جۇمھۇرىيەت رەئىسىنىڭ مېڭە كېسىلىگە شىپالىق
جۇمھۇرىيەت رەئىسىنىڭ قىلىقلىرى خەلقنىڭ كۆڭلىگە ياقمىغىلى تۇردى. جۇمھۇرىيەت دېگەندە باشلىق بولغان ئادەم، ئۆزى بىلگەننى، ئۆزى خالىغاننى قىلىۋەرسە بولمايدىكەن. بىراق رەئىسنىڭ بەزەن قىلمىش- ئەتمىشلىرى كۆڭۈلدىكىدىن ئېشىپ كەتسە، بەزەن قىلمىش – ئەتمىشلىرى كۆڭۈلدىكىگە يەتمەيتتى. ئۇنىڭ ئۈستىدىن كىشىلەرنىڭ غۇلغۇلىسى ئاينىپ، غەۋغا دەرىجىسىگە يەتتى. رەئىسنىڭ ساناقسىز پايلاقچى، ئايغاقچى ،كۆتۈرمىكەش، دەللاللىرى تۈگمىدەك گەپنى تۆگىدەك چوڭايتىپ، ئۇنىڭغا يەتكۈزگەنسېرى، دەسلىۋىدە باش ئاغرىقى، كېيىنچە مېڭە ئاغرىقى ئەدەپ كەتتى. باش ئاغرىسىمۇ مېڭە ئاغرىيدىغان گەپ، مېڭە ئاغرىسىمۇ باش ئاغرىيدىغان گەپ. ئىككىسى بىر گەپ ئوخشايدۇ. جۇمھۇرىيەت رەئىسى بىر دەم : بېشىم ئاغرىدى- دېسە، بىر دەمدىلا : مېڭەم ئاغرىدى-دەپ، ئەتراپىدىكى قاراۋۇل، باقاۋۇل، مەسلىھەتچى، چاپانچى، لەشكەر بېشى .. قاتارلىق بارلىق يېقىنلىرىنى بىئارام قىلىشقا باشلىدى .
جۇمھۇرىيەت رەئىسىنىڭ مېڭە كېسىلىگە دىئاگنۇز قويۇپ، تەكشۈرۈش خۇلاسىسىنى ئېيتقان ھەرقانداق دوختۇر ئېغىر جازاغا تارتىلىشقا باشلىدى.چۈنكى كېسەلنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى يۇشۇرۇن تۇتۇش كېرەكمىش. بىرمۇنچە دوختۇرلار مۇددەتىسز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ كەتكەندىن كېيىن، بەزەن دوختۇرلار كېسەلگە دىئاگنۇز قويماستىن، رېتسىپ يېزىشقا باشلىدى.بىراق كېسەلنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى بىلمەي تۇرۇپ بەرگەن دورا ھېچقانداق ئۈنۈم بەرمىگەچكە، رېتسىپ يازغان دوختۇرلار بىلەن قوشۇلۇپ، نۇرغۇن دورىگەرلەرمۇ تۈرمىگە قامالدى.
ئەقىل دېگەن مۇشۇنداق راۋاجلىنىدىغان نەرسە ئوخشايدۇ. كېيىنكى ئەقىللىق دوختۇرلار ئۆز بېشىدىن قورقۇشۇپ،ئەپلىك چارە تېپىشقا مۇيەسسەر بولۇشتى. بۇخەقنىڭ تىبابەت مەدەنىيىتى ئەن - ئەنىسىدە، ئادەم بەدىنىنىڭ قايسى ئەزاسى كېسەل بولسا،ھايۋاننىڭ شۇ ئەزاسىنى دورا ئورنىدا ئىستىمال قىلىدىكەن. ئەمما جۇمھۇرىيەت رەئىسىنىڭ مېڭە ئاغرىقىغا ھايۋاننىڭ مېڭىسىنى دورا قىلسا بولمايتتى. چۈنكى ھايۋان دېگەن ئەقىلسىز مەخلۇق.رەئىسكە ئەكسى تەسىر قىلىپ، يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
دوختۇرلار ئۇيان ئويلىشىپ بۇيان ئويلىشىپ ئاخىرى قۇتۇلۇش يولىنى تېپىشتى: ئادەم مېڭىسىنى يېگۈزۈش كېرەك! ئادەم مېڭىسى دەسلىۋىدە ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ: ساق مېڭە، ساراڭ مېڭە . ساق مېڭە يەنە ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ - داشقال مېڭە، پىشمىغان مېڭە، ئۆسمۈر مېڭە. جۇمھۇرىيەت رەئىسى ساراڭ مېڭىنى يېسە ھەرگىز بولمايدۇ. ساق مېڭە تۈرلىرىدىن قېرىپ قالغان، داشقال مېڭىنىڭ شىپالىق تەسىرى بەك تۆۋەن. پىشمىغان مېڭە ياشلاردا. ئۇلار ئەمگەك قىلىدۇ. شۇڭا بىكاريەپ ياتىدىغان ئۆسمۈر مېڭىنى يېيىش كېرەك!
