- تىزىملاتقان
- 2014-3-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 787
- نادىر
- 0
- يازما
- 36
ئۆسۈش
57.4%
|
مەن غۇلجا شەھەر توققۇزتارا ناھىيەسىدە ئېلانچىلىق بىلەن شۇغوللانغان ئىدىم.تىما ئىگىسى دىگەندەك شۇخىل مەھسۇلاتنى ساتىدىغان بىر دۇكان ئىچىلىپتىكەن ،دەسلەپتە ماڭا مەھسۇلاتىنى ئېلان قىلىپ بىرىشنى ئىيىتقانتى،مەن بىرىپ دۇكىنى كۇرگەن ھەم ئۇلار بىلەن قىسقىغىنە ئەھۋاللاشقان.ئۇلار بۇ مەھسۇلاتنى ئىچسە راستىنلا زەھەر تاشلىيالايدىغانلىقىنى،ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان زەھەر چەككۇچىلەرنىڭ بۇ دورىنى ئىچىپ ساقىيىپ كەتكىننى دىگەن.مەن ئۇزۋاقتىدا ناھايتى خوش بولغان ئىدىم،راستىنلا بۇنچە ئۇنىمى بولسا بۇ بىر ياخشى ئىشكەن دەپ قارغانتىم.ھەمدە ئۇلارغا سىلەرنى قوللاش ئۇچۇن مەن ئېلان ھەققىنىڭ تەڭ يىرىمىنى كەچۇرۇم قىلىۋىتەي دىگەنتىم.ئۇلار يوقۇردىكى خوجايىنىغا ئەھۋال مەلۇم قىلىپ ئاندىن مەن بىلەن قايتا سۇزلەشمەكچى بولغان.ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇلار شۇ بويچە يوقاپلا كەتتى.مەنمۇ ئالدىراشچىلىقتا قايتا ئىزدىمىدىم.تىما ئىگىسىنىڭ دىگىنى شۇ دورا بولسا كىرەك.ئۇ بوتۇلكىلارغا قاچىلانغان قارامتۇل سۇيوقلۇق ئىدى.بىر باسقۇچتا بىر نەچچە بوتۇلكا ئىچەتتىكەن.ئەپسۇسلىنارلىقى شۇ كۇنى ئالدىراشچىلىقتا مەن تاۋار ماركىسى،دورا ئىجازەتنامىسى ،دىگەندەكلەرگە تازا دىققەت قىلماپتىكەنمەن.ئىسىمدە قىلىشىچە ئىشلەپچىقارغان ئورۇننى ئۇرۇمچىدىكى مەلۇم بىر بىئو پەن تىخىنىكا شىركىتى دىگەنغۇ دەيمەن.بۇ دورىغىمۇ ئالدانغانلار ئاز ئەمەسكەن.ئەگەر تىما ئىگىسى بو دورىنىڭ قانونسىز دورا ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۇرەلىسە دورا ئىسمى ۋە ئالاقىدا ئۇچۇرلار بىلەن يوللىسا تىخىمۇ ياخشى بولاتتى.تىخىمۇ كۇپ قىرىنداشلىرمىزنىڭ ئالدىنىپ قىلىشىنى توسۇپقالغان بولاتتى.بىراق بۇ توققۇزتارالىق قىرىندىشىم دىرىڭڭىدە چۇچۇپ كىتىپتۇ ئەمەسمۇ.شۇنچە چۇچۇتىۋەتكەن كىم بولغۇيتى ھە......؟ |
|