىن ئورمانلىقىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئارخىپنىڭ ھەقىقىي سىرى ئاللىقاچان يېشىلگەن بولۇپ، ئاشكارىلانمىغىنىدىن پەقەت تەپتىش ئەمەلدارلىرى ئارخىپنىڭ قىسمەن مەزمۇنلىرىلا قالغان. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى نۆۋەتتە تەپتىش ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ ئارخىپلىرىنى پولشاغا تاپشۇرۇپبېرىش – بەرمەسلىكنى ئويلىشىۋاتىدۇ.
  بۇ ھۆججەتلەر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ قارارى، بېرىيانىڭ خېتى، شېلىپىننىڭ 1959- يىلى خىرۇشېۋغا يازغان خېتى قاتارلىق 16 ھۆججەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كونۋېرتنىڭ ئىچىدىكى بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ھازىر سىرى يېشىلىپ بولغان. مىرونىنكو مۇنداق دېدى: «ھەرقانداق دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكى بولىدۇ، پەقەت سوۋېت ئىتتىپاقى ھەممىنى مەخپىيەتلىك قىلىۋالغان».

لېنىن توغرىسىدىكى رىۋايەت

  دۆلەت ئارخىپخانىسى 2007- يىلى فېۋرال ئىنقىلابى ۋە ئۆتەبىر ئىنقىلابىنى مەخسۇس تېما قىلغان كۆرگەزمە ئۆتكۈزدى. كۆرگەزمىگە «ئىنقىلاب رىۋايىتى» دەپ ئىسىم قويۇلدى. كۆرگەزمە بۇيۇملىرى ئارىسىدا بىر رەسسام سىزغان 1917- يىلىدىكى ئۆكتەبىر ئىنقىلابى توغرىسىدىكى ئىككى پارچە رەسىم بار. بۇ رەسىمنىڭ بىر پارچىسى 1927- يىلى سىزىلغان، يەنە بىر پارچىسى 10 يىلدىن كېيىن سىزىلغان. بۇ ئىككى پارچە رەسىمدە ئوخشاش ۋەقە، ئوخشىمايدىغان شەخس ۋە ئوخشىمايدىغان مەنزىرە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
  ئەمەلىيەتتە لېنىن 2- قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا سۆز قىلمىغان. «بولشىۋېكلار ئىزچىل ھالدا زۆرۈر بولغان ئىشچى – دېھقانلار ئىنقىلابىنى غەلىبە قىلىپ بولدى، دەپ قارايدۇ» دېگەن داڭلىق سۆزىنى لېنىن سوۋېت كومپارتىيەسىنىڭ قۇرۇلتىيىدا ئەمەس، بەلكى پىترگرادتىكى يىغىندا قىلغان. ئۇنداقتا نېمىشقا بۇ سۆزنى پىترگرادتىكى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان دېيەلمەيدۇ؟ چۈنكى بۇ يىغىنغا ترورسكىي رىياسەتچىلىك قىلغان. تروتسكىي 1917- يىلى 25- ئۆكتەبىر مۇشۇ يىغىندا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئاغدۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ چاغدا لېنىن يىغىن زالىغا كىرىپ كەلگەن. تروتسكىي ئۇنى تونۇشتۇرۇپ: «بۇ پىرولېتارىيات ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى ۋىلادىمېر ئىلىچ لېنىن» دېگەن. لېنىن قىزغىن ئالقىشلانغان. مانا بۇ ھەقىقىي ئەھۋال. مانا بۇ ئىنقىلابنىڭ ئىككى رەھبىرى – لېنىن بىلەن تروتسكىي. گەرچە تروتسكىي ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ ئاساسلىق تەشكىللىگۈچىسى ۋە رەھبىرى بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىسمى كېيىن رەھبەرلىك قاتلىمىدىن چۈشۈپ قېلىپ، پەقەت لېنىننىڭ ئىسمىلا ساقلىنىپ قالدى، كېيىنچە ستالىن بىلەن لېنىننىڭ ئىسمى تەڭ تىلغا ئېلىنىدىغان بولدى، كېيىنچە پەقەت لېنىننىڭ ئىسمىلا تىلغا ئېلىنىدىغان بولدى.
  يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ھازىرغىچە لېنىننىڭ گېرمانىيەلىك جاسۇس ياكى ئەنگلىيەلىك جاسۇس ئىكەنلىكى توغرىسىدا تالاش – تارتىش قىلىشماقتا. مىرونىنكو مۇنداق دېدى: «بۇ بىر بىمەنە سەپسەتە، لېنىن جاسۇسلۇق قىلمىغان، ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ پۇلىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى باشقىچە تەھلىل قىلىش كېرەك، چۈنكى بۇ نومۇس قىلغۇدەك ئىش ئەمەس. لېنىننىڭ قارىشىچە، ئىنقىلابقا پايدىلىق ھەرقانداق ئىشنىڭ ھەممىسى ئەخلاقلىق ئىشتۇر».

