قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2298|ئىنكاس: 3

جۇڭگو بىلەن ياپونىيە تايلاند تۆمۈر يول تۈرىنى تالاشماقتا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

25

تېما

1

دوست

1412

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   41.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30148
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 60
تۆھپە : 440
توردىكى ۋاقتى: 52
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 19:52:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگو بىلەن ياپونىيە تايلاند تۆمۈر يول تۈرىنى تالاشماقتا

پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 6-مارت خەۋىرى: ياپونىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئاسىيادىكى ئىستراتېگىيەلىك رىقابىتى ئىككى تەرەپنىڭ شەرقىي جۇڭگو دېڭىزىدىكى زېمىن ماجىراسىدىلا ئىپادىلىنىپ قالماي، يەنە ئىككى تەرەپنىڭ تايلاند تۆمۈر يول تۈرىنى تالىشىشىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. بۇ تۈر تايلاندنى كېسىپ ئۆتكەن تۆمۈر يول لىنىيەسىنى قۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرى تايلاند بىلەن تېخىمۇ كەڭرى بولغان ھىندى چىنى تۆمۈر يول تورىنى تۇتاشتۇرۇشنى پىلانلىغان.
بۇ ئىككى تۆمۈر يول لىنىيەسى ئاساسلىقى مال توشۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. جۇڭگو مەبلەغ چىقىرىپ ياساپ چىقىدۇ دەپ قارالغان تۆمۈر يول لىنىيەسى جەنۇبتىن شىمالغا بولۇپ، تايلاندنىڭ ئاساسلىق چوڭقۇر سۇلۇق پورتى رايوڭ (Rayong)دىن تايلاند ۋە لائوس چېگرىسىدىكى نوي خاي (Nong Khai)غا تۇتىشىدۇ ھەمدە بىر تارمىقى باڭكوكقا تۇتىشىدۇ.
ياپونىيە مەبلەغ چىقىرىپ ياسايدۇ دەپ پەرەز قىلىنغان تۆمۈر يول لىنىيەسى شەرقتىن غەربكە بولۇپ، باڭكوك بىلەن كامبودژانىڭ سىيېم رىپ (Siem Reap) ۋە بېرمىنىڭ داۋى (Dawei) ئەڭ يېقىن تايلاند چېگرا بازىرىنى تۇتاشتۇرىدۇ. داۋى پىلاندىكى مۇھىم سانائەت رايونى ۋە چوڭقۇر سۇلۇق پورت تۇرۇشلۇق جاي، بۇ پىلان ياپونىيە، تايلاند ۋە بېرما ھۆكۈمەتكىلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. يۇقىرىدا دېيىلگەن ئىككى تۆمۈر تۈرىدىن سىرت، جۇڭگو ۋە ياپونىيە باشقا تۆمۈر يول قۇرۇلىشىغىمۇ قىزىقىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى، بۇ يولۇچىلار تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يول لىنىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇ تۈرلەر تايلاندنىڭ زامانىۋىلاشقان ئۇزۇن يوللۇق تۆمۈر يولغا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىپلا قالماستىن، جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا ئىقتىسادىي تەسىر كۈچ تالىشىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ بەردى.
جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا ئىقتىسادىي تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش قەدىمىنى تېزلەتتى. ئاسىيا ئاساسىي ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكىسى ئېھتىمال جۇڭگونىڭ ئۇلۇغۋار ئارمانلىرىنى ئەڭ گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىشى مۇمكىن.
جۇڭگو يەنە 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق تەختكە چىققان يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھەربىي ھۆكۈمەتنى قوللىشى كېرەك. تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىدىن سىت، جۇڭگو يەنە تايلاند بىلەن ھۆكۈمەتلەر ئارا سېتىۋېلىش كېلىشىمى تۈزدى، تايلادنىڭ گۈرۈچ ۋە كاۋچۇكىنى سېتىۋالىدۇ. 2014-يىلى بۇ ئىككى خىل تاۋاردا تەمىنلەش ئېشىپ قېلىش ۋە باھا تۆۋەنلەش كۆرۈلدى. تايلاند ھەربىي ھۆكۈمىتى دېموكراتىك تۈزۈمنى يولغا قويۇشنى توختىتىپ، تايلاند بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان پەيتتە، جۇڭگونىڭ يۇقىرىقى ھەمدە تايلاندقا ياخشىچاق بولىدىغان باشقا تەدبىرلىرىنىڭ باشقىچە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى بار.
ياپونىيە بولسا ئۆزىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدا ئاللىقاچان تىكلەپ بولغان ئىقتىسادىي تەسىر كۈچىنى ساقلاپ قېلىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە. ياپونىيە نۆۋەتتە يەنىلا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى ئون دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ چەتئەل بىۋاسىتە مەبلىغى كېلىش مەنبەسى، بىرلا ۋاقىتتا ياپونىيەمۇ ھەم ياساش بازىسى بولغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىغا بارغانسېرى تايانماقتا.
تايلاندتا تېخىمۇ شۇنداق. تايلاند ھازىر ياپونىيەنىڭ ئاسىياغا ئاپتوموبىل، سانائەت مەھسۇلاتلىرى ۋە ئىستېمال مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت قىلىشىدىكى مۇھىم مەركەز. ئەمەلىيەتتە، ياپونىيەنىڭ زور ساندىكى ياساش زاۋۇتلىرى تايلاندقا قۇرۇلغان، بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، تايلاندنىڭ ئاساسىي ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سېلىش دەل ياپونىيە سانائەت تارماقلىرىغا مەبلەغ سېلىشتۇر.
ياپونىيە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانى مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قىلغان بولۇپ، تايىنىش دەرىجىسىنىڭ چوڭقۇر بولىشى 2011-يىلى ياپونىيەنى زىيانغا ئۇچراتتى. 2011-يىلدىكى كەلكۈن ئاپىتى تايلاند سانائىتىدە كىرىزىس پەيدا قىلىپ، ياپونىيەنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىگە ئېغىر زەربە بەردى.
جۇڭگونىڭ ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتساد ۋە ھەربىي كۈچلۈك دۆلىتى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈشى بىر قىسىم كىشىلەرنى ئەندىشىگە سالدى، بۇ ھەم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا ئىقتىساد يۇمشاق كۈچىنى ساقلاپ قېلىشىنىڭ ياپونىيەگە نىسبەتەن ئالاھىدە پايدىسى بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ ئورتاق چېگرىسى بار، يەنە كېلىپ جۇڭگو بىلەن كامبودژا، لائوس ۋە بېرمىنىڭ نۆۋەتتىكى مۇناسىۋىتى قويۇق، بۇ جۇڭگونىڭ ھىندى چىندا ياپونىيەنىڭ بۇ رايوندىكى تەسىر كۈچىنى يۇتۇۋېلىشنىڭ پەيتى پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئەگەر يۇقىرىدا دېيىلگەن تۆمۈر يول لىنىيەسى راستىنلا قۇرۇلسا، تايلاند ئۇتقۇچى بولۇپ قالىدۇ. ئەمما بۇ دۆلەتنىڭ تارىختا ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇش تۈرىنى كۆپ قېتىم بىكار قىلغانلىقى ۋە ۋاز كەچكەنلىكىنى ئويلاشقاندا، بۇ ئىككى تۈرنىڭ ھېچ بولمىغاندا بىرىنىڭ ئىلگىرىلەشكە تېخى بالدۇر ئىكەنلىكىنى ھازىرلا بېكىتىشكە بولىدۇ، يەرلەرنى كولاپ ئىشقا كىرىشكەن تەقدىردىمۇ، تۈر ئەڭ ئاخىرى تاماملىنىشى ناتايىن.
20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن بۇيان، تايلاندنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتلىرى تايلاندنىڭ كونا تۆمۈر يول سىستېمىسىنى يېڭىلاشنى مۇزاكىرە قىلغان، ئەمما 20 يىل ئۆتۈپ كەتتى، ھەرقانداق زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشەلمىدى. بۇ مەغلۇبىيەت تايلاندنىڭ سىياسىي يارامسىزلىقىنىڭ پاكىتى بولۇپ قالدى: گەرچە ئاۋام ۋە كارخانا ساھەسىنىڭ ئېنىق قوللىشىغا ئېرىشكەن ھەمدە ئۆكتىچى پارتىيە ھېچقانداق ماھىيەتلىك بايقۇت يۈرگۈزمىگەن ئەھۋالدا، ھېچقايسى بىر ھۆكۈمەت مۇۋەپپەقىيەت ھالدا بۇنداق پايدىلىق، قىلىشقا تېگىشلىك مەبلەغنى چىقىرالمىدى.
بىراق، تايلاندنىڭ ھازىرقى ھەربىي ھۆكۈمىتى ئىشنى تاماملاپ بولۇش ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى، بۇ يۇقىرى تۆمۈر يول تۈرىنى تېخىمۇ چوڭ ئېھتىماللىقتا ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن، بولۇپمۇ بۇ تۈرلەر ئىككى چوڭ ئاسىيا دۆلەتىنىڭ تېخىمۇ چوڭ جۇغراپىيىۋى سىياسەت دىققىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئويلاشقاندا شۇنداق.
تەرجىمىدە: ئوكيان


2

تېما

2

دوست

1544

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   54.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33927
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 442
توردىكى ۋاقتى: 95
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-8 00:08:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىكىچىياڭنىڭ تاشقى دۆلەت سىياسىتىدىكى يۇقىرى تۆمۈر يول سىياسىتى تامامەن ئەنبىي تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

965

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32932
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 286
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-8 15:59:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياپۇنيەگە ئۇتتۇرۇپ قۇيۇش ئىھتىماللىقىمىز ناھايتى يۇقۇرى..

دىياۋيۈ ئارىلىنىمۇ تارقۇزۇپ قويدۇققۇ ئەنە..

0

تېما

0

دوست

440

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   70%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34488
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 118
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۇنكى....ياپۇنيەنى ئامىركا قوللايدۇ ۋە قوغدايدۇ ئەمەسمۇ...... بۇ ھەيران قالارلىق ئەمەس......
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )