- تىزىملاتقان
- 2014-7-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1412
- نادىر
- 1
- يازما
- 47
ئۆسۈش
41.2%
|
مەزكۇر ماقالە سوپاخۇن پولكوۋنىكنىڭ پەقەت قىسقىچە تەرجىمھالى بولۇپ، پولكوۋنىك ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، 2015-يىللىق كىتاب ئوقۇش يىلىدا «مەن كەچكەن كېچىكلەر» ناملىك كىتابىنى ئوقۇپ چىقىشىنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمىز! (سۈرەتلەر ئۆزتۇغ كىتابخانىسىنىڭ تاۋارىم تور دۇكىنىدىن ئېلىندى)
سوپاخۇن سۈۋۈروف
سوپاخۇن 1915- يىلى قومۇلنىڭ ئاستانە يېزا ئۆدۈك كەنتىدە نامرات دېھقان سۈۋۈر ئاخۇن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسىدىن كىچىك يېتىم قېلىپ ئانىسىنىڭ تەربىيەسىدە چوڭ بولغان. ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدا دەسلەپتە لاپچۇق كەنتىدىكى موللام تۇغقىنىنىڭ دىنىي مەكتىپىدە ئوقۇغان، ئائىلىسى ئالۋان – سېلىق ئېكىسپىلاتاتسىيىسىگە چىدىمىغانلىقتىن، سوپاخۇن ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالمىغان. ئۆسمۈر سوپاخۇن تارانچى كۆمۈر كېنىدا بالا ئىشچى بولۇپ ئېغىر ئەمگەك قىلغان. كېيىن كاندىن قېچىپ چىقىپ، قومۇلغا كېلىپ بايلارنىڭ ئۆيلىرىدە ئەمگەك قىلغان. ئاپىسى سوپاخۇننى شەھەر ئىچىدىكى بىر دىنىي مەكتەپكە بەرگەن. دىنىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان يىللىرى، يەنى 1930- يىلى شاھ مەخسۇت ئالەمدىن ئۆتكەندە، سوپاخۇن ھەشەمەتلىك ئۆلۈم ئۇزىتىشنى كۆرگەن. 1931- يىلى 5- ئايدا قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى باشلانغان. سوپاخۇن تاغدىكى قوزغىلاڭ خەۋەرلىرىنى ئاڭلىغان. قوزغىلاڭچىلارنىڭ شەھەرگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى كۆرگەن. ما جۇڭيىڭ ئەسكەرلىرىنىمۇ كۆرگەن، ئېزىلگەن ئائىلىدىن كېلىپ چىققان سوپاخۇندا دېھقانلارنىڭ زۇلۇمغا قارشى قوزغىلىڭىنى قوللاش ھېسياتى قوزغالغان. 1935- يىلى ئاستانە يېزا باشلىقلىرى سوپاخۇننى بازار باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا تۇتۇپ بېرىدۇ. سوپاخۇن مەكتەپتە دەرسلەرنى ياخشى ئۆگىنىدۇ. 1936- يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھەربىي مەكتەپكە ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنىدۇ. سوپاخۇن 1939- يىلى مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، قەشقەردىكى ئەينى چاغدىكى مەھمۇت مۇھىتى شىجاڭ قوماندانلىقىدىكى شىنجاڭ 6- دىۋىزىيە ئاتلىق پولكىغا تەقسىم قىلىنىدۇ. سوپاخۇن جەڭچى، بەنجاڭ، پەيجاڭ، ليەنجاڭ قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولىدۇ. كېيىن شېڭ شىسەي بۇ مىللىي 31- پولكنى ئۆزگەرتىپ يوقىتىش ئۈچۈن، 6- باتاليون قىلىپ تۇرپانغا يۆتكەپ كورلىغا كەلگەندە، چاقىلىق تاشيولىنى ياساش ئەمگىكىگە سالىدۇ. 1942- يىلى سوپاخۇن شېڭ شىجىن (شېڭ شىسەينىڭ 4- ئىنىسى) قوماندانلىقىدىكى پەۋقۇلئاددە تۇەننىڭ 9- ليەنىگە ليەنجاڭ بولۇپ تەيىنلىنىپ ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىدۇ. 1944- يىلى 9- ليەن مورى، گۇچۇڭ ئەتراپلىرىدا ئوسمانغا قارشى ئۇرۇشلاردا تۆھپە يارىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىدۇ. گومىنداڭ 46- دىۋىزىيە تۈرمىسىگە قاماپ قويۇلىدۇ، كېيىن سوپاخۇننىڭ ئەسكەرلىرى ۋە خەلى ئاممىسى گومىنداڭ قوماندانلىق ئىشتابىغا بېرىپ نامايىش قىلىپ، سوپاخۇننى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقتىن، سوپاخۇن قويۇپ بېرلگەن.
ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن، 31- پولكنىڭ 8-، 9- ليەنلىرى ( بۇ چاغدا بۇ ئىككى ليەن مايتاغدا ئىدى) دىكى ئەسكەرلەر سوپاخۇننىڭ قوزغىتىشى بىلەن 1945- يىلى 4- ئاينىڭ 27- كۈنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، شىخو، مايتاغ، جىڭ ئەتراپىدىكى گومىنداڭ قوشۇنىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، قوغلاپ كەلگەن گومىنداڭ قىسىملىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ يۈرۈپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى سېپىگە قېتىلغان. 1945- يىلى 7- ئايدا سوپاخۇن 150 نەپەر ئەسكە رباشچىلىقىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئاقسۇنى ئازاد قىلىشقا ئەۋەتىلگەن. بۇ قوشۇن باي، كونا شەھە رناھىيەلىرىنى ئازاد قىلىپ، مۇزارت قورغىنىدىكى گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنى يوقىتىپ، دۈشمەننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاساسىي كۈچىنى تۇتۇپ تۇرۇش ئارقىلىق، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيەسىنىڭ شىخوغا يۈرۈش قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىغان. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۈمىتى سوپاخۇنغا مۇزارت جېڭىدىكى باتۇرلۇقى ئۈچۈن 1- دەرىجىلىك ئالتۇن مېدال، ئاقسۇ فىرونتىدا كۆرسەتكەن خىزمەتكىرى ئۈچۈن ئالتۇن مېدل ۋە پولكوۋنىك ئۇنۋانى بەرگەن. كېيىن تېكەس ئاتلىق 1- پولكىغا پولك كوماندىرى، مىللىي ئارمىيە تەلىم – تەربىيە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، 1950- يىلى 2- ئايدىن 1951- يىلى 6- ئايغىچە 5- كورپۇس ھەربىي تەلىم – تەربىيە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. 1951- يىلىدىن 1953- يىلىغىچە يەر ئىسلاھاتى خىزمىتىگە قاتناشقان. ھەربىي رايون سىياسىي بۆلۈم كادىرلار كۇرسىدا ئوقۇغان. 1953- يىلىدىن 1955- يىلىغىچە دېھقانچىلىق 4- دىۋىزىيە تىرانسپورت چوڭ ئەترىتىدە چوڭ ئەترەت باشلىقى، بۆلۈم باشلىقى بولغان. 1955- يىلىدىن 1984- يىلقغقچە ئاپتونۇم رايوملۇق تاشيول ئىدارىسىدە نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مېخانىزم ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، تاشيول ئىدارىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇ ئۇزۇن يىل «سول» لۇشيەن ۋە «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. پاتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئمۇمىي يىغىنىدىن كېيىن ئاقلىنىپ، خىزمىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1984- يىلى دەم ئېلىشقا چىققان. ئۇ دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن سەرگۈزەشتىلىرى ھەققىدە ۋە باشقا تارىخىي تېمىلاردا ئەسلىمە ۋە ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلغان. 2010- يىل 10- ئايدا ئۇنىڭ «مەن كەچكەن كېچىكلەر» ناملىق ئەسلىمە كىتابى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىدى.
خەلقىمىز باتۇر، سۆيۈملۈك ئوغلانى، تالانتلىق ھەربىي قوماندان پولكوۋنىك سوپاخۇن سۈۋۈرۈف 2001- يىل 12- ئاينىڭ 17- كۈنى ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان.
__________
ئەخمەت ھەمدۇللانىڭ «قومۇل تارىخىدا ئۆتكەن شەخسلەر» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى
|
|