ستالىن ۋە ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشى

  ستالىننىڭ ئارخىپى توغرىسىدا ھازىرغىچە بىرەر ھەقىقىي رىۋايەت مەۋجۇت ئەمەس. بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى، قىسمەن ھۆججەتلەرنىڭ كەم بولۇشى، يەنە بىرى، سەپسەتىلەرنىڭ تۇراقسىزلىقى سەۋەبىدىن ستالىننىڭ تەرجىمىھالىنى تۇرغۇزۇشنىڭ تەسكە توختايدقغانلىقىدا. تارىخشۇناسلارمۇ رېئال تۇرمۇشتىكى ئاددىي ئادەملەردۇر. نۇرغۇن ئىشلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى بۈگۈنگە كەلگەندە كۆپچىلىككە ئاشكارىلاندى. مەسىلەن: ستالىننىڭ ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئىپادىسى. ئۇ ئىلگىرى گىتلېرغا بەك ئىشىنەتتى. شۇڭا گىتلېرنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېغىر زەربە بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن ستالىن ئۈچ كۈنگىچە كرىمېل سارىيىدا  كۆرۈنمىگەن. ۋۇروشىلوف، مولوتوۋ، بۇرگانىن ۋە ئۇنىڭ باشقا سەبداشلىرى گاڭگىراپ نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالغان. بۇمۇ كىشىلەر قىزغىنلىق بىلەن مۇنازىرە قىلىدىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى. خىرۇشېۋ مۇنداق كېسىپ ئېيتتى: «ئۇرۇش باشلانغان دەسلەپكى نەچچە كۈندە ستالىننىڭ روھى چۈشكشنلىشىپ، كەيپىياتى ناچار بولدى». بىراق بىر قانچە تارىخشۇناس ستالىن ياردەمچىسىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى ئارقىلىق ستالىننى ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى نەچچە كۈنىدە ناھايىتى ئالدىراش خىزمەت قىلغانلىقىنى، يىغىن ئېچىپ، دوكلات ئاڭلىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. بۇنىڭ قايسىسى راست، قايسىسى يالغان؟
  گەرچە ستالىن شۇنچە كۆپ مەلۇماتلارنى تاپشۇرۋالغان بولسىمۇ، گىتلېرنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىغا زادىلا ئىشەنمەيتتى. ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى مېركۇلوف ئۇرۇش پارتلاشتىن بەش كۈن بۇرۇن ئادەم ئەۋەتىپ، ئۆزىنىڭ گېرمانىيەلىكلەرنىڭ 22- چېسلادىن باشلاپ ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقى توغرىسىدا ئىشەنچلىك مەلۇماتقا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتقان. بىراق ستالىن تەستىقىي جاۋاب ئەۋەتىپ، ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىنىڭ يالغان ھەربىي مەلۇمات توقۇپ چىققانلىقىنى ئېيتقان. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ستالىننى 1924- يىلى لېنىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن چەكسىز ھوقۇققا ئېرىشكەن ئادەم دېيىش خاتا. ئەمەلىيەتتە ئەينى چاغدا ستالىننىڭ نۇرغۇن دۈشمەنلىرى بار ئىدى، ئۇرۇش ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقانىدى…

  مەنبە: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دىن ئېلىندى.


