قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1611|ئىنكاس: 5
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئوبامانىڭ قىزىغا يازغان خېتى (ئۈچ تىللىق)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

25

تېما

1

دوست

1412

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   41.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30148
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 60
تۆھپە : 440
توردىكى ۋاقتى: 52
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-16
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 21:00:00 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   okyan2014 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-6 21:10  

ئوبامانىڭ قىزىغا يازغان خېتى


ھايات ئىنتايىن قىسقا. لېكىن بەزى چاغدا بىز ھاياتلىقنى ھەر قانچە قىلىپمۇ تۈگىتەلمەيۋاتقاندەك ھېس قىلىمىز، ئەمەلىيەتتە، ھازىر ھايات تۇرغان بىلەن، ئۇزۇنغا بارماي ئۆلۈپ كېتىمىز. ھايات خۇددى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقانچىلىك ئىش، لېكىن كۆپلىگەن ئادەملەر پەقەت ئۆلۈش ئالدىدىلا ھاياتلىقنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتىدۇ.

Life is short. It may feel like it takes foreversometimes, but the reality is that you live, and a short time later, you die.It happens so quickly, many people don’t even realize they had a life untilit’s already over.
  生命如此短暂。我们有时候觉得生命怎么也走不完,实际上,你现在活着,过不了多久,就会死去。人生真是转眼一瞬间的事情,很多人到临死前才意识到这一生已经结束。


1.ئۆزەڭدىن گۇمانلىنىشنى توختات

ئەگەر ئۆزۈڭگە ھەتتا ئۆزۈڭمۇ ئىشەنمىسەڭ، ئۇنداقتا ساڭا ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ. مۇۋەپپەقىيەت ئەس-ھۇشتىن كېلىدۇ. ئەگەر سەن ھەمىشە ئۆزۈڭنى كەمسىتسەڭ، كەلگۈسىدىكى مەغلۇبىيەتنىلا كۆرسەڭ، بۇ چوقۇم بىر كۈنى ئەمەلىيەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۆزۈڭدىن گۇمانلانغاندىن كۆرە مەسىلىلەرنى ئاكتىپلىق بىلەن تەپەككۇر قىلغىنىڭ ياخشى. بۇنداق بولغاندا ئۆزۈڭ تېخىمۇ خۇشال ھەم مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىنى ھېس قىلىپلا قالماي، يەنە ئەتراپتىكى كىشىلەرگىمۇ تەسىر كۆرسىتەلەيسەن.
1 – Stop Doubting Yourself
  停止怀疑自己
   If you don’t believein yourself, nobody will. Success starts in your mind, and if all you’re doingis putting yourself down and predicting failure, it’ll become a self-fulfillingprophecy. Instead of doubting yourself, think positively. Not only will you behappier and more successful, you’ll spread it to everyone around you.
  如果你自己都不相信自己,那没人会相信你。成功源于你的头脑,如果你所做的是不断地看扁自己,预言着未来的失败,这就真的会成为现实。与其怀疑自己,不如积极的考虑问题。不仅会让自己更加开心和成功,你还能够感染到周围的人。


2.پاسسىپلىقنى توختات

ھازىر سەن ئۆزۈڭدىن ھەم ئەتراپىڭدىكى كىشىلەردىن گۇمانلانمايدىغان بولدۇڭ. سەن باشقىلارنىڭ سەندىن قۇسۇر چىقىرىشىنى خالىمايسەن، ئۇنداق بولغان ئىكەن سەنمۇ ئەتراپىڭدىكىلەردىن قۇسۇر ئىزدىمە. باشقىلارغا قانداق تەسىر بەرگىنىڭنى ئويلاپ باققىن، گەرچە دەسلەپتە بىلىنمىگىنى بىلەن باشقىلارمۇ ئۇنداق كۆپ پاسسىپ ئىشلارنى ئاڭلاشنى خالىمايدۇ ئەلۋەتتە.

