- تىزىملاتقان
- 2014-12-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1975
- نادىر
- 0
- يازما
- 190
ئۆسۈش
97.5%
|
كۆرەلمەسلىك بىلەر بولساڭ، ئىنسان قەۋمىگە ياتتۇر،
كالامۇللا شەرىھ ئەتكەن ئەقىدە،ئەخلاققا ھەم ياتتۇر.
كۆرەلمەس، پىتنىخور قارارگاھى، ئەقىدە بابىدا زاھىر،
نائىل بولماي دەۋزەخكە، ھامان شەيتان بىلەن ياتۇر.
بىلمەك ئەيلىسەم زاتىڭ، غۇسلى ھالال بىلەن كەپسەن،
نېچۈنكى قېرىنداشىم سەن شەيتاننى دوست دەپسەن.
ھاياتىڭ سەيلىدە بىلسەم، پەرىق ئەتمەي ھەقىقەتنى،
ئىمانىڭ كۆيدۈرۈپ ھەردەم، ھالالنى ھاراملاپ يەپسەن.
ئىلىم ئالماقنى ئەھد ئەتسە، شەيتاننىڭ يولى دەيسەن،
لوقما ئۇرغاننى شەرھىڭگە ، بىتئەتنىڭ ھۇلى دەيسەن.
تىلسىز تۇرغاننى سۈپەتلەپ، مەزلۇم ھەم نادان دەيسەن،
قايسى بىتئەت، قايسى ھەق، ئەمما ئۆزۈڭمۇ بىلمەيسەن.
ياشاپ كەلسەم ئارىم بىلەن، كۆرەلمەسلەر "ساراڭ" ئەتتى،
گۈلىستانىن خازان ئەتسەم، كۆرەلمەسلەر پاراڭ ئەتتى.
پىسەنت ئەتمەي كۆرەلمەسكە باياۋاندىن ھوسۇل ئالسام،
يەنە ۋەيران كۆرەلمەسلەر كۆڭۈل سىرىن ئايان ئەتتى.
مۇھەممەد تۇرسۇن ئابدۇكېرىم شەيدائى. |
|