0

تېما

12

دوست

922

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   84.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34230
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 272
توردىكى ۋاقتى: 60
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-12
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-2 18:41:15 |ئايرىم كۆرۈش
سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ بىز ئۇيغۇر تۈركلىرىگە دائىر مەخپىي ئارخىپلىرىنىڭمۇ
ئاشكارلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

88

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   29.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34429
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 28
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-2 19:22:06 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ رۇسلار زادى ناچار، ساخـىتپەز نېمىلەر،

0

تېما

0

دوست

13

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   4.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34536
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-2
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-2 19:43:02 |ئايرىم كۆرۈش
ئۇنى ئاشكارلىمايدۇ

0

تېما

0

دوست

57

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   19%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28623
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 18
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-2
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-2 20:22:40 |ئايرىم كۆرۈش
ئۇنى ئۆزىنىڭ ھوقۇق مەنپىئەتىگە پايدىلىق  بولغاندا ئاشكارلايدۇ .

1

تېما

5

دوست

2074

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15384
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 654
توردىكى ۋاقتى: 205
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-12
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-2 22:54:18 |ئايرىم كۆرۈش
karimof يوللىغان ۋاقتى  2015-3-2 21:25
رۇسلارنىڭ تارىخىدىكى داغلاردىن ئىبرەت ئېلىش بىلەن بىر ...

قانداق مەنتىقە بۇ؟ قۇللۇق ئىدىيەنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىلىرىدىن بىرى ئىستىلاچى مىللەتتىن ئايرىلسا ياشىيالمايدىغاندەك ھىس قىلىش.

45

تېما

2

دوست

7904

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   58.08%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6560
يازما سانى: 327
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 721
تۆھپە : 2047
توردىكى ۋاقتى: 504
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-12
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-2 23:52:13 |ئايرىم كۆرۈش
karimof يوللىغان ۋاقتى  2015-3-2 21:25
رۇسلارنىڭ تارىخىدىكى داغلاردىن ئىبرەت ئېلىش بىلەن بىر ...

    پوقنىڭ ئىسسىغىنى يەپسىز. يېگەندىمۇ تازا تويغىچە يەپسىز.
    ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ياكى باشقا يەردىكى دۆلەتلەرنى رۇسىيە بېسىۋالمىسا تەرەققى قىلالمامدىكەن؟ تەرەققى قىلىش ئۈچۈن چوقۇم رۇس ياكى باشقىلار بېسىۋېلىشى كەرەكمىكەن؟ سىز ئەرەپ دەپكېتىپسىز، شۇ ئەرەپلەرگە ئۆزىڭىزنى بىر سېلىشتۇرۇپ كۆرۈڭ. ئەرەبلەر دۇتتا چېلىپ ئۇسۇل ئويناپ يۈرۈپتىمۇ ياكى تەرەققى قىلىۋېتىپتىمۇ؟ يالغۇز سەئۇدىنىڭلا ئامېرىكا، ئەنگىلىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى ئىككىيۈزمىڭغا يېقىن. ھەرقانچە ئىسسىق پوقنى تويغىچە يېسىڭىزمۇ پوق دېگەن بەرىبىر پوق. ئارتۇق گەپقىلماي.

0

تېما

0

دوست

630

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31871
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 194
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-12
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-2 23:53:51 |ئايرىم كۆرۈش
بەزىلەرنىڭ قارىشىچە بولغاندا، ئۇتتۇرا شەرقنى رۇسىيەگە بېقىندى قىلىپ بەرگەندە ئاندىن «مەدەنىي»، تەرەققىي قىلغان دۆلەتكە ئايلىنالايدىكەن-دە!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )