بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arkim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-6 19:09
كۆرەلمەسكە بىر غەزەل
مۇجىبۇل راخمان ئەركىم
دىلى زەھەر، تىلى بال بولۇر بارچە كۆرەلمەس، كۆرسە يەلنى دەر شامال قوتۇر بارچە كۆرەلمەس.
ئۇچساڭ كۆكتە بىر دەقىق، پۇچۇلۇنۇپ تەنلىرى، مازار ئىزلەپ ئۇ زوۋال، ئوقۇر بارچە كۆرەلمەس.
تاجىڭ بىلەن تەختىڭگە چاڭ سالىدۇ چاندۇرماي، بولۇپ ھۇقۇش شۇم ئوسال چوقۇر بارچە كۆرەلمەس.
قىلتاق، پىچاق قەلبىدە، ساڭا تەييار رەندىسى، ھاياتىڭغا ئېچىپ پال توقۇر بارچە كۆرەلمەس.
ئوي خىيالى پۇتلىسا، سېنى يالغان قۇتلىسا، كۆرسە كىمنى بىماجال سوقۇر بارچە كۆرەلمەس.
ئىچى ئۇنىڭ ئوغۇدۇر، ئېغىزلانغان پوقىدۇر، غەپلىتىڭدە سىقىپ گال بوغۇر بارچە كۆرەلمەس.
ئۇ چېقىمچى، سۇخەنچى، نەسلى خائىن، بىقىنچى، ۋۇجۇدىڭنى قىپ قامال يونۇر بارچە كۆرەلمەس.
كۆرەلمەسلەر كۆرسە گەر بۇ غەزەلنى شۇ دەمدە، بۇ مەن ئەمەس دەپ خوشال بولۇر بارچە كۆرەلمەس.
2015-يىلى 6-مارت قومۇل
|