2 – Stop Being Negative
  停止消极
  Now that you’re done doubting yourself, stop doubting others. You don’t like when people are critical of you, so stop being critical of others. Think about how you make other people feel – even if you have good intentions, people don’t like hearing negativity.
  现在你不要再怀疑自己了,也别再怀疑身边的人。你不希望被人对你挑剔,那么也不要再去挑剔身边的人。想想你给别人带来的什么样的感受吧——即使出发点是好的,别人也不想听到那么多消极的事情呀。


3.كەينىگە سۈرۈشنى توختات

ھازىر قىلغۇم يوق، ئەتە قىلايچۇ. ئارقىغا سوزۇشنىڭ باشلانغىنى، ئالغا باسماي بىر ئىزدا توختاپ قالغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. سەن كەينىگە سۈرگەن ئىش ھەرگىزمۇ ئۆزلىكىدىن بىر تەرەپ بولۇپ كەتمەيدۇ. مەسىلە ھەل قىلىشتا داۋاملىق ئالغا قاراپ ماڭ. يىراقنى كۆزلىگەندە شۇنداق قىلغاندا سەن تېخىمۇ خۇشال-خۇرام ئۆتىسەن.

3 – Stop Procrastinating
  停止拖延
  I don’t feel likeprocrastinating right now – I’ll do it tomorrow. When you procrastinate, youremain stagnant. Whatever you’re putting off doesn’t go away; resolve theproblem, and move on. You’ll be much happier in the long run.
  我现在不想做,还是留到明天吧。一旦开始拖延,其实你已经停滞不前了。你拖延的事情不会自行解决。解决问题,继续前行吧。从长远角度来说你会更加快乐。



4.رەھىمسىز بولمىغىن

ئېھتىياتسىزلىقتىن باشقىلارنى دەسسىۋالىدىغان ئىشلار يۈز بېرىپ قېلىشى مۇمكىن، ھەتتا دائىم شۇنداق بولىدۇ. بىراق ئىچى قارىلىق قىلىپ ئەسكى ئىشلارنى قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. شۇڭا ئاڭلىق ھالدا ئۇنداق شەپقەتسىز بولمىغىن. ئەگەر باشقىلار ساڭا ئورۇنسىز مۇئامىلىدە بولسا، ئۇلار بىلەن كارىڭ بولمىسۇن. ئەگەر سەنمۇ ئاشۇ خىلدىكى ئادەمگە ئايلىنىپ قېلىشنى خالىمىساڭ، ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىشنىڭ زۆرۆرىيىتى يوق.

4 – Stop Being Mean
  不要那么刻薄
  It’s completelypossible to step on someone’s toes without meaning to – it happens all thetime. There’s no need to pile on by purposefully doing mean things, so make aconscious effort to stop being mean. If someone wrongs you, let it go. There’sno need to seek vengeance unless that’s the type of person you want to be.
  无意踩到别人的情况真的有可能会发生——常常会发生。但没必要去处心积虑的做一些不好的事情,所以要有意识地让自己不要那么刻薄。如果有人对你无理地对待,随他们去好了。没必要去报复,除非你也想成为那一类的人。



5.سىرتتىن تاماق يېمە

سىرتتىن تاماق يېگەندە پۇل ھەقىقەتەن ئىسراپ بولىدۇ. بەلكىم بۇ ھەر قېتىم ساڭا بىر ئىنئامدەك بىلىنىشى مۇمكىن، بىراق ھەر بىر ۋاق تاماقنى سىرتتىن يېيىش يىغقان پۇللارنى خەجلەپ تۈگىتىشنىڭ ئەڭ تېز ئۇسۇلى. ھېچ بولمىسا ئۆزۈڭ ياقتۇرىدىغان قورىمىلارنى ئېتىشنى ئۆگىنىۋال، بۇنداق بولغاندا پۇل تېجەپلا قالماي يەنە سالامەتلىككىمۇ پايدىلىق، يەنە باشقىلارنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدۇ.

5 – Stop Eating Out
  不要在外吃饭
  Eating out is thebiggest waste of money. Every so often it’s nice to treat yourself, but eatingout for every meal is the quickest way to drain your bank account. Learn how tocook at least a handful of foods you enjoy: It’ll save you money, keep youhealthier, and occasionally impress people.

