- تىزىملاتقان
- 2014-3-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 787
- نادىر
- 0
- يازما
- 48
ئۆسۈش
57.4%
|
ئىقتىساد ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىۋاتقان ھازىرقى جەمىيەتتە نۇرغۇن كىشىلىرىمىز تىجارەتتە تۈرلۈك ئورۇنسىز پۇتلىكاششاڭ ۋە توسالغۇلارنى يېڭىپ تۈرلۈك كەسىپلەر بىلەن شوغۇللۇنۇپ نامداركارخانچىلارغا ئايلىنىپ مىللىتىمىزنىڭ سەركىللىرىگە ۋە ئىقتىسادى چولپانلىرىغا ئايلاندى.رايۇنىمىزنىڭ جاي-جايلىرىدا ھۆسەيىنباي ئاكا-ئۇكىلاردەك تارىخ بىتىدىن ئورۇن بىرىشكە تىگىشلىك بايلىرىمىزمۇ، نامىنى تىلغائېلىشتا ئادەمنى سەل ئويلاندۇرغۇدەك ھەتتا نومۇس قىلدۇرغىدەك بايلىرىمىزمۇ بار.سىزنىڭ يۇرتلىرىڭىزدا قانداق مۆتىۋەر بايلىرىڭىز باركىنتاڭ .
مىنىڭ يۇرتۇمدا يەنى قەدىمىي كۈسەن دىيارىدا يول يەيدىغان ‹‹مۆتىۋەر››بايلىرىمىز بار. بۇلار بۇ يولنى يەۋاتقىلى بەش يىل بولدى،تېخى تويمايۋاتىدۇ. بۇ قانداق ئىش دىسىڭىز كۇچا ناھىيسىنىڭ ئەڭ ئاۋات رەستىللىرىدىن بىرى بولغان كۇچانىڭ ‹‹دۆڭ كۆۋرۈكى ››ھىساپلىندىغان تېرەكتۈۋى رەستىسىنىڭ كۆزنەك ئورنىدا 500مېتىر دائىرە ئىچىدە ئىككى ئۇيغۇر كارخانچىللىرىمىز جاپالىق ئىزدىنىش ئارقىلىق ئىككى ئۆي مۈلۈك شىركىتىنى قەد كۆتۈرگۈزدى . بۇ خۇددى ‹‹ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆزياراشقاندەك›› كۇچاخەلقىنىڭ چەكسىز پەخىرلىنىشگە تىگىشلىك ئىش بولدى.
بۇلاردىن بىز چەكسىز سۈيۈنىمىز ئەلبەتتە.ئەمما بۇ ئۆي مۈلۈك شىركەتلىرىنىڭ خوجىلىق باشقۇرۇشنىڭ ئۆز بېشىمچىلىقى مۇشۇ ئولتۇراق رايۇندىكى كىشلەرنىڭ نارازلىقىنى قوزغاۋاتقان بولسا،مۇشۇ ئۆي مۈلۈك شىركىتىنىڭ ئالدىدىكى ھۆكۈمەت پۇقرالار بىمالال ماڭسۇن دەپ 1980–يىللاردائىقتىسادى قىيىنچىلىق ئېغىر شارائىتتا زور بەدەل تۆلەپ ياساپ بەرگەن پىيادىلەر يۇلىنى ئۆز ئالدىغا ئېگىلەپ، قوزۇق ۋە باشقا توسالغۇلارنى قويۇپ ماشىنا توختۇتۇش مەيدانى ۋە سودا سېتىق مەيدانىغا ئايلاندۇرۇپ پۇل تېپىش سورۇنى قىلىۋېلىشى پۈتكۈل خەلقنىڭ يول قاتناش بېخەتەرلىكىگە زور قولايسىزلىقلارنى ۋە يۇشۇرۇن خىيىم –خەتەرلەرنى كەلتۈرگەن بولسىمۇ تا بۈگۈنگىچە ھۆكۈمەتنىڭ دېققىتىنى ئۆزىگە تارتالمىدى. بۇخۇددى ‹‹جاھان پۇلى بارلارنىڭ،ھوقۇقى بارلارنىڭ››ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلىغاندەك بىر ئىش بولىۋاتىدۇ. تورداشلارنىڭ ۋاقتىنى ئېلىپ بۇيولدا مېڭىشنىڭ قانداقلىقىنى ئەمدى دىمىسەممۇ بولا.ئەگەر بۇ سودىگەرلەر بۇ يولنى سېتىۋالمىغان (مەنغۇھازىرغىچە ھۆكۈمەت يول سېتىپتۇ دىگەننى ئاڭلاپ باقمىدىم) ياكى بۇلارنىڭ تۇرمۇشى مۇشۇ يولنى يىمىسە بولمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالمىغان بولسىلا بۇ يولنى خەلققە قايتۇرۇپ بەرگەن بولسا، خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە ھەم ساۋاپلىققا ئىرىشكەن بولاتتى.خوجىلىق باشقۇرۇشنى ئادىل باراۋەر ئىشلىگەن بولسا مىللىتىمىزنىڭ پەخرىگە ئايلىناتتى. خۇدائۇلارنىڭ كۆڭلىگە بايلىقلىردىنمۇ كۆپ ئىنساپ بەرگەي،ئامىن!
|
|