ھەر كۈنى ئەتتىگەنلىك ناشتىدا بىر جۇپ ئۆسمۈر، كەچلىكى ياتار ۋاقتىدا بىر جۇپ ئۆسمۈر جۇمھۇرىيەت رەئىسىگە مېڭە تەقدىم قىلىدۇ. مېڭە تەقدىم قىلىش ئۇسۇلى بەك ئاددى. جان ئازابلانمايدۇ. تەن ئاغرىمايدۇ. ئويۇنچۇقتەك كۆڭۈللۈك.تۇيدۇرماي مېڭىنى شۈمۈرۈپ ئالىدۇ. مېڭىسىدىن ئايرىلغان ئۆسمۈرلەر يەنە ھايات ياشاۋېرىدۇ. بىرلا ئۆزگىرىدىغان نەرسە شۇكى، مېڭە تەقدىم قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنى ئۇنتۇيدۇ. ئاتا-ئانىسىنى، قېرىنداشلىرىنى تونۇماس بولىدۇ. نەدىن كەلگەنلىكىنى، نەگە بارىدىغانلىقىنى بىلمەس بولىدۇ.ئۆسمۈرلەرنىڭ مېڭىسى بەك شىرىن بولامدۇ، ياكى جۇمھۇرىيەت رەئىسى مېڭە يەپ كۆنۈپ قالدىمۇ، ئىشقىلىپ،ئاز ۋاقىت ئىچىدىلا بارلىق ئۆسمۈرلەر مېڭىسىزلىشىپ كەتتى.
ئىلگىرى ئادەملەر كۆپچىلىكنىڭ غېمىنى يەپ، جۇمھۇرىيەت رەئىسىنىڭ كەينىدىن گەپ تېپىشقان بولسا، ئەمدى ئۆسمۈر بالىسىنىڭ غېمىدە قېلىشتى. تېخى نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار - بولدىلا پەرزەنت كۆرۈپ نېمە قىلارمىز. مېڭىسى يوق ، مېيىپ بالىنىڭ دەردىنى بىز تارتىپ، راھەتنى باشقىلار كۆرسە، ئۇنداق بالىنى تاپمىغان ياخشى-دېيىشىپ، پەرزەنت كۆرۈشتىن ۋاز كەچتى. نۇرغۇن ئاتا- ئانىلار - بالىمىز چوڭ بولۇپ كەتسە، مېڭىسى ئامان قالىدۇ- دېيىشىپ،تاپقان- تەرگەنلىرىنى ئۆسمۈر بالىسىنىڭ ئاغزىدىن، بۇرنىدىن يېگۈزۈپ، بوينىدىن سوزۇپ تېزلا چوڭ قىلىۋېتىشتى.
بالا- قازايەنەدوختۇرلارنىڭ بېشىغا چۈشتى. ئۇلار ئۆز بېشىنىڭ غېمىدە – جۇمھۇرىيەت رەئىسىمىز ياشلارنىڭ پىشمىغان مېڭىسىنى يېسىمۇ بولىۋېرىدۇ. بىراق تەسىرى ئاستاراق بولغاچقا، كۆپرەك يەپ بەرسە شىپالىق-دەپ، رېتسىپ يېزىشتى. ئەمدى ئاتا-ئانىلارقورامىغا يەتكەن ياش بالىلارنىڭ غېمىدەقېلىشتى. مېڭىسىدىن ئايرىلغان ياشلار بەك قەبىھ، ۋەھشى، ھايۋاندىن بەتتەرلىشىپ كېتىدىكەن.ئاتا-ئانىسىنى، قېرىنداشلىرىنى، ئەتراپىدىكى ھەممە كىشىلەرنى يالاپ، يۈتۈپ، يۇرتنى خانە ۋەيران قىلىپ تاشلايدىكەن.