  在外面吃饭真的非常非常的浪费钱。也许每次对于你而言都是一次犒赏,但每顿都在外面吃反而是花光积蓄的最快方式。至少也去学学怎么做一些自己喜欢的菜:既能省钱,还能让你更健康,还会让其他人眼前一亮。


6.ھورۇنلۇق قىلما

ھورۇن كىشىلەر ئادەمنى بىزار قىلىدۇ، ئۇلارنى ئىشقا سېلىش ئىنتايىن قىيىن. ئەگەر مەن سەن بىلەن بىر مەيدان كىنو كۆرۈش ئۈچۈن ساڭا بىر سائەت گەپ قىلىپ سېنى قايىل قىلىشقا توغرا كەلسە، ئۇنداقتا مەن ئۆزەم يالغۇز كۆرۈشكە رازى. ئۆزىگە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بېرىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس، شۇڭا دوستلۇرۇڭ ۋە ئۆيدىكىلەرنىڭ قىممەتلىك ۋاقتى بىلەن مادارىنى ساڭا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بېرىشكە ئىسراپ قىلما.

6 – Stop Being Lazy
  不要再偷懒
  Lazy people are annoying – it’s like pulling teeth getting them to do anything. If I can’t do something as simple as going to a movie with you without having to factor in an hour of convincing you to get your lazy butt out of bed, I’d rather go alone. People have enough trouble motivating themselves; don’t make your friends and family waste their valuable energy motivating you as well.
  懒人真的很招人烦——得像赶驴磨墨一样逼着他们做事情。如果我想跟你看一场电影,却不得不花一个小时说服你起床,那我宁愿一个人去看。给自己动力都不是件容易的事情,就别让朋友和家人浪费宝贵的精力再来给你动力了吧。


7.ئاغرىنىشنى توختات

ھەممىمىزنىڭ ئاۋارىگەرچىلىكىمىز بار، بەزى ۋاقىتلاردا ھەمىشە باشقىلارغا دەردىمىزنى تۆككىمىز كېلىدۇ، بۇنى چۈشىنىشكە بولىدۇ، بىراق قېتىم سانىغا دىققەت قىلىش كېرەك. بىز ھەممىمىز دوستلىرىمىز ۋە ئائىلىمىزدىكىلەرگە ياردەم قىلىشنى ياقتۇرىمىز. بىراق ئەگەر بىز شۇ كىشىدىن پەقەت سەلبىي ئېنېرگىيەنىلا ھېس قىلالىساق، ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭدىن قانچە يىراق تۇرغاننىڭ شۇنچە پايدىسى بار. بولۇپمۇ ئۇلار ئوخشاش بىر ئىشتىن قايتا-قايتا ئاغرىنغاندا.

 7 – Stop Complaining
  停止抱怨
  We all have problems,and sometimes we need to vent to someone. That’s acceptable, but pay attentionto how often you’re venting. We all love helping our friends and family, butwhen all you get from someone is negativity, it’s easier to cut them off than help,especially if they’re always complaining about the same things.
  我们都有麻烦事,有时候总想跟别人倾诉。这可以理解,但要注意你吐槽的频率。我们都喜欢帮助朋友和家人,但如果从那个人身上我只能感知到负能量,那么还是离得越远越好吧,尤其是当他们在反复抱怨同一件事的时候。


8.زىيادە شەخسىيەتچى بولما

ئەگەر سەن پەقەت ئۆزۈڭنىلا ئويلىساڭ، ئۇنداقتا ناھايىتى تېزلا ئەتراپىڭدا ئۆزۈڭدىن باشقا ھېچكىمنىڭ قالمىغانلىقىنى بايقايسەن. بىر مىنۇت ۋاقتىڭنى چىقىرىپ قىلمىشىڭنىڭ باشقىلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ باق؟ ئارام ئېلىش ئۆيىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر ئىستاكان قەھۋەنى قۇيدۇڭمۇ؟ يەنە قۇيساڭ تېشىپ كېتىدۇ. باشقىلار بىلەن بىرگە ئىجارە تۇرىۋاتامسەن؟ بارلىق سۈتنى ئىچىپ تۈگىتىۋەتمە. بۇ دۇنيا كۆپچىلىك ھەمبەھىرلىنىدىغان دۇنيا، سېنىڭ قىلغان ھەر بىر ئىشىڭ باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

8 – Stop Being Selfish
  别再那么自私
  If you only thinkabout yourself, you’ll soon find yourself by yourself. Stop for a minute andthink about how your actions affect other people – did you take the last cup ofcoffee from the break room? Refill it! Do you live with others? Don’t drink outthe milk carton. We share this world 100% of the time, so every action you takecan affect other people.
  如果你只考虑你自己,那么很快你会发现身边只剩下你自己。停一分钟想想你的行为会给别人带来什么影响吧——你是不是从休息室拿了最后一杯咖啡?再倒满呀!你是不是和别人合租?不要喝光所有的牛奶,这个世界是一个完全由大家分享的世界,你所做的每件事都会影响到别人。


