ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئارزۇسى بارلار ئۈچۈن قىسقىچە تەكلىپ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار:
مەن بۇ ماقالىنى ،ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئارزۇسى بار دوسلارغا ،ئەڭ ياخشى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئۈچۈن پايدىلىق بولغان دۆلەت ئىچى ۋەسىرتىدىكى توربەتلەرنى تۇنۇشتۇرۇش مەقسىتىدە يازدىم.
مەن تەۋسىيە قىلماقچى بولغان بۇ توربەتلردىن،سىز كومپىيوتۇر بىلىملىرى ،فىزىكا، خىمىيە،پۇل-مۇئامىلە،ماتىماتىكا، ئىقتىساد،سىتاستىكا ئىلمى، شىركەت باشقۇرۇش ئىلمى،پىسخولوگىيە، قاتارلىق نۇرغۇن پەنلەرنى ساپ ئىنگىلىز تىلىدا ئۆگىنەليسىز.ئەڭ مۇھىمى ،سىزگە ئەڭ كېرەك بولغان ئىگىلىك تىكلەشكە مۇناسىۋەتلىك دەرىسلەرمۇ ھەقسىز.
دۆۋەندىكى توربەتلەردىن سىز ئۆزىڭىز ياقتۇرغان دەرىسلەرنى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە،ئىنگىلىز تىلى ئۆگنىشىڭىز ئۈچۈنمۇ، ياخشى بىر مەنبە.
https://www.edx.org/
بۇتوربەت، 2012 يىلى 5-ئايدا، خارۋارد(Harvard) ۋە MIT(Massachusetts Institute of Technology) ئۇنۋېرستى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسلىقى، كومپىيوتۇرغا ئايىت ئەڭ يېڭى تىخنىكا بىلىملىرى،ئىنگىلىز تىلى، پۇل-مۇئامىلە، ئىقتىساد، فىزىكا، خىمىيە،شىركەت باشقۇرۇش، ئىگلىك تىكلەش قاتارلىق دەرىسلەرنى ھەقسىز تەمىنلەيدۇ.
2014-يىلىنىڭ ئاخىرغىچە، 60 تىن ئارتۇق مەكتەپ ۋە خەلقارالىق ئورگان، بۇ توربەت ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ 300 دىن ئارتۇق ئەڭ ئېسىل دەرىسلىرىنى ھەقسىز تەمىنلەپ،پۇتۇن دۇنيادا 3 مىليۇندىن ئارتۇق ئادەمگە، ئۇزلىكسىز ئۆگىنىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بەردى ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە يېڭى دەرىسلىكلەر ۋە ئۆگەنگۈچىلەر سانى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا.
بۇ توربەتتىكى دەرىسلەر، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتتىكى كىشىلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.
ئاساسلىق دەرىس تەمىنلەيدىغان مەكتەپلەر تىزىملىكى:
https://www.coursera.org/
بۇ توربەت، 2012-يىلى 4-ئايدا سىتەن فورد (stanford/) ئۇنۋېرسىتى كومپىيوتۇر ئىلمى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان(Andrew Ng and Daphne Koller ) تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 17- كۇنىگە قەدەر، 114 تىن ئارتۇق،خەلقارا تەۋەسىدىكى ئالىي مەكتەپ ۋە ئورگانلار ،839 دىن ئارتۇق دەرىسلەرنى ھەقسىز تەمىنلەپ كەلمەكتە. ھازىرغا قەدەر 190 تىن ئارتۇق دۆلەتكە تارالغان، ئۆگىندىغانلار سانى 22،232،448 دىن ئاشتى.
ھەمكارلاشقۇچى مەكتەپلەرنىڭ تولۇق ئادىرسىنى تۆۋەندىكى توربەتتىن كۆرۇڭ:
https://www.coursera.org/about/partners
ۋاڭيى تور دەرىسى ئۆگىنىش سۇپۇسى (open.163.com)
بۇ توربەت بولسا،دۆلەت ئىچىدىكى ۋاڭيى تور دەرىسى سۇپۇسى بۇلۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ دەرىسلىكى ئاساسلىقى خەنزۇ تىلىدا تەمىنلىنىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۆلەت سىرتىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئىنگىلىز تىلىدىكى دەرىسلىرى تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلىدۇ. پۇتكۇل دەرىسلەرنى ھەقسىز ئۆگىنەلەيسىز.
(http://www.chuanke.com/)传课网
بەيدۇ(百度) شىركىتى، 2014-يىلى 8- ئاينىڭ 22-كۇنى، 30 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ، بۇ شىركەتنىڭ 100% پايچىكىنى سېتىۋالغان.
بۇ توربەتنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى، تور سۇپىسى (C2C电子商务平) شەكلىدە لاھىلەنگەن بولۇپ، يەنى ھەرقانداق ئادەم، بۇ تور سۇپۇسىدىن پايدىلىنىپ، بىلىم ۋە تەجرىبىسىنى ھەقلىق ۋە ھەقسىز شەكىلدە ئاملاشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
قىسقىسى، سىزمۇ ئۆز بىلىمىڭىزنى ، ئېھتىياج بار كىشىلەرگە ئۆگىتىش ئارقىلىق پۇل تاپالايسىز.
http://baike.baidu.com/view/7304263.htm
تېخىمۇ كۆپ ۋە ئەڭ يېڭى بولغان ئۆگىنىش ئۇچۇرلىرى ،بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق يوللىنىپ تۇرىدۇ، ۋە يېقىن كەلگۈسىدە ئۆز ئانا تىلىمىزدىكى، يۇقۇرقى مەن دەپ ئۆتكەن ئوخشاش ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش تور سۇپۇسى قۇرۇلۇپ چىقىدۇ،بۇ ئارقىلىق خەنزۇچە ۋە ئىنگىلىزچە تىل سەۋىيىسى تۆۋەن بولغان قېرىنداشلارنىڭ، ، ئانا تىلىدىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش ئىمكانىيەت ۋە پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئېتىش ئاساسلىق مەقسەت قىلىنغان. ئەڭ مۇھىمى شۇكى، پۈتكۈل دەرىسلەرنى ھەقسىز شەكىلدە تەمىنلەش ئاخىرقى مەقسەت قىلىنغان.
|