ياشلارنىڭ كۆپ قىسمى مېڭىسىدىن ئايرىلىشتى. قالغانلىرى تاغدەك غەمنىڭ ئاستىدا شۇنچىلىك تېزلا قېرىپ كېتىشتى. ئەمدى دوختۇرلار قانداق قىلاركىن؟- ئۇلارغىمۇ ئۆز جېنى، ئۆز ھاياتى، ئۆز مەنپەتى تاتلىق- دە. چارىسى تېپىلدى- ساقلامېڭە بولسا جۇمھۇرىيەت رەئىسنىڭ مېڭە ئاغرىقىغا شىپالىق- دەپ، رېتسىپ يېزىشتى. ئەمدى قىيامەتنىڭ كوپىيىسى شەكىللەندى. ھەممەئادەم ئۆز غېمىدە قالدى. ئىلگىرى يۇرت خەلقىنىڭ غېمىنى يەپ، جۇمھۇرىيەت رەئىسىنىڭ مېڭىسىنى ئاغرىتمىغان بولسا، ئۆسمۈرلەرنىڭ مېڭىسىگە بالا كەلمىگەن بولاتتى. ئۆسمۈرلەرنىڭ غېمىنى يېمىگەن بولسا، ياش قىرانلارنىڭ مېڭىسىگە بالا كەلمەيتتى. گالدى- گۇلدۇڭ ساراڭ بولۇپ كېتىشكەن بولسا بۈگۈن ئۆز بېشىغا بالا كەلمەيتتى.
ھەممە ئادەم ئۆز مېڭىسىنىڭ قايغۇسىدا يېرىم ساراڭدەك،خامۇش بولۇپ قېلىشتى. بەك ئەنسىرەپ كەتكەنلەر بالدۇرلا ساراڭ بولۇپ كوچىغا چىقىپ قېلىشتى.ھۇشيار، سەگەكلىرى مېڭىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ساراڭنىڭ تۇرقىغا كىرىۋېلىشتى. پۈتۈن يۇرت خەلقى بويۇنلىرىنى سولغا قىسىپ، ئوڭ پۇتىنى سۆرەپ-مەن ساراڭ ئەمەس، ئۆزەڭ ساق، سەن ساراڭ ئەمەس، ئۆزەم ساق - دەپ، قالايمىقان سۆزلەپ، ساق ئادەملەرنىمۇ ساراڭ قىلىۋېتىشتى. لېكىن جۇمھۇرىيەت رەئىسى مېڭە يېيىشتىن توختايدىغاندەك ئەمەس.
بۇ ۋەھىمىدىن قورقۇپ كەتكەن يۈرەكلەر كىچىككىنە كۆكرەك قەپىسىدە تىپىرلاپ سوقۇشتىنمۇ ئېھتىيات قىلىدىغان بولۇشتى. مېڭىنىڭ بېشىغا كەلگەن بالا- قازا مېنىڭ بېشىمغا كەلمەيدۇ-دەپ، كىم ئېيتالايدۇ؟ شۇڭاشۈك تۇرۇش كېرەك- دېيىشتى يۈرەكلەر. ئۈنسىز، تىۋىشسىز، بىلىنەر بىلىنمەس سوقۇپ،خېلە بۇرۇندىنلا سوۋۇپ كېتىۋاتقان ، ئىلمان قانلارنى مۇزلىتىپ قويۇشتى يۈرەكلەر ئۆز بېشىدىن ئۈركۈپ . تومۇرلار توختايدىغاندەكلا. كۆزلەر گىرىمسەنلەشتى.قۇلاقلار گاس.تىللارمىدىرلىماس. پەقەت كىرەر ئېغىز بىلەن چىقار ئېغىزلاھاياتلىقتىن دېرەك بېرەتتى.....