9.ۋاقىتنى ئىسراپ قىلما

گەرچە بۇرۇن ئېيتقان بولساممۇ، بىراق يەنە بىر قېتىم دېگۈم كېلىۋاتىدۇ. ۋاقىت بىزدە بار بولغان ئەڭ قىممەتلىك بايلىق، ۋاقىتنى ئەھمىيىتى يوق ئىشلارغا سەرپ قىلما. ئەگەر بۇ دۇنيادىكى قاراڭغۇ بۇلۇڭنى ئىزدىمەكچى بولساڭ ئىنتايىن ياخشى. مەنمۇ بىر قىسىم مۇقىم خىزمىتى يوق ئەركىن كەسىپتىكىلەرنى تونۇيمەن، بىراق مەن ئۆزۈمنىڭ قىسقا مۇددەتلىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشانىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئۇلار بىلەن چىقىپ ئوينىمايمەن.

  9 – Stop Wasting Time
  别再浪费时间
  I’ve said it before,and I’ll say it again: time is the most valuable resource we have. Don’t wasteyour time on unproductive things. If you want to explore the world’s darkcorners, that’s great. I still associate with people who have not-so-koshercareers, but I don’t hang out with those people at the expense of my own short-and long-term goals.
  虽然之前说过了,但我还想再说一遍:时间是我们拥有的最宝贵的资源,不要把时间浪费在没有意义的事情上面,如果你想探索这个世界的黑暗角落,很好。我也认识一些没有固定工作的一些自由职业者,但我不会以牺牲自己的短期长期目标为代价和他们出去玩乐。


10.خالىغانچە ۋەدە بەرمە

ھەمىشە ۋەدە بېرىپ، ۋەدىسىدە تۇرالماسلىق. ھەر قېتىم ۋەدە بەرگەندە ئۆزۈڭنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئاشۇرۇۋېتىپلا قالماي يەنە، سېنىڭ باشلىنىش نۇقتاڭ ھەر قانچە ياخشى بولسىمۇ، بارلىق قىسىمىنى ئورۇندىيالىشىڭ ناتايىن. كۆپ قىسىم ۋاقىتلاردا سېنىڭ ۋەدەڭ بەكلا مۇتلەق (مەسىلەن سىزنى مەڭگۈ سۆيىدىغانلىقىمغا قەسەم قىلىمەن). بۇمۇ پەقەت مۇتلەق مۇھىتتىلا ئاندىن ئەمەلگە ئاشىدۇ. تىل ئارقىلىق ۋەدە بەرگەندىن، باشقىلار ساڭا ئېھتىياجلىق بولغاندا ھەرىكىتىڭ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىنىڭ ياخشى.

10 – Stop Making Promises
  别再做承诺
  Always under-promiseand over-deliver. When you make a promise, you’re adding responsibility to yourplate that, despite all your best intentions, you may not be able to deliveron. More often than not, your promise is an absolute i.e “I promise I’llalways love you”), and only Sith deal in absolutes. Instead of making a promise with yourwords, simply be there when people need you, and exceed their expectations withyour actions.
  总是做承诺,总是做不到。每次做承诺都是不禁给自己增添了责任,无论你的出发点有多好,你都不可能完成所有的部分。大部分时候,你的承诺都太过绝对(比如我发誓我永远爱你),也只能在绝对环境中才能实现。与其用语言许下承诺,不如在别人需要你的时候出现,然后用行动达到他们的期望吧。


11.ھەمىشە ياخشى ئادەم بولۇپ كەتمە

بىز تۇرۇۋاتقان جەمئىيەتتە، ھەممە ئادەم بىزگە بىر قىسىم ئىشلارنى دېيىشكە ئۇرۇنىدۇ. ھەر بىر ئادەم ئوخشىمىغان نۇقتىئىنەزەردە ئۆزلىرىنى ئىزدەيدۇ. سەنمۇ بۇنىڭغا ئېھتىياجلىق، سەن قىلىشقا تېگىشلىكى پەقەت مۇۋاپىق ۋاقىتتا ياق دېيىش.

  11 – Stop Being a Pushover
  不要做老好人
  We live in acapitalistic society in which everyone’s trying to sell us something.Everyone’s looking out for themselves in one way or another, and you need to dothe same. Stop putting yourself out because you’re too shy to say no.

  我们所处的社会,每个人都试图告知我们一些事情。每个人都从不同的角度去找寻着自己,你也需要,你要做的就是在合适的时候说不。


12.بېزەڭ كىشىلەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىما

مەيلى سەن نېمىلا قىلماقچى بول، چوقۇم بەزىلەر  ساڭا ئۇنداق قىلماسلىقىڭنى، بۇنداق قىلىشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوقلىقىنى ئېيتىدۇ. مەن تىۋىتىرنىڭ قوللىنىشچان ئەمەسلىكى توغرىسىدا مىليونلىغان سەۋەبلەرنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن، بىراق شۇنداق بولسىمۇ تىۋىتىر يەنىلا ئالاقە تورىدا ئەڭ مودا بولىۋاتقان ئىجتىمائىي ئالاقە تور بەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. مېنىڭ كۆز قارىشىم تىۋىتىرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ، خۇددى سەن كوبېنى NBA دىن چېكىنىپ چىقىشقا ياكى جوش خارتنېرتنى ئارتىس بولماسلىققا ئۈندىيەلمىگەنكلا. بۇنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. ئۇنداقتا نېمىشقا باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىنىڭ سېنى توسۇپ قويۇشىغا نېمىشقا يول قويغۇدەكسەن؟

12 – Stop Listening to Haters
  不要听讨厌的人说话
  No matter what youwant to do in life, there’s always someone around to tell you why it can’t andwon’t work. I can come up with millions of reasons Twitter won’t work, and yetit’s one of the most popular social media sites on the web. My opinion didn’tstop Twitter’s success any more than it convinced Kobe Bryant to quit the NBAor Josh Hartnett to stop acting. Why would you let someone’s opinion stop you?
  无论你想干什么,总会有人告诉你不要这么做,没有用的。我可以想出成百万条推特不实用的理由,但它还是互联网上最流行的社交网站之一。我的想法不会阻止推特的成功,就像你无法劝科比退出NBA或乔什·哈奈特不要当演员了一样,都毫无意义。那么为什么要让别人的想法阻止你呢?


13.ئىسراپچىلىقنى توختات

تاماقنى يەپ بولمايلا، يېمەكلىكلەرنى تاشلىۋېتىش، چىش چوتكىلاۋاتقاندا سۇنى ئېچىپ قويۇپ قىممەتلىك سۇنىڭ شارىلداپ ئېقىشىقا يول قويۇش. مېڭىپ بارغىلى بولىدىغان يەرگە ماشىنا ھەيدەپ، بېنزىننى (قايتا ھاسىل بولمايدىغان بايلىق) خورىتىش. ئەگەر سەنمۇ شۇنداق قىلغان بولساڭ، ئۇنداقتا بۇ يامان ئىللەتنى دەرھال توختات.

13 – Stop Being Wasteful
  停止浪费
  You don’t finish yourmeals, and away food instead. You leave the faucet running when you brush yourteeth, pouring precious water down the drain. You drive places you could easilywalk, burning gasoline a non-renewable resource)。 You are wasteful, and it needs to stop.
  你饭没吃完,然后扔掉食物;刷牙的时候还开着水龙头,就让宝贵的水哗哗的流走;明明可以走到的地方你偏要开车,燃烧汽油(无法再生资源)。如果你浪费了,那就赶紧停止这一恶习。


14.قالايمىقان ئەخلەت تاشلىما

ماڭا ئىسراپچىلىق قىلغاندىنمۇ بەكرەك يىرگىنىشلىك بىلىنىدىغىنى دەل ئەخلەت قۇرتلىرى. ئەخلەت قۇرتلىرى مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئېلىشتۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپلىكىدىن مەڭگۈ ساناپ بولغىلىمۇ بولمايدۇ. ئەگەر سەن بۇرۇن بىر تال سېغىز، بىر ۋاراق قەغەز، كەمپۈت قەغىزى، تاماكا قالدۇقى قاتارلىقلارنى قالايمىقان تاشلىغان بولساڭ، سەن دەل ئاشۇ يىرگىنىشلىك ئەخلەت قۇرتلىرىدىن بولىسەن. سەن بۇنىڭدىن خىجىللىق ھېس قىلىشىڭ كېرەك. دۇنيادا 7 مىلياردتىن كۆپ ئادەم بار، ئەگەر ھەر بىر ئادەم بىلىپ-بىلمەي ئازراقتىن ئەخلەت تاشلىغى تۇرسا، گەرچە باش جىنايەتچى بولمىسىمۇ، ئۇنداقتا دۇنيا 7 مىليارد ئەخلەت مەيدانىغا ئايلىنىدۇ.
سېنىڭ بىر قارارىڭ چوڭقۇر تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ، مەن سېنى چوڭ يولغا چىقىپ يۇقىرى ئاۋازدا مۇراجىئەت قىل دېمەكچى ئەمەس. ئەگەر سەنمۇ بىر ئەخلەت قۇرتى بولساڭ دەرھال توختاپ قال، بەلكىم بۇ كىشىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزالماسلىقى مۇمكىن، بىراق كىشىنىڭ ئۇنچە ئۆچلۈكىنى كەلتۈرمەيدۇ. بۇ ھەرىكىتىڭنى توختات، سەن قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىسەن.

14– Stop Littering
  不要乱扔垃圾
  The only thing I hatemore than wasteful people are litterbugs. Litterbugs are my least favorite bug,and there are more than you’d think. If you’ve ever thrown even one piece ofgum, paper, candy wrapper, cigarette butt, etc on the ground, you’re adisgusting litterbug, and you should be ashamed of yourself. There are over 7billion people in the world – if each person only throws one “innocent” pieceof garbage on the ground, that’s 7 billion pieces of garbage littering a worldin which nobody “did it”
  唯一一个让我觉得比浪费的人更可恶的就是垃圾虫。垃圾虫最让我厌恶,而且永远多的让你数不清。如果你曾扔过一块口香糖,一张纸、糖果包装、烟蒂,那么你就是恶心的垃圾虫。你应该感到耻辱。世界上有超过70亿的人——如果每个人都无意识的扔一点垃圾,那么全世界就会变成70亿垃圾场,哪怕没有罪魁祸首。
  Your one decisionmakes a HUGE difference, and I will not allow you to blow it off and walkaround with your head held high. You’re a litterbug, and it needs to stopimmediately. You don’t get a lifehack for this one, you filthy animal. Juststop – you already know how.
  你的一个决定会产生深远的影响,我不赞成你去大马路大声高呼。如果你是垃圾虫,那么就需要马上停止了,也许不会救命,但能让你不那么惹人厌。停止这一举动吧,你知道该怎么做的。


15.ھەممە ئىشلارنى كۆڭۈلگە ئېلىپ كەتمە

كىشىلەر بىر قىسىم غەلىتە ئىشلاردىن دەپسەندە قىلىنغاندەك ھېس قىلىشىدۇ. Kendrick Lamar نىڭ بۇ يازدا تالاش-تارتىش قوزغىغان ناخشىسى Control نى مىسالغا ئالساق، ئۇ ناخشا تېكىستىدە ئۆزىدىن ئاجىز دەپ قارىغان بىر قىسىم Hip Hop ناخشىچىلىرى توغرىسىدا ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى (ھەقىقەتەن شۇنداق)، بىر تال تاش قات-قات دولقۇن كۆتۈرۈپ، پۈتۈن  Hip Hopساھەسىدىكى ناخشىچىلار توپ-توپ بولۇپ ناخشا ئېلىپ ئۇنىڭغا زەربە بەردى. مۇھىم نۇقتىسى، ھەممە ئادەم ئۆزىنى ئەڭ ياخشى ناخشىچى دەپ قاراپ، ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىلا كۆرگەن، بۇ دەل ئۇنىڭ مەقسىتى. بۇ ئىش بىزگە شۇنى ئېيتىپ بېرىدۇكى، ھەممە ئىش سېنىلا چۆرىدەپ ئايلانمايدۇ. ئەگەر سەن ئەينەك مەركىزى بولساڭ، بۇنىڭدىن پايدىلىنىدىغان ئادەم چوقۇم چىقىدۇ.

 15 – Stop Taking Everything Personally
  别把每件事太往心里去
  People get offendedabout the strangest things. Take Kendrick Lamar’s now-infamous verse on“Control” this summer: he called out a list of a dozen rappers he thinks he’sbetter than and he’s right)。 The internet went crazy, and rappers all over the industry rushed totheir mics to record a response. The thing is, all K-Dot said is he’s the bestrapper. Everyone took it personally, and that’s exactly what he was going for.The lesson to learn from this is that not everything is about you, and ifyou’re easily upset, someone will use that to their advantage.
  人们会因为一些奇怪的事情感到被侵犯。就拿Kendrick Lamar这个夏天备受争议的歌曲《Control》为例:他在歌词中挑衅了一些他认为比他弱的说唱歌手(的确是这样),一石激起千层浪,整个说唱界的歌手都蜂拥录歌作为回击。重点在于,所有的人都认为自己是最好的说唱者,每个人都更看重自己,这就是他的目的所在。这件事教给我们的无非就是不是所有的事都要围着你转,如果你是玻璃心,有人会利用这一点。



16.سۆزلەشتىن توختات

بەزى ۋاقىتتا سۈكۈتنىڭ ئۆز ئالتۇن. بولۇپمۇ قىز-ئوغۇللار مۇناسىۋىتىدە. زادى قانچە قېتىم گەپنى خاتا قىلىپ قويۇش سەۋەبلىك ئەسلى ساقلانغىلى بولىدىغان تالاش-تارتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىم ئېسىمدە يوق. گەرچە سېنىڭ دېمەكچى بولغىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بولسىمۇ، ئاغزىڭنى مەھكەم يۇم، ئۆزلىكىدىن ھەزىم بولسۇن. سەن ھەرىكىتىڭ ئارقىلىق ھەممىنى ئىسپاتلىساڭ بولىدۇ، ھالبۇكى سەن سۆزلەۋاتقان چاغدا ھېچنىمىگە قۇلاق سالالمايسەن.

16 – Stop Talking
  不要再说话了
  Sometimes it’s bestto just STFU – especially in relationships. I can’t even count how many times Icreated an issue that didn’t need to be an issue simply because I opened mymouth. Even if what you want to say is important, just shut up and ride it out.You can say more with your actions than words, and you can’t listen when you’retalking.
  有时候沉默是金——特别在情侣关系里。我都记不清到底多少次因为说错话引发了本可以避免的争端。即使你想说的非常重要,那也闭嘴,自行消化。你可以用行动证明一切,毕竟你自己说话的时候是听不见的。



ئوكيان تورىدىن ئاينۇر تەرجىمە قىلدى.


0

تېما

0

دوست

345

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   22.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34614
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 100
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-10
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 19:03:14 |ئايرىم كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز   قۇللىرىڭىزغا دەت كەلمىسۇن
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

39

تېما

4

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   12.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  159
يازما سانى: 624
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3350
تۆھپە : 2309
توردىكى ۋاقتى: 633
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-8
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 22:25:49 |ئايرىم كۆرۈش
تۇلىمۇ مول مەزمونلۇق ،ئەمەلى قېممىتى بار نەسىھەتلەركەن!

0

تېما

0

دوست

34

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   11.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34629
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 10
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-8
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-8 11:29:46 |ئايرىم كۆرۈش
بىزدىكى ئاتىلار مۇ ئوبامادەك قىزلارغا ئاشۇنداق تەربىيە قىلالىسا بەك ياخشى بۇلاتتى ھە

0

تېما

0

دوست

1670

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32932
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 502
توردىكى ۋاقتى: 61
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-11
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-8 16:02:00 |ئايرىم كۆرۈش
zunure0992 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-8 11:29
بىزدىكى ئاتىلار مۇ ئوبامادەك قىزلارغا ئاشۇنداق تەربىي ...

بىزدىكى ئاتىلار قىزىغا ئەدەپ-ئىمان توغرىسىدا ياخشىراق نەسىھەت قىلالىغان بولسا،ھازىرقىدەك ھەممە مىللەتتىن كۈيئوغلىمىز بولمايتتى.

0

تېما

0

دوست

55

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   18.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34652
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 16
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-9
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-9 13:08:37 |ئايرىم كۆرۈش
子女不教,父母之过!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )